بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 7

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-25 13:30:03

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بۇ پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئاقىلانە ۋە ئىشىنەرلىك نۇتىقى بارلىق تارتىش – تارتىشنى بىردىنلا جىمىقتۇرۇۋەتتى. گېنېرالنىڭ ئېيتقىنى ناھايىتى توغرا ئىدى. بۇ پاراسەتلىك كىشىنىڭ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    بۇ پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئاقىلانە ۋە ئىشىنەرلىك نۇتىقى بارلىق تارتىش – تارتىشنى بىردىنلا جىمىقتۇرۇۋەتتى. گېنېرالنىڭ ئېيتقىنى ناھايىتى توغرا ئىدى. بۇ پاراسەتلىك كىشىنىڭ ياخشى مەسلىھەتى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى. ۋەلىي مىننەتدارلىق بىلەن جانابىي روۋرىنىڭ قولىنى قىستى ۋە بۇ باتۇر گېنېرالنىڭ مەسلىھەتى گەرچە بۇيرۇق تەرىقىسىدە بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئۇلۇغۋار ياردەم، قىممەتلىك مەسلىھەت دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قالغان مۇستەملىكىچىلەر گېنېرال تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنى دەرھال ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشتى.

    پەقەت بىر – بىرىگە دۈشمەن بولغان ئىككى كېڭەشنىڭ ئىككى ۋەكىلى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇلار ئۆز ئورۇنلىرىدا جىم ئولتۇرۇپ «بۇ ھۆكۈمەت ئىشىغا چات كىرىۋېلىش»، «ئويلىماي قارار چىقىرىش»، «بۇ قالتىس نازۇك ئىش» دىيىشىپ، غۇدۇڭشىپ قېلىشتى.

    مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جانابىي دې بلانىشلاندتىن تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكۈن بۇيرۇقنى ئالدىم – دە، ئۆز ئەسكەرلىرىمنى باشلاپ، دەرھال ئاكيۇلغا قايتىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم. مەندىن باشقا ھەممىسى ناھايىتى چارچىغان ئىدى، مەن تېخى تىمەن ئىدىم.

     

    تاڭ يورۇشقا باشلىدى. مەن مەشق مەيدانىغا بېرىپ، يېشىل ۋە قىزىل كىيىملىك چەۋەزندازلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۇخلاۋاتقان ئۆز ئەسكەرلىرىمنى ئويغىتىشقا كىرىشتىم. بۇ يەردە شەھەر ئەتراپىدىن قېچىپ يۈرگەن مۇستەملىكىچىلەر ھەرخىل يۈك – تاقىلىرى ۋە مال – ۋارانلىرى ئارىسىدا ئۇخلىشىۋاتاتتى. مال – ۋارانلار مەرىشىپ – مۆرىشىپ تۇراتتى.

    شاۋقۇن – سۈرەن ئىچىدە ئۆز ئەسكەرلىرىمنى بىر – بىرلەپ ئويغىتىپ بىر جايغا توپلاۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز بىر يېشىل كىيىملىك چەۋەندازنىڭ بىزگە قاراپ بولۇشىچە ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمگەن، ئۈستى – بېشى توپا – چاڭغا كۆمۈلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئۇنىڭ ھاسىراپ تۇرۇپ ئېيتقان بىرنەچچە ئېغىز سۆزىدىن شۇنداق بىر دەھشەتنى چۈشەندىمكى، مېنىڭ ئەندىشىلىرىم ئورۇنلۇق بولۇپ چىقتى: قوزغىلاڭ ئاكيۇل ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەن. نېگىرلار گالېفى پورتىنى قورشىۋالغان. پىدائىيلار بىلەن مۇستەملىكىچىلەر بۇ يەردە سولىنىپ قالغان. سىلەرگە شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، گالېفى پورتى ئەتراپىغا سوقۇلغان سېپىل ئۇنى زادىلا قوغداپ قالالمايتتى. سان – دومىنگودا ھەربىر توپىلىك «پورت» دەپ ئاتىلاتتى.

    دىمەك، بىر مىنۇتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزۈشكە بولمايتتى. مەن ئەسكەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاتلاندۇردۇم (ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئاتلارمۇ تېپىلغان ئىدى) ۋە ئاتلارنى يۇرتۇپ، ئەتىگەن سائەت ئوندا تاغامنىڭ يەر – مۈلكىگە يېتىپ كەلدۇق.

    كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالدىم: پايانسىز مۇنبەت ئېتىزلار چەكسىز ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان، قويۇق ئىس پۈتۈن يەر – جاھاننى قاپلاپ كەتكەن، ئىگىز دەرەخلەر تاكى ئۇچىغىچە چۇچۇلا بولۇپ كۆيۈپ، ئوت ئۇچقۇنلىرى شامالدا پۈتۈن ئەتراپقا ئۇچقۇن چاچماقتا ئىدى. يانغىننىڭ دەھشەتلىك گۈركىرىشى، پاراسلىغان ئاۋازلار گويا ئۇزاق سەپەرگە كېتىۋاتقان نېگىرلار توپىنىڭ ھۆكىرىگەن ئاۋازىدەك تۇيۇلاتتى. گەرچە بىز ئۇلارنى كۆرمىگەن بولساقمۇ، ئۇلار بۇ يەرلەرنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى. ماڭا تەئەللۇق مال – دۇنيانىڭ ۋەيران بولغانلىقى زادىلا خىيالىمغا كىرىپ چىققىنى يوق. مېنىڭ پىكىرىمنى پەقەت بىرلا نەرسە ئىگەللىگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مارىنى قۇتقۇزۇش، نىمە بولسا بولسۇن، مارىنى قۇتقۇزۇۋالالىساملا بولاتتى. مەن ئۇنىڭ پورتتا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشقا نىسىپ قىلىشنى خۇدادىن تىلەپ يولغا راۋان بولدۇم. ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈمىدى مېنىڭ ئەندىشىلىك كۆڭلۈمگە مەدەت بېرىپ، ماڭا خۇددى شىردەك كۈچ – غەيرەت بېغىشلىدى.

    ناھايەت، يولنىڭ بۇرۇلۇشىدىن ئۆتكەندە گالېفى پورتى كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۈچ خىل رەڭلىك بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. پورتنىڭ تاملىرى مىلتىق ئوقلىرىدىن ئۆتمە – تۆشۈك بولۇپ كەتكەن. مەن خۇشاللىقىمدىن ۋارقىرىۋەتتىم، «ئاتلار چاپتۇرۇلسۇن!»، «تىزگىنىنى قويۇۋېتىپ ئاتلارنى دىۋىتىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدىم يولداشلىرىمغا.

    بىز ئېتىزلار ئارقىلىق ئاتلارنى بولۇشىغا چاپتۇرۇپ، پورتقا قاراپ ماڭدۇق. ئېتىزلىقلارنىڭ بىر چېتىدە تاغامنىڭ ئۆيى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۆي تېخى تامامەن بۇزۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىپ – قىزىل يانغىن شولىسىدا پارقىراپ تۇراتتى. ئىشىك – دېرىزىلىرى بۇزۇلغان ئىدى.

    شامال دېڭىز تەرەپتىن ئۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆي ئېتىزدىن چەترەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆيگە ئوت يېتىپ كېلەلمىگەن ئىدى.

    ئۆيدە ئىستىھكام قۇرۇۋالغان نۇرغۇن نېگىرلار ھەممە دەرىزىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بەزىلىرى ئۆگزىگە چىقىۋېلىشقان. يانغىن شولىسىدا پالتا، جوتۇ، نەيزىلەر پارقىراپ كۆرۈنەتتى. پۈتۈن ئەتراپتىن مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى – نېگىرلار پورتقا قارىتىپ توختىماي ئوق ئېتىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇلاردىن پورتنى قورشاپ تۇرغان بىر قىسمى تاملارغا يامىشىپ كۆرۈپ، چىقالمىغاندىن كېيىن، شوتىلارنى قويۇپ، ئۆمىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. سېرىق توپىلىق تاملارغا يامىشىپ چىقىۋاتقان نېگىرلار يىراقتىن خۇددى تاشپاقىغا ئولاشقان چۆمۈلىلەرگە ئوخشاش كۆرۈنەتتى. قارىماققا، بىردەك قىمىرلاۋاتقان بۇ «چۈمۈلە» لەر بىر ئامال قىلىپ ئۇنى تەۋرىتىشى، زىلزىلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى.

    مانا، بىز پورت ئەتراپىدىكى بىرىنچى تۆپىلىككە يېتىپ كەلدۇق. مەن پورت ئۈستىدە لەپىلدەپ تۇرغان بايراقتىن كۆزۈمنى ئۈزمىدىم ۋە ئۆز ئەسكەرلىرىمگە مۇھاسىرىدە قالغان ئائىلىنى قۇتۇلدۇرۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رىغبەتلەندۈردۈم. ئەسكەرلەر مېنىڭ سۆزۈمگە بىر ئېغىزدىن قوشۇلۇپ ۋارقىراپ جاۋاب بېرىشتى. مەن ئۆزەمنىڭ بۇ كىچىك ئەترىتىمدىن سەپكە تۇرغۇزۇپ پورتنى قورشىۋالغان نېگىرلار توپىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سىگنال بېرىشكە تەييارلاندىم.

