بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گىيوگو) 2

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-09 21:05:19

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بيۇگ ژارگال (2) ۋىكتور گىيوگو دې ئوۋېرنە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋەقەلەرنى يادىغا كەلتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن بىردەم ئويلاندى-دە، ئاندىن سالماق، پەس ئاۋ...


    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)

    بيۇگ ژارگال (2)

    ۋىكتور گىيوگو

     

     دې ئوۋېرنە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋەقەلەرنى يادىغا كەلتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن بىردەم ئويلاندى-دە، ئاندىن سالماق، پەس ئاۋاز بىلەن توختاپ-توختاپ سۆزلەپ كەتتى:

    مەن فرانسىيىدە تۇغۇلدۇم. لېكىن بالا ۋاقتىمدىلا سان -دومىنىگودىكى تاغامنىڭ يېنىغا ئەۋەتىلگەن ئىدىم. تاغام ناھايىتى باي كىشى بولۇپ، چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىگە ئىدى. مېنى ئۇنىڭ قىزىغا چېتىپ قويۇشماقچى ئىدى.

    تاغامنىڭ ئۆي-جايى گالېفى پورتىغا تۇتاش بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى ئاكيۇل ۋادىسىنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ئىگەللەيتتى.

    مەن تەسۋىرلەپ بېرىۋاتقان بۇ نەس جاي ئومۇمىي كۆرۈنۈشى جەھەتتىن سىلەرنى ئانچە قىزىقتۇرالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ يەر مېنىڭ پۈتۈن ئائىلەمنىڭ پالاكەتكە ئۇچرىشىغا زامىن بولدى.

    تاغامنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ چوڭ ئىگىلىكتە سەككىز يۈز نىگىر ئىشلەيتتى. ئىقرار بولۇش كېرەككى، بۇ قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئۇلارنىڭ خوجايىنى تەرىپىدىن قوللىنىلغان شەپقەتسىز تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، تېخىمۇ بەتتەر ئېغىرلىشىپ كېتەتتى. مېنىڭ تاغام بارلىق ئاز سانلىق مۈلۈكدارلارغا ئوخشاش چەكسىز ھۆكۈمرانلىققا ئادەتلەنگەن تاش يۈرەك ئادەم ئىدى. ئۇ ھەرقاندىقىنىڭ بىر قاراشتىنلا قورقۇپ كېتىشىنى، سۆزسىز ئىتائەت قىلىشىنى خالايتتى. ئۇ قۇللارنى كىچىككىنە ئەيىۋى ئۈچۈن قاتتىق جازالايتتى، ئۆز بالىلىرىنىڭ قۇللارنى ياقلىغانلىقىنى كۆرسە قاتتىق غەزەپلىنىپ كېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇللار ئۈستىدىكى جەۋرى-زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن دائىم يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولاتتۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئالدىنى ئالالمايتتۇق.

    -ھە، قىزىق گەپلەر مانا ئەمدى باشلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ،-دىدى ئانرى يېنىدا ئولتۇرغان بىرسىگە شىۋىرلاپ،-قارىماققا، كاپىتان قارا تەنلىكلەرنىڭ بەختسىزلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بىزگە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدە، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىلىرىمىز ھەققىدە بىر قېتىم ۋەز-نەسىھەت قىلماقچى بولسا كېرەك. ھېچبولمىغاندا، ماسسىاك كۇلۇبىغا مەنسۇپ كىشىلەر بۇ توغرىدا گەپ قىلماي ئۆتەلمەيدۇ-دە،

