خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-28 17:44:12

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 1 پاۋل داۋىسبىرىنچى باب: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى ئىلىم-پەن بىلەن دىن(قىسقارتىلدى)ئىككىنچى باب: ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىخۇدا باشتا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتى.ـــــــ «ئىنجىلن...

     



     

    خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 1  

     

    پاۋل داۋىس

    بىرىنچى باب: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى ئىلىم-پەن بىلەن دىن

     (قىسقارتىلدى)

     

    ئىككىنچى باب: ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى

    خۇدا باشتا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتى.

    ـــــــ «ئىنجىلنىڭ 1-تومى»، بىرىنچى باب، بىرىنچى پاراگراف

    لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بۇنى ھېچكىم نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرمىگەن.

    ـــــــ ستېۋېن ۋېنبىرگ «ئەڭ دەسلەپكى ئۈچ مىنۇت»

    ئالەمنىڭ يارىتىلغانلىقىدەك مۇشۇنداق ئىش بولغانمۇ؟ ئەگەر بولغان دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ ئىش قاچان يۈز بەرگەن؟ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭدا ئىنتايىن چوڭقۇر، يەشمەك قىيىن سىرلار بار. نۇرغۇن دىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار بار، ئىلىم-پەندىمۇ شۇنداق.مەزكۇر كىتابتا ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئەڭ يېڭى بايقاشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئالەمنىڭ  پەيدا بولۇشىدىكى سىرلارنى يېشىپ كۆرىمىز. بۇ بابتا مۇھاكىمە قىلىنىدىغىنى ئالەم ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىنن ئىبارەت.

    بەزىلەر «ئالەم» (universe) دېگەن بۇ سۆز بىلەن قۇياش سېستىمىسىنى ياكى سامانيولى سېستىمىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما مەن «بارلىق فىزىكىلىق مەۋخۇت نەرسىلەر» دېگەن بۇ بىر قەدەر ئادەتتىكى مەنىدە «ئالەم» سۆزىنى قوللىنىمەن، مەن دەۋاتقان ئالەم بارلىق يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ ئىچىگە، ئارىسىغا تارقالغان بارلىق ماددىلار، بارلىق شەكىللەردىكى ئېنىرگىيە، بارلىق غەيرىي ماددىي نەرسىلەر، مەسلەن، قارا ئۆڭكۈر، تارتىش كۈچى دولقۇنى ھەمدە چەكسىزلىككە قاراپ كېڭەيگەن (ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا) بوشلۇقتىن ئىبارەت. بەزىدە، مەن «دۇنيا» (world) سۆزى بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن بارلىق نەرسىلەرنى كۆزدە تۇتىمەن.

    ماددىي دۇنيا توغرىسىدا مەلۇم خىل چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىن ئېيتىمىز دەپ جار سالىدىغان ھەرقانداق بىر ئىدىيە سېستىمىسى جەزمەن ھالدا ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا بەزى گەپلەرنى قىلىدۇ. ئەڭ ئاساسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالەم ياكى ئىزچىك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە (يا ئۇنداق، يا مۇنداق شەكىلدە)؛ ياكى ئۇنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ھېچبولمىغاندا ئۇ ئىلگىرىكى مەلۇم بىر ئالاھىدە ۋاقىتتا تاسادىپىي ھالدا پەيدا بولغان دەيدىغان ئېنىق ئىككى خىل كۆز قاراش بار. بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش ئۇزاقتىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىلاھىيەتشۇناسلار، پەيلاسوپلار، ئالىملارنى قىيناپ كەلمەكتە. بەلكى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭمۇ بۇ ئىككى خىل قاراشنى چۈشىنىشى تەس.

    ئەگەر ئالەمنىڭ ۋاقىت جەھەتتەباشلىنىشى يوق دېيىلسە، بۇ ئالەم ئىزچىل ھالدا مەۋجۇت ئىدى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنداقتا ئالەمنىڭ يېشى چەكسىز چوڭ بولىدۇ. چەكسىز چوڭ دېگەن بۇ ئۇقۇم نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر چەكسىز نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسا، نېمە ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز؟ ئەجەبا، ئالەم مەڭگۈلۈك ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل تۈردە جىمجخت ھالەتتە بولۇپ، پەقەت نىسپىي يېقىنقى چاغلارغا كەلگەندىلا ئاندىن تۇيۇقسىز ھەرىكەتلەنگەنمۇ ياكى مەڭگۈلۈك ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدا ئىزچىل تۈردە مەلۇم ھەرىكەت مەۋجۇت بولغانمۇ؟ يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر ئالەمنىڭ باشلىنىشى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا ئالەم تۇيۇقسىز ھالدا يوقلۇقتىن پەيدا بولغان دېگەننى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئىش راستىنلا بولغان بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار؟

