بەزى فىزىكا ئالىملىرى، بولۇپمۇ ستېفېن خاۋكىڭ، ئەمەلىيەتتە بىزمۇ ئالەمنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكىنى ئويلىشىمىز كېرەك ئىدى، دەپ كۆرسەتكەنىدى. بۇنىڭ ئاساسى بىز 2-بابتا قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكەن دەسلەپكى ئاجايىپ نۇقتىغا چېتىلىدۇ. ئاجايىپ نۇقتىنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ چېتى، چېگرىسىغا ئوخشايدۇ، شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر ئۇنى تەبىئىي ئالەمنىڭ چېتى دەپ قارايدۇ. ئاجايىپ نۇقتىنىڭ بىر مىسالى چەكسىز زىچ ھالەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ چوڭ پارتلاشنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بزەىلەرنىڭ قارىشىچە، قارا ئۆڭكۈر ئىچىدىمۇ ئاجايىپ نۇقتا پەيدا بولىدىكەن، باشقا جايلاردىمۇ ئاجايىپ نۇقتا پەيدا بولۇشى ئېھتىمال.
ھازىرغا قەدەر، بىزنىڭ بارلىق فىزىكا نەزەرىيىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋاقىت-بوشلۇق دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىت-بوشلۇق چېگرىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تەبىئەتتىكى فىزىكىلىق جەريانلارنىڭ بۇ چېگرىنىڭ سىرتىغىچە داۋالاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىل نۇقتىئىينەزەرگە ئاساسلانغاندا، ئاجايىپ نۇقتا تەبىئىي ئالەمنىڭ سىرتقى چېگرىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاجايىپ نۇقتىدا، ماددىلار تەبىئەت دۇنياسىغا كىرەلەيدۇ ياكى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئايرىلالايدۇ. ئاجايىپ نۇقتا تارقاتقان تەسىرلەرنى تەبىئىي پەن پۈتۈنلەي مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، ھەتتا پرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. ئاجايىپ نۇقتا ئىلىم-پەن بايقىغان، تەبىئەتتىن تاشقىرى سەۋەبكە ئەڭ يېقىنلىشىدىغان نەرسىدىن ئىبارەت.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ئاجايىپ نۇقتا بولسا پايدىلانغان تارتىش كۈچى مودېلىنىڭ زىيادە ئىدېئاللاشتۇرۇلۇشى پەيدا قىلغان بىر ىخل سۈنئىي نەرسىدىن ئىبارەت دەپ قاراپ كەلگەنىدى. كېيىن، بىر قاتار نەپىس ۋە ئىلھامغا باي ماتېماتىكىلىق تېئوررمىلاردىن پايدىلىنىپ، پېنروس ۋە خاۋكىڭلار، ئاجايىپ نۇقتىنىڭ خېلىلا ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى، بەلكى بارلىق مۇۋاپىق فىزىكىلىق شارائىتتا، تارتىش كۈچى يېتەرلىك كۈچەيگەن ھامان، ئاجايىپ نۇقتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.