    -رەھمەت سىزگە، ئانرى! سىز مېنى كۈلكىلىك بىر ھالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالدىڭىز،-دىدى دې ئوۋېرنە ئۇنىڭ سۆزىنى سوغاققىنا ئاڭلاپ بولۇپ، كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    تاغامنىڭ قۇللىرى ئىچىدە پەقەت بىرلا قۇل ياخشى شارائىتتا ياشايتتى. بۇ قۇل ئىنتايىن پاكىنەك ئادەم بولۇپ، تاغامغا يامايكا ۋالىسى ئېففېنگىم تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئىسپانلىقلار بىلەن نېگىرلار ئوتتۇرىسىدىن تۈرەلگەن زامبۇ نەسلىدىن ئىدى. تاغام برازىلىيىدە ئۇزۇن يىللار تۇرغانلىقتىن، پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ ھەشەمەتلىك، زىبۇ-زىننەتلىك قورا جاي سالدۇرۇپ، ئۆز بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ماختانچاق ئادىتىنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغان ئىدى. ياۋرۇپاچە خىزمەت قىلىشقا ئۆگىتىلگەن بىر توپ قۇللار تاغامنىڭ ئۆيلىرىنى كۆز قاماشتۇرغۇدەك ھالەتتە بېزەپ تۇراتتى. تاغام ئۆز ھەشەمىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن ئېففېنگىم تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنغان ھېلىقى قۇلنى خۇددى فېئودالىزم دەۋرىدىكى غوجىزادىلەرگە ئوخشاش ئۆيىدە چاكار تۇتۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي نەۋكىرى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، تاغامنىڭ چاكارلىققا تاللىغان بۇ ئادىمى تازىمۇ مۇۋاپىق بوغلان. چۈنكى خەبىبرا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئادەم غەلىتە يارىتىلغان بىر مەخلۇق ئىدى: بوي-تۇرقى، رەڭگى-روھى ئاجايىپ كۈلكىلىك ۋە يىرگىنىشلىك بولۇپ، ئۆزى ئىنتايىن پاكار، دىخماق، سېمىز ئىدى. پۇتلىرى ئىنچىكە ۋە قىسقا بولسىمۇ تېز ماڭاتتى. ئەگەر بىر يەردە ئولتۇرسا، خۇددى پۇتلىرىنى يىغىۋالغان چوڭ ئۆمچۈككە ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئاجايىپ يوغان بېشى خۇددى بىر كاللەك يۇڭنى گەۋدىگە چاپلاپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى، ئىككى قۇلىقى لەپپەڭلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يولداشلىرى بۇ يوغان قۇلاقلارنى تەسۋىرلىگەندە، خەبىبرا يىغلىسا قۇلاقلىرى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئېرتىدۇ دىيىشەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەر ۋاقىت قورۇقلار خالىي بولمايتتى. خەبىبرانىڭ بۇ ئاجايىپ قىياپىتى ئۇنىڭغا غەلىتە تۇس بېرىپ تۇراتتى. بۇ سۈرلۈك، بەتبەشىرە ئادەم قىزىقچى بولغانلىقتىن تاغام ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ تاغامنىڭ ئالدىدا ئەركە ئىدى، باشقا قۇللار ئېغىر ئەمگەك ئاستىدا دەرمانسىزلىنىپ يۈرسە، خەبىبرا مامۇق پەيلەردىن ياسالغان چوڭ يەلپۈگۈچنى ئېلىپ، سالقىن جايدا ئۆز خوجايىنىنىڭ پاشا-چىۋىنىنى قورۇشتىن باشقا ئىشنى قىلمايتتى. ئۇ تاغامنىڭ ئايىغىغا سېلىنغان پالاز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى. ئۇنىڭ مەخسۇس قاچىسىغا بەزى ئاشقنا-تاشقان مەززىلىك تائاملاردىن سېلىپ بېرىلەتتى. خەبىبرا بولسا، بۇنداق چوڭ مەرھەممەتتىن بەك مەمنۇن بولاتتى. خەبىبرا ئۆزىدە مەسخىرىۋازلىق-قىزىقچىلىق خۇسۇسىيەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەزى ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىدى. مەسىلەن، تاغامنىڭ ئالدىدا خالىغان چاخچاخنى قىلىش، ئۆز خوجايىنىنىڭ كەيپى كۆتىرىلىدىغان، ئۇنى كۈلدۈرىدىغان، كۆڭلىنى ئاچىدىغانلىكى قىزىقچىلىق بولسا، ھەممىنى ئىختىيارى قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن ئىدى. ئۇ خۇددى مايمۇندەك شوخ، ئىتتەك سەگەك ئىدىكى، تاغام بىرلا ئىشارەت قىلسا، دەرھال ئۇنىىڭ ئالدىدا ھازىر بولاتتى.

    مەن بۇ قۇلنى ئۆچ كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ھىيلىگەرلىك-مەككارلىق بىلەن خوشامەت قىلىپ يۈرۈشى چىشىمنى قېرىشتۇراتتى. قۇل بۇلۇش نومۇس ئەمەس، ئەلۋەتتە، لېكىن قۇللارچە يالاقچىلىق قىلىش- شەرمەندىلىك، يېرىم-يالىڭاچ ھالدا كۈن بويى ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان بەختسىز نېگىرلارنى كۆرگەندە، يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كېتەتتى. ئۇلار كىيىملىرى جۇل-جۇل، مەيدىلىرى ئوچۇق ھالدا ئىشلەيتتى. ئەمما ھېلىقى ئاق قاپتال، بىمەنە مەسخىرىۋازنىڭ ساراڭلارغا ئوخشاش، ھەرياڭزا جالدۇر-جۇلدۇر مارجانلار ئېسىلغان ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگىنىنى كۆرسەم، يىرگىنىپ كېتەتتىم، بۇ پاپا ھەرخىل پەسكەش قىلىقلىرى بىلەن خوجايىنىنىڭ ئالدىدا بەزى تەسىرگە ئىگە بولۇۋالغان بولسىمۇ، بۇ تەسىردىن پايدىلىنىپ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئېغىر شارائىتىنى ئاز-تولا يەڭگىللىتىشكە زادىلا ئۇرۇنۇپ كۆرمەيتتى. خوجايىن قۇللارنى جازالاۋاتقاندا، خەبىبرا ھېچقاچان قۇل يولداشلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تىلەپ باقمىغان. بىر كۈنى ھەتتا ئۇ قۇل يولداشلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش ھەققىدە تاغامغا مەسلىھەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىرسى ئاڭلاپ قالغان ئىكەن. دەرۋەقە، باشقا قۇللار ئۇنىڭغا گۇمان ۋە ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارىسىمۇ، ئۇلاردا خەبىبراغا نىسبەتەن نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتى ۋە ھېيىقاتتى. ئەمما ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.

    خەبىبرا بېشىغا قىزىل بوياق بىلەن چۈشىنىكسىز بەلگىلەر سىزىلغان، مارجانلار تاقالغان ئېگىز قالپاق كىيىپ، قۇللارنىڭ ياتىقى ئالدىدىن ئۆتكەندە، قۇللار ئۇنى كۆرۈپ بىر بىرىگە ئاستا ئەنە سېھرىگەر كېلىۋاتىدۇ دېيىشەتتى.

