ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەەكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى
تۆتىنچى باپ
ئۆتمە نامەرت كۆۋرۇكىدىن
سۇ سېنى ئاقتۇرسىمۇ،
يىمە نامەرتنىڭ ئېشىنى
ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ،
ئۇزۇنغا قالمايلا «ئالتۇن سىرتماق» ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. سەلىمىخان نادامەت ئىچىدە ئالەمدىن كېتىپ، شەمشىدىننىڭ بىلى بارغانسىرى مۈكچەيمەكتە ئىدى. شەمشىدىن بوۋىسىدىن قالغان مىراس – تەئەللۇقاتىنى نەسىرىدىن كارۋان ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يۈرەك پارىلىرىنى يېتىلەپ، قەدىناس ماكانىدىن كۆچۈپ كەتتى، لېكىن يىتىم قالغان پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قوشۇش – ئۇنىڭ مۈكچەيگەن يەلكىسىگە يېنىك يۈك ئەمەس ئىدى. ئۇ، خېلى تېڭىرقاشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كەلدى – دە، بالىخانىلىق ئىككى ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئورۇنلاشتى. «شاهلىقتىن يىقىلساڭ ناۋاي بول» دېگەندەك، شەمشىدىن ئالدى بىلەن بىر ساماۋەرخانا ئېچىشنى ئويلىدى. بۇ ئىشتا كونا ئوقۇغۇچىلىرى قول– پۇت بولۇپ ياردەملەشتى.
غۇربەتچىلىكتىكى ئۇستازىنى يوقلاپ كەلگەن شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ساماۋەر دۇكىنىنى قولمۇ – قول پۈتتۈرۈشۈپ بەردى. بۇ ئىشنىڭ بىردىن – بىر باشلامچىسى ئىرپان ئىدى. ئىرپان سۈزۈك بۇغداي ئۆڭلۈك، قۇشۇما قاش، كەڭ كۆكسىلىك، ئىگىز بوي، خۇشپىچىم بەستىگە بېغىررەڭ چىرايلىق پەشمەت چاپان، بېشىغا بادام دوپپا كىيىپ يۈرىدىغان ساغلام ۋە خۇش تەبىئەتلىك يىگىت ئىدى. ئۇ، شەمشىدىندە ئۈچ يىلچە ئوقۇغان، كېيىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، راۋاپ چېلىشنى ۋە ئاشپەزلىكنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن ئىدى. ئىرپاننىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرى شەمشىدىن ساماۋەرخانىسىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشتى. لېكىن «يىتىمنىڭ ئاغزىغا ئاش تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ»دېگەندەك، شەمشىدىننىڭ بىردىن – بىر ئوغلى پەخرىدىن ئۈجمىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، پۇتى سۇنۇپ كەتتى – دە، يېڭىلا باشلانغان خۇشاللىق يەنە قايغۇغا ئايلاندى. بۇ خىل قاتمۇ – قات بەخىتسىزلىكلەرنىڭ ھەسرەت ئۇچىغىدا شەمشىدىننىڭ چوڭ قىزى – چولپان چوغ بولۇپ ئۆرتەنمەكتە ئىدى.
شەمشىدىن ئامراق قىزى چولپاننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى « مەنىۋى شىرىپ» ناملىق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتاپىنىڭ بىر يېرىگە ئۇستازى مەرهۇم داموللا ئابدۇقادىر قەشقىرىنىڭ جاهالەت جاللاتلىرى تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغان هىجىرىيە كالىندار كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكىنى پۈتۈپ قويغانىدى. مۇشۇ كالىندار هېسابى بۇيىچە چولپان بۇ يىل توپ – توغرا 1 6 ياشقا كىرگەن ئىدى.
چولپان شۇنچە ئېغىر قىسمەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، دادىسىنىڭ دەرت – ئەلەملىرىنى تەڭ تارتىشماقتا. بالىخانا ئۆيدە ئىنىسى پەخىرىدىننى كۈتۈش بىلەن يەنە يىڭنە ئىشى قىلىپ، ھەر خىل نۇسخىلاردا دوپپىلارنى تىكەتتى، ئۇ دوپپىلارنى سىڭلىسى جەمىلە ئارقىلىق ساتقۇزۇپ، ئۆيىنىڭ خەج خىراجىتىنى قامدايتتى. چارچىغان ۋە پۇرسەت بو لغان ۋاقىتلىرىدا « قىسسەسۇل ئەنبىيا» ياكى «كۇللى ناۋايى» قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇيتتى. ناۋايى ۋە پۇزۇلنىڭ شېئىرلىرىنى يادلايتتى. ئۇ، يەنە بالىخانا ئۆيىنىڭ بوش يەرلىرىنى ئالا قويماي تەشتەكلىرىنى تىزىپ، ھەر خىل گۈل ئۆستۈرۈش بىلەنمۇ مەلىكە بولاتتى. مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق ئۇ بېشىدىكى سەۋدانى قوغلاپ، بىردەم بولسىمۇ ئىچ پۇشۇغىدىن ئازات بولاتتى. لېكىن، ئارىدىن ئانچە ئۆتمەي، بۇ گۈزەل قىزنىڭ يۈرىكىگە سىرلىق بىر سەۋدا – ئىشىقى ئوتى تۇيۇقسىز تۇتاشتى – دە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئۆرتىنىشكە باشلىدى .
