مۇھەببەت ئارمانى 2 (گۈليارە تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-02 09:17:18

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)(گۈليارە تۇرسۇن)********************************************************************* ئاخش...



     

    مۇھەببەت   ئارمانى

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    (گۈليارە تۇرسۇن)

    \

    *********************************************************************

      ئاخشام خىيال سۈرۈپ يېتىپ  قاچانلاردا  ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيمەن.

    -   ۋايجـــــــان،ئۇيقۇم قانمىدى مېنىڭ قىزلار،-  دېدىم ئېرىنچەكلىك بىلەن ئەسنەۋېتىپ.

    -   ھە بولدى خېنىم،نېمە دېمەكچى؟ دەرسكە چىقماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچىما؟ ئاتتەك بولە! چۈشە چاققان. تاپشۇرۇقنىمۇ ئىشلىمىگەنسەن ھە قاچان ؟!-دېدى بىر ياقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان مەرخان.

    -   يا مەن بىلمىسەم تاپشۇرۇق بەرگىنىنى،-دېدىم بوينۇمنى تاتىلاپ.

    -   بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىگە چىقىپ باقمىدىڭغۇ دەيمەن سەن ھە؟!!!-دېدى بىزنىڭ مۇشۇ ياتاق بويىچە دەرسكە تولۇق چىقىپ، بىزنى سىنىپتىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىغان ، غۇلجىلىق قىز ئادىلە.

    - ۋاي ! ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ئاداش. چىقتىمغۇ ھېلىقى كۈنى، كىنو قويۇپ بېرىمىز دېگەندە.-دېدىم تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ.
         سىنىپ بويىچە دەرس  تاشلايدىغان بىزنىڭ ياتاقنىڭ قىزلىرى. ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ تاشلايدىغىنى ھى ھى مەن. ئەسلىدە بەك تولۇق قاتنىشاتتىم. سىنىپنىڭ ئەھۋالى ھېلىقىدەك. بىر توپ ئۆزلىرىنى پروفېسسور چاغلايدىغانلار. بىرىنچى رەتتە تىزىلىپ قاتار ئولتۇرىدۇ. ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىشىپ كېتىدۇ. بىر كۈنى زادى ئۆزەمنى باسالماي.

    - ھەي. ئۇنداق ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىپ، بىرىڭلار بۇ يەردە پوستتا تۇرمىساڭلارمۇ ھېچكىم تالاشمايدۇ بۇ ئورۇننى، -دەۋېتىپتىمەن.

     -  ب سىنىپنىڭ بالىلىرى تالىشىدۇ،-دەيدۇ. ئىككى سىنىپنىڭ بالىلىرى جىق بولساق ئاتمىشقا بارارمىز، مۇشۇ چوڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنلىرىدا ياتسىمۇ يېتىدۇ ئۇلارغا! توۋا دېمىسە( تاققا ئوينىغىلى چىققاندا قارىسام دەرسلىك كىتاپ كۆتۈرۈۋاپتۇ، نېمە دەيسىلەر بۇنىڭغا) ئاشۇنداق ئۆگىنەمدۇ، مەۋسۈم ئاخىرىدا قارىسىڭىز ھېلىقى < ئاتام ئېيتقان بايىقى>، بىزدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇ سىنىپنى كۆرسەملا، ئالدىدا مۇئەللىملەرگە ھومىيىپ قاراپ ئولتۇرغان ئاشۇلارنى كۆرسەم، كەيپىم ئۇچىدۇ.

