مۇھەببەت ئارمانى 5

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-07 18:12:31

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)***********************************************************بۈگۈن چارشەنبە. ‹‹ ر...



     

    مۇھەببەت       ئارمانى

    -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    ***********************************************************

    \

    بۈگۈن چارشەنبە. ‹‹ رائىلە چۈشتىن كېيىن بىر يەرگە بېرىشىپ بەر، ياتىقىڭدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇر، دەپ تېلىفون بېرىپتۇ، چۈشتىن كېيىن سىياسىي ئۆگىنىشكە چىقالمايدىغان بولدۇم، نېغمەت. ۋاي! ماڭىمۇ نېمە ئامال، ھە ھە... شۇ، شۇ قىز، ھېلىقى چىرايلىق ناخشىچى دوستۇم شۇ. ھى ھى... ئەمىسە سىزگە تاپشۇردۇم  ھە؟ رەھمەت نېغمەت.››

    • ئۇف... تازىمۇ بىر، بۇ رائىلەمۇ چۈشتىن كېيىنرەك كەلسىچۇ،- دېدىم كارىۋاتتىكى يىغىقلىق يوتقانغا يۆلەنگەچ، تېلىفوننى قويۇپ.
    • ۋاي بولدى قىلغىنە!  باھانىغۇ ئۇ بىر! باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا دېسەڭ قانداقكىن، بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلىساق بەك بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمىز!- دېدى ئادىلە چامادىنىنى رەتلىگەچ.
    • ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، بۇ ھەپتە ئۆيدىن قەتئىي نىيەت قىلىپ كەلگەن بولمىسا، دەرسكە توپ-تولۇق چىقىمەن، دەپ! ھــــــــــــــەي... مۇشۇ ئادىمى شەيتانلىرىمنىزە!- دېيىشىمغىلا ئىشىكتىن يانفوندا سۆزلىشىپلا رائىلە كىردى، ئۇ بىر ياقتىن ئادىلە بىلەن سالاملاشقاچ، بىر تەرەپتىن:
    • بولە ئات، ئۇلار ساقلاپ كەتتى!- دەپ قولۇمدىن  تارتىپ دېگۈدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    • نېمانچىۋالا ئالدىرايسەن؟ سائەت ئىككىدە كېلىمەن دېگەنتىڭغۇ؟- دېدىم ياتاق بىناسىدىن چىقىۋېتىپ.
    • ۋاي ئاداش، گەپ قىلما، مەكتىپىڭلارنىڭ يېقىندا تويىمۇ، مەرىكىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئىشى بولىدىكەنغۇ؟- دېدى ئۇ.
    • ھە توغرا، 80يىللىق تويىنى قىلىمىز دەۋاتاتتى، بىزغۇ ئۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىغاندىن كېيىن ئۇقمىدۇق. نېمە؟ سەن ئۇ تويدا ناخشا ئېيتمايدىغانسەن؟
    • بىر تونۇش مۇزىكانت بالىلار بار ئىدى، ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى بار، شۇ تويغا نومۇر بېرىدىكەن، مېنى شۇ ناخشىسىغا ئاكورت ئېلىپ بەرسىڭىز، دەپ بەك ئىزدەپ كەتتى، مانا- ئەنە دەپ سوزىۋەتتىم، شۇنى بۇگۈنگە دېيىشىپ قويغان. ئۇلار بېيجىڭ ۋاقتى ئىشلىتىدىكەن دېگىنە، مەن كالۋا چۈشتىن كېيىن ئىككىدە دەپتىمەن، بايام ياقى تولا تېلىفون قىلىپ... بولدى ماڭە ئاداش، جىق گەپ قىلغۇزماي ئادەمنى!
    • ۋايجىنەي... ئۇ يەرگە نېمە دەپ بارىمەن مەن، يا ناخشا ئېيتالمىسام،- دېدىم تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ.
    • ماڭا ھەمرا بولۇپ بېرىشىپ بەرسەڭ بولار ئەمدى؟! ئۇيەردە ھەممىسى بىر توپ مۇزىكا ئوينايدىغان ئوغۇل بالىلار،  مەن ئۆزۈم يالغۇز بارامدىم؟-دېدى ئۇ تاكسى توسىغاچ.
         ئۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۆۋىنىدىلا ئىكەن، بىردەمدىلا باردۇق. ئالدىمىزغا بىر ئېگىز، قارامتۇل بالا چىقتى. ‹‹ ياخشىمۇسىلەر›› دەپ بىرەر قۇر رەسمىيەتكىلا سالاملىشىپ، ئۇ ‹‹ئېگىز››نىڭ كەينىدىن ماڭدۇق. 4- قەۋەتكە چىقىشىمىزغا يەنە بىر پاكارراق، ئوچۇق چىراي ئوغۇل بالىدىن بىرسى چىقتى.
    • ۋوي، رائىلە، ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى، قانداقراق يېقىننىڭ ياقى؟ ئاڭلىدىم، يېڭى ئىجادىيىتىڭىز خېلى يامان ئەمەسقۇ؟!- دەپ خەنزۇچە ئەھۋاللىشىپ كەتتى. ‹‹ئېگىز›› ئىككىمىزمۇ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق، شۇنداق ئازادە، پاكىز، بېزىلىشى ئالاھىدە بۇ يەر كىشىگە تولىمۇ راھەت تەسىر بېرەتتى. نەچچە ئوغۇل بالىنىڭ بۇنچە چوڭ ئۆينى بۇنداق سەرەمجان تۇتۇشىغا ھەيران قېلىپ، ئۇياق - بۇياقلارغا قاراپ ئولتۇردۇم.
    • ۋوي، بۇ چىرايلىق قىزچۇ؟ دوستىڭىزما؟ ئۇياق- بۇياققا بەك قاراپ كەتتى، بىزنى تەكشۈرگىلى كەلدىمۇ نېمە؟- دېدى ئۇ پاكىنەك خەنچە. بۇ بالا ئۇيغۇرچە بىلمەمدىغاندۇ؟
    • ھە؟ مەنما؟- دېدىم رائىلە گەپ قىلغۇچە،- مەن رائىلەنىڭ يېزىدىن كەلگەن تۇغقىنى. ھازىر شەھەرگە كىرىشىم. شۇڭا...- دەپ كۈلۈپ قويدۇم.
    • ھاھاھا...

    ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم ئەمدى!

    \

    • ۋۇي! يېزىدىن كەلگەنلەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. قېنى قېنى، مەن بىر كۆرەي، شۇ <<يېشىل >> ئادەملەرنى،- دەپلا ئىچكىرىكى ئۆيدىن بىر بالا چىقتى. قولىدا جايناماز تۇراتتى، كىيىنىشلىرى شۇنچە زامانغا لايىق، چىرايى شۇنداق نۇرلۇق. ئەمما كۆزلىرىدە سۈرى بار بۇ يىگىت ماڭا قاراپ، ئاندىن:
    • ۋوي، چولپانلارنى ئاۋارە قىپتىمىز-ھە؟!- دەپ رائىلە كۆرۈشتى.- بەك رەھمەت جۇمۇ، بۇ ئاكورتنى سىز ئالمىسىڭىز زادى بولمايتى جۇمۇ؟!- دېدى يەنە ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ  ئولتۇرغاچ.

    ‹‹ھە، ئەسلىدە ناخشىچىكەندە بۇ غوجام› دېدىم ئىچىمدە. ئاغزىمنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، باشقا يەرلەرگە قاراپ ئولتۇرىۋەردىم.

    • ۋاي ياقەي، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغۇ بۇ!- دېدى رائىلە ماڭا قاراپ، مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم.- ھە راست،-دېدى رائىلە يەنە ،-  بۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان سىڭىل دوستۇم. ئۆزى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ،-دېيىشىگىلا، ئۇدۇلۇمدىكى ئەبلەخ:
    • ھـــــــــە، مەن تېخى بىزنىڭ ناخشىمىز ياخشىراق چىقسا، ئۇسسۇل ئويناپ بېرەي دەپ كەلگەن ئۇسسۇلچى دوستىڭىزمىكىن دەپتىمەن،-دەيدۇ. نېرۋام ئۆرلىدى، ئەمما گەپ قىلمىدىم، دوستۇمنىڭ يۈزىنى قىلمىسام بولمايدۇ-دە؟!
    • ھاھاھا.. بۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭسام مودېلما دوستۇڭ؟ دەيتتى باشقىلار. بۈگۈن سىز ئۇسسۇلچى دېدىڭىزغۇ ئەمدى!- دېدى رائىلە كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ، (بويۇم ئېگىز بولغاچقىمىكىن تولا خەقلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمەن.)
    • يا دەيمىنا! قارىسام بىر خىل ئۇسسۇلچىلارغا خاس لاتاپەت چىقىپ تۇرىدۇ، قاراڭە قاپاق دېگەننى تۈرۈپ.-دەپ بولۇپلا باشقا ياقلارغا قاراپ تۇرۇۋالدى ھېلىقى ئەبلەخ، تازىمۇ ساراڭدىنغۇ بۇ.
    • كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە، بۇ بالا نەچچە كۈننىڭ ياقى ئۇخلىماي ناخشا يازىمەن دەپ. تۈنۈگۈن ياقى لېنتىغا ئېلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. توغرا چۈشۈنىپ تۇرايلى ھە؟!- دېدى ھېلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى بىلمەيدىغىنى.
    • ياقەي! بۇنداق يېتىلىۋاتقان ياش ھەۋەسكارلىرىمىزنى قوللىمىساق بولامدۇ؟- دېدىم قاپىقىمنى سۈزۈپ.