ئىرپاننىڭ ياردەملىرى، ئىشچانلىقىنى خېلىدىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان چولپان ئۇنىڭغا قانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كەلمەكتە ئىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇسى تۇتىشىشىقا باشلىغان مۇھەببەت هېسسىياتى بىلەن بىرىكىپ كەتتى. راۋاپ خۇمار قەشقەر يىگىتلىرى ئىرپاننىڭ مۇزىكا ۋە ناخشا ساداسىغا پەرۋانە بولۇشۇپ، شەمشىدىننىڭ ساماۋەر خانىسىدىن كېتەلمەيتتى. مۇزىكىنىڭ بۇ مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق ساداسى ئىرپاننىڭ زەخمىكىدىن زىبا چولپاننىڭ دىل ئارامىغا ئوت ياقماقتا ئىدى. بىراق، چولپان ئۆزىنىڭ يۈرەك بېغىشىغا ئۆچمەس ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى بۇ سادالارنى پەقەت بالىخانىنىڭ كىچىك روجىكىدىنلا ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالايتتى.
بىر كۈنى شەمشىدىن جۈمەگە ماڭغان ۋە دۇكان ئارامى بولۇپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، چولپان بىر تال قىپقىزىل لەيلىگۈل قېتىغا قىستۇرۇلغان تۆۋەندىكى نەزمىنى سىڭلىسى جەمىلە ئارقىلىق ئىرپانغا يوللىدى :
ئارىدا تام بولمىسا كۆرسەم يارىمنى پاتمۇ پات،
يۈرىكىمگە قان تولۇپتۇ لەيلى گۈلدەك قاتمۇ قات ...
ئىرپان نەزىم قۇرلىرىغا كۆز يۈگۈرتىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىدە چولپاننىڭ قۇندۇزدەك قاپ – قارا چاچلىرى، قىزىرىپ پىشقان ئالمىدەك يۇپ – يۇمىلاق يۈزى، قويۇق قاش – كىرپىكلىرى، چاقناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ شەهلا كۆزلىرى، چاقماقتەك سۆزلىرى گەۋدىلىنىپ، ئۇنىڭغا بولغان بالىلىقتىكى ئامراقلىق ئىشتىياقى ئەمدى ئوتقا ئايلانماقتا ئىدى. ئىرپان ئۇ نەزمىگە جاۋابەن ئۆزى يادقا بىلىدىغان بىر كوپلىىت رۇبائىي ئارقىلىق يۈرەك سىرىنى ئىزهار قىلدى :
جاندىن ئارتۇق سۆيىمەن سېنى ئەي ئەزىزىم،
ساندىن ئارتۇق سۆيىمەن سېنى ئەي ئەزىزىم ؛
ھەر قانچە سۆيمەك ئاندىن ئارتۇق بولماس،
ئاندىن ئارتۇق سۆيىمەن سېنى ئەي ئەزىزىم .
ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرلىرى – جانان كىشمىشى يېڭىلا پىشقان بىر چاغ ئىدى. دەل چۈش مەھەلىدە ساماۋەر ئالدىغا ياش بىر يىگىت كېلىپ توختىدى. ئۇ، بېشىغا بادام دوپپا، ئۇچىسىغا چىرايلىق گىمناستۇركا، پۇتىغا قىزىل شىبلىت كىيگەن بولۇپ، ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈك، نەۋقىران بۇ يىگىت ئۇزايىدىن قارىغاندا باشقا بىر شەھەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. ئۇ، ئاڭلىنىۋاتقان راۋاپ ساداسىغا مەهلىيا بولدى – دە، هايال بولمايلا سامارەۋخانىغا كىردى ھەم بىر بۇرجەككە بېرىپ ئولتۇردى. ئىرپان بولسا راۋابنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ چالماقتا ئىدى.
شەمشىدىن تەبەسسۈم بىلەن مېهمان يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
مېهمان. زەۋقىلىرىنىمىگە تارتىدىكى، شورپىغىمۇ؟ پولوغىمۇ؟ دەپ سورىدى.
مۇزىكا بىلەن شورپىغا، دېدى مېهمان يىگىت كۈلۈپ.
ئۇ تاماقلنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىرپاننىڭ ماهارىتىگە مەهلىيا بولۇپ سورىدى :
بۇرادەر، قانچە ياشلارغا كىرگەنسىز؟
ئونتوققۇزغا كىرىدىم – دېدى ئىرپان.
