ئىگەرلىك ئات-كاچۇڭدىكى چۈش

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:10:45

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپيەتتىنچى بابكاچۇڭدىكى چۈش1ياپچاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئاخبارات، پىرىيانە يەكەن پالچىسىنىڭ تەبىرى ھەمدە سەركەردىنى كۆكياردا ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كەلگ...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    يەتتىنچى باب
    كاچۇڭدىكى چۈش

     


     

    1

     

    ياپچاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئاخبارات، پىرىيانە يەكەن پالچىسىنىڭ تەبىرى ھەمدە سەركەردىنى كۆكياردا ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن ئەسكەرلەر تىلىدىن ئاڭلىغانلىرى قوچقار پالۋاننى بىئارام قىلىۋەتتى. ئۇ ئەسلىدە ‹‹ھاراب ۋە ياپچاندىكى قاراۋۇللۇق بۇرچىنى پەقەت يېڭىسار ۋە قىزىل ئەتراپىدا ئوۋ قىلىۋاتقان سەركەردىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتىمەن›› دەپلا چۈشىنەتتى. ئۇ يەكەندە يەنە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كۆكياردىن ما جەمەتىگە يازغان تۆۋەندىكى خېتىدىن ۋاقىپ بولدى-دە، ئۇنىڭ كاللىسى تېخىمۇ قېيىپ كەتتى.

    ‹‹مەن شېڭ جەمەتى ۋە ئىسھاق تاغامغا بويسۇنماي ئىسيان كۆتۈرۈپ قەشقەردىن يېنىپ چىقتىم. بىز كاچۇڭدا سۆھبەتلەشسەك، ۋەكىل ئەۋەتسەڭلار...››

     

    ئەمەلىيەتتە بۇ خەتنىڭ ‹‹ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا›› دىن ئىبارەت ھىيلە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى. ئەمما ما جەمەتى بۇ خەتكە ئىشىنىپ، سۆھبەت ۋەكىلىنى بەلگىلەپ قاغىلىقتا كۈتۈپ تۇراتتى.

    ئۇنىڭدىن سىرت مەھمۇت مۇھىتىنى لاداخقا ئۇزىتىپ قايتقان ئەسكەرلەر، جۈملىدىن ھەرجايدا تارقىلىپ يۈرگەن پىدائىي يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىلا كاچۇڭ تەرەپكە قاراپ ماڭغانىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قوچقار پالۋان ھاراب چەۋەندازلىرىنى باشلاپ كاچۇڭغا قاراپ ئاتلاندى.

    يەكەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ تاغلىق كەنت چارۋا، ئاشلىق ۋە مېۋە- چېۋىگە باي باياشات جاي ئىدى. ساغلام تەبىئەت بەخشىدىن بەستلىك ئۆسكەن ئەر-ئاياللىرى شاۋقۇنلۇق زەرەپشان دەرياسىدىن پەخىرلىنەتتى. بۇ ئۇلۇغ دەريا ئۇلارغا ئابىھايات ئاتا قىلغاندىن سىرت، كاچۇڭلۇقلار ئۇنىڭ ئېقىنىدىن ھەر يىلى تاۋاقلاپ ئالتۇن سۈزۈۋالاتتى. تەبىئەت ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمەن بولغان كاچۇڭلۇقلار بۇ يەرگە جەم بولغان مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي يىگىتلەرنى بىمالال تەمىنلەپ تۇرغانىدى. بىراق، سەركەردىسىدىن ئايرىلغان بۇ دېھقان يىگىتلەر ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟›› دېگەن جىددىي مەسىلىگە دۇچ كەلگەنىدى.

    كاچۇڭ كەنت بازىرى يېنىدىكى تۈزلەڭلىككە پەيدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار توپلاندى ۋە يۇقىرىدىكى تېمىنى چۆرىدەپ كېڭەش ئېلىپ باردى. ھەممەيلەن بىر نىيەتتە: ‹‹بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنمەيمىز، شېڭ جاللات بىلەن بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە ئېلىشىمىز›› دېگەن قارارغا كەلدى. ئاخىرىدا سايلام ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن مويىدىن تۈەنجاڭ نامزات كۆرسىتىپ دېدى:

    - چاروپايلارنىڭ سەركىسى بولىدۇ، يىگىتلەرنىڭ يىگىتۋېشى بولىدۇ، جەڭچىلەرنىڭ سەركەردىسى بولىدۇ. ئەقىل-پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا ھەممىمىزدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئابدۇنىياز كامالنى سىجاڭلىققا كۆرسىتىمەن، قېنى كۆپچىلىك نېمە دەيدىكىن؟

    مويىدىننىڭ بۇ تەكلىپىنى كۆپچىلىك بىر ئاۋازدا تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ، قوچقار پالۋان مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي يىگىتلەرنىڭ باش كوماندىرى بولۇپ قالدى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئابدۇنىياز سىجاڭ  دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە شۇ تۈزلەڭلىكتە ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يېڭى سىجاڭ سۆزگە چىقىپ دېدى:

    - بىز ھەممىمىز قايتىدىن بىر سەپ بولۇپ ئۇيۇشتۇق. ئەگەر سېپىمىزدىن ئايرىلىپ يۇرتۇمغا كېتىمەن دېگۈچىلەر بولسا رۇخسەت، ‹‹پىدائىيلىق يولىدا ئاداققىچە ماڭىمەن›› دېگەن ئىرادە بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىدىغان يىگىتلىرىمىز ئالدىدا مەن ھازىر تۆۋەندىكى ئىنتىزامنى ئېلان قىلىمەن:

    بىرىنچى، ھەرقانداق يىگىت قوماندانلىققا بويسۇنۇشى شەرت.

