تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلھ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:02:48

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلھىئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلھى* ھەزرەتلىرىدۇر. بۇ ئەزىز مۇدەررىس ئى...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلھى

     


    ئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلھى* ھەزرەتلىرىدۇر. بۇ ئەزىز مۇدەررىس ئىدى، بەش- ئالتە يۈز تالىپ ئۇنىڭ تەربىيىسىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى. ئۇ تەمبۇرنى سېھىرلىك بىر تەرىزدە سۆزلىتەتتى. بابۇر شاھ* ئۇنىڭدىن بىر دەممۇ ئايرىلمايتتى. كېيىن ئۇ مۇدەررىسلىكتىن بوشىنىپ زاھىرىددىن بابۇر ھوزۇرىدا قالدى. بىر كۈنى كابۇل شەھرىدىكى بىر باغدا شاھانە ئولتۇرۇش ئويۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلۇغ زاتلار، ئەمىر-ۋەزىرلەر، ئۆلىما ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ھەممىسى يېغىلدى. تۈرلۈك-تۈرلۈك تائاملار تارتىلىپ، داستىخان يېغىلغاندىن كېيىن، بابۇر شاھ مۇزىكىغا ئىشارەت قىلغان ئىدى، بۇ ئەزىز تەمبۇرىنى قولىغا ئېلىپ، چۆل ئىراق مۇقامىغا چېلىشقا باشلىدى، مۇزىكا ئىككىنچى ئەۋجىدىن ئۆتۈپ ئۈچىنچى ئەۋجىگە يەتكەندە بىر بۇلبۇل كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونىۋېلىپ سايراشقا باشلىدى. مەجلىس ئەھلى چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشتى، بىرمۇنچە كىشىلەر يىغلاپ بىھۇش بولۇپ يۇمۇلىنىشقا باشلىدى. بۇلبۇل يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرغا ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلىدى ۋە يەتتە-سەككىز قېتىم ئۆزىنى تەمبۇرغا ئۇرغاندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ ئۆلدى. بەك تەسىرلىنىپ كەتكەن مەۋلانە تەمبۇرنى تاشلاپ يىغلىغىنىچە بىھۇش بولدى. بىر ئازدىن كېيىن بىھۇشلارغا گۇلاپلار سېپىلدى، شاتلىق شارابلىرى ئىچۈرۈلدى، بىھۇشلار ھۇشىغا كەلدى، لېكىن مەۋلانە ساھىپ بەلھى ھۇشىغا كېلەلمىدى، ھېكىملەر ھەرقانچە قارە-تەدبىر قىلىشقان بولسىمۇ پايدا چىقمىدى. شۇنداق قىلىپ، مەۋلانە ھىجرىيە 844-يىلى [مىلادى 1440-يىلى] ئالەمدىن كەتتى. بابۇر شاھ يازغان <ئەسرارى مۇسىقى> [مۇزىكىنىڭ سىرى] ناملىق رىسالىدە بۇ قىسسە ئالاھىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان.


    ______________________
    مەۋلانە ساھىپ بەلھى- تارىخىي ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، ئۇ مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران شائىرى بولۇپ، ھۈسەيىن بايقارا ھەم ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتداش بولغان، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەجلىسلىرىگە قاتناشقان. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا ئۇنىڭ كابۇلدا بابۇر شاھ ھوزۇرىدا ئىشلىگەنلىگى ۋە ھىجرى 844-يىلى (مىلادى 1440-يىلى) نەغمە ئۈستىدە ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلىنغان. بۇ يەردە بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بابۇر شاھ مىلادى 1482-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كابۇلدا تۇرغان ۋاقتى مىلادى 1504-يىلدىن كېيىنكى يىللارغا توغرا كېلىدۇ.


    بابۇر شاھ-زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر شاھ. ئاتا جەمەت تەرىپىدىن غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھى تۆمۈرلەڭنىڭ ئەۋلادى، ئانا جەمەت تەرەپتىن مۇغۇلىستان خانلىقىنىڭ 9-پادىشاھى ئۇستاد يۇنۇسخاننىڭ ئەۋرىسى. بابۇر شاھ مىلادى 1482-يىلى مۇغۇلىستان تەۋەلىگىدىكى پەرغانىدا دۇنياغا كەلگەن. 1492-يىلى دادىسى ئۆمەرشەيخ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرغانە ۋالىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئۆزبېك خانلىقىدىن شايبانىخان (مىلادى 1450-1510-يىللىرى) سەمەرقەند رايونىنى بېسىۋېلىپ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان ھەم مۇغۇلىستان تەۋەلىگىگە ھۇجۇم قىلىپ، بابۇر شاھنى پەرغانىدىن قوغلاپ چىقارغان. بابۇر شاھ كېيىنچە ھازىرقى ئافغانىستان، پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، مۇغۇلىستان خانلىقىغا تەقلىت قىلىپ بۈيۈك مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ <بابۇرنامە> ناملىق چاغاتاي تىلىدا يازغان مەشھۇر ئەسىرى تا ھازىرغىچە زور قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەرنىڭ شۇ چاغدىكى يەركەن خانلىقىنىڭ ئەدىبى-سەنئەت تەرەقىياتى ئۈچۈن تەسىرى چوڭ بولغان ئىدى. بۇ ئەسەر بابۇر شاھنىڭ <ئەسرارى مۇسىقى> ناملىق مۇزىكا كىتابى بىلەن بىللە تېزلا شىنجاڭ رايونىغا تارقالغان ئىدى. ھازىر <بابۇرنامە> نىڭ پارىسچە، ئىڭىلىزچە، رۇسچە تەرجىمىلىرى بار. بابۇر شاھ مىلادى 1530-يىلى ۋاپات بولغان.


    كابۇل-ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى. قەدىمكى زاماندا شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي قاتناش تۈگۈنى بولغان. مىلادى 1504-يىلى زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر شاھ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئىككى ئەسىرگىچە مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىگىدە بولۇپ كەلگەن. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.