كۈنىگە بىر ئەقىل (باھارنامە) 3-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 20:15:16

كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(باھارنامە) 3-ئايئېتىقادھەر بىر ئادەم ئۆز قەلبىدە مەلۇم ئۇلۇغۋار نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. بىر...

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (باھارنامە)
    3-ئاي


    ئېتىقاد

    ھەر بىر ئادەم ئۆز قەلبىدە مەلۇم ئۇلۇغۋار نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسى دىندۇر.
    دىننىڭ پەرھىزلىرى تولىمۇ ئېنىق ۋە ئاددىي، كىشىلەر ئۇنى بىلمەيمەن دەپ سەۋەب كۆرسەتكۈدەك يوچۇق قالدۇرۇلمىغان.
    قەۋم ئىچىدە بىر مۇپتى بار ئىدى، ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ كۆرمەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: «ئۇستاز، ئەمەل قىلمىساق بولمايدىغان ئەڭ چوڭ پەرھىز قايسى؟» ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا ئېيتتىكى: «پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل نىيەت-ئىقبالىڭىز بىلەن رەببىمىزنى سۆيمەك. مانا بۇ پەرھىزلەرنىڭ بىرىنچىسى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا، بەندىلەرنى سۆيۈڭلار، دېگىنى. بۇ ئىككى پەرھىز دىنىمىز ئەھكامى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىز ئەمەل قىلىدىغان ئومۇمىي قائىدە-يوسۇنلاردۇر.»
    −«ماتتې ئىنجىلى» 22-پارە، 35-40 سۈرە
    چىن ئېتىقاد ئاتا قىلغان ئەقلى ئىقتىدارنىڭ قۇدرىتى، ھەر خىل ئېتىقادلارنىڭ ئاساسىدۇر. خۇدانى تۇيۇشتىن ئىبارەت شۇ خىل ئەقلىي قۇدرەت تۆۋەن مۆلچەرلەنسە، خۇداغا ھەقىقىي ئىشىنەلمەيسىز.

    3-ئاينىڭ 1-كۈنى


    روھ

    قۇرت-قوڭغۇزغا سېلىشتۇرغاندا ئادەم ئاڭلىق كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ بۈيۈك ۋە مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بىراق، يەر شارىنىڭ چوڭلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ تولىمۇ كىچىك، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ. قۇياشقا سېلىشتۇرغاندا، يەر شارى كىچىك بىر زەررىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقا غايەت زور يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، قۇياش يەنىلا كىچىك. بېشىمىزدىكى قۇياش ۋە يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنىڭ جىسمى قانچىلىك؟ ھېچقانچە ئەمەس.
    كىشىلەر بەزىدە: «سىز خۇدانى ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. بۇ ياخشى سورالغان سوئال. خۇدانى ئۇنتۇش، سىزنىڭ ئۆز ئىچىڭىزدە باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت بولغان ئۇ بىرسىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. خۇدانى ئەستە چىڭ تۇتۇش، راستتىنلا چەكسىز چوڭ ئىش−خۇدانى ياد ئېتىڭ، بىراق ئېغىزدىلا ئەمەس، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىر بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇڭ.
    مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنى روھىي مەۋجۇدىيەت دەپ بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بارچە ئازابلاردىن ئازاد قىلالايسىز. مەيلى سىز قانچىلىك بەختسىزلىككە يولۇقماڭ، قەلبىڭىز يارىلانمايدۇ.

    3-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    ئادەم تېنىگە ئەمەس، روھىغا تايىنىپ ياشايدۇ. سىز بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكىنىڭىزدە، كۈللى جانلىقلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشتەك بىر خىل تۇيغۇنى ھېس قىلىسىز.
    يەر شارىمىزدا ئۆز روھىمىزنىڭ مەنبەسىنى تاپالمايمىز، ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرىدىنمۇ ئۇنى تاپالمايمىز، كەلگۈسىمىزدىنمۇ شۇنداق. بىز ماددىي دۇنياغا ئوخشىمايمىز−بىزدە روھ-مەنىۋىيەت بار.
    ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرەي دېسىڭىز، بارچە جانلىقلارغا ھېسداشلىق قىلىڭ. سىز: «ئۇ پەزىلەتلىك بولغان بىلەن ھېسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ» دېسىڭىز بولمايدۇ، شۇنداقلا «مۇنۇ كىشىدە ھېسداشلىق بولغان بىلەن بەك رەھىمسىز-ياۋۇز» دېسىڭىزمۇ بولمايدۇ. بۇنداق دېيىش، بىمەنە.
    باشقىلار بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلىنىڭ.

    3-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    قىشنىڭ ئوچۇق كېچە ئاسمىنىغا ئۈمىد بىلەن باققىنىڭىزدا، دانە-دانە چاراقلاپ تۇرغان بىساناق يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر، سىز ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ يەر شارىدىن نەچچە ھەسسە چوڭلۇقىنى، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئارقىسىدا مىڭلىغان (ھەتتا، مىليونلىغان) تېخىمۇ چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ ساقلىنىپ تۇرغىنىنى، ئاسماننىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يەتسىڭىز، سىز ھەتتا ئاسماننى بىلىپ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. مانا بۇ سىز ئېيتىدىغان خۇدانىڭ قۇدرىتى.
    كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا يەنە بەزى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىختىيارسىز ئويلاپ يەتكىنىدە، ئۆزىنىڭ مەلۇم ئادەملەر نىشانىغا يېتىدىغان ۋاسىتە-قورال ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدۇ.
    خۇدا مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ماكان-زاماندىن ھالقىپ ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ تۇرىدۇ. خۇدا پۈتكۈل بولۇملاردۇر. كۈللىيات خۇدا ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خۇدادىن ئۆزگە يەنە بىر خۇدا مەۋجۇت ئەمەس. جىمىكى نەرسىلەر خۇدا ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بارچە ھاياتلىق پەيدا بولغاندا، يوقلۇقتىن بار بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ھەممىسى خۇدادىن تۆرەلگەن. ئەزرائىل بىزنى ئېلىپ كەتكەندە، بىزنى يوقلۇققا ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى بىزنى خۇدانىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