    ئىككىنچى، ھەرقانداق يىگىت خەلقنىڭ مال-مۈلكىگە تەگمەسلىكى شەرت.

    ئۈچىنچى، ھەرقانداق شەخس خەلقنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا قەتئىي يامان نىيەتتە بولماسلىقى شەرت.

    تۆتىنچى، ھەرقانداق يىگىت يارىدار سەپدىشىنى قوغدىشى شەرت.

    بۇ تۆت شەرتكە بارلىق پىدائىي يىگىتلەر ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن بىلدۈرۈشتى.

    ئارقىدىنلا، ئۇ قىسىملىرىنى قايتىدىن تەشكىللەپ ۋە ئۇلارنى تۆت تۇۋەنگە ئايرىپ، ھەربىر تۇەننىڭ كوماندىر ۋە مۇئاۋىن كوماندىرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ يېڭى تەشكىللەنگەن «كاۋچوك دېۋىزىيىسى» بارلىققا كەلدى. ئاخىرىدا ئۇ يەنە مويىدىننى قوشۇمچە ئۆزىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا، ئەينى زاماندا ئىختىساسلىق دەپ تونۇلغان ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر ھاجى ئۆزىگە مۇشاۋىر قىلىپ تاللىۋالدى.

     

    2

     

    مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ خاپا بولغان ما جەمەتى كاچۇڭغا ۋەكىل ئەۋەتىشتىن يالتىيىپ، قاغىلىقتا كۈتۈپ تۇرغانىدى. كېيىن ئۇلار يېڭى دېۋىزىيە كوماندىرى ئابدۇنىيازنى قاغىلىققا تەكلىپ قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى قاغىلىق ھاكىم مەھكىمىسى زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. ما جەمەتىنىڭ سەركەردىسى ما جيەن (ما جۇڭيىڭنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى) سۆھبەت باشلىنىشى بىلەن تەڭلا قورساق كۆپۈكىنى تۆكۈپ دېدى:

    - قارىمامدىغان، ... مەھمۇتمۇ تازا سېھىرگەر بىر نېمە ئىكەن. بىز بىلەن كاچۇڭدا سۆزلىشىمىز، دەپ خەت يېزىپ، دوپپىمىزغا جىگدە سېلىپ قويۇپ، چەت ئەلگە تىكىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايىقى ئىسھاق تاغا دەيدىغان بىر نېمەڭلەر نەچچە رەت قەسەم ئىچىپ، مېنى تەكلىپ قىلىپ ئاچىقىپ، ئارقىدىنلا ھەش-پەش دېگۈچە ۋاپاسىزلىق قىلىپ جاللات شېڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ، قورچاق مۇئاۋىن رەئىسلىك مەنسىپىنى دەپ ھەممىمىزنى سېتىۋەتتى. بۇ گېپىمنىڭ چىنلىقىغىمۇ ئىشىنىدىغانسىز؟

    ما جيەن سوئال نەزىرى بىلەن ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى. ئۇ دەسلىپىدىلا سۆھبەتدىشىنىڭ يۈرىكىنى چېكىپ كۆرمەكچى بولغانىدى. ئابدۇنىياز كامال ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ بىرمەھەل سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن سۆز تىزگىنىنى نۆۋەتتىكى نىشانغا بۇراش غەرىزىدە تۆۋەندىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

    - مېنىڭچە شېڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ، دېھقانلارغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى تارىخ ئۆزى جازالىشى مۇمكىن مەن شېڭ جاللاتنىڭ ئۇستازىم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھەم باشقا دېھقانلارنى قانداق قىرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. شۇڭا مەن ھەرگىز ئۇنىڭ دامىغا چۈشمەيمەن. خوش ئەمدى بىز ئالدىمىزدىكى ئىشلار توغرۇلۇق پىكىرلىشىپ كۆرەيلى. مېنىڭ تەكلىپىم: بىرىنچىدىن، شورا كونسۇلخانىسىغا بىزنى قوللاش، ھېچبولمىغاندا بىتەرەپ تۇرۇش توغرىسىدا خەت يېزىپ كۆرسەك؛ ئىككىنچىدىن، مەھمۇت مۇھىتى چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مۆتىۋەر زاتلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇڭا قەشقەرگە تېگىش قىلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇۋالساق.

    ئابدۇنىيازنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئاڭلاپ ما جيەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە كىچىك چېكىلىكى بار سېرىق ھەربىي شەپكىسىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېڭىلا چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق، سىدام بېشى سىرلانغان قاپاقتەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ، بىر مەھەلدىن كېيىن يەنە ئۆز ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى-دە، جاۋابەن دېدى:

    - شورا دەۋاتامسىز، بەللى، سىز يەنە ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋېتىپسىز، بۇ چۈشنى كاچۇڭدا كۆرۈپ كەلگەن ئوخشايسىز. توغرا، كاچۇڭدىكى چۈش! مەن سىزنىڭ بۇ چۈشىڭىزگە ھەرگىز قوشۇلمايمەن، چۈنكى، شۇرانىڭ پىلانى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان. ئۇ، سىز بىلەن بىزنى ھەرگىز قوللىمايدۇ. شورا شور تاشلايدۇ، شېڭ شىسەي تور تاشلايدۇ، توخۇ يۈرەك ئالا بايتاللار  بولسا پۇشايمىنىنى ئالارغا قاچا يوق ئاخىرى پېشانىسىنى قاشلايدۇ. بىراق مەن سىزنىڭ ئىككىنچى خىل پىكىرىڭىزنى چوقۇم قوللايمەن ھەمدە قوشۇنۇمدىن ئۈچ يۈز ئادەمنى سىزگە ياردەمگە ئەۋەتىمەن. سىز قەشقەر كونىشەھەرگە، مەن قەشقەر يېڭىشەھەرگە ماسلىشىپ تەگسەك غەلىبىدىن ئۈمىد بار.

    ما جيەننىڭ بۇ پىكرىگە ئابدۇنىياز كامالمۇ قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن سۆھبەت ئاياغلاشتى. ئابدۇنىياز كامال شۇ كۈنى كاچۇڭغا قايتىپ كەلدى.

     

    3

     

    ئابدۇنىياز كامال قاغىلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سىز ساقلاپ ھېچكىمگە لام-جىم دېمەيتتى. ئۇنىڭ يېقىنلىرى بولسا ئاڭلاشقا تەقەززا بولاتتى. قىستاپ تۇرۇۋالغان يېقىنلىرىغا بولسا «ئەتە يەكەنگە بارىمىز، شۇ چاغدا...» دەپ ئۆزىنى قاچۇراتتى.

    «پىدائىي يىگىتلەر ئەتە يەكەنگە قاراپ قوزغالغۇدەك» دېگەن گەپ ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرەتتى. يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئونلاپ قوي-كالىلارنى سويۇپ-پىشۇرۇپ ئاخىرقى قېتىم چوڭ زىياپەت ئويۇشتۇردى، زىياپەتتىن كېيىن ھەممەيلەن ئۇخلاپ ئارام ئېلىشتى.

    باش ئەتىيازنىڭ سالقىن شامىلى كاچۇڭ جىلغىلىرىغا خۇش پۇراق چېچىپ قىر ياقىلىرىدىكى يېشىل-يۇمران چۆپلەرنى سۆيۈپ تۇراتتى. يىراق-يېقىندىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىغانلىرى، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى، ئارىلاپ ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلىناتتى.

    ئابدۇنىياز كامال مەخسۇس قاراۋۇللارنىڭ مۇھاپىزىتىدىكى خاس بارگاھى ئىچىدە سوزۇلۇپ يېتىپ ئايىغى چىقمايدىغان خىياللار دېڭىزىدا ئۈزەتتى، تۈن نىسپىگە بارغاندا كىرپىكى يۇمۇلۇپ ئۇيقۇغا كەتتى-دە، «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال...» دېگەن تەمسىلدىكىدەك ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى خىياللىرى مانا ئەمدى ئۇيقۇسى بىلەن تەڭلا باشلانغان شېرىن چۈش ئەينىكىدە ئەكس ئېتىشكە باشلىدى:

    «بەزىلەر: ‹شورا بىلەن گەپلەش، شورا بىلەن ئەپلەش، بولمىسا ئىشىڭ ئاقسايدۇ› دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: ‹شورا دېگەن بەرىبىر شېڭ شىسەينى تاللاپ بولدى، ساڭا-ماڭا باقمايدۇ... ھەرقانچە قىلغان بىلەن سۆزۈڭ ئاقمايدۇ...› دەيدۇ. ئىككى خىل پەرەزنىڭ ھەر ئىككىلىسى توغرىدەك قىلىدۇ. مەيلى ئاۋۋال بىرىنچى خىل پەرەز ئۈچۈن دو تىكىپ، ئارقىدىن ئىككىنچى خىل پەرەزنى سىناپ كۆرمەيمەنمۇ؟ تەۋەككۈل دەرياسىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ باقمايمەنمۇ؟ بۇ ماڭا ئەل مۇھەببىتى بىلەن باغلانغان رىشتە. ئۇ ماڭا روھىي كۈچ ئاتا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ئېھتىمال ئالىقاندىن سۇ قاچقاندەك غايىب بولۇپ مېنى داغدا قويۇشى مۇمكىن، ھەتتا مېنى ھالاك قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. پىداكار يىگىتلا بولىدىكەن، بۇ ئاقىۋەتلەرنى كۈتۈشكە ھەقلىق...»