     بىر يېقىن دوستۇم بار ئىدى. ( ھازىر ياپونىيىگە چىقىپ كەتتى ) تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان. شۇ ماڭا ئىسپىراپكىنى پېچىتى بىلەن ئەكىلىپ بېرەتتى. (ھەي ئەجەپ قەدرىنى بىلمەپتىكەنمەن ئىسسىت). تامغا، كېسەللىك دىئاگنوز، ھەممە نەرسىسى تولۇق، پەقەت ئىسىم بىلەن يىل ئاي كۈننى يازسىلا بولىدىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بەك ياخشى. سىنىپ باشلىقىمىز ئۈرۈمچىلىك يوغان گىگانت بىر بالا. ئۇ ئۆزىمۇ خېلى گاڭگۇڭ، ئۇمۇ ياردەم قىلاتتى. ( ماڭا گەپ قىلىپ ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن ) سىنىپ باشلىقى ئۆزىلا يوقلىما قىلىدىغان يەرلەردە مېنى ئېنىقلا بار قىلىپ قوياتتى. زادى ئوقۇتقۇچى كۆرمىسە بولمايدىغان يەرلەردە ماڭا تېلېفون قىلاتتى.

    -   ھەي قىز بالا، نەدە سىز ؟ ھازىر مۇئەللىم ئۆزى يوقلىما قىلىدىكەن! - دېسە، بەزىدە چىقاتتىم غىپپىدە قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن كىرىۋالاتتىم.

    -نېغمەت، ئاغرىق دەپ قويۇڭە ئىسپىراپكىنى ئەتە بېرەي- دەيتتىم يەنە بەزىدە  (ھازىر ئويلىسام شۇ بالىغىمۇ نېمە كۈن دەيمەندە). بىر كۈنى سىنىپ يىغىنىدا،< سىنىپ باشلىقى بولغاندىن كېيىن ، ئانداق قىلمامسىز ، مۇنداق قىلمامسىز>دەپ تەنبىھ بېرىپ كېتىپتىمەن ئۆزۈمچە.  < ماۋۇ يەرگە بىر چىقىڭە سىز >دېمەسما بىردەمدىن كېيىنلا. ئاستا كەينىدىن چىقسام:

    - ھەي قىزبالا. ۋىجدانىڭىز بارمۇيا؟ سىزنىڭ تاشلىغان دەرسلىرىڭىزنى يېزىپ قويىدىغان  بولسام، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم قوغلاندى بولاتتىڭىز جۇمۇ. بالىلارنىڭ ئالدىدا (يالاقچى) دېگەن نامغىمۇ قالدىم. نېمە گەپ قىلمىسام،-دەپ سۆزلەپلا كەتتى. (شۇنىڭ ياقى بىزە پوچىلىشىپ قالدى بۇ كاساپەتمۇ. ھى ھى)

     بۇ سىنىپتىكى بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ مېنى ياقتۇرماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەبمۇ بار كەسىپكە چىققاندىن بۇيان دېمىسىمۇ، سىنىپقا تولا چىقمايمەن. ئىمتىھانغا 10 كۈن قالغاندا، پۈتۈن ياتاق بويىچە كېچىچە ئۇخلىماي تەكرار قىلىمىز. بەك كۆڭۈللۈك دېمەيسىز. ئادەتتە تولۇق دەرسكە چىققانلارمۇ باشقا ياتاقتىكىلەردىن،  ئۇلارمۇ بىر خىل جىددى تۈستە تەكرار قىلىپ كېتىدۇ.

    -توۋا، مەن سىلەردەك تولۇق قاتنىشىپ دەرس ئاڭلىغان بولسام ئۇخلايتتىم جۇمۇ،-  دەپ قويىمەن بەزىدە. بۇنداق چاغدا مەرخان:

    -   نېمە ئىش قىلىسەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ، ماۋۇ نەرسىلەرنى سەن چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟ -دەپ ماڭا ھومىيىدۇ. مەرخان دەرس ئۆگەنسە ئاجايىپ تىرىشچان. تېئورمىلاردىن، قائىدىلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يادلاپ يېزىپ ئۆگىنىدۇ. مەنچۇ؟ < مۇنداق مىسال كەلسە قاندا ئىشلەيمىز، ئانداقلىرى كەلسە قانداق ئىشلەيمىز >دەپ شۇنىلا سورىۋالىمەن. ئەمەلىي نەرسە ئۆگەنگەن ئەۋزەلدە؟! قائىدە دېگەندەك نەزەرىيەلەردىن چىقىپ قالسىمۇ، جىق چىقمايدۇ، ھەم ئۇنى ئۇنداق - مۇنداق قىلىپ يېزىۋالغىلى بولىدۇ- دە! بەلكىم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاساسىم ياخشى بولغاچقىمىكىن، مۇنداقلا ئۆگىنىپ قويسام كاللامدا تۇرۇپ قالاتتى. ھېلىقى بالىلارنىڭ شۇنداق جاپا تارتىپ ئۆگەنگىنى مۇشۇ نەرسىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا، ئۇنى - بۇنى قىلىپ  ياخشى نومۇر ئالاتتىم. تەنتەربىيە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى ئىدى. (چۈنكى مەرخان تەنتەربىيە باشلىقىمىز ئىدى ھى ھى) خەنزۇچە ئىمتىھانلارنى ئويناپ تۇرۇپ بېرەتتۇق، شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل<1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى > ئالدىم.< ئىلغار ئوقۇغۇچى >دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغىمۇ ئېرىشتىم. شۇڭا، بەزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئىدىيىسىدىن قەتئىي ئۆتكۈزەلمەي، كېسەل بولۇپ قالغىلى تاس قالدىغۇ دەيمەن.  ماڭا بولغان مۇئامىلىسى كۆرۈنەرلىك سوغۇقلاشتى. تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن. < دېمىسىمۇ توغرا،  ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس >  ھەتتا بىر قېتىم بىر مەۋسۈم ئەخلاقمۇ ئىشقىلىپ بىر دەرسكە كىرىپ باقماپتىمەن. مۇئەللىمنىمۇ تونۇمايمەن. ئىمتىھان ۋاقتىدا بۇ مۇئەللىم كىرىپ:

    -مۇنچىچى سۇئال خاتا بېسىلىپ قاپتۇ، ئۆزگەرتىڭلار،- دېدى. شۇنداق قاراپمۇ ئۇ سوئالنى تاپالمىدىم.

    - مۇئەللىم، قانچىنچى بەت؟-دېيىشىمگە، مۇئەللىم ئاستا يېنىمغا كېلىپ:

    - سىز كىمۇ ؟ -دەيدۇ.

    - مەن  شۇ ...-دەپلا سىنىپ باشلىقىمىزغا قارىدىم.  ئۇمۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپتىكەن.

    - ھېلىقى ئاغرىپ قالغان قىز شۇ مۇئەللىم، -دېدى.

    -    ھە، شۇنداقمۇ؟ ساقايدۇقمۇ يا؟-سورىدى  مۇئەللىم.

    - ھە. ياخشى بولۇپ كەتتىم مۇئەللىم.  رەھمەت كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە، -  دەپ خوشامەت قىلىپ كەتتىم شۇ يەردە. تېخى شۇ دەرستە سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئاپتىمەن.

    ********************************************************

     تۇيۇقسىزلا، ئاخشامقى ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ قالدى دە، يانفونىمنى ئاچتىم. <ئۇف. خۇداغا شۈكرى. ياخشى تېلىفونمۇ قىلماپتۇ، ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمەپتۇ. قارىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئوخشايدۇ. ھى ھى>

    - نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ سەت ھىجاراپ. بولە ئاتتەك، يۈزۈڭنى يۈيۈپ كىرە.  دەپتىرىڭ قېنى؟ يېزىپ قوياي ئۆزەمنىڭكىنى يېزىپ بولدۇم،-دېدى مەرخان.

    - دەپتىرىمما؟ ھە راست، گۈزەلئاينىڭ ( ھېلىقى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىلى بىر ياتاقتا ياتقان پوسكام نېفىتلىك دوستىمىز) شۇنىڭ ياتىقىدىكەن.  توختا، مەن ھازىر ئئېلىپ چىقاي.

