سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 2

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:06:07

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 2-كېلىڭە لەيلى، سىزنىشاگرتلىققا ئالىمەن دېگەن ئۇستازىڭىزنى بىر كۆرسىتىپ قوياي!-دېدى بۆلۈمباشلىقىمىزچەترەك بۇلۇڭدىكى ئورۇننى كۆرسىتىپ. باشلىقىمىز بىر خۇشچاقچاقئادەمدەك قىلاتت...

     

     


    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 2

    -كېلىڭە لەيلى، سىزنى شاگرتلىققا ئالىمەن دېگەن ئۇستازىڭىزنى بىر كۆرسىتىپ قوياي!-دېدى بۆلۈم باشلىقىمىز چەترەك بۇلۇڭدىكى ئورۇننى كۆرسىتىپ.  باشلىقىمىز بىر خۇشچاقچاق ئادەمدەك قىلاتتى.

    - مانا بۇياقنىڭ ئىسمى ئالماس، سىز مۇشۇ گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن ئىشلەيسىز، بۇ تۈر مۇھىم تۈر، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسا ئالماس ئىككىمىزنىڭ قايسىمىزنى ئىزدىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

    - ياخشىمۇ؟

     بېشىمنى بىلىنەر - بىلىنمەس لىڭشىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردۈم بۇ نىجات يۇلتۇزۇمغا. بۇ ئىدارىدە شاگىرت ئۇستىنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيدىغانلىقى توغۇرلۇق رىۋايەتلەرنى خاتىمە ھەدەمدىن ئاڭلاپ ئۈلگۈرگەنىدىم، گەرچە مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن غەربكە ساياھەت فىلىمىدىكى سۈن مايمۇن بىلەن تاڭ راھىبىدەك ئۇنداق بولمىسىمۇ، ئەمما ھەرھالدا مۇھىم ھالقا ئىدى شاگرتلىققا كىرىش بۇ ساھەدە.

    - ياخشىمۇسىز؟

     بويى مەندىن بىر باش ئېگىز، ئاق چاقماقلىق كۆينەك، پادىچىلار ئىشتىنى، بۇقۇشلۇق راھەت ئاياقلىرىغا قاراپلا بۇ ئۇستامنىڭمۇ مەندەك بۇ كەسىپكە سىرتقى جەھەتتىن تولىمۇ ماسلاشمىغىنىنى ھېس قىلدىم، ئەمما مەندىنمۇ ئۆتە ياۋايىدەك قىلاتتى، ھەي بۇ بىناكارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بالىلارغا ئامال يوق، تېرىلىرى ئاق، ھەرىكىتى ئاز، قارىمامسىز يوغانلا بىر  بالىكەن، يائاللا كىتاپلىرىنى قويۇۋالغاننىنى!!! دەرس سۆزلەپ چۈشۈپ كەتمەس-ھە ھېلى بۇ كىتاپ خالتىسى. قاراشلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ بولمىسا! مۇشۇ سەمىمىيلىك ئالامەت قىممەت بولۇپ كەتكەن بۇ جاھاندا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك جۇمۇ. قارىمىسىمىغۇ ئىش بولسىلا ئىشلەيدىغان، يۇۋاش بالىدەك قىلاتتى، ئەمما بۇنىڭغىمۇ بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ جۇمۇ، چىرايىغا قاراپ باھا بېرىش بەك تەس ھازىرقى زاماننىڭ ياشلىرىغا، بولۇپمۇ ئوغۇللىرىغا.

    - ھىم. سىزنى نېمە دەپ چاقىرىمىز؟

    - ھە؟! ئىسمىمنىلا چاقىرسىڭىز  بولىدۇ، لەيلى. لەيلى ئەلى سەل مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم خىيال بىلەن،-ئەمىسە سىزنى ئالماس ئاكا دەمدىم يا؟!

    - ئالماس دەۋېرىڭ، ماڭىمۇ ئۇزۇن بولمىدى، ئاكا دېمىسىڭىزمۇ بولا!

