مۇھەببەت ئارمانى 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-03 16:19:41

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)***************************************************************ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيى...



     

    مۇھەببەت       ئارمانى

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    ***************************************************************

    ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، چوڭ دادام مېنى بىر مەكتەپكە بەردى. دادام ئاپاملار ئۇكىلىرىمنى ئېلىپ يەنە چەتكە چىقىپ كەتتى. ئۇ كۈنلەردە چوڭ دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىراتتى ئەكىلەتتى، <ئۆزۈم بارالايمەن، كېلەلەيمەن›دېسەم زىبىس ئۇنىمايتتى. تېخى مېنى مەكتەپتىن ئەكەلگۈچە:

    - بالام، كېلە ھاپاش قىلاي. يەسلىدىكى ۋاقتىڭدا بەك ئامراقتىڭغۇ؟!-دەپ تۇرىۋالاتتى. – ياق بولدى، دادا .مەن ھازىر چوڭ بولدۇم. قارا مەن سېنى يۆلىۋالاي،- دەيتتىم. چوڭ دادام كۈلۈپ كېتەتتى. دېمىسىمۇ چوڭ دادام بەك ئېگىز (1.90لەر كېلەتتى. دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە چوڭ دادام ياش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئېگىز ئىكەنتۇق ) ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق تىك ماڭاتتى. (مەن تىزىغا كېلەمدىمكىن تاڭ شۇ چاغدا) بىر ھاسسىسى بولىدىغان (گەپ قىلالايدىغان) شۇنى تۇتىۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپكە بېرىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن چوڭ دادام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ھەر قېتىم ئاغرىپ قالسىلا بىر تۇتاش < ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى> غا ئاپىراتتى. كادىرلار ئالاھىدە كۈتۈنۈشىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئالاھىدە سىياسىتى بار ئىدى. ئۇ كۈنلەردە، چوڭ ئاپام تاماق ئېتىدۇ. مەن ئاپىرىمەن. ئاپارغىچە كىيىملىرىمگە تۆكۈپ. چوڭ دادام قاراپ:

    - جېنىم بالام، تاماق ئەكەلمەڭلار دېگنتىمغۇ. قارا مۇزلاپ كەتكىنىڭنى!-دەپ كېتەتتى. مەنمۇ يۈگۈرەپ بېرىپلا كارىۋاتقا چىقىپ چوڭ دادامنىڭ يوتقىنىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالاتتىم. بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتۇق. تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەيتتىم. ئۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېستىرالار مېنى تونۇپ كەتكەنىدى.  تاپشۇرۇقلىرىمدىن بىلمىگەنلىرىمنى شۇ سېستىرالار دەپ بېرەتتى. كەچلىرى قونۇپ قالىمەن دېسەم:

    - چوڭ ئاپاڭ يالغۇز بالام.ئۆيگە كەتكىن،-دەپ ئىدارىسىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن بىر شوپۇرى باتتى <خۇازى > دەپ، شۇنىڭغا مېنى ئاپىرىپ قويۇشنى دەيتتى. كېيىن چوڭ ئاپاممۇ يۈرەك ئاغرىقى بىلەن شۇ دوختۇخانىدا ياتتى. ئەمدى دوختۇرخانا پۈتۈنلەي ئۆيۈمگە ئايلانغانىدى. كۈندە چوڭ دادام بىلەن بىللە ئۇخلايتتىم. ئەتىسى شۇ يەردىن مەكتەپكە باراتتىم. شۇڭا تولا كېچىكەتتىم.

