نېلسون.ماندېلا 1993-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-28 12:06:36

نېلسون ماندىلا1993-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىجەنۇبىي ئافرىقا( -1918)نېلسون رولىخلاھلا ماندېلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسىكىي رايونىدىكى قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدە...



     

    نېلسون ماندىلا

    1993-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    جەنۇبىي ئافرىقا

    ( -1918)

    \

    نېلسون رولىخلاھلا ماندېلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسىكىي رايونىدىكى قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952-يىلىدىن 1956-يىلغىچە يوھاننىسبۇرگدا تىجارەتچى ئادوۋكات بولغان. 1961-يىلى ئۇ ئىشىچلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاق تەنلىك ئىرقزىملارنىڭ قۇرغان «جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرغان ۋە ئېتىراز بىلدۈرگەن. كېيىن يەر ئاستى قوراللىق كۈرەشكە قاتنىپ، ئافرىقا دۆلىتى چوڭ رەھبەرلىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار تەشكىلى «مىللەتلەر زىددىيىتى»نىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1962-يىلى 8-ئايدا ماندېلا تۈرمىگە چۈشۈپ قالغان. 1990-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكىرلىرى بېسىمى ئاستىدا، ماندېلانى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى 3-ئايدا، جەنۇبىي ئافرىقا باش ئىجرائىيە كومېتىتى تەرىپىدىن مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىنىپ، باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغان بولغان. 1991-يىلى 7-ئايدا، جەنۇبىي ئافرىقا باش رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1994-يىلى 5-ئايدا ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر پىرىزدېنتى بولۇپ سايلانغان. 1997-يىلى 12-ئايدا، ماندېلا بۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، 1999-يىلى 6-ئايدىكى پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە 1999-يىلى 6-ئايدا بۇ ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بەرگەن. داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەركىنلىك يولى ئاستا-ئاستا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: ماندېلا ۋە دېكىلارېك جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقى كەمسىتىش تۈزۈلمىسىنى يوقىتىش، جەنۇبىي ئافرىقىدا دېموكراتېك ھاكىمىيەت قۇرۇشقا ئاساس سالغان.

     

    ئىرقچىلىقنى تاشلاپ، ئىناق كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچايلى

    1993-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

    پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، ھۆرمەتلىك نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، ھۆرمەتلىك ۋەزىر جانابلىرى، ھۆرمەتلىك قەبىلە باشلىقلىرى، ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە دېپلوماتىيە ئۆمىكى ئەزالىرى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى دېكلارېك ئەپەندىم، ھۆرمەتلىك مېھمانلار، دوستلار، خانىملار، ئەپەندىملەر:

    مەن چىن كۆڭلۈمدىن نورۋىگىيە نوبېل مۇكاپاتى ھەيئەت كوممېتىتىنىڭ بۇ مۇقەددەس شان-شەرەپنى ماڭا بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

    مەن يەنە مۇشۇ پۇرسەتتە مەن بىلەن بىللە بۇ مۇكاپاتتىن بەھىرلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پىرىزدېنتى دېكلارېك ئەپەندىمگە سەمىمىي تەبرىكىمنى بىلدۈرىمەن. شۇ تاپتا، دېكلارېك ئەپەندىممۇ مۇشۇ يەردە بۇ يۈكسەك شان-شەرەپتىن ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپتۇ.

    مۇشۇنىڭ  بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىشى ئاپىرىن ئوقۇيدىغان مۇنۇ ئىككى يول باشلىغۇچىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچىمەن. ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن رەھبىرىمىز ئالبېرت جون لۇتۇلى ۋە ئۇنىڭ مېھرىبان ئارخېئېپوسكوپى دېسمون تۇتۇ. جەنۇبىي ئاارىقا خەلقىنى ئىرقى ئايرىشتىن ئىبارەت جىنايەتلىك تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا، بۇ ئىككىيلەن زوراۋانلىق قىلماسلىق ۋاستىسى ۋە تېنچلىق ئىدىيىسى، تېنچلىق ئەمەلىيىتى بىلەن تېنچلىقنى سۆيىدىغان ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىنتايىن زور ئىلھام-مەدەت بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، نوبېل كومېتىتىنىڭ بەرگەن تېنچلىق مۇكاپاتىنى ئىنتايىن ھەق دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

    مۇبادا مەن يەنە بىر قالتىس بولغان نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىنى تىلغا ئالسام، تۆۋەندە ئولتۇرغانلار بۇنىڭدىن ھەرگىز ھەيران بولمايسىلەر، ئۇ بولسىمۇ جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ رەھبىرى، ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن، رېۋ، مارتىن. لۇتىر.كىڭ!