    ئەپەندىلەر، مەن سىلەرگە سۆزلەپ بېرىۋاتقان بۇ تەپسىلاتلار ئۇ چاغدا مېنى ئانچىمۇ قىزىقتۇرمايتتى. چۈنكى، مېنىڭ پۈتۈن پىكىر-خىيالىم، ھېس-تۇيغۇم ئارامبەخش سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن بەنت ئىدى. مەن كىچىكىمدىلا ماڭا بەخشەندە قىلىنماقچى بولغان قىزنىڭ پاك ئىشقىدا مەستانە بولۇپ يۈرەتتىم. ئەتراپتىكى ھەرقانداق نەرسىنى مارىغا تەڭ قىلمايتتىم. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان خۇددى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرۈپ يۈرگەن مارى كەلگۈسىدە مېنىڭ رەپىقەم بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئىككىمىز بىللە ئۆسۈپ، بىللە ئويناپ-كۈلۈپ يۈرۈش جەريانىدا بىر-بىرىمىزگە شۇنچىلىك مېھرىبان، شۇنچىلىك ئىچىكىپ كەتكەن ئىدۇقكى، بۇھال بىزدە قېرىنداشلارچە مېھرى-مۇھەببەت ئورنىغا بارا-بارا ئاشىق-مەشۇقلۇق ئىشقىي مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتقان ئىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە خۇددى ۋاپادار ئەر-خوتۇنلاردەك تۇيۇلاتتۇق. بۇ ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە سۆز تاپالمايمەن. پەقەت شۇنداق دىيىشىم مۇمكىنكى، دۇنيادا ھېچكىم مېنىڭ ياشلىق مەزگىلىمدىكىدەك بەختىيار بولمىغاندۇ! بۇ يورۇق ئالەمدە سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ شىرىن لەززىتىنى، ياشلىقنىڭ بەختىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى مەنچىلىك ھېس قىلمىغاندۇ! مەن بۆشۈكتىكى ۋاقتىمدىن تارتىپلا چەكسىز بايلىق، راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۆستۈم. مەن بۇ ئەلدە ئاق تەنلىك كىشىلەر بەھرىمەن بولالايدىغان ھەممە مەئىشەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ ياشىدىم. كۈنلەر سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ شىرىن لەززىتى ئىچىدە بىلىنمەستىن ئۆتۈۋەردى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى بۇ مۇناسىۋەتلەرگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايتتى. چۈنكى، بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنىڭ ھامىلىرىمىز ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا، يەنە كېلىپ، مەڭگۈ ياز بولۇپ تۇرىدىغان، كىشىنى مەپتۇن قىلغۇچى گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەرگە باي بولغان بۇ قۇياشلىق ئۆلكىدە ياشلىقنىڭ جۇشقۇن دەۋرلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولماس! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزەمنىڭ بەخت يۇلتۇزۇمغا ئىشەنمەسلىكىم مۇمكىنمىدى؟ شۇنچىۋالا بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن كېيىن، ھېچكىم مېنىڭ ياشلىق دەۋرىمدىكىدەك بەخت-سائادەتلىك بولمىغاندۇ، دىيىشكە ھەققىم يوقمىدى؟

    كاپىتان جىم بولدى. ئۇ ئۆتمۈشتىكى بەختلىك مەزگىللىرىنى ئەسلەپ بىرئاز ھاياجانلانغان ئىدى. سەل ئۆتۈپ چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -توغرا، ئەمدى مەن شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا ھەقلىقمەنكى، دۇنيادا ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى مېنىڭدەك قايغۇلۇق ئۆتكۈزمىسە كېرەك!

    دې ئوۋېرنە گويا ئۆز بەختسىزلىكى ئىچىدىن يېڭى بىر كۈچ سۈمۈرۈۋالغاندەك، كېيىنكى سۆزلىرىنى قەتئىي جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن داۋاملاشتۇردى:

    مەن يىگىرمە ياشقا كەلگۈچە ئەنە شۇنداق شىرىن خىياللار ۋە ھاۋايى-ھەۋەس ئىچىدە ياشىدىم. 1791-يىلى ئاۋغۇست مېنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىم ئىدى. تاغام مارى بىلەن ئىككىمىزنىڭ تويىنى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىدى. مەن تاقەتسىزلىنىپ كۈتكەن بۇ بەختنىڭ شۇ قەدەر يېقىنلاپ كېلىشى مېنى ئەقلى-ھوشۇمدىن ئازدۇرغانلىقى سىلەرگە بەلكى چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كېيىنكى ئىككى يىل مابەينىدە بۇ مۇستەملىكىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن سىياسى ماجرالارنى پەقەت ھازىرلا غۇۋا ئەسلەۋاتىمەن. دەرۋەقە، مەن سىلەرگە گىراف پېنيې، جانابى دې بلانىشلارندلار توغرىسىدا ياكى پاجىئەلىك قۇربان بولغان بەختسىز پولكوۋنىك مۇددىيۇئى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرمەكچى ئەمەسمەن، ياكى شىمالىي ئۆلكىلىك كېڭەش بىلەن مۇستەملىكىلىك كېڭەش ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقنى تەسۋىرلەپ بەرمەكچىمۇ ئەمەسمەن. ئېيتماقچى، «مۇستەملىكىلىك كېڭەش» دىگەن نامنى قۇللۇق پۇراپ تۇرىدۇ. دىگەن باھانە بىلەن كېيىنچە «باش كېڭەش» دەپ ئۆزگەرتىشكەن ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ھەممە كىشىنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرغان بۇ ئىككى كېڭەش ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق تالاش-تارتىش بۇ ئۆلكىدىكى كۆڭۈلسىز پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولغان ئىدى. بۇ تەرىپى سىلەرنى قىزىقتۇرىشى مۇمكىن. ئۆزەمنىڭ پىكىرىگە كەلسەم، ئەينى زاماندا كاپ بىلەن پورت-ئوپرېنىسې دىگەن بۇ ئىككى جاينىڭ قايسىسىنى بىرىنچى بولۇپ قوغداش كېرەك. دىگەن مەسىلىدە مەن ئۆز كۆز قارىشىمغا ئاساسەن، ئەلۋەتتە، كاپنى بىرىنچى بولۇپ قوغداش تەرىپىدە چىڭ تۇرغان بۇلاتتىم. چۈنكى بىز كاپ تەۋەسىدە ياشايتتۇق. بۇ مەسىلىدە مەن ئۆلكىلىك كېڭەشنى ياقلىغان بولاتتىم، چۈنكى، تاغام ئۇنىڭ ئەزاسى ئىدى.