    مانا بۇ كاچۇڭ چۈشى ئىدى. بۇ شېرىن چۈشنىڭ    ساھىبى - ئابدۇنىياز كامال ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلدى.

     

    4

     

    يېڭى كاچۇك دېۋىزىيىسى بۈگۈن سەھەرلىكتە ئاتلىق يولغا چىقىپ يەكەنگە يېتىپ باردى ۋە بۇ يەرگە ياردەم ئۈچۈن ما جەمەتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئۈچ يۈز كىشىلىك قوشۇن بىلەن جەم بولدى. ئۇلارغا يەنە خوتەندىن كەلگەن نۇرغۇن پىدائىي يىگىتلەرمۇ قوشۇلدى. بۇ بىرلەشمە كۈچ ئارىسالدى بولۇپ تۇرغان نۇرغۇن پىدائىي يىگىتلەرنىڭ روھىغا تەسەللى ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى. لېكىن، بۇ يېڭى روھىي ھالەتمۇ كاچۇڭ چۈشىنىڭ داۋامى ئىدى.

    يېڭى بىرلەشمە قىسىم مانا ئەمدى قەشقەر كونىشەھەرگە تېگىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئەنە شۇ چاغدا ما جەمەتىنىڭ ياردەمگە كەلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ تۇۋەنجاڭى قاغىلىقتىن كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر پارچە خەتنى ئابدۇنىياز كامالغا تاپشۇردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى:

     

    «قاغىلىق قارارى بويىچە بىز تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر سىزنىڭ قوماندانلىقىڭىزغا بويسۇندى، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىدا گەپ يوق، لېكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىقارار ئالا بايتاللار بولۇپ چوقۇم چوڭ ئاپەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىغا سەزگۈر بولارسىز...»

     

    ئابدۇنىياز كامال بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىغا ئانچە ھەيران قالمىدى. چۈنكى، بۇ گەپلەر قاغىلىق سۆھبىتىدىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەنىدى. ئەقىل تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچىگەندە ئادەم باشقۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن يۇقىرىقى خەتنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ئىنكار قىلىۋېتىشقا بولمايتتى. ھالبۇكى، خام سۈت ئەمگەن ئىنسان بالىسى ماھىيىتىدىن - مەنپەئەت قۇلى، مەنپەئەت بىلەن ئۆلۈم ئۆتكىلى ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىز نۇقتىسى. شۇ چاغدا، ئۇ ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. يېڭى كاچۇڭ دېۋىزىيىسى ھازىر ئەنە شۇنداق ئىمتىھانغا دۇچ كەلگەنىدى.

    ياپچاندا قاراۋۇللارنىڭ قولىغا چۈشكەن بايىقى ئاخباراتچى ھېلىغىچە نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئىبرەت جازاسى مۇۋاپىق پەيتنىلا كۈتۈپ تۇرغانىدى، پۈتۈن دېۋىزىيە بىر چوڭ مەيدانغا توپلاندى. جاسۇس سوراق قىلىندى. ئۇ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ رەقىبى ئىدىرىس تەرىپىدىن ياللانغان ئاخباراتچى ئىدى. مەھمۇت مۇھىتى رەقىبىنى پايلاپ يۈرەتتى. ئۇنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ كوكراۋات يولىدا ئېتىپ تاشلىغان ۋە تاشقا باستۇرۇپ قويۇپ يۈرۈپ كەتكەنىدى. بۇ تەقدىر مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئاخباراتچىسىنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاخباراتچى ھەممە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن چوڭ مەيداندا ئېتىپ تاشلاندى.

    ئابدۇنىياز كامال ئارقىدىن نۇتۇق سۆزلەپ دېدى:

    - بىزنىڭ بۇ سېپىمىز - ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى ۋە ساپ ۋىجدانى بويىچە جەملەشكەن دېھقانلارنىڭ پىدائىي قوشۇنى، ئەمما بىز شېڭ شىسەيگە باش ئەگمىگىنىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزنى ئىسيانچىلار دەپ ئېلان قىلدى. مەن بۇ ئىسىمنى ياقتۇرىمەن، شېڭ شىسەي نۇرغۇن دېھقانلارنى، ئالىملارنى قەتلى قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرۈشكە ھەقلىق ئىدۇق، بىز ھازىر شۇ يولنى تاللىدۇق. لېكىن، ۋىجدانى پىچىۋېتىلگەن مۇناپىق ئالا بايتاللارمۇ بايقالدى. بۈگۈن ئىبرەت جازاسى بېرىلگەن جاسۇس ئەنە شۇلارنىڭ تىپى. بىز قەسەمياد قىلىپ بۇ ۋىجدانىي يولدا جەملەشكەنىكەنمىز، بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۆز ئىشىمىزغا ساداقەتمەنلىك ۋە كۈچلۈك ئىرادە ئورۇن ئېلىشى كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كېيىن خائىنلارغا، ئالا بايتاللارغا، ئىنتىزامسىز لۈكچەكلەرگە ھەرگىز ئەپۇ قىلالايمىز...

