كۈنىگە بىر ئەقىل (كۈزنامە) 7-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 21:13:24

كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(كۈزنامە)7-ئاي ئېتىقاد بىلمىدىم، سىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەيىڭىز ۋۇجۇدىڭىزنىڭ مەركىزىدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى باشقا يەرلەردىن ئىزدەيسىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق قىلسىڭىز، كۈندۈزى چ...

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (كۈزنامە)
    7-ئاي

    ئېتىقاد

    بىلمىدىم، سىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەيىڭىز ۋۇجۇدىڭىزنىڭ مەركىزىدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى باشقا يەرلەردىن ئىزدەيسىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق قىلسىڭىز، كۈندۈزى چىراغ يېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىز.
    ساختا دىنلا بىزگە شۇنداق دەيدۇلەركى، مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئىستىسەڭلار، پانىي دۇنيادىكى ھاياتتىن ۋاز كېچىڭلار. مەڭگۈلۈك ھايات ئاللىقاچان مەۋجۇتتۇر، ئۇ پانىي ھاياتنىڭ بىر قىسىمى.
    −ھىندى ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    ئاخىر دىننى تاپقاندىن كېيىن، شەخسنىڭ نىشانىنى ئىزدىمەيدىغان بولدۇق، ھاياتلىق يولىنى بويلاپ باشقىلار بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، چۈنكى، بىز شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، دۇنيادا پەقەت بىرلا قانۇنىيەت، بىرلا مەنبە، بىرلا نىشان بار.
    خرىستىئان دىنىدىن بۇرۇنمۇ دىن مەۋجۇت ئىدى. ئۇ، كىشىلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق دىنغا تەلپۈنۈشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان ھەم شۇندىن ئېتىبارەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. دۇنيادا بىرلا ئوكيان بار، دۇنيادا پەقەت بىرلا دىن ھەقىقىي دىندۇر؛ شۇنداق ئىكەن، بىز يەنىلا شۇنداق قارايمىزكى، مۇشۇ خىل ھەقىقىي دىنغا ئېتىقاد قىلغان مۇخلىسلا ھەقىقىي تەقۋادار كىشى بولغان بولىدۇ.
    −شىئودېر پارك

    7-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    روھ

    ئەگەر، بىر بالا ئۆزىدە يۈرەك بارلىقىنى بىلمىسە، بۇ ئۇنىڭدا يۈرەك يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. روھىي جەھەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىراۋ ئۆز قەلبىدىكى روھنى سېزەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا روھنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
    ئادەم ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ بولالمايدۇ. ئۇ چۈشەندىم دەپ قارىغان ئۆزى بولسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۆزى ئەمەس. چۈنكى، ئادەم تېنىگە ئەمەس، روھىغا تايىنىپ ياشايدۇ.
    ھەر بىر جانلىق باشقا بارلىق جانلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ، بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ۋىجدانى ھەرىكەتتىن توختاپ قالىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز مانا شۇنداق زىددىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان.
    ئەگەر، ھايات ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيىلسە، بۇ ھەرىكەتمۇ بەزى ھەرىكەت قىلمايدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلغاندۇر، بۇ ھەرىكەت قىلمايدىغان نەرسە بىزنىڭ ئىچىمىزدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان روھىمىزدۇر، ئۇ روھ ئەتراپتىكى تۇرمۇشنى كۆزىتىدۇ.

    7-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    ئەگەر، ھەممە ئادەمدە ئورتاق بىر خىل نەرسە بار دېيىلسە، ئۇ روھتۇر. ئەگەردە، بۇ راست بولسا، بىز ھەممىمىز قەلبىمىزدىكى بۇ خىل روھنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك.
    ئەنەتكەكنىڭ بىر ئۆلىماسى مۇنداق دېگەنىكەن: «ھاياتنىڭ روھى سىزنىڭ قەلبىڭىزدە، مېنىڭ قەلبىمدە، باشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە. مەن سۆزلەيدىغاندا، مەندىن خاپا بولماڭ. شۇنداقلا، ئورنىڭىز ھەر قانچە ئۈستۈن بولسىمۇ، كېرىلىپ كەتمەڭ.»
    بەزىلەر ئۆزىنىڭ بايلىقى، شان-شەرىپى ۋە ئورنى سەۋەبلىك باشقىلار بىلەن ئارىلىق ساقلايدۇ، ئۇلار مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيدۇ. لېكىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى روھىنى تونۇپ يەتسىلا، باشقىلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتەلەيدۇ، چۈنكى، ئۇلار ئادەم قەلبىدىكى بەزى نەرسىلەرنىڭ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تۇيۇپ يەتكەنلەردۇر.
    بىراۋ ئۆلگەندە، بىز نېمە ئۈچۈن ئەيمىنىمىز؟ چۈنكى، بىز ئۇنىڭ شەكلى باشقا بىر شەكىلگە كىرىپ قالغىنىنى كۆرگەن، بىز باشقىلارنىڭ جىسمىدا بۇنداق ئۆزگىرىشنى كۆرگىنىمىزدە، ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئۆزگىرىدىغانلىقىمىزنى چۈشۈنۈپ يېتىمىز.