    ئاشۇ ھەل قىلغۇچ كۈنلەردە بۇ تالاش-تارتىشقا مېنىڭمۇ بىر قېتىم قاتنىشىشمغا توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ توغرىلىق ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتىمەن:

    1791-يىلى 11-ماي فرانسىيە مىللىي كېڭىشى بىر قانۇن ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا باشقا رەڭدىكى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ، ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش، سىياسىي ھوقۇق بېرىش بەلگىلەنگەن. بىز تۇرغان شەھەرنىڭ ۋالىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر زىياپەتتە نۇرغۇن ياش كىشىلەر بۇ قانۇننى مۇھاكىمە قىلىشقان ئىدى. بۇ مۇھاكىمىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، باشقىلارنى مەنسىتمەسلىك ئادىتى ئاساس قىلىنغان ئىدى. مەن تېخى بۇ مۇھاكىمىگە قاتناشقۇدەك بولمىغان ئىدىم. بىر كەمدە بىز تەرەپكە قاراپ بىر مۈلۈكدار بايۋەتچىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇنى ئاق تەنلىكلەر ئارىغا قاتمايتتى. چۈنكى، ئۇ ساپ ئاق تەنلىك بولمىغاچقا، باشقىلار ئۇنى «شالغۇت» دەپ كەمسىتەتتى. مەن دەرھال ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلدىم-دە، ئۈنلۈك قىلىپ شۇنداق دىدىم:

    -ئەپەندىم، سىز بۇ يەردىن كېتىڭ، بۇ يەردە سىزگە ئوخشاش تومۇرىدا ئارىلاش قان بار كىشىلەر ئۈچۈن كۆڭۈلسىز پاراڭلار بولۇۋاتىدۇ.

    مېنىڭ بۇ گېپىم ئۇنىڭغا كەمسىتىش بولۇپ تۇيۇلدى بولغاي، ئۇ ناھايىتى غەزەپلىنىپ، مېنى دوئېلغا چاقىردى. ھەر ئىككىمىز يارىلاندۇق. مېنىڭ ئۇنى ھاقارەتلىشىم توغرا ئەمەس ئىدى، دەپ تونۇيمھن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېنى بۇنداق دىيىشكە دەۋەت قىلغان سەۋەپ ئۇنى كەمسىتىدىغان «ئىرقىي خۇراپاتلىق» كۆز قارىشى ئىدى، دەپمۇ ئويلىمايمەن. ئەسلىدە بۇ ئادەم خېلى ۋاقىتلاردىن بۇيان مېنىڭ مەھبۇبەمگە ئەدەپسىز قىلىقلار بىلەن كۆز تىكىپ يۈرەتتى، يەنە كېلىپ بۇ ماجرادىن بىر نەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئۇ مەھبۇبەم بىلەن تانسا ئوينىغان ئىدى.

    ئەسلىنى ئالغاندا، مەن مارى بىلەن بولىدىغان تويىمىز يېقىنلىشىپ قالدى، ئەمدى ئۇ پۈتۈنلەي مېنىڭ بولىدۇ، دەپ خۇشال بولۇپ يۈرەتتىم ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە مارىغا نىسبەتەن بولىدىغان ھەۋەسكە بىپەرۋا قارايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، مېنىڭ پۈتۈن دىققىتىم ئۆز بەختىمىزنى كۈتۈۋېلىشقا قارىتىلغانلىقتىن، ئۈستىمىزدە لەيلەپ يۈرگەن قارا بۇلۇتلارنى بايقىيالمىدىم. ۋاھالەنكى، بۇ قارا بۇلۇتلار چوڭ بوران-چاپقۇن كۆتىرىپ، بىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىمىزنى گۇمران قىلدى. ئۇ چاغدا ئەڭ قورققاق كىشىلەرنىمۇ قۇللار قوزغىلىڭىدىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشىدۇ، دىيىشكە بولمايتتى. چۈنكى، ئۇلار نىگىرلارنى ناھايىتى پەس كۆرگەچكە، ئۇلاردىن ھەرگىزمۇ ئەندىشە قىلمايتتى، لېكىن ئەق تەنلىكلەر بىلەن ئەركىن قان نەسلىدىكى مۇلاتلار ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بىر خىل ئۆچمەنلىك مەۋجۈت ئىدىكى، بۇ ئۆچمەنلىك گويا ئۇزاقتىن بۇيان ئېتىلماي تۇرغان ۋولقانغا ئوخشايتتى. بۇ ۋولقان ھە دىگەندىلا ئېتىلىپ كېتىشى ۋە پۈتۈن مۇستەملىكىنى كۈكۈم-تالقان قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى.

    مېنىڭ ناھايىتى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن ئاشۇ كۈنلىرىم يېتىپ كېلىدىغان چاغدا، ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى. بۇ ھادىسە مېنىڭ بەختلىك ھاياتىمغا كۈتۈلمىگەن قايغۇ-ئەلەم ئېلىپ كەلدى.