    ئەتىسىدىن باشلاپ قەشقەرگە تېگىش قىلىش پىلانى بويىچە قوشۇن قايتىدىن رەتلەندى. ئابدۇنىيازنىڭ ئۆزى يەتتە يۈز كىشىگە، مويىدىن ئالتە يۈز كىشىگە قوماندان بولۇپ ئىككى يول بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەرگە قاراپ ماڭدى. ما جەمەتىنىڭ ياردەمچى ئەسكەرلىرىمۇ بىرگە يۈرۈش قىلدى. ئاتلىق ۋە پىيادە ماڭغان بۇ قوشۇن ئىككى مىڭغا يېتىپ باراتتى. ئۇلار 1937- يىل 5- ئاينىڭ 29- كۈنى قەشقەر كونىشەھەرنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىغا كېلىپ جەم بولۇشتى.

    بۇ كۈنلەردە قەشقەر كونىشەھەر ئىچىدە ئىككى خىل كۈچ بولۇپ، بىرى، شورا تەرەپكە مەنسەپ بولغان ئۈچ يۈزدەك ساقچى، يەنە بىرى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سابىق سەنمۇجاڭى قۇربان سەئىدى  قولىدىكى بىرقانچە يۈز كىشىلىك ئەسكەرلەر ئىدى. بۇ ئىككى خىل كۈچ بىرلەشكەندىمۇ ئابدۇنىيازنىڭ پىدائىي قوشۇنلىرىغا ھازىرەنلىككە تاقابىل تۇرالمايتتى. قەشقەرنىڭ يازلىق ھاۋا كىلىماتىمۇ ئىسيانچىلارغا پايدىلىق شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى.

    ئابدۇنىياز كامال پىدائىي يىگىتلىرىگە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈردى-دە، دۆلەتباغدىن قوزغالغان بۇ يىگىتلەر سېپى تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ يۈرۈپ كېرەمباغقا يېتىپ بارغاندا، مەۋلانوف باشچىلىقىدىكى چىكا  قىسىملىرىنىڭ قاراۋۇللىرى سېزىپ ئوق ياغدۇردى. لېكىن ئارا يىراق ئىدى. ئىسيانكار پىدائىيلار قارا قۇيۇندەك ئىلگىرىلەپ بارغاندا قاراۋۇل ساقچىلار ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىدى. ئۇلار شۇ ئىلگىرىلىگەنچە بېرىپ يۇمىلاق شەھەرنى قورشىۋالدى. شەھەر شۇ ئىلگىرىلىگەنچە بېرىپ يۇمىلاق شەھەرنى قورشىۋالدى. شەھەر ئىچىدە بېكىنىپ ياتقان قۇربان سەئىدى سېپىل ئىچىدىكى ئەسكەرلەرنى قايمۇقتۇرۇپ دېھقانلارغا قارشى ئوق ئاتقۇزدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ قايمۇققان ئەسكەرلەر قۇربان سەئىدىنى تاشلاپ ئابدۇنىياز تەرەپكە ئەل بولۇشقا باشلىدى. ئىسيانچىلار سېپى تېخىمۇ غولداپ زورايتتى. ئاخىر قەشقەر شەھىرى ئىسيانچىلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۆتتى.

    بۇ پەقەت تارىخنىڭ ئۆزگىرىشچان كومېدىيىسىنىڭ قىسمىلا بىر پەردىلىك كۆرۈنۈشى ئىدى. تېخىمۇ قىزىقارلىق ئويۇنلار ئەمدى باشلىناتتى.

    شورا كونسۇلى قەشقەردىكى چىكا قىسىملىرى بىلەن قۇربان سەئىدى قىسىملىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن بىئارام بولغانىدى. ئۇلار ئاخىر بىر كېلىشىم تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كېلىشىم بويىچە ئابدۇنىياز كامالنىڭ شتابى يۇمىلاق شەھەر ئىچىدە بولۇشى، قۇربان سەئىدى يېڭىشەھەردىكى شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن بىرگە تۇرۇشى قارار قىلىنغانىدى.

    دەل شۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامال بىز پاجىئەلىك تراگېدىيىسىدىن خەۋەر تاپتى. قەشقەر كونىشەھەردىكى مەۋلانوفنىڭ قىسىملىرى تېخى يېقىندىلا تۇتقۇن قىلغان مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇراخمان شائىر قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مەھبۇسنى بېنزىن چېچىپ، ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يېڭىشەھەرگە قېچىپ بېرىۋالغانىدى.

