ئىگەرلىك ئات-ھىجران ناخشىلىرى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-10 09:09:57

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپبەشىنچى بابھىجران ناخشىلىرىھىجران - سۆيگۈنىڭ سىناق ئۆتكىلى.- نەۋائىي1شۇنداق قىلىپ ھىجران سەپىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى.قوچقار پالۋان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى سە...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    بەشىنچى باب

    ھىجران ناخشىلىرى

     

    ھىجران - سۆيگۈنىڭ سىناق ئۆتكىلى.

    - نەۋائىي  

     

     

    1

     

    شۇنداق قىلىپ ھىجران سەپىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى.

    قوچقار پالۋان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى سەپەر ئارغىماقلىرىنى تاقىلاتتى، ياراغ ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنى تەق قىلىشتى. ئاقتاشتا بۇ سىرنى ھېچكىممۇ سېزەلمىگەنىدى. لېكىن بۇ سىرنى قوچقار پالۋاننىڭ خوتۇنى - چېچەن پاتىمە ئاللىقاچان سېزىۋالغانىدى. بىراق، ئۇ، ئېرى تاللىغان يولغا ئاخىر قايىل بولدى.

     

     

    ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى، شەنبە كېچىسى، تۈن نىسپى بولغان چاغ؛ ھاۋا سالقىن، ھەممە ياق جىمجىت؛ ئۈكەر يۇلتۇزى ئېۋىرغول تاغلىرى تەرىپىگە پەسەيگەن ئەسنادا ئۈچ چەۋەنداز ئارغىماقلىرىغا مىنىشتى-دە، ئارغىبۇلاق داۋىنىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. پاتىمە يۈرەك سۆزىنى ئىزھار قىلغان بىر پارچە خەتنى ۋە بىر كىچىك خالتا توقاچنى ئۆز قولى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن پېتى كۆز يېشى قىلىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلار توي قىلىپ ئارانلا بىر-ئىككى ھەپتە بىللە ئۆتكەن. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ھىجران قىسمەتلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى.

     

     

    قوچقار پالۋان مىنىپ ماڭغان قۇش باش ئېگەرلىك يۇلتۇز دۇلدۇلىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۈچۈن يىگىت ئارغىبۇلاق تاغ داۋىنىغا ياماشقاندا تاڭ يورۇغانىدى. كۈن تاغلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئەتراپنى گۇگۇم پۈركىگەندە، كۈمۈشنىڭ ئۇزۇن ساي يولىنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئۇششاقتالغا يېقىنلاپ باردى. ئارغىماقلارنىڭ قۇلاق-بويۇنلىرىدىن تەر تامچىلىرى توختىماي چىپىلداپ ئېقىپ تۇراتتى. مەخپىيەتلىك شەرت بولغاچقا يول ئۈستىدە كېچىسى سۆزلىشىش مەنئى قىلىنغانىدى. ئىككىنچى كۈنى ناشتىدا ھىدايى ئېغىز ئېچىپ دېدى:

    - قولىمىزدا ياراغ بارغۇ، نېمىدىن قورقاتتۇق، ئاستىراق ماڭساقمىكىن دەيمەن.

    - خەپشۈك،- دېدى قوچقار پالۋان دوستى ھىدايىغا ئىشارەت قىلىپ،- بىزگە يەنىلا جىم-جىم سەپەر پايدىلىق.

    ئۇلار شۇ چاغ ھۆكۈمىتى ۋە يەنە تاسادىپىي بولۇپ قالىدىغان كېلىشمەسلىكلەرنى ئويلاپ سەپەرنى ئاساسەن كېچىدە داۋام قىلغانىدى. بۇنداق بولغاندا ئاتلارغىمۇ، ئۆزلىرىگىمۇ چاڭقاش ھەم چارچاشتىن كېلىدىغان ھاردۇق ئازراق بولاتتى. شۇنداق قىلىپ سەپەرنىڭ تۆتىنچى كۈنى سەپەردە ئۇلار ئۇششاقتالغا كېلىپ چۈشتى. ئاتلارنى سوۋۇتۇپ بوغۇز بەردى، ئۆزلىرىمۇ ھاردۇق ئالغاچ ئوزۇقلىنىشتى. ئارىلىقتا ھىدايى ئابدۇنىيازغا مەسلىھەت قىلىپ دېدى:

    - توقسۇندىن چىققىلىمۇ بۈگۈن تۆت كۈن بوپتۇ. بىزنى مارايدىغان تاك-تاكچىلارمۇ نەلەردە قالغاندۇر، ئەمدى سەل ئاستىراق ماڭساقمىكىن دەيمەن. بولسا مەھەللە ئىچى بىلەن ماڭساق:

    - سەركەردىمىز بىزنى بۈگۈردە كۈتۈپ تۇرماقچى،- دېدى قوچقار پالۋان بايا دوستى ھىدايىنىڭ قويغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،- شۇڭا تېزرەك مېڭىپ مەھەللە-ئۆتەڭلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ بالدۇرراق بۈگۈردە ھازىر بولۇشىمىز كېرەك.

    ھىدايى بۇ جاۋابقا قايىل بولدى-دە، قايتا زۇۋان سۈرمىدى.

    ئارقىدىن ۋاڭ نىياز سۆز قىستۇرۇپ چاقچاق باشلىدى:

    - پاتىمە يوللۇق تۇتقان نان-توقاچ خالتىسىنى ئەجەب ئېچىپ باقمايسەنغۇ، ئۇنىڭمۇ مەخپىيەتلىكى بارمىدى-يە؟

    - ياق، ياق، بولىدۇ، ئېچىپ كۆرەيلى، ئېسىمگە كەلمىگىنىنى قارىمامدىغان.