    3-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    سىز ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى چۈشىنەلەيسىز. بىر خىلى، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، باشقا بارچە كىشىلەر، ھايۋاناتلار، جانلىقلارنى ئۆزىڭىزدىن كېيىنكى ئورۇنغا قويۇش: ئۇلار پەقەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا مەۋجۇت. سىز مانا شۇ تەرزدە ياشاۋاتقىنىڭىزدا، باشقا ھاياتتىن غەزەپلىنىسىز.
    بىراق، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى چۈشىنەلەيدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇل: كىشىلەر خۇددى سىزگە ئوخشاشلا ھايات كەچۈرىدۇ، سىز باشقا بارچە ھايات بىلەن تامامەن بىردەكلىككە ئىگە بولىسىز. شۇندىلا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئارام تاپىدۇ، سىزنىڭ روھىڭىزمۇ ئەركىن-ئازادىلىككە ئېرىشىدۇ.
    «ئىچ پۇشۇقى ۋە تەنھالىق ئازابى چېكىۋاتىمەن» دەرسىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېھتىمال. شۇغىنىسى، سىز ئۆزىڭىزنى «مەن» دەپ ئاتالغان بۇ تۈرمىگە قاماپ قويغىنىڭىزدا، كىممۇ سىزگە ئەتراپىڭىزدىكى ئۆزىڭىز ئۇنتۇغان ئاشۇ ھادىساتلارنى ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟
    ئۆزىڭىزنى روھىي مەۋجۇدىيەت، كۈللىيات بىلەن ئىجىل-ئىناق مەۋجۇـ
    ـــــــــــــــــــ
    دىيەت دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ئاندىن ھاياتىڭىزنى كەمكۈتسىز، مۇكەممەل ياشىيالايسىز.

    3-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    بىز تۇرمۇشىمىزنى بىر-بىرمىزدىن قېلىشقۇسىز ئۆزگەرتىمىز، بىراق، پۇل-پۈچەك، سوغا-سالام، تەنبىھ-نەسىھەتلەرگە ئەمەس، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تايىنىپ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
    خۇدا سۆيگۈدۇر، شۇڭا كىشىلەر خۇدادىن قورقماسلىقى كېرەك. كىشىلەر قانداقسىگە سۆيگۈدىن قورقىشىدۇ؟ خۇدانى سۆيگەندە، دۇنيادىكى ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان بولىمىز.
    خۇدا ئاسمان-زېمىننى ياراتتى، ئەمما، ئاسمان-زېمىننىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خۇشاللىق تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بۇ خۇشاللىقلارنى بايقىيالايدىغان، ئىدىيە-قاراشقا ئىگە جانلىقلارنى ياراتتى. بىز مانا شۇ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە يارىتىلغانمىز، بۇ بىر پۈتۈن گەۋدە ئۆزىنى سۆيۈشى شەرت.
    سۆيگۈ−مەلۇم بىرىگىلا بولغان سۆيگۈ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارغا بولغان مەنىۋى سۆيگۈ−بىزنىڭ قەلب كۆرۈنىشىمىز، بىز ئۆز روھىيىتىمىزنى چۈشەنسەك، ئۆز روھىمىزنى چۈشىنەلەيمىز.

    3-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    گۇناھ

    بىز بىر ئۆمۈر گۇناھ، ئېزىقىش، بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن كۈرەش قىلىمىز.
    ئادەمنى ئازبلايدىغان بەش تۈرلۈك گۇناھ مەۋجۇت: ئاچكۆزلۈك، ھۇرۇنلۇق، شەھۋانىيلىق، غەزەپلىنىش ۋە ئاداۋەت ساقلاش، ئۇلاردىن باشقا يەنە تەكەببۇرلۇق.
    بىزنىڭ جىسمىمىز ئۆز ئارا ئايرىلمايدۇ دېسەك، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ ئىناق بولىشى كېرەك. تەن بولمىسا ھايات بولمايدۇ، بىراق، تەندىن سىرت يەنە باشقا بىر خىل ھاياتمۇ مەۋجۇتتۇر.
    تۈرلۈك گۇناھ-خاتالىقلار بىلىمسىزلىك-نادانلىقتىن كېلىدۇ.
    ئەگەر سىز ھاياجان ۋە ئاچچىقتىن خالاس بولۇپ، ئۆزىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ، كەمكۈتسىز ياشىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش-ئەمەللەرنى قىلغان بولىسىز.

    3-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    جىسمانىي تۇرمۇش، جۈملىدىن كۆپىيىش جەھەتتە ئادەم ھايۋاندىن تۆۋەن تۇرماي، ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشى، نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىرىكىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى، بەخت ھۇزۇرىنى سۈرۈشى ئۈچۈندۇر، بۇ چاغدا پەرزەنت ئىشى ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ.
    بىر جۈپلەرنىڭ جىسمانەن يېقىنچىلىق قىلىشىدا، بالا ئىشىنى ئورتاق ئويلاشمىسا، مانا بۇ گۇناھ قىلغانلىقتۇر.
    ئادەم ۋۇجۇدىدا شەھۋەتتىن ئىبارەت بۇنداق بىر گۇناھ مەۋجۇت بولغاچقىلا ئۇ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىمىزدا يامرايدۇ. سىز ئامالنىڭ بارىچە بۇنداق غەيرى ئوي-خىياللاردىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى ئىچكى مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ.
    كېيىنكى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ياخشى ئىش-ئەمەل جۈملىسىدىنمۇ-ئەمەس، بۇنى بىز بىلمەيمىز. ئەمما، دۇنيانى ياراتقۇچى ئىگىمىز بۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بىز شەھۋەتتىن ئۆزىمىزنى چەكلەش پەزىلىتىگە مۇخالىپ ھالدا شەھۋەت گۇناھىغا پاتقىنىمىزدا، بۇ نۇقتىنى ئەستە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك.

