مۇھەببەت ئارمانى 1 (گۈليارە تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-02 08:56:09

مۇھەببەت ئارمانى(گۈليارە تۇرسۇن)-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش.سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)‹‹ كەچۈرۈڭ، بايام يانفونۇمغا قىممەت ...



     

    مۇھەببەت ئارمانى

    (گۈليارە تۇرسۇن)

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش.سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    \

    ‹‹ كەچۈرۈڭ، بايام يانفونۇمغا قىممەت تولۇقلايمەن دەپ،  نومۇرنى دىققەتسىزلىكتىن خاتا كىرگۈزۈۋېلىپ، سىزنىڭ يانفونىڭىزغا قاچىلىۋېتىپ قاپتىمەن. خاپا بولماي مېنىڭكىگىمۇ 100 سوم تولۇقلىۋېتەرسىز. نومۇرۇم مۇشۇ نومۇر شۇ. ››  يانفونۇمغا كەلگەن بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇدۇلۇمدىكى كارىۋاتتىكى مەرخان يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ:

    - ئۇخلىمىدىڭما  تېخى؟- دېدى. 

    - ياق، كىتاب ئوقۇۋاتىمەن، سەنچۇ ، ئەپلىشىپ قالدىڭلارمۇ؟- دېدىم ئاۋازىمنى ئاستا چىقىرىپ، باشقا قىزلارنى ئويغىتىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ.

    - ۋاي ياقەي، تېخىچە دەپ بولالمايۋاتىمىز. بىلىسەنغۇ  رىشاتنى؟-  دېدى ئۇ، يوتقانغا بېشىنى پۈركەپ، تېلىفۇن سۆزلىشىشكە باشلىدى.

    يانفۇنۇم يەنە جىرىڭلىدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىنىڭ ئۇچۇرى ‹‹ سىزنىڭ قىممەت تولۇقلىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. سىزنىڭ ھازىر يانفونىڭىزدىكى قالدۇق سومما136.7  سوم. يەنە ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ››   < توۋا، راستكەندە،>  بايا كەلگەن ئۇچۇرنى بىرەرسىنىڭ قىلغان چاقچىقىمىكىن دەپ ، كارىم بولمىغان ئىدى. قولۇمدىكى كىتابنى قويۇپ قويۇپ، ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا قايتا قارىدىم، ھەقىقەتەن نومۇرىمىز بىر نومۇرلا پەرق قىلاتتى. < قانداق ھاڭۋاقتىدۇ بۇ ؟! ئۇچۇر خەنزۇچە يېزىلغان ئىدى.ئۇيغۇرمىدۇ-يا؟! >دەپ ئويلاپ تۇرسام يەنە بىر ئۇچۇر كەلدى. ‹‹ ئۇچۇرۇمنى تاپشۇرۋالغان بولسىڭىز، قايتۇرۇڭ. ››نېمە بالا قالدىم، يېرىم كېچىدە.  ‹‹ تاپشۇرۇۋالدىم ›› مەنمۇ خەنزۇچە يېزىپ قايتۇرۇپ قويدۇم. شۇ زاماتلا قايتۇردى... ھى ھى 100 كوي يامان يەردىن چىقىدۇ جۇمۇ، دەپ ئويلىغاچ ئۇچۇرنى كۆردۈم. ‹‹ ئەمىسە سىزمۇ ئەتىگىچە يانفونۇمغا 100 سوم قاچىلاپ قويارسىز. رەھمەت ››  ئوھۇي، بۇيرۇقلىرىدىن ئۆرگىلەي ماۋۇنىڭ. ‹‹ قاچىلىمايمەن ››دەپ قايتۇردۇم. مەن قاچىلاپ قوي دېگەندەك 100 كوينى. نېمە كارىم. يانفونۇمنى ئېتىۋەتتىمدە- كىتابىمنى ئالدىم.

    \
       مەرخاننىڭ رىشات بىلەن دېيىشكەن گەپلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خىيالىمنى باشقا ياقلارغا بۆلسەممۇ، ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالاتتىم. ( ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئىشلار بىزنىڭ ياتاقتىكى قالغان بەش قىزغا سىر ئەمەس) ...