    6

    تاغامنىڭ دىھقانچىلىق مەيدانىدىن ئەگىپ ئۆتىدىغان مەنزىرىلىك دەريا قىرغىقىدا ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىرايلىق بىر شىپاڭ ياسالغان ئىدى. بۇ شىپاڭ يېشىل نوتىلاردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى بۈك-باراقسان دەل-دەرەخ بىلەن ئورىلىپ تۇراتتى. يازنىڭ راسا ئىسسىق ئايلىرىدا مارى ھەركۈنى بۇ شىپاڭغا كېلىپ، سان-دومىنگوغا ئەتىگەندىن كەچكىچە دېڭىز تەرەپتىن ئۇرۇپ تۇرىدىغان سالقىن شامالدا دەم ئالاتتى. بۇ شامال ھاۋانىڭ تەپتىگە قاراپ بەزىدە كۈچلۈك، بەزىدە سۇس چىقىپ تۇراتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەن بۇ شىپاڭنى ئالايىتەن ئەڭ چىرايلىق كۈنلەر بىلەن بېزەپ قوياتتىم.

    بىر كۈنى مارى ناھايىتى قورققان ھالدا مېنىڭ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى: ئۇ ئادەتتىكىچە يېشىل شىپاڭغا كېلىپ، شۇنداق قارىسا، مەن ئەتىگەن ئەكىلىپ تىزىپ قويغان گۈللەرنىڭ ھەممىسى چېچىلىپ ۋە دەسسەلگەن ھالدا يەردە تۇرغۇدەك، ئۇنىڭ دائىم ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقى ئۈستىدە بولسا، يېڭىلا ئۈزۈپ كېلىنگەن بىر دەستە دالا گۈلى تىزىپ قويۇلۇپتۇ. مارى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ ۋە قورقۇپ كېتىپتۇ. بۇ ئاجايىپ ئىشقا ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرغاندا، شىپاڭنى ئوراپ تۇرغان قويۇق ئورمانزارلىقتىن گېتارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئاندىن قانداقتۇ تونۇش بولمىغان بىر ئادەم غەيرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپتۇ. ناخشا مارىغا خۇددى ئىسپان تىلىدا ئېيتىلغاندەك ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ قورقۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ ياكى قىزلارچە ئۇياتچانلىقىدىنمۇ، بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى ياخشى تۇتۇۋالالماپتۇ. پەقەت ئۇنىڭ تۇتۇۋالغىنى ناخشىدا قايتا-قايتا تەكرارلانغان«مارى» دىگەن ئىسىملا بوپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ قورققانلىقىدىن ئارقىسىغا قاراپ قېچىپتۇ. بەختكە يارىشا، ئۇنى ھېچكىم توسىۋالماپتۇ.

    مارىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندىم، يۈرۈكىمدە رەشىك ئوتى ياندى. مەن دەرھال يېقىندا توقۇنۇشۇپ قالغان ھېلىقى شالغۇت بايۋەچچىدىن گۇمانلاندىم. بىراق، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنداق ئەمەستۇ، دەپمۇ ئويلىدىم ۋە ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئالدىراپ بىر ئىش قىلماي دىدىم-دە، بىچارە مارىغا تەسەللى بېرىپ، تاكى مەن ئۇنىڭدىن ئۆمۈرۋايەت ئايرىلمايدىغان ئاشۇ كۈنلەر كەلگۈچى، ئۇنىڭغا داۋاملىق كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇشقا قەسەم ئىچتىم.

    بۇنداق قوپال قىلىقى بىلەن مارىنى قورقۇتقان ئادەم مارىغا پەقەت بىرقېتىملا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇنىڭغا بىر تەدبىر قوللانماقچى بولدۇم ۋە شۇ ئاخشىمىلا ئادەملەر ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن مەھبۇبەمنىڭ ياتىقى ئەتراپىدا پايلاقچىلىق قىلدىم. خەنجەرنى قولۇمغا ئېلىپ، ئىگىز ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇقى ئارىسىغا كىرىپ كۈتۈپ تۇردۇم. كۈتكىنىم بىكار بولمىدى. يېرىم كېچە ئەتراپىدا، مەندىن بىر نەچچە قەدەم نېرىدا، كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ مۇڭلۇق ۋە ئەلەملىك ناخشا ساداسى ئاڭلاندى. بۇنى ئاڭلاپ مەن خۇددى بەزگەكتەك تىترەپ كەتتىم: گىتار دەل مارىنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە چېلىنىۋاتاتتى! دەرغەزەپ بولۇپ خەنجەرنى قولۇمغا ئالدىم-دە، شېكەر قومۇشلىرىنى دەسسەپ-چەيلەپ ئۆتۈپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئۆزەمنى ئاتتىم. بىردىنلا قانداقتۇ بىر كۈچلۈك قول مېنى تۇتۇپ، كۈچ بىلەن يەرگە يىقىتتى، خەنجەر قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى ۋە شۇ زامات خەنجەرنىڭ بېشىمنىڭ ئۈستىدە پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. تۈن قاراڭغۇسىدا چاقناپ تۇرغان كۆزلەر مېنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇراتتى. بۇ ئادەم قاراڭغۇدا ئىككى رەت ئاپپاق چىشلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ، دەھشەت بىلەن شۇنداق دىدى: «قولغا چۈشتۈڭ، قولغا چۈشتۈڭ». قورقۇشتىن كۆرە ھەيرانلىق ئىچىدە مەن بۇ دەھشەتلىك رەقىپ بىلەن ئېلىشتىم، ئەمما بۇ بىھۇدە ئۇرۇنۇش بولۇپ چىقتى. گېتارنىڭ ئاۋازى ۋە قاتتىق ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن مارىنىڭ قىياپىتى دەرىزىدە كۆرۈنگەندە، خەنجەر ئاللىقاچان چاپىنىمنى تىشىپ كۆكرىكىمگە قاراپ كېلىۋاتاتتى. مارى مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ۋە كۆكرىكىمدە خەنجەرنىڭ پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەھىمە بىلەن قاتتىق چىرقىراپ كەتتى. بۇ قايغۇلۇق چىقىراش غالىپ رەقىبىمنىڭ قولىنى خۇددى پالەچنىڭ قولىدەك پۇلاڭلىتىپ قويدى. ئۇ گويا جادۇ قىلىنغاندەك قېتىپلا قالدى. ئاندىن خەنجەرنى ئىختىيارسىز ھالدا بىر نەچچە قېتىم كۆكرىكىمگە تەڭلەپ دىۋەيلەپ قويدى-دە، پىقىرىتىپ تاشلىۋېتىپ:

    -خەير، جۇمۇ! – دىدى فرانسۇز تىلىدا،-خەير، مارىنىڭ كۆزىدىن ياش چىقارماي!

    شۇ غەلىتە سۆزنى قىلدى-دە، بۇ ئادەم شېكەر قومۇشلۇقى ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولدى. مەن بۇ تەڭسىز كۈرەشتە يىقىلغان ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۆزەمنى ئوڭشىۋالغىچە، ئۇنىڭ ئىزىمۇ، شەپىسىمۇ كۆرۈنمىدى، ئەتراپ جىمجىت بولۇپ كەتتى.

    مەن سۆيۈملۈك مارىنىڭ قۇچىقىدا ھوشۇمغا كەلگەندە، قانچىلىك ھەيران قالغىنىمنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى، مەن كۈتۈلمىگەندە، مەھبۇبىمنىڭ-خەق مەندىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ئاشۇ مارىنىڭ-قۇچىقىدا ياتاتتىم. كېيىنرەك، ئۇ نامەلۇم رەقىپنىڭ مېنى ئۆز ھاياتىم بىلەن قەرزدار قىلىپ قويغانلىقىنى ئويلاپ تېخىمۇ غەزىپىم قوزغالدى. بۇ مەن ئۈچۈن نومۇس ئىدى. ۋىجدانىم ماڭا شۇنداق دەيتتى: «ئەسلىدە سەن مارىنىڭ ئالدىدا ئۆز ھاياتىڭ بىلەن قەرزدار، چۈنكى، پەقەت مارىنىڭ ئاۋزىلا رەقىپنى خەنجەرنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلدى. لېكىن، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ نامەلۇم رەقىپنى سېنىڭ قېنىڭدىن كېچىشكە مەجبۇر قىلغان ئامىل ئۇنىڭدىكى ئالىيجانابلىق تۇيغۇسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىل!» ئەمما، بۇ رەقىپ زادى كىم؟ بۇ مەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق بولدى. بۇ ئادەم مەن بۇرۇن كۈنلەپ يۈرگەن ھېلىقى شالغۇت بايۋەتچە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. مەن ئېلىشقان ئادەمنىڭ يېرىم يالىڭاچلىقى ئېسىمگە كەلدى. بۇ مۇستەملىكە ئۆلكىدە پەقەت قۇللارلا يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ قۇل بولمىسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، قۇللاردا بىراۋنى يىغلاتماسلىق ئۈچۈن خەنجەرنى تاشلاپ، پەيلىدىن قايتقۇدەك نازۇك ھېس-تۇيغۇنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دىگەن خىيال مىڭەمگە كەلدى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ رەقىپ قۇللاردىن بولۇشى مۇمكىن، دىگەن ھاقارەتلىك پىكىر مېنى قىيناشقا باشلىدى. بۇ زادى كىمدۇ؟ ئاخىرىنى كۈتمەكچى ۋە كۆزەتمەكچى بولدۇم.

    مارى تەربىيىچى موماينى ئويغاتتى، بۇ موماي مارىنى بوۋاق ۋاقتىدىن تارتىپ باققان ئىدى. مارىنىڭ ئۆز ئانىسى بوۋاق چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. مەن كېچىنىڭ قالغان قىسمىنى مارىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزدۈم. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بىز يۈز بەرگەن بۇ چۈشىنىكسىز ھادىسىنى تاغامغا ئېيتتۇق. تاغام بۇ ۋەقەگە بەكمۇ ھەيران بولدى. لېكىن ئۇمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش ئۆزىنىڭ غورۇرىنى نەزەردە تۇتۇپ، مارىنىڭ بۇ نامەلۇم «ئاشىقى» قۇللاردىن بولۇشى مۇمكىن، دىگەن تەخمىنىدىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە مومايغا مارىدىن نېرى كەتمەسلىكنى بويرۇدى. چۈنكى، تاغام ناھايىتى ئالدىراش ئىدى: ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىش، مۇستەملىكىدىكى بىئارامچىلىق تۈپەيلىدىن چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ تەشۋىشى ئېغىر ئىدى. دىھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەرخىل ئىشلارنىڭ تولىلىقى تاغامنىڭ بىر مىنۇت ۋاقتىنى بوش قويمايتتى. تاغام يەنە ماڭا تويىمىز بولىدىغان 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يېتىپ كەلگىچە قىزىنىڭ يېنىدا تۇرۇشۇمنى ۋە ئۇ سەيلى-ساياھەتكە چىققاندا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشۇمنى تاپىلىدى ھەمدە قىزىنىڭ بۇ يېڭى «ئاشىقى» كېلىشى مۇمكىن بولغان تەرەپلەرگە كۈزەتچى قويۇشنى ئېيتىپ ئۆز يەر مۈلكى چىگرىسىنى كېچە-كۈندۈز قوغداشنى قاتتىق جىكىلىدى.