    \

    بىر كۈنى، يەنە كېچىكىپ قاپتىمەن، بارسام بالىلارنىڭ ھەممىسى مەيداندا قار تازىلاۋېتىپتۇ. سىنىپقا كىرىپ سومكامنى قويۇپ قويۇپ، مەنمۇ مەيدانغا چىقتىم. سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا بىر سەت قارىۋېتىپ، كىمنى بىرسىنى مېنىڭ سومكامنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى:

    - كېتىڭ بولدى! سىزدەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتالمايمىز. يا دەرسكە تولۇق كەلمىگەن كۈندە كېچىككەن، يا كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ بىرسىدە يوق. دەرسنى مىڭ ياخشى بىلسىڭىزمۇ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىسىڭىز بىكار...-دەپ سۆزلەپلا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كەتتىم. نېمە كارىم. مېنىڭمۇ كەلگىم يوقتى تېخى! چوڭ دادام بولغان ئىشنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى:

    - جۈرە بالام، مەن كۆرەي شۇ خانىمىڭنى!-دەپ شوپۇر بىلەن باردۇق. ئىشخانىسىغا كىرسەك، ھالى ھېلىقى مۇئەللىمنىڭ < كەلسىلە ئوتتاسىلا >دەپ قويدى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا. قارىسام چوڭ دادام ئۆزىنى شۇنداق بېسىۋېلىپ تۇراتتى:

    - بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى خانىم؟-دېدى چوڭ دادام- بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ دەپ مەكتەپكە بەرمىسەك، بالىلار ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، بىلىملىك بولغان بولسا، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا ئاشمايتتتى، شۇ بالىلارنى تەربىيىلەپ ئادەم قىلىپ بېرىدۇ دەپ ھۆكۈمەتكاممۇ سىلىگە ھەر ئايدا پالانچى تەڭگە بېرىۋاتىدىغۇ....

    مۇئەللىم تۇيۇقسىزلا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي،،پوزىتسىيەسىنى 180گىرادۇس ئۆزگەرتتى:

    - ۋىيىي.. ئۇغۇ شۇ. ئەمما... ئەمدى ئانچە - مۇنچە دېكتاتۇرىنىمۇ ئىشلەتمىسەك....-دەپ تۇرىشىغا مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ قالدى:

    - ھە..- دېدى ئۇ ئادەم قاپاقلىرىنى ئاچماي،- پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئاغزىدا مۇشۇ قىز! دەرسنى بىلسىلا بولامدۇ؟ تەشكىلىي ئىنتىزام بولمامدۇ؟!

     بۇ چاغدا چوڭ دادام ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى:

    - نېمە؟ ئۇكامۇي. نەدە ئۇقۇغان سىز؟ 7 ياشقا كىرمىگەن بالىدا تەشكىلىي ئىنتىزام دېگەن ئاڭ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئەجەبا سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن خالىغانچە قوغلىغىنىڭىز تەشكىلىي ئىنتىزامكەندە؟!!! مەنمۇ چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ پارتىيە ياچىكا سېكىرتارى ئىدىم، ئاۋۇ يېشى بىر يەرگە بارغان بالىلىرى ئېڭەككە تاقاشقانلارنىمۇ ئىش تاشلىدىڭ! كېچىكتىڭ! سېنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىڭ يوقكەن، دەپ بىر قېتىم ئىشتىن ھەيدەپ باقمىغان ئادەم مەن. سىزنىڭ بېشىڭىز شۇنداق چوڭما!!!- دەپ سۆزلەپ كەتتى ھاسسىلىرىنى پۇلاڭلىتىپ. ئىشخانىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ چىرايى تام. مۇدىر ئەپەندىمغۇ < بۇ بۇ >دەپلا قالدى.

    - قېنى؟ قايسى مائارىپ قانۇنىدا باركەن شۇ سىزنىڭ قانۇنىڭىز؟ بالىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چېكىندۈرىدىغان. ھۆكۈمەت مۇشۇلارنى بىلىم ئالىدۇ دېمىسە سىزدەك ئادەملەرگە قوي بېقىشمۇ ئاشمايدۇ بىلەمسىز؟-چوڭ دادام زادى ئۆزىنى تۇتالمىدى،- يۈرە بالام، سېنى مۇشۇنداق يەردە بىلىم ئال دەپ خاتا ئىش قىلغىلى تاس قاپتىمەن،-دېدى  قولىنى ماڭا ئۇزىتىپ.

    - ۋاي.. يا يا... سىلى... سىلى توختاپ تۇرسىلا ئولتۇرسىلا...-دەپ تۇتىۋالدى سىنىپ مەسئۇلىمىز.

