چالا تەگكەن ئوق (ئابدۇللا تالىپ) تارىخىي رومان 1-باپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 00:51:50

ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەگكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى چالا تەگكەن ئوق ئابدۇللا تالىپ تارىخىي رومان بىرىنچى قىسىم بىرىنچى باپ ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۈرۈمچى شەھىرى ...


    ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەگكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى

     

     

    چالا تەگكەن ئوق

    ئابدۇللا تالىپ

    تارىخىي رومان

     

    بىرىنچى قىسىم

    بىرىنچى باپ

    ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۈرۈمچى شەھىرى بىر ھەپتە ئىچىدە تۆت پەسىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۈگۈن ئەتىگەن مۇقەددەس بوغدا تېغىنىڭ ئۈستىدىن ئەمدىلا نەيزە بويى ئۆرلىگەن قوياشنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمگەن ئىدى .

    شەھەرنىڭ شىمالىي گىرۋىگىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىل تاغ باغرىدىكى تاشلاردا ئەكس ئەتكەن قوياشنىڭ ئالتۇن زەررىلىرى ئاجايىپ ۋالىلداپ تۇراتتى. ئېگىز چوققىنىڭ ئۈستىدىكى جىگەرسىمان قىزغۇچ توپا ئارىلاش قورام تاشلارنىڭ يان كاۋاكلىرى ئارىسىدىن سۇس كۆتۈرۈلگەن ئاقۇش پارلار خۇددى پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يانار تاغ تۈتۈنلىرىدەك كۆرۈنەتتى. ۋاقىت چاشكاردىن سەل ئۆتكەن ئىدى. بۇ ئېگىز چوققا باغرىغا ئۈچ كىشى پەيدا بولدى. ئۇلار تاغنىڭ شەرق تەرىپىدىن ئاستا ئۆرلەپ، غەربىي چوققىغا يېقىن ئورنىتىلغان ياغاچ راۋاق يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل بارغىنىچە ئۈرۈمچى دەرياسى ئۇرۇلۇپ ئۆتىدىغان ئىگىز تىك قىيا لېۋىدە توختىدى. بۇ ئۈچ كىشىدىن بىرى يېشى 4 0 لاردىن ئاشقان بۇغداي ئۆڭلۈك، پىشانىسى ۋە بۇرنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قوناقتەك سۆگىلى بار، بېشىغا كونىراق قارا دۇخاۋا سەرپۇش تۇماق، ئۇچىسىغا سالما ياقىلىق كۆك چەكمەن چاپان، ئىچىگە ئالدى ئوچۇق ماتا كۆينەك كىيىپ، بىلىگە باغلىغان كۆك بەلۋاققا غىلاپ-بويتاسما ئېسىۋالغان ساغلام قامەتلىك كىشى ئىدى. ئاۋۇ ئىككىسى بولسا ئەمدىلا 20 لەردىن ئاشقان تەڭ دىمەتلىك نەۋقىران يىگىتلەر ئىدى.

    بۇ ئۈچەيلەن چوققا گىرۋىگىگە كېلىپ توختاتتىيۇ، نېمە ئۈچۈنكى، بىر ھازاغىچە جىمجىتلىشىپ، تاش ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشاتتى. ياش يىگىتلەردىن بىرىنىڭ بىلىگىدە، يەنە بىرىنىڭ بولسا مۈرىسىدە تارتۇق بار ئىدى. قاپاقلىرى سېلىنغان، رەڭگىروھى ئۆڭۈپ تاتىرىشىپ كەتكەن بۇ يىگىتلەر، قانداقتۇر بىر يامان خاپىلىقنىڭ ئازاۋىدا قالغاندەك ئۈزۈلدۈرمەي تاماكا چېكىشەتتى ۋە شۇ تاپتا بىربىرىنىڭ تەرىگە زىنھار قارىغۇسى كەلمەيۋاتاتقاندەك ئىدى. ھېلىقى چوڭ ياشلىق، بەسىتلىك كىشى بولسا ئاللىقانداق خىياللار دېڭىزغا غەرق بولغىنىچە ئوتلۇق كۆزىنى ئاللىقەيەرلەرگە قادىغان ئىدى. ئۇ، يېنىدا سالپىيىپ ئولتۇرغان ئاۋۇ ئىككى يىگىتنىڭ ھېچنىمىسى ئەمەس، پەقەت يىتىميىتمەك، غېرىپغۇربالارنىڭ سېخى پېشىۋاسى سۈپىتى ئەل ئارىسىدا  »①سىپى چەندازا «دەپ داڭقى چىققان مەردانە بىر ئادەم ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن، سوپى چەندازا خىيالىنى يىغىپ، يىگىتلەرگە قىيا بېقىپ، سۈرلۈك بىر قارىدىدە، ئېغىر سۈكۈتنى بۇزۇپ، سۆزگە كىرىشتى :

    » ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇغۇڭنى قۇرۇتما« دېگەن گەپ بار..... ئۇ، ئۇلۇغ كىچىك بىر تىنىۋېتىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

    »ئالتۇن يېغىلىغى« ،  سىلەر بىلەن بىللە چىققان شۇنچە نۇرغۇن دوستبۇرادىرىڭلار نەگە كەتتى؟ قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟

    تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن، مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز قانلىق پاجىئەلەر ھەققىدىكى بۇ سۇئال ھەر ئىككى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە قاتتىق تەگدى. ئەپسۇسلۇق ھېسسىيات تۇيغۇلىرى بىردىنلا ئۇلارنىڭ كۆز چاناقلىرىدا بەلگە بېرىشكە باشلىدى. سوپى چەندازا يەنە ئاتىلارچە مېھرى بىلەن سۆزلىمەكتە ئىدى :

    ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭى غېرىۋىي كېپەن بولۇپ، ئۆلۈكلىرى چۆلباياۋانلاردا قالدى.  قالغان قىسمىنى بولسا »ئالتاي يېغىلىغى «يەپ تۈگەتتى. سىلەر بولساڭلار كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاران بالادا بۈگۈنگە كەلدىڭلار، بىراق، تېخىچىلا ئاچزار يۈرۈۋاتىسىلەر ...

    سوپى  چەندازا بارغانچە قىزىپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ كەڭ پىشانىدىن تەر تامچىلىرى چىپىلداپ ئېقىپ تۇراتتى. ھېلىقى ئىككى يىگىت بولسا باشلىرىنى سېلىپ، مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوتلۇق سۆزلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى. سوپى چەندازا سەرپۇش تۇمىغىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى قىستۇرۇپ قويۇپ، تېخىمۇ غەزەپ بىلەن سورىدى :

    سىلەر ئالتە شەھەردىن تۇتۇلۇپ چىققاندا يول بويى ئېيتقان »ئاللائاللا ۋاي باللا، نادانلىقنى تاشلاڭلار« دېگەن ناخشاڭلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەر تۈنۈگۈنلا جانجىگەر دوست ئىدىڭلار، تاغ-باياۋانلاردا دىشىۋارلىق تارتىپ يۈرگەنلىرىڭلاردا كۆرۈشكىچە پەرۋانە بولۇشاتتڭلار، خوپ، بۈگۈنچۇ؟

    سوپى چەندازا بىسلىرى يالتىراپ تۇرىدىغان ئىككى پىچاقنى قونچىدىن سۇغۇرۋالدى  دە، يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، دەر غەزەپ بىلەن» : پىچاقنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە سال « دەپتىكەن، قېنى قايسىڭلار ئاۋال سىناپ كۆرىسىلەر؟ دېدى. ئۇ، ئوتلۇق كۆزى بىلەن يىگىتلەرگە تىكىلىپ تۇراتتى. ئاچچىق تەنە، لېكىن سەمىمىي سۆزلەرنى ئاڭلىغان يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە پىچاقلار ئۆزى كېلىپلا قادالغاندەك تۇيۇلۇپ باشلىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تەڭلا تۇرۇشتىدە، پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى ھەر ئىككىسى تەڭلا ئېلىپ، قورام تاشقا ئۇرۇپ سۇندۇرغاندىن كېيىن، قىيادىن چوڭقۇر ئېقىنغا چۆرۈۋەتتى، ئاندىن يىغلاپ قۇچاقلىشىپ، ئەپۇ سوراشتى ۋە ئىككىسى تەڭ كېلىپ، ھېلىقى غەمخورچىسىنىڭ بىرى ئوڭ، بىرى سول بىلىكىگە ئېسىلىپ، ناماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، كەچۈرۈم سورىدى. يىگىتلەرنىڭ كۆز ياشلىرى سوپاخۇننىڭ بىلەكلىرىنى نەملەشكە باشلىغان ئىدى.

