بيۇگ ژارگال ۋىكتور گيوگۇ18

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 12:37:04

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) مەن پيېرو بىلەن يالغۇز قالغاندا تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدىم، مارىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سورىغىنىمدا، ئۇنىڭ خىجالەت بولغانلىقى، مارىنىڭ نامىنى قانداقتۇ نازۇك مېھىر – مۇھ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    مەن پيېرو بىلەن يالغۇز قالغاندا تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدىم، مارىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سورىغىنىمدا، ئۇنىڭ خىجالەت بولغانلىقى، مارىنىڭ نامىنى قانداقتۇ نازۇك مېھىر – مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئېلىشى، مەن تېخى خوتۇنۇم دەپ ئاتاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن مارىنى گالېفى پورتىدىكى يانغىن ئىچىدىن پيېرونىڭ يېتىلەپ ئەكەتكەنلىكى ئېسىمگە كېلىپ، ئۆچمەنلىكىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى. مېنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇ قەدەر چوڭقۇر ئاداۋىتىم بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زالىم بىئاسۇنىڭ ئالدىغا كېلىشى، مېنىڭ ھايات قېلىشىم ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ سۆز – ھەركىتىنىڭ غەلىتە بولۇشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ سىرلىق ھەرىكەتلەر مەن ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ مەن پيېرونىڭ ئۆلگەنلىكىگە جەزمەن ئىشىنىپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئالدىمدا تىرىك پەيدا بولۇپ قېلىشىدا نىمە سىر بار؟ مەن ئۇنىڭ «ئۇلۇغ دەريا» غا سەكرەپ چۈشۈپ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنمىدىم؟ شۇندىن كېيىن ئۇ قانداقلارچە ئاق تەنلىكلەر لاگىرىغا ئەسىر چۈشتى؟ بىر قۇل بىردىنلا ھۆكۈمرانغا، ئەسىر ئازات قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قالدىغۇ! بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟ مانا بۇ نۇرغۇن چۈشىنىكسىز ھادىسىلەر ئىچىدىن ماڭا پەقەت بىرلا نەرسە ئېنىق ئىدى، ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مارىنى شەرمەندىلەرچە ئوغرىلاپ كېتىشى! بۇ ئازاپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن چۈشىنىكسىز ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى پەقەت ئۆز مۇددىئايىمنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا مەن ئۆز رەقىبىمنى جاۋابكارلىققا تارتىش پۇرسىتىنىڭ تېزرەك كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. مانا، ئاخىر بۇ پۇرسەتمۇ كەلدى.

    بىز ئۈچ قۇر سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرغان نېگىر ئەسكەرلەر ئارىسىدىن ئۆتتۇق. ئۇلارنى بىزنى كۆرۈپلا، ھەيران بولغان ھالدا:

    ئەنە مۆجىزە، ئۇ ئەمدى ئەسىر ئەمەس!» دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. بۇ سۆز كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى بىلمىدىم: پيېروغا قارىتىپ ئېيتىلدىمۇ ياكى ماڭا قارىتىپ ئېيتىلدىمۇ.

    مانا، بىز لاگىر چېگرىسىدىن چىقتۇق. بىئاسۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاراۋۇلى ئاللىقاچان قويۇق ئورمان ۋە تاشلىق غارنىڭ كەينىدە قالدى. راسك كەينىدە قالدى. راسك قىن – قىنىغا پاتمىغان ھالدا يۈگۈرۈپ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى ۋە بىردەملا قايتىپ كەلدى. پيېرو ئالغا قاراپ تېز كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنى قوپاللىق بىلەن توختىتىۋالدىم.

    -ماڭا قارا، - دىدىم ئۇنىڭغا، - نېرىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. سەن ئېھتىيات قىلغان يات قۇلاقلار بۇ يەردە گەپلىرىمىزنى ئاڭلىيالمايدۇ. سۆزلە، مارىنى نىمە قىلدىڭ؟

    قاتتىق ھاياجان ئىچىدە ئاۋازىم تىترەپ چىقاتتى.