    نۇرغۇن مۇتەپپەككۈرلەر بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئارىسالدى  بولۇپ، ئىلىم-پەننىڭ دەلىل-ئىسپات تېپىپ چىقىشىنى كۈتمەكتە. ئىلىم-پەن ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش مەسىلىسىدە بىزگە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟

    بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئالەمشۇناسلار ۋە ئاسترونوملار ئالەم ھەقىقەتەن 18 مىليارد يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان دېگەن نەزەرىيىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ نەزەرىيە بويىچە، ئەينى ۋاقىتتا ماددىي ئالەم بىر قېتىملىق قورقۇنچلۇق پارتلاشتىن پەيدا بولغان. ئۇ قېتىمقى پارتلاش ھازىر ھەممىلا ئادەم بىلىدىغان «چوڭ پارتلاش»تىن ئىبارەت. «چوڭ پارلاش» نەزەرىيىسى ئادەمنى ئىنتايىن چۆچۈتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نەزەرىيە نۇرغۇن دەلىللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. كىشىلەر بۇ نەزەرىيىنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى قۇبۇل قىلسۇن ياكى قۇبۇل قىلمىسۇن، ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق قىياس، ئالەم ئىلگىرى مەلۇم خىل ئەھۋالدا پەيدا بولغان دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇ قايىل قىلارلىقتۇر. مەزكۇر نەزەرىيىنىڭ قارىماققا ئادەمنى قايىل قىلالىشىدىكى بىۋاستە سەۋەب، تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىدىن ئىبارەت فىزىكىدىكى بۇ ئەڭ ئومۇمىي قانۇن ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى ئىلمىي دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بولغانلىقىدىن ئىبارەت. كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنى ئالەمنىڭ تەرتىپسىزلىكى كۈنسايىن ئېشىپ بارىدۇ. ئالەم ئاستا-ئاستا، ئەمما ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالدا قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىنىڭ مىساللىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسلەن، ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى، ئادەمنىڭ قېرىشى، تاغلار ۋە دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ يالىنىشى، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ خورىشى قاتارلىقلار.

    ئەگەر بارلىق تەبىئىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ تەرتىپسىزلىك (مەلۇم مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئۆلچەپ چىقىلغان)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئالەم جەزمەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالدا ئۆزگۈرۈپ بارىدۇ، چۈنكى ئالەمنى ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتۇرۇش تەرتىپسىزلىكىنى ئىلگىرىكى سەۋىيىگە تۆۋەنلىتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھالبۇكى، بۇ نۇقتا تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنى بىلەن سىغىشالمايدۇ. ئەمما شۇنداقلا قارايدىغان بولساق، دۇنيادا تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىغا قارشى مىساللار خېلى كۆپ. مەسلەن، يېڭى ئىمارەتلەرنىڭ سېلىنىشى، يېڭى قۇرۇلمىنىڭ بارلىققا كېلىشى. ئەجەبا، ھەربىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تەرتىپسىزلىك ئىچىدىن تەرتىپلىكنىڭ پەيدا بولغانلىقىنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ؟

    بۇ مىساللاردا، سىز كۆزەتكىنىڭىزنىڭ يالغۇزلا ئۆزىڭىز كۆڭۈل بولىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل سېستىما ئىكەنلىكىگە دىقەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئالەمنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى تەرتىپلىكلىكىنىڭ ئېشىشى ھامان ياشقا بىر يېرىدىكى تەرتىپسىزلىكىنىڭ ئېشىشىنى ئۆزىگە بەدەل قىلىدۇ. بۇ يېڭى بىنانىڭ سېلىنىشىنى مىسالغا ئالايلى. بىنا سېلىشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار بايلىقنىڭ خورىتىلغانلىقىدىن ئىبارەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىنا سېلىش داۋامىدا سەرپ قىلىنغان ئېنىرگىيىنىمۇ قايتا يىغىۋالغىلى بولمايدۇ. ھېسابلاپ كۆرىدىغان بولساق، تەرتىپسىزلىكنىڭ ھامان كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

