خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 2
ئالەمنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدىكى چۈشەنچە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بوشلۇق، ۋاقىت، ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئالبېرت ئېينىتېيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىزنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق ۋە ھەرىكەت توغرىسىدىكى قارىشىمىزنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. گەرچە ئېينىشتېيىننىڭ بوشلۇقنىڭ ئىگىلىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئىگىلىشى توغرىسىدىكى ئۇقۇمى 60 يىلدا ئاران ئادەتتىكى خەلقنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىڭگەن بولسىمۇ، ئەمما فىزىكا ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا بۇ ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ تارتىش كۈچىنى چۈشەندۈرۈشكە كىرىشكەنىدى.
تارتىش كۈچى بارلىق چوڭ كۆلەملىك ئالەم ھادىسىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئاسترونومىيىلىك ئكلچەمدىكى جىسىملار ئارىسىدا تارتىش كۈچى باشقا كچلەر، مەسىلەن، ماگنېت كۈچى، ستاتىك ئېلكتر كۈچىدىن كۆپ چوڭ. يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ھەدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ تۇرغىنى دەل تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت. ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى چۈشەندۈرۈشتە، تارتىش كۈچى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
ئېينىشتېين تارتىش كۈچىنىڭ بوشلۇق، ۋاقىتنى ئۇزارتىدىغانلىقى ياكى ئېگىدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ قۇياش يۈزىدىن ئۆتكەن يۇلتۇز نۇرىنى ئېگىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق بىۋاستە ئىسپاتلاشقا بولىدىغانلىقىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بەردى. يەرشارىدىن قارىغاندا، قۇياشنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئاسمان بوشلۇقى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما ئېگىلگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئېگىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئىسپاتى سائەتنى بوشلۇقتا ئۇچۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋاقىت تارتىش كۈچى يوق مۇھىتتا يەر شارى يۈزىدىكىگە قارىغاندا تېز ماڭىدۇ.
ئەگەر قۇياش بوشلۇقنى كېڭەيتەلىسە، ئۇنداقتا يۇلتۇزلار سىستېمىسىمۇ كېڭەيتەلەيدۇ. چۈنكى، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى قۇياشقا ئوخشاش نۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقان. شۇ سەۋەبتىن، ئاسترونوملار يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى بوشلۇقتا تارقىلىپ كېتىۋاتمايدۇ، بەلكى يۇلتۇزلار يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ئارىلىقتىكى بوشلۇق كېڭىيىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئەگەر يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى بوشلۇق «كېڭىيىۋاتقان» بولسا، ئۇنداقتا، ھەربىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان يېرىمۇ كۈنسېرى چوڭىيىۋاتقان بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيقاندا، ئالەم كېڭىيىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم سىرتقى مۇھىتتىكى ۋاكۇئۇم ئىچىگىمۇ كېڭىيىشىنىڭ لازىمى يوق.
ناھايىتى ئېنىقكى، ئالەم بارغانسېرى يوغىناۋاتقان ئىكەن، ئۇنداقتا، ئۇ ئىلگىرى جەزمەن ھازىرقىدىن كىچىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە نۆۋەتتىكى مۇشۇنداق كېڭىيىش سۈرئىتىدە كېڭەيگەن بولسا، ئۇنداقتا، 20 مىليارد ياكى 30 مىليارد يىل ئىلگىرى، كۆزىتىشكە بولىدىغان پۈتكۈل ئالەم بىزگە تولىمۇ ناتونۇش بىر كىچىك شار ئىچىگە سىغىپ كېتەر ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىز ھەرقانداق ئاسمان جىسمىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن بولار ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە، ئاسترونوملار ئالەمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى ئاللىقاچان بايقىدى، بۇ، ئۇ خىل يۇقىرى دەرىجىدە قىسىلغان ھالەت ئەمەلىيەتتە سەل بۇرۇنقى چاغلاردا، يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 15 مىليارد ياكى 20 مىليارد يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن، دېگەنلىكتۇر. ئۇ چاغلاردىكى كېڭىيىش سۈرئىتى ھازىرقىدىن كۆپ تېز بولغانلىقتىن، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئاستا-ئاستا كېڭىيىش ھالىتىدە بولماستىن، بەلكى پاتلىغاندەك ھالەتتە تارقالغان.