    پيېرو ماڭا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ دىدى:

    -يەنە شۇ گەپمۇ؟

    -ھەئە، يەنە شۇ گەپ! – دىدىم مەن غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ، - يەنە شۇ گەپ! مەن تاكى ئاخىرقى نەپسىمگىچە ۋە سېنىڭ ئاخىرقى نەپسىڭ تىنغىچە سەندىن قايتا – قايتا سورايمەن، مارى قەيەردە؟

    -دىمەك، گۇمانىڭ زاىلا تۈگىمەيدىكەن – دە! بىر ئازدىن كېيىن ھەممىنى چۈشىنىسەن، - دىدى ئۇ.

    -بىر ئازدىن كېيىن دەمسەن، مۇتىھەم! مەن ھازىرلا بىلىشنى خالايمەن. مارى قەيەردە؟ ئاڭلاۋاتامسەن، جاۋاپ بەر! بولمىسا جانغا جان ئالىمەن، تەييارلان!

    -مەن ساڭا قارشى تۇرالمايدىغانلىقىمنى ئاللىقاچان ئېيتتىمغۇ، - دىدى پيېرو مەيۈس ھالدا، - بىر تامچە سۇ ھېچقاچان چوڭ بۇلاقنى بېسىپ كېتەلمەيدۇ، سەن مېنىڭ ھاياتىمنى ئۈچ قېتىم قۇتقۇزۇپ قالدىڭ، شۇڭا مەن ساڭا قارشى كۈرەش قىلالمايمەن! مەن كۈرىشىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، ساڭا قارشى چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس – ئىككىمىزدە بىرلا خەنجەر بار.

    شۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ تۇرۇپ، بېلىدىن خەنجىرىنى سۇغۇرۇپ ئالدى – دە، ماڭا ئۇزاتتى.

    -مە، ئال بۇنى.

    مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم ۋە بىردىنلا خەنجەرنى ئالدىم – دە، ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تاقىدىم، پيېرو تىز پۈكۈشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى.

    -بەدبەخت! – دىدىم ۋارقىراپ، - مېنى قاتىللىققا مەجبۇر قىلما! ئەگەر ئايالىمنىڭ قەيەردىلىكىنى دەرھال ئېيتمايدىغان بولساڭ، خەنجەرنى يۈرىكىڭگە تىقىمەن!

    -سەن مېنىڭ خوجايىنىم، - دىدى ئۇ ھېچبىر رەنجىمەستىن، - سەندىن شۇنى سورايمەنكى، ماڭا يەنە بىر سائەت ياشاش پۇرسىتى بەرگىن – دە، كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭ، سەن ئۆزەڭ ھاياتىنى ئۈچ قېتىم قۇتقۇزۇپ قويغان كىشىڭدىن گۇمانلىنىۋاتامسەن، سېنى ئۆز ئۇكىسى دەپ ھېسابلاۋاتقان كىشىدىن گۇمانلىنىۋاتاتىسەن. لېكىن، ئېسىڭدە بولسۇنكى، يەنە بىر سائەتتىن كېيىنمۇ گۇمانىڭ يوقالمىسا، ئۇ چاغدا مېنى ئۆلتۈرۈشكە ھەقلىقسەن، بۇنىڭغا ھامان ئۈلگۈرەلەيسەنغۇ، مانا ساڭا ھېچقاچان قارشىلىق كۆرسەتمەيدىغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىسەن. بۇ ھەقتە مارىنىڭ نامى بىلەن، سېنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، يەنە بىر سائەت سەۋر قىل! ئۆزەم ئۈچۈنلا بۇنچىۋالا يېلىنىۋاتقىنىم يوق، بەلكى سەن ئۈچۈن يېلىنىۋاتىمەن!

    ئۇنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشەنچلىك جاراڭلىماقتا ئىدى. كۆڭلۈمدە قانداقتۇ چۈشىنىكسىز ھىسسىياتلار ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى توغرىدۇ، دەپ تەستىقلاپ تۇراتتى. ئەگەرچەندە ئۇئۆز ھاياتىنىلا قۇتۇلدۇرۇش غەرىزىدە بولغان بولسىلا، بۇنچىلىك دادىل، سەمىمىي ۋە جىددىي سۆزلەر بىلەن يېلىنمىغان بولاتتى، دەپ ئويلىدىم – دە، ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ سىرلىق ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇندۇم، قىلغانلىرىمغا ئازراق نومۇسمۇ قىلدىم.

    -بوپتۇ، دىدىم مەن، - ساڭا يەنە بىر سائەت ۋاقىت بېرىپ، كەينىڭدىن ماڭاي.

    خەنجەرنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم.

    -ياق، - دىدى ئۇ، - خەنجەر سەندە تۇرىۋەرسۇن، سەن ماڭا ئىشەنمەيسەن ئەمەسمۇ! يۈر، ماڭايلى، ۋاقتىمىز ئاز.

    45

    پيېرو ئالغا قاراپ ماڭدى. بىز پاراڭلىشىۋاتقىنىمىزدا، بىر نەچچە قېتىم ئالدىمىزدا يۈگۈرۈپ كېتىپ، يەنە قايتىپ كېلىپ خۇددى بىزدىن، نىمە ئۈچۈن توختاپ قالدىڭلار، دەپ سورىغاندەك تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان راسك ئەمدى خۇشاللىق بىلەن ئالغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. بىز بۈك – باراقسان قاراڭغۇ ئورمان ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق. يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، ئاجايىپ گۈزەل چىمەنلىك دالاغا چىقتۇق. دالانىڭ ئەتراپى ياپ – يېشىل قېرى دەرەخلەر بىلەن ئورالغان، قىيا تاشلىق چوققىلاردىن باشلانغان شارقىراتما ساي بولۇپ ئېقىپ تۇراتتى، دالانىڭ ئاخىرىدا بىر ئۆڭكۈر بولۇپ، ئەتراپى بىر – بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ئىلجىرىق، يۆگىمەچ ۋە ياسىمەنگە ئوخشاش گۈل – چىچەكلىك ئوت – چۆپلەر بىلەن پۈركەنگەن ئىدى. راسك قاۋىماقچى بولىۋىدى، پيېرو ئىشارەت بىلەن ئۇنى توختاتتى ۋە مېنى ئىملاپ ئۆڭكۈر ئىچىگە ئەكىردى.

    ئۆڭكۈردە بورا ئۈستىدە بىر ئايال يۈزىنى يورۇق تەرەپكە قىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپ قارىدى... ئاھ، دوستلىرىم، بۇ مارى ئىدى!

    مارىنىڭ ئۇچىسىدا توي كۈنى كىيگەن ئاق كۆينەك، بېشىدا نىكاھلىنىۋاتقان قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزلىق بېزىكى ھېسابلىنىدىغان گۈل چەمبىرەك بار ئىدى، مەن بۇ گۈل چەمبىرەكنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئېلىۋېتىشكە تېخى ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم، مارى مېنى كۆرۈپلا تونىدى – دە، ۋارقىراپ قۇچىقىمغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ھاياجېنىدىن گاڭگىراپ ھوشىدىن كەتتى. مەنمۇ داڭ قېتىپ قالدىم.

    مارى ۋارقىرىغاندا، ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ئايرىم ياساپ قويۇلغان ئۆيدىن بىر موماي چىقتى، ئۇنىڭ قۇچىقىدا بالا بار ئىدى. موماي مارىنىڭ تەربىيىچىسى، بالا بولسا، شور پېشانە تاغامنىڭ كەنجە بالىسى ئىدى.

