دادام بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدا

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-31 12:15:57

دادام بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدادادام يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدىغان، خۇراپى ئەقىدىلەرگە مەھكەم چاپلىشىۋالىدىغان، مىجەزى چۇس ئادەم ئىدى. ئاكام بولسا، يېڭىلىققا، تۈرلۈك بىلىملەرنى ئىگىلىۋېلىشق...



     

    دادام بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدا


    دادام يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدىغان، خۇراپى ئەقىدىلەرگە مەھكەم چاپلىشىۋالىدىغان، مىجەزى چۇس ئادەم ئىدى. ئاكام بولسا، يېڭىلىققا، تۈرلۈك بىلىملەرنى ئىگىلىۋېلىشقا قىزىقاتتى. كۆپ چاغلاردا ئۇنىڭ ئىزدىنىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلىرى دادامنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ تۇراتتى. مەسىلەن، ئەڭ ئاۋۋال ئاكامنىڭ قانداق مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسى ئۈستىدە دادام بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر توقۇنۇش بولغانلىقى ئېسىمدە.
    ئاكام ئوقۇش يېشىغا يەتكەن چاغلىرىدا غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرچە پەننىي  مەكتەپلەر يوق ئىدى. 1920 – يىللىرى مۇسابايۇپلار تەرىپىدىن غۇلجا شەھىرىدىكى مەدرىس يېنىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئېچىلدى. ئۇنىڭدا يىرىك مۇئەللىملەردىن ئىستانبۇلدا ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شاھىدى، تۇرسۇن ئەپەندى، تۈركلەردىن تۇرغۇت ۋە خېلىل ئەپەندى ۋە باشقا زىيالىلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئاكام تۇردى قادىر مانا شۇ مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن دادامغا تەلەپ قويدى. ئاكام بۇ چاغدا ئەرەپچە «شەرئى ۋاقائى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، كونا دىنىي مەكتەپنى تاماملىغانىدى.
    دادامنىڭ ئاكامنىڭ يېڭىچە پەننىي مەكتەپكە كىرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ:
    _ ئەمدى سەن پەن ئوقۇپ دەھرىلىك يولىغا قەدەم قويماقچىمۇ؟ خىيالىڭنى جەم قىل، مەدرىسكە كىرىپ تالىپ بولىسەن! _ دېدى.
    _ دادا، مەنمۇ شەھىرىمىزدە پەننىي مەكتەپ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەنىدىم. بۇ ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشتى. ئەمدى مەن مۇشۇ يېڭى مەكتەپتە ئوقۇيمەن، _ دېدى قەتئىيلىك بىلەن ئاكام.
    _ بولمىسا، مەھەممەت ئىمىن غوزا قارىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مۇختەسەرۋا قائىدىن دەرس ئال، _ دېدى دادام.
    مەقسىتىگە زىت بولغان تەكلىپلەر ئاكامنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويدى:
    _ دادا، سىز نېمىشقا مېنىڭ مەقسىتىمنى پەقەت چۈشەنمەيسىز؟! مەن شۇنچە يىللار ئارزۇ قىلغان مەكتەپنىڭ ئىشىكى مەھەللىمىزدىلا ئېچىلغان تۇرسا، نېمىشقا شۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشۇمغا رۇخسەت قىلمايسىز، مەن پەن ئوقۇيمەن، پەن! _ دېدى ئۇ كۈچىنىپ.
    _ ھەي بەغەرەز، نېمە ئۇ پەن دېگەن؟ ئىمانمۇ؟!
    _ كىشىلەرنى قۇشتەك ھاۋادا ئۇچقۇزغان، بېلىقتەك سۇدا ئۈزگۈزگەن پەن شۇ!
    _ ئۇ ياققا قەدەم باسقۇچى بولساڭ، پۇتۇڭنى چاقىمەن!
    بۇ تالاش – تارتىش خېلى ۋاقىتلارغىچە داۋام قىلسىمۇ، ئاخىر دادام ئاكامنىڭ تەلىپىنى قاندۇرمىدى.