    - سىلى ئەمدى نەگىلا ئاپارسىلا بۇ بالا ئوقۇپ بولالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى تەربىيىلىسىلە!-دېدى ھېلىقى مۇدىر دېگەن قاپاقباش.

    - شۇنداق چوڭ دۆلەتنى باشقۇرغان كوممۇنىستىك پارتىيە. مۇشۇ نەۋرە قىزىمنى باشقۇرالماي (ئۆزەڭ تەربىيلە دېسە) مەيلى. سىزنىڭ شۇ گېپىڭىزگە ئىگە بولىدىغان ئادەمدىن ئاڭلىسام، ھەرگىزمۇ مەكتەپكە بەرمەيمەن.-دېدى چوڭ دادام مۇدىرغا تىكىلىپ تۇرۇپ.

     ماشىنىغا چىقىشىمىزغا كەينىمىزدىن مۇدىر ھاپاسلاپ چىقتى:

    • بايا.. باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئالدىدا شۇنداق دېمىسەم..-دەپ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا، چوڭ دادام شوپۇرغا:

    - ھەيدە! مائارىپ ئىدارىسىغا!-دېدى. شۇ كۈنى مۇدىرنىڭ ماشىنىنىڭ ئارقىدا قېلىپ قالغان قىياپىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ...

    -كۇسپۇرۇشنىڭ..تېخى. ئۆزەڭ تەربىيىلە دەپ كەتكېنىنى...-چوڭ دادام ئىككى قولى بىلەن ھاسسىسىنى تۇتۇپ (ھە ھېلىقى ئەسمەتخان دېگەن كىنودىكى ئەسمەتخاندەك) يەرگە توك - توك قىلىپ ئۇرۇپ،-ئالدى بىلەن سېنى بىر ئوبدان تەبىيىلىمىسەم خەپ.

    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلار ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ دوختۇرخانىغا كېلىپ چوڭ دادامدىن ئەپۇ سورىشى، سىنىپتا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ مەندىن كەچۈرۈم سورىشى بىلەن تۈگىگەن بولدى. شۇڭلاشقىمىكىن، كىچىكىمدىن باشلاپ مۇشۇنداق غەم يېمەس، ھورۇنراق، بېشىم چوڭراق دېگەندەك چوڭ بولۇپ قاپتىمەن. ياتاقتىقمۇ كەچكىچە قىزلارنى ئىشقا بۇيرۇپلا < ئاداش ئانى ئېلىۋېتە> < ماڭا تاماق ئالغاچ كىرىڭلار > < چېچىمنى بوغۇپ قويە> < چاپىنىمنىڭ تۈگمىسىنى قاداپ بېرە> < ما ناننى ئۇشتۇپ بېرە >......دەپلا ئۆتىمەن. بەزىدە قىزلار غودۇڭشىپ قويىدۇ، لېكىن ئۇلارمۇ كۆنۈپ كەتتى. ئەممازە، مۇشۇ كىيىم كىيىش، يۈزۈم يۇيۇش،تاماق يېيىشلىرىمغا بەك پىكرى بار. <نېمانداق ئاستا ئىش قىلىسەن>دەپ تېرىكىپ كېتىدۇ قىزلار.

    - نەدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلەش زور جۇمۇ مەندە ھە؟ مەرخان!-دەپ مەرخانغا ئىلتىجا قىلىمەن بەزىدە.

    - ھەي تاڭ. ئۇقمىدىم جۇمۇ ئۇنى،-دەپ قويىدۇ مەرخان بېشىنى چايقاپ.