    شۇ پەيتتە پورت ئىچىدىن دەھشەتلىك چىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى: پۈتۈن قورغاننى قويۇق ئىس – تۈتەك قاپلىدى. بۇقسۇپ چىققان تۈتۈن بىرئاز ۋاقىت تامنى تورىۋالدى ۋە خۇددى چوڭ مەشتە ئوت كۆيۈۋاتقاندەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. تۈتۈن تارالغاندىن كېيىن بىز گالېفى پورتى ئۈستىدە قىزىل بايراقنىڭ لەپىلدەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدۇق! ئەمدى ھەممە ئىش تۈگىگەن ئىدى.

     

    بۇ پاجىئەلىك كۆرۈنۈش مېنى قانداق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. پورت قولدىن كەتكەن. ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى مەغلۇپ بولغان. يىگىرمە ئائىلىلىك بوغۇزلاپ تاشلانغان ئىدى! ئەمما، ئوچۇغىنى ئېيتسام، بۇ بالا – قازالار ماڭا قىلچە تەسىر قىلمىدى. پەقەت مارىنى يوقىتىش مەن ئۈچۈن ئازاپ ئىدى! ماڭا بەكمۇ ئەلەم قىلغىنى شۇ ئىشكى، مەن مارى بىلەن توي قىلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە سائەت ئۆتە – ئۆتمەيلا ئۇنى يوقىتىپ قويغان ئىدىم! ئۇنى يوقىتىپ قويۇشقا ئۆزەم سەۋەپچى بولدۇم، ئەگەر مەن ئۆتكەن كېچە تاغامنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مارىنى تاشلاپ كاپقا كەتمىگەن بولسام، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى ساقلاپ قالالايتتىم، ھېچبولمىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن بولاتتىم ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولاتتىم – دە، بۇنداق ھىجرانغا يولۇقماس ئىدىم! بۇ ئاچچىق ھەسرەت مېنى ھوشۇمدىن كەتكۈزدى. قايغۇ – ئەلىمىمگە ۋىجدان ئازابى كېلىپ قوشۇلدى.

    شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزەپلەنگەن يولداشلىرىم شىددەت بىلەن «ئىنتىقام! ئىنتىقام!» دەپ ۋارقىراشتى. بىز قىلىچلىرىمىزنى چىشلەپ، تاپانچىلىرىمىزنى قولغا ئېلىپ، غەلىبە قازانغان توپىلاڭچىلار توپىغا قاراپ ئېتىلدۇق. گەرچە نېگىرلار بىزگە قارىغاندا خېلى نۇرغۇن بولسىمۇ، بىز يېقىنلاپ كېلىشىمىز بىلەنلا قېچىشقا باشلىدى. شۇندق بولسىمۇ، بىز ھەممە تەرەپتىن – ئارقىمىزدىمۇ، ئالدىمىزدىمۇ ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىكلەرنى قىرىپ، پورتنى كۆيدۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. بۇ رەزىللىك ئالدىدا غەزىپىمىز تېخىمۇ ئۆرلىدى.

    پورتتىن چىقىدىغان مەخپىي ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، تادې يولۇقتى، ئۇ تامامەن يارىلانغان ئىدى.

    جانابىي كاپىتان، - دىدى ئۇ، - ھېلىقى پيېرو دىگەن ھەقىقىي جادىگەر، سېھرىگەر ئىكەن. ئۇ نەق شەيتاننىڭ ئۆزى ئىكەن! بىز پورتنى جان تىكىپ مۇداپىئە قىلدۇق – دە، سىلەر ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولساڭلار، بەلكى، قۇتۇلۇپ قالاتتۇق، تۇيۇقسىز پيېرو پورتتا پەيدا بولۇپ قالدى. نىمە بولغىنىنى بىلمەي قالدىم، كۆردىڭىزمۇ، پۇرسەت قولدىن كەتتى! سىزنىڭ تاغىڭىز، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە مارى خېنىم....

    مارى! – دەپ ۋارقىراپ سالدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، - مارى قەيەردە؟

    شۇ ئەسنادا كۆيۈۋاتقان قاشا تەرەپتىن ئېگىز بويلۇق بىر نېگىر يۈگۈرۈپ چىقتى، ئۇ بىر قولىدا ياش ئايالىنى يېتىلەپ كېتىۋاتاتتى. ئايال بولسا ۋارقىراپ تارتىشىپ تۇراتتى. بۇ ياش ئايال مارى، نېگىر بولسا پيېرو ئىدى!