    قوچقار پالۋان بۆز خۇرجۇن ئىچىدىن مەھبۇبەسىنىڭ يوللۇق خالىتىسىنى چىقىرىپ دوستلىرى ئالدىدا ئاچتى. خالتىغا سېلىنغىنى بىرقانچە توقاچ نان، ئاددىي گۈل چېكىلگەن بىر دانە ئاق شاپاق دوپپا قاتارلىق سوۋغاتلار ئىدى. ئۇلار پاتىمەنىڭ يوللۇق نان-توقاچلىرىنى زوقلىنىپ يېيىشكە باشلىدى. قوچقار پالۋان يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاۋۋالقى پېتىدە قاتلاپ يانچۇقىغا سالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ھىدايى سۆز قىستۇرۇپ دېدى:

    - خەتتە نېمە دەپتۇ، ئۈنلۈك ئوقۇپ باقمامسەن، ئاڭلاپ باقمايلىمۇ؟

    قوچقار پالۋان پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈۋېتىپ، ئارقىدىن جاۋابەن دېدى:

    - ئىشقى-مۇھەببەت خېتىدە نېمە يېزىلاتتى دەيسەن، دوستۇم. يەنىلا شۇ ھىجران ناخشىسى. بولدىلا، ئايىغىنى يولدا كېتىۋېتىپ دېيىشەيلى.

    ئۇلار چاتقاللىق ئارىسىدا ئاتلارنى دەم ئالدۇردى. ئۆزلىرىمۇ ئۇخلىۋالدى. كەچ كىرىۋاتاتتى.

    ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بۈگۈرگە قاراپ ئاتلاندى. ئارغىماقلار خوشۇتنىڭ غەربىدىكى پاكار تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ ئۇچقاندەك مېڭىپ قۇياش غەربكە پەسەيگەن مەھەلدە تاغ ئايلانمىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار شۇ مېڭىشىدا چوقۇ، تاغارچى، قاراشەھەر، تېكىچى... قاتارلىق يۇرتلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كورلىنىڭ ئايىغىدىكى توغراقلىقتا كېتىۋاتاتتى.

    - مانا ئەمدى ئالدىمىزدىكى پايانسىز كەتكەن چۆل، چېدىرغا بارغىچە يەنە خېلى ماڭىمىز. ھىجران ناخشىلىرى مۇشۇنداق دەشت-باياۋاندا يۈرەككە راھەت بېغىشلايدۇ. قېنى ئاقتاشلىق بۇلبۇل، سايراپ ماڭساڭچۇ؟

    ھىدايى ئارغىمىقىنى ئاستىلىتىپ ماڭغۇزغاچ سوئال قويۇپ ئابدۇنىياز كامالنى غىدىقلىدى. ناخشا ئېيتقۇسى كېلىپ تۇرغان ئابدۇنىيازغا بۇ تەكلىپ دەل ۋاقتىدا بولدى-دە، ئاۋازىنى سازلاشتۇرۇپ ئۈنلۈك ئېيتىشقا باشلىدى:

     

    ئېتىمنى چاپتۇرۇپ ئۆتسەم،

    توقايلىقتىن قاۋان چىقتى؛

    دوست-يارمىكىن دەپ يۈرسەم،

    خۇي-پەيلى يامان چىقتى.

     

    ئېۋىرغولنىڭ يوللىرى،

    ئېگىز-تۆۋەن ئايلانما؛

    يار ۋەسلىگە يەتكۈچە،

    يىگىت بولساڭ زارلانما.

     

    ئېگەرلىك ئات ئاستىمدا،

    ئۇچۇپ ماڭار دۇلدۇلۇم؛

    سۆيگۈ، ھىجران ئىشقىدا،

    راۋان بولار يوللىرىم.

     

    يولغا چىقسام ئاتلىنىپ،

    يارىم قالدى كېچىدە؛

    ماڭا ئاقيول تىلەپتۇ،

    يوللۇق خېتى ئىچىدە.

    ...

     

    2

     

    ئۈچەيلەن كېچە-كۈندۈزلەپ يول بېسىپ بەشىنچى كۈنى تاڭ سەھەرلىكتە مەنزىلگاھقا ئۇلاشتى.

    تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن تارىم ئويمانلىقى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ گۈزەل جاي تارىختا ئورۇمتاي نامى بىلەن، كېيىنرەك بۈركۈت مەنىسىدىكى بۈگۈر نامى بىلەن مەشھۇر ئىدى.

    30- يىللارنىڭ باشلىرىدا بۈركۈت يۇرتىنىڭ يېڭىسار يېزىسىدىكى دېھقان نىياز خەلىپە  باشلامچىلىقىدا نەچچە يۈزلىگەن خەلق ئاچارچىلىققا ۋە زۇلۇم-زومبۇلۇققا قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىپ جىن شۇرېن دەۋرىدىكى ناھىيىلىك پارىخور ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئابدۇراخمان ئەلا ناملىق زاتنى ھاكىملىققا سايلىۋېلىشقانىدى. سەركەردە مەھمۇت مۇھىتى دولان يۈرۈشىدە ئەنە شۇ يېڭى ھاكىم مەھكىمىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى.

    قوچقار پالۋان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئەتىگەنلىك قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەلدە يۈز-كۆزلىرىنىمۇ يۇيماي تەخىرسىزلىك بىلەن يېڭى ھاكىم مەھكىمىسى بىناسى ئالدىغا كەلدى-دە، ئىجازەت بىلەن سەركەردە ھۇزۇرىدا ھازىر بولدى. مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارنى خۇش چىراي كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سورىدى. ئۇ قوچقار پالۋاننىڭ توي كاشىلىسى بىلەن كېچىكىپ قالغانلىقىنى چۈشىنەتتى ھەم چوقۇم سەپكە يېتىپ كېلىدىغان دىتىغىمۇ ئىشىنەتتى.

    - يېتىپ كەلگىنىڭلار ياخشى بولدى، يىگىتلەر،- دېدى سەركەردە،- سىلەر ئاۋۋال ئوزۇقلىنىڭلار ۋە چۈشكىچە دەم ئېلىڭلار، چۈشتىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال يىگىتلەرگە «ئاچىل» ناخشىسىنى ئۆگەتسۇن، چۈنكى، مۇشۇ يۇرتتىن سېپىمىزگە قوشۇلغان يېڭى يىگىتلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلار روھىي ئوزۇققا، ئەدەپ-ئىنتىزامغا موھتاج. ناخشا ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن سىلەرگە يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇلىدۇ.

    سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈچەيلەن خوشلىشىپ چىقتى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قوچقار پالۋان سەركەردىنىڭ مەسلىھەتچىسى نەمەت خەلپىتىمنىڭ باشچىلىقىدا دېھقان پىدائىيلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار ئاستانىدىن، توقسۇندىن ھەمدە بۈركۈت يېزىلىرىدىن سەپكە قوشۇلغان دېھقان بالىلىرى ئىدى. كىيىم-كېچەكلىرى ھەرخىل، كۆپلىرى ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋات بۇ يىگىتلەر شەھەرلىكلەرنىڭ بوش ئۆيلىرىگە، كارۋان سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلاردىن ئەللىككە يېقىن ساۋاتلىقلىرى تاللىنىپ، مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېڭى تېكىست بىلەن ئىشلەنگەن «ئاچىل» ناخشىسىنى جىددىي ئۆگەنمەكتە ئىدى.

     

    گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،

    باشقا يارىشاي دەيدۇ؛

    گۈللەرنىڭ پىراق ئوتى،

    دىلغا يامىشاي دەيدۇ.

     

    گۈل ئېچىلىپ ناز قىلار،

    كۆڭۈللەرنى ماز قىلار؛

    گۈل قەدرىنى بىلەمسەن،

    زىمىستاننى ياز قىلار.

     

    گۈل دەردىدە خۇن بولدۇق،

    تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق؛

    نادانلىقنىڭ دەستىدىن،

    بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.

    ئاچىل، ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا...

     

    بۇ ناخشا بىر كۈن ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن پىدائىي دېھقان بالىلىرى ئارىسىدا پىششىق ئۆزلىشىپ بولدۇق. سەركەردە - بۈگۈر ناھىيىسى ھۆكۈمەت مەھكىمىسى قورۇسىدا شەخسەن ئۆزى مەشىقنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزۈپ قوچقار پالۋانغا بارىكاللا ئوقۇدى.

    - بىزنىڭ ئەمدىكى مەنزىلىمىز،- دېدى سەركەردە كۆرەكتىن كېيىنكى سۆھبەت ئۈستىدە،- قەشقەر بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، پىدائىي دېھقان بالىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى بىرخىل ئەمەس، يەنە كېلىپ كونىراپ كەتكەن ماتا كىيىملەر. شۇڭا بىر ھەپتە بۇرۇن دوختۇرۇم بايئاخۇن ئەزىزىنى ئاقسۇدا مىڭ كىشىلىك كىيىم-كېچەك ۋە مىڭ جۈپ ئۆتۈك تەييارلاپ تۇرۇشقا ئالدىن ئەۋەتكەنىدۇق. بۇ بىر جىددىي ۋەزىپە، بىز بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرالمايمىز. سىلەر ئۈچىڭلار بۈگۈنلا ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىپ ئاشۇ ۋەزىپىنى پۈتكۈزۈشكە ياردەم بېرىسىلەر ھەم بىزنى ئاقسۇدا كۈتۈپ تۇرىسىلەر. يوللاردا شاۋقۇن كۆتۈرمەي تېز ۋە مەخپىي مېڭىڭلار.

    - خوپ، بەجانىدىل ئورۇندايمىز،- دېدى قوچقار پالۋان ئورنىدىن تۇرۇپ،- سەركەردىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن.

    سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈچەيلەن ئاقسۇغا قاراپ ئاتلاندى.

     

    3

     

    نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق ئۇزۇن مۇساپە. ئارغىماقلار تۇياقلىرىدىن ئۇچقۇن چاچرىتىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پاكار توغراقلىق چۆللەر، ئارىلاپ ئۇچرايدىغان بوستانلىقلار، ياغلىق مەھەللىلەر بىر-بىرلەپ كۈنچىقىش تەرەپتە قالاتتى. ئۇلار ئاشۇنداق تېز مېڭىپ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئىچىدە كوچا ۋە قىزىل-سايرامنى كەينىدە قالدۇرۇپ قارايۇلغۇنغا يېتىپ كەلگىنىنى سەزمەي قېلىشتى. ئۇلار بۇ يەردە چۈشكۈن بولۇپ ھاردۇق ئالدى.

    ئەتىسى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىرلىكتە ناشتا قىلدى. ۋاڭ نىياز غىزالانغاچ دوستلىرىغا دېدى:

    - ئاغىنىلەر، تۈنۈگۈنكى يول ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. ئىككى كاسسام زېدە بولۇپ چېچەكلەپ كېتىپتۇ. سەل قاراۋىراق ماڭايلى...

    ھىدايى ئارقىدىنلا چاقچاق قىلىپ دېدى:

    - ياق، بىلمىدىڭ، ئاغىنە، ئىككى كاسساڭنىڭ چېچەكلەپ ئېچىلغىنى «ئاچىل» ناخشىسىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغان.

    ھىدايى ئارقىدىنلا چاقچاق قىلىپ دېدى:

    - ياق، بىلەلمىدىڭ، ئاغىنە، ئىككى كاسساڭنىڭ چېچەكلەپ ئېچىلغىنى «ئاچىل» ناخشىسىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغان.

    ھىدايىنىڭ چاقچاق سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى.

    ناشتىدىن كېيىن ئۇلار ئاتلىرىغا بوغۇز تۆكۈپ بېرىپ، ئاندىن يېقىنلا بىر يەردىكى ئېتىزلىقتا كۈزگى بۇغداي كانچىلاۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق ئىككى دېھقاننىڭ قېشىغا باردى. ئۇلار ئۆزئارا سالاملىشىپ تونۇشلۇق بېرىشكەندىن كېيىن قىر بېشىدا ئولتۇرۇپ ئازادە سۆھبەتلەشتى.

