بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)9

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 03:50:38

بۇ چاغدا بىز ناھايىتى باتۇر بولۇشۇپ، كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدۇق. مەن كالتەك – توقماقلار بىلەن قوراللىنىپ، چوققىدا قالغان بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنى قوغلاشقا قارار قىلدىم ۋە بىز ئىگەللىگەن چوققا ...



    بۇ چاغدا بىز ناھايىتى باتۇر بولۇشۇپ، كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدۇق. مەن كالتەك – توقماقلار بىلەن قوراللىنىپ، چوققىدا قالغان بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنى قوغلاشقا قارار قىلدىم ۋە بىز ئىگەللىگەن چوققا بىلەن يانداش بولغان يەنە بىر چوققىغا ياغاچلاردىن كۆۋرۈك ياساپ ئۆتۈشكە بويرۇق بەردىم – دە، بىرىنچى بولۇپ ئۆزەم ئۆتۈپ، نېگىرلار توپىغا ھۇجۇم قىلدىم. ئەسكەرلىرىم كەينىمدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئەپسۇسكى، قوزغىلاڭچىلاردىن بىرى پالتا بىلەن كۆۋرۈكىمىزنى چېپىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چېپىلغان ياغاچنىڭ بىر ئۇچى تاشتىن – تاشقا ئۇرۇلۇپ، گۈلدۈرلىگەن بويىچە چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى.

    مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم، شۇ مىنۇتتا ئالتە – يەتتە نېگىر كېلىپ مېنى تۇتۇۋالدى. مەن تامامەن قورالسىز ئىدىم، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارغا قارشى خۇددى شىردەك ئېلىشتىم. بىراق ئۇلار ئەسكەرلىرىمنىڭ مۆلدۈردەك ياغدۇرۇۋاتقان ئوقىغا قارىماي، مېنى دەرەخ يىلتىزلىرىدىن ئېشىۋالغان ئاغامچا بىلەن باغلىۋالدى، قولغا چۈشۈپ قالغىنىمغا قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ماڭا يېقىن جايلاردىن غەلىبە ساداسى ئاڭلاندى. پەقەت شۇ چاغدىلا نېگىرلار ۋە مۇلاتلارنىڭ داد – پەرياد كۆتىرىشىپ تېخىمۇ ئېگىز چوققىلارغا قاراپ، پېتىراپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۈمىدسىزلىكىم بىر ئاز تارقىدى. مېنى يالاپ ماڭغان نېگىرلارمۇ چوققىلارغا قاراپ قاچتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن راسا كۈچلۈك بىرسى مېنى مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈردى – دە، تاشتىن – تاشقا سەكرەپ ئۆتۈپ، يۈگۈرگەن پېتى توپ – توغرا ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. كۆيۈۋاتقان يانغىننىڭ شولىسى ئۇنىڭ يولىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئايدىڭ كېچىمۇ ئۇنىڭ ئۆز يولىنى تېپىپ مېڭىشىغا ياردەم بەردى. ئەمما ئۇ ئاۋايلاپ دەسسەپ ئاستا ماڭماقتا ئىدى.

    25

    بىز ئورمانلىق ئىچىدىن ئۇزۇن مېڭىپ، بىرنەچچە داۋاندىن ئېشىپ، ئاخىر ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقتۇق. بۇ جاي ماڭا زادىلا تونۇش ئەمەس ئىدى.