    مارتىن. لۇتىر كىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى زوراۋانلىق قىلماسلىق ۋاستىسى بىلەن بىز جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى ھەر كۈنى يۈزلىنىپ تۇرۇۋاتقان، بىزنى چەكسىز ئازابلايدىغان ئىرقى كەمسىتىش بىلەن بولغان كۈرەشكە ئاتىغان، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن كارامەت تۆپىلەرنى قوشقان، ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ يولدا قۇربان بولغان.

    مەن بۇ يەردە يەنە ئۇرۇش بىلەن تېنچلىقنى، زوراۋانلىق بىلەن تېنچ يولنى، ئىرقچانلىق بىلەن ئىنسان غۇرۇرىنى، ئېزىش ۋە ھوقۇق تارتىۋېلىش  بىلەن ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنى، نامراتلىق بىلەن بايلىقتىن ئىبارەت پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان ئىككى تەرەپ دۇچ كېلىۋاتقان كۈرەشنى تىلغا ئالماقچىمەن.

    بۈگۈن، مەن بۇ يەردە تۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ــــ بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى ئۇرۇش، زوراۋانلىق، ئىرقچىلىق، ئېزىش، ھوقۇق تارتىۋېلىش ۋە جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلاشتۇرۇش ـــ قارشى كۈرەش قىلالىغان نەچچە مىليونلىغان جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىگە ۋەكىل بولماقتىمەن.

    \

    بۈگۈن، مەن بۇ يەردە تۇرۇپ، يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى ئارىسىدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان، ئىرقى ئايرىمىچىلىققا بولغان ھەرىكەت، ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتقا ۋەكىل بولماقتىمەن. بۇ ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزغا قوشۇلۇپ كېلىشى ھەرگىزمۇ بۇ جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ھەرگىزمۇ جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى بىلەن قارشىلىشىش ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىزگە قوشۇلۇشى پەقەت نائەھلى بولغان شۇنداق ئىجتىمائىي تۈزۈمگە  قارشى تۇرۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىنسانپەرۋەرلىككە قارشى بولغان بۇنداق ئىرقى كەمسىتىش جىنايىتىگە خاتىمە بېرىش.

    بىز ۋەكىل بولۇۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقا ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سان-ساناقسىز كىشىلەر، ئۆزلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئەتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل مەنىۋىي كۈچى بىلەن، ھەققانىيەتسىزلىك ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار، بىر ئىنساننى ئازابلاش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازابلىغان بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىرلىشىپ جەمئىيەت ئادىللىقىنى ۋە ئورتاق بولغان ئىنسانىيەت ئەخلاقىنى ھىمايە قىلىشىمىز كېرەك.

    شۇ كىشىلەرنىڭ قەيسەرلىكى ۋە يىللار بويى قەتئىي بوشاشماسلىق ئىرادىسى  بولغاچقىلا، بىز بۈگۈن مانا مۇشۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ئىنسانىيە غەلبىسىنىڭ بىرىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولماقتىمىز.

    بەلگىلەنگەن شۇ پەيتلەر يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە بىر قېتىم يىغىلىپ، پۈتۈن قەلىبلەر خوشاللىققا چۆمگەن ھالدا ئورتاق غەلبىمىزنى، بىزنىڭ ئىرقچىلىق، ئىرقى ئايرىمىچىلىق سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىمىزنى تەبرىكلىمەكتىمىز.

    ئاشۇ غەلبە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ، پوتۇگالىيە جاھانگىر ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ 500 يىلغا سوزۇلغان مۇستەملىكە تارىخىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇردى.

    بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ غەلبە بىزنى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئالدىغا قاراپ چوڭ قەدەم بېسىشقا ئۈندىدى.  بۇ غەلبىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، دۇنيا خەلقىنىڭ ئىرقچىلىق كۈرىشى بىلەن قىلغان ئورتاق قەسىمىنى ئەمەلىلەشتۈردى. مەيلى ئىرقچىلىق قەيەردە پەيدا بولسۇن، قانداق شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

    ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدا، تولىمۇ ئېسىل بولغان شان-شەرەپ بىنا قىلىنماقتا، بۇ تەڭدىشى يوق قىممەتلىك مۇكاپات ئاشۇ، ئىنسانپارۋەرلىكنىڭ نام ئاتىقى ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتتە قىينالغان، مۇقەددەس بولغان ئىنسان ھۇقۇقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى، خاتىرجەملىكىنى، ئىنسانىي ئىززىتىنى ۋە ئۆز تۇرمۇشىنى قۇربان قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بىنا قىلىنماقتا.