    يۇقۇرىدىكى چارە-تەدبىرلەر قوللىنىلغاندىن كېيىن، مەن تاغامغا ئېيتىپ، بىر سىناق يۈرگۈزۈپ كۆرمەكچى بولدۇم، شىپاڭغا دەريا ئارقىلىق ئۆتتۈم-دە، دائىم قىلغىنىمغا ئوخشاش، مارى ئۈچۈن گۈلدەستە تىزىپ شىپاڭنى ياساپ قويدۇم.

    مەھبۇبەم مارىنىڭ ئادەتتىكىدەك سەيلە قىلىش ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇنى شىپاڭغا تەكلىپ قىلدىم ۋە ئوقلانغان مىلتىقنى ئېلىۋالدىم، تەربىيىچى مومايمۇ بىز بىلەن بىللە باردى.

    مەن شىپاڭنىڭ مارىنى قورقۇتقان تۈنۈگۈنكى قالايمىقان ھالىتىنى تۈزەشتۈرۈپ قويغانلىقىمنى ئۇنىڭغان ئېيتمىغان ئىدىم. مارى بىرىنچى بولۇپ شىپاڭغا كىرى.

    -قارىغىنا، لېوپولد،-دىدى ئۇ شىپاڭغا كىرىپلا،-شىپاڭ تېخىچە تۈنۈگۈنكى قالايمىقان ھالىتىدە تۇرۇپتۇ، سىنىڭ تۈزەشتۈرۈپ قويغان گۈللىرىڭ چېچىلغان، چەيلەنگەن پېتىچە يەردە ياتىدۇ، ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ساڭا قارشى قويۇلغان مانا بۇ گۈللەر تۈنۈگۈن ئۈزۈلگەندەك ئەمەس، قارىغىنا، جېىنىم دوستۇم، بۇ يېڭىلا ئۈزۈلگەن گۈللەرغۇ!-ئۇ چىملىق سۇپا ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان بىر دەستە دالا گۈللىرىنى قولىغا ئالدى.

    مەن ھەيران قالدىم ۋە غەزەپلەندىم، ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئەتىگەن قىلغان ھەممە ئەمگىكىم بىتچىت قىلىنىپتۇ، مېنىڭ گۈللىرىم ئورنىغا ئۇياتسىزلىق بىلەن قويۇپ قويۇلغان بۇ سۇلغۇن گۈللەرنىڭ سۇلماستىن ياشىرىپ تۇرۇشى بىچارە مارىنىمۇ ھەيران قالدۇرى.

    -خاتىرجەم بول،-دىدى مارى مېنىڭ تەشۋىشىمنى سېزىپ،- خاتىرجەم بول، بۇ ئىش ئەمدى تەكرارلانمايدۇ، بۇ نامەلۇم ئەدەپسىز بۇندىن كېيىن بۇ يەرگە ھەرگىز كېلەلمەيدۇ، بۇ توغرىدىكى ئوي-خىياللارنى بۇ خۇنۇك گۈللەر بىلەن بىللە تاشلىۋېتەيلى!

    مەن مارىنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئولتۇرمىدىم، يەنە ئۇنىڭ «بۇ يەرگە ھەرگىز كېلەلمەيدۇ» دىگەن ئادىمى بۇ يەرگە ئاللىقاچان كەلگەنلىكىنى، ساددىلارچە غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ گۈللىرىنى دەسسەپ-چەيلىۋېتىش ئۇنىڭ يەنە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئولتۇرمىدىم.

    ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، مېنىڭ بۇ سىرلىق رىقابەتچىمنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھامان پاش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ جىم بولدۇم-دە، مارىنى ئاۋايلاپ موماي بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئولتۇرغۇزدۇم.

    بىز تېخى جايلىشىپ ئولتۇرمىغان ئىدۇقكى، مارى بارمىقى بىلەن مېنىڭ ئاغزىمنى توسىدى: ئۇ سۇنىڭ شاقىرىشى ۋە شامالنىڭ يۇرۈشى ئىچىدىن قانداقتۇر بىر ئاۋازنى ئاڭلىغان ئىكەن. مەنمۇ قۇلاق سالدىم، بۇ ئاۋاز تۈنۈگۈن كېچە مېنى غەزەپلەندۈرگەن ئاشۇ مۇڭلۇق، سوزۇق ناخشىنىڭ ساداسى ئىدى. مەن ئورنىمدىن سەكرەپ تۇرماقچى بولغاندا، مارى مېنى تۇتۇۋالدى:

    -لېوپولد،-دىدى ئۇ ئاستا،-ئالدىرىما، ئېھتىمال، ئۇ ناخشىنى ئۈنلۈكرەك ئېيتىدۇ، ناخشىنىڭ سۆزىگە قاراپ، ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلىۋالارمىز.

    راست دىگەندەك، بىردەمدىن كېيىن قېلىن ئورمانزارلىق ئىچىدىن لەرزان چېلىنغان گىتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئەلەم-ھەسرەت بىلەن ئېيتىلغان ئىسپانچە مۇھەببەت ناخشىسىنىڭ ساداسى ئاڭلاندى. بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنى ئېسىمدە شۇنچىلىك مۇستەھكەم ئورنىشىپ قالغان ئىدىكى، مەن ئۇنى ھازىرمۇ سۆزمۇ-سۆز ئېيتىپ بېرەلمەيمەن:

    نىمىشقا سەن مەندىن قاچىسەن، مارىيە؟ نىمىشقا مەندىن قاچىسەن، ئەي قىز؟ نىمە ئۈچۈن مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، تىتىرەپ كېتىسەن؟

    توغرا، مەن ناھايىتى قورقۇنچلۇق، لېكىن مەن ئازاپ چېكىشنىمۇ، مۇھەببەت قويۇشنىمۇ ۋە ناخشا ئېيتىشنىمۇ بىلمەيمەن!

