قارا كىتاب 6

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:17:44

قارا كىتاب6 ئورخان پامۇكگۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسىبۇ قارا رەڭلىك كادىلاك بېيرۇللۇق بىر ئادەمنىڭ يادىكار ماشىنىسى. ( مەن مۇشۇ ‹لۈكچەك› دېگەن گەپنى پەقەتلا ئېغىزىمدىن چىقىرالمايدىكەنمەن)، 3...

     


    قارا        كىتاب
    6

       ئورخان پامۇك
    گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى 

     

    بۇ قارا رەڭلىك كادىلاك بېيرۇللۇق بىر ئادەمنىڭ يادىكار ماشىنىسى. ( مەن مۇشۇ ‹لۈكچەك› دېگەن گەپنى پەقەتلا ئېغىزىمدىن چىقىرالمايدىكەنمەن)، 30يىل مۇقەددەم، مەن تېخى بىر سويما مۇخبىر ۋاقتىمدا، ئۇنىڭغا ئائىت ھېكايىلەرنى يازغانىدىم. ئۇنىڭ بىر چۈشكۈنلەشكەنلەر كىشىلەر توپلىشىپ يىغىلىدىغان ئۇۋىسى بار ئىدى. ئۇ يەردە تامغا ئېسىلغان ئىستامبۇلنىڭ كوچا مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ئىككى پارچە رەسىمنى مەن تولىمۇ ياقتۇراتتىم. ئۇنىڭ قارا رەڭلىك كادىلاكىغا ئوخشايدىغان ماشىنىدىن پۈتۈن ئىستامبولدا پەقەت ئىككىسىلا بار ئىدى. بىرى، تۆمۈر يول ماگىناتى دادلۇن، يەنە بىرى بولسا تاماكا سودىگىرى، گىگانت باي مارۇف ئىدى. بىزنىڭ بۇ ئاكىمىز ( بىز مۇخبىرلار ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنى رىۋايەتلەردىكى كىشىلەردەك قىلىپ تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى بىر يۈرۈش يېزىپ تاماملاپ، بىر ھەپتە ئۇدا ئېلان قىلدۇرغانىدۇق). يېرىم كېچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ ئاشنىسىنى ئېلىپ، قارا رەڭلىك كادىلاكىنى ھەيدىگىنىچە ئۇدۇل بوسپۇرۇس بوغۇزىغا كىرىپ كەتكەنىدى. بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۆپ مىقداردا نەشە چەككەچكە، نېرۋىلىرى ھەددىدىن ئارتۇق ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە شۇنداق بولغانمىش، ياكى بولمىسا جېنىدىن تويغانلارنىڭ تىك قىيالاردىن سەكرەپ ئۆتكىنىنى دوراپ شۇنداق قىلغانمىش، ئۇنىڭ قارا رەڭلىك كادىلاكىنى سۇغا چۆككۈچىلەر بىر ھەپتە ئۇدا ئىزدەپمۇ ھېچقانداق دېرىكىنى قىلالمىغانىدى، گېزىتخانىدىكىلەرمۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ بۇ ئىشلارنى ناھايتى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىشتى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، مەنچە ھازىر مەن ئۇ ماشىنىنىڭ نەدىلىكىنى تاپالايمەن.

      ئۇ چوقۇم شۇ يەردە. ئۆتمۈشتە بوسپۇرۇس بوغۇزى دەپ ئاتالغان، شۇ يېڭى ھاياتلىققا تولغان تاغ جىلغىسىنىڭ چوڭقۇر جىلغا ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ تاغ جىلغىسىنىڭ چوڭقۇر ھاڭ يانلىرىدا قىسقۇچ پاقىلار ئۆي قىلىپ ئورۇنلىشىپ بولغان، بۇنىڭدىن 700 يىل ئىلگىرىكى نەچچە پاي ئاياقلار ئۆز جۈپىنى تاپالماي يەكپاي تۇرۇشقانىدى، يەنە تۆگىنىڭ ئىسكىلىتلىرىمۇ، ئىچىگە كىمنىڭدۇر بىر سۆيگىنىگە يازغان خەتلىرى بىلەن تولغان ئەينەك بوتۇلكىمۇ تۇراتتى، تۆۋەندىكى دۆڭلۈك بولسا پۈتۈنلەي دېڭىز بۇلۇتى ۋە مىتىلۇس قۇلۇلىسى بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئارىسىدىن بەزى بەزىدە ئالماس، ھالقا، ئىچىملىك بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزى ۋە ئالتۇن زەنجىرلەرنىڭ ۋال-ۋۇللىرىمۇ كۆرۈنۈپ قالاتتى. تاغ جىلغىسىنىڭ ئاستىدا، ماشىنىغا يىراق بولمىغان يەردە، چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ يالغۇز بىرئايرىمخانىسىدا، ۋاقىتلىق قۇرۇلغان بىر خىروئېن تەجرىبىخانىسى بار ئىدى، يەنە ئازراق ماڭسا، بىر ئارالچاق بولۇپ، تۇڭ-تۇڭلاردىكى سۇ ئارىلاش قان توختىماي چىقىپ تۇرغان، چانالغان ئات ۋە ئېشەك گۆشلىرىدىن ياسالغان ئەتكەس قىيزىلار بۇ يەردىكى ھەممەيەرنى قاپلاپ كەتكەن ئويىستىر قۇلۇلىسى بىلەن دېڭىز قۇلۇلىسىنى غىزا بىلەن تەمىنلەۋاتقانىدى.