    • يۈرۈڭلار، ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ مەسلىھەتلىشىۋالايلى. دەپلا ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئەگەشتىم. بۇ ئۆي تېخىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئاددىي قىلىپ بېزەلگەنىدى. ئادەمگە ياۋروپانىڭ ئېسىل مۇزىكىلىق - چايخانىلىرىنى ئەسلىتەتتى،  بىر چەتتە قويۇقلۇق بۇغىنىڭ مۇڭگۈزىگە ئوخشاپ كېتىدىغانراق غەلىتە بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.
    • ئاۋۇ مېنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقۇم!- دېدى ھېلىقى ئەبلەخ.

    - ئىسمىڭىزنى يېزىپ قويغانمۇ، قىزىق!- دېدىم تۇتقۇچلىرىغا قارىغاچ، بىردەمدىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى. سومكامدىن دائىم يېنىمدىن  ئايرىمايدىغان  بىر رەسىملىك كىتابىمنى ئالدىم-دە، ئۇقۇشقا باشلىدىم.

    تۇيۇقسىزلا، يانفۇنۇمنىڭ تونۇش مۇزىكىسى ئاڭلاندى، قارىسام ھېلىقى ئەبلەخنىڭ قولىدا مېنىڭ يانفۇنۇم تۇرىدۇ، تېخى خىيالىدا يوق يانفوننىڭ ئاۋازىنى يوقىتىۋېتىپ، ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.‹‹ قانداق تېتىقسىز نېمە بۇ؟! بايام ئاۋۇ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپتىكەنمەندە؟! (پات - پات ئۇ يەر - بۇ يەرگە تاشلاپ قويىمەنچۇ).››ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېنىغا يۈگۈرگەندەك باردىمدە، قولىدىن شاپپىدە تارتىپ ئالدىم يانفۇنۇمنى.

    • چاقچاقمۇ جايىدا بولسۇن ھە؟!- دېدىم ھېلىقى ئەبلەخگە ئالايغاچ.
    • ۋەي، ياخشىمۇسىز، كىمۇ؟- دېدىم يانفونۇمنى ئېلىپ.
    • ئالو. ئەزىمەت! ھەي ئەزىمەت!- دېدى بىرسى
    • كىمنى ئىزدەيسىز دەۋاتىمەن،- دېدىم تېرىكىپلا.
    • ۋۇي، گەپ ئۇقمامسىزنېمە؟!1 ئەزىمەتنى ئىزدەيمەن. ئەزىمەتنىڭ ئۆزى قېنى؟

    ۋاي خۇدايىم!!! كاللامدا بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئىنكاس قىلىپ بولغۇچە، ھېلىقى ئەبلەخ يانفوننى قولۇمدىن ئېلىپ سۆزلەشتى:

    • ھە، ئالىم، قانداق ئەھۋال؟ ۋاي شۇ ئاداش، ھېلىقى ئاكورتنىڭ ئىشىنى دېيىشىۋاتقان...

    قالغان گەپلەر قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى.

    • ۋىيىي، ئاداش، بەك ھاڭۋاقتى جۇمۇ سەن... ھى ھى ھى،- دېدى كۈلۈپ كېتىپ. ھېلىقى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغىنىمۇ ئەمدى ئاڭقىرغان بولسا كېرەك، ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. ئورۇندۇققا كېلىپ كىتابىمنى كۆرىۋەردىم ھېچ ئىش بولمىغاندەك. لېكىن كىتاب مېنى كۆرىۋاتامدۇ مەن كىتابنى كۆرىۋاتامدىم، يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يېنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئەبلەخ تېلىفون سۆزلىشىپ بولۇپ، قايتىپ كىردى، يۈزلىرىمنى كىتابىم بىلەن چاندۇرماي توسىۋالدىم. < بولدى ئىززا تارتماڭ، كاتىپىم تېلىفوننى ئالغان قىز دەپ قويدۇم! قىززىق قىزكەنسىز دەيمەن، ئادەمنى قورقۇتۇپ...