    3-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    تەننىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىغا نىسبەتەن سىز ھامان شۇنداق ھۆكۈم قىلالايسىز: كىيىم-كېچەك، شۇنداقلا يېيىشكە بولىدىغان بىر بۇردا نان. بىراق، سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بارغانچە كۆپىيىپ، چېكى يوق ھالغا كېلىدۇ، ئەگەر، سىز ئۇنىڭغا باش ئەگسىڭىز ئۇنىڭ ئارزۇسىنى بىر ئۆمۈر قاندۇرۇپ بولالمايسىز.
    مۇبادا، سىز تېنىڭىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقا ۋە ئىشلەپ چارچىغاندىن كېيىن دەم ئېلىش تەلىپىنى قاندۇرمىسىڭىز، تېنىڭىز شۇ زاماتلا سىزنىڭ خاتا قىلغىنىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. بىراق، ئەگەر، ۋاقتىڭىزنى زىيادە بىكار ئۆتكۈزۈۋەتسىڭىزمۇ، بۇ خاتالىقىڭىز كەلگۈسىڭىزدە ئايان بولىدۇ، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئىرادىڭىز ئاجىزلىشىپ، ئىشلەشتىن قاچىدىغان ھالغا كېلىپ بولغان بولىسىز.
    دانىشمەن سوقرات چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھەرقانداق ئىشنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئويلىغان. ئۇنىڭ يەپ-ئىچىشى پۈتۈنلەي ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ يېمەك-ئىچمەككە بېرىلىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ مۇرىتلىرىغا بولغان تەلىپىمۇ شۇنداق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى قەلبىنى ئۆزگەرتىشكە سەرپ قىلغان.
    سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تېنىگە دىققەت قىلىڭ، ئۇنداق بولمىسا، ئۆز روھىڭىز تەرەققىي قىلغىنىدا، بالاپان بارار جايىغا كۈچلۈك قاناتلىرىنى قېقىپ ئەمەس، ئاجىزغىنا پۇتلىرى بىلەن تايتاڭلاپ ماڭغاندەك بولىدۇ.

    3-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    بايلار زور مىقداردا بايلىق توپلاپ، ئۇنى ئەڭ چوڭ نەتىجەم، دەپ قارايدۇ. بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، سەۋەبى، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىرى بەكمۇ كۆپ. بىراق، نامراتلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بايلارنى ھۆرمەتلىشى غەلىتە ئىش. نامراتلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ نامراتلارنىڭ بايلارنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە چوقۇنۇش سەۋەبى، نامراتلارنىڭ ئۆزىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشىشنى ئىستەيدىغانلىقىدا.
    ئەجەبا، خۇدا بەزى نەرسىلەرنى بۇ ئادەمگە بېرىدۇ-يۇ، باشقا بىرىگە بەرمەسمۇ؟ بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئاتىمىز ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بىر بالىسىنى يەكلەپ باققانمۇ؟ ماڭا «زەبۇر»نىڭ قايسى يېرىدە ئاتىمىزنىڭ بىر كىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىنى ئېيتىپ بېرەلەيسىز؟
    −فرىچتېر روبېرت دې رامانې
    ئادەم پۇل-دۇنياغا مەڭگۈ تويمايدۇ. سىز ئۇنىڭغا قانچە كۆپ ئېرىشكەنچە يەنە شۇنچە كۆپ تاپقۇڭىز، خۇمارىڭىزنى باسقۇڭىز كېلىدۇ. بايلىق ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، تېخىمۇ بەك بېيىغۇسى كېلىدىغان ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ.
    غايەت زور مال-دۇنيانىڭ ھاراملىقى، باشقا تالاي بايلىقلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ھارام ۋە گۇناھلارغا تۇتىشىپ كېتىدۇ.

    3-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشقا باشقىلارنى ئاۋارە قىلماڭ.
    ئادەم تەبىئەت بىلەن كۈرەشمىسە، زاۋالغا يۈز تۇتىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ. مۇبادا، ئادەم ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، باشقىلارنىڭ ئادا قىلىشىنى كۈتسە، ئوخشاشلا ئۇنىڭ روھىمۇ زاۋالغا يۈز تۇتىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ.
    بەزىلەر، جىسمانىي ئەمگەك ئەقلىي تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىپ قويىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، جىسمانىي ئەمگەككە پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ كەتسىڭىزلا، ئاندىن ئەقلىي تۇرمۇش ھەم روھىي تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز.
    سىزنىڭ بىر جۈپ قولىڭىز بىلەن ئىشلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيانى تەتقىق قىلىشىڭىزدۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ كۆكتاتلىقىدا گۈرجەك بىلەن يەرنى بوشۇتىۋاتقىنىمدا، ھەمىشەم شۇنداق ئويدا بولىمەن: «مەن نېمە ئۈچۈن ئۆز قولۇم بىلەن گۈرجەك ياساپ، ھازىرقىدەك ھوزۇرىنى سۈرمەيمەن؟» چۈنكى، گۈرجەك ياساشقىمۇ ساغلام تەن ۋە ئەقىل كېتىدۇ.
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئوتۇن يارغۇچىسى، بولكىچىسى ۋە ئاشپىزىم ئالدىدا نومۇس قىلىمەن، چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزلىرى تامامەن چىقالايدۇ، ئۇلار مېنىڭ ھېچقانداق ياردىمىمگە تايانماي كۈنلەپ، ھەتتا يىللاپ نورمال ياشىيالايدۇ. بىراق، مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىسىز ياشىيالمايمەن.
    −رالف ۋالدو ئېمېرسون