    دادام كىتابخانلىقتىن قالمايدىغان، موللاملارنىڭ سۆھبەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرۈپ قۇلاق موللىسى بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن، دىنىي مەسىلىلەردىن خېلى كۆپ نەرسىنى سۆزلەيتتى. بۇ قېتىم ئاكامغىمۇ ئۇ:
    _ چوڭلار نېمە دېسە ماقۇل بول، بارغا قانائەت قىل؛ ساۋاب بولىدىغان ئىشنى قىل، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارغا زادى ئاياغ باسما! تاڭلا مەھشەرگادا قارا يۈز بولۇپ قالماي، يورۇق يۈز بول، _ دېگەندەك نۇرغۇن نەسىھەت قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرىي دېگۈدەك مەدرىسكە يولغا سالدى. بىر جوزا، ئىككى چىنە، ئاپتۇۋا، چىلاپچىلارنى مەنمۇ دادام  بىلەن كۆتۈرۈشۈپ، ئاكامنى تالىپلار ھۇجرىسىغا ئاپىرىپ جايلاشتۇرۇپ قويدۇق.
    ئاكام مەلۇم ۋاقىت تالىپ بولۇپ يۈردى، ئەمما پات – پاتلا مەدرىس يېنىدىكى ھېلىقى پەننىي مەكتەپنى ئەگىپ يۈرەتتى. ئابدۇراھمان ئەپەندى ئۇنىڭ بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشتىياقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى مەكتەپكە قوبۇل قىلماقچى بولدى. ئۇ ئۆزىمۇ دادام بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ئارقىلىقمۇ خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئاخىر دادامنى ماقۇلغا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكام مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ۋە يەتتىنچى سىنىپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ چىقتى.
    ئاكام ئاجايىپ خۇشخەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىش ماھارىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇ خۇراپىي ئادەتلەرنى زاڭلىق قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىپ، پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە چاپلاپ قوياتتى. بىر كۈنى ئۇ ئىشانلارنىڭ ئۆزىنى غايىبنى بىلىدىغان سىرلىق ئادەم دېگەن چۈشەنچىسىنى مۇرتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، نەرسە – كېرەك توپلايدىغان يامان نەپسىنى زاڭلىق قىلىپ رەسىم سىزدى. رەسىمدە بوينى ئىنچىكە، ئۇزۇن، بېشى قازاندەك، بارماقلىرى ئارىدەك، چىشلىرى تۆمۈر گۈرجەكتەك ئاجايىپ سەت بىر مەخلۇقنى سىزىپ، ئاستىغا: «نەپسى گەر سۈرەتكە كەلسە، سۈرىتى ئىشان كېلۇر، قوللىرى ئارا كەبى، چىشلىرى تىشاڭ كېلۇر» دەپ يېزىپ، تۈۋرۈككە مىخلاپ قويدى. بۇنى دادام كۆرۈپ يىرتىپ تاشلىدى ۋە ئاكامنى قوغلاپ يۈرۈپ دۇمبالىدى. چۈنكى دادام سوپى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشانلارنىمۇ مەسخىرە قىلىشقا قوشۇلمايتتى. ئىككىنچىدىن، كىمكى سۈرەت سىزسا، شۇ سۈرەت قىيامەتتە سىزغۇچىدىن جان تەلەپ قىلىدۇ دېگەن خۇراپىي ئېتىقادقا ئەمەل قىلاتتى. شۇڭا دادام ئاكامنىڭ سۈرەت سىزغىنىنى كۆرۈپ قالسا، مانا شۇ سۆزلەرنى تەكرارلاپ جېدەل قىلاتتى. ئاكام كېيىنچەرەك ماڭا ئات ۋە ئادەمنىڭ يېنىچە تۇرغان رەسىملىرىنى قېرىنداش بىلەن سىزىشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. مەن بىر كۈنى ئاتنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى مەشق قىلىۋاتسام، تۇيۇقسىز دادام كىرىپ قالدى، سىزىۋاتقان رەسىمنى كۆرۈپ، قەغەزلىرىمنى يىرتىۋەتتى ۋە كاچىتىمغا ئىككى شاپىلاق سېلىپ:
    _ تۇردى دېگەن ھارامزادە سېنىمۇ كاردىن چىقىرىشقا باشلاپتۇ. قىيامەتتە جېنىڭنى بۇنىڭغا بەرسەڭ، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن؟ _ دەپ ۋارقىرىدى ۋە: _ ئىككىنچى يەنە سۈرەت سىزساڭ، قولۇڭنى مانا مۇشۇنداق سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، _ دەپ قولۇمدىكى قېرىنداشنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتى.