    ئۇ ئېنىق ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى، قەستەنگە قارىماي ئولتۇرۇۋالدىم.

    • سورىسىڭىز،كۆرەپ باقاي بىزنىڭ يۇرتتا يوق ئىدى دەپ، بەرمەمدىم مەنمۇ! ئۇنداق كەپلا بۇلاپ كەتسىڭىز، ھــــــــــەي... كېسىلىم بار، يۈرۈگۈم ئاجىز مېنىڭ!-دېدى يېنىمغا كېلىپ. يانچۇقۇمدىن ئۆزۈمنىڭ يانفونىنى ئالدىمدە:
    • نېمانداق گەپ قىلمىسا! ماۋۇنى كۆردىڭىزمۇ؟- دېدىم كۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ يانفونۇمنى. يانفونىمىز ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى. بىر ماركا، بىر خىل تىپ، ئوخشاش رەڭ.- مەن تېخى مېنىڭكى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىلدىڭىزمۇ ئەمدى؟ سىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ھېلىغۇ تۇتۇشكەن، قاراپمۇ قويمايتىم.- دېدىم بويۇنلىرىمنى تولغاپ. قالغانلار بولسا توختىماي كۈلىشىۋاتاتتى.
    • ۋىيىي ما گەپنى، ئەمدى سىزنىڭكىگە ئوخشىسىلا سىزنىڭ بولۇپ قالامدۇ؟ يا سىزنىڭ ياناونىڭىز بىر تاللىمىتى دۇنيادا؟ سىز بىلەن ئوخشاش نەرسىسى بولۇپ قالسا قورقسا بولامدۇ نېمە ئادەم، قاچان كېلىپ بۇلاپ كېتىدىكىن دەپ ؟

    ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىمگە يەنە باشلىدى گېپىنى.

    • سىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام تۇتماستىم، قارىماستىم دەپ كەتكىنىنى، قانداق قىلاي! خويمۇ راھەت ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ ئەجەپ بۇ ئورۇندۇقتا، تېخى سىلاپ قوللىرىڭىز بىلەن!- دېدى مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ.
    • نېمىگە ئاساسەن سىزنىڭ؟ ئىسمىڭىز بارمۇ يا ئۈستىدە؟- دېدىم كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ.
    • بار! نېمداق، گەپ قىلمىسام يوقمىكىن دېگەنمۇ خېنىم؟!- دېدى ئورۇندۇقىنى ئايلاندۇرۇپ:

    -كۆردىڭىزمۇ بۇنى؟ << ئەزىمەت قەھرىمان››،- دېدى ئورۇندۇقنىڭ ئارقا تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چىشنى كۆرسىتىپ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىسىم ئويۇلغانىدى. باشقىلار بولسا مەخسۇس ئولتۇرۇپ <بىكارلىق ئۇيۇن > كۆرىۋاتاتتى.

    - ۋاي،كىم بىلىدۇ،‹ ئەزىمەت قەھرىمان› دېگەن سىزمۇ؟ ئەمەسمۇ ؟- دېدىم ئۇتتۇرغۇم كەلمەي.

    - توۋا! ھە بوپتۇ، مانا!- دەپلا يانچۇقىدىن كىملىگىنى چىقاردى. بۇ چاغدا باشقىلار كۈلۈپ ئۆينى كۆتۈرىۋېتەي دېگەن ئىدى.

    - ماۋۇنى، ھە ماۋۇنى كۆردىڭىزمۇ؟ خەت تۇنۇمسىز-يا ؟

    - ۋاييەي، كىم بىلىدۇ راستمۇ، يالغانمۇ، بۇ نەرسە! كىملىك دېگەنگە ئىشەنگىلى بولامدۇ مۇشۇ كۈنلەردە،-دېدىم قاراپمۇ قويماي.

    - توۋا خۇدايىم، مۇنداق سەھرالىق تومپاينى پەقەتلا كۆرمەپتىكەنمەن جۇمۇ!-دەپ ئەزىمەت ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.