توغرا، مەنمۇ شۇنى مۆلچەرلىگەن ئىدىم، دىدى مېهمان،-بىز تەڭتۈش ئىكەنمىز. سىز قانچىلىك ئوقۇدىڭىز؟
دىنى مەكتەپتە 3 يىل، پەننى مەكتەپتە 4 يىلچە ئوقۇدۇم.
هازىر نېمە كەسپ بىلەن بولۇۋاتىسىز؟
مېهمان يىگىتنىڭ بۇ سۇئالىغا ئىرپان قىلچە تېڭىرقىماستىن قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس چىۋەرلىك بىلەن جاۋاپ بەردى :
هازىرقى كەسپىم – يىتىمچى ۋە دەردمەنلەرگە يۆلەكچى، مۇھەببەت ئەهلىگە مۇقامچى، مەرىپەتكە كۈيچى ...
ئىرپاننىڭ چىچەنلىكى، چاقماقتەك زۇۋاندارلىقىدىن ھەيران قالغان مېهمان يىگىت قاتتىق هاياجانلاندى – دە، زوقمەنلىك بىلەن يەنە سورىدى :
بۇرادىرىم ئىسمىڭىز نېمە؟
-ئىرپان.
-ئىرپان.....دەپ ئاستا تەكرارلاپ، ئاغزى ئېچىلىپ قالغان مېهمان يىگىت ئۇنىڭغا بارلىق ئىشتىياقى بىلەن باشتىن – ئاياق قاراشقا باشلىدى – دە« ئېرپان» دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇلغانلىقىغا ھەيرانۇ-ھەۋەس بىلەن قىزىقىپ قالدى ۋە دېدى:
دوستۇم،
ئىسمىڭىزگە مەستلىكىم كېلىۋاتىدۇ. بۇ شەرەپلىك نامنى قانداق ئۇلۇغ بىر زات قويغان بولغىيدى؟
ئىرپان بىر تۈرلۈك قىزاردى ۋە كۈلدى. چۈنكى مېهمان يىگىتنىڭ سۆزلىرى ئۇنى بەك هاياجانلاندۇرغان ئىدى. بۇ چاغدا ئىرپاننىڭ قەلبىدە: بۇ ئىسىمنى قانداق زات قويغانلىقىنى سوراۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ بەلكى شۇنداق بىر زات بولسا كېرەك ... دېگەن بىرتۇيغۇ پەيدا بولماقتا ئىدى. ئۇ يىگىتكە بۆلەكلەتىن ئىلتىپات بىلەن تىكىلىپ، مۇلايىملىق بىلەن دېدى :
بۇ ئىسىمنى ئۇستازىم تەۋپىق ئەپەندىم قويۇپ قويۇۋىدى ...
مېهمان يىگىتنىڭ ئەقىل ئەينىكىدە، شۇ تاپتا، مۇشۇ ئىككى خىل ئىسىم ئۈستىدە تەپەككۇر چوغلىرى يانماقتا ئىدى.
مېهمان يىگىتنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىمۇ، سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە ۋە ئىرپاننىڭ قىياسەن تۇيغۇ تەسەۋۋۇرىغا گۇۋاهلىق بىرىپ تۇراتتى.
مېهمان ئۆزلىرى نەدىن كېلىۋاتىدىلا، ئىسىم شىرىپلىرى نېمە؟ ئىرپان سورىدى.
ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتىمەن، ئىسمىم – لۇتپۇللا.
مېهماننىڭ جاۋابى بىلەن تەڭلا ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرغان ئىرپان قولىنى سىقىپ دېدى :
سىزنىڭ قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ، داڭقىڭىزنى ئاڭلاپ، بىر كۆرۈشنى ئارزۇلاپ يۈرگەن ئىدىم. سىز بىلەن دىدار كۆرۈشكىنىمگە بەكمۇ خۇشمەن.
بۈگۈن مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال – لۇتپۇللا، بۈگۈن بەك خاسىيەتلىك بىر كۈن بولدى. لۇتپۇللا ئىرپانغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ :
قېنى يىگىت، ئەمدى بىرەر پەدە مەرىپەت مۇقامىڭىزدىن بەهرىمەن بولساق قانداق؟ دىدى.
ئىرپان دەرهاللا راۋابىنى ئېلىپ، يۇقىرى هاياجان بىلەن ناخشا باشلىدى :
زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،
باهارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
رىيازەت چەكمىگەن ئاشىق،
ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس ...