     

    *********************************************************

    ئوقۇغۇچىلارنى فاكۇلتېتىنىڭ لېفىتىغا چىققىلى قويمايدۇ دېمەيسىلەر؟! بىزنىڭ مەكتەپتە! ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 6-قەۋەتتە. ھە راست دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن<100كوي ۋەقەسى>نى قىزلارغا دەپ بەرگۈچە ۋاقىت توشۇپ كېتىپ ئۇلار دەرسكە چىقىپ كېتىۋەردى. مەن گۈزەل بىلەن ھازىر 2-سائەتلىك دەرىسگە ئۈلگۈرۈپ ماڭدۇق. بىز لېفىتقا چىقىۋېرىمىز. نەچچە قېتىم لېفىتقا قارايدىغان چوقۇر قېرى خەنزۇ بوۋاي بىرىنچى قەۋەتنى بېسىپ تۇرىۋېلىپ بىزنى 6-قەۋەتكە چىقىپ بولغان لېفىتنىڭ ئىشىكنى ئاچقۇزماي، بىرىنچى قەۋەتكە قايتۇرۇپ چۈشەرگەن. ئىككىمىزمۇ قېيىشىپ، يەنە چىقاتتۇق. يەنە چۈشۈرۋەتسە يەنە چىقاتتۇق. ھازىر گۈزەل ئىككىمىز لېفىتقا چىقساق كۆرمىگەنگە سېلىۋالىدۇ ئۇ چال. بىزمۇ چاندۇرماي كۆرمىگەن بولىۋالىمىز. < داۋۇخور بوۋاي >دەپ تىىللىدى. لېفىتتىن چۈشۈپلا گۈزەل:

    - بولە. ئەمدى 2-سائەتكىمۇ كېچىكمەيلى. تۇردىبەك مۇئەللىم تىتىۋەتمىسۇن>دېدىم مەن ( تۇردىبەك بىزنىڭ فاكولتېتنىڭ غوللۇق پىراففېسورى)

    - ئوھوش.. خوش بولسۇنچۇ ئۇ تۇردىبەك مۇئەللىمىمىز، يۈز بېرىپ دەرسكە چىققىنىمىزغا.-گۈزەل چېچىنى ئوڭشىغاچ غودۇڭشىدى. ھەنىم بولسا، تەنەپپۇس ۋاقتى ئىكەن. ئىككىمىز سىنىپقا كىرىشىمىزگە:

     - ۋۇي! ئىككى چوڭام! مۇبارەك قەدەملىرى يېتىپ قاپتىغۇ!-دېدى ب سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى مەۋلان كەيفا (ئۆيى ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى سانائەت  رايونىدىكەن، شۇڭا شۇنداق دەۋاپتۇ بالىلار) گۈزەلنىڭ قەتئىي خوشى يوق ئۇ بالا بىلەن. مەۋلان كەيفانىڭ شۇ گېپى بىلەن ئالدىغا قارىشىپ ئولتۇرغان بىرىنچى پارتىدىكى <پىراففېسورلار> گۈررىدەڭ كەينىگە قاراپ تۇرىدۇ. بەزدەك! شۇنىڭ بىلەن ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ (ئۇلۇغ ماۋجۇشىرىمىز سۆز قىلغاندا قوللىنىدىغان ھەرىكەت):

    \

     -بولدى بولدى قوزغالماڭلار! يولداشلار جاپا تارتتىڭلار، ۋەتەن خەلق سىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ!-دەپ قويدۇم. بىزنىڭ سىنىپتىكىلەر پاراققىدە قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. سىنىپ باشلىقىمىز نېغمەت:

     - ھەي قىزبالا، كۈن قاياقتىن چىقتى؟ بېشىڭىزدىن ياغاچ ئۇشتۇمدۇق يا؟!-دېدى يېنىمغا كېلىپ.

    - ئاران بىر قەتئىي نىيەتكە كەلگەندە، جىم تۇرۇڭلار!-دېدى مەرخان.

    -ھە راست، ئاداش يېزىپ بولدۇڭما مېنىڭ تاپشۇرۇقىڭنى؟

     - ھەئە،  يېزىپ بېرىۋەتتىم ئالدىنقى سائەتتىلا!

    - توغرا يازغانسەن ھە؟

     - مۇشۇنداق زاڭ گەپ قىلىسەن ئەمەسمۇ سەن ئاداش!- دېدىمەرخان چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ. بۇرۇن مەن زاڭ دېسەم < ۋېيىي زاڭ دېگەن قازاقچە قانۇن دېگەن گەپ ھېي> دەپ زاڭلىق قىلىدىغان ئادەم ھازىر مېنى زاڭ دەپ تىللايدىغان بولۇپ كەتتى!