    - ھە، بولدى قىلىڭلار. ۋاي - ۋۇي، كۆرۈشۈپلا چىقىشالمىغىلى تۇرغان بۇ ئىككىسى. بۇ ئوماقنى زورلاپ ئەكەلگىنىمگە تويغۇزۋەتمەڭ، ئەزىمەت،- دېدى رائىلە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ يۈزلىرىمنى سىلىغاچ.

    • ئاچىلار، بۇ دۇنيادا ئادالەت دېگەن نەرسە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!- دېدى ئەزىمەت كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلىغاچ.
    • چاققان بولە، سەنمۇ رائىلە. ئىشىڭ تۈگىسە كېتەيلى!- دېدىم كىتابىمنى سىلكىپ ئېچىپ تۇرۇپ.

    - ۋوي، بۇ قىز، ھە راست بۇ ئۇماق قىزخاپا بولۇپ قاپتىمۇ نېمە؟  بايامغۇ بەك ياماندەك تۇرغان...،-دېدى ئەزىمەت بويۇنلىرىنى سوزۇپ ماڭا قاراپ. ئالىيىپ قويۇپ كىتابىمنى كۆرىۋەردىم.

    بىردەمدىن كېيىن ئۇلار، ئىچىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. شۇندىلا مەن ھېلىقى ئورۇندۇققا سەپ سېلىپ قارىدىم، ھەقىقەتەن ئېسىل ئورۇندۇق ئىدى. ئورۇندۇقمۇ ئەمەس، كىرىسلودەك. لېكىن ھەممە يېرى تۇتقۇچلىرىدىن تارتىپ ھايۋاننىڭ مۈڭگۈزىدە ياسالغانىدى. ئىتتىك كەينىمگە قارىدىم، ئەزىمەت ماڭا قاراپ قوللىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇراتتى. ئىتتىكلا باشقا يەرلەرگە قارىغان بولۇپ تۇرىۋالدىم.

    <رەسىملىك كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە ؟!- دېدى ئۇ كىرىسلوغا قويۇپ قويغان كىتابىمنى كۆرۈپ،- ياخشى كىتاب بۇ! ئاخىرى چىقمايۋاتقىنىنى ھېساب قىلمىغاندا!

    ‹‹ۋاي، قوۋۇرغام! تېخى كىتاب كۆرىدىكەن!››گەپمۇ قىلمىدىم، قولىدىن كىتابىمنى ئېلىۋېلىپ، بىر چەتتە كۆرۈپ ئولتۇرىۋەردىم.  ئۇ بىردەم تۇرۇپ بېقىپ، چىقىپ كەتتى.

    بىر ۋاقىتتا رائىلەنىڭ يانفونى سايرىدى. بىسىۋەتتىم، يەنە سايرىدى.

    • رائىلە! تېلىفۇن!- دېدىم ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ.
    • ئەكىرىپ بېرە، جېنىم!

    ئىچىدىكى ئۆي ئىككى ئېغىزلىق ئىدى، تېشىدىكى ئۆيدە تۇرۇپ تۇردۇم، رائىلە ئىچىدە ناخشىغا ئاكورت بېرىۋاتاتتى. بۇرۇنمۇ ئاۋاز ئالىدىغان مۇشۇنداق ئۆيلەرگە كېلىپ باققان. ئۇ ئۆيلەر ئاساسلىق تېشىدىكى ئۆينىڭ تېمى كۆك ياكى قارا رەڭدىكى رەختلەر بىلەن ئورالغان.(ئىچىگە ئاۋاز ئايرىش رولىنى ئوينايدىغان بىر قانداق ماتېرىيال ئېلىپ ئورايدىكەن) بىر ياكى ئىككى كومپىيوتېر قويۇلغان، بىر ئېلىكتىرونلۇق چالغۇ، بىرەر تال باس گېتتار، ئىچىدىكى ئۆيلىرىمۇ شۇ بىرەر تال مېكرافون قويۇلغان، ئۆي ئىچىمۇ قاراڭغۇ دېگەندەك مۇشۇنداق بېزىلەتتىكەن. لېكىن بۇلارنىڭ بۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى مەن كۆرگەن بۇرۇنقىلىرىغا ئانچە ئوخشىمايتتى، بۇ يەر يورۇق ھەم رەڭلىك ئىدى. پاكىزلىقىدا گەپ يوق. ئېلىكتىرونلۇق چالغۇدىن نەچچە قەۋەتلىكلىرى، ئاۋاز ياڭراتقۇلىرى شۇنداق ئىلغار، ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغان مۇزىكا ئەسۋابلىرى جىق ئىدى.

    \

     

     رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.