بەزىدە كىشىلەر، بىز بۈگۈنكى كۈندە تونۇپ يەتكەن ئالەم دەسلەپتە بىرخىل ئىپتىدائىي «تۇخۇم»نىڭ پارتلىشىدىن شەكىللەنگەن، ھەرقايسى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ئاشۇ پارتلاشتىن ھاسىل بولغان پارچىلاردىن ئىبارەت، بۇ پارچىلار ھازىرمۇ يەنىلا بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرمەكتە، دېيىشىدۇ. بۇ مەنزىرە بەزى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بەكمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئەمما بەزىدە ئادەمنى يەنە خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ. ئاشۇ پارتلىغان نەرسىنىڭ تارايغان ھالەتتە تۇرغانلىقى، بوشلۇقنىڭ تارايغان ھالەتتە تۇرغانلىقىدىندۇر. «تۇخۇم» ۋاكۇئۇم ئىچىگە ئورىلىپ تۇرغان دېگەن قاراش خاتا. تۇخۇمنىڭ شاكىلى، سېرىقى (يادروسى) بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاسترونوملار بولسا ئالەمنىڭ ھەم چېتى ياكى شاكىلى يوق، ھەم ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ھەرقانداق مەركىزىمۇ يوق، دەپ قارايدۇ.
بىز ھازىر «چەكسىز» دېگەن بۇ سىرلىق مەسىلىگە چېتىلىپ قالدۇق. بىپەرۋا كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلە قىلتاق بىلەن تولغان. بۇ مەسىلە كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى مۇھاكىمە قىلىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىلىم-پەن ۋە دىن تۈرىدىكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسىي تېمىمىزدىن چەتنەپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىش يەنىلا ئەرزىيدۇ.
ئالىملار ئۇزاقتىن بۇيان، ئۆزلىرىنىڭ چەكسىزلىك توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى پۇختا يەكۈن چىقىرىدىغان ماتېماتىكىلىق باسقۇچ ئۈستىگە بەرپا قىلىش زۆرۈر دەپ قاراپ كەلدى. چۈنكى، چەكسىزلىكنى ئۆلچەش خىلمۇخىل سەپسەتىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، بىز ئېلېيالىق زېنون (مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 5- ئەسىردە ئۆتكەن، قەدىمكى گرىتسىيىلىك ئىدېئالىزمچى پەيلاسوپ) ئوتتۇرىغا قويغان «توشقان بىلەن تاشپاقا» توغرىسىدىكى داڭلىق سەپسەتىنى ئويلاپ كۆرەيلى. بىر قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، دەسلەپتە تاشپاقا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئەمما توشقان تېز يۈگۈرگەچكە، ناھايىتى تېزلا تاشپاقىغا يېتىشىۋاپتۇ. ئېنىقكى، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى داۋامىدىكى ھەربىر پەيتتە، توشقان بىلەن تاشپاقا ئۆز ئالدىغا بىردىن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر بۆلەك ۋاقىت، يەنى پەيت سانى تەڭ ۋاقىت ئىچىدە يۈگۈرىدىغانلىقتىن، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇلار بېسىپ ئۆتىدىغان بۆلەكلەر ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما توشقان تاشپاقىغا يېتىشىۋالماقچى بولسا، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ يىراق ئارىلىقنى يۈگۈرۈپ بولۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ كۆپ بۆلەكلەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ.ئۇ ھالدا توشقان قانداقسىگە تاشپاقىغا يېتىشىۋالالايدۇ؟
بۇ سەپسەتە زېنوننىڭ نامىدىكى بىر قانچە سەپسەتىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ سەپسەتىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چەكسىزلىك ئۇقۇمىنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇبادا ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنى چەكسىز بۆلۈشكە بولسا، ئۇنداقتا، توشقان بىلەن تاشپاقا چەكسىز بۆلەك ۋاقىت، بوشلۇقتا يۈگۈرۈشى كېرەك. بۇ يەردە، «چەكسىز»نىڭ ئاچقۇچى شۇكى، چەكسىزنىڭ بىر بۆلىكى چەكسىزنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. گەرچە تاشپاقا يۈگۈرىدىغان يول توشقاننىڭكىدىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما تاشپاقا بېسىپ ئۆتىدىغان يول بۆلەكلىرى توشقاننىڭكىگە ئوخشاش كۆپ (يەنى چەكسىز) بولىدۇ، ئەمما بىزگە مەلۇمكى، توشقان تاشپاقا بېسىپ ئۆتكەن يول بۆلىكىنى بېسىپ ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىمۇ كۆپ يول بۆلەكلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ!
چەكسىزلىك مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش مۇشۇ تۈردىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئالىملار چەكسىزلىك مەسىلىسىنىڭ پرىنسىپىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئەسىر ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەنتىقىلىق دەلىللەش ئېلىپ باردى. ئاجايىپ يېرى شۇكى، ئالەمدىكى چەكسىزلىك بىرخىللا ئەمەس. نەرسىلەرنىڭ چەكسىزلىكى بولىدۇ، بۇنىڭغا پۈتۈن سان (1،2،3 ......چەكسىز چوڭ)نى ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ، يەنە بىرخىل تېخىمۇ چوڭ چەكسىزلىك بولۇپ، ئۇنى بارلىق پۈتۈن سان بىلەنمۇ ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.