     

    5

     

    بۇ پاجىئەنى ئاڭلاپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ يۈرىكى قاتتىق مۇجۇلدى. ئۇ پۈتۈن بىر كېچە تولغىنىپ ئۇخلىيالمىدى. ئۆزىنىڭ بىخۇدلۇقىدىن ئېچىناتتى. ئەتىسى مۇشاۋىر ئابدۇقادىر ھاجى ياقۇپقا تاپىلاپ دېدى:

    - بىز تۈنۈگۈن يۇمىلاق شەھەرگە تېگىشتىن بۇرۇن، تۈرمىدىن مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرماي خاتالىشىپتۇق. بۇلار ئىش بوپتۇ، پۇشايمان قىلساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. سىز بىرنەچچە كىشىنى باشلاپ بېرىپ، كۆيدۈرۈلگەن تۈرمە خارابىسىدىن مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئابدۇراخمان شائىرلارنىڭ جەسەت كۈلىنى بىر قاچىغا تولدۇرۇۋېلىپ تۈمەن دەرياسى بويىغا دەپنە قىلىپ كېلىڭلار. بۇ بىزنىڭ ئۇلارنىڭ روھىنى يوقلاشتا ئۆتەشكە تېگىشلىك بىردىنبىر ۋىجدانىي بۇرچىمىز.

    ئابدۇنىياز كامال تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپە چۈشتىن بۇرۇن بەجا كەلتۈرۈلدى. چۈشتىن كېيىن قۇربان سەئىدى يۇمىلاق شەھەردىكى شتاب كابىنتى ئىچىدە ئابدۇنىياز كامالغا ھوقۇق تاپشۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىدى.

    كابىنېت ئىچىدە بىر ئۇزۇن كەنتىر، بىرقانچە قاتتىق ئورۇندۇقتىن باشقا كۆزگە ھېچ نەرسە چېلىقمايتتى. ھەم ئېگىز، ھەم ئۇستىخانلىق كەلگەن، قىرىق ياشلار قارىسىنى ئالغان قۇربان سەئىدى تۇنجى بولۇپ ئېغىز ئېچىپ دېدى:

    - مەھمۇت ئاكام بىزگە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي ھەم قىلچىلىكمۇ بىر نەرسە قالدۇرماي قېچىپ كەتتى. بۈگۈن سىزگە قۇرۇق بولسىمۇ مۇشۇ كابىنېت ئۆيىنى، ياغاچ كەنتىر ۋە ياغاچ ئورۇندۇقلارنى قالدۇرۇدىغان بولدۇق.

    - رەھمەت،- دېدى ئابدۇنىياز كامال جاۋابەن،- مەن ئەزەلدىن داق يەردە يېتىپ چوڭ بولغان. ياغاچ ئورۇندۇق بولسۇن، ھەتتا تاج-تەخت بولسۇن دېھقان بالىلىرىغا بەرىبىر، تاج-تەخت كىملەرگە ئەسقاتقان دەيسىز، بۇ كابىنېتمۇ شۇنداق. مەھمۇت مۇھىتىدىن قالدى، سىزدىن قالدى، ھەممىدىن قالىدۇ. پەلەكنىڭ چاقى ئەزەلدىن شۇنداق. خوش، بۈگۈن ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بولۇۋاتقانىكەن، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىشلىتىپ كەلگەن تامغىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.

    بۈگۈن بۇ يەرگە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇشاۋىرلىرىمۇ ھازىر بولۇشقانىدى. ئابدۇنىياز كامال قارشى تەرەپنىڭ ئەجەللىك يېرىنى تۇتۇۋالغانىدى، قۇربان سەئىدى بىر ئۆڭۈپ، بىر تاتىرىپ ئاخىر ئىلاجسىز سومكىسىدىن تامغىسىنى چىقىرىپ غالىب رەقىبىنىڭ ئالدىغا قويدى. تامغىغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە: «مۇۋەققىتى قۇربان سەئىدى - كاشغەر» دېگەن خەت ئويۇلغانىدى. ئارقىدىن ئابدۇنياز كامال يەنە تەگەپ دېدى:

    - سىز مەھمۇت مۇھىتى بار چاغدا باش سەنمۇجاڭ ئىدىڭىز، ئۇ كەتكەندىن كېيىن شېڭ شىسەي سىزنى مۇۋەققەت سىجاڭ قىلىپ ئۆستۈردى. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تامغىسى چوقۇم سىزنىڭ قولىڭىزدا ساقلىناتتى. ئەگەر سىز مېنى راست كۆڭلىڭىز بىلەن سىجاڭ دەپ ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇ چاغدا مەنمۇ سابىق سىجاڭنىڭ تامغىسىغا ئوخشاش تامغا ئويدۇرۇشۇم كېرەك. شۇ ۋەجىدىن، مۇشۇ نەق مەيداندا سابىق سىجاڭنىڭ تامغىسىنى تەلەپ قىلىمەن.

