ئىگەرلىك ئات-تاللاش

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-08 08:12:02

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپتۆتىنچى بابتاللاش1مۇرتۇقتا قازا تاپقان ۋە ئېغىر جاراھەتلەنگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دېھقانلار ئىدى. قوچقار پالۋان يانچۇقىغا سېلىپ ك...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    تۆتىنچى باب

     تاللاش

     

    1

     

    مۇرتۇقتا قازا تاپقان ۋە ئېغىر جاراھەتلەنگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋە  ئوتتۇرا ياشلىق دېھقانلار ئىدى. قوچقار پالۋان يانچۇقىغا سېلىپ كەلگەن خاسىيەتلىك «ئاق تاش» بىلەن مەجرۇھلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى توختىتاتتى؛ قازا تاپقانلىرىنى تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن يەرلىك تەييارلاپ دەپنە قىلاتتى؛ جېنى بار، لېكىن ماڭالمايدىغانلىرىنى ھارۋىلارغا ياتقۇزۇپ ئۇدۇللۇق توقسۇنغا ماڭغۇزاتتى.

    ئەڭ ئاخىرقى ھارۋىدا ئۆزى ئېلىپ ماڭغان، ئېغىر دەرىجىدە مەجرۇھ بولۇپ ئىككىلا پۇتىدىن ئايرىلغان بىر ياشانغان دېھقان ئاغرىنىپ دېدى:

    - تارىخىي رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، تەقدىرنىڭمۇ زېرىكىپ قالىدىغان چاغلىرى بولارمىش؛ شۇ چاغدا، ئۇ ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن پەلەك چاقىغا يەل بېرىدىكەن-دە، ئاسمان غەزەپلىنىپ ئەرش مالائىكىلىرىگە يارلىق چۈشۈرىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن گۈلدۈرمامىلار قارسىلداپ، چاقماقلار چاسىلداپ، يانار تاغلار پارتلاپ، بورانلار گۈرۈلدەپ، كەلكۈنلەر دولقۇنلاپ ئالەمنى مالەم قىلىۋېتەرمىش. مۇرتۇقتا بۇ دورەم بىز تەقدىرنىڭ زېرىكىپ قالغان پەيتىگە دۇچ كېلىپ قالغاندەك قىلىمىز.

    يارىدار دېھقان ئۆز بېشىغا كەلگەن پالاكەتچىلىكنى تەقدىرنىڭ خاھىشىدىن دەپ قاراپ كۆڭلىگە شۈكرى تەسەللى تاپماقچى بولاتتى. ئاشۇ دېھقاننىڭ تەسەۋۋۇرى ئۇختىسىغا كېلىپ قالغاندەك، ئۇزۇن ئۆتمەي، غەربىي شىمال تەرەپتىن كەلگەن قارا بوران دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، يوغان-يوغان تاشلارنى ھەر تەرەپكە ئۇچۇرۇپ، قۇم-توپىلارنى ئاسمان-پەلەك سورۇپ، يېڭىلا بىخ ئۇرۇپ چىققان زىرائەت مايسىلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى.

     

    مانا ئەمدى مۇرتۇق يېغىلىقىمۇ، بوران يېغىلىقىمۇ ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىرنەچچە كۈن بولدى.

    قوچقار پالۋان ئۆز ھۇجرىسىدا يالغۇز قېلىپ تۈرلۈك خىياللار ئىلكىدە پىكىر سۈرەتتى. ئۇ، مۇرتۇق پاجىئەسىدە قىرىپ تاشلانغان بىگۇناھ قۇربانلارنى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەتلى قىلىنىشىدەك ئېغىر مۇسىبەتنى ئاسانلىقچە كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە تۈرلۈك-تۈمەن گۇمانىي سوئاللار تىقىلىۋېلىپ قەلبىنى ئازابلايتتى.

    بىر مەھەلدىن كېيىن مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە يادىكار قىلغان ھېلىقى قۇتلۇق سوۋغىسى - تىترات بىلەن قەلىمى ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى-دە، دەرھال ئۇلارنى ئاختۇرۇپ تېپىپ كاللىسىغا كىرىۋالغان مەجھۇل سوئاللارنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەپ قويدى:

    «بۇ زامان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نېمىشقا پۇقرالارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن كارى بولمايدىغاندۇ؟ نېمىشقا جاھالەت دېۋىلىرىنى قوغداپ، مەرىپەت ئاشىقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغاندۇ؟ نېمىشقا ھېلىقى ئاق ئورۇس دەيدىغان ئەجنەبىيلەر زېمىنىمىزغا كېلىپ يەرلىك پۇقرالارنى قىرىشقا كۈچەپ كېتىدىغاندۇ؟..»