    بۇ مۇكاپاتنىڭ قىممىتىنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ قىممىتى ھەم ياقۇتلار قۇيۇلغان مېدالىيونلاردا ـــ بۇنداق ياقۇتلار بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئايىقى تەگكەن ھەم بىزنىڭ ئاياغ ئاستىمىزدىكى شۇ مۇقەددەس تۇپراق ئاستىدىدۇر ـــ ئەمەس، ۋە ياكى بۇ مېدالىيونلارنى ياساشتا ئىشلەتكەن كەم ئۇچرايدىغان مېتاللاردا ئەمەس.

    بۇ مۇكاپاتنىڭ قىممىتى پەقەتلا پەرزەنتلەرنىڭ ھەمدە جەمئىيەتتىكى ئاشۇ بۇرۇن ئوڭايلا ئازابلاشلارغا ئۇچرىغان شۇ ئاممىلارنىڭ كۈلكىسى ۋە بەخت-پاراۋانلىقى بىلەن، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بىلەن ئۆلچىلىنىدۇ.

    ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بالىلار جەنۇبىي ئافرىقا ئېگىزلىكلىرىدىكى ئوتلاقلاردا خوشال ھالدا كۈلۈشۈپ ئوينايدۇ، ئەمدى ئۇلار توختىماستىن ئاچارچىلىقنىڭ قىينىشىغا ئۇچرىمايدۇ، كېسەللىك ئازابىنىڭ قىينىشىغا ئۇچرىمايدۇ. ئەمدى ئۇلار بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتمايدۇ، ئەمدى ئۇلار پاراكەندىچىلىكنىڭ قامچىلاشلىرىغا ۋە خورلاشلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز يېشىدىننەچچە ھەسسە ھالقىغان شۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى زورلاپ قىلدۇرۇشقا ئۇچرىمايدۇ.

    مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھۆرمەتكە سازاۋەر مېھمانلارنىڭ ئالدىدا، مەن بۇ يېڭى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دۇنيا بالىلار ھاياتى، قوغدىلىشى ۋە تەرەققىيات خىتابنامىسى»دىكى بارلىق بەلگىلەنگەن نىشانلار ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزدنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىمەن.

    باشقىلارنىڭ مۇقەددەس بولغان ئىنسانىي ئىززىتىنى ھاقارەت قىلغان شۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ـــ بۇنداق كىشىلەر دۇنيادىكى بىر قىسىم ئادەملەرنى خوجايىن، بىر قىسىم كىشىلەرنى قۇل دەپ ئاتاپ، دۇنيادىكى ھەممە كىشىلەرنى يېمەكلىك ئوۋلىغۇچىلارغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. بۇ ئوۋلىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىنى باشقىلارنىڭ نابۇتلۇقىنىڭ ئۈستىگە قۇرىدۇ.

    بىز تەڭ بەھىرلىنىدىغان بۇ مۇكاپاتنىڭ قىممىتى باشتىن-ئاخىر ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغان، باشقىلارغا بەخت ۋە تېنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان كۈچ بىلەن ئۆلچىلىنىشى كېرەك، چۈنكى قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەرنى بىر ئىرقلاشتۇرۇش ـــ ئىنسانىيەتلەشتۈرۈش ـــ نىڭ ئومۇمىي ئىنسان تەبىئىتى بىزگە شۇنى دېدىكى، بىز ھەممىمىز خۇددى جەننەتتىكى ئېرەم باغلاردا يۈرگەن بالىلارغا ئوخشاش خوشال ئۆتىشىمىز كېرەك.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيا بىزنىڭ. چۈنكى بىز شۇنداق بىر جەمئىيەت بەرپا قىلالاتمىز. بۇ جەمئىيەت شۇنى ئېتىراپ قىلىدۇكى، بارلىق ھاياتلىق باراۋەر، ھەممىسنىڭ ھەرخىل ياشاش ۋاستىسىنى تاللاش ھوقۇقى بار ـــ ئەركىن، باياشات، ئىنسان ھۇقۇقى ۋە ئەلا بولغان ھۆكۈمرانلىق.

    بۇ جەمئىيەتتە، ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ۋىجدانىي جىنايەت، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنىش چەكلىنىدۇ.

    بۇ جەمئىيەتتە، ھەرگىزمۇ ھوقۇق تالاشقۇچىلار ـــ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن، كىشىلەرگە ئېيتالمايدىغان نىشانلىرى ئۈچۈن پۈتۈن خەلقنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ ـــ نىڭ تېنچلىقنى ئىسلاھات قىلىش يوللىرىنى توساشتەك ئەھۋاللىرى ئەمدى كۆرۈلمەيدۇ.

    سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن بىرما ھاكىمەت بېشىدا تۇرغانلارغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. چۈنكى ئۇلار بىزگە ئوخشاش نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ھەدە-سىڭلىمىز ئاھۇڭ سان سۇنكىينى ھەمدە ئۇنى سايلىغان ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان، تولىمۇ جىددىي بولغان سۆھبەتتە بىرما خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىگەن كىشىلەرنى ئازاد قىلدى.