       مەرخان ئىككىمىز ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپلا بىر ياتاقتا يېتىپ كېلىۋاتىمىز. ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ، باشقا قىزلار بىلەن كەسىپكە چىققاندىن كېيىن بىر ياتاقتا ياتقان. ئۇنىڭغىمۇ ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن. مەرخاننىڭ ياتاققا يېڭى كىرگەن ھالىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن، ھەر يەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭى مۇھىت، يېڭى ئادەملەر. ياتاققا كىرگىنىمدە، مەرخاندىن باشقا قىزلار كېلىپ بولغانىكەن. بىرەر قۇر سۇس سالاملاشقاندىن كېيىن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. بىر چاغداكارىدور ئۈپۈر - دۈپۈر بولۇپ كەتتى، كەينىدىنلا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قوللىرىدا ھەر خىل چوڭ - كىچىك يۈكلەر، يەشىكلەر، مەكتەپتىن بىر تۇتاش تارقاتقان ئورۇن - كۆرپە، داس - جاۋۇرلارنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ مەرخاننىڭ ئاپىسى ۋە چوڭ ئاپىسى، ئىنىسى كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن قازاقتەك قىلاتتى. بىز بىلەن مۇنداقلا كۆرۈشۈپ قويۇپ، نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى..

    - ۋايجــــــان ، ھەممىمىز ئۇيغۇركەنمىز دەپ خوش بولسام، قازاقتىن بىرسى كىردىغۇ ئەمدى،- دېدى يېنىمدىكى ئاۋاققىنا كۇچالىق ئارزىگۈل دېگەن قىز. مەرخانغا سەپ سېلىپ قارىدىم. ئاپىسى مەرخان، مەرخان دەپ شۇنداق ئۇرغۇلۇق، تولۇق چاقىراتتى.

    - قازاق ئەمەس جۇمۇ بۇلار،- دېدى يەنە بىر قەشقەرلىق قىز ئاسىيە.

       چېچى ئۇزۇن، لېكىن شۇنداق ئاز ھەم جانسىز، پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان، ( ئۇ پادىچىلار ئىشتىنىنى ھازىرمۇ ئانچە - مۇنچە دەپ جىلە قىلىپ قويىمەن). ئۇ ئىشتان - ئەمما ئىشتاندەكلا ئىشتانتى جۇمۇ. ئۈستى چىڭڭىدە، ھەر خىل گۈللەرمۇ ئىشقىلىپ بىر نۇسخىلار ئىشلەنگەن، ئارقا يانچۇقىدا يوغان بىر  بەش بارماق ئېچىلىپ تۇرغان قولنىڭ سۈرىتى بار. پۇچقىقى شۇنداق كەڭكىن، مەرخاننىڭ ئايىقىنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ماڭسا پۇچقاق يەرنىمۇ تەڭ سۈپۈرۈپ ماڭاتتى. ئۈستىگە قارىماققا سولياۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل رەختلىك چاپان كىيىۋالغان، ( كېيىن شۇنداق دېسەم ‹ماڭەۋاي! ئۇ دېگەن خۇرۇم چاپان› دەپ تۇرۇۋالدى كاساپەت) چاپىنىنىڭ ئالدى سېرتمىسى كىچىكلا ئېتىلگەن، چاپاننى ئارقىغا بەك ئىتتىرىۋەتكەچكە، ئالدى قىسقا، ئارقىسى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزلىرى كىچىك، ئاغزى يوغان، تېرىسى راستلا قازاق قىزلىرىدەك قىپقىزىل بۇ قىزنى قانداقلا قىلىسامدۇ، ئاپىسى بىلەن بىر يەردە قويالمىدىم، ئاپىسى بەكمۇ چىرايلىق ئايال ئىكەنتۇق. زىلۋا، بويلىرى ئېگىز، يۈزلىرى ئاپئاق، كۆزلىرى يوغانغىنە، چېچىمۇ شۇنداق ئۇزۇن ھەم توم. قوللىرىغا قارىمىسىڭىزلا يېشىنى پەرەز قىلىشىڭىز تەس. لېكىن قوللىرىدىن بەكمۇ جاپا تارتقان ئايالدەك تۇراتتى. خۇددى مومامنىڭ قوللىرىغا ئوخشاش. ئاخىرى چوڭ ئاپىسى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇ موماي شۇنداق جانلىق ئىدىكى ، تېخى گىرىممۇ قىلىۋالغان ئىدى.