    7-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    بىر كۈنى بىر بېلىق كىشىلەرنىڭ: «بېلىق دېگەن سۇدىلا ياشىيالايدۇ» دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن بېلىقلار ئۆز ئارا سورىشىپتۇ: «سۇنىڭ نېمىلىكىنى قايسى بېلىق بىلىدۇ؟» ئۇلار، ئەڭ كاداڭ، ئەڭ ئەقىللىق بېلىقتىن سوراپ باقماقچى بولۇشۇپتۇ. ئۇ جاۋابەن: «بىز سۇغا تايىنىپ ياشايمىز، بىز سۇدا ياشايمىز. سىلەر سۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسىلەر، چۈنكى، سىلەر سۇدا ياشايسىلەر» دەپتۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بەزىلەر خۇدانى تونۇمايدۇ، بىراق، بىز ھەممىمىز خۇداغا تايىنىپ ياشايمىز، خۇدا بىزنىڭ دىلىمىزدىدۇر.
    روھىي «مەن» مەڭگۈ مېنىڭ جىسمىمدا قېلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇنى مېنىڭ جىسمىمغا كىرگۈزگىنى مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس، مەن «خۇدا» دەپ ئاتاۋاتقان ئەڭ يۈكسەك ئىرادىدۇر.
    ياخشى ياشىيالمىغان ئادەم «دۇنيادا خۇدا مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ گېپىمۇ خاتا ئەمەس. خۇدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇكەممەللىكتۇر، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشكە، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا تەشنا بولۇۋاتقان ئادەملا ئۇنى تونىيالايدۇ. خۇدانى چۆرۈپ تاشلىغان، خۇدادىن قاچقان ئادەمنىڭ نەزىرىدە، دۇنيادا خۇدا مەۋجۇت ئەمەس.

    7-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    ھەقىقىي ياشاشتىن ئاۋۋال ئادەم ھامان نېمىگە ئېھتىياجلىق−ئىززەت-ھۆرمەت، بايلىق، ئەيش-ئىشرەت ھەمدە نەچچە مىڭ تۈرلۈك باشقا نەرسىلەرگە. ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ بىر خىللا ئېھتىياجى بولىدۇ−باشقىلار بىلەن باغلىنىش، باشقىلاردىن ئايرىلماسلىق. بىزنى ھەممىمىزگە ئورتاق بىر خىل نەرسە بىر-بىرىمىزگە باغلىغان، ئۇ بولسىمۇ مۇقەددەس روھ.
    ھەممىمىزگە ئايانكى، ئىتتىپاقلىق-ئۆملۈك قۇدرەت دېمەكتۇر. ئۆملۈك ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك ئىكەن، نېمە دەپ ئىتتىپاقلىشالمايمىز؟
    كۆپلىگەن كىشىلەر (جۈملىدىن، ياشلار) ئۆزىنى تەنھا، ھېچكىمنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلمىگەن دېيىشكە ئامراق. ئۇلار ئۆز روھىنىڭ باشقىلار روھى بىلەن بىردەكلىككە ئېرىشسە، ئۇزاققىچە لەززەت-ھۇزۇر تاپالايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنلەر.
    «خۇدا سۆيگۈدۇر. سۆيگۈدە ماكان تۇتقان ئادەم، خۇدانىڭ ئىچىدە ماكان تۇتقان، خۇدامۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ماكانلاشقان بولىدۇ». «خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان؛ بىز بىر-بىرىمىزنى ئۆز ئارا سۆيەلىسەك، خۇدا بىزنىڭ ئىچمىزدە بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭ قەلبىنى سۆيۈش بىزنىڭ ئىچىمىزدە تولۇق ئىپادىسىنى تاپىدۇ». «ئى، قەدىردان قېرىنداشلار، بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيەيلى، چۈنكى سۆيگۈ خۇدادىن كەلگەندۇر».
    −«ئىنجىل، يېڭى ئەھد، يوھان كىتابى» (زەبۇر) نىڭ 4-پارە، 16-سۈرە ۋە 12-پارە، 7-سۈرىلىرى.

    7-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    ئىش-ھەرىكىتىڭىزنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراڭ: بۇ ئىش-ھەرىكەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈنى كۈچەيتەمدۇ-يوق؟ جاۋابىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولسا، ئۇ سۆيگۈنى تېخىمۇ كەچەيتەلىسە، ئانداقتا بۇ ياخشى ئىش-ھەرىكەت بولغان بولىدۇ.
    كۈشەندەڭنى سۆيسەڭ، ھېچقانداق دۈشمىنىڭ قالمايدۇ.
    مۇكەممەل سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز مۇكەممەللىككە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك، ئىككىنچى تۈرلۈك ئېيتقاندا، بىز خۇداغا سۆيگۈ بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى، خۇدا ھەر بىر ئادەمنىڭ روھىغا ئولتۇراقلاشقان، بىز جىمى ئادەمنى سۆيۈشىمىز كېرەك.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۆلۈمدىن غالىب كېلىدۇ، ھاياتنى مەنالارغا تولدۇرىدۇ، بەختسىزلىكنى بەختكە ئايلاندۇرىدۇ.
    «پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن خۇدانى سۆيۈڭ.» سۆيگۈ-مۇھەببەتتىنلا ھەقىقىي ھاياتنى تاپقىلى بولىدۇ. قەلبى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ئاشۇ كىشىلەرلا ھەقىقىي ياشىيالايدۇ.
    يېڭىدىن تۇغۇلغان سۆيگۈ-مۇھەببەت دەرەخنىڭ يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان شېخىغا ئوخشايدۇ، ئۇ يېڭىدىن پەيدا بولغاندا زەئىپ، يۇمران كېلىدۇ، قۇياش نۇرى، سۆيگۈ ۋە ئەقىل-ئىدراكلار يورۇتقانچە، ئۇ مەزمۇتلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلايدۇ.

    7-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    سىز باشقا بىر ئادەمنى سۆيىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ سۆيەلمەيسىز. بۇ، قەلبىڭىزدە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    خاتالىق بىز قىلىدىغان ئىش. باھانە-سەۋەب ئىزدەپ خاتالىقىدىن قېچىش، ئالۋاستى قىلىدىغان ئىش.
    ئېزىقىش ۋاقتىنچىلا يۈز بېرىدىغان ئىش ئەمەس، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا تاسادىپىي يولۇقۇپ قالغان مەلۇم ئېزىقىشلا ئەمەس. ياق، ئېزىقىش سىزنىڭ ئەخلاقىي تۇرمۇشىڭىزغا ئىزچىل ئەگىشىدىغان ئىشتۇر.
    سىز قانچىكى پاك تۇرمۇش يولىنى بويلاپ ماڭغانچە، غالىب كەلمىسىڭىز بولمايدىغان ئېزىقىشلارغا شۇنچە كۆپ يولۇقىسىز. ئېزىقىش سازلىققا ئاياق باسقاندەك ئىش، سىز دەررۇ ئۇ پاتقاقتىن پۇتىڭىزنى سۇغۇرۋېلىشىڭىز كېرەك.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭىزنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئىشنى ئەڭ كىچىك ئېزىقىشقا تاقابىل تۇرۇشتىن باشلاڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ نام-ئاتىقىڭىز، شان-شەرەپلىرىڭىز ۋە مەغرۇرلۇقلىرىڭىزغا ئېسىلىۋالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئەسكى ئىشلىرىدىن مەڭگۈ قول ئۈزەلمەيسىز.