    بىرما خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، بىز مۇشۇنداق قىلالايدىغان ھوقۇقى بار ياكى كۈچى بار كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي ھەدە-سىڭلىمىز  بولغان ئاھۇڭ سان سۇنكىينى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز.

    جەنۇبىي ئافرىقا سىيسىي دائىرىلىرى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىشقا، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇشقا ئۇستا. ئەمما بىز ئۇنداقلار بىلەن سىغىشالمايمىز. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نوبېل مۇكاپاتى كوممېتىتىدىكى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە مەن بىلەن بىر نۆۋەتلىك نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى دېكلارېك ئەپەندىمگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    چۈنكى، ئۇنىڭدا، ئىرق ئايرىمچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق چوڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇدەك مەردانىلىك بار.

    ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن، ئۇ بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپلا قالماي، بەلكى قۇبۇل قىلدى: ئۇ پۈتۈن جەنۇبىي ئافرىقا خەلقنى باراۋەر بولغان قاتناشقۇچى قىلىپ، تېنچ بولغان سۆھبەت ئارقىلىق، بىرلىكتە قايسى خىل سىياسەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشتى.

    ئەمما، مېنىڭ دۆلىتىمدە، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر خاتا ھالدا، ۋاقتى ئۆتكەن شۇ قائىدە-مەسلەكلەر ۋە چىرىك شۇ ئىدىيىلەر ــــ بۇ مەسلەك ۋە ئىدىيىلەرنىڭ زىيىنىلا بار پايدىسىنىڭ يوقلۇقى ئاللبۇرۇنلا ئىسپاتلىنىپ بولغان ـــ گە ئېسىلىۋالسىلا، ھەققانىيەت ۋە تېنچلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ يۈرمەكتە.

    بۇ كىشىلەرگە بەخت تىلەشكە يېتەرلىك سەۋەبلىرىمىزنىڭ بولۇشىنى چىن يۈرۈگىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ، تارىخنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ سەسكەنگۈدەك ئۆتمۈشىنى دوراپ، يېڭى ماھىيەتلىك يېڭى جەمئىيەت قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بالدۇرراق چۈشۈنۈپ يېتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

    بۇ دۇنيا چوقۇملا ـــ بىر دېموكراتىك دۇنيا، كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغان دۇنيا، نامراتلىقنىڭ قورقۇنچلىرىنى، ئاچلىق ئازابىنى، بىلىمسىزلىكنىڭ نادامىتىنى يوقاتقان دۇنيا. بۇ دۇنيادىكى نەچچە مىلياد ئىنسان سەرگەردانلىقتىن ئىبارەت تىراگىدىيىنى يۈدۈپ يۈرۈشى ھاجەت ئەمەس.

    مەن بىلىمەن، سىلەرنىڭ ماڭا بۇ مۇكاپاتنى بېرىشىڭلار مېنىڭ ئۆتمۈستىكى نەتىجىلىرىم ۋە ياراتقان تۆھپىلىرىم ئۈچۈنلا ئەمەس.

    مەن شۇنداق بىر چاقىرىقنى ئاڭلاۋاتىمەن، بۇ چاقىرىق پۈتۈن كائىناتنى زىلزىلگە سالماقتا، بۇ چاقىرىق دەۋەتلەر، ئىرق ئايرىمچىلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەمدە ھېلىھەم كۈرەش قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقماقتا. ئۇلار بىزنى چاقىرماقتا.

    مەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىنى چۈشىنىمەن، ئۇلارغا ئەگىشىمەن، ئۆزۈمنىڭ قالغان ھاياتىمنى جەنۇبىي ئافرىقىدەك ئالاھىدە بولغان، بوران –چاپقۇنلارنىڭ قۇرولىرى بىلەن ئورالغان دۆلەت ئۈچۈن سەرپ قىلىمەن. تېنىمدىكى پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق جاكارلايمەنكى: ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ھەققانىي شەرتى ــــ دېموكراتىيە، ھەققانىيەت ۋە تېنچلىق، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنى تېپىشى نەتىجىسىدە بەرپا بولغان تەبىئىي، ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىت، كىشىلەرنىڭ تېنچلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقى ھەرگىزمۇ ئىرقزم ۋە جىنسىي كەمسىتىش ئەمەس.

    ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مارتىن. لۇتىر كىڭنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى: «ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئىرقىزم ۋە ئۇرۇشقا تولغان يۇلتۇزسىز ئاسماننىڭ يۇتىۋېتىشىدىن قۇتۇلدۇرايلى.»

     يېڭى ئەسىرنىڭ قۇياش نۇرلىرىنى كۆتۈۋالايلى!

    كۆپچىلىككە رەھمەت!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.