3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى(3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-05 02:17:32

ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى 3-ئىمپېرىيىىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى ۋېليام شىرىپ (ئامىرىكا) ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تارىخى(2) ئۈچىنچى بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش 9-باب دەسلەپكى قەدەم :1934-19...


    ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى

    3-ئىمپېرىيىىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى

    ۋېليام شىرىپ (ئامىرىكا)

     

      ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تارىخى(2)

    ئۈچىنچى بۆلۈم  ئۇرۇش يولىغا مېڭىش

    9-باب

    دەسلەپكى  قەدەم :1934-1927-يىللار

    تىنىچلىق توغرىسىدا ئاشكارا گەپ سېتىپ، ئۇرۇشقا مەخپىي تەييارلىق كۆرۈش، دىپلۇماتىك سىياسەت ۋە يوشۇرۇن ھالدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش جەھەتلىرىدە ئىشنى ئىمكان قەدەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىش، ۋېرسال سۇلھ شەرتنامىسى دۆلەتلىرىنىڭ گېرمانىيىگە ئالدىنى ئېلىش  خاراكتېرىدىكى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىدىن ساقلىنىش –مانا بۇلار گېتلېرنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلدىكى تاكتىكىسى ئىدى.

    1934-يىل 25-ئىيۇلدا، ۋېنادا ناتسىستچىلارنىڭ ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى دولفۇسنى خۇپىيانە ئۆلتۇرۇشى گېتلېرنى موللاق ئاتقۇزۇۋېتىشكە تاس قالدى. شۇ كۇنى چۇشتە ئېسئېسچىىلارنىڭ 89-ستاندارتىدىكى (بايرىقىدىكى)154 كىشى ئاۋىسترىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ فورمىسىدا ياسىنىپ، قوشما شىتات باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئىككى ئىنگلىزچىسى ئارىلىقتىن ئوق چىقىرىپ   دولفۇسنىڭ كارنىيىغا تەككۈزگەن. باشقا ناتسىسچى ئۇنسۇرلار بۇ يەردىن بىر قانچە كۇچا نېرىدىكى رادىئو ئىستانسىسىنى بېسېۋىلىپ، دولفۇس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاتقان. گېتلېر شۇ چاغدا باروتتا يىلدا بىر كېلىدىغان ۋاگنېر مۇزىكا بايرىمىدا «رېين ئالتۇنى»(«Das Rheingold») دىگەن مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. بۇ ئۇلۇغ كومپوزىتورنىڭ نەۋرە قىزى، يېقىنلا جايدىكى ئائىلە تەۋەلەر لوژىسىدا ئولتۇرغان فرېدېلىندۋاگنېر بۇنىڭ گۇۋاھى. ئۇ كېيىنچە مۇنداق دەيدۇ: شائۇپ ۋە برۇكنېردىن ئىبارەت ئىككى ئاديۇتانت مەن ئولتۇرغان لوژىنىڭ نېرىسىدىكى دەم ئېلىش ئۆيىدىكى تېلېفون ۋېنادىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ئۈزلۈكسىز تىڭشاپ، ئاندىن گېتلېرغا پىچىرلاپ ئېيتىپ بېرىپ تۇرىدۇ.

    ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن، فىئۇرېر ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ بىزگە بۇ قورقۇنچقلۇق خەۋەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى...گەرچە گېتلېر چىرايىدىكى شادلىقىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتسىمۇ، لېكىن ئۇ رېستوراندا ئادەتتىكىچە كۆڭۈل قويغان ھالدا تاماق بۇيرۇتۇپ يېدى .

    ئۇ مۇنداق دېدى:« مەن بېرىپ بىر سائەت تۇرۇپ بېرىشىم كېرەك. باشقىلار مېنى كۆرۈۋالسۇن. بولمىسا، كىشىلەر مېنى بۇ ئىش بىلەن چېتىشلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ.»