    - بۇ قىزىمنىڭ ئىسمى مەرخان، بىز ئالتايدىن. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈڭلار-ھە؟! قىزلىرىم! ( پۈتۈنلەي قازاق تەلەپپۇزى ئىدى. بولمىسا خېلى جىق گەپ قىلغان، مېنىڭ ئاڭقىرالىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىدى).

    ھەممىمىز بىرەر قۇردىن ‹شۇنداق قىلىمىز بىر ياتاقتا بولغاندىن كېيىن ›دېيىشىپ كەتتۇق. كېيىنغۇ، ئاستا - ئاستا بىلىپ كەتتۇق قازاقچىنىمۇ. ھە راست! ئۇلار پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇر ئىكەن. لېكىن قازاق تەسىرى بەك كۈچلۈك. بولۇپمۇ تەلەپپۇز، گەپ قىلىشلىرىدا.‹ماڭاسالە، ئېتاسالە، توكنى ئۆچۇرەسالە›ۋايۋۇي ئۇ سالەلىرىنىڭ جىقلىقى. (قىلىۋەت ئېتىۋەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىغا ‹سالە›نى قوشۇۋالاتتى.  ھازىر مودا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. دوراپ قويسام ‹نەدە ئۇنداق› دەپ قويىدۇ تېخى). يەنە، نېمە؟ ھە! ساقلاش دېگەننى توساش دەيتتى. مەسلەن، ‹سېنى ئالدى دەرۋازىدا ساقلايمەن دېمەكچى بولسا، سېنى ئا بارغۇي ئالدە داۋۇزدە توسۇيمەن› دەيتتى. مەن ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىتەتتىم.  جېكسۇرۇن ( ساراڭ دېگەن گەپ ) دەپ تىللاپ قوياتتىم، بەزىدە. ئۆزىمۇ بەك ئىتتىك كۆندى، تېخى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتىدىغان بولۇپ كەتتى. خەنزۇچە، قازاقچە دېگەننى ھازىرقى بالىلارنىڭ گېپى بويىچە < تىتىۋېتىدۇ>  ئۇيغۇرچىنى < تىتالمىسىمۇ، يىرتىۋېتەلەيدۇ>. بۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئانچە ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۆيدىكىلىرى پۇلنى ئاز، يەيدىغان نەرسىلەرنى جىق ئەۋەتىپ بېرەتتى. <نامراتنىڭ ئېشى چىشقا دورا > دەپ، ھەممىمىز مۇشۇنىڭ نېنىغا ئامراق ئىدۇق. ئۇ تولىراق تاماققا چىقماي، نان بىلەن ھەرخىل سېرىقماي، ئاقماي، سۈزمە، تالقانلىرى بىلەن چاي ئىچەتتى. مەن تاماقنى ئالاتتىمدە، ياتاققا كېلىپ تاماقنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم. ئۆزەم ئۇنىڭ نەرسىلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ چاي ئىچەتتىم. ئۇمۇ خوشال بولاتتى. قورساققا كەلگەندە، ھەرگىز نازلانمايتتى. ئۆزىمۇ ئۇستىخانلىق، بەدەن قۇرۇلۇشى شۇنداق چىرايلىق ئىدى.  بىز ئۇنى ياتاقتا ئوغۇل بالىدەك كۆرەتتۇق ( تا ھازىرغا قەدەر شۇنداق كۆرىمىز). بىر نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچالمىساق، ئېگىز يەرلەرگە قولىمىز يەتمىسە، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئۇشتۇيالمىساق ‹مەرخان، مەرخان› دەيتتۇق. ئۇ كېلىپلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى. مەن تېخى پاتپاتلا ‹مېنى كۆتۈرۈپ قويە› دەپ تۇرۇۋالاتتىم.