    سوپى چەندازا ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ» : گۇمانئىماننى قاچۇرار،  ئىمان شەيتاننى «دېگەن گەپ بار، سىلەر بۇ گەپنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭلار دېدى.

    بۇ چاغدا ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. يىگىتلەردىن بىرى :تاغا، بىز ئەمدى سىز باشلىغان كېچىككە كىرىمىز .سىزنىڭ قىلىپ كېلىۋاتقان غەمخورلۇغىڭىزنى مەن ئەسلا يادىمدىن چىقارمەيمەن، لېكىن ھازىر مەن ...

    سوپى چەندازىغا يۈرەكتىن ۋەدە بېرىۋاتقان بۇ يىگىت سۆزلەۋېتىپ بىردىنلا ئاسمانغا قارىددە، جىددى تۈس ئېلىپ :

    ھازىر مەن سىز بىلەن خوشلاشماقچىمەن، مېنىڭ زۆرۈر بىر ئىشىم بار ئىدى. مەن شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىم ئۈچۈن،.... ئەمىسە، خەيرخوش ! – دېدى.

    سوپى چەندازا، يىگىتنىڭ كېيىنكى جىددى سۆزىگە، سىرلىق كەيپىياتىغا ئەجەبلەندىيۇ، بىراق نېرىبېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، ھەر ئىككى يىگىتنىڭ قولىغا ئازتولا پۇل بېرىپ، يولغا سېلىۋەتتى. ھېلىقى جىددى ئىشى بار يىگىت شاپاشلىغان پېتى تاغ باغرىدىكى ئەگىمەچ يول بىلەن پەسلەپ كەتتىدە ھايتھۇيت دىگىچە ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىب بولدى. ئىككىنچى يىگىت بولسا تاغ ئۈستىدىكى يول بىلەن ئۇدۇل شەرق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. سوپى چەندازا قىرلىق قىيادا يەككەيىگانە قىلىپ، يەنە چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن ھالدا، شەھەرگە تىكىشى نەزەر تاشلايتتى. قىيالىققا ئۇدۇلمىردىئان سىزىق بويلاپ جەنۇپ تەرەپتىن سوزۇلغان كەڭ سايلىق ئېقىننىڭ كۈن چىقىش لېۋىدىكى قارىياغاچلىق ئورمانلار ئۇدا بىر ھەپتە ياققان مۆلدۈر ئارىلاش يامغۇر ۋە قاردىن كېيىن بۈگۈنكى ئوچۇق ھاۋادا قوياشنىڭ ئىسسىق نۇرى تەپتىدىن قايتا جانلىنىپ، كۆپكۆك باراقسانلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى. جەنۇبىي تاغ (نەنسەن) جىلغىلىرىدىن ئۇرغۇپدولقۇنلاپ چۈشكەن قار ۋە يامغۇر سۇلىرى، شەھەر كوچىسى ئارىسىدىكى ئېرىقئۆستەڭلەردىن قوشۇلغان لايلاتقىلىق سۇلار بىلەن بارغانسېرى سەمەپئۇلغىيىپ، شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى سايلىق ئېقىندىن ئۆركەشلىنىپ كېلىپ، ھېلىقى قىيالىق چوققىىغا باغرىنى ئۇرۇپ ئۆتۈش ئارقىلىقبۈيۈك جۇڭغارىيە ئويمانلىقىغا قاراپ كېتەتتى.  قىيانلار ئەۋجىدىن ھاسىل بولغان بۇ چوڭ دولقۇن، بىر قاراشتا كىشىگە خۇددى شىددەت بىلەن

    ئېقىۋاتقان يانار تاغ لاۋالاتقىلىرىنى ئەسلىتىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاستىدا گويا پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋولقان باردەك ھېس قىلدۇراتتى، دېمىسىمۇ كىشىلەر بۇ كۈنلەردە ئەنە شۇنداق سىرلىق بىر تەۋرىنىش ۋە تەشۋىش ئىچىدە تۇراتتى.  قۇياش قىيامىدىن سەل قايرىلغان چاغدا، سوپى چەندازا قىزىلتاغ ئۈستىدە پەسكە قاراپ ماڭدى. ئۇ، پەللىمۇ پەللە تۆۋەنلەپ چۈشۈۋېتىپ، يەنە ئاللىقانداق چىگىش خىياللار ئىچىدە، ئۆزئۆزىگە سۇئال قوياتتى :