    پيېرو دەرھال بۇلاققا يۈگۈرۈپ بېرىپ سۇ ئەكىلىپ، قولى بىلەن مارىغا سەپتى، ئەندىككەن مارى ھوشىغا كېلىپ، كۆزىنى ئاچتى.

    -لېوپولد، جېنىم لېوپولد! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.

    «مارى!...» دىگىنىمچە، باشقا سۆزنى قويۇپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈشكە باشلىدىم.

    -مېنىڭ ئالدىمدا سۆيۈشمىسەڭلار ئىكەن! – دىدى كىمدۇ بىرى يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئاجايىپ ئاھاڭدا، بۇرۇلۇق قارىساق، پيېرو ئىكەن، سۆيۈشۈۋاتقىنىمىزدا يېنىمىزدىلا تۇرغان ئىكەن. بىزنىڭ سۆيۈشكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ئۇ روھىي جەھەتتىن ئازاپلىنىپ، ھاياجان بىلەن ئېغىر نەپەس ئېلىۋاتاتتى، پېشانىسىدا مۇنچاق – مۇنچاق تەر، پۈتۈن بەدىنى تىترەۋاتاتتى. ئۇ دەرھال قولى بىلەن يۈزىنى توساپ، ئەلەم بىلەن «مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنداق قىلمىساڭلار» دىگەن پېتى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

    مارى ئاستا ئۆزىنى مەندىن يىراقلىتىپ، پېيرونىڭ ئارقىسىدىن قاراپ ھەيران بولغان ھالدا دىدى:

    -ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم! لېوپولد، ئۇ ئېھتىمال، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن رەشك ئازابىنى چېكىۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا ئەجەپ ئەمەس – ھە؟

    پيېرونىڭ قىلمىشى كۈندەشلىكنى ئىسپاتلىغان بولسا، مارىنىڭ ئېيتقانلىرى ئۇنىڭ ماڭا دوست ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

    -مارى! – دىدىم – دە، شۇ ھامان قەلبىمدە قانداقتۇر بىر ھوزۇرلىنىش بىلەن بىللە چوڭقۇر ئېچىنىش پەيدا بولدى، - مارى ئەجىبا، سەن بۇنى تېخىچە چۈشەنمىگەن بولساڭ؟

    -توغرا، مەن ھازىرمۇ بۇنداق تۇيغۇنى سەزگىنىم يوق، - دەپ جاۋاپ بەردى مارى خىجالەتچىلىكتە قىزىرىپ، - ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا، بۇ قانداق بولغىنى؟ مەن ئۇنىڭ ھىسسىياتىنى زادىلا بايقىغىنىم يوققۇ!

    مەن مارىنى باغرىمغا چىڭ باستىم.

    -مەن ئەمدى ئايالىمنىمۇ، دوستۇمنىمۇ قايتىدىن تېپىۋالدىم، - دىدىم ھاياجان بىلەن، - مەن ھەم بەختلىك، ھەم ئەيىپكارمەن. چۈنكى مەن پيېردىن گۇمانلانغان ئىدىم!

    -گۇمانلانغان، دەمسەنا؟ - دەپ سورىدى مارى ھەيران بولۇپ، - كىمدىن، پيېرودىنمۇ؟ راست، ھەقىقەتەن سەن ئەيىپلىك ئىكەنسەن! ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ئىككى قېتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، بەلكى ھاياتىمدىنمۇ چوڭراق نەرسىنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى، - دىسەممۇ بولىدۇ، - دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، تىمساق مېنى ھالاك قىلغان بولاتتى، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، نېگىرلار مېنى... بەختسىز دادامنىڭ كەينىدىنلا... نېگىرلار مېنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، پيېرو مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن يۇلۇپ تارتىۋالدى.

    مارى توختاپ يىغلىدى.