    كىشىلەر شۇنداق دەپ ئويلىسا ئازراقمۇ خاتا قىلمايتتى. شۇ نەرسە ئېسىمىزدىكى، «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ بىرىنچى ئابزاسىدا گېتلېر :«ئاۋىستىرىيە بىلەن گىرمانىيىنىڭ قايتىدىن بىرلىشىشى» ئۆمۈر بويى خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان  بىر ۋەزىپىمىز »دەپ يازغانىدى. ئۇ باش مىنىستىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سېئودور ھابىھت ئىسىملىك بىر دۆلەت پارلامېنتى ئەزاسىنى ئاۋىستىرىيە ناتسېسلار پارتىيىسىنىڭ نازارەتچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاۋسترىيە پارتىيىسىنىڭ سىرتتا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن داھىيسى ئالفرېد فرائۇنلفېلدنى ميۇنخېنغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئادەم شۇ يەردە ھەر ئاخشىمى رادىئو ئارقىلىق ۋېنادىكى يولداشلىرىنى دولفۇسنى خۇپىيانە ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى. 1934-يىل ئىيۇلدىن ئىلگىرىكى بىر قانچە ئايدا، ئاۋسترىيىدىكى ناتسىستچى ئۇنسۇرلار گېرمانىيىدىن يەتكۈزۈلگەن قورال-ياراغ ۋە پارتىلىتىش دورىسىدىن پايدىلىنىپ، تېرورلۇق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆمۈر يول، ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنى پارتلاتتى، دولفۇسنى قوللىغۇچى كاتولىك دىنى —فاشىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرىنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈردى. ئاخىرىدا، گېتلېر بىر نەچچە مىڭ كىشىدىن تەركىب تېپىپ  ئاۋسترىيە چېگرىسى بويىدىكى باۋارىيىدە تۇرىدىغان، مۇۋاپىق پەيتتە چېگرىدىن ئۆتۈپ ئاۋسترىيىنى ئىشغال قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بىر ئاۋسترىيە كورپۇسىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى.

         دولفۇس جاراھىتى ئېغىر بولغانلىقتىن چۈشتىن كىيىن سائەت ئالتىلەردە ئۆلدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ناتسىست توپىلىڭى ئاساسەن باش مىنىستىر مەھكىمىسىنى تارتىۋالماقچى بولغان سۈيىقەستچىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى پالاكەت بولۇشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ قىلىندى. دوكتور كۇرت فون شۇشىنگ باشچىلىقىدىكى  ھۆكۈمەت قىسىملىرى ۋەزىيەتنى ناھايىتى تېزلىكتە قايتىدىن كونترول قىلىۋالدى. قوزغىلاڭچىلار گەرچە گېرمانىيە ئەلچىسىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى سەۋەبىدىن بىخەتەر ھالدا گېرمانىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ دېگەن ۋەدىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە قولغا ئېلىندى ھەمدە 13 نەپىرى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مۇسسۇلىنى ئالدىراش تۆت دىۋىزىيە ئەسكەرنى سەپەرۋەر قىلىپ برېننېر تېغى ئاغزىغا توپلىدى، بۇمۇ بېرلىننى بىئارام قىلىپ قويدى. ۋەھالەنكى، گېتلېر تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا ۋېنېتسىيىدە مۇسسۇلىنى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا  ئاۋسترىيىگە قول سالمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەنىدى.

         گېتلېر دەرھال تۈگۈلىۋالدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى —گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسلىدە گېزىت ساھەسىنىڭ ئېلان قىلىشىغا بەرمەكچى بولغان دولفۇسنىڭ تەختىدىن ئۆرۈلگەنلىكىنى تەنتەنە قىلىش ۋە بۈيۈك گېرمانىيىنىڭ مۇقەررەر يوسۇندا ئۇنىڭ ئاقىسىدىنلا مەيدانغا كېلىشىنى جاكارلاش خەۋىرى يېرىم كېچىدە ئالدىراش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا يېڭى بىر خەۋەر سەپلەندى. «ۋەھشىلەرچە خۇپىيانە ئۆلتۈرۈش» كە ئەپسۇسلىنىش بىلدۈرۈلدى ھەمدە بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاۋسترىيىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى جاكارلاندى، ھابىھت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، گېرمانىيىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ چاقىرتىۋېلىندى. بىر ئاينىڭ ئالدىدا رومنى تازىلاشتا   دولفۇسقا ئوخشاش تەقدىرگە قېلىشقا تاس قالغان پاپېن گېتلېرنىڭ يوليورۇقى بويىچە «نورمال ۋە دوستانە مۇناسىۋەت » نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن ۋېناغا جىددىي ئەۋەتىلدى.