    مۇشۇنداق چىگىش خىياللار ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلاپ، ئوغىسىنى قاينىتىپ كۆڭلىگە ئارام بەرمەيتتى. ئۇ ئەمدى يىراق-يېقىنغا بېرىشنى قويۇپ، ئاشۇ كىچىككىنە ھۇجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ يۇقىرىقىدەك ئېچىتقۇ ھېسسىياتلار بىلەن ئەمەك بولاتتى.

    بىر كۈنى ئاستانىدىن چېكىنىپ توقسۇندا ۋاقىتلىق چۈشكۈن بولۇپ تۇرۇۋاتقان سەركەردە مەھمۇت مۇھىتىدىن ئۇنىڭغا بىر پارچە چاقىرىق خېتى كەلدى، ئۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان سەركەردىنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ باردى. سەركەردىنىڭ بۇ ۋاقىتلىق شىتابىدا ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئوتتۇرا بوي، ئوتتۇرا ياش قۇرامىدىكى بىر كىشى پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغانىدى.

    قوچقار پالۋان سالام بەجا كەلتۈرۈپ بولۇپ ئىزىدا ئېھتىرام بىلەن تىك تۇردى، سەركەردە ئۇنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە يېنىدا ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىۋاتقان ھېلىقى كىشىگە بېشارەت بېرىپ:

    - خوش، تەقسىر، باقىنىياز ھاجىم، قېنى ئايىغىنى بىمالال سۆزلەۋەرسىلە. بۇ كەلگەن يىگىت ئۆزىمىزنىڭ بالىسى. بۇ قېتىمقى مۇرتۇق يېغىلىقىدا بۇ يىگىت كاتتا خىزمەت كۆرسەتتى. مەن ئۇنى دولانغا بىللە ئەكەتمەكچىمەن...،- دېدى.

    - ئاكامنىڭ تەنتەكلىكىدىن بىئارام بولۇۋاتىمەن. ئۇ زادىلا گەپ يېمەس بولۇپ كەتتى. ھازىر «ھاۋانى تۇمان باستى، ئاينى كۆرگىلى بولماس» دېگەن ناخشىدەك ئىش بولۇۋاتىدۇ. ئاخىرىنى تەڭرىم ئۆزى بىلەر. بۇ زېمىن قانغا بويىلىدىغان بولدى... خوش، گېپىم تۈگىدى، ۋەسسالام. جانابىي ئاللا قالغانلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ئامىن...،- دېدى.

    سەركەردە باقىنىياز ھاجىنىڭ گېپىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى. لېكىن ئۆزى لەۋزە سۈرمەيتتى. پاراڭ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، باقىنىياز ھاجىنى شتاب ئىشىكى ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قۇيۇپ قايتىپ كىرگەندىن كېيىن قوچقار پالۋانغا قارىتىپ:

    - دولان تەرەپكە سەپەر قىلىمىز، باشقا تاللاش يوق، سىزمۇ بىرگە...،- دېدى.

     

    2

     

    شۇنداق قىلىپ سەركەردىنىڭ شىتابىدىن ئاشۇ بۇيرۇقنى ئاڭلاپ قايتىپ چىققان قوچقار پالۋان ئۇدۇل ھۇجرىسىغا يېنىپ كەلدى - دە، ھۇجرا ئىشىكىنى ئىچىدىن ئىلىپ قۇيۇپ يېڭىدىن قوشۇلغان «تاللاش خىياللىرى» ئۈستىدە ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىپ كەتتى:

    «دۇرۇس، چۈشەندىم، تۇرپان ئويمانلىقىنى تاشلاپ ياقا جايلارغا ھىجرەت قىلىمىزكەن، بولدى مەن بۇ تاللاشقا قوشۇلىمەن، ئادەملەر ھەرخىل تەبىئەتلىك بولىدۇ. بەزىلەر كۈرەش قىلىدۇ، بەزىلەر سۈكۈت قىلىدۇ، بەزىلەر ئاسىيلىق قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئاشۇ بىرىنچى خىلغا مەنسۇپ يارالغان دەپ ھېسابلايمەن.»

    دېمەك، قوچقار پالۋان تاللاش مەسىلىسىدە ئارىسالدى بولماسلىق قارارىغا كەلگەنىدى. ئۇ شۇ تاپتا ۋۇجۇدىدا بىر خىل يېنىكلىك ۋە جاسارەت پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ھۇجرىسىدىن قورۇ ھويلىسىغا چىقىپ ئېگەرلىك ئات بوز ئېتىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ، ئاتنىڭ يۈزىگە سۆيەتتى، يايلىسىنى ۋە سېمىز ساغرىسىنى سىيلايتتى، تۇلپارنىڭ قۇلاق ۋە ماڭلايلىرىنى بارماقلىرى بىلەن يۇمشاق تارايتتى. دۇلدۇل بولسا قۇيرۇقىنى ئوينىتىپ قوچقار پالۋانغا منىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى.