    قۇربان سەئىدى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنىدى. ياق دېسە ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ بىرمەھەل ئارىسالدى بولۇپ، ئاخىر يەنە سومكىسىدىن سابىق سىجاڭنىڭ تامغىسىنى چىقىرىپ بەردى. ئۇنىڭغا «شەۋكىتى مەھمۇت مۇھىتى - كاشىغەر» دېگەن خەت ئويۇلغانىدى.

    ئاشۇ ئىككى تامغا كەنتىر ئۈستىگە قويۇلغاندىن كېيىن مۇشاۋىرلار قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ چىقىشتى. ئارقىدىن بىر مۇشاۋىر تەكلىپ تەلەپپۇزىدا سوئال قويۇپ دېدى:

    - ئەمدى ئابدۇنىياز كامال سىجاڭغىمۇ بىر تامغا كېرەك. ئۇنىڭغا قانداق خەت ئويۇلسا بولار؟

    ئابدۇنىياز بۇ سوئالنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈۋەتتى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ دوستى ۋە مۇھاپىزەتچىسى ھىدايى جاۋاب بېرىپ دېدى:

    - ئابدۇنىياز سىجاڭغىمۇ بىر تامغا لازىم، ئەلۋەتتە. مېنىڭچە ئۇنىڭغا «نۇسرىتى ئابدۇنىياز كامال - كاشىغەر» دەپ خەت ئويدۇرساق تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    ھىدايىنىڭ بۇ سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى، لېكىن قۇربان سەئىدى رەللە بولۇپ ئىزىدا ئولتۇرالماي قالدى.

    - بولدى چاقچاقنى يىغىشتۇرۇپ تۇرايلى،- دېدى ئابدۇنىياز كامال يېڭى تېمىغا كۆچۈپ،- تۈنۈگۈن تۈرمىدە خېلى كۆپ مەھبۇسنىڭ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ھېلىلا خەۋەردار بولۇپ بەكمۇ ئېچىندۇق ۋە غەزەپلەندۇق. بۇ پاجىئە توغرىسىدا قۇربان سەئىدى سەنمۇجاڭنىڭ كۆزقارىشىنى ئاڭلاپ باقسام دېمەكچىمەن.

    - بۇ ساقچىلارنىڭ ئىشى، بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق...

    - ئۇنداقتا بۇ ئىشنىڭ ھەق-ناھەقلىقى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىچۇ؟

    -......

    - دېمەك، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بولۇپمۇ ئەڭ سەرخىل كىشىلىرىمىزنىڭ پاجىئەلىك قىرغىن قىلىنىشىغىمۇ «لەببەي» دەپ تۇرۇۋېرىدىكەنمىز-دە، ئەمما تارىخنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن، تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىدە «يامانلىققا يامانلىقچە، ياخشىلىققا ياخشىلىقچە» پەتىۋا چىقىرىلىدۇ. «ئۆز يېغى بىلەن ئۆز گۆشىنى قورۇش»تەك سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىغان ئالا بايتاللارنىڭ مۇلازىمىتى ئاياغلاشقان سائىتى - دەل ئۇلارنىڭ بوينى كېسىلىدىغان كۈنىدۇر.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ غەزەپلىك ساداسى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىغان قۇربان سەئىدىنىڭ شۇ تاپتا يۈز-كۆزلىرى ئۆپكىدەك ئېسىلىپ جان-پېنى چىقىپ كېتەي دېگەنىدى. بىراق، ئۇ ھازىر غالىب بولغۇچى ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى زورىغا بېسىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىرمەھەللىك سۈكۈتتىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:

    - بىز بەزى ئۇقۇشماسلىققا ھازىرەنلىككە سالاۋات دەپ تۇرايلى. ئاكام مەھمۇت مۇھىتىغا شېڭ دۇبەن بىلەن يارىشىپ قېلىڭ دەپ شۇنچە دېسەم مېنى ئالداپ قويۇپ كېتىۋالدى. «گۇمان - ئىماننى قاچۇرۇپتۇ» دەيدىغان سۆزىمىز بار. ئۇ بەكمۇ گۇمانخور ئادەم ئىدى، سۆزۈمنى ئىلىك ئالمىدى. ئەگەر ئابدۇنىياز سىجاڭ ماقۇل بولسا، ھۆكۈمەت بىلەن ياراشتۇرۇش يولىدا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى ئايىمايمەن.

    ئابدۇنىياز بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئارقىدىن جاۋاب بېرىپ دېدى:

    - سىز مەھمۇت مۇھىتى بىلەنمۇ، مەخسۇس مۇھىتى بىلەنمۇ يېقىن تۇغقان-قېرىنداش؛ مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ چىققانلىقىڭىزنى شېڭ دۇبەن تازا ئوبدان بىلىدۇ. تاغىڭىز مەخسۇت مۇھىتى، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، جۈملىدىن قۇمۇل، تۇرپان، لۈكچۈن دېھقانلىرىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، كىمنىڭ قىرغانلىقىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز. ھەرقانداق ياراشتۇرۇش مۇلازىمىتىڭىز سىزنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. بىرىنچىدىن، مانا ھازىر يۇمىلاق شەھەرنى ماڭا تارتقۇزۇپ قويدىڭىز. دېمەك، مۇشۇ ئىككى چوڭ گۇناھىڭىز ئۈچۈنلا شېڭ دوبەن سىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلالايدۇ.  

