ھازىرقى بالىلار كارامەت (06)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-06 18:54:48

پىداكار بالىلارساۋاقدىشىم زەينەپ:خېتىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىمغا ئىككى كۈن بولدى. شۇئان جاۋاب يازغۇم بار ئىدى، بىراق مۇئەللىمىمىز ئۆيگە كۆپ تاپشۇرۇق بەرگەچكە، ئەمدى جاۋاب يېزىۋاتىمەن.يېڭى مۇئەللى...



     

     
    پىداكار بالىلار
     
     
    ساۋاقدىشىم زەينەپ:
     
    خېتىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىمغا ئىككى كۈن بولدى. شۇئان جاۋاب يازغۇم بار ئىدى، بىراق مۇئەللىمىمىز ئۆيگە كۆپ تاپشۇرۇق بەرگەچكە، ئەمدى جاۋاب يېزىۋاتىمەن.
     
    يېڭى مۇئەللىمىمىزگىمۇ بارغانسېرى كۆنۈپ قالدۇق. مۇدىر سىنىپىمىزغا كىرگەن كۈنى دېمىرنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغىنىنى يازغانىدىمغۇ، شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەممىمىز، مۇئەللىم دېمىرغا ئاچچىقلايدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق، زادى ئويلىغىنىمىزدەك بولمىدى. مەنمۇ ئۇ ۋەقەدىن كېيىن ناھايىتى قورققانىدىم، ماڭىمۇ ھېچ خاپا بولغاندەك قىلمىدى.
     
    مۇئەللىمىمىز كېيىنكى كۈنلەردە كۆپىنچە پىداكارلىق ھەققىدە سۆزلەيدىغان بولدى. ئۇ بىزگە بىر مۇنچە پىداكارلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ھەر بىر ھېكايىسىدىن كېيىن بىزدىن: «بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭلار؟ قانداق خۇلاسە چىقاردىڭلار؟ بۇنىڭدىن قانداق تەربىيە ئېلىش كېرەك؟» دەپ سورايتتى.
     
    مۇئەللىمنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ ئۇ سۆزلەپ بەرگەن پىداكارلىق ھېكايىلىرىدىن مەن دەل ئۇ تەلەپ قىلغان خۇلاسىلەرنى چىقارغانىدىم. ئۇنىڭ نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغانىدىم. شۇڭا، مەن ئۇ ياقتۇرىدىغان شەكىلدە گەپ قىلاتتىم. ئۇ ماڭا ھەر قېتىم: «ئاپىرىن، ئەخمەت!» دېگەندىن كېيىن، بالىلارغا: «ئەمدى سىلەرمۇ بۇ ھېكايىدىكى بالىلاردەك پىداكار بولۇشۇڭلار كېرەك» دەيتتى.
     
    لېكىن، بىر قېتىم سىنىپتا ئىنتايىن جىددىي بىر مۇنازىرىگە قاتناشتۇق. مەن مۇئەللىم سۆزلەپ بەرگەن ھەر بىر ھېكايىدىن مۇئەللىمنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن خۇلاسە چىقىرىشتىن زېرىكىپ كەتكەنىدىم. ئۇ كۈنى ھېكايىنى ئۆز چۈشەنچەم بويىچە چۈشەندۈرگىلى تۇردۇم. 
     
    مۇئەللىمىمىز سۆزلەپ بەرگەن پىداكارلىق ھېكايىسىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان بىز دېمەتلىك بىر يېزا بالىسى ئۇرۇش جەريانىدا دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن بىر قاپاق تېرەككە چىقىدۇ. ئۇ دۈشمەنلەرنى يىراقتىن كۆرۈپ، يېزىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانىغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن يېزىغا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، دۈشمەننىڭ ئوقى تېگىپ يارىلىنىدۇ ۋە يېزىدىكى قوماندانغا خەۋەرنى يەتكۈزۈپلا، ئۇنىڭ قولىدا جان ئۈزىدۇ.
     