    «ئاڭلاپ تۇرغىن، دۇلدۇلۇم،- دېدى قوچقار پالۋان ئاتنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ،- بىز ئىككىمىز يەنە سەپەرگە ئاتلىنىمىز؛ داۋانلار ئاشىمىز، گاھ ھۇ كېچىمىز، گاھ ئوت كېچىمىز، سەن رىۋايەتلەردىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ دۇلدۇلى. مەن بۇ رىۋايەتنى يۇلتۇز يايلىقىدا مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن ئاڭلىغان. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز قىسمەتداش ھەم تەقدىرداش بولىمىز. بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان ۋاپادار دوستلاردىن بولىمىز...

    قوچقار پالۋان بىلەن ئاق بوز ئاتنىڭ سۆھبىتىگە ھىدايى ئۈلگۈرۈپ كەلدى-دە، سۆز قىستۇرۇپ:

    -مەن ھازىر سېنىڭ ئاق بوز ئاتقا قىلغان پاراڭلىرىڭنى تولۇق ئاڭلىۋالدىم. نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن، بىر يەردىن ساڭا بۇيرۇق كەلدىما، قېنى مەنمۇ سېنىڭ جانجىگەر ئاغىنەڭغۇ، مەنمۇ ئاڭلاپ باقايچۇ؟- دېدى.

    قوچقار پالۋان ئاغىنىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۈلكىسىنى توختىتىپ بولۇپ جاۋابەن:

    - توغرا ئېيتىسەن، سەن مېنىڭ جانجىگەر ئاغىنەم، مەن سەندىن سىر يوشۇرۇپ باققان ئەمەس. مەن ھېلىراقتا سەركەردىنىڭ شىتابىغا بېرىپ كەلدىم ئۇ يېقىن ئارىلىقتا ئالتە شەھەرگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى، بىزنىڭمۇ بىرگە بېرىشىمىزنى ئۇقتۇردى. بۇ ئىشنى ساڭا كەچتىرەك ئاڭلىتاي دەپ تۇرغانتىم. مانا ھازىر ئۆزۈڭ يېتىپ كېلىپ مېنىڭ يولۇمنى قىسقارتتىڭ. بۇ دورەمدىكى سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولمىساڭ كۆزۈم ئارقامدا قالىدۇ؛ سېنى ئارقىسىغا تارتىشمايدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. سېنىڭچە قانداق؟- دېدى.

    -مېنىڭمۇ ئارقىغا تارتىشىدىغان ھېچنېمەم يوق، ئەمما سېنىڭ بارغۇ، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟

    ھىدايى ئاغىنىسىنىڭ دەل نازۇك يېرىدىن تۇتۇۋالغانىدى. ئابدۇنىيازنىڭ يۈرىكىدە شۇ تاپتا بىردىنلا بىر ئىسسىق يوشۇرۇن ئېقىن ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىغانلىقى بەلگە بېرىپ تۇراتتى. ئۇ سۈكۈت ئازابىدا خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. دەقىقە ئۆتكەندىن كېيىن دوستى ھىدايىغا قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى:

    - بۇرادىرىم، زەن قويۇپ ئاڭلا، مەن مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ۋە سەركەردىمىزگە بەرگەن ۋەدەمدىن يانمايمەن. ۋىجدان چاقىرىقىغا ئاسىيلىق قىلالمايمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم.

    ھىدايى بولسا دوستى قوچقار پالۋاننىڭ مىجەز خاراكتېرىنى ئېنىق بىلگەچكە، ئىككىنچىلەپ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمىدى. ئارىدا يەنە بىرمەھەل جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىغا قاياقتىندۇر كامال قەرەن ئاكىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى.

    كامال قەرەن ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، پاكار، مىجەزى چۇس كىشى ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ئۈن-تىن چىقارماي مۇرتۇق يېغىلىقىغا كېتىپ قالغىنىدىن كايىپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى لايىقى پاتىمەنى تاشلاپ دولان تەرەپكە كەتمەكچى بولغىنىنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۆرلەپ، سەپراسى تاشماقتا ئىدى. «ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ» دېگەندەك چۇس مىجەز بۇ ئادەم ئۆزىگە ئەمدى ھاي بېرەلمەي قالدى. شۇڭا، ئۇ ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى پەردىشەپنى بىر چەتكە قايتىپ قويدى-دە، توي توغرىسىدا ئېغىز ئېچىپ ئوغلىنى چېكىپ كۆرمەكچى بولدى:

    - بىر ئىشنى سەمىڭگە سالاي دەۋاتىمەن، ئوغلۇم، ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولدى. يېشىڭمۇ، بويۇڭمۇ ئۆسۈپ يۇرتنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدىڭ! سېنى ئۆيلەپ قويۇش مېنىڭ گەدىنىمدىكى قەرز. بۇ قەرزنى ئادا قىلىۋەتمىسەم ئاناڭ رەھمىتىگىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن. ئەگەر ئاناڭ رەھمەتلىكنىڭ روھىنى رازى قىلىمەن دېسەڭ، نىكاھ قەرزىنى بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن قالغان ئىشلار تەقدىر پېشانەڭگە پۈتۈلگىنىچە بولسۇن. ئەگەر سەن يەنە گەدەنكەشلىك قىلىپ تۇرۇۋالساڭ راستتىنلا بىزگە ھار كېلىدۇ. مەن ئۆزۈم سەركەردىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ بۇ ئىشنى بىر ياقلىق قىلمىسام بولمايدۇ...

    - بولىدۇ، ئاتا،- دېدى ئابدۇنىياز جاۋاب بېرىپ،- سېنىڭ كۆڭلۈنى چۈشەندىم، ئاغىنەم ھىدايى ئارقىلىق بۈگۈن كەچكىچە ئېنىق پىكرىمنى ساڭا يەتكۈزۈمەن. سەن خاتىرجەم ئۆز ئىشىڭنى قىلىۋەر...

    كامال قەرەن ئۆز كۆڭلىدە بالامنى كۆندۈردۈم، دېگەن رازىمەنلىك ھېسسىياتى بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىپ، ئۆز ئىشىغا يۈرۈپ كەتتى.

     

    3

     

    كىچىك يەردە، ئادەملىرى سەگەك مەھەللىدە سىر ساقلاش قىيىن. دولان سەپىرى ۋە توي پاراڭلىرى ھايت-ھۇيت دېگۈچە كوچا-كويلاردا «ئەڭ يېڭى خەۋەر» بولۇپ تارقالدى ۋە قوچقار پالۋاننىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قويدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھىدايى كەسكىن تەلەپپۇزدا سورىدى:

    - قانداق، ئويلاندىڭمۇ، ئاتاڭغا نېمىدەپ جاۋاب بەرسەك مۇۋاپىق بۇلار. بۈگۈن گەپنى ئۈزۈۋەت، ئاداش...،- دېدى.

    كەسكىنمىجەزلىك قوچقار پالۋان تۈنۈگۈن بىر كېچە ئويلىنىپ بىر قارارغا كەلگەنىدى. ئۇ، ئېنىق جاۋاب بېرىپ دېدى:

    - مەن ئەمدى بىر قارارغا كەلدىم. ئاتامنىڭ سۆزىنى رەت قىلسام، ئانام رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنىدىكەن. دولان سەپىرىنى رەت قىلسام، مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ روھى قورۇنىدىكەن. ئاتامنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقسام، توي قىلىپ نىكاھ قەرزى ئادا بولغاندىن كېيىن دولان سەپىرىمگىمۇ رازى بولىدىغاندەك قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئىككىلا تەرەپ تەڭ رازى بولىدىكەنمىز. بۇ ئىشنى مۇشۇ يوسۇندا قاملاشتۇرالىساق بەك ياخشى بولاتتى، بۇرادەر.

    ھىدايى دوستىنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى ۋە مەمنۇنلۇق بىلەن دېدى:

    - بارىكاللا، يارايسەن، دوستۇم، «ئاتا رازى، خۇدا رازى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بىكار چىققان ئەمەس. مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ھازىرلا كامال ئاكىغا يەتكۈزەي. بىز بۇ توينى ھەشەمەت قىلماي، داۋراڭ سالماي ئاددىي ئۆتكۈزىمىز. توي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن ساڭا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، دولان سەپىرىدە مەن سەن بىلەن بىرگە بولىمەن. ئوتقا كىرسەڭمۇ، سۇغا كىرسەڭمۇ سېنىڭدىن ئايرىلمايمەن.

    شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى ئوڭۇشلۇق ۋە كۆڭۈللۈك سۆھبەت قوچقار پالۋان بىلەن پاتىمەنىڭ توي مەرىكىسىنى تېزلەتتى. ھىدايىنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن ئىككى ياشنىڭ تويى - باھار مەۋسۇمىنىڭ ئالتۇن قۇياشى چاقناپ تۇرغان، زېمىننى لالىزارلىق قاپلىغان، بوستانلاردا باھار قۇشلىرى سايرىشىپ تۇرغان مەزگىلدە كۆڭۈللۈك ئۆتتى.