    فىزىكا ئالىملىرى «ئېنتروپىيە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماتېماتىكىلىق مىقدارنى كەشىپ قىلىپ، تەرتىپسىزلىكنى مىقدارلاشتۇرغانىدى. كۆڭۈل قويۇپ قىلىنغان تەجرىبىلەرمۇ بىر سېستىمىدىكى ئومۇمىي ئېنتروپىيىنىڭ ئازايمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ناۋادا بىر سېستىما ئۆز مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلانسا، ئۇنداقتا، مەزكۇر سېستىمىدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىش رەھىمسىزلىك بىلەن ئېنتروپىيە قىممىتىنى چوڭايتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى چوڭلۇقتا قايتا چوڭىيالمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سېستىمىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. پۈتكۈل سېستىما بۇ خىل تېرمودىنامىكىلىق تەڭپۇڭلۇق ھالىتىگە يېتىدۇ. ئارىلاش خىمىيىلىك ماددا قاچىلانغان بىر قۇتا بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. بۇ قۇتىدىكى ھەرخىل خىمىيىلىك ماددىلار ئارىسىدا رېئاكسىيە يۈز بېرىپ ياكى بۇنىڭدىن بىر قىسىم ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ، ھەرخىل ماددىلار مولېكولا شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى قۇتىنىڭ ئىچىدىكى ئېنتروپىيىنى ئاشۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، قۇتىدىكى ماددىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاداققى خىمىيىلىك فورمۇلا شەكلىگە ئىگە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ بىردەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يەنە باشقا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ماددىلارنى ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن قۇتىنى ئېچىپ، يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن قۇتىنى ئېچىپ، يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە ۋە ماددا سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەريان ئارقىلىق قۇتا ئىچىدىكى ئېنتروپىيىنى ھەقىقەتەن تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېخىمۇ كۆپ ئېنتروپىيە ھاسىل بولۇشى مۇمكىن.

    ئەگەر ئالەمدە ھەقىقەتەن بىر چەكلىك تەرتىپلىك مىقدار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان تەرتىپسىزلىككە قاراپ ئۆزگىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېرمودىنامىكىلىق تەڭپۇڭلۇققا يېتىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا، بۇنىڭدىن دەرھال مۇنداق ئىككى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى ئەقلىي خۇلاسە شۇكى، ئالەم ئاخىرقى ھېسابتا ۋەيران بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېنتروپىيىسى ئىچىدە يوقىلىدۇ. بۇ خۇلاسىنى فىزىكا ئالىملىرى ئالەمنىڭ «ئىسسىقتىن ئۆلۈشى» دەپ ئاتايدۇ. ئىككىنچى ئەقلىي خۇلاسە شۇكى، ئالەمنىڭ چەكسىز ئۆتمۈشىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر راستىنلا بار بولسا، ئۇنداقتا ئالەم چەكسىز ئۆتمۈشىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر راستىنلا بار بولسا، ئۇنداقتا ئالەم چەكسىز يىراق ۋاقىتتىن ئىلگىرىلا ئەڭ ئاخىرقى تەڭپۇڭ ھالەتكە يەتكەن بولىدۇ. خۇلاسە: ئالەم ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە مەۋقۇت بولغان ئەمەس.

    بىز ئەتراپىمىزدىكى بارلىق كۆرۈپ ئادەتلەنگەن سېستېمىلاردىن تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىنىڭ رولىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسلەن، يەرشارىنىڭ چەكسىز ئۆتمۈشىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بار بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ يادروسى ئاللىقاچان سوۋۇپ بولغان بولاتتى. رادىئوئاكتىپلىق تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ يېشىنى 4 مىليارد 500 مىليون يىل دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئاي شارى ھەمدە ھەرخىل مېتېئوردلارنىڭ يېشىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

