خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(4-باپ يىتىم قېلىش)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:43:26

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى
    (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى


    4- يېتىم قېلىش

     

    يۈ لاۋسىنىڭ خوتۇنى لى مېيزى ئاغىچا تۇل قالدى، ئىككى پەرزەنتى ئاتىسىز قالدى، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن تولىمۇ يىراقتا، يىراقتىكى خوتەن شەھىرىدە مۇساپىرچىلىقتا قالدى. يۈ شۇنچىڭ بەگزادە بىلەن ئۇنىڭ كىچىككىنە سىڭلىسىنى تېخى يېتىم قالدى دېيىشكە بولمايتتى. مېھرىبان ئانىسى لى مېيزى ئاغىچا ھايات ئەمەسمۇ، ئانىسى بار بالىلارنى يېتىم دېيىشكە بولمايتتى. ئەمما، ئاشۇ كىچىك پۇتلۇق، تايتاڭلاپ ئارانلا ماڭىدىغان لى مېيىزى ئاغىچا مەرھۇم يۈ لاۋسىنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ ئەكسىچە يىراقتىكى خۇنەنگە قايتىپ كېتىشنىڭ تەرەددۇتىغا چۈشتى، ئۇ يەتتە ياشلىق ئوغلى بىلەن ئۈچ ياشلىق قىزىنى شاڭجياڭ دەرياسىنىڭ گۈزەل قىرغاقلىرىغا يەتكۈزەلەرمۇ؟
    بەش يىل ئىلگىرىكى جاپالىق سەپەر لى مېيزى ئاغىچىنىڭ ئېسىدە ئىدى، پايانسىز چۆل-جەزىرىسى، چىدىغۇسىز ئىسسىق-سوغۇقى، رەھىمسىز قاراقچى-بۇلاڭچىسى بار ئاشۇ يوللاردىن تۇل خوتۇن ۋە يېتىم ئوغۇلنىڭ ساق-سالامەت، تىنچ-ئامان ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ يوللارنى تىنچ-ئامان بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن زەپەردەس بىر ھامىي بولۇشى، يەنە تېخى چوڭ كارۋان بولۇپ ئۇيۇشقان سەپەرداشلار بولۇشى كېرەك ئىدى. ھامىي بولىدىغان زەپەردەست يىگىت تېپىلدى. تېخى ئۆزى خۇنەنلىك يۇرتداش ئىدى. شاڭ سى ئىسىملىك ئاشۇ يىگىت چىڭ دارىننىڭ خىزمىتىدە يۈرۈپ ئوبدانلا ئەتلىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۇمۇ ئەمدى خۇنەنگە قايتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنىدى، ئۇ لى مېيزى ئاغىچا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن، لى مېيزى ئاغىچىنىڭ ئۆزىگە ياتلىق بولۇشىنى شەرت قىلىپ قويدى. بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنمۇ؟ مەرھۇم ئېرىدىن جۇدا بولۇپ قارلىق تۇتۇۋاتقان لى مېيزى ئاغىچا بۇنى قوبۇل قىلالارمۇ؟ بىچارە مەزلۇمە «ۋاپادار ئايال» بولۇشنى ئويلاپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى شاڭ سى دېگەن يىگىتنىڭ ئالدىدا تەڭقىسلىقتا قالدى. قايتا ياتلىق بولسا «ۋاپادار ئايال» شەرىپىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ياتلىق بولمىسا خۇنەنگە قايتىش ئىشى سۇغا چىلىشاتتى. قانداق قىلىشنى بىلگىلى بولمايتتى، «ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ؟» بىلەن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. خۇنەنگە قايتىشنىڭ ئۈمىدى ئاستا-ئاستا خىرەلىشىپ باراتتى، «ئۆزى يوقنىڭ يۈزى يوق» دېگەن گەپ راست ئىكەن. يۈ لاۋسى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ چۆرىسىدە پىرقىراپ يۈرىدىغان دوست-يارانلىرى ئەمدى ھال-ئەھۋال سوراپ قويۇشتىن باشقىغا ئەسقاتمايۋاتاتتى. خۇنەندىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن چىڭ دارىن يۆتكىلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن شى دارىننىڭ يۈ يىڭخەن لاۋسىنىڭ بالا-چاقىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا ھەپسىلىسى يوق. ئامبال مەھكىمىسىدىن يۈ لاۋسى نامىغا بېرىلىدىغان مائاش-تەمىنات توختىتىلدى. ئەمدى يۈ لاۋسى ھايات چېغىدا يىغقان مال-دۇنياغا قول ئۇزىتىشقا توغرا كېلىۋاتاتتى، «يېتىپ يېسە تاغمۇ توشۇماس». ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، چاڭشاغا قۇرۇق قول قايتىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلاتتى.