    بىراق، كۈنلەر، ھەپتىلەر ئۆتكەنسېرى دولان سەپىرى كېچىكىپ قوچقار پالۋان تىت-تىت بولاتتى. ئۇ ئىچى پۇشسىلا ئېگەرلىك ئېتىنىڭ قېشىدىن نېرى كەتمەيتتى. ئۇنىڭ پاتىمە بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىدىن ئېگەرلىك ئات بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتى كۆپ بولغانسېرى پاتىمەنىڭمۇ قورسىقى كۆپەتتى. پاتىمەنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا رەئىس ئاشۇ زاماننىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئېقىم مەسىلىلىرىنى كۈيئوغلىدىن پىششىقراق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، كۈيئوغلىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ جەنۇبقا كېتىشكە قوشۇلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى بىھۇدە قاراملىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك دەپ قارايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۆزقارىشىنى تويدىن كېيىن ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «چىللاق چېيى» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دارىتىپ ئۆتتى:

    - ئىسھاق تاغاممۇ، ئۇچۇپ قويۇپ چۈشەر يېرىنى بىلەلمىگەن قارىتۈرۈك ئادەمكەن. ئاۋۋال ما جەمەتىنىڭ قىسىملىرىنى باشلاپ چىقىپ دوست بولۇپ شېڭ جەمەتىگە قارشى چىقتى. ئەمدى بولغاندا شېڭ جەمەتى بىلەن ئاياق-چاپاق بولۇپ، ما جەمەتىگە قارشى سوقۇشۇۋاتىدۇ. بۇ بىر يامان ئاقىۋەتتىن بېشارەت بېرىدۇ. ئايىغىغا كەلگەندە بۇ قانلىق پاجىئەدىن ھېچكىممۇ ساق قالالماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىمەن. ئالدى-كەينىنى ئويلىمايدىغان قارام ئادەملەر ئاخىر بېرىپ «باتۇر ئوق يەر، بالىلىرى پوق يەر» دەيدىغان ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن.

    ئابدۇللا رەئىس ئارقىدىن سۆز تىزگىنىنى تارتىپ، مېھمانلىرىنى مەزەگە تەكلىپ قىلاتتى. ئۇ بار سورۇندا ھەممە كىشى ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارايتتى. ئۇنىڭ «رەئىس» ناملىق تەخەللۇسىمۇ «سورۇن باشقۇرغۇچى سۆزمەن كىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى يۇقىرىقى تەھلىلى ئەينى زامان رېئاللىقىنىڭ ئىنكاسى بولغاندىن سىرت، ھەممىدىن مۇھىمى كۈيئوغلى قوچقار پالۋاننى جەنۇب سەپىرىدىن يالتايتىپ، ماڭغۇزماسلىقنى مەقسەت قىلاتتى. ئۇ، قىزى پاتىمەنىڭ تۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

    «چىللاق چاي» ئاياغلىشىپ ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوچقار پالۋان ئۆز-ئۆزىگە غۇدۇراپ، ئىچىدە بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇزۇنغىچە بىئارام بولۇپ كەتتى.

    «دېمەك، بۇ توي - ماڭا قۇرۇلغان قاپقان، ماڭا تاشلانغان سىم تۇر ئىكەن-دە» دەيتتى ئۇ ئىچىدە ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ.

    بۇ گادىرماچ خىياللار بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى ئازابلانغانسېرى پاتىمەدىنمۇ كۆڭلى سوۋۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئات مەستانىلىكى كۈچىيىپ پاتىمەگە چىراي ئاچمايدىغان، ھەتتا تەلەتىگە قارىمايدىغان بولۇۋالدى.

    پاتىمە نومۇستىن خورلانغانسېرى ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق ھېس قىلاتتى. لېكىن، ئۇ چىداملىق ۋە جۈرئەتلىك قىز ئىدى. بىر كۈنى، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىۋېلىش ئۈچۈن ئېرىگە يۈرەك سۆزىنى ئوچۇق دېدى:

    - سىز خەيناخا ئاتامنىڭ چىللاق چېيى ئۈستىدە قىلغان سۆزىدىن ئاغرىنىپ يۈرۈۋاتىسىز. ئۇ، سىزگە قارىتىلغان سۆز ئەمەس. سورۇندىكى ھەممىلا كىشى ئاڭلاشقا تېگىشلىك سۆز. بۇ ھەتتا تويىمىز بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ھەمىشە بولۇنۇپ كېلىنگەن سۆز. مۇشۇ كۈنلەردە جاھاندا بولۇۋاتقان ئىشلار ئۈستىدە كىممۇ سۆزلىمەي تۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلار ئەتراپىمىزدىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتمامدۇ؟ مۇرتۇق قىرغىنچىلىقى ھەممىلا كىشىنى چۆچۈتۈۋەتتى. دېمىسىمۇ ھازىر ئوۋ مەرگىنىدىن ئەقىل مەرگىنى ئۇتۇپ چىقتى. ئوۋ مەرگىنى ھازىر ئەقىل مەرگىنى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بىلەن ئۇرۇش باشلىدى. بۇ پاجىئەلىك ئاقىۋەتنى ھازىر ھەممە ئادەم ھېس قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئىككىمىزنىڭ تويى سىزنىڭ دولان سەپىرىڭىزگە پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ، سىز كىتىۋېرىڭ، مەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىمەن.