    قۇياش بولسا جەزمەن توختىماستىن ئىزچىل تۈردە يېنىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ يېقىلغۇ زاپىسى يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ بارماقتا. شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا سوۋۇپ، خىرەلىشىدۇ. ئەكسىچە خۇلاسە چىقىرغاندا، قۇياش جەزمەن پەقەت بىر بۆلەك چەكلىك ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئاندىن يېنىشقا باشلىغان، چۈنكى ئۇنىڭ چەكسىز ئېنېرگىيە مەنبەسى يوق. مۆلچەرلەشكە ئاساسلانغاندا، قۇياشنىڭ يېشى يەر شارىنىڭكىدىن سەل چوڭراق ئىكەن. بۇ مۆلچەر نۆۋەتتە قۇياش سېستىمىسى دەسلەپتە بىر مۇستەقىل بىرلىكتىن شەكىللەنگەن دەپ قارايدىغان بىر تۈرلۈك نەزەرىيىگە ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەمما قۇياش سېستىمىسى پەقەتلا ئالەمنىڭ كىچىككىنە بىر تەشكىلىي قىسمىدىن ئىبارەت. يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپلا ئالەم توغرىسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ خۇلاسە چىقىرىشىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. لېكىن قۇياش ھەقىقەتەن بىر تىپىك تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت، بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىلا نەچچە مىلياردلىغان باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھايات تارىخى ئاسترونوملارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ھازىر ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۆزلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدىكى ئوخشاشمىغان باسقۇچلاردا تۇرماقتا، بۇ بىزنى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولۇش، ھايات كەچۈرۈش، ھالاك بولۇشىغا دائىر تەپسىىي خەرىتىنى سىزىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

    تۇرغۇن يۇلتۇزلار پلانېتلار بىلەن بىللە شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ شەككىلىنىشىدىكى سەۋەب، پلانېتلار ئارىسىدىكى ئاساسلىقى ھىدروگېندىن تەشكىل تاپقان چوڭ ھەم شالاڭ بۇلۇتلارنىڭ ئاستا-ئاستا قورۇلۇپ، بۆلۈنگەنلىكىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ قايسى رايونىدا تۇرغۇن يۇلتۇز بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى تېپىش ناھايىتى ئاسان. بۇنداق رايونلارنىڭ بىرى ئورىئون تۇمانلىقى بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز بىردىنلا شەكىللەنمەيدۇ. مەسلەن، قۇياشنىڭ يېشى ھازىر تەخمىنەن 5 مىليارد يىل دەپ قارالماقتا. ئەمما ئۇنىڭ يېشى كۆپ بولغاندىمۇ سامانيولى سېستىمىسىدىكى ئەڭ قېرى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يېشىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدۇ. ۋاھالەنكى، قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى سامانيولى سېستىمىسىدا نەچچە ئون مىليارد قېتىملاپ يۈز بەرگەن بىر ئۈزلۈكسىز جەرياندىن ھاسىل بولغان بىر نەتىجىدىن ئىبارەت دەپ قاراشقا بولىدۇ، بەلكى بۇ جەريان يەنە داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، شۇنداق دېيەلەيمىزكى، تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىلەن پلانېتىلارنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنى يارىتىلغان دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ئالەمدىكى مەلۇم قۇراشتۇرۇش لىنىيىسى خان ئەشيا (ھىدروگېن، گېلىي ھەمدە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى ئېغىر ئېلېمېنتلار)لاردىن توختىماستىن تۇرغۇن يۇلتۇز، پلانېتلارنى قۇراشتۇرۇپ چىققان، خالاس.

    بىر تۈركۈم تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆيۈپ تۈگەپ، يەنە بىر تۈركۈم تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۈزلۈكسىز شەكىللەنگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل پەيدا بولۇش بىلەن يوقىلىشتىن ئىبارەت دەۋرىي قىلىش چەكسىز يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ كەلگەنمۇ؟ ياق. تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇكى، بۇ خىل چەكسىز ھالدا تەكرار دەۋرىي قىلىدىغان دەۋرىيلىك يوق. تۇرغۇن يۇلتۇزلار كۆيۈپ تۈگىگەندە قېپقالغان ماددىلارنىڭمۇ تامامەن قايتا دەۋرىي قىلىشقا قاتنىشىشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ كۆيۈشىدە سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە يۇلتۇز نۇرى شەكلىدە ئالەم بوشلۇقىغا تارقىتىلىدۇ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا نەچچە ئون مىليارد يىل تارقىلىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن قېپقالغان يەنە بەزى ماددىلار قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ، قايتا چىقالمايدۇ.