    خائىن! – دەپ ۋارقىرىدىم مەن ۋە ناگاننى ئۇنىڭغا قاراتتىم. شۇ پەيتتە بىر قوزغىلاڭچى يۈگۈرۈپ كېلىپ پيېرونى توسىۋالدى. ئوق ئۇنى يىقىتتى. پيېرو ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى – دە، بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىغاندەك بولدى. كېيىن ئولجىسىنى يېتىلەپ، كۆيۈۋاتقان شىكەر قومۇشلۇققا كىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چوڭ بىر ئىت ئاغزىدا بۆشۈكنى چىشلەپ، يۈگۈرگەن پېتى قومۇشلۇققا كىرىپ كەتتى. بۇ بۆشۈكتە تاغامنىڭ بوۋاق ئوغلى بۆلەكلىك ئىدى. مەن ئىتنىمۇ تونىدىم. بۇ ئاشۇ راسك ئىدى! دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىككىنچى قېتىم ئوق ئۈزدۈم، ئەپسۇسكى، ئوق تەگمىدى.

    مەن ئۆزەمنى يوقاتقان ھالدا ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدىم. لېكىن، ئىككى كېچە ئۇيقۇسىز، ئاچ – زارىن يۈگۈرۈپ يۈرۈش، مارىنىڭ قايغۇسى، ئەمدىلا يېتىشكەن بەختتىن بىردىنلا بەختسىزلىككە دۇچ كېلىش نەتىجىسىدە تارتقان چەكسىز روھىي ئازاپ مېنىڭ دەرمانىمنى قۇرۇتقان ئىدى! مەن ھەم روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق ھالسىزلانغان ئىدىم، بىر نەچچە قەدەمدىن كېيىن دەلدەڭشىپ، كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى – دە، بىھۇش بولۇپ يىقىلدىم!

     

    مەن تاغامنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيىدە، ساىق دوستۇم تادېنىڭ قولىدا ھوشۇمغا كەلدىم. تادې بىئارام بولۇپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.

    - غەلىتە! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ مېنىڭ نەپەس ئېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، - نېگىرلار قاچماقتا، كاپىتان ھايات!

    مەن ئۇنىڭ بۇ خۇشال ۋارقىرىشىنى بۆلۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:

    مارى قەيەردە!

    مەن تېخى پۈتۈنلەي ئۆزەمگە كېلەلمىگەن ئىدىم. ئاز – تولا ھوشۇم بولسىمۇ، لېكىن بېشىمغا چۈشكەن بۇ چوڭ كۈلپەتنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. تادې بېشىنى تۆۋەن ئەگدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى ئېسىمگە چۈشۈردى: مەن تويىمىز بولغان ئاشۇ دەھشەتلىك كېچىنى، مارىنى قۇچاقلاپ ئوت دېڭىزى ئىچىگە ئەكىرىپ كەتكەن ھېلىقى ئېگىز بويلۇق نېگىرنى ئەسلىدىم. كۆز ئالدىمدا مۇدھىش بىر مەنزىرە گەۋدىلەندى.

    پۈتۈن مۇستەملىكىنى ئوت يانغىنىغا ئايلاندۇرۇپ، بىردىنلا پارتلاپ چىققان ۋە ئاق تەنلىكلەرگە ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بۇ مۇدھىش قۇللار دۇنياسى ئىچىدە مەن ئۈچ قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئاشۇ ئالىيجاناپ، ئاقكۆڭۈل ھەم سەمىمىي پيېرونى كۆردۈم، ئۇ ماڭا ئەمدى ئەشەددىي خائىن، ياۋۇز رەقىپ ئىدى، تويىمىز بولغان بىرىنچى كېچىسىلا سۆيۈملۈك رەپىقەمنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلىشى ماڭا شۇ نەرسىنى ئسىپاتلاپ كۆرسەتتىكى، مەن ئۆتكەندە گۇمانلانغان ئورمانلىقتىكى ناخشىچى باشقا بىرسى بولماستىن، بەلكى دەل مارىنى ئوغرىلاپ قاچقان ئاشۇ رەزىل نېگىر ئىدى. مەن بۇنىڭغا ئەمدى جەزمەن ئىشەندىم.

    بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نىمە دىگەن چوڭ ئۆزگىرىش بولغان – ھە؟

    تادې ماڭا پيېرونى ۋە ھېلىقى ئىتنى قوغلاپ بارغانلىقىنى، لېكىن بۇ بىكار ئاۋارىچىلىق بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، گەرچە نېگىرلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار مېنىڭ ئەترىتىمنى ھېچ قىينالماستىن يوقىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى، بىزنىڭ يەر – زىمىنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇلغانلىقىنى، يانغىن ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئوتنى ئۆچۈرۈشنىڭ زادىلا ئامالى بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