    7-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    ئەركىن-ئازادە، خۇشال ياشاي دېسىڭىز، ئارتۇقچە نەرسىلەر، ئالايلۇق، بايلىق ۋە راھەت-پاراغەتلىك زىننەت بۇيۇملىرىنى قوغلاشماڭ، بەلكى ئىمكان قەدەر زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلىتىڭ.
    بىز بالىلىرىمىزنى ئاستا-ئاستا چەكتىن ئاشقان يېمەك-ئىچمەك، راھەت-پاراغەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ھۇرۇنلۇققا كۆندۈرۈپ تەربىيىلەپ قويىمىز، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تەييارلىغان جىسمانىي ئازابلىرىمىزدۇر.
    سىزنىڭ شەھۋەت ۋە نەپسىڭىزگە بېرىلىشىڭىز سىزنى چۈشەپ قويىدۇ. ئەگەر، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ۋەسۋەسىڭىزدىن قۇتۇلالىسىڭىز، ئازابلىرىڭىز سىزدىن نېرى بولىدۇ، خۇددى يامغۇر تامچىسى قار لەيلىسىگە دومىلاپ چۈشكەندەك.
    − بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    سىز جىسمانىي تەلىپىڭىزنى قانچە قاندۇرغانچە، سىزنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىڭىز شۇنچە ئاجىزلاپ بارىدۇ. ئاقىللار ۋە ئەنبىيالار نەپسىنى يىغىپ، زاھىدلارچە ياشايدۇ.

    7-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ئادەمنى چۈمۈلىدەك تىرىشىپ ئىشلەشكە نەسىھەت قىلىش، شەرمەندىلىك. ئادەمنىڭ بۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالماسلىقى، ئەكسىچە نەچچە ھەسسىلەپ شەرمەندىلىكتۇر.
    −«يەھۇدىي قانۇنلىرى توپلىمى»
    جىسمانىي ئەمگەك ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرچى ۋە ياشاش ئىقتىدارىدۇر. ئەقلىي، تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىق ئەمگەك بۇنىڭدىن مۇستەسنا، كېرەكلىك ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغۇچىلا بۇ ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.
    بىكار تەلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى جاپالىق ئەمگەك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئويۇن-تاماشادىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى پۈچەك، مەنىسىز ھېس قىلغاندا، بىر خىل خۇشاللىقتىن يەنە بىر خۇشاللىققا ئاسانلا ئېغىپ كېتىدۇ. بىراق، كىشىلەر شۇ چاغدا ئۆزلىرىنى مەھلىيا قىلغان ئويۇن-تاماشانىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.

    7-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    ھەقىقىي يۈك نامراتلىق ئەمەس، بەلكى بايلىقتۇر.
    غايەت زور بايلىق بىر خىل گۇناھ، چۈنكى، ھەر بىر بېيىغۇچى نەچچە يۈزلىگەن نامراتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
    ناھايىتى روشەنكى، سىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغىنىڭىز قانچىكى كۆپ بولغانسېرى باشقىلاردىن سوراپ ئالىدىغىنىڭىز شۇنچىكى ئاز بولىدۇ-دە، سىز شۇنچە باياشات ئۆتەلەيسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، كىشىلەر تالاي باھانە-سەۋەبلەرنى ئىزدەپ، بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىشىدۇ.
    خەير-ساخاۋەت قۇرۇلمىسى قىلچە پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بەزىدە پايدىلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مەڭگۈ ئەخلاق-پەزىلەت بولمايدۇ.بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ئەسلى مەۋجۇتلۇقى، ئىنسانلار ئازاب-ئوقۇبىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.
    بايلاردا ھېسداشلىق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى شەخسىيەتچىلىكىدىنمۇ ۋەھشىيدۇر.
    −يوھان ياك رۇسسو

    7-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    بىر ئادەم ئۆزىنىڭ شەھۋانىيلىققا تولغان جىسمى بىلەن ئېلىشسا، يەنىلا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تەشنا ھالەتتە ياشىيالايدۇ. ئۇنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. جىسمى قۇتراش ھالىتىدىلا تۇرىدىغان ئادەم پەرزەنتلىك بولالىسمۇ بۇرۇنقى زاماندىكى ياكى ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان زاھىدلارچە تۇرمۇشنى ئارزۇلاپ قالىدۇ. بىزنىڭ تېنىمىز بىلەن روھىمىز مانا شۇنداق بىر-بىرىگە زىتتۇر.
    سادىق، ھالال نىكاھ ناھايىتى ياخشى، نەپسىگە بېرىلمىگەن نىكاھ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. جىنسىيەتكە قارشىلىق كۆرسىتىش گۇناھى ئادەمنىڭ قولىدىن ئاسان كېلىدىغان ئىش ئەمەس. بالىلىق ۋە قېرىلىق مەزگىلىمىزدىلا جىنسىيەت گۇناھىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلالايمىز.
    بالىلىق بىزگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپات، چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى شەپقەتسىز تۇرمۇش داۋامىدا بالىلىق بىزگە جەننەت ئېلىپ كېلىدۇ.
    ئەگەردە، خرىستىئان دىنىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا، بىزدە ئۆلۈم جازاسى، ئۇرۇش ۋە يوقسۇزلۇق-موھتاجلىقلار داۋاملىق مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. نوپۇس ئۇچقاندەك كۆپىيىۋاتىدۇ، چۈنكى، ھەقىقىي خرىستىئان مۇخلىسلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ نىكاھى پەرزەنت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.
    ئەگەر، خرىستىئان دىنىنىڭ نەپسىگە بېرىلمەسلىك تەلىمى بولمىغان بولسا، دۇنيادا نوپۇس زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولاتتى.