    پاتىمە ئىچكى ھېسسىياتىنى تۈگۈپ مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، ھېلىغىچە مەنسىتمەسلىككە سېلىپ، بېشىنى چۈمكەپ يېتىۋالغان يىگىت تەسىرلەنگىنىدىن ئاستا سوزۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى-دە، بىردىنلا خوتۇنىغا چىراي ئېچىپ ئۇنىڭ سۆزىنى داۋاملىق ئاڭلاشقا قىزىقتى ۋە:

    - قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ، قۇلىقىم سىزدە...،- دېدى.

    - بولىدۇ، سىز «خۇي قىلمىسىڭىز، ماي تارتىپ تەتۈر قارىۋالمىسىڭىز، بىزنىمۇ ئەقلى-ھوشى باردۇر» دەپ چاغلىسىڭىز مەن سۆزلەۋېرىمەن،- دېدى پاتىمە ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بىز ئەسلىدە بىر-بىرىمىزگە كۆيۈمچان تۇغقانلاردىن ئىدۇق، ھازىر نىكاھ نېسىپ بولۇپ ئەر-خوتۇن بولۇشتۇق. كۆيۈمچان تۇغقان، تەقدىرداش ئەر-خوتۇن سىر يوشۇرۇشسا بولمايدۇ-دە، مەن ھېلى دېگەن گېپىمنى قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن. سىز تەرسالىق قىلماي سۆزۈمنى ئوبدانراق ھەزىم قىلىپ كۆرۈڭ. قالدى گەپنى باشقا بىر كۈنى يەنە سۆزلىشەيلى.

     

    4

     

    قوچقار  پالۋان بۈگۈنمۇ ئادىتى بويىچە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاق بوز ئېتىغا بوغۇز بېرىش بىلەن بەند ئىدى. ئۇنىڭ ئوچۇق پاكىز تازىلانغان قوناق بوغۇزىنى ئۆلچەم بىلەن تورغۇت توۋرىسىغا سېلىپ ئاتنى بوغۇزلاندۇرۇش، ئاتنىڭ قۇيرۇق مويلىرىنى تاراپ تۇرۇش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. ئۇ، بۇ ئىشىدىن مەست بولۇپ كۆپ ھاللاردا تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۇ بۈگۈنمۇ ناشتىسىنى ئۇنتۇپ، يەنىلا ئاتنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇراتتى. شۇ چاغدا ھىدايى پەيدا بولدى-دە، ئۇنىڭ يېنىغا يېقىنلاپ كېلىپ سورىدى:

    - ناشتا قىلدىڭمۇ؟

    - پاتىمە ئۆيدە بولمىسا.

    ئۇنىڭ بۇ جاۋابى ھىدايىغا غەلىتە ئاڭلاندى.

    - نېمە دېدىڭا، يەنە بىر دېگىنە؟- سورىدى ھىدايى.

    قوچقار پالۋان دوستىغا قېيناتىسى ۋە پاتىمەنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى سۆز پاراڭلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ھىدايى جاۋابەن:

    - بوپتۇلا، «سۆزنىڭ سۆڭىكى يوق» دەيدىغان تەمسىل بار. بۇ گەپلەر مەشەدە قېلىپ تۇرسۇن، بىز ئاۋۋال ناشتا قىلىۋالايلى. ئاندىن ئاقتاشقا بېرىپ ئۇستازىمىز موللا زاكىر خەلپىتىمدىن ھال سوراپ كېلەيلى. ئىچىمىز يورۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، سەنچە قانداق؟- دېدى ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىپ.

    قوچقار پالۋان ماقۇل بولدى. ئىككىيلەن قورۇدىن چىقىپ، ئۇدۇل موللا زاكىرنىڭ قورۇسىغا كىردى.

    موللا زاكىر خەلپىتىم قورۇسى ئىچىدە كەڭ كەتكەن تەك باراڭلىقى ئاستىدىكى سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان تەڭلىماتتا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان پېتى قىزىل كۆن مۇقاۋىلىق بىر چوڭ كىتابتىن كۆزىنى ئۈزەلمەي، كىتاب ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاشۇ كۈنلەردە ئەمدىلا ئەللىك ياشلار قارىسىنى ئالغان، ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈز، بېشىغا قىش-ياز نېپىز سەرپۇش، ئۇچىسىغا تىزىنى سەل بېسىپ چۈشىدىغان ئاق يەتكەك كىيىپ يۈرىدىغان خۇش پېئىل ۋە ئاقتاش مەھەللىسى بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئىدى.

    ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايى ئۇستازغا ھۆرمەت سالىمىنى بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن موللا زاكىر خەلپىتىم دەرھال كىتابتىن كۆزىنى ئۈزۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە، شاگىرتلىرى بىلەن تىنچلىق سورىشىپ ئۇلارنى سۇپا ئۈستىگە تەكلىپ قىلدى.

    ئۇلار ئۆزئارا ھاۋارايى ۋە مەئىشەت سەۋدايى توغرىسىدا مۇڭداشقاندىن كېيىن موللا زاكىر سۆھبەت تېمىسىنى يۆتكەپ ئابدۇنىياز كامالدىن سورىدى:

    - كىچىكىڭىزدە مەكتىپىمىز قورۇسىدا بالىلارغا يادقا ئوقۇپ بېرىدىغان «كۈللى نەۋايى»  نەزمىلىرى ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟

    - ئەلۋەتتە ئېسىمدە،- دېدى ئابدۇنىياز،- ئۇستازىمىزنىڭ تەلىمى قەلبىمىزگە مۆھۈر باسقاندەك مەھكەم ئورناشقان. مۇبارەك لەۋزىلىرىگە بىنائەن پېقىر شاگىرتلىرى «كۈللى نەۋايى»دىن تۆۋەندىكى نەزمىنى يادقا ئوقۇيمەن:

     

    پېقىر ئەھلىگە پادىشاھ موھتاج،

    ئەيلەر كىم شاھقا گادا موھتاج.

    يارغا بىلگەچ ئېھتىياجىمنى،

    كىمىسىگە بىلمىدىم يەنە موھتاج.

    ......

    - بەللى، بەللى،- دېدى زاكىر موللا نەزمىدىن تولىمۇ ھۇزۇرلىنىپ،- بۇ شېئىردىكى ھېكمەت تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك، پۇقرا بىلەن ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاجايىپ بىر دانالىق بىلەن يېشىپ بەرگەن.

    ئابدۇنىياز كامال ئۇستازىنىڭ يەشمىسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ زاكىر موللامدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى.

    موللا زاكىر ئۇستاز شەرھى باياننى داۋاملاشتۇردى:

    - پۇقرا مەڭگۈلۈك دائىرىدە، ھاكىمىيەت نىسپىي دائىرىدە ئايلىنىدۇ. ئالدىنقىسى كۈللى ئۇقۇم، كېيىنكىسى جۈزئىي ئۇقۇ. كۈللى ئىختىيار پۇقرا قولىدا، جۈزئىي ئىختىيار دەۋران قولىدا، دەۋران - يۆتكىلىپ تۇرغۇچى، پۇقرا - باقىي مۇتلەق خوجايىنى. قەلەم تۇتقان، ئەلەم تۇتقان ھۆكۈمدارلار نەپرەت جازاسىدىن ئۆزىنى ساقلايمەن دېسە، يۇقىرىدىكى ئەقىل تارازىسىنى ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلسا بولىدۇ. بايىقى نەزمىنىڭ ھەقىقىي تەبىر ئەنە شۇ.

    ئىلمىي سۆھبەت قىزىپ باراتتى. پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى قىستاپ قالغاچقا، ئۇلار ئايرىلىشقا كۆزلىرى قىيىشماي مىڭ تەستە ۋىدالاشتى.

    ئابدۇنىياز بىلەن ھىدايى داموللام يېنىدىن ئەمدىلا ئايرىلىپ كوچا بېشىغا بېرىشىغا تەڭ، توقسۇن بازىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۇيغۇرلىشىپ قالغان ۋاڭ نىياز ئىسىملىك يىگىت بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۈچەيلەن بىرلىكتە رەستىدىكى بىر ئاشخانىدا ئوزۇقلانغاندىن كېيىن مۇڭداشقىلى ئۆستەڭ بويىچە قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئۆستەڭ بويىدىكى خالىيراق بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ئولتۇرۇشتى-دە، ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭغا چۈشتى.

    ۋاڭ نىياز ئەسلى بەشبالىق (جىمسار) غا كېلىپ تۇرۇپ قالغان كۆچمەن تىجارەتچىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى جىن شۇرېن چېرىكلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. يېتىم قالغان ۋاڭ نىياز توقسۇنغا قېچىپ كېلىپ مەدىكارلىق بىلەن جان باققان. مۇشۇ جەرياندا ئابدۇنىياز كامال بىلەن تونۇشۇپ، ئىسمىنىمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ ۋاڭ نىياز قىلىۋالغانىدى.

    - قېنى سۆزلە، بۇرادەر، ئۇ يەرلەردە نېمە گەپ بار؟

    ۋاڭ نىيازنىڭ يېقىندىلا بەشبالىققا بېرىپ يېڭىلا كېلىپ تۇرۇشى ئىدى. ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە تەقەززا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇنىياز كامال ئۇچۇر ئىگىلەش غەرىزىدە ئۇنىڭدىن سورىدى.