    ئاجايىپ سىرلىق ھېكىمەت، چوڭقۇر تىلسىمات ! دۇنيانىڭ خۇيپەيلى، زاماننىڭ خۇيپەيلى، ئادىمىزاتنىڭ خۇيپەيلى نېمىشكە بۇنچىۋالا ئوخشىشپ كېتىدىغاندۇ؟ بىر دەم تۇتۇلۇش، بىردەم ئېچىلىش، بىردەم غەزەپلىنىش ! بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ قايسىسى قايسى تەرەپنى دورايدىغاندۇ؟...

    سوپى چەندازا ئۆزىنىڭ بۇ گىدىرماچ خىيالى بىلەن بەنت بولغىنىچە مېڭىپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي قاپقىغى يېنىدىكى بىر كىچىك ئاشخانىغا كىرىپ غىزالاندى. ئاندىن ئۇ، پىشىن مەزگىلىدە مال بازىرىدىكى بىر مىچىت ئالدىغا كەلدى. بۇ يەردە يېڭىدىن سېلىنغان بالىخانىلىق بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا 20-30چە كىشى توپلىشىۋالغان ئىدى. ئۇ، مىچىت ئالدىدىن قايرىلدىدە، ئۇدۇل ئەنە شۇ ئادەملەر توپى قاتارىغا باردى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يېڭى ئىمارەت توغرىلىق قىلىشىۋاتقان گەپسۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. ھەممىدىن كۈلكىلىگى بىر قىسىم تىجىمەلھورۇنلارنىڭ بۇ يېڭى ئىمارەتكە ئەيىپ قويۇپ، ئاخمىقانە سۆزلەشلىرى سوپى چەندازىنىڭ ئەرۋايىنى ئۆر لەتمەكتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ يەكپاي گەپسۆزلىرىنى بىر دەم تەخىر قىلىپ ئاڭلىدى :

    ئىمارەتنىڭ ھۇلى پەس بولۇپ قاپتۇ، بىرەر يىلغا بارابارمايلا سۇنىڭ تېگىدە قالىدۇدە، يىقىلىپ چۈشىدۇ.

    دەرىزىسى تەسكەي تەرەپكە بولۇپ قاپتۇ.

    توغرا تېمى تۈز قوپۇرۇلماپتۇ.

    ياغاچلىرى ئىنچىكە بولۇپ قاپتۇ.

    تەكچە ھەم دەرىزىلىرى كىچىك بولۇپ قاپتۇ، قاچاقۇچا سىغمايدۇ. ..

    سوپى چەندازا بۇ گەپسۆزلەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاستا كىرىپ، يېڭى ئىمارەتنى كۆرۈپ چىقتىدە، ئاۋۇلارغا دېدى :

    مەن باياتىن سىلەرنى ئۇستا تامچىلاردىن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، پەمىمچە سىلەر كۆپۈڭلار: » قىشلىغى قايان باراي، يازلىغى ساراي سالاي« دەپ ھوناپ يۈرىدىغانلاردىن ئوخشىمامسىلەر؟ پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىگەن ئەرنىڭ قولىدىلا مۇشۇنداق ئىمارەت پۈتىدۇ. ھورۇن ئىشەكنىڭ يېمى تولۇق دېگەندەك ...

    شۇ ئەسنادا كۆنچىمەھەلللىسى تەرەپتىكى بۇلاقبېشى كوچىشىدىن ھاسىراپھۆمىدەپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلگەن 20 ياشلاردىكى يىگىت توپىنىڭ يېنىدا توختىدىدە :

    ئادەم ئۆلدى ! بۇلاقبېشى يېنىدىكى كۆكتاتلىقتا ... بىر ئادەم ! – دەپ ، تەشۋىشلىك خەۋەرنى ئېيتىپلا بەدەر چوڭ كوچا تەرەپكە كەتتى.