    7-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

     ئاچچىقلىنىش ۋە ئاداۋەت

    ئاقىللار ياغلىما سۆزلىمەيدۇ، بەلكى سەۋرچان، ئاداۋەتسىز، قورقۇمسىز كېلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندىلا ئاقىل ھېسابلىنىدۇ.
    −بۇددا ماقالى
    ئۆزگىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ، ئۆزىڭىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭ: ئەگەر، بىراۋ ئەسكى ئىش قىلىپ قويۇپمۇ خىجىل بولمىسا، ئۇ قارىغۇ ئادەمدۇر، ئۇ ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر گۇناھسىز.
    كىشىلەر ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، بۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر ئادەم قانچىكى ئەقىللىق بولغانچە شۇنچىكى مېھرىبانلىشىدۇ، ئۇنىڭ باشقىلار ۋۇجۇدىدىن كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ئالاھىدىلىكلىرىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ.
    بىراۋ سىزنى خورلىغان، دىلىڭىزغا بىھۇدە ئازار بەرگەن چاغدا، ئۇ كىشىگە نىسبەتەن قەلبىڭىزدە دۈشمەنلىك شەكىللىنىدۇ، بۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇڭ: مەيلى سىزنىڭ ياقتۇرمايدىغىنىڭىز كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممە ئادەمدە خۇدانىڭ روھى بولىدۇ.
    ئەگەر، سىز ئۆز قېرىندىشىڭىزغا كەڭ قورساق بولالمىسىڭىز، سىز قېرىندىشىڭىزنى سۆيەلمەيسىز. ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ چېكى بولمايدۇ.

    7-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    ئىدىيە

    تالاي كىشىلەر ئوخشاشلا گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، گۇناھ ئۈستىگە يەنە گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ.
    مۇستەقىل پىكىر-قارىشى يوق ئادەم، ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ياشاش، ئەڭ رەزىل قۇل قىلىش. ئۇ، بەدەننىڭ ئاسارەت-قۇللۇقىدىنمۇ ئۆتە قەبىھتۇر.
    ئۆزىڭىز توغرا تاپقان ئىشنى قىلىڭ، باشقىلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆلۈك ئۆلچەمگە ئېسىلىۋالماڭ.
    ئەسلىدە، خىجىل بولماسلىققا تېگىشلىك ئىشتىن خىجىل بولغان ئادەم ھالاكەت يولىغا كىرىپ قالىدۇ.
    − بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    بىزنىڭ ئىچكىمىزدىكى ۋىجدان كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى باھا-ھۆكۈملىرىدىن مۇھىمدۇر، چۈنكى، بىز مەڭگۈ ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانى بىلەن ياشايمىز.

    7-ئاينىڭ 13-كۈنى

     


    سوتلاش ۋە جازالاش

    بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز يامانغا قاتتىق قول بولۇش−جازالاش، تۈرمىگە تاشلاش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق قاتتىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشنى ئويلايدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىش جازالىغۇچى بىلەن جازالانغۇچىنى بارغانچە ۋەھشىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
    ئەگەر، سىز بىر توپ كىشىنى بەك ئەسكى دەپ قارىسىڭىز، قورال كۈچى بىلەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىسىز، ئۇلارمۇ سىزنى شۇنداق ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. سىز نېمە دەپ ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىسىز-يۇ، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتمەيسىز؟
    زورلۇق كۈچ ئادىللىق ئېلىپ كەلگەندەك قىلسىمۇ، بۇ كۆرۈنۈشتىلا شۇنداق. ئەمەلىيەتتە، ئادىللىققا ئېلىپ بارىدىغان بىردىن-بىر يول ھۆر ھاياتتۇر.
    نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن دىنلار خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىدۇ؟ نېمە دەپ ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا: كىشىلەر زورلۇق كۈچى ئاساسىدا ياشاش توغرا دەپ ئىشەنگەنلىكىدىن.
    زورلۇق كۈچىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تارقىلىدۇ، ئۇنىڭ زىيانكەشلىكى ئۇزاققا سوزۇلىدۇ. زورلۇق كۈچى پەيدا قىلغان كىشىلەر بارغانچە بىر خىل ئىدىيىگە كۆنۈپ قالىدۇ: ئۇلارنىڭ قىرانلىق تۇرمۇشى زورلۇق كۈچىگە تولۇشى كېرەك، دەپ ئويلىشىدۇ.

    7-ئاينىڭ 14-كۈنى

     


    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    مەلۇم بىر خىل زوراۋانلىق ھەرىكىتى بىزگە ئاراملىق بەرمەيلا قالماستىن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا بارغانچە كۆپلەپ زورلۇق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بىز ئېنىقلا ئۆز تۇرمۇشىمىزنى زوراۋانلىققا تايىنىپ ئۆزگەرتەلمەيمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرەلمەيمىز. بىزنىڭ زورلۇق كۈچى ئىشلىتىشىمىز، ئۆز-ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قىساس ئېلىشىمىز ئۈچۈندۇر.
    خرىستوسلا ئەمەس، دۇنيادىكى باشقا بارلىق ئاقىللار−بۇددا دىنى، براخمان دىنى، تويىن دىنى ھەتتا يۇنانلىقلارنىڭ ئاقىللىرى−بىزنى يېتەكلەيدۇ: ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئادەم چوقۇم يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
    ناھايىتى ئېنىقكى، زوراۋانلىق ھەرىكىتى بىلەن قەتلى ئام قىلىش كىشىلەرنى ئىززەت-ئابرويىدىن ئايرىيدۇ، كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ھەرىكىتى بىلەن قەتلى ئام قىلىش ئارقىلىق زوراۋانلىق ھەرىكىتى ۋە قەتلى ئام قىلغانلاردىن قىساس ئالغۇزىدۇ. بۇ خىل قىساس ئېلىشنى قارىماققا چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولسىمۇ، بىز بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىزمىز.
    تىنچلىق ئەقىدىسى يەنىلا سۆيگۈ ئەقىدىسىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلىدۇر.