    بۇ تۈزلەڭلىك سان – دومىنگودا «قوش تاغ» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ تىزمىسىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپى قىيا تاشلىق ئېگىز چوققىلار بىلەن قاپلانغان ياپ – يېشىل ۋە كەڭ توقايلىقتىن ئىبارەت ئىدى. ئەتراپتىكى قارىغايلار قارىغاي، ئارچا ۋە خورما دەرەخلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى. ئارالنىڭ بۇ قىسمىدا گەرچە قاتتىق سوغاق بولمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق ھاۋا سالقىن ئىدى. بولۇپمۇ سەھەر پەيتىدە سوغاق بىرئاز كۈچىيەتتى. كۈن تاغلارنىڭ ئېگىز قارلىق چوققىلىرىغا ئالتۇن نۇرىنى چاچقاندا، ئۇنىڭ ئىتەكلىرىدە تېخى قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرەتتى. نېگىرلار تەرىپىدىن يېقىلغان گۈلخانلارنىڭ يورۇقى تاڭ قاراڭغۇسىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ تۈزلەڭلىك نېگىرلارنىڭ قارارگاھى ئىدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەرخىل ئەسكىرىي قىسىملىرى تەرتىپسىز ھالدا بۇ جايغا توپلانغان ئىدى. ھەر مىنۇتتا، ئۈمىدسىز ھالدا، دەرغەزەپ بولۇپ قايتقان قوزغىلاڭچى قىسىملار ۋارقىرىشىپ – جارقىرىشىپ بۇ يەرگە كېلىپ توپلانماقتا ئىدى. يېڭىدىن – يېڭى گۈلخانلار يېقىلىپ، بۇ قاراڭغۇ توقايلىقتا بەئەينى يولۋاسنىڭ پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرىدەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئەھۋال قوزغىلاڭچىلار لاگىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

    مېنى ئەسىر ئالغان نېگىر مېنى چوڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە ئېپكىلىپ تاشلىدى. مەن بۇ يەردە تۇرۇپ، بۇ ئاجايىپ – غارايىپ مەنزىرىنى تاماشا قىلدىم. كېيىن، نېگىر مېنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ دەرەخقە چەمبەرچەس قىلىپ باغلىدى، ئىككى قات ئاغامچىنى راسا تارتىپ چىڭىتىپ قويۇۋىدى، ھەتتا قىمىرلىغۇچىلىكمۇ ئىمكانىيىتىم قالمىدى. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىل يۇڭدىن بېسىلغان قالپىقىنى بېشىمغا چۆكۈرۈپ كىيگۈزۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئولجىسى ئىكەنلىگىمنى، ھېچكىمنىڭ دەخلى قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ ئەمدى قاچالمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچى بولسا كېرەك. نېگىر مېنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كېيىن كېتىشكە تەمشەلدى، مەن دەرھال ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ، يەرلىك كىرىئونلار تىلىدا ئۇنىڭ قايسى قىسىمدىن – دوندون قىسىمىدىنمۇ ياكى قىزىلتاغ قىسىمىدىنمۇ – ئىكەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ توختاپ تۇرۇپ، ماڭا قاراپ مەغرۇر ھالدا، «مەن قىزىلتاغ قىسىمى» دىن دەپ جاۋاپ بەردى. شۇ پەيتتە مىڭەمگە بىر پىكىر كەلدى: مەن قىسىمنىڭ داھىيىسى بيۇگ – ژارگالنىڭ ئالىيجانابلىقى، ئادالەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پاراڭلارنى ئاڭلىغان ئىدىم. گەرچە مەن شۇ تاپتا مېنى پۈتۈن بەختسىزلىگىمدىن خالاس قىلىدىغان ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىساممۇ، لېكىن، ئەگەر بىئاسۇنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىپ، قاتتىق ئازاب بىلەن ئۆلتۈرۈلسەمچۇ؟ دەپ ئويلىغىنىمدا ئىختىيارسىز ھالدا بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى. مەن ئۆلۈمدىن قورقمايتتىم. ئەمما ئازاپ چەكمەي ئۆلۈشنى خالايتتىم، بەلكى بۇ مېنىڭ ئاجىزلىقىمدۇر، بىراق مۇشۇنداق پاجىئەلىك مىنۇتلاردا ئىنسان ھاياتتىن نەپرەتلىنىدىكەن! شۇ خىياللار ئىچىدە مەن بىئاسۇ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىسەم، بيۇگ – ژارگال مېنى ئۆلتۈرسىمۇ، ھەر ھالدا قىينىماستىن ئەسكەرلەرچە ئۆلتۈرەر ئىدى، دەپ ئويلىدىم. شۇ ئوي – پىكىرلەر بىلەن مەن قىزىلتاغ قىسمىنىڭ جەڭچىسى بولغان بۇ نېگىردىن مېنى ئۇلارنىڭ داھىيىسى بيۇگ – ژارگالغا ئاپىرىپ بېرىشنى سورىدىم. ئۇ چۆچۈپ كەتتى ۋە «بيۇگ – ژارگال؟» دىدى ھاياجان بىلەن ۋارقىراپ پېشانىسىگە ئۇرۇپ. ئۇنىڭ ئېچىنىشى بارغانسېرى غەزەپكە ئايلاندى – دە، ماڭا مۇشتۇمىنى تەڭلەپ تۇرۇپ دىدى: «سېنى بىئاسۇغا بېرىمەن! بىئاسۇغا!» ئۇ بىئاسۇنىڭ دەھشەتلىك نامىنى تىلغا ئالدى – يۇ كېتىپ قالدى.