    3-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    ئۇ ئەگەر سىزنى خورلىسا، سىز يامانلىقتىن ياخشىلىق كۈتىدىغان ياكى  بۇزۇلغان ئادەم بولىسىز. بىراق سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە ھەقلىقسىز.
    ئەقىللىق كىشى ھەممىنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. دۆت كىشى ئەكسىچە، باشقىلاردىن ياخشىلىق كۈتىدۇ، باشقىلار ئۇلار ئويلىغاندەك قىلمىسا، ئۇلارغا خاپا بولىشىدۇ. ئەقىللىق ئادەم ھېچكىمدىن نارازى بولۇپ يۈرمەيدۇ.
    بىز ھەمىشە باشقىلار قىلغان ياخشى ئىشلارغا دىققەت قىلماي قالىمىز. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىز ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمىز، بىراق بۇ بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز. بۇنداق تەرسا ھېسسىياتنى تىزگىنلەپ، ئۆزىڭىزنىڭ پوزىتىسىيىسىنى ئۆزگەرتىڭ، ئىمكان قەدەر ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەمنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇڭ.
    ئاسمانغا تۆكۈرسەڭ يۈزۈڭگە چۈشىدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك، يامانلىق قىلساڭ يامانلىق ئۆزۈڭگە قايتىدۇ.
    −ھىندى ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    3-ئاينىڭ 12-كۈنى


    تەكەببۇرلۇق

    تەكەببۇر ئادەم باشقىلارنىڭ ماختىشىنى تاما قىلىدۇ. ئۇ، ماختاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ. ھۆرمەت تېپىش ئۈچۈن ئۇ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر. كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا باشقىلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. شۇغىنىسى، كىشىلەرنىڭ تەكەببۇر ئادەمگە بېرىدىغان باھاسى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا، تەكەببۇر ئادەم مەڭگۈ ئۆزى كۆزلىگەن نەرسىسىگە ئېرىشىپ بولالمايدۇ.
    تەكەببۇرلۇق دۆتلۈكتۇر. ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدىن پەخىرلىنىش، تېخىمۇ دۆتلۈكتۇر.
    بۇ دۇنيادىكى ئىپلاسلىق-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەكەببۇرلۇقتىن كېلىدۇ. ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇش-تالاشلىرى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارمۇ تەكەببۇرلۇققا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ.
    تەكەببۇر ئادەم مۇز قاپ كىيىۋالغانغا ئوخشايدۇ. ھەرقانچە ياخشى، ئىللىق ھېس-تۇيغۇلارمۇ ئۇ مۇز قاپنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ.

    3-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق

    بىز يەر تەۋرىگەندىن كېيىن كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان ئىشچىدەك ياشايمىز. سىز ئامالنىڭ بارىچە باشقىلارنىڭ سىزگە بەرگەن باھالىرىنى ئاڭلىمايدىغان بۇلۇڭ. مانا بۇ ھەقىقىي ياشاش.
    ئادەم ئۈچۈن ئەمەس، خۇدا ئۈچۈن ياشاش، بۇ بەك تەستەكلا تۇيۇلىدىغان بىر ئىش. چۈنكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر خىل مۇكاپاتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسىز. ئەمەلىيەت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر. خۇدانىڭ روھى سىزنىڭ ئىچىڭىزنى ماكان تۇتقان، ئۇ سىزنى توختاۋسىز تارتۇقلاپ تۇرىدۇ، بۇ روھىي مۇكاپات سىزگە ھەرقانداق ئادەم بەرگەن ھەرقانداق مۇكاپاتتىن ياخشىدۇر.
    خۇشامەتچى سىزگە تەخسىكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن سىز نېمە دەپ ئۇنىڭ خۇشامىتىنى ئاڭلايسىز؟ نېمە دەپ ئۇنىڭ ماختاپ-ئۇچۇرۇشلىرىنى رەت قىلىۋەتمەيسىز؟
    باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا زىيادە دىققەت قىلىپ كەتكەن ئادەم مەڭگۈ خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ.

    3-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    سىزنى ئانىي تاپسا، ھاقارەتلەنسىڭىز قىساس ئالغۇڭىز كېلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا باھانە-سەۋەب ئىزدەيسىز، قەلبىڭىزنى يارا قىلغان شۇ كىشىنى ئۆزگەرتىمەن، دەيسىز.
    بەزىلەر، زورلۇق ۋە تەھدىت بولمىسا سىزنى تىزگىنلەپ بولغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار كۆز توسقۇ تارتىپ قويۇلغان ئاتقا ئوخشايدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ھارۋىنىڭ ئېغىرى بىلەن كارى يوق سۆرەۋېرىدۇ. جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جازالاش ھەقلىق، دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە بىز بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جىنايەتكە يول قويغان بولىمىز.
    بىزنىڭ ھاياتىمىز ناسارالارنىڭ ھاياتىدىن كۆپ پەرقلىق. بىز بىر خىل ئېتىقادتىن بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز: بالىلارنى تەربىيىلەشتە، جازالاش بىر خىل ئۈنۈملۈك ۋە پايدىلىق چارە، دەپ قارىۋالىمىز. خرىستىئان ئەقىدىسىدە، يامانلىق ئالدىدا ئەپۇچان، كەڭ قورساق بولۇش، يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىقىمىز ۋاجىپ. ھالبۇكى، بىز بۇنى چاقچاق قىلىنىۋاتقاندەك يۈزەكى چۈشىنىۋېلىپ، داۋاملىق ئۇنىڭ ئەكسچە ئىش قىلىۋېرىمىز.
    ھەر خىل جازانىڭ ھەممىسى شەپقەتسىزلىكتۇر. بۈگۈنكى جازا−تۈرمىمۇ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى دەررە بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشاشلا شەپقەتسىزلىكتۇر.

