نۇرخان ئاچام ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-07 11:18:12

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} نۇرخان ئاچام ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت بۇ ئىش بۇنىڭدىن ئ

    نۇرخان ئاچام ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئېزىز ساۋۇت


       بۇ ئىش بۇنىڭدىن ئوتتۇز نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن. ئۇ چاغلاردا مەن ئون توققۇز ياشلارغا كىرگەن. نىكاھلىنىپ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، تەن، چىراي، ھۆسنۈم كېلىشكەن-تولغان، چوكانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان گۈزەل ياش بىر ئايال ئىدىم. تۇغۇلغان يۇرتۇم ئۇنسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا تەۋە، گۈزەل باغۇ-بوستانلىق مۇنبەت زېمىن-چاشلىق كەنتى ئىدى. ئاتا-ئانام قازالاپ، چوڭ ئانامنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدۇم. تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن چاشلىق كەنتىدىكى بىر باي كىشىگە ياتلىق بولدۇم. بۇ كىشىنىڭ تېگى چاشلىقتىن بولۇپ، كەنتتە يەر-زېمىنى، ئۇنسۇ بازىرىدىمۇ قورۇ-دۇكانلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانچىلىق ھەم سودا-سېتىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم ئىدى. شەھەردە چوڭ خوتۇنى بار ئىدى. مەن مەخسۇس كەنتتىكى يەر-زېمىنگە مۇئەككەل بولىدىغان توقال خوتۇن بولدۇم. 1951-يىلى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، خەلق ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى چاغلىرى بولغاچقا، كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم تېخى بىكار قىلىنمىغانىدى.
       1952-يىلىنىڭ 8-ئېيى مەمۇرچىلىق پەسىل. باغلاردا ئۈزۈم، شاپتۇل، مېۋىلەر مەي باغلىغان قازناقلاردىكى تاغارلار ئاشلىققا تولغان، قوناق، پاختىلارمۇ تەييار بولغان ئېسىل كۈنلەر. ئېرىم ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنىڭ ئالدىراش پەسلىدە ئىش ئۈستىدە تۇرۇپ بەردى. ئاندىن قولۇمغا پۇل، ئۆيگە كېرەكلىكلەرنى تەل قىلىپ بېرىپ، سەككىز ئايلىق بولغان بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ يېنىشلاپ سۆيدى.
    −نۇرخان، بۇ يەردە ئەمدى ماڭا قىلىدىغان ئىش قالمىدى. شەھەردە پايدىسى كۆپ بىر سودا مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كۈزلۈك يىغىم باشلانغىچە ئاشۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇراي. جىددىي ئىش چىقسا خەۋەر بېرەرسىلەر. خەير، خۇداغا ئامانەت!−دېدى-دە، شەھەرگە يۈرۈپ كەتتى.
    ياش ئايال ئۈچۈن يالغۇز تۇرمۇش زېرىكەرلىك، قانداق قىلىمەن؟ ئوغلۇمنى بېقىپ ئەركىلىتىپ، زېرىكسەم ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭكىگە بېرىپ مۇڭدىشىپ، ئاش-تامىقىمنى ئېتىپ يەپ، ئېرىمگە پاك، سەمىمىي، سادىق بولۇپ، يات-غەيرىگە ئارىلاشماي ياشىدىم.