    مەن قورقۇپ كېتىپ، ئىككىنچى سۈرەت سىزىشنى ئۆگەنمىدىم. ئاكامنىڭ: «بۇ قىممەتلىك سەنئەت، ئۆگىنىۋېلىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىمىدىم. مەن ئاكامنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، دادامنىڭ خۇراپىي سۆزلىرىگە ئىشىنەتتىم. چۈنكى دادام مېنى ئىبادەت ۋە كىتابخانلىق قىلىدىغان جايلارغا ئەگەشتۈرۈپ باراتتى. ئۇنداق جايلاردىن ۋە دادامدىن: «ھەۋەسكە بېرىلسە، مۆئمىن ۋە ياۋاش بولمىسا، دوزاخقا چۈشىدۇ» دېگەن كۆپ قېتىم ئاڭلاپ، دادامنىڭ دېگىنىنى قىلسام، ئاخىرەتتە دوزاخقا چۈشمەي، جەننەتكە كىرىمەن دېگەن چۈشەنچىدە ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئاكام مېنىڭ بۇ كونا قاراشلىرىمنى تۈگىتىشكە ياردەم قىلىپ، دائىم سەنئەت توغرىسىدا، پەن توغرىسىدا ۋە يېڭلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى. دادام بولسا، يۇقىرىقىدەك كونىلىققا ئۈندەيتتى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن تالاشتا قالغانىدىم.
    دادام مۇتەئەسسىپ، چالا موللىلاردىن، خەلق تىلى بىلەن ئېيتقاندا «كىگىز كىتاب» دەپ ئاتىلىدىغان ئەپسانە سۆزلەرگە چىڭ يېپىشىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇ بىزنى دوزاخقا چۈشىدۇ دېگەن ۋەھىمە بىلەن قورقۇتاتتى. مەسىلەن، بىر يېرىڭگە سۈيدۈك تېگىپ كەتسە، دوزاخ ئوتى شۇ يەردىن تۇتىشىدۇ. ناماز ئوقۇمىغان كىشىگە كىيىمىڭنىڭ پېشى تېگىپ كەتسە، دوزاخ ئوتى شۇ يەردىن باشلاپ كۆيىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ قورقۇتاتتى. ئاكام مۇزىكا ئۆگىنىشكىمۇ ھەۋەسمەن ئىدى، بىر كۈنى ئۇ دۇتار سېتىۋېلىپ چېلىشنى مەشق قىلىشقا باشلىغانىدى، دادام كۆرۈپ قېلىپ:
    _ ھاي تۇردى دېگەن جاھىل، ئەمدى مۇشۇ يامان ئىشنى قىلغىلى باشلىدىڭمۇ، دۇتار بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، ئۇقامسەن؟! _ دېدى غەزەپ بىلەن.
    ئاكام دادامنى زاڭلىق قىلىپ:
    _ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆلگەندە گۆرۈمگە دۇتار ئەكىرىپ قويسۇن، مۇنكىر – نەكىر دېگەن پەرىشتىلەر ئۇ يەرگە كىرمەي، گۆر ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالاي، _ دېدى. دادام ئۇنىڭ ھەجىۋىي گەپ بىلەن ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ، سېرىق بۇرۇتلىرى تىترەپ كەتتى، كۆزلىرى ئالايدى:
    _ ھەي بەدبەخت، ئاغزىڭدىن بۇنداق نالايىق، كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى چىقارما، دۇتار دېگەن دوزاخ چۆمۈچى. بۇنداق نەرسىنى ئۆيگە يولاتما، _ دەپ كېلىپ، دۇتارنى ئاكامنىڭ بېشىغا بىر ئۇرۇپ پاچاق – پاچاق قىلىۋەتتى. مەندە بۇ ئېچىنىشلىق تەسىر قوزغىدى. ئاكام تېخى ئەمدى «داۋانچىڭ» دېگەن پەدىگە چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان ۋە ماڭا چېلىپ بەرگەنىدى. دۇتارنىڭ ئادەم روھىنى جانلاندۇرغۇچى جەزىبىدار ئاۋازى مېنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، بىز سۈرەت سىزىشنى ئۆگىنىش ۋە مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاش ھەۋىسىدىنمۇ مەھرۇم بولغانىدۇق.