    3-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى، ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ تاكامۇللاشتۇرۇش. ئەگەر، شۇنداق قىلماقنى ئىستىسىڭىز، سىز بىر ئىشنى قىلىشىڭىز−قەلبىڭىزدىكى ئۆز-ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرىشىڭىز كېرەك.
    ھەر بىرىمىز مەنىۋى ياقتىن ئۆسۈپ يېتىلگەندە، بىزنىڭ ھاياتىمىز ياخشىلىنىشقا، بىزنىڭ يامانلىق-رەزىللىككە بولغان زەربىمىز ھەممىگە قابىل بولۇشقا باشلايدۇ.
    تەربىيە كۆرگەن ئادەملەردىن ھاياتىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىش خۇسۇسىدا پىكىرلىرىنى ئاڭلىساق، ئۇ بىزگە كۆپ رىغبەتلەندۈرۈش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىدا زور ئىختىلاپلار بولىدۇ، ھەتتا ئۇلار باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشىدۇ. بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى، سىزنىڭ مەنىۋى ئۆزلۈكىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئىشىنىش.
    جىسمانىي تۇرمۇشتا بىز شۈبھىسىز مەغلۇب بولدۇق، بىز ئۆلۈمگە مەھكۇم. بىز كۆزىمىز ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىمىز ئارقىلىق بۇنى كۆرۈپ يەتكەنمىز. بۇ خۇدانىڭ مۇشۇ دۇنياغا ئاتا قىلغان قانۇنى. بۇ قانۇننى چۈشەنگۈچى ئۆزىنىڭ جىسمانىي تۇرمۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى توختىتىدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا شۇڭغۇپ كىرىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

    3-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    كىشىلەر، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن ۋە قائىدە-نىزاملىرىغا خۇدانىڭ قانۇنىدىنمۇ ئۆتە ھۆرمەت قىلىشىدۇ. ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، چۈنكى، بىر دۆلەت قانۇنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئەمما خۇدانىڭ قانۇنى ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئوخشاشتۇر.
    ھۆكۈمەت ھەقىقىي ھوقۇق-ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە بۇ ھوقۇق-ئىمتىيازلارنى قوغدايدىغان ساختا ئەقىدىلەرگىمۇ ئىگە.
    زوراۋانلىقنى تۈگىتىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، زوراۋانلىققا يېقىن يولىماسلىق.
    قىلىچ، مىلتىقلار دەۋرىمىزنىڭ قورالىدۇر، ئۇ نەرسىلەر كەلگۈسىدە قەدىمكىلارنىڭ ھۈنەر سەنئىتى تەرىقىسىدە كۆرگەزمىخانىلارغا قويۇلىدۇ، خۇددى بىز بۈگۈنكى كۈنلۈكتە كۆرۈۋاتقان دىن بارلىق ئوتتۇرا ئەسىر قوراللىرى ئۈستىدىن كېسىم چىقارغاندەك.

    3-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    بىراۋ، خرىستوستىن: «ھەقىقىي قانۇن قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغانىكەن، خرىستوس جاۋابەن: «خۇدانى سۆيسەڭ، ھەقەمسايەڭنى سۆي» دەپتۇ. بۇددا ئەقىدىسىدىمۇ، كۇڭزى تەلىماتىدىمۇ شۇنداق دېيىلگەن.
    ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىشى، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈن كۆرۈشىمىز ئۈچۈندۇر. بىراق، بىز ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى تەربىيىلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا بىز تېخىمۇ ياخشى ياشايمىز، بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ.
    مېھرىبانلىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن مېنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ زېھنىم كەتمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنى شۇنداق سوراقلىيالايمەن: ئىش-ئەمەللىرىمنىڭ مەقسىتى بارچە ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي قانۇنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلالامدىم؟
    خۇدا بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ئېتىقاد ئاتا قىلدى، بىزگە ۋىجدان ۋە ئەقىل-ھوش بەردى. بىز تەھدىت ۋە قۇرال كۈچىگە تايىنىپلا باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئېتىقاد تۇرغۇزالمايمىز. شۇڭا، بىز ئازغۇنلار ۋە ئېتىقادسىزلارنى ئەيپلىمەيلى، ئۇلارنىڭ خاتا يول تۇتۇشى ئۇلارنى زور بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلغاندۇر.

    3-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسىدا، ھەرقانداق كونكرېت پەنلەرنىڭ چوڭقۇر بىلىملىرى كەمچىلدۇر.
                                 −گېئورگى.C. لېچتېنبېرگ
    بۇرۇنقى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى باشقىلار كىتابلىرىغا ئاددىي ھالدا تەكرارلاپ كۆچۈرۈپ قويغان ئىدىيە بولماستىن، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ئەركىن-ئازادە ئىپادىلىگەندۇر.
    −رالف ۋالدو ئېمېرسون
    ئەمدىلىكتە، ئىلىم-پەن ئىگىلىگەن ئورۇن ئىككى-ئۈچ يۈز يىللار بۇرۇنقى دىنىي جەمئىيەت ئىگىلىگەن ئورۇن بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر ئىككىلىسىدە يىغىلىشلار، قۇرۇلتايلار، ئەنجۈمەنلەر ئۆتكۈزۈلگەنىدى. ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاشلا تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ھالقىلىق ئۇقۇملار كەمچىل ئىدى، ھەتتاكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ ھەم مۆجىمەل ئىدى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئىپتىخارلىقىغا چۆمۈلگەنىدى.
    مۇبادا، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىزنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كۆپنى بىلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