    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كۈندۈزى بالامنى كۆتۈرۈپ ئېتىز-ئېرىقلارنى ئارىلاپ پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغان زىرائەت، مېۋىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيىمىز كەنتنىڭ بىر چېتىدە، باغجاللاپ كەتكەن بىر ئورمانزارلىقنىڭ تۈۋىدە، قوشنىلاردىن يىراق-خىلۋەت بىر جايدا ئىدى. شۇ كۈنى چارچاپ كەتكەنلىكتىن تاماق ئېتىشمۇ خۇشياقماي، نان بىلەن چاي ئېچىپلا، بالىنى ئېمىتىپ تويغۇزۇپ بۆشۈككە بۆلەپ بالدۇرلا يېتىپ قالدىم. تۈن تەڭ بولغاندا ھويلىدىن «گۈپ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھويلىدىن بىرسىنىڭ قەدەم تىۋىشى ئاڭلاندى. ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنچ چىرمىۋالدى. «بۇ كىمدۇ؟ ئوغرىمىدۇ؟ يا، مېنى يالغۇز كۆرۈپ ئىشقىۋاز مەقسەت بىلەن بەدنىيەتلىك قىلغىلى كەلگەن بىر ئەركەكمىدۇ؟ ھويلىغان قانداق كىرگەندۇ؟ تاملارمۇ ئېگىز، ئاسانلىقچە ئارتىلىپ چۈشكىلى بولمايتتى. ھە، ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئۈجمە ئارقىلىق سىيرىلىپ چۈشكەن ئوخشايدۇ. ئىت، ئىتقا نېمە بولغاندۇ؟ يات-غەيرىنى يېقىن يولاتمايدىغان، چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان زور ھەم يامان ئىت ئىدى. ھەمىشە دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن نېرى بولمايتتى. ئەجەب جىمىپ كەتتىيا؟
    شۇ چاغلاردا كەنتتىكى بويتاق ياكى خوتۇنلۇق ياش يىگىتلەر ھۆسن لاتاپىتىمگە مەھلىيا بولۇشۇپ ماڭا ناشايان تەلەپلەرنى قويۇشاتتى. لېكىن، مەن «ئېرىم، بالام بار، خىيانەت قىلسام يامان بولىدۇ!» دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، ناشايان تەلەپلەرگە پىسەنت قىلماي يۈرۈۋەردىم. شۇڭا، ئىندەككە كەلتۈرەلمەي ھەسەت بىلەن قاراملىققا ئېلىپ مۇشۇنداق قىلىقلارنى قىلماس دېگىلىمۇ بولمايتتى.
    −كىم؟−ئەندىشە بىلەن ۋارقىرىدىم.
    −كىم دەيسەنغۇ؟ ئاچە ئىشىكنى!
    تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. غاراڭ-غۇرۇڭ، قوپال بۇ ئاۋاز ماڭا ناتونۇش ئىدى. كەنتتىكى قېرى-ياش ئەركەكلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ ئاۋازى ماڭا ئاساسەن تونۇش ئىدى. ھەر بىر ئاۋازدىن كىملىكىنى پەرق ئېتەلەيمەن. لېكىن، بۇ ناتونۇش غەيرىي ئاۋاز ۋەھىمىلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئىدى.
    −...
    جىم تۇرۇۋالدىم. تاشقىرىقى ئۆيدە ياتقانىدىم. جاھان تىنچ دەپ، ئىشككە دەممۇ سالماي، ئىلگەكنى ئىلىپ قويۇپلا ياتقانىكەنمەن.
    −ھەي جالاپ، ئىشىكنى ئاچ دەيمەن! بولمىسا ئۆزۈم ئاچىمەن!
    ھەممە ئىش ئايان بولدى. ئۇنىڭ قوپال، غالجىر، غالداڭ-غۇلدۇڭ، رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرغان ئاۋازىدىن مەھەللىمىزدىكى ئەركەكلەرگە ئەمەس، بەلكى چەتتىن قاڭقىپ كېلىپ قالغان بىر خۇنخۇر، قارا يۈرەك ئوغرى-بۇلاڭچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر مەھەللىمىزنىڭ ماڭا كۆڭۈل قويۇپ يۈرگەن ئەركەكلىرى بولسا، ھەرقانچە قىلسىمۇ سىلىق−يېلىنىش ئىپادىلىرىنى ئىشقا سېلىپ مۇئامىلە قىلغان بولاتتى...