    مۇئەللىم ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن:
    - ئەخمەت، سەن بىزگە ئېيتىپ بەرگىنە، بۇ ھېكايىدىن ئالىدىغان تەربىيە نېمە؟ - دېدى.
    - مۇئەللىم، - دېدىم مەن، - سىز سۆزلەپ بەرگەن بۇ ۋەقە راست بوپتىكەنمۇ ياكى بالىلار پىداكارلىق تەربىيسى ئالسۇن دەپ، چوڭلار توقۇپ چىققان ھېكايىمۇ؟
     
    مۇئەللىم بۇ سوئالىمغا ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ مەندىن بۇنداق سوئالنى كۈتمىگەنىدى. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
    - نېمە دېمەكچىسەن؟ راست بولسۇن، توقۇپ چىقىلغان بولسۇن، بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ - دېدى.
    - راست ۋەقە دېيىلسە، بۇنداق بىر ۋەقەگە ئىشىنىش ناھايىتى تەس.
    - نېمە ئۈچۈن؟
    - دۈشمەننى كۆزىتىش ئۈچۈن 11 ياشلىق بالىدىن باشقا ئادەم چىقماپتىمۇ؟ بۇنداق بىر مۇھىم ئىش ئاخىر بېرىپ 11 ياشلىق بىر بالىغا قاپتىمۇ؟ مېنىڭ ئەقلىمگە مۇشۇنداق سوئاللار كېلىدۇ. بالىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇرۇشىدىكەنۇ، بىر كىچىك بالىنى كۆزەتچىلىك قىلدۇرىدىكەن...
    - ئەلۋەتتە، بۇ بىر ھېكايە، - مۇئەللىم سۆزۈمنى بۆلۈۋەتكەندىن كېيىن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى، - ھەممىڭلار ئەخمەتتەك ئويلامسىلەر؟
    سىنىپتا «ياق، ياق، ياق...» دېگەن ئاۋازلار كۆتۈرۈلدى. چىنگىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ: 
    - بىز بالىلار پىداكار بولۇشىمىز كېرەك، بۇ ھېكايە مانا شۇنى چۈشەندۈرىدۇ، - دېدى.
    بۇنىڭ بىلەن ئۇ گويا مۇھىم بىر سۆز قىلغاندەك، كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ قويدى. لېكىن دېمىر: 
    - مەن ئەخمەتتەك ئويلايمەن، - دېدى.
     
    مۇئەللىم ھەممەيلەندىن يەنە بىر قۇر سوراپ چىقتى.
    - خوپ، سىلەرچە، ئەخمەت بىلەن دېمىر نېمە ئۈچۈن سىلەردىن باشقىچە ئويلايدۇ؟
    چىنگىز يەنە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ چاڭىلدىدى: 
    - مۇئەللىم، ئۇلار جاۋاب پەرقلىق بولسۇن، دەپ ھەمىشە شۇنداق قىلىدۇ.
    تەنەپپۇسقا قوڭغۇراق چېلىندى. مۇئەللىم:
    - بۇ مەسىلىنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستە يەنە سۆزلىشىمىز، - دېدى.
     
    ساڭا بىر ئىشنى ئېيتايمۇ زەينەب، قوڭغۇراق چېلىنغىنىغا ئىنتايىن خۇش بولدۇم. چۈنكى، مۇئەللىمگە نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم. قۇرۇق سۆز قىلاتتىم. بۇ ھېكايە كۆڭلۈمگە زادى ياقمىغانلىقى راست ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، مۇئەللىمنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى ھاياجانلىق بىر پىداكارلىق ھېكايىسى ئىدى. ھېكايە ھەممىمىزگە تەسىر قىلغانىدى.
     
    چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ساۋاقداشلار مەكتەپ باغچىسىدا دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە تۇرۇشۇپ كۆزەتچىلىك قىلىشقا باشلىدى. دەرەخلەرنىڭ ئۇچىلىرىدا «تاتاتات، تاتاتات...» دېيىشىپ پىلىموت ئاۋازلىرى چىقىرىپ، ئاتالمىش دۈشمەننى ئوققا تۇتۇشاتتى. باغچىدا ھەممىمىزگە يەتكۈدەك دەرەخ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىرىنچى قەۋەت دېرىزە تۆمۈرىدىن تامغا، ئۇ يەردىن سۇ تۇرۇبىسىغا يامىشىپ بىر قونداققا چىقىۋالدىم. مېنىڭ ئالدىمدىكى ئاكاتسىيە دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى چىنگىز بىلەن ھۈسەين: «كۆزەتچىلىكنى سەن قىلمايسەن، مەن قىلىمەن» دەپ تالىشىپ تۇرۇشاتتى.
    - بۇ ۋەزىپە ماڭا بېرىلدى، بۇ يەر مېنىڭ يېرىم! - دەپ ۋارقىرايتتى ھۈسەين.
     
    كېيىن تۇيۇقسىز ھۈسەيننىڭ ئاۋازىنى يەردىن ئاڭلىدىم. ئۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە يىغلاۋاتاتتى. ھەممىمىز يۈگۈرۈپ باردۇق، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كېلىشتى. ئىككىنچى سىنىپنىڭ مۇئەللىمى:
    - دەرەخنىڭ ئۇچىدا نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ - دەپ سورىدى.
    - دۈشمەنگە قارىغانىدىم...
    - نەدىكى دۈشمەن؟ نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ - دېدى مۇئەللىم ھاڭ-تاڭ بولۇپ.
    ھۈسەيننىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەسمىش، ئۇنىڭ بېشىنى تېڭىپ قويدى. ئۇنى دەرەخنىڭ ئۇچىدىن چىنگىزنىڭ ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھۈسەين ئۇنى تۇتۇپ بەرمىدى. مۇئەللىملەر:
    - سېنى كىم ئىتتىرىۋەتتى؟ - دەپ كەينى-كەينىدىن سوراشتى.
    - ھېچكىم ئىتتىرىۋەتمىدى، پۇتۇپ تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشتۈم... - دەپ تۇرۇۋالدى ھۈسەين.
     
    ھۈسەيننىڭ مۇئامىلىسى مېنى ئىنتايىن ئويلاندۇردى. ئۇ خىياللارنىڭ تەسىرى بىلەن چۈشتىن كېيىنكى دەرستە مۇئەللىمىمىزنىڭ سوئالىغا قارىتا:
    - بىر ھەرىكەت ئەگەر پىداكارلىقىمنى كۆرسىتەي، بۇنى ھەممەيلەن بىلىۋالسۇن، ئۇقۇۋالسۇن دەپ قىلىنسا، ئۇ ھالدا بۇ ھەرىكەت پىداكارلىق بولماي قالىدۇ، - دېدىم.
     
    بۇنداق دەۋېتىپ يەنە ھۈسەيننىڭ ھەرىكىتىنى ئويلايتتىم.
     
    مۇئەللىمىمىز ئەتىسىمۇ باشقا بىر پىداكارلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. بىر كەمبەغەل بالا كېسەل ئانىسىغا دورا ئېلىش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندا، باشقا بىر بالا جىنايەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
     
    يەنە بىلەرمەنلىك قىلدى دېمىسۇن دەپ، ئۆز چۈشەنچەمنى ئاشكارىلىمىدىم. لېكىن، بۇ ھېكايىدە كالۋالىق پىداكارلىق ھېسابلانغانىدى.
     
    بىزنىڭ مۇئەللىم بىلەن 5 - ب سىنىپنىڭ مۇئەللىمى بىرلىشىپ، 5 - ئا ۋە 5 - ب سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا پىداكارلىق ھېكايىسى سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. بۇ مۇسابىقە مەكتەپتە چوڭ تەسر قوزغىدى. مۇئەللىمىمىز مۇسابىقىدە مېنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىمغا چوڭ ئۈمىد باغلىغانىدى. مېنىڭ پىداكارلىق ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى ئىپادىلەيدىغان بىر ھېكايە يازغۇم بار ئىدى. بۇ ھېكايىنى يېزىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن ھەپىلەشتىم. ئاپام بىلەن دادامغا ئوقۇپ بەردىم. بۇرۇن يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ياقتۇرغان داداممۇ بۇ ھېكايەمنى ياقتۇرمىدى. تاغامغا ئوقۇپ بەرسەم، ئۇمۇ ياقتۇرمىدى.
     