      گۈزەلئاينىڭ ياتىقىدا، بىزنىڭ ئادىلەدەك (دەرسكەتولۇق چىقىدىغان) قىزلار جىق ئىدى. ئۇلار بىز بىلەن بىر كەسپ، لېكىن ب سىنىپنىڭ. ئەمما مۇناسىۋىتىمىز ئاتتەك ياخشى. ئۆزەمنىڭ ياتىقىدەكلا ئۇ ياتاق. گۈزەل ( ئۇنى شۇنداق ئاتاپ كۆنۈپتىكەنمەن) مەندىن ئۆتە ھورۇن. ئۇ ب سىنىپنىڭ دەرس تاشلاش پادىشاھى. بىر قېتىم فاكۇلتېت يېتەكچىمىز ئىككىمىزنى < ھە ! ئىككى سىنىپنىڭ چوڭاملىرى. نەگە ماڭدۇق؟>دەپ قويغان ياقى ئىككىمىزنى باشقىلار < چوڭام >دەپ قويىدۇ.

    - ۋوي،  ئەتىگەن تۇرۇۋاپسەنغۇ؟ نېمە بوپسەن؟ -دېدى گۈزەل ياستۇقتىن بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ.

    -ئاداش، تاپشۇرۇق باركەن. دەپتىرىمنى سېنىڭ سومكاڭغا سېلىپ قويغان تاپشۇرۇق دەپتەرنى تارقاتقان شۇ كۈنى،-دېدىم مەن ئۇلارنىڭ يوغان تىكلىمە ئەينىكىگە قاراۋېتىپ.

    - تارتمىدىلا، ئالە ئۆزەڭ،-دېدى ئۇ ئەسنىگەچ.

    - سەنچۇ؟  دەرسكە چىقامسەن؟

    - سەن چىققان يەردە مەن چىقمىسام سەت تۇرار...

    - توۋا.  ھەممىسىگە دەرسكە چىقىشىم قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ نېمە؟ -دېدىم مەن دەپتىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ.

    - سەن بىينىمىمۇ تولۇق چىقساڭ بولىدۇ ھەي، -  دېدى ھېلىقى تەييارلىقتىكى ياتىقىمىزدا بىللە ياتقان ئارزىگۈل دېگەن كۇچالىق قىز. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. نەق ھازىر كۇچادىن چىققاندەكلا سۆزلەيدۇ.  لېكىن بەك ئۇماق. مەن ئامراق ئۇنىڭغا. مېڭىشى تېخى ھە ئۇنىڭ، ياتاقتا تۇرۇپ بىلەلەيمىز ئارزىگۈلنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقىنىنى. گۈس -گۈس دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا، ئەيھانناس! تېخى قوللىرىنى قاتتىق سېلىپ ماڭىدۇ، قاپاق دېگەننى تۈرۈپ ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنىڭ جىقلىقىدا كېيىنچە ئالدىرىماي توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    - ۋاي، مېنىڭ چىققۇم بار شۇ، چىقاي دەپمۇ چىقالمايمەن، -  دەپ ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ قويدۇم.

    -ئاتتـــــــــــــــــــــام ما بىينىمىنى. ساراڭ بىنىيمە، -دەپ كۈلۈپلا كەتتى.

    -   ھە، راست!  سىلەرگە بىر گەپ دەپ بېرەي.

    بۇ ياتاقتىكىلەر مېنىڭ گەپ قىلىشىمغا بەك ئامراق. گەپ قىلىپ بېرىڭە دەپ تۇرىۋالىدۇ بەزىلىرى تېخى. ئۇلارغا ئاخشامقى ئۇچۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم. ھەممىسى ھەيران قېلىشىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ كېتىشتى.