    7-ئاينىڭ 15-كۈنى

     


    تەكەببۇرلۇق

    ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ھەقەمسايىلىرىنى سۆيۈش بىر خىل ئەخلاق، دېيىشىدۇ كىشىلەر. ئۇ دەرۋەقە گۈزەل ئەخلاق، بۇنىڭغا قىلچە گەپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى، سىز ئەگەر، يېقىندىكى ئادەمنى دەپ يىراقتىكى ئادەمگە زىيان سالسىڭىز، ئۇ خاتادۇر. ئالايلۇق، مۇبادا سىز ئائىلىڭىزدىكىلەرنى بېقىش ئۈچۈن ئوغرىلۇق قىلسىڭىز ياكى جەڭ مەيدانىغا بېرىپ ئادەم ئۆلتۈرسىڭىز، ئەسلىدىكى گۈزەل ئەخلاقىڭىز رەزىل ئەخلاققا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    سىزنىڭ روھىڭىز ئۈچۈن ياشىشىڭىز، ماددىي دۇنيا ئۈچۈن ياشىشىڭىزغا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر، سىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆز روھىڭىز ئۈچۈن ياشىسىڭىز، قانچىلىك ياخشى ئىشلارنى قىلىپ كەتمەڭ، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن قانائەت تاپمايسىز.
    سىز ئىچىڭىزدىكى مۇقەددەس روھىڭىز ئۈچۈن ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى ساقلايسىز، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، بىراق سىز بەزى ئىشلار ئۈچۈن مەغرۇرلىنىپ-كېرىلىپ يۈرمەڭ، ئالايلۇق، ئەقىل-پاراسەت، تەربىيە، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، بايلىق، ھەتتا سىز قىلىۋاتقان خەيرلىك ئىشلار.
    كىشىلەرنى ئازابلايدىغان مۇنداق تۆت تۈرلۈك ئازغۇنلۇق بار: تەكەببۇرلۇق، ئاچكۆزلۈك، غەزەپ-نەپرەت (كۈندە چىقىشالماسلىق) ھەمدە نام-ئاتاق قازىنىشقا بېرىلىش. ئۆز-ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىقلا بۇ بارچە ئېزىقىشلارغا قارشى تۇرالايمىز.

    7-ئاينىڭ 16-كۈنى

     


    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    كىشىلەر ئۆزىنى دەپلا تالاي ئەسكى ئىشلارنى قىلىشىدۇ. كىشىلەر قىلغان تېخىمۇ ئەسكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلاردۇر. بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ھەرىكەت، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى−ئالدامچىلىق، ئۇرۇش، مەخپىي پايلاش ۋە قەتلى قىلىش.
    قەتلى ئام قانداقلا بولمىسۇن ئادەم ئۆلتۈرۈشتۇر، مەيلى سىز نېمە ئۈچۈن قەتلى ئام قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇپ قېلىشىدىن قەتئىي نەزەر. ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئېغىر گۇناھ. ئۇلار سوتچى ياكى سانغۇن-گېنېرال بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىشى، ئۇلارنى قايتا تەربىيىلىشى كېرەك.
    ئەقىللىق ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ياشىغان جاي ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىدۇر. نەگە بېرىپ نەدە تۇرمىسۇن، ئۇنىڭ تەسىراتى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئۆزىنىڭ قەلبىدە، ئۆزىنىڭ روھىدىدۇر.
    بىز سوپۇن بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىكى داغلارنى يۇيۇپ چىقىرۋېتەلەيمىز. بىزنىڭ ئىجتىمائىي توپىمىزمۇ شۇنداق: ئۇلارنىمۇ يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

    7-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئويلىغان ھەقىقىي ئېتىقادى زادىلا بولۇپ باقمىغان بولسا، ئۇ ، ئۆزىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن دىنلا ھەقىقىي دىندۇر دەپ ئىشىنىدۇ. بىراق سىز مۇبادا ئىسلام، بۇددا ياكى ھىندى دىنى شارائىتىدا تۇغۇلغان بولسىڭىز، يەنە قانداق بولغان بولار ئىدى؟ سىز، ئۆز دىنىڭىزلا بىردىن-بىر دىن دەۋالىسىز، بۇنداق دەپلا قويسا بۇنىڭلىق بىلەن شۇ دىننى ھەقىقىي دىنغا ئايلاندۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ.
    ئەڭ زىيانلىق يالغان گەپ-سۆزلەرمۇ مۇرەككەپ، چۈشۈنۈپ يەتكۈسىز چوڭقۇر بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئاشۇ يالغان گەپ-سۆزلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى، دىن ھەققىدىكى يالغان گەپ-سۆزلەردۇر.
    ھەقىقىي دىن ئەخلاق مىزانى ۋە قانۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئەقىل-پاراسەت ۋە ۋىجدانىمىز بىلەن ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرەلەيمىز. سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز، سىرتىڭىزدا ئەمەس، ئىچىڭىزدا قەد كۆتۈرىدۇ.
    ھەقىقىي دىنىي مۇراسىم بولغان تائەت-ئىبادەت قىلىش خاتالىقتۇر. بىزنىڭ ھەقىقىي مەنىۋى ئىبادىتىمىز، قەلبىمىزنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىشقا، خۇدادىن خۇشاللىق ۋە لەززەت تېپىشقا تەلپۈنۈشىدۇر.