    شۇ كۈنلەردە شاڭ سى لى مېيزى ئاغىچىنى پات-پات يوقلاپ تۇردى. بەزىدە قۇچاققا پاتمىغۇدەك سوۋغا-سالاملارنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. بەزىدە قۇرۇق قول كېلىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ لى مېيزى ئاغىچا قورۇغان قورۇمىلارغا ئېغىز تېگىپ ياناتتى. ئەمما، ئۇ ھەرقېتىم كەلگەندە لى مېيزى ئاغچىغا تەكلىپ قويۇشتىن خالىي بولمايتتى. ئالەمچە ۋەدىلەرنى بېرەتتى، خۇنەنگە ئېلىپ كېتىشكە، ئۆمۈرلۈك خىزمىتىدە بولۇشقا، بالىلارنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ بېقىشقا قەسەملەرنى قىلاتتى. «تامچا تېمىۋەرسە تاشنى تېشىدۇ» دېگەن گەپ بارغۇ، لى مېيزى ئاغىچىنىڭ كۆڭلى تاش ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئاستا-ئاستا ئېرىدى. بۇنى كۆڭلى ئېرىش دېگەندىن كۆرە، موھتاجلىقتىن باش ئەگدى دېگەن تۈزۈك. لى مېيزى ئاغىچا خۇنەنگە قايتىشقا، ئۆزىنى خۇنەنگە ئېلىپ كېتىدىغان ھەمراھقا موھتاج ئىدى، ئۇ ئاخىر شاڭ سىغا ياتلىق بولدى. ئەمما، تويدىن كېيىنلا چاڭشاغا قاراپ يولغا چىقىشقا مۇمكىن بولمىدى. يېڭى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇنىڭ جازانىگە تارقىتىلغان بىر تالاي دۇنيالىرى بار ئىكەن، ئاشۇ قەرزلەرنى يىغىۋېلىپلا يولغا چىقىدىكەن. ئەمدى ئائىلە باشلىقى تۇرسا، ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىش مۇمكىنمۇ؟ يولغا چىقىش مۇددىتى كەينىگە سۈرۈلۈۋەردى. ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كېتىۋەردى، يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى بىرقانچە ئادەم كېلىپ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى، ھەتتا گىلەم-پاياندازلارغىچە يىغىشتۇرۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقتى. ساندۇقلاردىكى ئالتۇن-كۈمۈش، تىللا-يامبۇلارنى شاڭ سى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۇلارغا ئۆتكۈزدى. ئەمدى يولغا چىقىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلىغان لى مېيزى ئاغىچا كۆپ ئۆتمەيلا بىلدىكى، شاڭ سى دېگەن بۇ قىمارۋاز يۈ يىڭخەن لاۋسىدىن قالغان بارلىق مال-دۇنيانى ئۇتتۇرۇۋېتىپتۇ. ھەممىسىنى دەتتىكامغا سېلىپ قويۇپتۇ...