    قوچقار پالۋاننىڭ تەسەۋۋۇرىدا قارا يۇلغۇننىڭ تەبىئىي شارائىتى تۇرپان مۇرتۇققا ئوخشاپ تۇراتتى. ئۇ دېھقانلاردىن سورىدى:

    - سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېقىندا جەڭ بولدىمۇ؟

    قوچقار پالۋان ئۆزىنى ۋە ئاغىنىلىرىنى ھېلىقى دېھقانلارغا ئادەتتىكى يولۇچى، ئېلىپساتار تىجارەتچى قىياپىتىدە تونۇشتۇرۇپ دېھقانلارنىڭ گۇمان قىلىشىدىن ساقلانغانىدى. شۇنداقتىمۇ دېھقان سەل خۇدۈكسىرىگەندەك بولۇپ ئىنىسىنى سۇغا قاراشقا ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى:

    - سىزنىڭ بايا سورىغان «جەڭ» دېگىنىڭىز «يىغىلىق» دېگىنىڭىزدۇر ئېھتىمالىم. بۇ يەردە بىر ئەمەس، بىرنەچچە قېتىم يېغىلىق بولدى. باي سىجاڭ  دەمدۇ، تۆمۈر سىجاڭ دەمدۇ، ما جۇڭيىڭ، ليۇ سىلىڭ دەمدۇ، خوجىنىياز ھاجى دەمدۇ، ئەيتاۋۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يەردە قان تۆكۈشتى. تېخى مۇشۇ يېقىندىلا ما جەمەتىنىڭ قىسىملىرى بىر تەرەپ، خوجىنىياز ھاجى، باي سىجاڭ بىر تەرەپ بولۇپ سوقۇشۇپ، باي سىجاڭ قازا تاپتى. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇغا قېچىپ كەتتى. ھەممە بالا-قازا دېھقانلارنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇلار بىردەم ئات دەيدۇ، بىردەم قوي دەيدۇ، بىردەم بولسا ئادەم بېرىسەن دەيدۇ، مانا مېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ھەممە دېھقان ماڭا ئوخشاش بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدۇق. يېغىغا باش بولغانلار تولىسى قارا تومپاي ئادەملەر ئىكەن. ئەگەر ئۇلار دانا ئادەملەر بولسا ئىشنىڭ باش-ئايىغى سۈزۈك بولاتتى. بۇ قارا تومپايلار كىشىلەرنى يالغاندىن قايمۇقتۇرۇپ يالغاندىن «ئىسلام ئاچتى»؛ ئەمەلدە ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچتى. يېڭىلىپ قالسا ئاق بايراق كۆتۈرۈپ قاچتى...

    بۇ دېھقان دەرد-ئەلەمگە تولغان ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن غۇۋا كۆزلىرىدە ئەگىپ تۇرۇۋاتقان يېشىنى قارىداپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن ئېرتىۋېتىپ سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:

    - مېنىڭ ئىككىلا ئوغلۇم بار ئىدى. چوڭى مۇشۇ يەردىكى يېغىلىقتا ئۆلۈپ كەتتى. كىچىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قويلىرىنى قاراقول چېگرىسىغا ھەيدەپ بېرىش سەپىرىدە يولدا توڭلاپ ئۆلدى. بالىلىرىمىزنىڭ ئاپىسى يېقىندا زىققە كېسەل بىلەن قازا تاپتى. ئەمدى مەن ھوقۇشتەك تەنھا قالدىم. ھازىر مېنىڭ ھەمراھىممۇ دەرد-ئەلەم، بايلىقىممۇ دەرد-ئەلەم ئەزىز مېھمانلارنىڭ ۋاقتى بولسا كەپەمگە باشلاپ بارىمەن. داستىخان سالغۇدەك مادارىم يوق، ئەمما پاك كۆڭلۈم بار. پېقىر بەختىيار قوشاقچى سىلەرنى مۇڭلۇق ھىجران ناخشىلىرىم بىلەن رازى قىلىپ ئۇزىتالايمەن.

    دېھقاننىڭ ئاشۇ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىياز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ئىنتىلگەنىدى، لېكىن قوچقار پالۋان دوستلىرىغا كۆز قىسىپ توسۇپ قويدى. بەختىيار قوشاقچى بۇنى سېزىۋالدى-دە، دەررۇ سۆز قىستۇرۇپ دېدى:

    - «دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت» دېگەن گەپ بار. ئەگەر ۋاقتىڭلار قىس بولسا ھىجران ناخشىسىدىن بىر-ئىككى قوشاق يوللۇق تۇتاي. ئىچىمنى بىر قېتىم بوشىتىۋالسام ماڭا بىر يىللىق ئوزۇق بولىدۇ:

     

    ئېتىمنى بەختىيار دەيدۇ،

    جۇدامەن بەختىيارىمدىن.

    قارا تاشلارمۇ يىغلايدۇ،

    مېنىڭ بۇ ئاھۇ زارىمدىن.

     

    قارايۇلغۇن قارا بولدى،

    پېقىر كۆڭلى يارا بولدى.

    بۇ دەردكە كىم ئارا بولدى،

    يېشىم كۆل نالە-زارىمدىن.

     

    بىرى كېلىپ ئات دەيدۇ،

    بىرى ھارۋاڭنى قات دەيدۇ.

    يېتىم-بىچارە داد دەيدۇ،

    تۈگەشتىم يوقۇ يارىمدىن.

     

    دېھقان قوشىقىنى مەيۈس ئاھاڭىدا تۈگىتىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئەلەملىك كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش تامچىلىرى قورۇلۇپ كەتكەن ئېڭەكلىرىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. قوچقار پالۋان ئولتۇرغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن دېھقاننىڭ قولىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ دېدى:

    - خەير خوش، بەختىيار قوشاقچى، تەسىرلىك قوشىقىڭىزدىن بەھرىمەن بولدۇق. بېشىڭىزغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز ئېزىلدى. بىز بۈگۈن سىزدىن ياخشى بىر دەرس ئاڭلىدۇق. چىداملىق بولۇڭ، ئاكا. ئۆتكەنلەرنى ئۇنتۇپ، ئالدىڭىزغا قاراڭ. سالامەت بولۇڭ. ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكى بولىدۇ. سەۋر-تاقەت قىلساق، چىداملىق بولساق، ئامەت گۈللىرىنىڭ ئېچىلىدىغان پەيتىمۇ كېلەر. بىز يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكۈچە ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.

    قوچقار پالۋان يولغا ئېلىۋالغان سەپەر توقاچلىرى ۋە توقسۇننىڭ قۇرۇق ئۈزۈملىرىدىن ئېلىپ دېھقانغا تۇتتى.

    ئۈچەيلەن دېھقان يېنىدىن ئايرىلىپ، ئارغىماقلىرىغا مىنىشىپ، ئاقسۇغا يۈرۈپ كەتتى...