    -لېكىن، نىمە ئۈچۈن پيېرو سېنى كاپقا، مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتمىدى؟ - دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

    -ئۇ شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى. بىراق بولمىدى. بۇندق قىلىش بەكمۇ قىيىن ئىدى، سەۋەپ پيېرو نېگىرلاردىنمۇ، ئاق تەنلىكلەردىنمۇ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، بىز سېنىڭ ئەھۋالىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەزىلەر سېنىڭ ئۆلگەنلىكىڭنى كۆردۇق، دىيىشتى، پيېرو بۇ گەپلەرنىڭ يالغانلىقىغا مېنى ئىشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭگە ئىشەندىم. ئەگەر سەن راستىنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولساڭ، يۈرىگىم ئەلۋەتتە سەزگەن بولاتتى – دە، مەنمۇ شۇ مىنۇتتىلا ھالاك بولغان بولاتتىم.

    -دىمەك، بۇ يەرگە سېنى پيېرو ئەكىلىپ قويغان ئىكەن – دە؟ - دەپ سورىدىم مەن.

    -ھەئە. جېنىم لېوپولد، بۇ خىلۋەت ماكاننى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلگەن مومامنىمۇ، كىچىك ئۇكامنىمۇ پيېرو قۇتۇلدۇرۇپ، ھەممىمىزنى مۇشۇ پىنھان ئورۇنغا يوشۇرۇپ قويدى. ساڭا شۇنى ئېيتايكى، بۇ يەر بىزگە ناھايىتى قولاي، ئەگەر بۇ ئەلنىڭ ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىنى ئۇرۇش قاپلاپ كەتمىگەن بولسا، بىز قايتىدىن كۆرۈشكەن مۇشۇ پەيتتىن باشلاپ بۇ ئۆڭكۈردە سەن بىلەن ئۆمۈرۋايەت بىللە ياشاشقا خۇشاللىق بىلەن رازى بولغان بولاتتىم. بىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پيېرو يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىرگەندە، ئادەتتە چېچىغا قىزىل پەي قاداپ كىرىدۇ. ئۇ سەن توغرىلىق سۆزلەپ بېرىپ مېنى خاتىرجەم قىلدى ۋە بىزنىڭ پات يېقىندا يەنە قايتا بىللە بولىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ مېنى ئىشەندۈردى. كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلمىگەن ئىدى. تازا بىئارام بولۇۋاتاتتىم. مانا ئەمدى ئۇ سەن بىلەن بىللە كەلدى، بىچارە دوستۇم! بايا، ئۇ سېنىڭ ئالدىڭغا بارغان ئىكەن – دە؟

    -ھەئە.

    -شۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى مارى، - سەن بۇنداق بولۇشىغا ئىشىنەمسەن؟

    -ئەمدى ئىشەندىم، - دىدىم مەن، - ماڭا خەنجەر كۆتەرگەن ۋە سېنى قايغۇغا سېلىپ قويۇشتىن قورقۇپ، خەنجەرنى ئۇرۇشتىن يالتايغان كىشى شۇ ئىكەن؛ دەريا بويىدىكى شىپاڭ ئەتراپىدا ساڭا بېغىشلاپ ناخشا ئېيتقانمۇ شۇ ئىكەن.

    -ئەجىبا! – دىدى مارى ئادەتتىن تاشقىرى ھەيران بولغان ھالدا، - ئۇنداقتا، ئۇ ساڭا رەقىپ بولدىغۇ؟ ياق. مېنىڭ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئۇ مېنى بىزنىڭ قۇلىمىز بولغان چاغلاردىكىدىنمۇ بەكرەك قوغدىدى، مېنى چەكسىز ھۆرمەت قىلدى. توغرا، بەزىدە ماڭا قانداقتۇ ئاجايىپ بىر زوق بىلەن قاراپ قوياتتى، بىراق مەن ئۇنىڭ قاراشلىرىدا پەقەت ھەسرەتتىن باشقا ئالامەتنى كۆرمەيتتىم، شۇ، مېنىڭ قايغۇمغا ئېچىنىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئۇ ماڭا سەن توغرۇلۇق نەقەدەر سەمىمىيەت بىلەن سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بىلسەڭ ئىدىڭ! ئۇنىڭ ساڭا بولغان دوستلۇقى خۇددى مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدەكلا پاك.