    3-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    بىز، ئەسلى يامانلىق-رەزىللىكلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياشايمىز. سىز بۇنىڭغا قانچىكى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنچە سىز ئېرىشىدىغان ياخشىلىق-خەيرخاھلىقلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، تىرىشچانلىق ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغان، ئادەمگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىشتۇر.
    سۆيگۈ قۇدرىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر بىر توسالغۇلارغا يۈزلىنىڭ.
    بىزنىڭ تېنىمىز بىر تۈرلۈك نەرسىگە، روھىمىز بولسا باشقا بىر تۈرلۈك نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال بەكمۇ ئومۇميۈزلۈكتۇر. بىزنىڭ تېنىمىز يېيىشكە ئېھتىياجلىق، بىراق، روھىمىز بولسا يېمىكلىكنى ئاچ قالغان ئادەمگە بېرىشكە ئېھتىياجلىق. سىز بۇلاردىن قايسىسىنى تاللايسىز؟
    سىز ھەر بىر ئىشىڭىزدا دىققەت قىلىڭ، ئۆز دىققىتىڭىزنى قىلچە قىممەتسىز دەپ قاراپ قالماڭ.
    −كۇڭزى
    باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغىنىمىزدا، بىزنىڭ تۇيغۇمىز ھامان تولىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇبادا، بىز باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەر بىزنىڭ يېقىن دوستىمىزغا ئايلىنىدۇ.

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان بەدەندىن ئۆزىنى كۆرەلمىگەن ئادەم، بىر ئۆمۈرلۈك ھەسسىلەپ پاراسەتكە ئېرىشۇر.
    −بۇددىزم ماقالى
    سىز خالىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزنى ئىنسان تەبىئىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيسىز. سىز ئۇنىڭ ئىچىدە ياشايسىز، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىسىز. بىز بىر-بىرىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، بىر-بىرىمىز بىلەن ئارىلىشىش ئۈچۈن يارالغان، بىراق، ئۆز-ئۆزىمىزدىن ۋاز كەچمىسەك، ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
    −ماركۇز ئورېلىيۇ
    ئۆز ئابرۇيىنى زىيادە ئاياپ كېتىش، روھىي جەھەتتە بىر خىل كېسەللىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى،«مەنمەنچى» ئاتىلىدىغان بىر خىل پسىخىك كېسەللىك پەيدا قىلىدىغىنىدا.
    باشقىلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشىسۇن دېسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىدىن سىزنى سۆيۈشى ئېشىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئارزۇيىڭىزنى روياپقا چىقىرىشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى شۇكى، ھەر بىر ئادەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى كۆزلەپ، ھەممە كىشىنى سۆيۈپ ياشىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بارچە كىشى سىزنى سۆيىدۇ، سىز شۇندىلا ئۆزىڭىز تەلپۈنگەن ھاياتقا ئېرىشەلەيسىز.

    3-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق
    ھەممىگە ئايانكى، تىرىشچانلىق بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇ، ھاياتنىڭ ئاساسىي نىشانىغىمۇ، سىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاساسىي نىشانىغىمۇ ماس كېلىدۇ. تىرىشچانلىقىڭىز بولمىسا، سىزنىڭ روھىڭىز ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
    ئۆزىدىن قانائەت تاپماسلىق، ئىچكى دۇنياسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەلپۈنۈش، مانا بۇ سىزنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇشىڭىزدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەردۇر. مۇشۇ شەرتلەر ھازىرلانغاندىلا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرالايسىز.
    تومۇز يازنىڭ ئىنتايىن پىژ-پىژ بىر كۈنىدىن كېيىن يامغۇر ياغسا، ئادەمگە ئاجايىپ ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتىرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۆزلۈك مەدھىيىلىرىنىڭ ئوتتەك قىزىق، يالقۇنجاپ تۇرغان قۇياشىدىن كېيىنكى كەمتەرلىك بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەرمۇ يېڭى روھ ئاتا قىلىدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ھەر قېتىم سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزدە، ئۆز-ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدىكى ئېزىقتۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

    3-ئاينىڭ 22-كۈنى


    ھەقىقەت

    بىر ئېغىز راست گەپ دۇنيادىكى بارچە بايلىقلاردىنمۇ قىممەتلىكتۇر.
    يالغان گەپ كىشىنى قانچىلىك مەپتۇن قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، يالغان ئېيتقۇچىنى ئازابلىغىنى ئازابلىغان. بىراۋ ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى تاشلىسا، راست سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ.
    سىز باشقىلارنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقىنىڭىزدا، بالىلىق مەزگىلىڭىزدىكى يالغانچىلىق ۋە خاتا قاراشلاردىن ئۆزىڭىزنى خالاس قىلماق بەسى مۈشكۈلدەك، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن قۇتۇلماق بەك تەستەك بىلىنىدۇ. سىز يالغۇز ياشىغىنىڭىزدىلا ئاندىن شۇنداق قىلالايسىز. تىكەندەك يالغۇز ۋاقتىڭىزدا، سىز ھۆكۈم قىلالمىغان ھەر بىر ئىدىيە ۋە تەلىملەرگە شۈبھە بىلەن قارىشىڭىز زۆرۈر.
    مۇبادا، ئۆز مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈنلا ھەقىقەتكە تىكىلىشتىن قورقسىڭىز، سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنىڭ شارائىتىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ قويىسىز.