    ھودۇقۇپ-تەمتىرەپ كەتتىم. ئەقلىمنى، ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنچ بېسىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۆزۈمنى قوغداش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۆشۈكتىكى بالا ئېسىمگە كەلمەپتۇ. كۆڭلىكىمنى كىيىشكە ئاران ئۈلگۈردۈم. ئوغرى:
    −ھەي قانجۇق، ئاچمامسىنا؟ مانا ئەمىسە!−دېگىنىچە ئىشىكنى كۈچ بىلەن «گۇپ-گۇپ» قىلىپ ئۇرغىلى تۇردى. ئوغرى كۈچلۈك، بەستلىك، قاۋۇل ھەم بۇنداق ئىشىلارغا كۆنۈپ كەتكەن بىر نېمە بولسا كېرەك. تۇنجى رەت ئىشىككە ئۇرۇلغاندا، ئىشىكنىڭ ئۆگجىگى «تارس» قىلىپ سۆكۈلدى. دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ نېرىقى مېھمانخانا ئۆيگە كىرىۋالدىم. تەلىيىمگە يوغان بىردەم ئىشىكنىڭ يېنىدا ئىكەن، چاققانلىق بىلەن ئىشىككە تىرەپ، يەنە بىر بېشىنى تامغا تاقاپ، ئۈستىگە مىنىۋالدىم. ئىشىككە يوغان قۇلۇپنى سېلىۋەتتىم. شۇئان بالا ئېسىمگە كەلدى. «ئاھ، بالام! ئالدىراشچىلىقتا سېنى ئېسىمدىن چىقىرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ياۋۇز ئوغرى ھەرقانچە بولسىمۇ ساڭا چېقىلماس». ئوغرى ئىشىككە ئۆزىنى ئۈچىنچى رەت ئۇرغاندا، ئىشىك «جالاققىدە» ئېچىلىپ كەتتى-دە، ئۇ بېسىم بىلەن قاڭقىپ كاڭنىڭ لېۋىگە ئۇرۇلدى. قورسىقى قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك، «ۋايجان» دەپ زارلىنىپ كەتتى-دە، غالجىرلاشقان ھالدا ۋارقىرىدى.
    −ھەي، قانجۇق، بۇياققا چىق دەيمەن! چىرايلىقچە ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل-بىساتلىرىڭنى چىقار! بولمىسا بوغۇزلىۋېتىمەن! ئۇ ئۆيگىمۇ كىرەلەيمەن جۇمۇ!
    ئوغرى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىگە يەنە كۈچ بىلەن ئىككى-ئۈچ رەت ئۆزىنى ئۇردى. بارلىق كۈچۈم بىلەن دەمگە سالماق تاشلاپ ئولتۇرۇۋالدىم. ئىشىك قىمىرلاپمۇ قويمىدى. بۇ ئىشىك ياش توغراق ياغىچىدىن قىلىنغان ھەم قېلىن تام كېسەكلىرىنىڭ قېتىغا پۇختا جايلاشتۇرۇلغانىدى. مېنىڭمۇ دەمنىڭمۇ كۈچى قوشۇلۇپ زەربىگە بەرداشلىق بەردى. ئوغرى ھالسىزلاندى. ئورۇنۇشلىرىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىنى كۆرگەن ئوغرى ئوغىسى ئۆرلەپ ئۆي ئىچىدە قۇتراپ كەتتى. «تاراق-تۇرۇقلار»دىن بۆشۈكتىكى بالا ئويغىنىپ يىغلاپ كەتتى.
    −ھە!−ئوغرى ئوچۇق ئىشىكتىن چۈشكەن ئاي يورۇقىدا بالىنى زاكىدىن ئايرىپ قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ،−ئەمدى چىقارسەن!−دېدى.
    «ۋاي ئىسىت بالام!» دېگىنىمچە ئۆزۈمنى نابۇت قىلىپ بولسىمۇ بالىنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم. دەمنى ئېلىۋەتتىم. قۇلۇپنى ئاچاي دېسەم ئاچقۇچنى قويغان يەرنى تاپالماي ئالاقزادىلىكتە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتتى.
    −مانا ئەمىسە!...
    ئوغرى پىلتىڭلاپ چىرقىراۋاتقان نارەسىدىنىڭ گېلىدىن يوغان، كۈچلۈك قولى بىلەن قاتتىق بوغدى بولغاي، بالىنىڭ يۇمران بويۇن سۆڭەكلىرى «گىرت» قىلىپ ئېزىلىپ كەتتى−دە، ئۇجۇقتى. ئوغرى:
    −ھەي قانجۇق، ئاۋارە بولما! بايا شۇنچە دېسەم ئاڭلىمىدىڭ، مېنىڭ ھۈنىرىم تولا! ئۇ ئۆيگىمۇ كىرەلەيمەن، سېنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن!−دېدى بالىنى يەرگە «پوككىدە» تاشلاپ.