     

    4

     

    ھاۋا سالقىن، كۆك ئاسمان ئەينەكتەك سۈزۈك، ئوڭ تەرەپتە خانتەڭرى چوققىسى ئاق لىباسلىرىغا يۆگىلىپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈشۈپ تۇراتتى. تاغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان سالقىن شامال كىشىنىڭ يۈزلىرىگە يېقىملىق سۆيۈپ، دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى، ئارغىماقلار ئاياغلىرىدا سارغۇچ توپىلارنى توزۇتۇپ، يېڭى مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەيتتى. قۇياش دەل چۈش قىيامىغا يەتكەن مەھەلدە ئاتلىقلار ئېگىز يارنىڭ لېۋىگە يېتىپ باردى. ئېگىز يارداڭلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتكەن يول بىلەن غەربكە پەسىيىپ چۈشكەن ھامان ئاقسۇ كونىشەھەرنىڭ شاھمات ئورۇقىدەك زىچ ئورۇنلاشقان قاتار ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە بىنا ئارىلىرىدىكى دەل-دەرەخ، باغۋارانلىرى نامايان بولدى. كۆزلەرنىڭ يېغىنى يەيدىغان بۇ مەنزىرىلىك ماكان چەۋەندازلارنى بىئىختىيار جەلپ قىلغانىدى.

    ئاقسۇنىڭ ۋاقىتلىق ۋالىي مەھكىمىسى ۋە مۇۋەققەت ۋالىيسى ئۇ كۈنلەردە مۇشۇ شەھەردە ۋاقىتلىق ئىش بېجىرەتتى. ئەلچىلەر ئۇدۇل ئاشۇ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ چۈشكۈن قىلدى ۋە ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارا بوي، چار ساقال كەلگەن ساھىبخانا خۇشخۇي تەلەپپۇزدا دېدى:

    - بۇ ئىشتىن بىز خەۋەر تاپتۇق. سىلەردىن بۇرۇن كەلگەن ئەلچى بايئاخۇن ئەزىزى بىلەن بىللە كارخانىلار تەشكىللەپ، كىيىم-كېچەك، كۆن ئۆتۈك ۋە ئاتلارغا ئېگەر-جابدۇق ھازىرلاش ئىشىنى باشلىۋەتكىنىمىزگە بىرنەچچە كۈن بولدى. ئىش ھەققىگە كەلسەك، يېرىمى خالىسانە، يېرىمى...

    ساھىبخانا سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قويۇق چار ساقىلى بىردىنلا تىترەپ كەتتى. ئۇ سۆزىنىڭ قالغىنىنى دېيىشكە ئاغزىنى ئۆمەللەتتىيۇ چىقىرالمايتتى، ئاخىرى شۇنداق دېدى:

    - سىلەر ئۇزۇن يولنى بېسىپ چارچىدىڭلار، بۈگۈنچە ھاردۇقىڭلارنى ئېلىڭلار، ئەتىگەنلىككە بىز بىرلىكتە كارخانا ۋە كاسىپلارنى كۆزدىن كەچۈرەيلى.

    چەۋەندازلار بۇ جايدىن چىقىپ، مېھمانخانا ياتاقلىرىغا قايتىپ كېلىشتى. ئۇلار ياتاقلىرىدا دەم ئالغاچ كۈلكە-پاراڭ باشلىۋەتتى.

    - تازىمۇ لامزەللە بىر نېمىكەن ئۇ،- دېدى ھىدايى بايىقى ئىش بېجىرگۈچى بەگنى مەسخىرە قىلىپ،- گەپنىڭ يېرىمىنى قىلسا، يەنە يېرىمى ئېغىزدىن چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.

    - ياق، ئاغىنە،- دېدى قوچقار پالۋان لوقما سېلىپ،- سەن تېخى چۈشىنەلمەيۋېتىپسەن. بۇ يەردىكىلەرنىڭ بېشىنى غەزەپ-نەپرەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت تۇمانلىرى گاڭگىرىتىپ قويۇپتۇ. بىز ھازىرچە بۇ گەپلەرنى تەگىمەي ئۇنتۇپ تۇرايلى. قىلىشىدىغان باشقا گەپلىرىمىزمۇ بارغۇ؟

    - دەل جايىدا دېدىڭ،- دېدى ۋاڭ نىياز ئاغىنىسىنىڭ سۆزىگە مەھكەم يامىشىپ،- ئۇششاقتالدا بىزگە ۋەدە قىلىپ، پاتىمەنىڭ خېتىنى كېيىنچە يول ئۈستىدە ئوقۇپ بېرىدىغان بولغىنىڭ ئېسىڭدىدۇر. بۈگۈن بىزگە مانا ئازادە پۇرسەت كەلدى، قېنى مەشۇقىڭنىڭ مۇھەببەتنامىسىنى مۇشۇ پۇرسەتتە ئاڭلاپ باقايلىچۇ؟

    - ۋاي-ۋۇي تازىمۇزە، بىر خەت ئۈچۈن رودۇپايدەك پاچلىشىۋالغىنىڭلارنى قارىمامدىغان،- دېدى قوچقار پالۋان ئاغىنىلىرىگە چاقچاق قىلىپ ۋە يانچۇقىدىن خەتنى چىقىرىپ ھىدايىغا سۇنۇپ دېدى،- مانا خەت، ئۈنلۈك ئوقۇ، ۋاڭ نىيازمۇ ئاڭلىسۇن.

    - ياق، ياق، ئۆزۈڭ ئوقۇ،- دېدى ۋاڭ نىياز،- ماۋۇ ئىككىمىز بولساق چالا ساۋات، قاملاشتۇرۇپ ئوقۇيالمايمىز. مۇھەببتنامىنى مۇھەببەت ئەھلى ئۆزى ئوقۇسا باشقىچە بولىدۇ.