    گېتلېرنىڭ دەسلەپتىكى خۇشال-خۇرام كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى قورقۇنچ باستى.  پاپېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گېتلېر بىلەن بۇ بوھراننى قانداق تۈگىتىشنى مەسلىھەت قىلغاندا، گېتلېر ئۇنىڭغا «بىز يېڭى سارايىۋوغا*دۇچ كەلمەكتىمىز! » دەپ ۋارقىرىغان. لېكىن فىئۇرېر  بۇنىڭدىن بىر ساۋاق ئالدى. ناتسىستچىلارنىڭ ۋېنادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشى 1923-يىلدىكى ميۇنخېن پىۋىخانا سىياسىي ئۆزگىرىشىگە ئوخشاشلا، ۋاقىت جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنىدى. گېرمانىيە ھەربىي جەھەتتە تېخى بۇنداق تەۋەككۈلچىللىكنى قورال كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھىمايە قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇدرەتلىك ئەمەس ئىدى . ئۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ بەك يېتىم ئىدى. ھەتتا فاشىستچى ئىتالىيىمۇ ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيىنى داۋاملىق مۇستەقىل قىلىشقا چىڭ تۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، سوۋېت ئىتتىپاقى دەل بۇ چاغدا غەرب بىلەن شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسىنى تۈزۈش خىيالى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم بىلدۈرگەنىدى، بۇ گېرمانىيىنىڭ شەرقتە ھەر قانداق ھەرىكەت قىلىشىغا كاشىلا بولاتتى. كۈزدە ئۇ يەنە خەلىقئارالىق  ئىتتىپاققا كىردى . پۈتكۈل 1934-يىلدىن ئىبارەت بۇ جىددىي پەيتلىك يىلدا، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشنىڭ ئىستىقبالى ئۆتكەنكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ تۇتۇقتەك قىلاتتى. گېتلېرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت تىنچلىق توغرىسىدىلا ئاشكارا گەپ سېتىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتا تەرتىپكە سېلىشنى يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرۇپ، پۇرسەت كۈتۈشتىنىلا ئىبارەت ئىدى .

    گېتلېر دۆلەت پارلامېنتىدىن سىرت يەنە باشقا يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىنچلىق تەشۋىقاتلىرىنى چەت ئەل گېزىت–ژۇرناللىرى ئىدى. بۇ  گېزىت–ژۇرناللىرىلارنىڭ مۇخبىر، تەھرىرلىرى ۋە تارقاتتۇچىلىرى ئۇنى زىيارەت قىلىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىۋاتاتتى. بىركۆزلۈك كۆزەينەك تاقايدىغان ئىنگلىز ۋارد پرىس ۋە ئۇنىڭ   گېزىتى « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ئازراق بىشارەت بولسىلا گېرمانىيىنىڭ بۇ مۇستەبىتىگە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى. مەزكۇر گېزىت ئۇرۇش پارتلاش ھارپىسىغا قەدەر بىر قاتار  گېتلېرنى  زىيارەت قىلىش خاتىرىسىنى باستى. شۇڭا، 1934-يىل ئاۋغۇسىتتا ئېلان قىلىنغان بىر زىيارەت خاتىرىسىدە، گېتلېر پرىس ۋە ئۇنىڭ كىتابخانلىرىغا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئۇرۇش بولمايدۇ»، گېرمانىيىنىڭ « ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتلەردىن ئالغان تەسىرى باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىدىنمۇ چوڭقۇر»، «گېرمانىيە مەسلىسىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ». كۈزدە ئۇ يەنە سەپتىن قايتقان فرانسىيە ھەربىيلىرىنىڭ داھىيسى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ژان گويغا بۇ يېقىملىق گەپلەرنى قايتىدىن تەكرارلىدى، ژان گوي پارىژ «ئەتىگەنلىك گېزىتى» گە يازغان بۇ پىكىرلەرنى بايان قىلدى .