    - نېمە گەپ بولاتتى،- دەپ سىر تۆكۈشكە باشلىدى ۋاڭ نىياز،- زامان تەتۈر چۆرگىلەۋاتىدۇ، پەلەك ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، بەشبالىقتا نەگىلا بارساڭ شۇ گەپ. لۇكچۇندىن قېچىپ بەشبالىق بارغان ئىسھاق تاغام - ئۆزى تەكلىپ قىلىپ ئاچىققان ما جەمەتى قىسىملىرى بىلەن بۇزۇلۇشۇپ شېڭ جەمەتىنىڭ قارمىقىغا ئىلىنىپ بوپتۇ. ماڭا ئۇچرىغانلىكى ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدا شۇلا گەپ. ئۇ يەردە بىر مەخپىي قىمار ئوينىلىپتۇدەك، قالغىنى تەڭرىگە ئامانەت.

    ئابدۇنىياز كامال شۇ تاپتا بۇرادىرىنىڭ تىلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۇچۇرنىڭ قېيناتىسى ئابدۇللا رەئىسىنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش چىقىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتاتتى.

    - ئۇنداقتا، بىز ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟- دېدى ھىدايى سوئال قويۇپ.

    بۇ سوئال ئۇزۇنغىچە جاۋابسىز قالدى. ھەممەيلەن سۈكۈت ئىچىدە يەنە جىم ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا ھېسسىيات قىزغىنلىقى ئەمەس، ئەقىل-ئىدراك مۇھاكىمىسى غۇلغۇلا قوزغىماقتا ئىدى.

    - بىزگە ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى، ئاغىنىلەر. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى كېيىن كۆرەرمىز. مېنىڭ يۈرىكىمدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بەرگەن ۋىجدانىي قەسەم ئىسيان قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بىرەر مىللەتكە قارشى تۇرمايمىز، بىز پەقەت چىرىگەن ئەمەلدارلار قاتلىمىغا قارشى تۇرىمىز، ئېزىلگەن كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ كۆز يېشى ئۈچۈن جان پىدا قىلىمىز، بىز دولان تەرەپكە، جەنۇبقا بارايلى، يا سايرامدىن چىقارمىز، يا قاينامدىن...

    قوچقار پالۋاننىڭ بۇ تەكلىپ پىكرىگە ھىدايى بۇرۇنلا قوشۇلغانىدى. ۋاڭ نىياز ئۈچۈن بۇ سۆزلەر يېڭىلىق ۋە تاسادىپىيلىق بىلەن تۇيۇلدى. لېكىن، ئۇنىڭ كەينىگە تارتىشىدىغان بۇ يەردە ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ قوچقار پالۋاننىڭ لەۋزىنى ھەرقانداق ئەھۋالدا يىرمايتتى.

    - بولىدۇ، مەنمۇ سەن باشلىغان كېچىككىنە كىرىمەن،- دېدى ۋاڭ نىياز جاۋابەن،- «توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دېگەن گەپ بار. مەن سىلەردىن ئايرىلمايمەن. ئاقتاشتا مۇنداق بىر تەمسىل بار: «ۋاڭ نىياز چامباش، ھىدايى يوغان باش، ئابدۇنىياز تۇمار تاش، ئۇلار ئىكەن چىن ئاداش...».

    ۋاڭ نىيازنىڭ يۈرەك سۆزى بىلەن قوشۇپ ئېيتقان بۇ چاقچىقى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى. ۋاڭ نىياز توقسۇن شېۋىسىدە سۆزلەشكە، ھەزىل چاقچاقلارغا ماھىر ئىدى. ئۇ، سۆھبەت كەيپىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە چاقچاق باشلاپ دېدى:

    - دوستۇم قوچقار پالۋان، مېنىڭ بۇ سەپكە قاتنىشىشىمنىڭ ساڭا ئىككى چوڭ خاسىيىتى بار. بىرىنچى، جەنۇبتا بۇلۇڭ تۈگەپ كېتىپ قېلىپ، ئامباللارنىڭ يېنىغا كىرىپ پۇل تەلەپ قىلساڭ، مەن ساڭا تىلماچ بولۇپ بېرىمەن. ئىككىنچى، سېپىڭدە مەن بولغىنىم ئۈچۈن شېڭ جەمەتى سېنى ھەرگىزمۇ پالانچى، پوكۇنچى دەپ ئەيىبلىيەلمەيدۇ. قانداق، مېنىڭدىكى خاسىيەت بوينۇڭدىكى تاش تۇماردىن قېلىشمايدۇ دېگىنە.

    ۋاڭ نىيازنىڭ بۇ ئەپچىل چاقچىقىدىن چىققان كۈلكە ساداسى ئاقتاش ئۆستەڭ بويىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.