    قوچقار پالۋان ئىلاجسىز قېلىپ ماڭلاي-پېشانىسىنى ئالقىنى بىلەن بىر قېتىم سىيرىۋەتكەندىن كېيىن خەتنى ئۈنلۈك ئوقۇدى:

     

    «ئىككىمىز مىڭ تەستە قۇرۇپ چىققان ئۇۋىدا مەن يەنە تەنھا قالدىم. مەن بۇنىڭغا ئۆكۈنمەيمەن. سىزگە ئاقيول تىلەيمەن. مەن خاسىيەتلىك شامالغا سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن، ئايىغىڭىزدىن شامال ئۆتۈپ تۇرسۇن، مەن يەنە ئاي، يۇلتۇزلارغا يېلىنىپ دۇئا قىلىمەن. ئۇلار يولىڭىزنى يورۇتۇپ تۇرسۇن. بوينىڭىزدىكى تاش تۇمار سىزگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن. ۋاپادار دۇلدۇلىڭىز يولىڭىزنى راۋان، مۈشكۈلىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. نادانلىق، جاھالەت ۋە ئېغىر نامراتلىق قاپلىغان بۇ زېمىندا بىھۇدە قان دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقانلىقىدىن ئىچىم سىيرىلىدۇ. مەن تەڭلىك ۋە مەرىپەتلىك ھاياتنى سېغىنىمەن. مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم ئاقيول تىلەيمەن...

     

    ئاقتاش ئۆستەڭ بويىدا،

    ئېگىز ئۆستى ئاق قوناق.

    پەرۋايىم يوق ئاتالسام،

    ئەل ئىچىدە تۇل، چولاق.

     

    تورغۇتلارنىڭ دۇلدۇلى،

    سىزگە قانات، يار بولسۇن.

    چىن تۆمۈرنىڭ ئالدىدا،

    رەقىب يولى تار بولسۇن.

     

    سىز كەلگۈچە ئاق تاشنى،

    بىر دانىدىن سانايمەن.

    زەپەر قۇچۇپ كەلسە دەپ،

    يولىڭىزغا قارايمەن...»

     

    پاتىمەنىڭ تەسىرلىك خېتى بىلەن ھىجران قوشىقى ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىيازنى ھەيران قالدۇردى. قوچقار پالۋاننىڭ خىيال كەپتىرى بىردىنلا تۇرپان ئويمانلىقى ۋە توقسۇن ئاقتاش بوستانلىقىغا ئۇچۇپ كەتتى-دە، بىرمەھەل جىمىقىپ خىيال دەرياسىدا ئۈزۈشكە باشلىدى.

    - ئورنىمىزدىن تۇرايلى،- دېدى ھىدايى ئۆي ئىچىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،- كەچ كىرىپ قالدى. كەچلىك تاماق يەيلى، ئاندىن...

    ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىغا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ياش دورغىسى ياتاقخانىغا كىرىپ كەلدى-دە:

    - ئەھەد بېگىم ھەرقايسىڭلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مېنى ئەۋەتتى، مېھمانلار، قېنى مەرھەمەت،- دېدى.

    شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئاشپۇزۇلغا بېرىشتىن يالتايدى ۋە ئەھەد بېگىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى. ساھىبخانا تېخى بايىلا چەۋەندازلارنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىدى.

    زىياپەت ئۈستىدە ئەھەد بەگ بىلەن چەۋەندازلار يەنىلا شۇ ئېگەر-جابدۇق، فورمىلىق كىيىم-كېچەك توغرىسىدا سۆزلەشتى ھەمدە ئەتە ئەتىگەندە كاسىپخانىلارغا بېرىپ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولۇپ تەكرار كېلىشىپ، زىياپەت سورۇنىدىن قايتىپ كېلىشتى.

    ئەتىسى چەۋەندازلار ئەھەد بەگنىڭ دورغىسى باشلامچىلىقىدا ھەرقايسى ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ئىشلەۋاتقان تىككۈچىلىك ئىشخانىلىرىغا بېرىپ بۇيرۇتمىلارنى تەكشۈرۈپ چىقتى. كارخانىلارنىڭ بەزىلىرى يېڭىلا تەسىس قىلىنغان «نىيازىيە»، «سادىقىيە» ناملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بوش سىنىپلىرىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

    قوچقار پالۋان فورما كىيىم تىكىۋاتقان بىر ياشانغان ماشىنچىغا كۆزى چۈشۈپ سورىدى:

    - ئۇستام، ئىشلار پۈتەي دېدىمۇ؟

    ماشىنىچى قىلىۋاتقان ئىشىدىن قولىنى ئۈزمەي تۇرۇپ جاۋابەن دېدى:

    - شۇنداق، پۈتەي دېدى.

    - ئىش باشلىغىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟

    - ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈن، ئون ئىككى ئاي بولدى.

    - ياق، ياق، مېنىڭ سوراۋاتقىنىم مۇشۇ يېڭى ئىشنى دېمەكچىمەن.

    - بىر ھەپتە بولدى.

    - سىمكار - ئىش ھەققى ئالدىڭلارمۇ؟

    ماشىنىچى نەق مەيداندا ئەھەد بەگنىڭ دورغىسى گۆشىيىپ قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرۇۋالدى.

    سەگەك قوچقار پالۋان بۇنى سېزىۋالدى-دە، پاراڭنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتى.

    كاسىپخانىلار بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قوچقار پالۋان ھېلىقى دورغا بەگكە دېدى:

    - سىلى ھازىرلا بېرىپ ئەھەد بېگىمگە يەتكۈزۈپ قويسىلا، ئەتىلىككە ھەممە بۇيرۇتمىلار تەق قىلىنىپ ئامبارغا توپلانسۇن، ئۆگۈنلۈككە دېھقان قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىدۇ. ئىندىنلىققا قەشقەرگە قاراپ يۈرۈپ كېتىمىز. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بۇيرۇق!

    دورغا بەگ بۇيرۇقنى ئاڭلاپ:

    - خوپ، ئالىيلىرى، ھازىرلا يەتكۈزەي،- دېدى ۋە بىردىنلا ھودۇقۇپ ئاشۇ گەپنى ئاغزىدىن چىقىرىپلا بەدەر تىكىۋەتتى.