    پۈتكۈل ئالەم سىستېمىسى ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق تەكرار دەۋرىي قىلمىغان دېگەن قاراشنىڭ يەنە بىر تېخىمۇ بىۋاستە سەۋەبى بار. ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىساك نيۇتون تارتىش كۈچىنىڭ بىر خىل ئومۇمىي كۈچ بولۇپ، ئالەمدىكى بارلىق جىسىملارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. ھەربىر تۇرغۇن يۇلتۇز، ھەربىر يۇلتۇزلار سىستېمىسى تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا يېقىنلىشىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئەركىن لەيلەپ تۇرىدىغانلىقتىن، قارىماققا ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھەممىلا يەردە مەۋجۇت تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن بىر يەرگە يىغىلىپ قالماسلىققا ھېچقانداق ئاساس يوقتەك كۆرۈنىدۇ. قۇياش سېستىمىسىدىكى پلانېتلارنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن قۇياش يۈزىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەب، مەركەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ بولغانلىقى، ھەرقايسى پلانېتلارنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئوخشاشلا. سامانيولى سېستىمىسىمۇ ئايلىنىدۇ. لېكىن ھازىر بىزدە پۈتكۈل ئالەمنىڭمۇ ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل يوق. ھەرقايسى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مەڭگۈ ئېسىلىپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا، ئالەمنىڭمۇ مەڭگۈ ھازىرقىدەك ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

    گەرچە ئا؛ەمنىڭ بۇ سىرى نيۇتوندىن باشلاپ كىشىلەر تەرىپىدىن ھېس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما پەقەت 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ جاۋابى تېپىلدى.

    ئامېرىكا ئاسترونومى ئېدۋىن ھۇببلې ھەرقايسى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلاشماستىن، بەلكى بىر-بىرىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ھۇببلې ھەرقايسى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىدىن تارقالغان نۇرنىڭ رەڭگىدە غەيرىي نورمال ئەھۋال (كەسپىي ئاتالغۇ بويىچە «قىزىلغا سىلجىش» دېيىلىدۇ) بارلىقىغا، بۇنىڭ ھەرقايسى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. چۈنكى ن ۇر ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق دولقۇنىدىن تەشكىل تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، يۆتكىلىۋاتقان يورۇقلۇق مەنبەسى يورۇقلۇق دولقۇنىنى ئۇزارتالايدۇ ياكى قىسقارتالايدۇ، بۇ بەئەينى مېڭىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئۆزى چىقارغان ئاۋازنى چوڭايتقان ياكى قىسقاترققىنىغا ئوخشايدۇ. ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئاۋازى ياكى پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئۇ ماشىنا ياكى پويىز تېز سۈرئەتتە يېنىمىزدىن ئۆتكەن چاغدا خېلى كۆپ تۆۋەنلەيدۇ. بۇ يەردىكى «ئاۋاز»نىڭ ئورنىغا «رەڭ» ئالماشتۇرۇلسا، ھۇببلې قىزىلغا سىلجىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. پەقەتلا بۇ يەردىكى دېيىلىۋاتقان ھەرقايسى پلانېتلارنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى ئاپتوموبىل ياكى پويىز سۈرئىتىدىن كۆپ تېز. يىراقتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى سېكونتىغا نەچچە ئون مىڭ ئېنگلىز مىلى چېكىنىدۇ.

    ھۇببلېنىڭ بايقىشى بەزىدە ئادەمگە خاتا تۇيغۇ بېرىپ، ئۇ بىرتۇرۇۋاتقان يۇلتۇزلار سىستېمىسى باشقا يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، باشقا بارلىق يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ بىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ خىل قاراش خاتادۇر. چۈنكى بىزدىن يىراقتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى بىزگە بىر قەدەر يېقىندىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. شۇڭا، يىراقتىكى ۋە يېقىندىكى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ چوڭىيىپ بارىدۇ، شۇڭا، ئەمەلىيەتتە ھەربىر يۇلتۇزلار سىستېمىسى باشقا يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىدىن يىراقلىشىۋاتقان بولىدۇ. مانا بۇ داڭلىق «ئالەمنىڭ كېڭىيىش» قىياسىدىن ئىبارەت. سىز مەيلى ئالەمدىكى قايسى ئورۇندا تۇرۇپ كۆزىتىڭ، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ كېڭىيىش سخېمىسى سىزگە ناھايىتى ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ.

    (ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.