    -كارىڭ بولمىسۇن بولدى.  يا سەن خاتا قاچىلاپ قوي دېمىسەڭ. سېنىڭ بۈگۈن كارىڭ بولمىسا ئۇياقمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. ئۇ كالۋاغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈن ئاچما يانفونىڭنى،-دېدى گۈزەل ( گۈزەلنىڭ پىكىر قىلىشى بەزىدە بەكلا نورمال ئەمەس. كېيىنچە بايقاپ قالىسىز).

    -ئۇنداق قىلما ھەي بىينىمە.  كۆرۈشۈپ بەرگىن بولمىسا. ئاتتەك بىرسىمۇ تېخى،-دېدى ئارزىگۈل ئۇماق كۈلۈپ.( شۇ بۇ قىزنىڭ بىرلا ئەيىبى  ئوغۇللارغا بەك قىزىقىدۇ. بۇ توغرۇلۇق گۈزەل ئىككىمىز ئاز بولمىغان نەسىھەتلەرنى قىلدۇق ) .

    -   بىرگەپ بولا.چىقىپ كەتتىم- ھە! مەرخان تىتىۋەتمىسۇن يەنە مېنى!!!

    ******************************************************
      -  ۋاي . سەن تېخى مۇشۇ پېتىغۇ؟!!! گۈزەل بىلەن گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپسىلەردە؟-  دېدى مەرخان قولۇمدىن دەپتىرىمنى شارتتىدە ئېلىپ:

    - ۋىيەي، قىزلار، سىلەرگە بىرگەپنى دەيمەن دەپ، ئاۋۇ ياتاققا چىقىپ ئېسىمگە كېلىپ قىلىپ، ئۇلارغا دەپ بېرىمەن دەپ ۋاق قالدىم.- دېيىشىمگىلا، مەرخان:

     - ئاداش ، خاپا بولماي كىيمىڭىزنى كىيگەچ دەمسىز؟-دېدى. (ئاچچىقى كەلسە مۇشۇنداق سىزلەپ قويۇشى بارچۇ) كىيىم كىيىشىمگە قىزلارنىڭ بەك پىكرى بار. < بەك مىسىلداپ كىيىم كىيىسە >دەپ.

    *******************************************************

       كىچىكىمدىن چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ قالغان بولسام كېرەك، رەھمەتلىك چوڭ دادام ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك كۆزۈمگە قارايتتى، ( ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. چوڭ دادام، چوڭ ئاپام دېگىنىم دادامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە، بوۋام - مومام دېگىنىم ئاپامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار غۇلجىدا)  داداممۇ بىرلا بالا، چوڭ دادام دادامنىمۇ شۇنداق ئەركە بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن، مەن دادامنىڭ تۇنجى بالىسى بولغاچقا ، مېنى تېخىمۇ ۋاي دەيتتى، چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپامنى دادا، ئاپا دەيتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاندا - ساندا بېرىپ قوياتتىم، ( دادام - ئاپام كېلىپ ، يالۋۇرۇپ تاس قالاتتى يىغلىۋېتەي دېگىلى <بىزنىڭ ئۆيدە بىر كۈن قونۇپ كېتىڭ >دەپ ) باراتتىم ، لېكىن كەچ بولسىلا، < دادام ، ئاپام يالغۇز، مەن بولمىسام ئۇلار زېرىكىپ كېتىدۇ، >دەپ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي كېچىلەپ قايتىپ  كېلەتتىم، بۇنداق چاغلاردا چوڭ دادام ماڭا قاراپ شۇنداق كۈلۈپ كېتەتتى:

     - بالام، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ. ئاپاڭ - داداڭ بۇنداق قىلساڭ خاپا بولۇپ قالىدۇ، -دەيتتى،