    لېكىن، بۇ جىددى خەۋەرنى ئاڭلىغان ئادەملەر دەسلەپتە ھاڭتاڭ بولۇشقان، جىددىلاشقان كۆرۈپ كېلىشكە ئىنتىلمەكتە »تاماشا« بولسىمۇ، كېيىنمەھەللىگە چۈشۈپ، بەزىلىرى شۇ يەرگە بېرىپ ئىدى. سوپى چەندازا كۆپچىلىككە: » سۆز قوغلىغان دەرتكە يو لۇقار، يول قوغلىغان غەزىنىگە«. دەيدىغان گەپ بار. بايىقى خەۋەردە چۇقۇم بىر شۇملۇق بار ، » تۆگە كۆردۇڭمۇ، يوق « دېگەندەك، غىرت قىسىشىپ، ئاستا يولىمىزغا راۋان بولغىنىمىز ياخشى، دېدى.

    ئادەملەر تارقىلىشقا باشلىغاندا ئاللىقاچان گۇگۇم چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. دېگەندەك، ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا كوچىلارغا قوراللىق ھەربى، ساقچىلار تولۇپ كەتتى. پۈتۈن شەھەرنى ئىنتايىن دەھشەتلىك تەشۋىش قاپلاشقا باشلىدى. شۇ كۈنى تۈن يېرىمىدىن كېيىن، چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ كەتتى. كىشىلەر پانا ئىزلەپ تاغ جىلغىلىرىغا قاراپ قېچىشماقتا ئىدى. ئادەتتە مەيخانىدىن نېرى كېتەلمەيدىغان ۋە مەيشاراپسىز يۈرەلمەيدىغان بىۋاك پىيانچۇكلارمۇ بۇ دەھشەتلىك كېچىنىڭ قۇربانى بولۇشتىن خالىي بولالمىدى.

    تۈن نىسبى مەزگىلى ئىدى. ياش بىر پىيانچۇك غەرق مەس ھالدا نەنلياڭ كوچىسىنىڭ قاق ئوتتۇرىدا ئوڭ ۋە سولغا دۈگۈجۈپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ، گاەىدا كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ: »ئىشپىيۇن ! ئىشپىيۇن! «دەپ سۈرەن سالاتتى ۋە مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، خۇددى جۆيلۈگەندەك سۆزلەپ كېتەتتى :  

    قېنى دىگىنە، ماڭا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭ بارمىدى؟ نىمىشكە ماڭا مۇنچىۋالا ئەگىشىۋالىسەن ! ھىلى جۇمۇ، ھىلى خامىرىڭنى مىجىپ تاشلايمەن!...

    پىيانچۈك بارغانچە جىددىيلىشىپ بىردە ئوڭغا، بىردە سولغا مۇشت تەڭلەيتتى. بىراق، ئۇنىڭ مۇشتۇمى تېگىدىغان نىشان يوق ئىدى. ئۇ گاەىدا ئالدىكەينىگە قاچاتتى. چارچاپ قالغاندا يەنە ئىزىدا توختايتتى. ئۇ ئۆزىنى قوغلىشىپ يۈرگەن» ئىشپىيۇن«، دىن قۇتۇلالمىغىنىغا دەر غەزەپ بولۇپ، ھالسىزلىنىپ پاتپات يىقىلىپ چۈشەتتى. » قورققان سايىسىدىن ئۈركۈپتۇ« دېگەندەك، بۇ پىيانچۈكنىڭ كەينىگە بۈگۈن ئەگىشىۋالغىنى  پەقەت ئايدىڭ كېچىدىكى ئۆز سايىسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالى ئاشۇ بۇلاقبېشىدىكى ئۆلۈم پاجىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئۈچۈن ئاشۇنداق »قورققانغا قوش كۆرۈنەر« سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ قاتتىق بىئارام بولماقتا ئىدى. ئۇ نىسبى شەپىدىن ئۆتكەنگە قەدەر »ئىشپىيون سايە  «بىلەن ھەپىلىشىپ ۋە ئېلىشىپ، ئاخىرى دەرمانى كېتىپ يىقىلدى. ئۇ نەمكەش يەرگە پاقىدەك چاپلاشقان پېتى ياتاتتى. باش توخۇ مەھەللىدە ساقچى كېلىپ قالدىدە، ئۇ مەسنى ھەيدەپ كەتتى.

     

     داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.