     

    ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ بۇزۇلۇشى

     

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىتلېر ئۆزىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن قورال-ياراغ سېتىۋېلىش پىلانىنى ھەدەپ يولغا قويدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بۇيرۇققا بىنائەن 1934-يىل 1-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئەسكەر كۈچىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىپ، 100مىڭ كىىشدىن 300مىڭ كىشىگە يەتكۈزدى. شۇ يىلى ئاپرېلدا، باش شىتاب باشلىقى گېنېرال لۇدۋىگ بېك كېلەر يىل 1-ئاپرېلغا بارغاندا فىئورېرنىڭ ئەسكەر ئېلىش توغرىسىدا ئاشكارا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلىقى ۋە ۋېرسال شەرتنامىسىنىڭ ھەربىي چەكلىمىلىرىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئىنكار قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بۇنىڭ ئالدىدا، بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك ئىدى . گېببېلس « باش شىتاب » دېگەن خەت گېزىت يۈزىگە چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى، چۈنكى  ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىدە بۇنداق تەشكىلنىڭ بۇلۇشى مەنئى قىلىناتتى، ئوفىتسېرلارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئەسكەر كېڭەيتىش مەخپىيەتلىكىنىڭ چەت ئەل ئاخبارات تەشكىلاتلىرىغا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 1932-يىلدىن كېيىن  گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى تىزىملىكىنىڭ ھەر يىلى ئېلان قىلىنىشى توختىتىلدى. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە يىغىنى خىزمەت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى  گېنېرال كېيتېل 1933-يىل 22-مايدىلا ئۆز ياردەمچىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، «ھەر قانداق ھۈججەتنى چۈشۈرۈپ قۇيۇشقا بولمايدۇ،چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا دۈشمەنلەر ئۇلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئېغىزچە يەتكۈزۈلگەن ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا ئامال يوق؛ ئۇنىڭدىن تېنىۋېلىشقا بولىدۇ» دېگەنىدى .

    دېڭىز ئارمىيەسىمۇ ئاغزى چىڭ بۇلۇشقا ئاگاھلاندۇرۇلدى. 1934-يىل ئىيۇندا رادېر گىتلېر بىلەن بىر قېتىم ئۇزۇن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تۆۋەندىكىچە خاتىرە قالدۇرغان:

    فىئۇرېرنىڭ بۇيرۇقى: سۇ سىقىپ چىقىرىش مىىقدارى 25مىڭ توننىدىن 26مىڭ توننىغا قەدەر بولغان ھەربىي پاراخۇتلارنى تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ، ئۆزگەرتىلگەن ئون مىڭ توننىلىق  ھەربىي پاراخۇتلارنىلا تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ... فىئۇرېر سۇ ئاستى پاراخۇتى ياساش ئىشىنى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

    چۈنكى دېڭىز ئارمىيىسى 26 مىڭ توننىلىق ئىككى دانە ئوكيان ئۇرۇش پاراخوتىنى ياساشقا باشلىغانىدى (ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىدىن 16مىڭ توننا ئېشىپ كەتكەن)، بۇ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىغا كېيىنچە «شارنھورست » ماركىلىق ۋە  « گنېيسېنائۇ»  ماركىلىق دەپ نام بېرىلدى. ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىدە ياسىلىشى مەنئىي قىلىنغان سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىمۇ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە فىنلاندىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيىلەردە ئوغرىلىقچە ياسىلىشقا باشلىغانىدى، رادېر يېقىندا كىلدا 12 دانە سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ گەۋدىسى ۋە زاپچاسلىرىنى ساقلاپ قويدى. 1934-يىل نويابىردا ئۇ  گىتلېر بىلەن كۆرۈشكەندە، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ  «  1935-يىل 1-پەسىلدىكى مۇھىم پەيت» تىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئالتىسىنى قۇراشتۇرۇشنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلدى (روشەنكى، ئۇمۇ  گىتلېرنىڭ شۇ ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى). لېكىن فىئۇرېر: «ئەھۋال ئۇلارنىڭ قۇراشتۇرۇشنى باشلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ ماڭا ئېيتىدۇ » دەپلا جاۋاب بەردى .

    بۇ قېتىمقى يۈز كۆرۈشۈشتە رادېر يەنە پاراخوت ياساشنىڭ يېڭى پىلانىغا كېتىدىغان پۇل ئۆزىدىكى نەق بار راسخۇتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى، دېڭىز ئارمىيىسى خادىملىرىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى. لېكىن گىتلېر ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. «ئالىمادىس كېرەك بولۇپ قالسا، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۇ دوكتور لېينى ئىشچىلار فرونتىدىن 120-150 مىليون مارك چىقىرىدىغان قىلىدۇ، چۈنكى بۇ پۇللارنىڭ يەنىلا ئىشچىلارغا پايدىسى تېگىدۇ.» شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە ئىشچىلىرى تاپشۇرغان ئەزالىق بەدىلى دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ خىراجىتى قىلىندى.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.