    مېنى تاغامنىڭ ياتىقىغا باشلاپ كېلىشكەندە، تادېدىن: تاغامنىڭ نېمە بولغانلىقى ھەققىدە بىرەر خەۋەر بارمۇ؟ دەپ سورىدىم. تادې ئۈندىمەستىن قولۇمدىن يېتىلەپ تاغامنىڭ كارىۋىتى ئالدىغا باشلاپ كەلدى – دە، كارىۋاتتىكى پاشىلىقنى قايرىدى، شور پېشانە تاغام قىپ – قىزىل قانغا بويالغان كۆرپە – تۆشەك ئۈستىدە ئۆلۈك ياتاتتى. ئۇنىڭ كۆكرىكىدە يۈرىكىگە سانجىلغان خەنجەر تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەملىكتىن قارىغاندا، تاغامنىڭ ئۇخلاۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دائىم تاغامنىڭ كارىۋىتى تۈۋىدە ياتىدىغان چاكار خەبىبرانىڭ ئورۇن – كۆرپىلىرىمۇ قىپ – قىزىل قانغا بويالغان ئىدى. بۇ بىچارە چاكارنىڭ كارىۋات يېنىغا تاشلاپ قويۇلغان ئالا – بالداق كەمزۇلىدىمۇ قان داغلىرى بار ئىدى.

    تاغامنىڭ بۇ داڭلىق چاكىرىنىڭ ئۆز خوجايىنىنى ساداقەتلىك بىلەن قوغداش يولىدا قۇربان بولغانلىقىغا، ئۇنى باشقا قۇللار كېلىپ، تاغامنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىگە شۈبھىلەنمىدىم.

    مەن خەبىبرا بىلەن پيېرونىڭ – بۇ ئىككىيلەننىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن خاتا ھۆكۈم چىقارغانلىقىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. ۋاقىتسىز قۇربان بولغان تاغام ئۈچۈن ئاچچىق يىغلىدىم. تاغامنىڭ سادىق قۇلى – بىچارە مەسخىرىۋاز خەبىبرانىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ كۆز ياش قىلدىم. خەبىبرانىڭ جەسىتىنى تېپىش توغرىلىق بۇيرۇق بەردىم، لېكىن ئۇنىڭ جەسىتىنى تېپىشالمىدى. شۇندىن كېيىن، نېگىرلار خەبىبرانىڭ جەسىتىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۋەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، تاغامنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سادىق چاكىرى – خەبىبراغىمۇ ماتەم بىلدۈرۈش توغرىسىدا بويرۇق بەردىم.

     

    گالېفى پورتى خانىۋەيران قىلىنغان، بىزنىڭ قورا – جايلىرىمىزدىنمۇ ھېچنەرسە قالمىغان ئىدى. بۇ خارابلىق ئىچىدە داۋاملىق تۇرۇۋېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ ئاخشىمىلا بىز كاپقا قايتىپ كەتتۇق.

    بۇ يەردە مەن قاتتىق بەزگەك بولۇپ قالدىم. بۇ خەۋپلىك كېسەل جېنىمغا تىكىلىپ كەلگەن ئىدى. مەن ھاياتىمدىن ئۈمىد ئۈزمەي، كېسەلگە قارشى چىقداملىق بىلەن كۈرەش قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر كەلگەن بۇ كېسەل مېنى ھالدىن كەتكۈزۈپ، ئۆز چاڭگىلىغا ئالدى. مەن قاتتىق تىترەك ئىچىدە ھوشۇمدىن كېتىپ يىقىلدىم. تەلەينىڭ ئالداپ كېتىشى، ۋىسالسىز مۇھەببەت، دوستنىڭ ۋاپاسىزلىقى، ئىستىقبال، ئارزۇ – ئۈمىدنىڭ بەربات بولۇشى ۋە ھەممىدىنمۇ رەشىك ئازابى قەلبىمنى پەرىشان قىلىۋەتكەن ئىدى! پۈتۈن بەدىنىمدە گويا ئوت كۆيۈۋاتقاندەك، مېڭەم ھېلىلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئىدى. يۈرۈگۈم ئاچچىق غەزەپ ۋە ھەسرەت بىلەن تىنىمسىز ئۇرۇپ تۇراتتى. مارىنىڭ يات ئادەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولغان پيېرونىڭ ئەمدى ئۇنىڭغا خوجايىن بولۇپ تۇرغانلىقى كۆز ئالدىمغا كەلگەندە، ئۆز خۇدۇمنى بىلمەي قالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا مېنىڭ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، بېشىمنى تامغا ئۇرماقچى بولغانلىقىمنى ۋە ئالتە ئادەمنىڭ مېنى ئارانلا تۇتۇۋېلىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغانلىقىنى كېيىنچە باشقىلار ماڭا سۆزلەپ بەردى. ئىسسىت، نېمىشقا شۇ چاغدا ئۆلۈپ كەتمىگەن بولغىيتتىم!