    قوچقار پالۋان ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە يەنە قايتا «نىيازىيە» مەكتىپىنىڭ بىناسىغا بېرىپ بايىقى ماشىنىچى ئۇستام بىلەن ھېلىراقتا ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى:

    - قېنى، ئۇستام، سۆزلىسە، بىز ئەمدى ئازادە سۆزلىشەيلى، ئۇلار ئىش ھەققىڭلارغا بىرنېمە بەردىمۇ، يوق؟

    چىرايى جۈدەڭگۈ بولۇپ كەتكەن بۇ كاسىپنىڭ تىكىش ماشىنىسى نىكولاي زامانىسىدىن قالغان قارا كۆتەك ماشىنا بولۇپ، ھەدېگەندە يىپ ئاتلاپ كاسىپنى ئاۋارە قىلاتتى. كاسىپ بولسا پات-پاتلا «ھەسسىنەي ئالدىرىغاندا...» دەپ زارلىناتتى. ئۇ يىپ ئۇلاشنى توختىتىپ تۇرۇپ، قوچقار پالۋاننىڭ سوئالىغا جاۋابەن دېدى:

    - نەدىكى ئىش ھەققىنى دەيدىلا، تەقسىر. خوتۇنۇم بىلەن بالا-چاقام ئۆيدە ئاچ-زېرىن مېنىڭ قولۇمغا قاراقلىق. «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلايدىغانلار» بىزنى بىكارغا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە توپىلاڭچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى دېمەمدىلا، بۈگۈن بىرى كەلسە، ئەتىسى ئۇنى قوغلاپ يەنە بىرى كېلىدۇ. ھەممىسىلا ئاچ قالغان بۆرىدەك پۇقرالارنى شىلىشىپ ماڭىدۇ. ئاشۇ توپىلاڭچىلاردىن مەھمۇت سىجاڭنى خېلى ئادىل كىشى دېيىشىدۇ. بۇ كىشى قوشۇنلىرىغا كىيىم-كېچەك تىككۈزۈش ئۈچۈن ئۈچ يۈز سەر كۆمۈش ماڭغۇزغانىكەن، دەپ ئاڭلىغان. بىزنىڭ ئىش ھەققىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىكەندۇق، نەدىكىنى؟ ئەھەد شەيتان دەيدىغان يالماۋۇز ئۇ پۇللارنى چۆنتىكىگە سېلىۋاپتۇدەك، بىز بولساق دۈمچىيىپ بىكارغا ئىشلەيمىز.

    - رەھمەت، ئۇستام، كۆكسىلىرىدىكى دەردنى بىزگە ئىشىنىپ ئېيتىپ بەرگەنلىرى ئۈچۈن سىلىدىن مىننەتدارمىز، پات ئارىدا ھەممە كاسىپلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۈندۈرۈپ بېرىشكە مانا بىز كاپالەتلىك قىلىمىز. خاتىرجەم بولغايلا.

    قوچقار پالۋان كاسىپنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىۋاتقان چاغدا «نىيازىيە» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ قورۇسىغا توپلىنىپ، زىلۋا بويلۇق، بېشىغا سەرپۇش كىيىۋالغان بىر ئەر مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا «بىز ياش بالىلار، غايىمىز ئوقۇش»  دېگەن مارشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغانىدى.

    قوچقار پالۋان ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە كاسىپ بىلەن خوشلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا باردى. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن قوچقار پالۋان ھازىرقى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق نىيىتىگە كەلدى-دە، ھېلىقى ناخشا مەشىق قىلىنىپ بولغان ھامان مۇئەللىمنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ شۇ يەردىلا ئوقۇغۇچىلارغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئاچىل» ناخشىسىنى ئۆگىتىشكە كىرىشىپ كەتتى. بۇ ناخشا تېكىستى بۇ يەرگە بۇرۇن يېتىپ كەلمىگىنى ئۈچۈن، بۇ يېڭىلىقتىن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار بەكمۇ سۆيۈنۈپ كېتىشتى. يېڭى ناخشىنىڭ مەشىقى ئاياغلاشقان ھامان غايىبە ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچى مەرھۇم ئاتىسىغا بېغىشلاپ يازغان مەرسىيە قوشىقىنى مېھمانلار ئالدىدا دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بېرىشنى مۇئەللىمدىن تەلەپ قىلدى. مۇئەللىم دەرھال ماقۇل بولدى-دە، ھېلىقى قىز جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى:

     

    دادام مېنى ئەتىۋارلاپ،

    غايىبە دەپ ئاتىغان.

    مېنىڭ زېرەك قىزىم دەپ،

    ئەل ئىچىدە داڭلىغان.

     

    ئوغۇلغا تەڭ قىزىم دەپ،

    ئەزىرلەيتتى جېنىدىن.

    يۆلەنچۈكۈم ئاتام دەپ،

    ئايرىلمايتتىم يېنىدىن.

     

    پېشانەمنىڭ شورىمۇ،

    چىقتى ئاڭا بىر سەپەر.

    ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپامغا،

    يېتىپ كەلدى شۇم خەۋەر.

    ئېگەرلىك ئات يېگانە،

    كىرگەن پېتى قورۇغا.

    كىشنەپ-چىرقىراپ قارايتتى،

    كۈنپېتىشنىڭ يولىغا.

     

    دېمەك دادام ئۆلۈپتۇ،

    قارايۇلغۇن جېڭىدە.

    ئاپام ئاڭلاپ ياش تۆكۈپ،

    جان قالمىدى تېنىدە.

     

    تۇغۇلماق بار، ئۆلمەك بار،

    قانۇنىيەت ئالەمدە.

    ئۈمىد نۇرى ئۆچمەيدۇ،

    ئىرادىلىك ئادەمگە.

     

    مىراس قالدى دادامدىن،

    ئېگەرلىك ئات ئارغىماق.

    قاناتىم شۇ تەس ئەمەس،

    داۋانلاردىن ئاتىماق.

     

    دېكلاماتسىيە ئاياغلىشىش بىلەن تەڭ مەكتەپ مەيدانىدا چاۋاك ساداسى ياڭراپ، ھېلىقى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارىغا ھەممەيلەن بارىكاللا ئوقۇشتى. قوچقار پالۋان ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى بۈگۈنكى پائالىيىتىنىڭ ئاشۇنداق مەنىلىك ئۆتكەنلىكىدىن تولىمۇ رازى بولۇشقانىدى.

    - ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

    مەكتەپ مەيدانىدىن قايتىپ، ئۆزلىرى چۈشكۈن قىلغان ياتاققا كەلگەندىن كېيىن ئاشۇ تېمىدا ئۈچەيلەن پاراڭلاشتى. ھىدايى تەكلىپ بېرىپ دېدى:

    - بۇ يەردە بىز بىر مىنۇتمۇ لاغايلاپ يۈرەلمەيمىز. بۈگۈردە نۇرغۇن ئادەم بىزنى كۈتۈۋاتىدۇ، بۇيرۇتمىلارمۇ تەق بولاي دەپتۇ. مەن بۈگۈرگە خەۋەر بېرىشكە ھازىرلا ئاتلىناي، ئىككىڭلار كىيىم-كېچەكلەرنى توپلاپ تەق قىلىپ تۇرۇڭلار.

    قوچقار پالۋان بىلەن ۋاڭ نىياز بۇ پىكىرگە شۇئان قوشۇلدى. ھىدايى بۈگۈرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

     

    5

     

    بۈگۈن بازار كونىسى ئىدى. شەھەرنىڭ رەستە ۋە خالتا كوچىلىرىدا سودا-سېتىق ۋاڭ-چوڭلىرى قۇلاق پەردىسىنى ياراتتى. ئوتۇن بازىرى ۋە مال بازىرىدا يېزا-قىشلاقلاردىن كەلگەن، رەڭگى-رۇخسارلىرىدىن توپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرغان ئەر-ئايال دېھقانلار ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراپ يۈرۈشەتتى. بۈگۈن ئاخشام مەھمۇت سىجاڭ ئاقسۇغا كەلگۈدەك دەيدىغان كوچا پاراڭلىرىمۇ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرەتتى. مەھمۇت سىجاڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن زېرىپقارى ھاجىم  باشلىق كىشىلەرمۇ قەشقەردىن يېتىپ كەلگەنىدى.

    يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچى بەگ-دورغىلىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئالمان-تالمان يۈگۈرۈشۈپ، ساراي-سارايلارنى بوشىتىپ، چۈشكۈن ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاش بىلەن بەند ئىدى. كىيىم-كېچەك، ئېگەر-جابدۇق بۇيرۇتمىلىرىمۇ ھۆكۈمەت ئامبىرىغا توپلىنىپ تەق قىلىپ قويۇلغانىدى.

    ئاخىرى مۆلچەر سائەتلىرىمۇ يېتىپ كەلدى. ئاخشىمى ئەل ئايىغى بېسىققان مەھەلدە سەركەردە مەھمۇت مۇھىتى نەچچە يۈزلىگەن دېھقان پىدائىيلىرى بىلەن بىللە شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەلدى. مۇلازىملار ئۇلارنى ئالدىن ھازىرلاپ قويغان سارايلار ۋە مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. كەچلىك غىزادىن كېيىن ئۇلار دەم ئالدى.

    ئەتىسى سەھەرلىك چايدىن كېيىن يىگىتلەرگە يېڭى تىكىلگەن فورماتلىق كىيىم تارقىتىپ بېرىلدى. ئاندىن چوڭ مەيداندا يىگىتلەر سەپكە تىزىلىپ سەركەردىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىدىن ئۆتتى.

    بۈگۈن بۇ مەيدانغا يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەمدە نۇرغۇن ھۈنەرۋەن-كاسىپلارمۇ ھازىر بولغانىدى. كاسىپلارنىڭ ۋەكىلى بىر پارچە خەتنى كۆتۈرۈپ بېرىپ سەركەردىنىڭ قولىغا سۇندى. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى شۇ نۇقتىغا تىكلىگەنىدى.

    سەركەردە مەزكۇر خەتنى كۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ يېنىدا ئۆرە تۇرغان قوچقار پالۋانغا پىچىرلىدى:

    - بۇ ئىشتىن سىلەر خەۋەردارمۇ؟- سورىدى سەركەردە.

    - شۇنداق، سەركەردە،- دېدى جاۋابەن قوچقار پالۋان.

    مەھمۇت مۇھىتى ئارقىدىن ئەھەد بەگنى قىچقىرىپ سورىدى:

    - ئىشچىلار ۋە كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھەققىنى تېخى بەرمىدىڭلارمۇ؟

    - شۇنداق، ئالىيلىرى، كىم قانچىلىك ئىشلىدى بۇنى ھېسابلاپ چىقىشقا تېخى ئۈلگۈرمەي قالدۇق. ئىش ھەققىنى چوقۇم بېرىمىز.

    ئەھەد بەگنىڭ ھودۇققىنىدىن كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى-دە، بېشىنى ئېگىپ سەركەردىگە ناماقۇللۇق بىلدۈردى.

    مەھمۇت مۇھىتى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئاخىرىدا دېدى:

    - مەنسەپ ئەھلى كىشىنى كۆيدۈرمەسلىكى، باشقىلارنىڭ ھالال ھەققىنى يۇتۇۋالماسلىقى كېرەك. ھارام سىڭمەيدۇ، دەيدىغان گېپىمىز بار، بۇ ئىشنى بىز ئەتە قەشقەرگە يۈرۈپ كەتكۈچە بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لازىم. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟

    - بۇيرۇقلىرىنى بەجانىدىل ئورۇندايمەن، جانابلىرى،- دېدى ئەھەد بەگ قەسەم قىلىپ ۋە ئەپلەپ-سەپلەپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالدى.

    دەل شۇ ئەسنادا، بۇ شەھەردە يېڭىلا قۇرۇلغان «نىيازىيە» ۋە «سادىقىيە» ناملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۈزلىگەن ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلىرى رەڭدار پلاكاتلىرىنى لەپىلدىتىپ ۋە رەتلىك قەدەم تاشلاپ مەيدانغا كىرىپ كېلىشتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىدا قاتار سەپتە تۇرۇپ سەركەردىگە كوللېكتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى غايىبە - مەھمۇت مۇھىتىغا بىر دەستە قىزىلگۈل تەقدىم قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادى - «ئاچىل» ناخشىسىنى جاراڭلىق ئېيتىشقا باشلىدى. بۇ ناخشىنى سەپتە تىزىلىپ تۇرغان پىدائىي يىگىتلەرمۇ قوشۇلۇپ ئېيتىپ مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈۋەتتى. ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن تەشەككۈر بىلدۈردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.