راۋاپنىڭ ساداسى ساماۋەرخانىنى چاڭ كەلتۈرۈش بىلەن قەشقەرنىڭ قەلبىنى تىترىتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
قەشقەر باهارىنىڭ گۈزەللىك پەيزىدىن هوزۇرلانغان شائىر بىر ئاز ئەهۋاللاشقاندىن كېيىن ئىرپانغا :
مەن يەر بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن كەلدىم. بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە تاققا كېتىمىز. سىزنىڭ ھەمسەپەر بولۇپ بېرىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن، قانداق خالامسىز؟ دېدى.
ئىرپان بۇ سۆزنى ئاڭلىغان هامان خۇشاللىغىدا هاياجېنىنى باسالماي قالدى. بىراق، شەمشىدىننىڭ بېشىدىكى قىيىنچىلىق، چولپانغا بولغان ئىشتىياق ئويغا سېلىپ قويدى. ئۇ، بىردەم جىم تۇرۇپ قالدى.
لۇتپۇللا ئىرپاننى«ئاتىسىنىڭ ئالدىدا تەڭقىس بولۇۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلىدى – دە، دەرهال شەمشىدىنگە ئىلتىماس قىلدى :
ئاتا، ئوغۇللىرى مەن بىلەن ھەمرا بولۇپ، سەپەر قىلىپ كەلسە قانداقراقىتمۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، كېيىنچە، توي – تۆكۈن بولۇپ قالسىمۇ پۇل كېرەكقۇ؟
« ئوغۇللىرى» « توي – تۆكۈن» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىرپان ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى. ئۇ بەك ئوڭايسىزلىنىپ، يۈزى ئېچىلمىغان قىزدەك هۈپپىدە بولۇپ، يەرگە قارىۋالدى. ئۇقۇشماستىن لۇتپۇللانىڭ ئېيتقان ئىككى سۆزى شەمشىدىنگە تېخىمۇ باشقىچە تۇيۇلدى. ئۇ:-« چولپان بىلەن ئىرپان توي تەييارلىغىدا ئىكەن – دە»دېگەنلەرنى دەرهال كۆڭلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
ئىرپان– مېنىڭ شاگىرتىم، ئەپەندىم، بېشىمغا ئەلەم – كۈلپەت كەلگەندە يېقىندىن يار-يۆلەك بولدى. ئۆز ئوغلۇمدەكلا قارىشىپ كەلدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ بالا ھەققىدىكى ياخشى نىيەتلىرىگە مەنمۇ قېتىلىمەن، ئەپەندىم، ئەمما قانداق قىلىشنى ئىرپاننىڭ ئۆزى بىر نېمە دىسۇن، دېدى شەمشىدىن.
« ئوغۇللىرى» « توي – تۆكۈن»سۆزلىرىنى دەپ قويغىنىغا لۇتپۇللانىڭ ئۆزىممۇ ئوڭايسىزلانماقتا ئىدى. ئۇ دەرهال سۆزىنى يۆتكەپ، شاگىرت ئۈچۈن ئۇستازمۇ ئاتا، بەلكى توققان ئاتىدىنمۇ قەدىرلىك ئاتا، ئىرپان ئۇزۇنغا قالمايلا قايتىپ كېلىدۇ، دىدى.
ئىرپاننىڭ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بالىخانا روجىكىدىن ئاڭلاپ تۇرغان چولپاننىڭ تاقىتى تاق بولۇپ، يۈرەكلىرى ئوت ئالماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئاهۇ كۆزلىرىدىن ياش مونچاقلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ بېشىدىكى داكا رومىلىنى چۆرۈپ تاشلىدى – دە، بالىخانا دەرىزىسىنىڭ ئىككىلا قانىتىنى ئېچىۋەتتى. قۇياشنىڭ ئالتۇن زەررىلىرى ئۇنىڭ نۇرلۇق مەڭزىدە جىلۋە قىلىپ، ئاق سۈزۈك رۇخسارىنى ئاجايىپ راۋانلاشتۇرماقتا ئىدى. ئايرىلىش ئازابىغا تاقەت قىلالمايۋاتقان بۇ ئاق كۆڭۈل قىز ئۆز ئۈمىدىنى ئىنىسى پەخرىدىننىڭ نامى ئارقىلىق دادىسى شەمشىدىنگە ئۈنلۈك ئېيتتى :
دادا، ئۇكام، ئىرپان ئاكام ماڭغۇزمايلى، دەپ يىغلاۋاتىدۇ. ئاڭلانغان بۇ يېقىملىق ئاۋاز ئىرپاننى دەرهال دەرىزىگە داخىل قىلدى – دە، مۇھەببەت نۇرى بىلەن چاقنىغان كۆزلەر ئۇچرىشىپ، ئوتلۇق ۋۇجۇتلاردا هارارەت كۈچىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. مېهماندىن ئۇيالغان هايالىق قىز هۈپپىدە قىزاردى – دە، سەرهاللا روجەكتىن يانغا داجىۋالدى.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (16-خوتەنگە قايتىش)
2010-04-13تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندى
2010-12-18