خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 14

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 19:03:06

يەتتىنچى باب: «مەن»«ھەربىر مەن پۈتۈنلەي خۇدانىڭ ئىجادىيىتىدۇر» جون ئاكرېسبىز كىم؟ بىز ھەربىرىمىز ئۆز ئېڭىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدەە بىر خىل كۈچلۈك «مەن»؛ىك ئېڭىنى يوشۇرۇپ تۇرىمىز...



     يەتتىنچى باب: «مەن»

    «ھەربىر مەن پۈتۈنلەي خۇدانىڭ ئىجادىيىتىدۇر»

                                                         جون ئاكرېس

    بىز كىم؟ بىز ھەربىرىمىز ئۆز ئېڭىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدەە بىر خىل كۈچلۈك «مەن»؛ىك ئېڭىنى يوشۇرۇپ تۇرىمىز. بىز ئۆسۈپ-يېتىلىمىز، بىزنىڭ ئىدىيىمىز ۋە قىزىقىشىمىزدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، بىزنىڭ دۇنياغا نىسبەتەن قارىشىمىز توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يېڭى ھېسسىيات پات-پات پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى، مۇشۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئكزىمىزنىڭ يەنىلا ئوخشاش بىر ئادەم ئىكەنلىكىمىزدىن زادىلا گۇمان قىلمايمىز. بىز بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بېشىمىزدىن كەچۈرىمىز. بۇ كەچۈرمىشلەر ئۆز تېنىمىزدە يۈز بېرىدۇ. لېكىن، مۇشۇ كەچۈرمىشلەرگە ئىگە بولغان «بىز» زادى نېمە؟ بۇ، ئۇزۇندىن بۇيان يېشىلمەي كېلىۋاتقان «مەن»نىڭ سىرىدۇر.

    باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، بىز ئادەتتە ئۇلارنى ئۇلارنىڭ تېنى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىمىز، بەلكى بىر قەدەر كىچىك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ شەخسلىكى بىلەنمۇ تەڭ ئورۇندا قويىمىز. لېكىن بىز ئۆزىمىزگە خېلىلا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. بىر ئادەم «مېنىڭ تېنىم» دېگەندە، خۇددى «مېنىڭ ئۆيۈم» دېگەنگە ئوخشاش، ئۇ ئۆزىنىڭ تېنىنى بىر خىل مۈلۈك ئورنىغا قويىدۇ. روھ ھەقىدە گەپ بولغاندا، ئەھۋال بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. روھ بىر ئادەمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ شۇ بىر ئادەمگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. مېنىڭ روھىم بىرخىل جىسىملىق مال-مۈلۈك ئەمەس، بەلكى مەن ئۆزۈمدىن ئىبارەت.

    (قىسقارتىلدى)

    ئىلاھىيەتشۇناسلار «مەن»نى تەكتىگە يېتىش تەس روھىي چىنلىق ياكى روھ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ، بۇ ئەجەبا ناھايىتىمۇ تەبىئىي ئىش ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، روھ بوشلۇقتا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى پارچىلىغىلى، چاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، «مەن»نىڭ مۇكەممللىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. سېزىشكە بولىدىغان «مەن»نىڭ ئەڭ كۆپ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى، ئۇنى بۆلۈۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ئايرىم (يەككە) ھالەتتە تۇرىدۇ. «مەن» بىر شەخس، «مەن» بىلەن «سەن»نىڭ چېگرىسى خېلىلا ئېنىق.

    روھ (ياكى جان) ئۇقۇمى بىز ئالدىنقى بابتا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، داڭلىق ھالدا مۇجمەل، چۈشىنىكسىز، بەزىدە ئۆزىگە-ئۆزى زىت كېلىدۇ. «مەن نېمە» دېگەن بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش تەس.

    داۋىد خۇمېنىڭ ئېيتىشىچە، «مەن» بىر دۆۋە تۇيغۇدىن ئىبارەت ئىكەن:

    مەن ئاتالمىش «مەن»گە ئەڭ يېقىنلاشقاندا، ھەمىشە ئۇنداق ياكى بۇنداق تۇيغۇلارغا دۇچ كېلىمەن، مەسىلەن: سوغۇق بىلەن ئىسسىق، يورۇق بىلەن قاراڭغۇ، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، ئازاب بىلەن خوشاللىق. مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا «مەن»نىڭ مەلۇم تۇيغۇغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمەن، بەلكى، تۇيغۇدىن باشقا، مەن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى بايقىمايمەن.