    مارىنىڭ ئېيتقانلىرى مېنى تەسىرلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن ئەپسۇسلاندىم، بۇ ئالىيجاناپ پيېروغا قانچىلىك قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ «مەن ئۆز قەدىرىنى بىلمەيدىغان ئادەم ئەمەس» دىگەن قىسقا، كەمتەر تەنىسىدە چوڭ بىر ئادالەت بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

    شۇ پەيتتە پيېرو كىرىپ كەلدى. ئۇ مۇڭلۇق ۋە غەمكىن كۆرۈنەتتى، گويا جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن قىيناقلارغا مەرتلەرچە تەييار تۇرغان كىشىگە ئوخشايتتى. ئۇ ئاستا مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى – دە، بېلىمگە قىستۇرۇلغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، جىددىي دىدى:

    -بىر سائەت ئۆتتى.

    -بىر سائەت ئۆتسە نىمە بوپتۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن.

    -سەن ماڭا بىر سائەت مۆھلەت بەرگەن ئىدىڭغۇ؟ سېنى بۇ يەرگە ئەكىلىش ئۈچۈن مەن سەندىن بىر سائەتلىك ئۆمۈر بېرىشىڭنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم، ۋاقىت توشتى. ئەمدى سەندىن جېنىمنى ئېلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن!

    ناھايىتى نازۇك تۇيغۇ – مۇھەببەت، دوستلۇق، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن قەلبىمدىن زىلزىلىگە كېلىپ تۇرغانلىقىدىن ئۆزەمنى تۇتالماي، ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتىم پيېرونىڭ – قۇلنىڭ ئايىغىغا ئۆزەمنى تاشلىدىم. ئۇ چاققانلىق بىلەن مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى – دە:

    -نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟! – دەپ ۋارقىرىدى.

    -مەن سېنىڭ ھەرقانداق خىزمىتىڭگە تەييارمەن، ئەپسۇسكى، سېنىڭ دوستلۇقۇڭدەك يۈكسەك دوستلۇققا مۇناسىپ ئەمەسمەن. ساڭا مېنىڭ ھەممە ۋاپاسىزلىقىمنى ئەپۇ قىلغۇدەك چوڭ مىننەتدارلىق ئىزھار قىلالماسلىقىم مۇمكىن.

    پيېرونىڭ چىرايىدا بىر ئاز جىددىيلىك ئىپادىلەندى، ئۇنىڭ قەلبىدە ئازاپلىق ئىچكى كۈرەش بولۇۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ بىر قەدەم ئالدىمغا كېلىپ توختىدى –دە، لېۋىنى قىمىرلاتتى، ئەمما بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلىنىشى ئۇزاققا سوزۇلمىدى، غۇلىچىنى يېيىپ مېنى قۇچاقلىدى – دە، شۇنداق دىدى:

    -ئەمدى مەن سېنى، ئۇكام دەپ ھېسابلىسام بۇلامدۇ؟

    جاۋاپ ئورنىغا مەنمۇ ئۇنى بوينىنى قۇچاقلىدىم.

    بىر ئاز جىم تۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەنە شۇنداق دىدى:

    -سەن ياخشى يىگىت ئىدىڭ، ئەپسۇسكى، تەلەي ساڭا ئادالەتسىزلىك قىلدى.

    -مەن ئۆز ئاكامنى قايتىدىن تېپىۋالدىم، - دىدىم ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن، - مەن ئەمدى بەختلىك، ئەمما گۇناھكارمەن!

    -سەن، گۇناھكارمۇ، ئۇكا؟ مەندىمۇ ئەيىپ بار. مېنىڭ ئەيىپىم سېنىڭكىدىن كۆپرەك. ھازىر سەن بەختلىك، ئەمما مەن دائىم بەختسىزمەن!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.