    «ۋاي ئىسىت بالام! ئالدىڭدا قارا يۈز بولدۇم. ئۆزۈمنى ساقلايمەن دەپ، سېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردىم. ھازازۇل ئانا ئىكەنمەن!» كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. بالىنىڭ پىراقىدا يۈرىكىمنى زەھەرلىك ئاچچىق سىقىۋالدى. بېشىم ئايلىنىپ ماغدۇرۇم قالمايۋاتاتتى. ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالدىم. نېرىقى ئۆيدىكى بولغان ئىشلارنى بىلىپ توختاپ قالدىم. «بالامنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، بولىدىغان ئىش بولدى. تەقدىر شۇئىكەن، چىقساممۇ بىكار. مېنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ».
    ئىشىككە قايتىدىن دەم سالدىم. چۆيۈن قارا چىراغنى يورۇتتۇم. قارىسام تەلىيىمگە ئۈستەلدە گۆش چانايدىغان بېسى كەڭ ئايپالتا يالتىراپ تۇرۇپتۇ. «ئېلىشماي!» دەرھال قولۇمغا پالتىنى ئېلىپ ئاندىن دەمگە ئولتۇرۇپ «جەڭگە» تەييار تۇردۇم. ئوغرى بولدى قىلماستىن گۇڭگا ئاي نۇرىدا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ قازاننى تېپىپ ئوچاققا ئاستى، بۆشۈكنى سۇندۇرۇپ ئوچاققا تىقىپ ئوت ياقتى. ھويلا ئوچاق بېشىدا قاپاقتا ياغ بار ئىدى. ئەپكىرىپ قازانغا تۆكتى. ھەممە ئىشلارنى تۇيۇپ تۇردۇم. ياغ قىزىغاندا بالىنى قازانغا تاشلىدى. «پاژ-پۇژ» ئاۋاز بىلەن تەڭ، قاڭسىق پۇراق ئۆي ئىچىگە تارالدى. ئۇ مەلئۇن ئىنسانىيەت ئالىمىدە كەم كۆرۈلىدىغان بۇنداق قەبىھ جىنايەت ئارقىلىق مېنىڭدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆچ ئېلىۋاتاتتى. لېۋىمنى قاتتىق چىشلەپ سۈكۈت قىلدىم. ئوغرى ئەمدى ئادەتلەنگەن كەسپىنى ئىشقا سېلىپ، قولىدىكى چوت، قىلىچ پىچىقى بىلەن بۇسۇغىنىڭ ئاستىنى كولاشقا باشلىدى. ئۇ ماھارىتىنى ماڭا كۆرسەتمەكچىدەك قىلاتتى. ئوغرى بۇسۇغا تېگىدىن كىرىپ مېنى ئۆلتۈرۈپ ئۆينى قۇرۇقدىماقچى. مەنمۇ تەييار تۇردۇم. يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ھەپىلىشىپ، ئۆزى بىمالال پاتقىدەك بىر تۆشۈك ئاچتى.
    −قانداق خېنىم قانجۇق! كىرەلەمدىمەن! ئەمدى مەن سېنى!...
    ئوغرى سۆزلەپ تۇرۇپ، دۈم ھالدا تۆشۈككە بېشىنى تىقىپ كىرىشكە باشلىدى. يىلاندەك شۇڭغۇپ كىرىۋاتقان ئوغرىنىڭ باش بوينى كىرىپ بولۇپ مۈرىلىرىگە كەلگەندە، ئاغزى-بۇرنى توپىغا مىلىنىپ چىدىيالماي بوينىنى يانغا تولغاپ چىراينى كۆرسىتىپ قورقۇنچلۇق ھىجايدى.
    −قانداق خېنىم جالاپ، ئەمدى نەگە قاچىسەن؟!