    يائاللا ھازىرقى ئادەملەر بىرەرسىنىڭ ئۆزىنى ئاكا يا ئاچا دېيىشىدىن قورقىدىغاندۇ دەيمەن، شۇڭلاشقىمۇ ئۇكام دېيىش مودا بولۇپ كەتكەن بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردا.

    -قولۇمدا بىر كۆرگەزمىخانىنىڭ چېرتىيوژى بار، بولمىسا سىزگە بېرەي، كۆرۈپ بېقىڭ، تۈزىتىدىغان يەرلىرى خېلى بارئىدى.

    -مەيلى، ئەمما مېنىڭ بىلمەيدىغان يەرلىرىم بەك كۆپ جۇمۇ، سىزنى ئاۋارە قىلىمەن بەرىبىر تولا سوراپ.

    - ھىم، چۈشىنىشلىك، مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىڭىزلا قىلىپ كېتەلەيسىز.

    مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىلا ماڭا ئۇچرامدىغاندۇ؟ تازىمۇ !

    ئەمما خىزمەتكە رەسمىي كىرىشكەندىن كېيىن، بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىم راستلا ئەسقېتىشقا باشلىدى. مەنمۇ ئالماستەك بۇرۇنقى دەرسلىك كىتاپلىرىمنى، ماتىرىياللىرىمنى كۈندە بىردىن ئىككىدىن ئۆيدىن توشۇپ ئەكىلىپ بولدۇم.

    - يائاللا! مەن ئۈچ يىل ئىشلەپمۇ مۇنچە كۆپ نەرسە يىغالمىغان ئىشخانامغا، سىز يامانكەنسىز جۇمۇ، لەيلى!- دەپ قويىدۇ ئالماس ئۇستام.

    بىر ھەپتىدىن كېيىن چېرتيوژنى ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان نەق مەيدانغا كەلدۇق. قۇرۇلۇش ئورنىغا بىرىنچى قېتىم كېلىشىم. سەل ھاياجانلاندىم، يائاللا، ئىستىبالىم خېلى پارلاقمۇ نېمە؟!  دەپ ئويلاپ قالدىم بىنا ئاساسىي ئۇيۇلىۋاتقان يەرگە قاراپ.

    - بىللە تاماق يەپ قايتامدۇق؟ چۈش بولۇپ قاپتۇ - دېدى ئالماس ئاستاغىنا قايتاشىمىزدا، سەل تارتىنچاق بالا ئۆزى، گېپى سېسىق بولغان بىلەن.

    - ھىم... ماقۇل!-دېدىم مەنمۇ قورساق ئېچىپ تۇرغاندا نازلانمايلا.

    مۇشۇ ئەتراپتىكى مەن پولوسى ئەڭ ئامراق بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغىنىمىزدا، ئالماس ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئالدى دېرىزىدىن مېنى چۈشۈشكە شەرەت قىلدى.

    - ۋاۋ! پولوسى بەك ئوخشايدۇ ھە بۇ يەرنىڭ، سىزمۇ بىلىدىكەنسىزدە؟-دېدىم ماشىنىدىن چۈشە - چۈشمەي.

    - پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى بىلىدىغاندۇ بۇ يەرنى...

    ئالماس شۇنداق دېگىنىچە ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى تارتتى.

    ھەي....

    قورسىقىمىزنىڭ ئاچلىقىدا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي يەۋېتىپتۇق تاماقنى، قورساق ئاچقاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاماق يېيىشمۇ بەك راھەت ئىش ھە؟! ئەمما، فۇئات ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ پولونى. لەغمەن سارىڭى ئۇ.

    - ئوغۇل دوستىڭىز باركەن ھە؟

    جىمجىتلىقنى ئاخىرى مۇشۇ جىمغۇر بۇزدى.

    - ھەئە. نېمە بولدى؟

    - ھېچنىمە، ئۈستىلىڭىزدىكى رەسىمنى كۆرگەن. شۇڭا سوراپ باقتىم.