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

     


    ساختا ئىلىم

    بىر پارس ئۆلىماسى: «ياشلىقىمدا ئىلىم ئىگىلەشنى ئويلىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن، بىر ئادەم ئەل ئۆمرىدە بىلىپ يېتەلىشى مۇمكىن بولغىدەكلا بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككىچە ئۆگەندىم. قېرىغاندا، ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىگە قايتا قاراپ باقسام، شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، مېنىڭ ھاياتىم ئاللىقاچان ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مەن ھېچنەرسە ئۆگىنەلمەپتىمەن» دېگەنىكەن.
    ساختا ئىلىم ۋە ساختا دىننىڭ ھەممىسى ئادەتتىن تاشقىرى نازۇك، تىرەن تىل بولۇپ، ھەقىقەتنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۇلارنى تولىمۇ سۈرلۈك ۋە مۇھىم دەپ ئىشىنىشىدۇ.
    كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى تاشقى كۆرۈنۈش، ھەرگىزمۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ خاراكتېرى ئەمەس.
    −لۇسي مالوري (Lucy Mallory)
    بىراۋ ئەقىلگە قانچە توشقانچە ئۇنىڭ ئۆز ئىدىيىسىنى شەرھلەيدىغان تىلى شۇنچە ئاددىيلىشىدۇ.
    ھەقىقىي ئالىم مۇنداق ئىككى تۈرلۈك خاراكتېرغا ئىگە: بىرى، ئۇنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشى پايدا ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بولىدۇ؛ يەنە بىرى، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىلار ئۇ تەتقىق قىلغان ئىلىمنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

    7-ئاينىڭ 19-كۈنى


    تىرىشچانلىق

    سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قىلغۇسى بار ئىشنىلا قىلىڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇزاققا بارمايلا ئۇ ئىشتىن زېرىكىسىز. ناۋادا، سىز ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىمەن دېسىڭىز، ئانداقتا سىز ئۇنى ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ.
    تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن ياخشىراقكەن، دەرسىز ئېھتىمال. چۈنكى، سىز ئىشنى ھەرقانچە ياخشى قىلغان تەقدىردىمۇ، مەڭگۈ كۆڭۈلدىكىدەك كەم-كۈتسىز بولۇپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ نىشانىڭىز كەم-كۈتسىز قىلىش ئەمەس، بەلكى ئېزىقىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش. پەقەت، تىرىشچانلىق بولغاندىلا سىز شۇنداق قىلالايسىز.
    سىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا بۇرۇنقى تۇرمۇشىڭىزدىن خۇددى قاباھەتلىك چۈش قوينىدىن ئويغانغاندەك ئويغىنىسىز، سىز شۇندىلا ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزالايسىز.
    سىزنىڭ ئەخلاقىي ياقتىكى تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن تۇرمۇشىڭىزدىكى خۇشاللىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئارام ئېلىش پەيتىدە ئېرىشكىلى بولىدىغان ھۇزۇرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مېھنەت قىلىش بولمىسا، ئارام ئېلىش ھۇزۇرىمۇ بولمايدۇ. ئەخلاقىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىق بولمىسا، بۈگۈنكى ھۇزۇر-ھالاۋەتنىمۇ ھېس قىلالمايمىز.

    7-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    بىر ئادەم مۇبادا ئۆز روھى ئۈچۈنلا ياشىسا، ئۆز-ئۆزىنى بېسىۋېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاسان ئىش بولۇپ قالىدۇ.
    ئەگەر، ئادەم ئۆزىنىلا مەركەز قىلىپ، پەقەت ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلسە، ھەقىقىي بەختلىك بولالمايدۇ. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشىماق بولسىڭىز، ئانداقتا باشقىلار ئۈچۈن ياشاڭ.
    كىشىلەر تېخىمۇ ئېگىز ئورۇن، تېخىمۇ ئۆرە ئىش ھەققى، تېخىمۇ زور بايلىق ياكى تېخىمۇ چوڭ نام-ئاتاق قوغلىشىدۇ، بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ ئۇنى ئىشقا ئاشۇرماق بولىدۇ. بىراق، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى، باشقىلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، خالىغانچە ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىش، تاكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولغانغا قەدەر مۇنازىرىلىشىشلاردىن كېلىدۇ؛ شۇ مىنۇتلاردا سىز قەلبىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن تۇتاشقىنىنى تۇيۇسىز. سىز پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئۆز ھاياتىڭىزنى قانداقسىگە ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام ياشىغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدىغىنىنى بىلەلەيسىز.
    سىزنىڭ روھىڭىز ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋالدىلا گۇناھ، ئېزىقىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇلار: جىسمانىي ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىش؛ ھايات سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەندە كەمتەرلىكنى ساقلاپ، بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن ۋاز كېچىش.

    7-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    ھەقىقىي كەمتەر بولۇش بەسى مۈشكۈل، چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا كەمتەرلىك قىلغۇچىنىڭ پىكرىنى رەت قىلىدۇ. بىراق، كەمتەر بولۇش قانچە تەس بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرھالدا ئۇنى قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن كەمتەرلىككە ئېلىپ بارىدىغان يولدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىڭىز كېرەك.
    كەمتەر ئادەملەردىن بولۇشقا تېرىشىش، خۇددى قاراڭغۇ گەمىگە كۈننىڭ يورۇقى چۈشكەندەكلا ئىش. ئۇ قانچىكى يۈكسەكلىككە چىقالىسا، كۆرەلەيدىغان نۇرلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
    سىز ئۆز قەلبىڭىزدىكى ئۆزلۈكىڭىزنى قانچە ئويلىغانسېرى ئۆزىڭىزنى مۇھىم بىلمەيسىز-دە، كەمتەرلىكىڭىز ئېشىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز كەمتەر بولسىڭىزلا ئەقىل-پاراسەتكە تولىسىز.
    ئۆزىگە ئىشىنىپ كېتىش ھايۋاننىڭ، كەمتەرلىك ئادەمنىڭ سۈپىتىدۇر.