    مەن يازغان پىداكارلىق توغرىسىدىكى ھېكايىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: بىر بالىنىڭ ئىنىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالىدۇ. بالا بۇنىڭدىن شۇنداق بىئارام بولىدۇكى، ھەر كېچە ئورنىدا يېتىپ: «ئەي خۇدا، ئىنىمنى ئۆلتۈرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا مېنىڭ جېنىمنى ئالغايسەن!» دەپ دۇئا قىلىدۇ. بىر كۈنى چۈشىدە يوغان بىر دىۋە كېلىپ: «پىداكارلىق تىلىكىڭ قوبۇل بولدى. ئىنىڭنىڭ ئورنىغا سېنى ئېلىپ كېتىشكە كەلدىم» دەيدۇ. بالا: «مەن پىداكارلىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەنىدىم، مېنى ئېلىپ كەتمە!» دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ۋارقىرىشىدىن ئانىسى ئويغىنىپ كېتىپ: «بالام، سېنى قارا باستىمۇ نېمە؟ ئۈستۈڭ ئوچۇق قېلىپ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەن ئوخشايسەن. كۆزۈڭنى ئاچ، بالام...» دەپ بالىنى تىنچىتىدۇ.
     
    بۇ ھېكايە ئارقىلىق پىداكارلىق ھەققىدە نېمە چۈشەنگەنلىكىمنى چۈشەندۈرەلىدىممۇ؟ مەن ئۇلارنى پىداكارلىقنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان پىداكارلىق بىلەن مەسخىرە قىلماقچى ئىدىم.
     
    4 -، 5 - سىنىپلار كۇلۇبقا توپلاندى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كىرىشتى. بىزدىن ئالتە، 5 - ب سىنىپتىن بەش ئوقۇغۇچى مۇسابىقىگە قاتناشتى. ھېكايە ئوقۇش نۆۋىتى ئۈچۈن چەك تارتىلدى. مەن چەكتە سەككىزىنچى بولدۇم. مەن ھېكايەمنى ئوقۇۋېتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە مۇدىرنىڭ چىرايىدىن ياقتۇرمىغىنىنى چۈشەندىم. لېكىن، بالىلار ھەممىدىن مېنىڭ ھېكايەمنى ئالقىشلىدى. ھېكايە ئوقۇش تاماملانغاندا، ئوقۇتقۇچىلار ھېكايىلەرنى باھالاش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار بۆلۈمىگە كىرىپ كەتتى. زالدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، تاراق-تۇرۇقلار باشلاندى. ساۋاقداشلار بىر-بىرىنىڭ گەدەنلىرىگە ئىنچىكە رېزىنكە رەگەتكىلەر بىلەن قەغەزلەرنى ئېتىشاتتى. ھازىر بىزنىڭ مەكتەپتە ھەممە ئوغۇل بالىلارنىڭ قولىدا مۇشۇنداق رەگەتكە بار. قەغەزدىن ياسالغان بۇ كىچىك ئوقلار كىشىنىڭ گەدىنىگە تەگسە ئاجايىب ئاغرىتاتتى... مەن زادى قارىغا تەگكۈزەلمەيمەن. تاش ئېتىشنىمۇ بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، مېنى ساۋاقداشلار، تاشنى قىز بالىدەك ئاتىدۇ، دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ.
     