    ئاكام ئۆسمۈرلۈكىدە ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، دادامدىن خېلى كۆپ تاياق يېگەنىدى. مەنمۇ تاياقتىن قۇرۇق قالمىغانىدىم. مەن ئاكامدىن ناھايىتى ئىككى ياشلا كىچىك ئىدىم. ئاكامنىڭ دادامنىڭ چۈشەنچىسىگە زىت ئىشلارنى قىلىپ تاياق يېگىنى ماڭا ساۋاق بولدى. شۇڭا مەن دادامدىن قورقۇپ، دېگىنىنى قىلدىم، ئۆيدە كالا، ئېشەك، قوي باقتىم. ياز كۈنلىرى كەچكىچە سىرتتىن ئوت ئورۇپ، بازاردىن شاپاق تېرىپ كېلەتتىم. ئاندىن ھەلەپ ئېتىپ، ماللارغا قارايتتىم. تېخى ئون ئىككى – ئون ئۈچ ياش بولساممۇ، تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، دادام بىلەن بىللە بامدات نامىزىغا چىقاتتىم. بىر كۈنى بىز بامداتتىن قايتىپ ئۆيگە كىرسەك، ئاكام بەخىرامان ئۇخلاۋاتقانىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دادامنىڭ جان – پېنى چىقتى – دە، غەزەپ بىلەن ئورۇندا ياتقان ئاكامنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە ئات – ئېشەكنىڭ يۈگەنلىرى بىلەن بەدىنىدىن قان چىققۇچە ئۇرۇپ كەتتى. يەنە بىر كۈنى دادام ئاكامنىڭ مەللە چەكمەندە، يېڭى مودا بولغان گەلەپى شىم تىكتۈرۈپ كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ، «رۇسچە ئىشتان» نى نېمىشقا كىيدىڭ دەپ غەزىپىگە چىدىماستىن دېرىزىدىكى قاچا گۈلنى ئۇنىڭ بېشىغا بىر ئاتقانىدى، بىچارىنىڭ بېشى يېرىلىپ، يۈز – كۆزى قانغا بويىلىپ كەتتى. مەن دادامنىڭ بۇنىڭغا قانائەتلەنمەي، دەھشەتلىك قىياپەتتە يەنە ئاكامنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپتىن تاياق ئىزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ توشۇيدىغان سوغىنىڭ كالتىكىنى تونۇرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدۇم ۋە قوشنىمىزنى چاقىرىپ ئاكامنى يەنە قاتتىق تاياق يېيىشتىن قۇتقۇزۇۋالدىم. دادام بولسا ئاچچىقىدىن يانماي: «مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋۇجۇدۇڭ قانداق چىدايدۇ، ھەي مۇناپىق بەدبەخت، ۋىجدان بارمۇ سەندە!» دېگەن سۆزلەر بىلەن تىللاۋاتاتتى.
    دادامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇ چاغدا چۈشەنمەيتتىم. خېلى زامانلار ئۆتۈپ، ئاز – تولا ئوقۇغان، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشقاندىن كېيىنلا مۇناپىق نېمە، ۋىجدان نېمە دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا باشلىدىم. مۇناپىق يالغانچى، ھىيلىگەر، سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوخشىمايدىغان ئالدامچى ئىكەن. ۋىجدان دېگەن مۇناپىقلىق ۋە قارا كۆڭۈللۈكنى يامان كۆرىدىغان، ئادالەتسىزلىك ۋە باشقىلارنى بوزەك قىلىش ھادىسىلىرىنى كۆرسە ئازابلىنىدىغان، ئىنساپنى كۆزدە تۇتىدىغان روھىي كەيپىيات ئىكەن.
    ئەسلىدە ئاكام دادام يامانلىق قىلدىڭ دەپ يۇقىرىقىدەك ئاتالغۇلار بىلەن تىللىغان كىشىلەردىن ئەمەس، ئۇ ياخشى نىيەتلىك، ئىنساپلىق، بىلىم خۇمارى، ۋىجدانلىق، ئوت يۈرەك يىگىت ئىدى.
    مەن دادام بىلەن ئاكامنىڭ بۇ كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيىتى توغرىسىدا بەزىبىر ۋەقەلەرنى ئەسلىگىنىمدە، دادامنى سەلبىي جەھەتتە ئەسلەپ ئۆتتۈم. ئەسلىدە داداممۇ خۇراپىي چۈشەنچە تەسىرىدە قالغانلىقى بولمىسا، بوزەك قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن ياقا يىرتىدىغان، ئادالەتنى سۆيگۈچى، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. ئۇ يۇرت كاتتىلىرى دېگەنلەرنىڭ نالايىق ئىشلىرىغا يۈزىدىلا رەددىيە بېرىدىغان، خۇشامەتنى يامان كۆرىدىغان، توغرا كېسەر، كەسكىن خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، يۇقىرىقى تەبىقە ئەھلى دادامغا باشتا ئېيتىپ ئۆتكەندەك «قادىر توڭ» دەپ لەقەم قويغانىدى.