    7-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ھەقىقەت
    سىز يالغان ئېيتسىڭىز، ئۇنىڭغا يەنە بىر يالغاننى قوشۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇ ئەڭ كىچىك، ئەڭ زەرەرسىز يالغانچىلىق بولغان تەقدىردىمۇ يالغان سۆزلەشتىن قورقۇڭ. مۇھىم بىلمىگەن ئىشلار زور ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
    ئادەمنى ھەقىقەتتىن ئېزىقتۇرۇپ ئەڭ يىراقلاشتۇرىدىغىنى، دەل باشقىلار دەپ بولغان گەپنى ئۆلۈك تەكرارلاشتۇر.
    سىز ئەقلىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئۆز ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە قانچە گۇمانىي سوئال تاشلىيالىسىڭىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىز شۇنچە ئەركىن-ئازادىلىشىپ بارىدۇ.
    دۈم كۆمتۈرۈلگەن ھەقىقەت شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈنلا ئىشلەمدۇ؟
    ھەقىقەت بىزگە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمىسىمۇ، ئۇ ھەمىشە بىزنىڭ پاك، ھالال تۇرمۇشىمىزدا نېمە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.

    7-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلىڭ.
    مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ھاۋاي ھەۋىسىنى بوي سۇندۇرالمىسىڭىز، خۇشاللىقنى قوغلىشىشقا باشلايسىز، سىزنىڭ قايناق ھېسسىياتىڭىز بارغانچە كۈچىيىدۇ، ئاخىرى بېرىپ سىز ئۆزىڭىزنى زەنجىر بىلەن چۈشەپ، كىشەنلەپ قويىسىز.
    كىشىلەر بۇ دۇنيادا قانداق ياشاۋاتىدۇ، قاراپ بېقىڭلار. چىكاگو، پارىژ، لوندون ھەمدە باشقا شەھەرلەرگىمۇ قاراپ بېقىڭلار، ئايروپىلان، پويىز، قوراللىق ئەسكەرلەر، قەلئە-قورغانلار، ئىبادەتگاھلار، موزېيخانىلار ۋە ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرگە قاراپ بېقىڭلار. ئاندىن ئۆزۈڭلاردىن: «ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سوراڭلار. ئۇنىڭ جاۋابى: ئەڭ ئاۋۋال، بىز ھەرگىز ئەسكى ئىش قىلماسلىقىمىز ۋە زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز كېرەك، ھالبۇكى، بىز ھازىر بۇ ئىشلارنى نورمال ئىشتەك قىلىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق.

    7-ئاينىڭ 24-كۈنى


    گەپ-سۆز

    سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن تېخى ئېيتىلمىغان سۆزلىرىڭىز ئالتۇن سۆزلەردۇر.
    سىزگە خۇدانىڭ روھى يۈكلەنگەن. سىز گەپ-سۆز ئارقىلىق بەزى مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئىزھار قىلالايسىز، شۇنداق ئىكەن ئۇنداقتا سىز نېمە دەپ ئۆز گەپ-سۆزىڭىزگە دىققەت قىلمايسىز؟
    دەتالاشلاردا سىز ھەقىقەت ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىڭىز ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىسىز.
    −توماس كاسېر
    گەپ-سۆزلەر ئىدىيىنى، ئىدىيە بولسا مۇقەددەس قۇدرەتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز بىلەن ئىپادە قىلماق بولغانلىرىڭىز ئۆز ئارا ماسلاشسۇن. گەپ-سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. گەپ-سۆزدە قىلچە ھېسسىياتقا بېرىلىش، زەھەرخەندە تۈسلەر بولمىسۇن.
    ۋاقىت سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ، گەپ-سۆز مەڭگۈ تاشتەك ساقلىنىپ قالىدۇ.

    7-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئىدىيە

    ئەگەر، بىر ئادەم تەپەككۇر قىلالىسا، ئۆزىنىڭ نېمىشقا ياشاۋاتقىنىنى ئاڭقىرالايدۇ. ئەكسىچە، بىر ئادەم تەپەككۇر قىلالمىسا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىنى ئاڭقىرالمايدۇ. مۇبادا، ئۇ بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىسە، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، توغرا تەپەككۇر قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
    مەندە بىر پىكىر بار ئىدى، كېيىنچە ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم. بۇنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق، ئۇ پەقەت پىكىرلا، خالاس. ناۋادا، ئۇ مىليونلاپ پۇل بولغاندا ئىدى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىزدىگەن بولاتتىم. بىراق ئۇ، پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، بىر پىكىر كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان غايەت زور دەرەخنىڭ ئۇرۇقىدۇر. ياخشى پىكىر بىر كىشى ياكى مىليونلاپ كىشىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
    بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارىمىزدىن بىرى ئەقلىي ئىقتىداردۇر. بىز باشقا ئىقتىدارلارغا ئوخشاشلا تەپەككۇر قىلىشنى چېنىقتۇرمىساق، ئۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم قالىمىز. ئىدىيىسىنى چېنىقتۇرمايدىغان، تاۋلىمايدىغان ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئۇنىڭغا ئىدىيىنى ھەرگىز ھېس قىلدۇرمايدۇ.
    گەپ-سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئىدىيە-پىكىرلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئىپلاس ئىش-ھەرىكەتلەردىن پەخەس بۇلۇڭ. ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز، پاراسەت يولىغا قەدەم باسالايسىز.