    - ھى ھى... چاقچاق ساراڭ!- دېدىم مەن سومكامدىن كىتابىمنى ئېلىۋېتىپ.

    دەرس باشلانسىلا ۋاقىت ئەجەب ئاستا ئۆتىدۇ، دېسە!  تۇردىبەك، بۇ مۇئەللىم  بەك ئۇماق. بويى پاكارغىنە. كىيىنىشى بىزنىڭ پۇتبۇلچى بالىلارغا ئوخشايدۇ، كاستيۇم كىيگىنىنى ھېچكىم كۆرۈپ باقماپتىكەن. شۇنداق تېتىك دېمەيسىز! قازاق بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى خېلى يامان ئەمەس سۆزلەيدۇ. لېكىن شۇ تەلەپپۇزى بەك غەلىتە. ئۈزۈپ – ئۈزۈپ دەيدۇ. ھەربىر سۆزنى. ھەممىدىن يوقلىما قىلىشى ئەڭ قىززىق. 120ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس ئاڭلايدىغان بۇ چوڭ بىرلەشمە سىنىپتا باشقا مۇئەللىملەر يوقلىما قىلىش ئۈچۈنلا بىر مۇنچە ۋاقىت ئالىدۇ. بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بەك ياخشى. بىر كۆرگەن ئادىمى، بىر ئاڭلىغان ئىسىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ! مانا يوقلىما باشلاندى: < ئالتە ئاخمەتجان كەلدىما؟ (ئەخمەتجاندىن ئالتىسى بار تۆت سىنىپتا، ھەممىسى قولىنى كۆتۈردى) تۆت ماھىرە؟ ھە. ياخشى! چاراپەت؟ ( شاراپەتنى ئاشۇنداق تەلەپپۇز قىلىدۇ.) ئايتىكەن؟ ( ئاتىكەمنى شۇنداق دەيدۇ )،ھە سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ھېلىقى ئۇخلايدىغان قىز.ھە  باركەن. ھېلىقى تۆت يېقىن ئاداش؟ (دائىم بىللە ئولتۇرىدىغانلار) > ئالدىدىكىلەرنى يوقلىما قىلىش كەتمەيدۇ. (كەلمەڭلار دېسىمۇ كېلىدۇ ئۇلار )  <ئۈمىد، سەيپىدىن (ئىككىسىنىڭ بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتىكەن كارىدوردا شۇڭا دائىم بىللە ئاتايدۇ). تۆت بەنجاڭ! (تۆت سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى)، تۆت قىز بەنجاڭ ( تۆت ئۆگىنىش ھەيئىتى ) زىياۋدۇن. سېنىڭ يېنىڭدىكى كەلمىدىما؟> ھىم..ماڭا كەلدى.

     -سىز قاچان كەلدىڭىز؟ (ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ كۆزىدىن)

     - ھە... مەن ئەتىگەن مىجەزىم يوق.

     - ياخشى بولدىڭىزما؟ يا مېنى خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ كىردىڭىزما ؟

     - ھە ياخشى بولۇپ قالدىم. دورا ئىچكەن.

     - ھە... جىق پۇلغا ئاپسىز دە! بىر سائەتتىلا ياخشى بولۇپ كېتىپسىز.

     (كۈلكە). ئەمدى گۈزەلگە قارىدى:

    • سىزمۇ شۇ دورىنى ئىچىپ ساقايدىڭىزمۇيا؟!
    • مەن ئۆيدىكىلەر بىر نەرسە ئەۋەتىپتىكەن. شۇنى ئالغىلى بېرىپ..
    • ھە.. شۇنداقمۇ؟ ياخشى. ئىككىڭلار پەستە ئۇچرىشىپ قاپسىلەردە. ياخشى دوستما سىلەر؟

     بۇ مۇئەللىم مۇشۇنداق گەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئالدىنقى بىر قېتىممۇ، تازا ئېنگىلىزچە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام، مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدە. تۇيۇقسىزلا يېنىمغا كېلىپ.(سەزمەپتىمەن) < گۇد مورنىڭ> دېمەسمۇ. يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان. لېكىن، بىز ھەممىمىز ئامراق بۇ مۇئەللىمگە.باشقا مۇئەللىملەردەك يوقلىما، تاپشۇرۇقلارنى ئۆلچەم قىلىپ، باھا بەرمەيدۇ. ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش كۆرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا غۇم ساقلايدىغان، قەستەنگە قىيىشىدىغان ئىشلارنى ھەگىز قىلمايدۇ.