    3-ئاينىڭ 23-كۈنى

     


    سۆز ۋە ھەرىكەت

    سىز بۇ يەردە يامان گەپ قىلسىڭىز، ئۇ يەردە ئەسكى ئىش قىلىسىز. سىز گاھىدا، ئۆزىڭىزنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلماي قالىسىز، ئۇ سۆز-ھەرىكەت مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن. بىز سۆز-ھەرىكىتىمىزنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ئارزۇلىساق، سۆيگۈ دەرىخىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
    سۆز-ھەرىكەتتە يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسكۈلۈك. رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك بۇ تەرتىپ ئىنتايىن مۇھىم.
    كىچىككىنە ياخشى ئىش-ئەمەللەرنىڭمۇ سىزنىڭ مەنىۋى قىياپىتىڭىزنى يارىتىشقا ياردىمى تېگىدۇ، شۇڭا، ھاياتتا ياخشى ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ. كىچىككىنە، ئانچە مۇھىم بولمىغان ۋە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىر پۈتۈن ھاياتنى تەشكىل قىلىدۇ.
    قانداقتۇر نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك. ئەڭ قىيىن شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان تىرىشچانلىق سۈكۈتنى ساقلاپ قېلىشتۇر.
    كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلەڭ.
    −سوفىزم ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن

    3-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    باشقىلارغا باھا بەرمەڭ. مۇبادا، بىراۋ سىزگە باھا بەرسە، سىز يامان گەپ قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالغاندەك بولۇپ قالىدۇ.
    ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ياشاش نىشانى، ئىلاھىي روھ بىلەن ھەمنەپەس بولۇش. گەپ-سۆزلەر بىزنىڭ نىشانىمىزنى روياپقا چىقىرىشتا ياردىمى بولغان قورالدۇر. گەپ-سۆزلەرنى خاتا ئىشلىتىپ قويۇشتىن پەخەس بۇلۇڭ ھەمدە ھەر خىل گەپ-سۆزلەرگە−ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ھۆكۈمى، كىتابى، يازما ياكى ئاغزاكى گەپ-سۆزلىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ. ئادەمدە غەيرى نىيەت، غەيرى مەقسەت پەيدا قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئادەمنى بىردەك ئۆم-ئىناق قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.
    ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ باقماي تۇرۇپ ھەقەمسايىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ.
    ھەر بىر جىنايەتكار كىشى ۋىجداننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ناۋادا، ئۇ ئىچىدىن ئازابلانمىسا، باشقىلارنىڭ سىرتىدىن تەن جازاسى بېرىشىمۇ نەتىجە بەرمەيدۇ، بەلكى بۇ ئىش ئۇنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى قوزغايدۇ.

    3-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئىدىيە

    كۆپىنچە يامان ئىش-ھەرىكەتلەر يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئەسكىلىكىدىن بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار باشقىلار ئىپادىلىگەن ئىدىيىنىڭ قەبىھلىكىگە ئىشەنگىنىدىن بولىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھەممە ئىدىيىسى توغرا دەپ قارىۋالماسلىقىمىز كېرەك.
    بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىز ئىدىيىمىزدە. ناۋادا، بىز بۇنىڭغا ئىشەنسەك ھەمدە بۇ نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىساق، تالاي رەزىللىك-ئىپلاسلىقلار يوقۇلۇپ، بۇ دۇنيا مېھرىبانلىق بىلەن تولىدۇ.
    ھېسسىيات پەيدا بولغاندا، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. بىراق، ئىدىيە ئاشۇنداق ھېسسىياتنى يا قوبۇل قىلىدۇ ياكى سىقىپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئىدىيىمىز ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاساسى.
    بىزنىڭ ئىدىيىمىز مېھمىنىمىزغا ئوخشايدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى مەيلى ئۇ ياخشى ياكى يامان ئادەم بولسۇن، دەرىجىسىگە قاراپلا ئەيىبلىسەك بولمايدۇ، ئەمما، بىزنىڭ يامان ئىدىيىنى چۆرۈۋېتىپ، ياخشى ئىدىيىنى ساقلاپ قېلىشقا يەتكۈدەك دەرمانىمىز بار.

    3-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    ئادەملەر ئۆز بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولۇشىدۇ-يۇ، ئۆزى پەيدا قىلىپ قويغان بەختسىزلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
    ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىق بولىدۇ، بىز شۈكرى قىلىپ ياشىساقلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىرى بىلىنمەيدۇ. بىز يولۇققان قىيىنچىلىقمىز بىزنىڭ بار كۈچ بىلەن ئۇنى يېڭىپ تاۋلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.
    مۇبادا، سىز بىتاب بولۇپ قالسىڭىز، سەۋر قىلىڭ؛ ناۋادا سىزگە باھا بېرىشسە، ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر، سىز ئار-نومۇسقا قالسىڭىز ئۇنداقتا كىچىك پېئىل بۇلۇڭ. مۇبادا، ئۆلۈم يېقىنلاشسا، مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ.
    بارچە ھەقىقىي ئۇلۇغۋار ئىشلار ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.
    ئەسكى مىجەز شۇنىڭ ئۈچۈن زىيانلىقكى، ئۇ سىزگە زىيان سېلىپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئىللەت باشقىلارغا يۇقىدۇ. ناۋادا، سىزنىڭ كەيپىڭىز چاغ بولمىسا، بىر مەزگىل يەككە-يېگانە ياشاپ بېقىڭ، كەيپىڭىز ياخشىلانغاندا ئاندىن باشقىلار بىلەن ئارىلاشسىڭىز بولىدۇ.