    7-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

     


    ھازىردا ياشاش

    ئادەم ئۆزى خالىسىلا ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقاندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كېتىشىنى ئويلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلسىلا ئادەم ھۇزۇر-ھالاۋەتتە ئۆتەلەيدۇ.
    ئەگەر، سىز ھازىرلا ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشقا چامىڭىز يەتسە، ئانداقتا ئىشنى كەينىگە سۆرەپ يۈرمەڭ. گېزى كەلسە، ئەزرائىل سىزدىن: سەن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بولغان، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدىڭ، دەپ سوراپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي قىلىۋېلىشىڭىز ئەڭ مۇھىمدۇر.
    بىز ئۆتمۈشىمىزگە قايتالمايمىز، كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىمىزنى تولدۇرۋالالمايمىز. بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلىسەك، شۇنى ھېس قىلىمىز: بىز قىلغان ياخشى ئىش بەك كۆپ، يامان ئىش بەك ئاز بولۇشى كېرەك.
    ئىشىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلار تەنقىدلىشىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان بولۇشى، ھالال ۋە پاك ئىشلارنى قىلغان بولۇشىڭىز كېرەك.

    7-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق
    «كونا ئەھد»(تەۋرات)تىكى قىسسىدە، بىر ئادەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ جازالانغان بولسا، جازا ئۇنى ئۆلۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر، بىراۋ بۇنداق جازالانسا، ئازاب چەكمەيلا قالماستىن، بارچە سېزىملىرىنى يوقىتىدۇ، بۇنداق جازا ئۆلۈم جازاسىدەك ئېغىر بولىدۇ.
    بەدەننىڭ ئۆزگىرىشى، كېسەل بولۇشى، زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشى ۋە ئۆلۈشىنى سىز كونترول قىلالمايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىڭىز (روھىڭىز) دا رۇي بەرگەن ئىشلارنى سىز كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنسام، تېشىمدا نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىچىمدىكى تۇيغۇم ياخشى بولىدۇ.
    ئوت ھەممىنى گۇمران قىلىۋېتەلەيدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىللىقلىق بېرەلەيدۇ. كېسەللىكمۇ شۇنداق. مەن كېسەل ئازابى تارتقاندا، رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ئاغرىق ۋاقتىدا، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ غەلۋە-غۇدۇرلىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ؛ كېسىلىم ياخشىلانسىلا بۇ خىل بېسىمنى يەنە ھېس قىلىشقا باشلايمەن.
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئازاب چېكىشىڭىزنىڭ سەۋەبى ئۆز قەلبىڭىزدىدۇر.

    7-ئاينىڭ 28-كۈنى


    ئۆلۈم

     Memento mori(چوقۇم ئۆلىدىغىنىڭىزنى ئەستە ساقلاڭ) بۇ ھەقىقەت سۆزلەنگەن ھېكمەتلىك سۆزدۇر. ھەممىمىزنىڭ ئوخشاشلا ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى ئويلىغىنىمىزدا، ھاياتىمىز ئوخشاش بولمىغان قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى بىلىدىغان ئادەم، ھەرقانداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلىپ يۈرمەيدۇ.
    پەقەت ئىدىيەلا سىزنى ئازاد قىلالايدۇ. ئىنچىكە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق سىز شۇنداق دېيەلەيسىزكى، ئۆلۈم مەن بىلىپ يەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىشتۇر.
    بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى باشقىلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياخشى ياشاش دەرۋەقە مۇھىم، بىراق، ياخشى ئۆلۈش ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمدۇر.
    ياخشى، پىداكارانە ئۆلۈم قاباھەتلىك پۈتكۈل ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

    7-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن
    روھ بەدەندە تۇرىدۇ، ئەمما ئۇ بىر ئۆيدە تۇرغاندەك ئەمەس، كوچىدىكى مېھمانسارايغا چۈشكەن سەيياھتەك ۋاقىتلىق تۇرىدۇ.
    −ئەنەتكەك كۇرالى
    بىز ھەمىشە، ئۆلۈمنى باشقا بىر دۇنياغا تۇتىشىدىغان ئىشىك، دەپ قىياس قىلىمىز. بىراق، بىز ئۆلۈمنى تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالمايمىز، خۇددى خۇدانى تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالمىغاندەك.
    سىز پەقەت بىرلا نۇقتىغا ئىشىنىسىز: خۇدادىن كەلگەن ھەممە نەرسە ياخشى، ئۆلۈممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا، ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆلگىچە بولغان پۈتكۈل بىر ئۆمۈر جەريانىنى سىز بىر كۈنگە تەققاسلىيالايسىز، سىز سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، كەچ بولغاندا چۈشەككە كىرىپ ئۇخلايسىز.
    ئەگەر، بىر ئاۋاز بىزگە: ئۆلدۇقمۇ-يوق، دېگەننى ئېيتىپ بەرسە، بۇ ئاۋاز قەلبىمىزدىكى خۇدادۇر.

    7-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    بەخت

    سىز بىراۋغا ئۇ كېرەكلىك بولغان بارچە نەرسە−بايلىق، نام-ئابرۇي، سالامەتلىك بېرەلەيسىز. بىراق، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلماي ياشىسا، يەنىلا ئۆزىنى بەختسىز سېزىدۇ. ئەكسىچە، سىز بىراۋنىڭ بايلىقى، نام-ئابرۇيى ۋە سالامەتلىكىنى تارتىۋالسىڭىزمۇ، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلىپ ياشىغان بولسا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك سېزىدۇ.
    بەختلىك بولۇڭ، مەڭگۈلۈك ياشاڭ، خۇدانىڭ روھىدا ئولتۇراقلىشىڭ، قۇتۇلدۇرۇشقا ئېرىشىڭ−بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىرلا ئىش. بۇ، ھاياتىڭىزنىڭ بۇرچىدۇر.
    ئاقىل ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە شۇنىسى ئايانكى، ھەرقانداق شارائىتتا، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.
    ھاياتنىڭ مەنىسى چەككەن ئازابى بىلەن ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ئادەم ئۆز روھىنى تىرىشىپ مۇكەممەشتۈرۈشتىن كېلىدۇ، روھنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاياق ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

    7-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.