    نېگىرنىڭ قايغۇرۇشى ۋە غەزەپلىنىشى – ئۇلارنىڭ جەڭ داۋامىدىكى ھېلىقى بايراق چۈشۈرۈش ۋەقەسىنى ئېسىمگە سالدى. بۇ ۋەقەدىن بىز قىزىلتاغ قوشۇنىنىڭ داھىيىسى ئەسىر ئېلىنغان ياكى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدۇق. ئەمدى مەن ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكىگە شۈبھىلەنمىدىم ۋە ماڭا دەھشەت سېلىۋاتقان ئاشۇ بىئاسۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا روھىي جەھەتتىن ھازىرلاندىم.

    26

    بۇ كەڭ دالا تېخىچە قاراڭغۇ ئىدى. ئەمما نېگىرلارنىڭ سانى ۋە گۈلخانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى. مەن تۇرغان يەردىن سەل نېرىراقتا بىر توپ نېگىر قىزلىرى چوڭ گۈلخان ياقتى. ئۇلارنىڭ قول – پۇتلىرىدا پارقىراپ تۇرغان قىزىل، يېشىل، سېرىق ئۈنچە – مارجان ۋە بىلەيزۇكلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن قۇلاقلىرىدىكى چوڭ ۋە ئېغىر ھالقىلار، بارماقلىرىدىكى ھەرياڭزا ئۈزۈكلەر، كۆكرىكىگە ئېسىۋالغان تۇمار – مۇنچاقلار، بويۇنلىرىدىكى زىبۇ – زىننەتلەر، ھەرخىل پەر – ئۇقىلار قادالغان، قامىتىگە ياراشقان گۈللۈك كىيىملىرى، ئويناپ تۇرغان كۆزلىرى ۋە غەزەپلىك قاراشلىرىدىن بۇ قىزلارنىڭ «ھىرىئوت» قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.

    ئافرىقىنىڭ ھەرخىل ئوبلاستلىرىدا ياشايدىغان قارا تەنلىك ئىرق ئىچىدە ئاجايىپ زور شائىرانە تالانتقا ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلغۇچى شوخ قوشاقچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان بىر نېگىر قەبىلىسىنىڭ بارلىقى، ئېھتىمال، سىلەرگە مەلۇم بولمىسا كېرەك. بۇ قەبىلە ئۆزىنىڭ قەدىمقى بىپايان ۋەتىنىدە ئەلدىن – ئەلگە كۆچۈپ يۈرىدىغان ئەلنەغمىچىلەر سۈپىتىدە مەشھۇر ئىدى. نېگىرلار بولسا بۇ قەبىلىنى ھىرىئوتلار دەپ ئاتايدۇ. كىشىنى شەيدا قىلغۇچى خۇلققا ئىگە بولغان ھىرىئوت ئاياللىرى ئەرلىرىنىڭ قوشاق – نەغمىسىگە جور بولۇپ، ھىندىستان ياكى مىسىر ئۇسۇللىرىغا تەقلىد قىلىنغان ھەرياڭزا ئۇياتسىز ئۇسۇللارنى ئويناشقا ماھىر كېلىدۇ. ئەنە شۇنداق ئاياللاردىن بىر نەچچىسى ماڭا يېقىنلا جايدا كۆيۈۋاتقان چوڭ گۈلخان ئەتراپىدا ئافرىقا ئادىتى بويىچە يۈكۈنۈپ چەمبىرەك بولۇشۇپ ئولتۇرۇشاتتى. گۈلخاننىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يالقۇنى ئۇلارنىڭ قارامتۇل چىرايىدا قىپ – قىزىل ئەلەڭگە بولۇپ ئوينايتتى.