    < ماتېماتىكا ئانالىزى > ئەڭ مۇرەككەپ گەپلەر بار جۇمۇ بۇ دەرستە، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە تىلدا ئۆتكەچكە بەزى ئاتالغۇلاردا قايمۇقۇش كۆرۈلىدۇ. بېشىم قېيىپ كەتتى دېسە بىر دەم كىتابقا قارىسام. يېنىمدا مەرخان رىشات بىلەن جىددى قىسقا ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ. تۇيۇقسىز < 100كوي ۋەقەسى>نى ئويلاپ قالدىم، ‹ئۇيغۇرمىدۇ؟ قىزمىدۇ؟ ئوغۇلمىدۇ؟ نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ ئەجەب يەنە ئۇچۇر ئەۋەتمەيلا توختاپ قالدىيا؟›كەينىمدىن بىرسى نوقىدى. قارىسام بىر پارچە قەغەز. مۇشۇ، دەرس ۋاقتىدا خەت يېزىپ، قەغەز سۇنىدىغان ئىشىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ بارتى-ھە؟! قەغەزنى ئاچتىم. <ھەي قىزبالا، سىنىپقا شۇنداق يارىشىپسىز.ھى ھى >  نېغمەت!!! ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويدۇم. <كىمكەن؟>يەنە بىر يېنىمدا خىيالىدا يوق تىرنىقىنى ياساپ ئولتۇرغان گۈزەل سورىدى بېشىنىمۇ كۆتەرمەي.

     - نېغمەتكەن. دەرسكە قاتناشسىڭىز يارىشىدىكەن، دەيدۇ

     - نېمە كارى مۇشۇلارنىڭ دەيمەندە، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ، مۇشۇ مەكتەپكە كىرىم قىلىپ بېرىۋاتساق. بىزنىڭ ئوقۇش پۇلىمىز بولمىسا مۇشۇ مۇئەللىملەرگىمۇ نەدىكى مائاش. دەرسىنى ئوقۇپ، ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بەرسەك بولمىدىمۇ دەيمەندە.

    \

     گۈزەل مۇشۇ توغۇرلۇق بەك قاخشايدۇ، بۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بەك ياخشى، ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن ھەل قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. ياتىقىدىكى قىزلار بىلەنلا ئۆتىدۇ، ئۇندىن قالسا مەن مەرخان بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. ئىمتىھانلاردا( بۇلار ب سىنىپ ئايرىم بېرىدۇ) ياتىقىدىكى دەرستە ياخشى قىزلارنى چۆرىسىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئىمتىھاندا ئۇلاردىن يۇقىرى ئېلىۋېتىدۇ. نەچچە دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىنمۇ شۇنداق قىلىپ لاياقەتلىك بولۇپ كەتتى. ھەممە ئىشلاردا گۈزەللىك ، مۇكەممەللىك قوغلىشىدۇ، ئالدىراپ بىر ئىشلاردىن رازى بولمايدۇ. پىكىر قىلىشى ، ئانالىز قىلىشى باشقىلارنىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ گېپى دائىم خەقلەرگە قىززىق تۇيۇلىدۇ، گېپى قوپالراق، ئەمما كۆڭلىدە يامانلىقى يوق، بوي - تۇرۇق، بەدەن قۇرۇلۇشلىرى چىرايلىق، بىردىنبىر ئارزۇسى تېرىسىنى ياخشى قىلىش، بىر نەرسىلەر بەك ئىتتىك رىئاكسىيە قىلىدۇ، تولا زۇكام بولىدۇ، نەچچە قېتىم يېرىم كېچىلەردە دوختۇرخانىغا ئاچىقتۇق. (ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە شۇ ياخشىلىقىنى قايتۇرىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ). پاكىزلىقنى بەك سۆيىدۇ. ( ھەممىمىز شۇنداققۇ، لېكىن بۇ سەل ئاشۇرما دەرىجە). تولا قولىنى يۇيىمەن دەپلا كېچىكىدۇ بىر يەرلەرگە. ھە راست، ئوغۇل بالا بىلەن بەك خۇشىي يوق. ئارزىگۈل ياتاقتا ئوغۇللارنىڭ گېپىنى سەللا جىقراق قىلىپ قالسا تېرىكىدۇ، < ئەر سارىڭى >دەپ تىللاپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزى بەك ئەخلاقلىق، ئىشقىلىپ بۇ دوستۇمنى ياخشى كۆرىمەن.