    - ھە... سىزنىڭچۇ؟ قىز دوستىڭىز بارمۇ؟

    - بۇرۇن بار ئىدى، ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلار ئۇ، مۇھەببەتلىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندىمەن، خىزمەت خىزمەت دەپ ھازىر.

    - ھا ھا...  نېمە دەپ بىرەرسىنى تاپمىدىڭىز؟- سورىدىم ئۇنىڭ ئاران بىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلغىنىنى كۆرۈپ قىزىقىپ.

    - ھىم. نېمە دېسەم بولار، تونۇشلىرىممۇ ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ خىزمەتتىن ۋاقىت چىقىرىپ بولالماي... ئەمەلىيەتتىغۇ، نەچچە ئاي بۇرۇن بىر قىز كۆڭلۈمگە يېقىپپمۇ قالغان، ئېغىز ئاچسام، ھەي... بولدىلا بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى.

    ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرىنى بايقاپ قالدىم، راستتە؟! ئازابلىق ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى ئەسلىمىگەن، قايتا تىلغا ئالمىغان ياخشى. ئۇ قىززىق چاي قۇيۇلغان سىركايغا بېشىنى پەس قىلىپ، ئالدىرىماي بىر شامنى پۈۋلەشكە باشلىدى.

    - ۋاي مۇنداق قىلىڭە ئالماس، كىرپىكلىرىڭىز ئەجەپ ئۇزۇنكىنا سىزنىڭ. ئېگىلىپ تۇرىدىكەن قىزلارنىڭكىدەك تېخى ھا ھا ھا...- دېدىم شەيتانلىق قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلاي دەپ، چۈنكى بۇنداق ھەسرەتنى مەنمۇ تارتقان ئەمەسمۇ.

    - ئەستاغپۇرۇللا  ما قىزنىڭ گېپىنى!-دېدى ئالماس ئوڭايسىزلىنىپ،-ھېچكىم ئۇنداق دەپ باقمىغان تېخى.

    - ھېچكىم دەپ كەتكىنىنى، قانچىلىك قىز تونۇيمەن دەڭە بېشىدا، ئەمما راست دېدىم جۇمۇ ، چىرايلىقلا قىز بولاتتىڭىزكەن قىزبالا بولغان بولسىڭىز، مەندىنمۇ چىرايلىق قىز دەڭە ،-دېدىم بېشىمنى پەس قىلىپ قەستەنگە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە يېقىندىن قاراپ.

    - ئۆزىڭىزنى ۋاستىلىق ماختىماڭ دەپ نەچچە قېتىم دېدىم مەن لەيلى!-دېدى ئالماس ئورنىدىن تۇرۇپ.

    - قانداق قىلىمەن ئەمدى بىۋاستە ماختاشتىن ئىززا تارتىدىكەنمەن ...

     چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە كەلدىمدە، تامىقىمنى يەپ كارىۋېتىمغا ئۆزەمنى تاشلىدىم، ئوڭدامغا خىيال سۈرۈپ ياتتىم، توغرىراقى ھاڭۋېقىپ ياتتىم، كىتاپ كۆردۈم، تورغا چىقتىم بىر ۋاقىتتا تۇيۇقسىز فۇئاتقا تېلىفون قىلغۇم كەلدى.

    ‹‹ ياخشىمۇسىز؟ مەن فۇئات، ئىشىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇڭ، دۈت دۈت دۈت›› كۆچمە كاتىپنىڭ بۇ ئاۋازىغا شۇنچىلىك ئۆچلۈكۈم كەلدى. سائەت ئون بىردىن ئېشىپتۇ، دىجورنىمىدۇ يا؟ ئىشخانىسىغا ئۇردۇم.

    - فۇئات يوق، بىرەر مۇھىم ئىش بارمىتى؟- دېدى خىزمەتدىشى يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن بىرنېمىلەرنى دېگۈچە  تۇرۇپكىنى قويىۋەتتىم.  ئۆزەمنى يەنە ھېلىقى تېگى يوق قاراڭغۇ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم...

    (ئاخىرى كېيىنكى ساندا) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.