    ھەممىسى تەلتۆكۈس توپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، قول تۇتۇشۇپ چوڭ بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىشتى، ئارىدىن چېچىغا ئۇقا قادىۋالغان چوڭراق بىر ئايال «ئۇگافگا!» دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. بۇ سۆزدىن مەن «ئوئانگا!» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مىللىي بەزمە ئۆتكۈزۈلسە كېرەك، دەپ چۈشەندىم. ھەممەيلەن بىردەك «ئوئانگا!» دەپ تەكرارلاشتى. بىرئاز جىم تۇرۇشقاندىن كېيىن، ھېلىقى ئايال بېشىدىن بىر تال ئاق چاچنى يۇلۇپ ئالدى – دە، ئۇنى كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلاپ، «ئاق تەنلىك!» دىگەن ئەپسۇننى ئوقۇدى، بۇ سۆز نېگىر ۋە كىرىئول تىلىدا «مەن شەيتانغا ئايلاندىم» دىگەن مەنىنى بېرەتتى. بۇ ئايالنىڭ ھەركىتىگە ئەگىشىپ، بارلىق ھىرىئوت ئاياللىرى بىر تۇتامدىن چاشلىرىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئوتقا تاشلاشتى ۋە «ئاق تەنلىك» دەپ تەكرارلاشتى.

    بۇ مەنىسىز ۋارقىراشلار ۋە قاپىقى تۈرۈلگەن سالقىن چىرايلارنى كۆرۈپ، مېنى ئىختىيارسىز تىترەك باستى، مەندە چەكسىز غەم – قايغۇغا چۆكۈپ، ئېغىر كۈلپەت چەككەن چاغلاردا كىشىدە ئىختىيارسىز قوزغىلىدىغان ئەسەبىي كۈلكە پەيدا بولدى. مەن قىستاپ كېلىۋاتقان بۇ كۈلكەمنى بېسىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ، ئۇنى باسالماي، قاقاھلاپ كۈلۈپ سالدىم، كەمسىتىلگەن مىسكىن قەلبىمدىن پارتلاپ چىققان بۇ كۈلكە مېنى قايغۇلۇق، دەھشەتلىك، ئەپسانىۋى بىر ئاقىۋەتكە تاشلىدى:

    ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بەزمىسىگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن نېگىر ئاياللىرى قاقاھلىغان كۈلكەمنى ئاڭلاپ، گويا ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك سەكرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى. شۇ ۋاقىتقىچە ئۇلار مېنى بايقىمىغان ئىدى. ئۇلار ئاق تەنلىك دەپ ۋارقىرىشىپ ماڭا يېپىلىشتى.

    مەن ھېچقاچان بۇنداق چىرايلىرى مۇدھىش ئادەملەر توپىغا دۇچ كەلمىگەن ئىدىم! ئۇلارنىڭ قارامتۇل چىرايلىرىدا ئاپپاق چىشلىرى ۋە قان تولغان كۆز ئاقلىرى پارقىراپ كۆرۈنەتتى.

    ئۇلار مېنى ئازابلىماقچى بولۇشتى. چېچىغا ئۇقا قادىۋالغان قېرى ئايال ئىشارەت قىلىپ، بىرنەچچە قېتىم «تەييارلىنىڭلار، تەييارلىنىڭلار» دەپ ۋارقىرىدى، ماڭا يېپىلىغان توپ بىردىن توختىدى، ئاندىن ھەممىسى بىراقلا پەيدىن ئىشلەنگەن پەرتۇقلىرىنى يېشىپ يەرگە تاشلىدى – دە، ئەتراپىمدا چۆگىلەپ، نېگىرلار «چېكا» دەپ ئاتايدىغان غەلىتە ئۇسۇلنى ئويناشقا باشلىدى، ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇردۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.