    يانفونۇم يېنىككىنە تىترىدى. < قارىغاندا بۇ پۇلغا بەك ئېھتىياجلىق ئوخشايسىز، سەدىقە قىلاي. ماڭا دۇئا قىلىپ قۇيارسىز، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشىمگە. دۇئاغۇ باردۇ؟!>ئاخخا! ئۇقۇغۇچىكەندە بۇ!

    -ھەي ئاداش قارا،-دەپ گۈزەلگە كۆرسەتتىم.

    • -يولداشلارغا دۇئا قىلىشنى بىلمەيمەن، يامان بولساڭ يەنە يۈز كوي قاچىلا، بىرەر راھىب تېپىپ ساڭا دۇئا قىلغۇزۇپ بېرەي دېگىنە،-دېدى ئۇ قاپاقلىرىنى سۈزۈپ. مىڭ تەستە ئۇ ئۇچۇرنى يېزىپ ئەۋەتىۋەتتىم.< ئۇيغۇر بولسىڭىز ھارامنى يېيىشتىن قورقمامسىز. بولۇپمۇ مەندەك ئوقۇغۇچىنىڭكىنى › ئەمدى پىنيىن بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىپ ئەۋەتكەنىدى. ھىم... ئەسلىدە ئۇيغۇركەندە!!

    -ۋىيىي. ئاداش ئۇيغۇركەن! بولدى قىلاي ئەمدى، ھېلى چىققاچ يانفونىغا100 كوي قاچىلىۋېتەي.ئېسىمگە سېلىپ قويە،-ھە؟-دېدىم بېشىمنى ئۈستەلگە قويۇپ گۈزەلگە قاراپ.

    • ئەكەگىنە مەن كۆرۈپ باقاي ئۇچۇرنى،- دېدى ئۇ قولىنى ھۆل قەغەزگە سۈتكەچ.
    • ھارامنى يېيىش دەپ كېتىپتا بۇ سەت. سەن بىر بۇلاپ، ئالداپ ئېلىۋالغاندەك. ئۇ 100كويچىنىنى.-دەپلا ئۆزى قايتۇرۇشقا باشلىدى.

    - كۆرۈپ باقە.-دېدى ئۇ يانفونۇمنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ. < كىم سىزنى دىققەت قىلماي مېنىڭكىگە قاچىلىسۇن دەپتۇ؟ مەن قاچىلا دېدىممۇيە؟! يەنە كېلىپ سىزگە مۇشۇنداق خەت قايتۇرىمەن دەپ پۇلۇم ئىسراپ بولغىنىنىغۇ دېمەيلا قوياي، دەرس ئاڭلاش، ئارام ئېلىش قاتارلىق قاتارلىق بىر مۇنچە ئىشىمغا دەخلى يەتكۈزدىڭىز. بۇ زىياننى ئاۋۇ 100كويچىنىڭىز تۆلەپ بولالمايدۇ جۇمۇ. مەن قايتۇرمايمەن خاتىرجەم بولۇڭ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىسىز، مۇشۇنداق قىلسام! بۇرنىڭىزغا سۇ كىرگەندۇ؟!> ئۇچۇرنى ئەۋەتىۋەتتىم.

     رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.