    بارلىق خۇنخۇرلارنىڭ چىرايى مۇشۇنداق سەتلىشىپ كېتەمدىغاندۇ؟ قارىداپ كەتكەن تاۋاق يۈز، شاپ بۇرۇت، پولتۇيۇپ چىققان يوغان كۆز، قاڭشارلىق، گەۋدىلىك قىرىق ياشلاردا بار بىر مەلئۇن ئىكەن. ھىجايغاندا ئالتۇن چىشلىرى پارقىراپ كەتتى. بالامنى خۇن قىساسى، ھايات قېلىش ئۈمىدى، غەزەپ-نەپرەت ۋۇجۇدۇمغا كۈچ-جاسارەت بېغىشلىدى-دە، ئايپالتىنى دەل ئۇنىڭ بوينىغا چەتلەپ چېپىۋەتتىم. «ئېھ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئىشىك ۋە ئەتراپقا، ئىتەك-پۇچقاقلرىمغا يىرگىنىشلىك قانلار چاچرىدى. ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، تۇنجى زەربىدە ئوغرى تىلىنى چىشلىۋالغانىكەن. تىلىنىڭ بىر قىسمى سىرتقا چىقىپ قالدى. ئوغرى جان تالىشىۋاتاتتى. باش تېخى ئۈزۈلمىگەنىدى. قايتىلاپ يەنە ئىككى قېتىم چاپقاندىن كېيىن ئاندىن ئۈزۈلدى-دە، ئۆي ئىچىدە دىكاڭلاپ سەكرەپ جىمىقتى. مەنمۇ بىھوش يىقىلدىم...


           *     *
        ئۆي ئىچىگە كەنتنىڭ، يېزىنىڭ كادىرلىرى، قۇلۇم-قوشنىلار تولۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ھوشۇمغا كەلدىم. كۈن ئاش ۋاقتىدىن ئۆتكەنىكەن. ئۇلارغا خەۋەرنى ئەتە كۈندە شاپتۇللارنى قاق سېلىپ بېرىشكە دېيىشكەن رابىخان دېگەن ئايال يەتكۈزۈپتۇ. ئۇ دېيشكەن ۋاقىتتا كېلىپ، نېرىدا قارنى يىرتىۋېتىلگەن ئىتنىڭ ئۆلۈكىنى ۋە بۇزۇلغان ئىشىكلەرنى كۆرۈپ چۆچىگەن، ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى تۇيۇپ ئۆيگە كىرگەن. دەھشەتلىك ھالەتلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ «ۋاي ئاللا» دېگىنىچە كەنت ئىچىگە چاپقان. كادىرلارغا، مەھەللە ئىچىگە خەۋەر قىلغان، ئۇلار بولسا ناھىيىگىچە خەۋەر قىلغان. ئۇلارمۇ ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ يېتىپ كېلىشتى. قانۇن خادىملىرى نەق مەيداندىكى پاكىتلارنى بىر-بىرلەپ سۈرەتكە ئېلىشتى. ئوغرىنىڭ بېشى-تىلى چىشلەگلىك، بىر كۆزى يوغان ئېچىقلىق، يەنە بىر كۆزى قىسىقلىق ھالدا قېتىپ قالغان. گەۋدىسى بۇسۇغا سىرتىدا تۈگۈلۈپ قاپتۇ. ئەتراپ غەرق قان. چىراغمۇ كۆيۈپ-تۈگەپ ئۆچۈپ قاپتۇ. قازاندىكى بالا چىگىدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆي-ئىچى بىسەرەمجان،سۈرلۈك، ئىشىكلەر بۇزۇلغان. ئىت ماراپ ئېسىلاتتى. ئوغرىغا ئارقىدىن كېلىپ ئېسىلغان چېغى، كەسىپلەشكەن ئوغرى چاققان كېلىپ «كاپ» قىلىپ ئىتنىڭ بوغۇزىدىن بوغۇۋالغان. قولىدىكى پىچاق بىلەن قارنىنى يېرىۋەتكەن، قانۇن خادىملىرى تەكشۈرۈپ ئاشۇنداق پىكىرگە كېلىشتى. ئېرىممۇ ئاڭلاپ دەرھال يېتىپ كەلدى-دە، نەق مەيداندىكى ھادىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئوغلىمىز ئۈچۈن ھەسرەتلىنىپ ياش تۆكتى. تەكشۈرۈشلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بالىنىڭ چىگىدەكلىرىنى كېپەنلەپ مەھەللە قەبرىستانلىقىغا قويدۇق. ئوغرىنىڭ جەسىتى توغرىسىدا ھەرخىل پىكىرلەر بولدى. تاشلىۋېتىش، ئىتقا يېگۈزۈۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش... لېكىن قانۇن خادىملىرى قوشۇلمىدى. جەسەت ۋە باشنى بىر خالتىغا سېلىپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى بىر شورلۇققا كۆمۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا، ئايالى، بالا-چاقىسى، يېقىن تۇغقانلىرىمۇ چىقمىغاچقا شۇنداق قىلىندى.
    تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدىن مەلۇم بولدىكى، ئوغرىنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، تېگى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ كەلپىن مەھەللىسىدىن ئىكەن. كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىز قېلىپ يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەن. باشقا ناھىيە، ۋىلايەتلەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈپ ئاخىرىدا داڭلىق ئوغرى بولۇپ چىققان. بالام بىلەن قوشۇلۇپ ھازىرغىچە قولىدا ئون بىر ئادەم ئۆلۈپتۇ. ئوغرى-بۇلاڭچىلىقلىرى ھېسابسىز ئىكەن. بىر قانچە قېتىم جازا كېسىلىپ بولغۇچە تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. مۇشۇ قېتىممۇ تۈرمىگە چۈشۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تەستىق كېلىپ بولغۇچە قېچىپ كەتكەنىكەن. رىزقى توشقان قاتىل، بۇلاڭچى ئاخىر مېنىڭدەك چۈمۈلىنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن قورقىدىغان ئاجىز بىر ئايالنىڭ قولىدا جازا شارابىنى ئىچىپتۇ.
    ناھىيە مەركىزىدە كاتتا يىغىن ئېچىلىپ، ئون مىڭ كىشىلىك سورۇندا ئىبراھىم ئوغرىنىڭ جىنايەتلىرى ئاڭلىتىلىپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىدا مېنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ جامائەت ئالدىدا، قەبىھ جىنايەتچى، قانۇننى كۆزگە ئىلماي، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان قاتىل، ئوغرى بىلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشقان، قانۇننىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىناۋىتىنى، ئامانلىقىنى قوغدىغان قەھرىمان ئايال دەپ جاكارلاپ 500 يۈەن پۇل، بىر توپ چىبەرقۇت ۋە بىر دانە مېدال بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى. نېمىشقىدۇر ئېرىم بىلەن كېيىنكى مۇناسىۋىتىم تازا ياخشى بولالمىدى. ئوغرىنىڭ بېشىنى چېپىۋەتكەنلىكىم ئۇنىڭدا قورقۇنچ پەيدا قىلدىمۇ-قانداق؟ ياكى باشقا سەۋەبمۇ بىلمەيمەن. بارا-بارا ماڭا ئىشەنچىسى يوقالدى. ئاجرىشىش تەلىپىنى قويدى. ماقۇل بولدۇم. ئارىمىزدا قايتا پەرزەنتمۇ بولمىدى. ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەھەتتە مېنى ئوبدان رازى قىلدى. شۇندىن بېرى ھازىرغىچە «ئالاي» دېگەنلەرگىمۇ تەگمەي، كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ، ئۆي خىزمىتىنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن...

    *     *
        1980-يىللاردا مۇشۇ نۇرخان ئاچام بىلەن قوشنا ئولتۇرۇپ قالدۇق. كىرىش-چىقىش قىلىپ يۈرۈپ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىققا كەلدى. يۇقىرىقى خاتىرىلەر شۇ چاغلاردا نۇرخان ئاچامنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى...
    ئەپسۇس، نۇرخان ئاچام قازالاپ كەتتى. ئەللىك ياشلاردىكى ئېغىر-بېسىق، ياۋاش، سەمىمىي-ساددا، ئىشچان، ئوتتۇرا بوي، يۇمىلاق-سېمىز، مېھرى ئىسسىق بۇ ئايال بىزدە ياخشى تەسىر قالدۇرغانىدى. شۇڭا، نۇرخان ئاچامنىڭ سىماسى زادى كۆزۈمدىن ئۆچمەيدۇ...

    تەھرىرلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ
    تەڭرىتاغ ژورنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:54:55]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.