    ناۋادا مەسىلىگە بۇ خىل پەلسەپە نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا، ئۇ ھالدا ئەگەر «مەن كىم؟» دەپ سورالسا، بۇنىڭغا «مەن مېنىڭ ئىدىيەم ۋە ھېسسىياتىمدىن ئىبارەت» دەپ جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما، بۇنداق جاۋاب ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئەجەبا، پىكىر يۈرگۈزگۈچى مەۋجۇت بولمىسا، ئىدىيە مەۋجۇت بولالامدۇ؟ يەنە مەسىلەن: «سەن»نىڭ ئىدىيىسى بىلەن «مەن»نىڭ ئىدىيىسىنى قانداق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتالمىش «مېنىڭ ئىدىيەم» دېگەننىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە، خۇمې كېيىن ئۆزىنىڭ «مەن» بىر دۆۋە تۇيغۇدىن ئىبارەت دېگەن قارىشى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان:

    «‹مەن،نىڭ ئاشۇ بىر قىسمىنى تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم».

    بىراق، شۇنى ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، «مەن» ئۇقۇمى مۇجمەل، تۇيغۇ «مەن»نى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ «مەن»نىڭ ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. «مەن»نىڭ بەزى تەرەپلىرى گويا ئۆز-ئۆزى بىلەن بىردەكلىككە يانداش تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىز كەيپىياتنى قەيەرگە بېرىپ ئىزدەيمىز (ئوخشىتىش مەنىسىدىكى «ئىزدەش»)؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئەجەبا سىزنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىڭىزنىڭ بىر قىسمى ئەمەسمۇ؟ كۆپچىلىككە مەلۇمكى، كەيپىيات ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى بەك ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: قاننىڭ خىمىيىلىك تەركىبى كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى خىلمۇخىل كەيپىيات قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دورىلار كۆپ خىل روھىي ھالەت ۋە كەيپىيات پەيدا قىلالايدۇ ۋە ئۇلارنى تورمۇزلىيالايدۇ. ھاراق ئىچكەن ھەرقانداق ئادەم بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ. تېخىمۇ يامىنى شۇكى، چوڭ مېڭە ئوپېراتسىيىسى بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى روھقا بەك كۆپ خاسلىق ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويۇشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر بارلىق كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىپ تاشلانسا، ئۇنداقتا، يەنە نېمە قېپقالىدۇ؟

    كىشىلەر تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە خاتىرە ھەمدە بىر پۈتۈن ۋاقىت تۇيغۇسى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ «مەن»گگ نىسبەتەن قارىشىمىز بىزنىڭ ئۆتمۈش توغرىسىدىكى خاتىرىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ. ناۋادا خاتىرە يوقالسا، «مەن»نىڭ قانداق مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقى تېخى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس. ئېھتىمال بەزىلەر، ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم گەرچە «مەن كىم» دېگەندىن گۇمانلانمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرقانداق چاغدا بىر «مەن»نىڭ بارلىقىدىن گۇمانلانمايدۇ، ھالبۇكى، ھېلىقى «كىم» بولسا «مەن»گە تەۋەدۇر. بىراق بۇ پەقەت ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ خاتىرىسىنى تولۇق يوقاتمىغانلىقىنىلا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ بىردەكلىكىنى ھېس قىلالىشىمىز، ھەركۈنى ئۆزىمىزنىڭ باشقا ئادەم ئەمەسلىكىمىزنى تونۇيالىشىمىز، خېلى زور دەرىجىدە خاتىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن بولىدۇ. بىز ئۆمۈر بويى ئوخشاش بىر تەندە تۇرىمىز، لېكىن تەندە خېلىلا ئۆزگىرىش بېرىشى مۇمكىن. تەندىكى ئاتوملار مېتابولىزم پائالىيىتى تۈپەيلىدىن تەرتىپلىك ھالدا ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ، تەن ئۆسىدۇ، يېتىلىدۇ، قېرىيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلىدۇ. بىزنىڭ مىجەز-خاراكتېرىمىزدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ئەمما، گەرچە بىز توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرساقمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا ئوخشاش بىر ئادەم ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمىز. ناۋادا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالىمىزنى ئېسىمىزگە ئالالمىساق، ئۇنداقتا، «ئوخشاش بىر ئادەم» دېگەن بۇ ئۇقۇم تەننىڭ ئىزچىللىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەندىن باشقا، يەنە نېمە مەنىگە ئىگە بولسۇن؟