    ئەمما، كېسەلنىڭ خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى. دوختۇرلارنىڭ داۋالىشى، تادېنىڭ ياخشى غەمخورلۇقى ۋە ياشلىقنىڭ ئاجايىپ ھاياتىي كۈچى ماڭا كۈتكىنىمدەك ئۆلۈمنى سوۋغا قىلىدىغان بۇ دەھشەتلىك كېسەلنى يەڭدى. ئون كۈندىن كېيىن مەن تامامەن ساقىيىپ كەتتىم ۋە ساقايغىنىمغا ئەپسۇسلانمىدىم. چۈنكى، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆمۈر كۆرۈدىغانلىقىمغا خوشال ئىدىم. كېسەلدىن ساقىيىپ، بىرئاز قانداقتۇ بىر قورغاننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرماقچى بولدى. ئەمما مەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىدىغان پىدائىيلارغا قوشۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلدىم.

    كاپ خېلىلا مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن قوزغىلاڭ بارغانسېرى قورقۇنچلۇق ھالدا كېڭەيتمەكتە ئىدى. پورت – ئوپرېنىسدىكى نېگىرلار ئارىسىدا تەۋرىنىش پەيدا بولدى. بىئاسۇ لىمبېي، دوندون ۋە ئاكيۇلدىكى قۇللارغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. ژان فرانسۇئا ئۆزىنى مارىبارۇ ۋادىسىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ باش قوماندانى، دەپ ئېلان قىلدى. بۇكمان بولسا، ئۆز شايكىلىرى بىلەن لىمونادې دەرياسى ۋادىسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ئىدى (ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى). بۇنىڭ ئۈستىگە، قىزىل تاغ قۇللىرىنىڭ قوزغىلاڭچى باندىسى بيۇگ – ژارگال دىگەن قانداقتۇ بىر نېگىرنى ئۆزلىرىنىڭ داھىيىسى قىلىپ سايلىۋېلىشقان.

    بۇ داھىينىڭ مىجەزى باشقا قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنىڭ زالىم تەبىئىتىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەن، دىگەن گەپ – سۆزلەر تارالغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بىئاسۇ ۋە بۇكمانغا ئوخشاش قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى قولغا چۈشكەن مىڭلىغان ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسا، بيۇگ – ژارگال ئاق تەنلىك ئەسىرلەرگە ئارالدىن كېتىش ئىمكانىيىتىنى تۇغدۇرۇپ بەرگەن. بۇكمان ۋە بىئاسۇلار دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئىسپانىيە كېمىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئارالدىن قېچىپ كەتكەن بەختسىز ئاھالىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، بيۇگ – ژارگال بۇ قاراقچىلار كېمىسىدىن بىر نەچچىنى غەرق قىلىۋەتكەن. بۇكماننىڭ بويرۇقى بىلەن قىيناش چىغرىقىغا باغلانغان جانابى كلوددىي – مېنيې باشلىق يەنە نەپەر مۇستەملىكىچىسى بيۇگ – ژارگالنىڭ بويرۇقى بىلەن قىيناقتىن ئازاد قىلىنغان. بيۇگ – ژارگالنىڭ مۇنداق ئادالەتلىك ھەركىتىنى ئىسپاتلايدىغان مىڭلاپ ھادىسىلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنى بىر – بىرلەپ ساناپ چىقىش ئۈچۈن خېلى ۋاقىت كەتكەن بولاتتى. 

    مەندىكى ئىنتىقام ئېلىش ئۈمىدى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى: مەن پيېرو ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان ئىدىم. بىئاسۇ قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار كاپنى مالىمان قىلماقتا ئىدى. بىر قېتىم ئۇلار كاپنىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدىغان ئېگىزلىكنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن قورغاندىكى چوڭ زەمبىرەكلەر ئۇلارنى ناھايىتى تەسلىكتە چېكىندۈرگەن. ۋالىي ئۇلارنى ئارالنىڭ ئىچكى قىسمىدىن قىستاشنى قارار قىلدى. ئاكيۇل، لىمبېي، ئۇئانامېنت ۋە مارىبارو پىدائىيلىرى، كاپ پولىكى ۋە قەيسەر يېشىل – قىزىل كىيىملىك چەۋەندازلاردىن تەركىپ تاپقان ھەرىكەتچان ئارمىيە تەشكىل قىلىندى. دوندون ۋە كاتې دوفېن پىدائىيلىرى پونىسنئون قوماندانلىقىدىكى پىدائىيلار روتىسى بىلەن تولۇقلىنىپ، ئۇلاردىن شەھەر گارنىزونى تۈزۈلدى.