       ئۇنداق چاغلاردا ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ شۇنداق پىرقىرىتىۋېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ.. < ماخا.. ماخا..> دېيىشىپ كەينىدىن يۈگۈرەيتتى. ھە، راست! بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن. بۇ ئالتايلىق قىزلار بەك قىزىق دەيمەن. مەرخاننىڭ بىر مۇنچە دوستلىرى بار  ئالتايدا بىللە ئوقۇغان،  بىر - بىرسىدىن چىرايلىق.  باھارگۈل، شاھادەت، نۇرجەھرە. ئىشقىلىپ جىقلا قىزلار. بۇ ساراڭلار بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئاتاشماي<ماخا، باخا، شاخا، نۇنۇ،>دەپ ئاتىشىدۇ. ئارىسىدا ئەڭ چىرايلىقى شاھادەت ئىسىملىك قىز ئىدى. مەن ئۇ قىز بىلەن ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان. تېخى پارتىداشتۇق. شۇ چاغلاردا شاھادەتنى قوغلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ئىدى، دېمىسىمۇ ئۇ قىز بەك چىرايلىق ئىدى،  مىجەزىمۇ بەك تۈز. خېتى، مانا ئەڭ چىرايلىقتى كاساپەتنىڭ جۇمۇ. ھەر سائەت تەنەپپۇستىن چۈشۈپ قارىسىڭىز، بىر توپ ئوغۇللار بويۇنلىرىنى سوزۇپ قاراپ كېتەتتى بىزنىڭ سىنىپقا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا قوغلاشقانلار، كۆيۈپ يۈرگەنلەر، ۋايۋۇي جىقتى. تېخى مېنى ئۇنىڭ بىلەن يېقىنكەنسىز دەپ ‹ئارقا ئىشىك›لەرنى قىلىپ كېتەتتى. شاھادەت ئۇلارغا شۇنداق تەبئىي مۇئامىلە قىلاتتى. قازاق شەھىرىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن، ئانچە تارتىنىپ كەتمەيتتى. مەرخاننىڭ گېپى بويىچە ئالتايلىق قىزلار ناز قىلىشنى بىلمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ شاھادەت ھەممە بالىلارغا ئوچۇق قىلىپ  < ئالتايدا يىگىتىم بار، ئىسمى ئېلدوس>.  دەپ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ يۈردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ئىشلارمۇ پەس كويغا چۈشتى. لېكىن ئۇ ئېلدوس دېگىنى باشقا بىرسىنى تېپىۋېلىپ مۇشۇ يېقىندا شاھادەتنى داغدا قويدى دېسە!!!

         ھە، گەپكە قايتساق. باشقا قىزلار مەرخاننى < ماخا > دەپ چاقىرىدۇ. لېكىن مەن پەقەت كۆنەلمىدىمغۇ،تاڭ! بىر ئاتۇشلۇق قىز بار ئىدى، تۇرسۇنگۈل دەپ، قەتئىي يېڭىلىق قۇبۇل قىلالمايدىغان.  پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ يۈرسەك ( تېخى شۇنداق ئاددىيلىرىغۇ بىزنىڭ كىيگىنىمىز. مەرخاننىڭ ھېلىقى ئىشتىنىدەك < ئادەم ئۆلتۈرىدىغان>لىرى ئەمەس) شۇنىڭغىمۇ <تەخەيدەك قىلىشىپ>دەپ كېتەتتى. (ھازىرغۇ، پادىچىلار ئىشتىنى، پادىچىلار چاپىنى دەھشەت كىيىپ قويىدۇ. ئىشقىلىپ موتسىكىلىت مىنىدىغانلاردەك قىلىپ يۈرۈيدۇ).  شۇ قىز جېنىدا، مەرخان دېگەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا <ماخا> دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتى. ماڭا بەلكىم، بىرىنچى قېتىم مەرخاننىڭ ئاپىسى ئۇنى < مەرخان > دەپ شۇنداق تولۇق، چىرايلىق ئاتىغىنى بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، شۇڭا ھازىرغا قەدەر مەرخان دەيمەن. ئۇمۇ مېنى ئالاھىدە كۆرىدۇ. تازىلىق قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە خوشياقماي بىر يەرلەرنى سۈرتىۋاتسام  يېنىمغا كېلىپلا< ئەكەلگىنە! ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋەتتىڭ! مۇنداق مۇنداق قىلمامسەن> دەپلا شاق - شۇق قىلىپ ھەممە يەرلەرنى پاك - پاكىز تازىلىۋېتەتتى. مەن بىر ياندا كەينىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ گەپ قىلىپ بېرەتتىم.

    - قانداق قىلارسەن ئەرگە تەگسەڭ مۇشۇنداق قىلىپ. مەندەك ئادەم بولسام كاساڭغا تېپىپلا چىقىرىۋېتىمەن ئۆيدىن،-  دەپ خاپىمۇ بولۇپ قوياتتى.