    (قىسقارتىلدى)

    مىسال ئۈچۈن، پەرەز قىلىپ كۆرەيلى، سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنى چىقىرىپ ئېلىپ، «چوڭ مېڭىنى ساقلاش سىستېمىسى»غا قويۇپ قويايلى. لېكىن ئۇ يەنىلا مەلۇم خىلدىكى رادىئو ئالاقە تورى ئارقىلىق تېنىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرسۇن، بۇ خىل ئەھۋالدا نېمە ئىشلار يۈز بېرەر (ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئىشنى نۆۋەتتە پەرەز قىلىشقا بولىدىغان تېخنىكا بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ دەيدىغانغا مەنتىقە جەھەتتە ھېچقانداق ئاساس يوق)؟ سىزنىڭ كۆزىڭىز، قۇلىقىڭىز ھەمدە باشقا سەزگۈ ئەزالىرىڭىز يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، سىزنىڭ تېنىڭىزمۇ قىلچە توسالغۇسىز ھالدا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشلار ئىلگىرىكىدەك بولىدۇ (ئېھتىمال، بېشىڭىزنى سەل يېنىك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن!)، پەقەتلا چوڭ مېڭىڭىزگە ئېڭىشىپ تۇرۇپ قارايسىز. ھازىرقى مەسىلە شۇكى، سىز زادى قەيەردە تۇرۇۋاتقانغا ھېساب؟ ئەگەر سىزنىڭ تېنىڭىز پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان بولسا، سىز ئۆزىڭىزنى سەپەردە كېتىۋاتقاندەك سېزىسىز، بۇ خىل تۇيغۇ سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىز باش سۆڭىكىڭىزنىڭ ئىچىدە تۇرغان چاغدىكى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولىدۇ. سىز جەزمەن ئۆزىڭىزنى پويىزنىڭ ئىچىدە دەپ ھېس قىلىسىز.

    ئەگەر بىز ھازىر چوڭ مېڭىڭىز باشقا بىر ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈلدى دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ئەھۋالدا قىيىن مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. زادى سىزنى بىر يېڭى تەنگە ئىگە بولدىڭىز دېسەك توغرا بولامدۇ ياكى ھېلىقى تەننى بىر يڭى چوڭ مېڭىگە ئىگە بولدى دېسەك توغرا بولامدۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنى يەنىلا ئوخشاش بىر ئادەم، پەقەت ئوخشاش بولمىغان بىر تەنگە ئىگە بولدۇم دېيەلەمسىز؟ ئېھتىمال شۇنداق دېيەلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئەگەر ئۇ تەن يات جىنىستىكى ئادەمنىڭ ياكى بىرەر ھايۋاننىڭ تېنى بولسىچۇ؟ سىزنىڭ سىز بولۇشىڭىز، سىزنىڭ مىجەز-خاراكتېرىڭىز، ئەقلىي ئىقتىدارىڭىز قاتارلىقلارنىڭ خېلى زور دەرىجىدە سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق ھالىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقتىن بولىدۇ. ناۋادا چوڭ مېڭىڭىزنى كۆچۈرۈش داۋامىدا خاتىرىڭىز يوقالسا، ئۇ ھالدا قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ھېلىقى يېڭى ئادەمنى يەنىلا سىز ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت دېيىشنىڭ يەنە نېمە مەنىسى بولسۇن؟

    ناۋادا «مەن» نىڭ نۇسخىلىنىشىنى نەزەردە تۇرقاندا، يېڭى مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ھازىر سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلار مەلۇم جايدىكى زور تىپتىكى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلدى، سىزنىڭ ئەسلىدىكى تېنىڭىز ۋە چوڭ مېڭىڭىز ئۆلدى دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ ھالدا سىز يەنىلا تىرىكمۇ، كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدە ھايات تۇرۇۋاتامسىز؟

    روھنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلاش تەسەۋۋۇرى، ئادەمدە سىزنىڭ باشقا كومپيۇتېرلاردا كۆپ خىل نۇسخىنىلىشىڭىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. دەرۋەقە، «ئىنساننىڭ  كۆپ تەرەپلىمە خاراكتېرى» گە چېتىلىدىغان ھۆججەت-ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ. ئاتالمىش ئىنساننىڭ كۆ تەرەپلىمە خاراكتېرى ئاينىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتا ربولغان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ، سول يېرىم شارلىرىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بولۇپ، بەزى روھىي ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاساسەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سول قولى ئوڭ قولىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنىنى بىلمەيدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    ماك كاي يۇقىرىدىكى قاراشنى كومپيۇتېر تىلىدىن پايدىلىنىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:

    ناۋادا مەلۇم بىر بەلگىلەنگەن پروگراممىنى ئورۇنداۋاتقان بىر كومپيۇتېرغا ئوت كېتىپ، كۆيۈپ كەتسە، بىز جەزمەن، بۇ پروگراممىنىڭ كونكېرت ئىپادىلىنىشى يوقالدى دەيمىز. ئەمما، ئەگەر بىز مۇشۇ ئوخشاش بىر پروگراممىنىڭ يەنە بىر يېڭى ئىپادىلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇ ھالدا ھېلىقى كۆيۈپ كەتكەن كومپيۇتېرنى قايتىدىن قۇتۇلدۇرىشىمىزنىڭ جەزمەن ھاجىتى بولمايدۇ، ھەتتا ئىلگىرىكى مېخانىزمنى تەكرارلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز بولمايدۇ، ھەتتا ئىلگىرىكى مېخانىزمنى تەكرارلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز بولىدۇ. ھەرقانداق بىر پائالىيەتچان ۋاستىچى (ھەتتا قېرىنداش ۋە قەغەزدىن پايدىلىنىپ پروگراممىنى ئورۇندايدىغان بولسىمۇ) ئەگەر ئىلگىرىكى پروگراممىغا ئوخشاش تۈزۈلۈشنى، ئوخشاش مۇناسىۋەت قاتارىنى ئىپادىلىگەن بولسا، پرىنسىپ جەھەتتە ئەسلىدىكى پروگراممىنى ئىپادىلەيدۇ.

    بۇ خۇلاسە بولغاندىن كېيىن، «پروگرامما»نىمۇ باشقا تەندە يېڭىۋاشتىن ئىشلەيدىغان قىلغىلى (تىرىلدۈرگىلى) ياكى بىزنىڭچە ماددىي ئالەمگە تەۋە بولمىغان بىر سىستېما (جەننەت؟) ئىچىدە يېڭىۋاشتىن ئىشلەيدىغان قىلغىلى ھەمدە «پروگرامما»نى پەقەت مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندىلا «ساقلاپ قويغىلى» (ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى ھالەتتە تۇرغۇزغىلى) بولامدۇ-يوق؟ بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر ئوچۇق مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. ۋاقىت تۇيغۇسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز، پەقەت پروگرامما ئورۇنداۋاتقان چاغدا، ئوخشاش بىر سېمفونىيە ئورۇندىلىۋاتقان چاغدىكىدەك، ۋاقىت ئېقىمى ئاندىن خالىغان مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىر سېمفونىيە مۇزىكىسىنىڭ مەۋجۇت بولغىنىغا ئوخشاش، پروگرامما ئىجاد قىلىنغان ھامان، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئاساسەن غەيرىي ۋاقىت خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ.

    بۇ بابتا سۆزلىگەنلىرىمىز، بىلىش ئىلمى جەھەتتىكى تەتقىقاتنىڭ ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ مەقسەت جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى تەكىتلەۋاتقانلىقى، بۇ خىل تەكىتلەشنىڭ دىنغا نىسبەتەن كۆپ خىل مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. بىر تەرەپتىن، بىلىش ئىلمى جەھەتتىكى تەتقىقات روھ توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇقۇمغا ھېچقانچە ئورۇن قالدۇرمىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ تەتقىقاتلار يەنە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت قالدۇردى.

    روھ مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئادەتتە فىزىكا رامكىسى ئىچىدە ئۇنىڭغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى بىز فىزىكىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش نەزەرىيىسى قاتلىمىدا ئاددىي، تۈپ نەرسىلەرنى ھەممىدىن ئوبدان بى رتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ۋاھالەنكى، يېڭى فىزىكىنىڭ بىر مۇھىم ساھىسىگە روھ ئاللىقاچان تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بولۇپ، بۇنى فىزىكا ئالىملىرى چۈشىنەلمەي قالدى. بۇ ساھە كۋانت نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

    (داۋامى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا يېڭى فىزىكا _