    زىلۋا كوكس دەرەخزارلىقى ئارىسىدا، دەريا قىرغىقىدا تۇرۇپ، مەن سېنىڭ گۈزەل ۋە پاك ئوبرازىڭنى كۆرىمەن. ئاھ، مارىيە، ھاياجېنىم كۆز نۇرۇمنى توسىۋالسىمۇ مەن سېنىڭ ۋۇجۇدىڭنى پەقەت كۆز ئالدىمدا-ئوڭۇمدىلا كۆرگەندەك بولىمەن.

    ئاھ، مارىيە، لەۋلىرىڭ ئارقىلىق چىققان شىرىن سۇخەنلىرىڭنى ئاڭلىغاندا، قەلبىم ساڭا قاراپ تەلپۈنىدۇ. مەن خۇددى شاراپ ئىچكەندەك مەس بولىمەن، سېنىڭ يېقىملىق خۇش ئاۋازىڭدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كېتىدۇ!

    ئاھ، مارىيە، سېنىڭ ئاۋازىڭ مەن ئۈچۈن بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يېقىملىق، بۇلبۇل ئاسمىنىدا قانات قېقىپ، مېنىڭ ۋەتىنىم تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىدۇ!

    ئاھ، ۋەتىنىم، مەن سەندە شاھ ئىدىم!

    ئاھ، ۋەتىنىم، مەن سەندە ئازات ئىدىم! بىلەمسەن، مارىيە، مەن ئۆز ۋەتىنىمدە شاھ ئىدىم، ئازات ئىدىم! مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەقەت سەن ئۈچۈنلا ئۇنۇتماقتىمەن. مەن شاھلىغىمنىمۇ، ئائىلەمنىمۇ ئۇنتۇشقا تەييارمەن، بۇرچۇمنىمۇ، ئىنتىقامىمنىمۇ ئۇنتۇشقا تەييارمەن. ئەڭ مۇھىمى، ئىنتىقامىمنىمۇ ئۇنتۇشقا تەييارمەن! گەرچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان پىشىپ يېتىلگەن ئىنتىقام مىۋىسىنىڭ ئېغىزغا تېگىش سائىتى شۇنچە يېقىن بولسىمۇ!

    ناخشىنىڭ بۇ قۇرلىرى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ، غەمكىن ئاۋازدا، ئاخىرقى سۆزلەر بولسا دەھشەتلىك دوق قىلىش ئاھاڭىدا ئېيتىلدى:

    ئاھ، مارىيە، سەن گويا زىلۋا قەددىنى كەمتەرلىك بىلەن ئېگىپ تۇرغان گۈزەل خورما دەرىخىگە ئوخشايسەن، خورما دەرىخى ئۆز ئەكسىنى سۈزۈك بۇلاق سۈيىدە كۆرگەندەك، سەنمۇ ئۆز ئەكسىڭنى سۈيۇملۈك يارىڭنىڭ كۆزلىرىدە كۆرۈشنى ئىستەيسەن.

    شۇنى بىلگىنكى، بۇ كەڭ ۋادىنىڭ قوينىدا دەھشەتلىك بوران يوشۇرۇنۇپ تۇرماقتا. بۇ بوران ئاشۇ سۈزۈك بۇلاقنىڭ بەختىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ بوراننىڭ قۇدرەتلىك قانىتى ئاستىدا ھاۋا قۇم-تۇپراققا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. بۇ بوران ھەربىر دەل-دەرەخقە تېگىپ ئۆتۈپ، چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ. بۇلاقلار قۇرۇيدۇ، خورما دەرىخىمۇ يېشىل يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۆلۈم دەھشىتى ئاستىدىكى نەپەس ئېلىپ شالدىرلاشلىرىنى، ئۆزىنىڭ تاجى-تەختكە سەلتەنەتلىك بولسىمۇ، ئەمما زۇلپىدەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

    پەخەس بول، ئەي ئىسپانئوللارنىڭ ئاق تەنلىك قىزى! ئاگاھ بولغىنكى، پۈتۈن ئەتراپنى بوران قاپلايدۇ، ھەممە يەر دەشت-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. شۇ چاغدا سېنى ماڭا مۇيەسسەر قىلىدىغان، خۇددى ئۇچار قۇشلارنى ئافرىقىنىڭ قاقاس چۆللىرىدىن باشلاپ ئۆتۈپ، سۈزۈك بۇلاقلار ۋادىسىغا ئاپىرىدىغان قالغاچقا ئوخشاش، خالاسكار مۇھەببەت توغرىسىدا ئارزۇ قىلىسەن.

    «نىمە ئۈچۈن سەن مېنىڭ مۇھەببىتىمدىن ئۆزەڭنى قاچۇرىسەن، مارىيە؟ مەن-شاھ، مېنىڭ قامىتىم ھەممىدىن يۈكسەك، سەن ئاق تەنلىك، مەن بولسام قارا تەنلىك، ئەمما، كۈندۈز كېچە بىلەن قوشۇلۇپ تۇرىدىغۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ قوشۇلۇشىدىن كۈندۈزدىن نەچچە ھەسسە گۈزەلرەك بولغان تاڭ سەھەر تۇغۇلىدىغۇ!»

     

    -داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.