    ماۋۇ كېلىشمەسلىكنى كۆرۈڭ، لى مېيزى ئاغىچىنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، بېشىغا تاغ ئۆرۈلگەندەك بولدى. نازۇك نېرىپلار تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى، ئۇنىڭ ھوشىغا كېلىپ بىرىنچى قىلغان ئىشى شاڭ سىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىش بولدى، شۇنداق قىلماي بولمايتتى. تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇل-يېتىم قىزنىڭ رىزقىنى دەتتىكامغا سېلىپ بەرگەن مۇنۇ جەمشىتنىڭ شاگىرتىنى ھەرنېمىلەرنى قىلسا ئەرزىيتتى، ئۇنى خەلقىئالەم ئالدىدا شەرمەندە قىلىش، ئامباللىق قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىپ، جازا بېرىش كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، ئاشۇ قىمارۋازنى ئائىلە قانۇنى دېگەن يەنە بىر قانۇن ياقىلاپ چىقتى، لى مېيزى ئاغىچا شاڭ سىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ، ئۇنى شى دارىننىڭ سوراقخانىسىغا−بۈگۈنكى خوتەن شەھىرى گۈلباغ سودا بازىرىنىڭ ئورنىدىكى داتاڭغا سۆرەپ بارغاندا، ئاشۇ ئائىلە قانۇنى قىمارۋاز شاڭ سىنى ئەمەس، بەلكى بىچارە لى مېيزىنى سوراققا ئالدى، شاڭ سى ئالدىدىن پارا بېرىپ شى دارىن بىلەن كېلىشىۋالغانمۇ ياكى شۇ زامانلاردا ئائىلە قانۇنى ھۆكۈمەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرامدۇ، بۇ ھازىر بىزگە ئېنىق ئەمەس، ئەمما شۇ كۈنى شى دارىن شاڭ سىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، لى مېيزى ئاغىچىنى ئەيىبلەپ كەتتى، ھەممە كىشىمۇ شى دارىن تەرەپتە تۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايال دېگەن ئېرىگە شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك ئىكەن، لى مېيزى ئاغىچا شاڭ سىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ ئائىلىدىكى بارلىق مۈلۈكنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى شاڭ سىدا بولىدىكەن، قانداق خىراجەت قىلىش، نېمىگە ئىشلىتىش يېڭى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدىكەن، قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋەتسىمۇ، ھاراق-شارابقا، سەتەڭ-جالاپقا بۇزۇپ-چاچسىمۇ ئۆز ئىختىيارى ئىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ئارىلىشالمايدىكەن، خوتۇن دېگەن ئېرى بەرگەنگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك ئىكەن... ئۇلارنىڭ يەنە دېيىشىچە، بۈگۈن ھەممىنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ ئائىلىنى كۆك توپىدا قويغان شاڭ سى ئەتە بىر دو بىلەنلا تالاي يامبۇ-كۈمۈش ئۇتۇۋېلىپ ئائىلىنى باي قېلىۋېتەلەيدىكەن. ئائىلىنى باياشات بېقىشقىمۇ، نامرات بېقىشقىمۇ شاڭ سى لاياقەتلىك ئىكەن، لى مېيزى ئاغىچىنىڭ ئائىلە باشلىقىنى سوراقخانىغا سۆرەپ كېلىشى ئېرىگە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك، ئائىلە قانۇنىغا خىلاپ ئىكەن، كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئىكەن. ئېغىر جازالارغا تارتىلىشقا لايىق ئىكەن...
    سوراقنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى: ئېرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان لى مېيزى ئاغىچا «كەڭچىلىك بىلەن» بىر تەرەپ قىلىنىپ، پەقەت 30 پالاقلا ئۇرۇلۇشقا ھۆكۈم قىلىندى. خوتۇنىنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان شاڭ سى يەنىلا كەڭ قورساقلىق قىلىپ، خوتۇنىنى پالاق ئۇرۇش جازاسىدىن تىلىۋالغان بولدى. لېكىن، بۇ چاغدا لى مېيزى ئاغىچا ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ھوشىدىن كېتىشى پالاق جازاسىدىن قورققانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىكنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن ئىدى، ئۇ شى ئامبالنىڭ ئاشۇ ھۆكۈملىرىنى پۈتۈنلەي ئادالەتسىزلىك دەپ قارايتتى...
    ئەر دېگەن خوتۇنغا، ئائىلىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشى كېرەك، شاڭ سىدا يەنە ئازراق ئىنساپ ۋە ئىگىدارچىلىق تۇيغۇسى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى كۆزلىگەن ھېلىقى يۈ لاۋسىدىن قالغان بايلىقلارغا ئېرىشكەن، ئۇنى بۇزۇپ-چېچىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئائىلىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تاشلاپ كېتىشنى لايىق كۆرمىدى.