    -ۋاي يا! مېنىڭ دادام سەن،-  دەپ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتىم. چوڭ دادام دۆلەتنىڭ چوڭ كادىرى ئىدى، لېكىن ئۆزى بەكمۇ تەقۋا مۇسۇلمان ئىدى. يىتىم - يېسىرلارغا خەيرى - ئېھسان قىلىپ تۇراتتى. ھەربىي بولغان ئادەم بولغاچقىمىكىن ئىشقىلىپ مەسچىتكە بارمايتتى، لېكىن مەسچىتكە گىلەم، ئۇبۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ دىنىي ساۋاق بېرەتتى، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش، پەيغەمبەرلەرنى بىلىش، قاتارلىق بىر قاتار بىلىملەرنى مەن مەكتەپ يېشىغا توشماستىن بۇرۇن، ھەممىنى ئۆگىتىپ بولغان. ھەم ئۆزۈممۇ ناھايىتى ئىخلاس قىلىپ ئۆگىنەتتىم، مەھەللىدىكى بالىلارغا ساۋاق بېرەتتىم.

     ئۇ مەھەللىمىزدە چوڭ دادامدەك پېنسىيىگە چىققانلار جىق ئىدى. شۇڭا مەندەك نەۋرىلەرمۇ ساماندەك. كۈندە بىللە ئوينايتتۇق. ئۇ ئاللا نامازشاملارغىچە، ھەممىسىنىڭ چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرى زورلاپ ئەكىرىپ كېتەتتى، چوڭ دادام بولسا مەن ئويناپ بالىلار قالمىغۇچە، مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە كىرىپلا چوڭ ئاپام ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقنى ھاپىلا - شاپىلا يەپلا ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرەتتۇق. تېخى مەن ئۇلارغا جىق گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتىم، 4 - 5 ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئۇلارغا سىرتتىكى ئاداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرى، يەسلىدىكى گەپلەر ھەممىنى دەپ بېرەتتىم. ئىككىسى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايتتى. تېخى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم، ئۇلار تاھارەت ئېلىپ خۇپتەن ئوقۇسا، مەنمۇ لىچەكتىن بىرنى ئارتىپلا يېنىدا ئولتۇراتتىم. بىلىدىغان سۈرىلىرىنى ( شۇ چاغدىلا ئۇششاق سۈرىلەرنىڭ ھەممىنى بىلەتتىم) پىسىر - پىسىر قىلىپ ئوقۇپ كېتەتتىم ، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) ماڭا قاراپ:

    -   سۈف سۈف... بالام ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسابىڭنى بەرسۇن، نامازخان بولغىن،-دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كېتەتتى. (شۇڭا ئاللاھ خالىغان بولسا نامازنى تاشلىمىدىم. ئالىي مەكتەپتە ياتاقتا ياتقان كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئۆيگە كەلگەن ۋاقىتتا تولۇقلىۋالاتتىم). مەھەللىدە تولا بالىلار بىلەن ئۇنى - بۇنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالاتتىم، بىر كۈنى 5-قەۋەتتىكى ئاباقەلەم ( ئۇ ئادەم مەكتەپ مۇدىر ئىدى، جىق ئادەملەر بەك ھۆرمەتلەيتتى، رەھمەتلىك ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) داداشنىڭ قىزى ئادىلە بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئويناۋېتىپ، مېنى بىرنى ئىتتىرىپلا يىقىتىۋەتتى، بۇرنۇم سۈرۈلۈپ قان چىققاننى كۆرۈپ، باشقىلار چوڭ دادامنى چاقىرىپ چۈشتى، رەھمەتلىك چوڭ دادام 5- قەۋەتكە ھاسىراپ چىقىپ . ئاباقەلەم مۇدىرنى شۇنداق تىللىۋەتتىكىن، بىچارە ئادەم:

    -خاپا بولمىسىلا، ئۆمىراڭكا، مەن بالىغا گەپ قىلاي،- دەپ مىڭ ئۆزرە ئېيتسىمۇ، چوڭ دادام ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەنىدى. ئالايىتەن قارا توخو ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇستىخىنىنى كۆيدۈرۈپ، يارىغا سۈركەيتتى.

    -   نېمە دەپ بۇنداق قىلىسەن؟ -دېسەم.