    ۋالىي ھەممىدىن ئاۋۋال بيۇگ – ژارگال قىسىملىرىدىن قۇتۇلماقچى بولدى. ئۇنىڭ ھۇجۇمى ۋالىنى بەكمۇ تەشۋىشلەندۈرەتتى. ئۇ بيۇگ – ژارگال قىسىملىرىغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇئانامېنت پىدائىيلىرى بىلەن بىركاپ باتالىيونىنى ئەۋەتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ قوشۇن تارماق چولۇپ قايتىپ كەلدى. ۋالىي بيۇگ – ژارگال قىسىملىرىنى يوقىتىش ئارزۇسىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلگەن قوشۇننى ئەللىك نەپەر يېشىل كىيىنلىك چەۋەنداز ۋە تۆت يۈز پىدائىي بىلەن تولۇقلاپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە جەڭگە تاشلىدى. بيۇگ – ژارگال ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇشقان بۇ قوشۇننى ئاۋۋالقىدىنمۇ ئېغىرراق تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، كۇكۇم – تالقان قىلىۋەتتى. بۇ ئارمىيە تەركىبىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان تادې ناھايىتى غەزەپلەنگەن ئىدى. ئۇ قايتىپ كېلىپ، بيۇگ – ژارگالدىن چوقۇم ئۆچ ئېلىشقا قەسەم ئىچتى.

    دې ئوۋېرنەنىڭ كۆزى لىققىدە ياشقا تولدى. ئۇ ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ، بىرنەچچە مىنۇت جىم بولۇپ قالدى. ئۇ ئېغىر خىياللارغا چۆككەن ئىدى. ئاندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:

     

    «بىز، بيۇگ – ژارگال قىزىل تاغنى تاشلاپ، قوشۇنلىرىنى ئېلىپ تاغ ئىچى بىلەن بىئاسۇ ئارمىيىسىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن كېتىپتۇ، دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىدۇق، ۋالىي خۇشاللىقىدىن ئولتۇرالماي كەتتى. «ئۇ ئەمدىن بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!» دەيتتى چاۋاك چېلىپ، ئىككىنچى كۈنى مۇستەملىكە ئارمىيىسى كاپتىن چىقىپ يولغا راۋان بولدى. شەھەردىن بىر چاقىرىم نېرىدا بىزنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىمىز بىلەن ئالدىراپ – تېنەپ پورت مارگو ۋە پورت گالېفىنى تاشلاپ چىققان قوزغىلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدۇق. بۇ ئورۇنلاردىكى قوزغىلاڭچىلار قىرغاكتىكى توپچى قىسىمدىن غەنىيمەت ئالغان ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر قىسىم مۇھاپىزەتچىلەرنى قالدۇرۇپ، قالغان ئەترەتلىرى بىلەن تاغقا چېكىنگەن ئىكەن. ۋالىي تېخىمۇ خۇشال بولدى. بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدۇق. ۋەيران بولغان ۋە ھوۋۇلداپ تۇرغان ۋادىلاردىن ئۆتۈۋېتىپ، ھەممىمىز ئۆز ئېتىزلىرىمىزغا، ئۆي – جايلىرىمىزغا ۋە مال – مۈلۈكلىرىمىزگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر نەزەر تاشلاپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق. لېكىن ھە دېگەندە، بۇ نەرسىلىرىمىزنىڭ بۇرۇن قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتتۇق.