    تۇيۇقسىز، گەدىنىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى، خۇددى قىزىق يىڭنە سانجىلغاندەك بولۇپ كەتتىم... غەزەپلەنگەن ھالدا يېنىمدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىمنىڭ قولىدىن رەگەتكىسىنى تارتىۋالدىم-دە، قەغەز ئوقنى قويۇپ، كىچىك رەگەتكىنىڭ ئىنچىكە رېزىنكىسىنى چىڭ تارتىپ ئاتتىم. ئاھ، زەينەب، بۇ كېلىشمەسلىكنى قارا... دەل شۇ چاغدا مۇدىر ئالدىدا، ئوقۇتقۇچىلار كەينىدە زالغا كىرىۋېتىپتىكەن، مېنىڭ ئوقۇم ئۆزۈم ئاتماقچى بولغان تەرەپنىڭ دەل ئەكسىگە ئۇچۇپ بېرىپ، «پاق» قىلىپ مۇدىرنىڭ گەدىنىگە تەگمەسمۇ! مۇدىر قولىنى گەدىنىگە قويدى، ئاندىن كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ بىزگە قارىدى. 
    - كىم ئاتتى؟ كىم ئاتقان بولسا ئوتتۇرىغا چىقسۇن! - دېدى 5 - ب سىنىپنىڭ مۇئەللىمى.
    بېشىمنى يەردىن كۆتۈرمەي، ئورنۇمدىن تۇراي دەۋاتاتتىم، بىزنىڭ مۇئەللىم:
    - ئاتقان چىقمىسا، ھەممىڭلار جازالىنىسىلەر، ئۆيۈڭلارغا قايتۇرمايمىز! - دېدى.
    مۇسابىقىمۇ، باھالانغانلارمۇ بىر ياقتا قايرىلىپ قالغانىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
    - مەن ئاتتىم، - دېدىم.
    مۇدىر چىرايىمغا تىكىلىپ بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
    - سەن ئاتمىدىڭ! - دېدى.
    - مەن ئاتتىم.
    - مەن كىشىلەرنىڭ چىرايىغا بىر قاراپلا بىلىمەن. سەن ئاتمىدىڭ... قارىساڭ جىنايەتچى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. پۈتۈن ساۋاقداشلىرىڭنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ، ساۋاقداشلىرىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن گۇناھنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئالدىڭ.
     
    لېكىن مېنىڭ زادىلا ئۇنداق نىيىتىم يوق ئىدى.
    - ئەتەي قىلمىدىم، بىلمەي قىلىپ ساپتىمەن... باشقا يەرگە ئاتماقچى ئىدىم، قولۇمدىن چىقىپ كەتتى...
    مۇدىر سەھنىگە چىقتى:
    - مانا، - دېدى ئۇ، - پىداكارلىق دېگەن مۇشۇ. بۇ ساۋاقدىشىڭلار سىلەرگە بىر پىداكارلىق ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى. ئۆزى ئاتمىغان بولسىمۇ، ھەممىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىلەرگىمۇ تەربىيە بولسۇن دەپ، جازانى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقى ئۈچۈن ھەممىڭلارنى كەچۈرىمەن. يازغان ھېكايىسى ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇنى مۇسابىقىدە بىرىنچى دەپ ئېلان قىلىمەن.
     
    ئامال قانچە، زەينەب، ئۇقتۇرماقچى بولغىنىمنىڭ دەل ئەكسى بولدى. جىنايەتچى بولۇپ تۇرۇقلۇق، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق پىداكارلىق ئۈلگىسى بولۇپ قالدىم. سېنىڭچىمۇ، پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىش باشقا - باشقا ئىشلار ئەمەسمۇ؟
     
    خەپ، مۇشۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى تېزرەك پۈتتۈرسەم ئىدىم... دادام ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن مېنى جەزمەن ئوقۇتقۇسى بار. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىنىمدىن كېيىن مېنى ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتە ئاپام بىلەن ھازىرغىچە تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ. ئاپام، مەن ئوغلۇمغا چىدىمايمەن، دەيدۇ.
     
    ساڭىمۇ شۇنداق تۇيۇلامدۇ، بىلمەيمەن، كۈنلەر ھېچ ئالدىغا ماڭمايۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ... مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغىچە بولغان كۈنلەرنى كۆرسىتىدىغان ياخشى بىر ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈۋالدىم. يەكشەنبە كۈنلىرى بىلەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ھېسابلىمىغاندا، ھېچقانچە ۋاقىت قالمىدى. بىراق شۇنداقتىمۇ كۈنلەر ئالدىغا ماڭمايۋاتىدۇ. ساڭا خەيرلىك ۋە ئامانلىق تىلەيمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 30-نويابىر، ئەنقەرە
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.