    - ۋاي! ئۇ چاغقىچە ئۆگىنىپ، ئاتتەك بولۇپ كېتىمەن،-  دەيتتىم.

      يەنە بىر گەپ چىقتى < ئات > دەپ. بۇ گەپنى بىز شۇ ۋاقىتتا ياتاقتا ئىجاد قىلغان ئىدۇق.  نېمىسى نېمە بولغان ئىشقىلىپ. گۈزەلئاي دەپ يەنە بىر قىز بار ئىدى پوسكام نېفىتلىك.  شۇ، مەن، مەرخان، ئارزىگۈل ( بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۇچالىق قىز شۇ. ئۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن. ئۇ بىر دۇنيا-ھە!)  شۇ تۆتىمىز گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپلا، ئات دېگەن گەپ چىقتى.  شۇنىڭ بىلەنلا كەينى - كەينىدىن ‹ئاتتەك ياخشى. ئاتتەك ماز، ئاتتەك چىرايلىق...›دەپ سۆزلەپلا كەتتۇق.  شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزمۇ بەك تېز ئومۇملاشتى (مەركەزدىن كەلگەن سادالارمۇ ئۇنداق ئىتتىك بولماس ).  پۈتۈن بىزنىڭ قەۋەتتىكى قىزلار، سىنىپتىكىلەر ، ھازىرقى مۇشۇ ياتاقتىمۇ  ئۇ سۆز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا!  مەسلەن، بىرسى ئولتۇرۇپلا  < ۋاي بۈگۈن دېمەيسىلەر، بىر توردىشىم بىلەن كۆرۈشكەنىدىم، ئاتكەن جۇمۇ ئاتكەن >  دەيتتى، <ئات>نى تەلەپپۇز قىلىشىغا قاراپلا، ئۇ توردىشىنىڭ بەك قاملاشقان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاتتۇق. ھەرخىل ھەريەرگە ئىشلىتىۋېرەتتۇق. < تالا ئاتتەك سوغ جۇمۇ >، < بۈگۈن تاپشۇرۇق ئاتتەك جىق >،  < ۋاي ئاداش، ئاتتەك بولۇپ كېتىپسەن > ئىشقىلىپ بىر خىل ئاشۇرما دەرىجىلىك سۈپەتلەش ئىدى ئۇ < ئات > مۇنداقچە ئېيتقاندا. شۇڭا ھازىرمۇ باشقا ياتاقنىڭ قىزلىرى، بىزنىڭ 418 ياتاقتىكىلەرنى < ئاتلار > دەپ قويىدۇ.