    -   بالام سەن دېگەن قىز بالا، بۇرنۇڭ تارتۇق بۇلۇپ قالسا سەت بولۇپ قالىسەن، - دەپ كۆڭۈل قويۇپ كۈندە سۈركەيتتى. بىر ئاي سىرتقا چىقماي ئاران ئوڭشالغانتىم. ( ھازىرمۇ بىزە سۇس بار تارتۇقى) ئادىلەنى كۆرسەم دەپ قويىمەن.

    -   قارا بۇرنۇمغا.-  دەپ.

    ئىشقىلىپ < ئۆزەمنىڭ شوخلىقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى  يوقتى>باشقىلارمۇ مېنى ئەرز قىلىپ. دات ئېيتىپ كىرەتتى پات - پات بىزنىڭ ئۆيگىمۇ.

    -   قاراڭە، ئۆمىراڭكا، نەۋرىڭىز بالامنىڭ كۆزەينىكىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ.

    -   قارىسىلا ئۆمىراخۇن،  نەۋرىلىرى نەۋرە بالامنىڭ يۈزىنى تاتلىۋاپتۇ.... دېگەندەك. چوڭ دادام ئۇلارغا:

    - ھە شۇنداقمۇ. بۇ بولماپتۇ. مەن گەپ قىلاي. سىلەرمۇ بالىلارغا ئوبدان قاراڭلار -دەپ قوياتتى تېخى. كىيمىمنى چوڭ دادام شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ كىيگۈزەتتى. ئالدىرىماي بىر - بىرلەپ. ئويناۋاتساممۇ بالىلار بىلەن، چاقىرىپ ئەكىلىپ، كىيمىمنى ئوڭشايتتى. ئىشقىلىپ مېنى غەزەپ ياخشى كۆرەتتى جۇمۇ. (ھازىر ياخشى كۆرمىسۇن). ھېيت - ئايەملەردە ئاپام - دادام مېنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلەتتى. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا، چوڭ دادام چوڭ ئاپاملارنىڭ مەن يوق بىچارە بولۇپ قالغىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپلاقايتىپ كېلەتتىم.

       مەن بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا دادام ئاپام چەتكە چىقىپ سودا قىلىمىز دەپ، مېنى غۇلجىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇ يەردە كىچىك دادا كىچىك ئاپىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىكەن. مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇمايلا، ھەممە دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ بولدۇم. تېخى چوڭ دادامغا خەت يازدىم. ( ئۇ خەتنى كېلەشىمدە ئۆزەم ئەكىلىپ ئوقۇپ بەردىم). ئۇ ئاسمىنى كەڭرى زېمىندا تېخىمۇ ئەركىن، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق. بۇۋام رەھمەتلىكمۇ ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك بالىجانلىق ئادەمتى. شۇنداق شوخلۇق قىلساممۇ <بالا ئەمەسمۇ دەپ قوياتتى>  بىر يىلدىن كېيىن داداملار كېلىپ مېنى چەتكە ئېلىپ كەتتى.  ئۇ تۇرمۇشقا كۆنەلەمدىغان. <ھاي ئاندا قىلماڭ، ھاي مانداق قىلماڭ >، < ئايىقىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ > < چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ>( ھازىرغا قەدەر خۇشۇم يوق چىش چوتكىلاش بىلەن لېكىن چىشىم شۇنداق چىرايلىق ساغلام ھى ھى) دەۋاتقان. ئۈچ ئاي بولغاندا مېنى بىر مەكتەپكە بەمەكچى بولدى، ئۇنىمىسام ئۇنىماي. كۈندە يىغلاپ، بىر كۈنى شۇنداق قاتتىق قىزىپ كېتىپتىمەن. كېچىچە جۆيلۈپ. < ئۆيگە كېتىمەن > دەپ. ئۇكۇل دورا ھېچنىم پايدىق قىلماي.ئاخىرى مېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويغان.

    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.