    يۇقىرىقىدەك توقۇنۇشلاردىن كېيىن، مەن قانداق ئىشلار ياخشى، قانداق ئىشلار يامان ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋېلىشقا تىرىشتىم. ئاخىر ئۇنى تاپقاندەك بولدۇم. مېنىڭ ئويۇمچە، كىشىلەر ئۈچۈن چۈشەنچە مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەن (چۈنكى ئوخشاش بىر ئىشنى ھەر خىل ئادەم ھەر خىل چۈشىنىدىكەن).
    ئاكام ئەدەبىيات – سەنئەتكە قىزىقاتتى، شۇڭا ئۇ ماڭا ئۇنىڭ تەسىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى. «مانا قارا، كۆرگەنلا موللا ناۋائى شېئىرلىرىغا مەنە ئېيتالمايدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئوخشىتىش – سېلىشتۇرۇش بىلەن كەلتۈرگەن سۆزلىرىنى چۈشەنمەيدۇ» دېگەنىدى. ئۆزى بولسا، ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ، شەرھىلەپ بېرەتتى. ئارىلاپ ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ بەزى شېئىرلارنىمۇ يازغانىدى. مەن ئۇنىڭ موللا ھاپىز دېگەن كىشىنىڭ خەيرىنسا دېگەن قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ شەنىگە ناۋائى شېئىرلىرى تەقلىدىدە يازغان بىر شېئىرىنى كۆرگەنىدىم. ئۇنىڭدىن پەقەت:


    قوللىرىڭغا خىنە ياقىپسەن قىرمىزى،
    لالە ئىرۇرسەن موللا ھاپىزنىڭ قىزى.

    دېگەن ئىككى مىسراسى ئېسىمدە قاپتۇ. ئۇ ماڭا يەنە ناۋائى،
      شىرازى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ يېشىپ بېرەتتى، شەيخ سەئىدى ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ تەھلىل قىلاتتى. مەن سەئىدى ھېكايىلىرىنىڭ ھېكمەتلىك ۋەقەلىرىگە قىزىقىپ، گۈلىستاننى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ يۈردۈم، پات – پاتلا ئۇنى ئوقۇپ بېرىشنى ئاكامدىن ئۆتۈنەتتىم. دادام بولسا، ناۋائى ئورنىغا «قۇل غوجا ئەھمەد»، سەئىدى ئورنىغا «چاھار كىتاب» نى ئوقۇشقا دالالەت قىلاتتى. بۇ ئىككىسىنىڭ مېنى قايسى تەرەپكە باشلاۋاتقانلىقىنى بارغانسېرى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئومۇمەن، ئاكام مېنى ئىلغارلىق يولىغا، دادام بولسا، قالاق سوپىزىم يولىغا سېلىشقا ئۇرۇنغانىكەن.
    مەن تەبىئىتىم جەھەتتىن ئاق كۆڭۈل ۋە تەسىرچان بالا ئىدىم. ناتوغرا ئىشلارنى يەنى بىرەرىنىڭ ئورۇنسىز ئازابلانغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئېچىنىش ئىچىدە بىئارام بولاتتىم. بىرەر بەختسىزلىك توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغىنىمدا يىغلاپ كېتەتتىم. ئەرلىرى ئاياللىرىنى ئۇرغاندا ياكى ئاتا – ئانىلىرى بالىلىرىنى ئۇرغاندىمۇ ئازاپلىنىپ غەزەپكە تولاتتىم. ئۆيىمىزدە بىرەرى ئاغرىپ قالسا، تاماق يېيەلمەي ۋە كېچىلىرى ئۇخلىيالماي قالاتتىم. گۈدەك چاغلىرىمدىلا مېنىڭ روھىمدا: نېمىشقا كۆپچىلىك ئازاب – ئوقۇبەت تارتىۋاتىدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنىڭ چارىسىنى قىلغىلى بولماسمۇ؟ _ دېگەن سوئال تۇغۇلغانىدى. بۇ مېنى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.
    (زۇنۇن قادىرىنىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.