      مەن ئۆزۈمنى چەكسىز تېنچ تۇتۇپ ماشىنىنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتاتتىم. زەھەرگە تولغان زۇلمەت ئىچىدە، ماشىنىنىڭ كاناي ئاۋازىنىڭ ھازىرقى دېڭىز تاش يولى دەپ ئاتىلىدىغان يول تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ يولدا بەلكىم ھېلىھەم كاناپ تاغارنىڭ ئىچىدە تۈگۈلۈپ ياتقىنىچە دېڭىزغا تاشلانغان شۇ ئىسيانكارلارنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن؛ مەن يەنە بەلكىم پۇتلىرىغا تۆمۈر كىشەن-زەنجىرلەر سېلىنغان، قوللىرىدا كىرىست تاختىلىرىنى چىڭ تۇتۇشقان پىراۋوسلاۋىيە دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئۇچرىتىشىم مۇمكىن. ئەنگىلىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پىرىسكوپىدىن تۇرخۇندىن چىققاندەك كۆكۈچ ئىس چىقىۋاتقان ۋاقىتتا، (بۇ سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى، ھەربىي قىسمىمىزنىڭ بىر قىسىم  ئارمىيە-ئەسكەرلەرنى داردانېل بوغۇزىغا ئېلىپ ماڭغان چىشلىق چاقلىق پاراخوتىنى چۆكتۈرۋېتىش ئىدى، ئەمما بۇ پاراخوتنىڭ پىرقىرىغۇچى بېلىقچىلارنىڭ ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن بېلىق تورىغا ئىلىشىپ، مۇخلار بىلەن قاپلانغان تاشلارغا سوقۇلۇپ كېتىپ بەخىتكە قارشى ئۆزى دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتكەنىدى)، مەن ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئازادە ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ بولۇشقانىدى. (لېۋىرپول كېمە ياساش زاۋۇتىدا ياساپ پۈتكەن)، ئۇلار فار-فور ئىستاكانلاردا چۈشلۈك چېيىنى ئىچىشىدۇ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ يۇمشاق كىرىسلولىرىدا ئولتۇرىشىدۇ. بۇ ئورۇندۇقتا، ئەينى ۋاقىتتا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ نەپەس ئېلىۋاتقان ئەنگىلىيىلىك ھەربىي قومانداننىڭ ئاقىرىپ كەتكەن ئىسكىلىتى ھېلىھەم شۇ پېتى ئولتۇرماقتا.

    قاش قارايغان چاغ، يەنە ئالدىغىراق ماڭسا، كارس، ۋېليامنىڭ ئۇرۇش كېمىلىرىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان داتلىشىپ كەتكەن لەڭگەرلىرى، دەل شۇ يەردە بىر دانە تېلىۋېزورنىڭ يېنىپ-ئۆچۈپ تۇرغان ئېكرانى ماڭا كۆز قىساتتى. مەن بۇيەردەچەنىۋەنىڭ بەزىبىر ئېشىپ قالغان ھارام مال خەزىنىلىرىنى بايقىدىم. قارا پاتقاق توشۇپ كەتكەن قىسقا قىسقا سىتىۋوللۇق زەمبىرەكلەر، ھەرخىل پورتېرت ھەيكەللىرى، ئاللىبۇرۇن يوقالغان قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى ئۇيۇلغان ئويما سۈرەتلەر، چوققىسىدا كۆيۈپ كەتكەن لامپۇچكىسى سېلىقلىق، سېرىق مىستا شاخسىمان ياسالغان ئاسما چىراق؛ داۋاملىق تۆۋەنگە مېڭىپ، سازلىقنى كېچىپ، قىيا تاشنى ئايلىنىپ ئۆتكەندە، مەن پاراخوتتىكى قۇللارنىڭ ئىسكىلىتلىرىنى كۆردۈم. ئۇلار كېمە پالاقلىرىغا قاتار باغلانغان بولۇپ، كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىككىنىچە تېنچ ئولتۇرىشاتتى. مەن بەلكىم دېڭىز چۆپلىرىدە ئېسىلىپ تۇرغان مېدالىيون، كۆزەينەك ۋە كۈنلۈكلەرگە ئانچە دىققەت قىلماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما مەن گەرچە چۆچۈپ تۇرساممۇ يەنىلا ئەجەبلەنگىنىمچە تولۇق قوراللانغان كىرىست ئارمىيىسىنىڭ ئاتلىق ئەسكىرىگە، جابدۇقلىرى تولۇق، ھەشەمەتلىك بۇ ئات ئىسكىلىتىنىڭ يەنىلا جاھىللىق بىلەن مەزمۇت ھالدا تىك تۇرغانلىقىغا سىنچىلاپ قارايمەن، مەن يەنە ۋەھىمە ئىچىدە شۇنى بايقايمەنكى، پۈتۈن بەدىنى دۇبۇلغا-ساۋۇت ۋە ئوردېن-مېداللار بىلەن تولغان، قۇلۇلە قاپلىرى ھەممىلا يېرىگە چاپلىشىپ كەتكەن كىرىست ئارمىيە ئەسكىرى ئىسكىلىتىنىڭ قارا كادىلاكنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتاتتى.

    ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلىغىنىمچە، خۇددى بۇ ئەسكەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىۋاتقاندەك، ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن كادىلاكقا يېقىنلاشتىم، تاسادىپىي، نەدىن كەلگەن فوسفۇر نۇرىكىن تاڭ، ماشىنا گەۋدىسىنى بىلىنەر-بىلىنمەس يورۇتتى. مەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى سىناپ باقتىم. ئەمما، مېتىلوس قۇلۇلىسى ۋە دېڭىز كىرپىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئورىلىپ كەتكەن ماشىنىغا چىقىشىم مۇمكىن بولماي قالدى. يېشىلغا مايىل ماشىنا ئەينەكلىرىمۇ قېتىپ كەتكەن بولۇپ، قىمىر قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن يانچۇقۇمدىن سىياھ قەلىمىمنى ئېلىپ، قەلەمنىڭ كەينى بىلەن ماشىنا دېرىزىسىگە بىر قەۋەت پۈتۈنلەي چاپلىشىپ كەتكەن يېشىل رەڭلىك مۇخنى ئاستا-ئاستا قىرىپ چۈشۈرۈشكە باشلىدىم.

       يېرىم كېچە، بۇ كىشىنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان ۋەھىمىلىك زۇلمەت ئىچىدە، مەن بىر تال سەرەڭگە ياندۇردۇم، بۇ چاغدا، مەن ھېلىقى ئاكىمىز بىلەن ئاشنىسىنىڭ قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈۋاتقان ئىسكىلىتىنى كۆردۈم، ئاشنىسىنىڭ ئىنچىكە بىلەك ۋە بارماقلىرىدا ھېلىھەم بېلەيزۈك ۋە ئۈزۈكلەر تاقاقلىق ئىدى، ئاكىمىز بىلەن ئىككىسى چىڭ قۇچاقلاشقان بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك بىرنۇر بۇلارنى غۇۋا يورىتىپ تۇراتتى. بۇ ئالتۇن رەڭلىك نۇر كىرىست ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ ئالتۇن رەڭ ساۋۇت دۇبۇلغۇسىدىن تارقىغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ نەپىس رول تەخسىسىنى، مۇساپە سائىتىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىڭەكلىرىلا ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈپ جىپسىلاشقان بولماستىن، بەلكى پىشانە سۆڭەكلىرىمۇ بىر-بىرىگە كىرىشىپ مەڭگۈلۈك ئايرىلماس، بىرتەن بىر جان بولۇپ كەتكەنىدى.

      ئارقىدىنلا، مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ شەھەر چىراقلىرى يېنىپ تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، سەرەڭگىنى قايتا ياقمىدىم. كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىدىم، ھالاكەتلىك پەيتلەردە، بەلكىم شۇنىڭ ئۆزى ئۆلۈمگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى چارە بولىشى مۇمكىن. مەن ئازابلانغىنىمچە غايىبتىكى سۆيگۈنۈمگە ۋارقىراپ تۇرۇپ خىتاب قىلدىم: مېنىڭ روھىم، مېنىڭ سۆيگۈنۈم، مېنىڭ غەمكىن مەھبۇبەم، ئاپەتلىك كۈنلەر قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالدى، مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل، مەيلى سەن قەيەردىلا بول، بەلكىم ھەن تۈتەك قاپلىغان بىر ئىشخانىدىسەن، ياكى پىيازنىڭ پۇرىقىغا تولغان ئاشخانا، ھەرخىل پۇراقلىق ماتىرىياللار قوشۇلغان سوپۇنلار بىلەن يۇيۇلغان كىرلەرگە تولغان ئۆيدە، قالايمىقان كۆك رەڭلەرگە تولغان ھۇجراڭدا بولۇشۇڭ مۇمكىن. مەيلى سەن قەيەردىلا بول، ئەمدى ۋاقتى كەلدى. مېنىڭ يېنىمغا چاققان قايتىپ كەل. بۈگۈن دەل بىزنىڭ ئۆلۈمىمىزنى جىمجىت كۈتىدىغان كۈنىمىز، كەلگىن، بىز بارلىق كۈچ-قۇدرىتىمىز بىلەن قۇچاقلىشايلى، غېرىبلىققا تولغان شۇ قاراڭغۇ ئۆيدە، بىز پەردىلەرنى چۈشۈرەيلى! كۆزىمىز ئامال بار شۇ ۋەيرانچىلىققا تولغان ئاپەتلەرنى كۆرمىسۇن!!!

     

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمى قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.