    3-ئاينىڭ 27-كۈنى

     


    ھازىردا ياشاش

    سىز خۇدانىڭ ھەر قۇتلۇق كۈنى ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «مەن بۈگۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلالىشىم مۇمكىن؟» دەپ سوراڭ.
    بىراۋ ئۇرۇقنى تۇپراققا كۆمۈپ، ئۇرۇقنىڭ قاچان ئۈنۈپ چىقىشىدىن خاۋاتىرلىنىپ قالسا، ئۇرۇقنى ئېچىپ تىنماي كۆرۈپ باقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كىشى ئۇرۇققا زىيان سېلىپ قويىدۇ-دە، ئۇرۇقنى مېۋە بەرگۈزمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز توختاۋسىز ئىشلەۋېرىڭ، ئارقىڭىزغا قارىماڭ، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، سىزنىڭ مېھنەتلىرىڭىز ھامان مېۋە بېرىدۇ.
    ھاياتتا چەكسىز ۋاقىت يوق، بارى پەقەت كۆز ئالدىڭىزدىكى ئۆتكۈنچى لەھزىلەرلا خالاس، بىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىز مانا شۇ لەھزىلەردە خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا، سىز بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى مۇشۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى لەھزىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈڭ.
    بىز ئۆزىمىز ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، شۇنداقلا تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋالقى ھاياتنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيمىز، چۈنكى، بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىز ۋاقىت-زامان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ ھەقىقىي ھاياتىمىز ۋاقىت-زامان سىرتىدا بولىدۇ.

    3-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    مەڭگۈلۈككە ئېرىشكۈچى ھايات خۇسۇسىدا پىكىر يۈرگۈزەلمەيدۇ، دەپ قالماڭ. ئەگەر، بىر ئادەم جىسمانەن مەۋجۇدىيەتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. مۇبادا، بىراۋ روھىي مەۋجۇدىيەتلا بولۇپ، ئۆز تېنىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان بولسا، ئۆلۈم ئۇ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قېتىملىق بۇرۇلۇشلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
    ئۆلۈمنى ئەستە تۇتۇڭ، بۇ ھەرگىزمۇ ياشاۋاتقىنىڭىزدا بىر ئۆمۈر قەلبىڭىزدە ئۆلۈمنى ياد ئېتىڭ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە، خۇشاللىق بىلەن ھازىرلىنىڭ دېگەنلىك.
    ھايۋانلار ياشىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؟ ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى جىسمانىي ئۆزلۈكتىن مەنىۋى ئۆزلۈككە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، گەرچە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، سىزنى خۇددى مۇساپىر ئۇزاق سەپەردىن كېيىن مېھرلىك ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندەك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

    3-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    ھەقىقەت / ئۆلگەندىن كېيىن

    سىز ھەمىشە ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيسىز. ھەقىقەت خۇددى قۇياش نۇرىدىكى كۆلەڭگۈڭىزگە ئوخشاش باشتىن ئاخىر سىزگە ئەگىشىدۇ.
    ساختا ئەقىدىلەر سىزگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ: بۇ دۇنيا رەزىللىك بىلەن تولغان، ئۇ دۇنياغا بارغاندىلا ئىزگۈلۈكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش مۇمكىن. بىراق، ھەقىقەت شۇنداق ئېيتىدۇ: بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ مەقسىتى ئىزگۈ-گۈزەللىك ئۈچۈندۇر، مۇشۇ ماكان-مۇشۇ زاماندىلا ئىزگۈ-گۈزەللىكنى ئەمەلدە كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
    ھاياتىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسە گۈزەل-ياخشى بولۇشى شەرت، دەپ تۇرۇۋالماڭ. سىز خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ياشاشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا سىزنىڭ ھاياتىڭىز گۈزەللىشىدۇ.
    ئەگەر، سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بېھىش-جەننەت بولمىسا، سىز جەننەتكە كىرەلمەيسىز.
    ھايات بىلەن ئۆلۈم ئىككى ساھە. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئوخشاش نەرسە مەۋجۇت، ئۇنىڭ زادى نېمە نەرسىلىكى ماڭىمۇ قاراڭغۇ. شۇڭا، «يوقلۇق» مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى «بارلىق» مەۋجۇتتۇر.

    3-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    خۇشاللىقنى قوغلاشقاندىن كۆرە، ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن بايقىغىنىڭىز تۈزۈك.
    −يوھان رۇسكىن
    ھاياتتا سۆيگۈ-مۇھەببەت بولمايدىكەن، ياشاشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. گۇناھ ۋە ئېزىقىشنى توسقاندىلا روھنى ماكان تۇتقان مۇقەددەس سۆيگۈگە ئىتائەت قىلىمىز، كىشىلەر شۇندىلا شاد-خۇراملىقنىڭ ئىنئامىغا نائىل بولالايدۇ.
    بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۆزلۈكسىز تاكامۇللۇققا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت مېھرىبانلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بىز ھەممىمىز مانا شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى چۈشىنىمىز، ئۇنىڭدىن باشقىچىرەك سۆيگۈ-مۇھەببەتنى چۈشەنمەيمىز. بىراق، سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېغىزدىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشمىز−ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرۈلىدۇ.
    ئاشۇ كىچىككىنە، ئەرزىمەس ھەم مۇھىم بولمىغان «ئۆزىڭىز»نى ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزگىلا ياخشى بولۇشنى ئويلىماڭ. باشقىلارنى يەنە ئارتۇقچە ئەيىبلەپ يۈرمەڭ، كۆرەلمەسلىك-ئىچى تارلىقلارنى قىلماڭ، ئەسكى ئىشلارنى قىلماڭ، شۇندىلا ئۆز قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ ئويغىنىپ، قەلبىڭىزدە پارلاق نۇر چېچىشقا باشلىغانلىقىنى تۇيىسىز.

    3-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.