    شۇڭا، ئۇ ھوشىدىن كەتكەن لى مېيزى ئاغىچىنى مەپىگە سېلىپ ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلدى. يۈزىگە سۇ سېپىپ، بۇرنىغا نېمىنىدۇر پۇرىتىپ ھوشىغا كەلتۈردى. لى مېيزى ئاغىچىنىڭ قارا قاتتەك كۆزلىرى نامەلۇم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالغانىدى. قەلبىدە ئاجايىپ بىر تۇيغۇلار غەليان كۆتۈرەتتى. ئاشۇ تۇيغۇلار ئىچىدە غەزەپ-ئاچچىقمۇ، پۇشايمان-نادامەتمۇ، ئاجىز-بىچارىلىكمۇ، ھاياتتىن بېزىش-ئۈمىدسىزلىكمۇ ھەممىسى بار ئىدى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاشۇ بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ھالىتىدە ياتتى. ھېچنېمە يېمىدى، ھېچنېمە ئىچمىدى، ئۇ شۇ ياتقان پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما، ئۆلمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى، لى مېيزى ئاغىچا ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئورنىدىن تۇرۇپ تايتاڭلاپ مېڭىپ، ئۆينىڭ نەلىرىدىندۇر ئاختۇرۇپ شاڭ سىنىڭ ئەپيۈنلىرى بىلەن ئەپيۈن چېكىدىغان غاڭزىسىنى تاپتى، قاشتېشى غاڭزىنى يەرگە ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىپ تاشلىدى، ئەپيۈننى گۈلىدەك، قاقتەك ئۈزۈپ ئاغزىغا سېلىشقا باشلىدى، بەزىسىنى چايناپ يۇتۇۋەتتى، بەزىسىنى چاينىمايلا يۇتۇۋەتتى، شاڭ سى كەچتە نەلەردىندۇر قايتىپ كەلگەندە، لى مېيزى ئاغىچا ئاللىقاچان ھوشىنى يوقاتقان، ئوڭ-تەتۈر ۋارقىراپ ياتاتتى، ۋارقىراشلىرىدا تولاراق بالىلىرىنى تىلغا ئالاتتى، قولۇم-قوشنىلار يىغىلغانىدى، ئۇ چاغدىكى خوتەندە نەدىمۇ دوختۇرخانا-شىپاخانا بولسۇن؟ نە جۇڭگوچە داۋالايدىغان تېۋىپ بولسۇن؟ ئەمما، تەجرىبىلىك ئادەملەر ھەرھالدا تېپىلاتتى، كىمدۇر بىرى ئەپيۈن يەۋالغان ئادەمنى سۈت بىلەن يۇيۇپ داۋالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە كىمدۇر بىرى كىگىز-پايتىمىلارنى كۆيدۈرۈپ ئىسىلسا ساقىيىدىغانلىقىنى دېدى، قۇلاق ئاڭلىغان ھەممە چارىلەر قىلىپ كۆرۈلدى. يەنە تېخى يەرلىك تېۋىپمۇ چاقىرىپ كېلىندى، يوغان سەللىلىك، ئۇزۇن ساقاللىق تېۋىپ ئەپيۈن يەۋالغۇچىغا تەرياق يېگۈزدى، ئەمما ھېچقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، ئۆلۈشنى نىيەت قىلغۇچى ئەپيۈننى خېلىلا كۆپ يەۋالغانىدى. تەرياقنىڭ كۈچى يەتمىدى...
    كېيىنكى كۈننىڭ يېڭى تاڭى ئېتىۋاتقان چاغدا، شورپېشانە لى مېيزى ئاغىچا ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى، ئۇ جان ئۈزگەنىدى. ئەمما، قاراقاتتەك كۆزلىرى يەنىلا ئوچۇق ئىدى.
    يۈ يىڭخەن خەلپەتمۇ، لى مېيزى ئاغىچىمۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ھايات ئۈمىدىدە يېنىپ، چىڭ دارىننىڭ چېگرا رايوننى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خوتەنگە كەلگەن تىرىشچان ئادەملەر ئىدى. ئەمما، ئۇلار ئالتە-يەتتە يىل ئىچىدىلا ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى «ياخشىغا كۈن يوقمۇ؟» دېگەن بىر سوئالنى قالدۇرۇپ كەتتى، چىڭ دارىن ۋە شاڭ سىلار پاتقان ئالەمگە يۈ يىڭخەن خەلپەت ۋە لى مېيزى ئاغىچىنىڭ پاتماسلىقى ئادەمدە ئەنە شۇنداق گۇمان پەيدا قىلاتتى. ئەمما، كىمنىڭ بۇرۇن كېتىشى، كىمنىڭ كېيىن كېتىشى پۈتۈنلەي قازايى-قەدەر تەۋە ئىش بولۇپ، بەندىنىڭ بۇنى بىلەلىشى ۋە ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    لى مېيزى ئاغىچىمۇ يۈ يىڭخەن خەلپەتكە ئوخشاشلا بۈگۈنكى خوتەن شەھەر گۈلباغ سودا بازىرىنىڭ شىمالىدىكى سىتاڭ (قەبرىستانلىق) غا دەپنە قىلىندى، كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇ يەرنى تۈزلەپ باغ-بازار، ئۆيلەر بىنا قىلدى، ۋەھالەنكى بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى كولىۋېتىش ئەمەس، يۈ يىڭخەن خەلپەت ۋە لى مېيزى ئاغىچا يەنە ئۇزۇن يىللارغىچە ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ قەلبىدە ياشايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.