        بەزىدە ئىچىم ئاغرىيدۇمەرخانغا. ماڭا دەپ بېرىشىچە، دادىسى ئىچكى مۇڭغۇلدا تىجارەت قىلىمەن دەپ زىيان تارتىپ كېتىپ، شۇ پېتى ئۆزىنى ئوڭشىيالماپتۇ. كۈندە ھاراق ئىچىدىكەن. ئاپىسى بىچارە ھەر كۈنى راڭپىزا پىشۇرۇپ كەچلىك بازاردا ساتىدىكەن. مەرخانمۇ پىشۇرالايدىكەن، مەكتەپتىن چۈشۈپلا، ئۆيگە بېرىپ مەخسۇس راڭپىزا پىشۇرىدىغان ئۆيى بار ئىكەن. ( بۇلارنىڭ قورۇ - جايلىرى بەك چوڭ ئىكەن. بىزنىڭ ئۆيگە نەچچە قېتىم بېرىپ ياراتمىدى، كىچىككەن ھەي بۇ ئۆيۈڭلار، دەپ ) شۇ ئۆيگە كىرىپ بىر پىشۇرسا كەچلىك بازار بولغۇچە پىشۇرىدىكەن. ئاندىن ئاپىسى بىلەن يېرىم كېچىگىچە سېتىشىپ بېرىپ، ئاندىن ئۆيگە قايتىدىكەن. ئەتىسى ئەتىگەندە  (بەك سەھەر قوپىدۇ. تېخى بەزىدە ناماز ئوقۇپ كېتىدۇ. تۈنەش دەيدىغان بولسا باشىسى). تۇرۇپ پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ مەشلىرىگە ئوت سالىدىكەن. تېخى نېمە دەيدۇ.< قانچە ئەتىگەن قوپسام شۇنچە ياخشى دېگىنە، بولمىسا دادام كەچتە مەست كىرىپلا خۇدىنى بىلمەي ئۇخلايدۇ، سوغۇقتا توڭلاپ قالمىسۇن دەپ، ھەممە ئۆيلەرگە ئوت سالىمەن >بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى خۇددى كۈلقىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.  بەزىدە كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كېتەتتى. لېكىن، مەرخان بەك غەيرەتلىك، ئۈمىدۋار!  سىز ئويلاپ بېقىڭ! 21-ئەسەردە مۇشۇ كۈندە ئالىي مەكتەپتە بىر ئاينى 150سوم بىلەن ئوقۇش مۇمكىنمۇ ؟!  ( ئۇ پۇل تاماق، پارچە راسخوت، كىيىم - كېچەك ھەممىسىگە تەۋە پۇل) ئۆيىمىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، بىزگەبىر ھەپتە يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ يەتكۈزىدۇ. توۋا دەيمەن! ئىشقىلىپ خەقتىن كېيىن قالمايدۇ. ھە راست، ئۇ يەنە سورۇنلارنىڭ گۈلى. بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولساق.< مەرخان بارامدىكەن ؟>دەيمىز. قازاقچە، ئۇيغۇرچە ،تاتارچە،، ئۇسسۇل دېگەننى ئاتتەك  ئوينىۋېتىدۇ. تاڭسىلارغا كەلگەندە قىزلار تالىشىپ كېتىمىز  < ئاداش ماۋۇ قول مېنى ھە دەپ >ئۇمۇ ھەممىمىزگە تەڭ مۇئامىلە قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ناخشىلارنى ئېيتىپ قويىدۇ. ئەمما!ئاڭلىمىغانلار ئارماندا دېگەندەك.

    \

        ھازىر ئۇ بۇرۇنقى مەرخان يوق. چاچلىرىنى كېسىپ بۈدرە قىلدى. سېرىقراق بىر رەڭدە چېچى شۇنداق يارىشىملىق. دېگەنىدىمغۇ، بەدەن قۇرۇلۇشى بەك چىرايلىق دەپ. ئەرزان  كىيىملەرنى كىيسىمۇ شۇنداق يارىشىدۇ. (تېخى بىز كىيمەي ياراتماي تاشلىۋېتەيلى دېگەن كىيىملەرنى بىر ياڭزا قىلىپلا ئۆزگەرتىپ كىيىۋالىدۇ. ھەيران قالىمەن) ئىشقىلىپ بۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان مەرخان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، بۇگۈنكى بۇ چىرايلىق ھالىتىگە كەلدى. لېكىن مىجەزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك. شۇنداق خۇشئاۋاز! بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار  (بىر نەچچىسىدىن باشقا)  قىزلار بىلەن خوشى يوقلار، بەلكىم ماتېماتىكا كەسپى شۇنداق قىلىپ قويدىمىكىن، يا بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ بىز زورلاپ گەپ قىلساقمۇ ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى  ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ماتېماتىكا ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بىر نەچچە قىزلاردىن باشقا قىزلارغا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ گەپ قىلمايدۇ دېسە. توۋا!  (كېيىن بىلدۇق سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە، ئەسلى ئۇلار بىزنى ھاكاۋۇر، ھالى چوڭ دەپ گەپ قىلمايدىكەنتۇق) لېكىن شۇ ئوغۇللارمۇ مەرخانغا ئامراقتى. تېخى  < ماخا > دەپ چاقىرىپ كېتىشلىرى بار ئىدى. بىزنىڭ بۇ ھازىرقى ياتاقتىكى قىزلارنى سىرتتىن كۆرسىڭىز ھەرگىز ماتېماتىكا فاكولتىتىنىڭ قىزلىرى دېمەيسىز. قاچانلا قارىسىڭىز كۈلۈپ، ئويناپلا يۈرگەن. مەيلى گەپ - سۆز، كىيىنىش قاتارلىقلاردا بولسۇن. زاماننىڭ ئالدىدا. ئىمتىھانلىرىمىزمۇ جايىدا. ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ.

    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.