    بەزىدە يول بويى چوڭ يانغىنغا دۇچ كېلەتتۇق. ھوسۇللۇق ئېتىزلاردا كۆيۈۋاتقان ئوت ئورمان – توقايلىقلارغا تۇتاشقان ئىدى. مۇنبەت تۇپراقتا، قېلىن ئوت – چۆپلەرگە باي بولغان بۇ ئەلدە ئورماننىڭ كۆيۈشى ئاجايىپ ھادىسە بولۇپ كۆرۈنەتتى – يىراقتىن ياكى كۆز يەتكۈدەك يېقىن جايلاردىن ھەيۋەتلىك شارقىراتمىنىڭ گۈرۈلدىگىنىدەك دەھشەتلىك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئېگىز دەرەخ ۋە شاخ – پۇتاقلارنىڭ گۈلدۈرلەپ ئۇرۇلۇشى، پاراسلاپ كۆيۈشى، يىلتىزلارنىڭ يەرنى قومۇرۇپ ئۈزۈلۈشىدىن چىققان قورقۇنچلۇق ئاۋازلار بەكمۇ ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئېگىز ئوت – چۆپلەر ۋاشىلداپ كۆيۈۋاتاتتى. ئورمان ئەتراپىدىكى سازلىقلارنىڭ سۈيى پورۇقلاپ قايناۋاتقاندەك بىلىنەتتى. شامالنىڭ ھۇشقىيتقان ئاۋازى بىلەن يانغىننىڭ گۈركىرىشى قوشۇلۇپ ھۇۋلىغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى. بۇ دەھشەتلىك ئاۋازلار ئوتنىڭ كۆيۈشىگە ئەگىشىپ گاھى كۈچىيىپ، گاھى پەسىيىپ تۇراتتى. بەزىدە يىراقتىكى يېشىل ئورمانلىقلر خۇددى تونۇرغا ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئاسمان پەلەك يالقۇن كۆتىرىلەتتى – دە، كېيىن بىردىنلا قىپ – قىزىل ئوت خۇددى يىلاندەك ۋاشىلداپ كېلىپ، ئورماننىڭ يان تەرىپىدىن تۇتىشاتتى ۋە دەرەخلەر ئارىلىقىدىن ئايلىنىپ ئوت – چۆپلەرگە تۇتىشاتتى. بىردەمدىلا ياپ – يېشىل ئورمانلىق قىپ – قىزىل چوققا ئايلىناتتى. تۈرۈلۈپ – تۈرۈلۈپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىس شامال تەسىرى بىلەن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئورىۋالاتتى. بۇقۇپ تۇرغان تۈتۈن يەنە ھاۋانى قاپلاپ كېتەتتى. قويۇق تۈتۈن بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم پەسلەپ، بىردەم تارىلىپ، يەنە قويۇقلىشىپ، قاپ – قارا بۇلۇتقا ئايلىناتتى – دە، ئۇنىڭ قىرغاقلىرى يالقۇن شولىسىدىن قىزىرىپ كېتەتتى، بىردەمدىلا يەنە گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ساداسى ئىچىدە بۇ قىزىللىق ئاقىرىپ كېتەتتى، ئاسمان يۈزىنى قاپلىۋالغان بۇ قارا تۈتەك پەردىدىن مۆلدۈردەك ئوت ئۇچقۇنلىرى يېغىپ، بىردەمدىلا يەر يۈزىنى كۆمۈۋېتەتتى.

     

    ئۈچىنچى كۈنى كېچىدە بىز «ئۇلۇغ دەريا» قىرغىقىغا يېتىپ كەلدۇق. ھەممەيلەن، نېگىرلار بىزدىن يىگىرمە چاقىرىم يىراقتىكى تاغ ئارىسىدا بۇلۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشتى.

    بىز كىچىكرەك بىر تۆپىلىكتە ئىسيانچىلار قۇرغان لاگىرنى ۋەيران قىلدۇق. قارىشىمىزچە، بۇ يەردە ئىسيانچىلار ئىستىھكام قۇرغاندەك تۇراتتى: بۇ جاي تازىمۇ تىلغىنىپ كەتكەن. تۆپىلىك قوغدىنىشقا ئانچە قولايلىق جاي بولسىمۇ، لېكىن توغرىسىنى ئېيتقاندا، بىزنىڭكىلەر بىغەم بولغاچقا، بۇنى پەرقەلەندۈرۈپ ئولتۇرمىدى. تۆپىلىك قېلىن ئورمان بىلەن قاپلانغان كۆز يەتكۈسىز ئېگىز تاغ چوققىلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقانلىقتىن، بۇ يەرگە «مۇلاتلار بۆشۈكى» دەپ ئاجايىپ نام بېرىلگەن. لاگىرنىڭ ئارقا تەرىپىدە «ئۇلۇغ دەريا» شارقىراپ ئېقىۋاتاتتى، دەريانىڭ بۇ جايدىن ئوتىدىغان ئېقىنى تار ۋە قىستاڭ، ئىككى قىرغىقى تىك ۋە چوڭقۇر ئىدى. دەريا بويى قېلىن توقايلىق بولۇپ، قىرغاق ئوچۇق كۆرۈنمەيتتى. دەريانىڭ كۆپ جايى ئىككى قىرغاقتىكى تال شاخلىرىغا يۆگىلىپ، چىرمىشىپ كەتكەن يۆگىمەچلەر، ياۋا گۈل ۋە ئوت – چۆپلەر بىلەن پۈركۈنگەن، بۇ يۆگىمەچ ئۆسۈملۈكلەر بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ، بەئەينى گۈللۈك گىلەمگە ئوخشاش جىپلىشىپ، كىشى ھەيران قالغۇدەك ھالدا دەريانىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇراتتى. ئىگىزدىن قارىغان كىشىگە دەريا يۈزى گويا مايسا بولۇپ ئۆسۈۋاتقان چىمەنزارلىققا ئوخشاش كۆرۈنەتتى. پەقەت ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا دولقۇنىدا بۇ چىمەنزارلىقنىڭ كۆتىرىلىپ – پەسىيىپ تۇرۇشىغا ۋە سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازىغا قاراپلا بۇ يەرنىڭ دەريا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.