    شۇنداق قىلىپ ئابدۇنىياز دەيدىغىنىنى دەپ بولدى. قۇربان سەئىدى غال-غال تىتىرىگىنىچە ئىزىدا شۈمشەرەپ ئولتۇرۇپ قالدى. بۈگۈنكى بۇ ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئىسمى-جىسمىغا خاس قىلىچۋازلارنىڭ دۇئېل كۆرىشىگە ئايلانغانىدى.

    1937- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنى. تۈمەن دەرياسىنىڭ ئەتراپىنى بۈك-باراقسان ئۆسكەن يېشىل دەرەخزارلىق قاپلىغانىدى. كېرەمباغنىڭ بالدۇر پىشقان ئۆرۈك مېۋىلىرىنىڭ خۇش پۇراق ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن قانلىق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن قەشقەر شەھەر ئاھالىسى يەنىلا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراپ يۈرۈشەتتى.

    بۈگۈن ئابدۇنىياز كامالنىڭ شتابىدا تۇنجى قېتىملىق شتاب مەجلىسى ئېچىلىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى. نۇرغۇن پىكىرلەردىن كېيىن مويىدىن سەنمۇجاڭ تەكلىپ بېرىپ دېدى:

    - مېنىڭچە شېڭ دۇبەننىڭ كارى چاغلىق ئىدى. ئۇنىڭغا شورا ھامىي بولۇۋاتىدۇ. بىز شورا كونسۇلىغا خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشىنى، ھېچبولمىغاندا، بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ باقساق...

    بۇ پىكىرنى ھەممەيلەن ماقۇل كۆردى. ئابدۇنىياز كامالمۇ كۆپچىلىكنىڭ رايىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شورا كونسۇلخانىسىغا يېزىلغان خەتنى مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى ياقۇپنىڭ يېزىپ چىقىشىغا ھاۋالە قىلدى. بۇ خەت يىغىن تارقالماستىنلا يېزىلىپ تەييارلاندى. ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ئىدى:

     

    «شورانىڭ ئېزىلگەن سىنىپ، ئېزىلگەن خەلق ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنى يۆلەيدىغانلىقىغا گۇمان قىلمايمىز. بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىرى. ھەممىمىز دېگۈدەك كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى. شۇ ۋەجىدىن سىلەر بىز تەرەپتە تۇرساڭلار، بىزگە ياردەم بەرسەڭلار، ھېچبولمىغاندا بىتەرەپ مەيداندا تۇرساڭلار...»

     

    خەت ئاققا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۈچ كىشى ۋەكىل بولۇپ، شورا كونسۇلخانىسىغا باردى. كونسۇل جاۋاب بېرىپ دېدى:

    - بىز ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايمىز. سىلەرگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ياردەم بەرمەيمىز، ئىچكى ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمىز...

    ۋەكىللەر قايتىپ كېلىپ بۇ جاۋابنى ئابدۇنىياز كامالغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ:

    - مەن ئۇلارنىڭ غەرىزىنى بىلەتتىم، «ئىچكى ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمىز» دېگىنى «ئۈچ يۈز سەر كۈمۈش يوق» دەيدىغان ھىيلە-نەيرەڭدىن ئىبارەت. مەيلى، بىز ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەيدان سىناپ كۆردۇق. ئۇنىڭ زىيىنى يوق،- دېدى.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆڭلىنى بىرمەھەل غەشلىك تۇمانلىرى قاپلىۋالغانىدى. شۇ تاپتا، ئۇ شتاب كابىنېتىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ خىيال سۈرمەكتە ئىدى. بىر جەڭچىنىڭ چاس بېرىپ يېنىدا پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى-دە، جەڭچىدىن سورىدى:

    - نېمە ئىش؟ سۆزلە.

    - دەرۋازا سىرتىدا بىر سالاپەتلىك، ياقا يۇرتلۇق مېھمان سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.

    - باشلاپ كىر.

    قاراۋۇل ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى ۋە ھايال ئۆتمەي ھېلىقى مېھماننى باشلاپ كىردى. ئابدۇنىياز كامال مېھماننىڭ چىراي-تۇرقىدىن ئۇنىڭ غەيرىي سالاھىيىتىنى پەرەز قىلدى-دە، ئاۋۋال مېھماننى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە ئارقىدىنلا چۇس تەلەپپۇزدا مېھماندىن سورىدى:

    - خوش، تەقسىر، قېنى سۆزلىسىلە، بىزگە دەيدىغان قانداق مۇددىئالىرى باركىن؟

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ جىددىي قىياپەت بىلەن سورىغان ئاشۇ سوئالىغا غايىب مېھمان دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى:

    - مەن بىر غايىب ئەلچى، رۇمدىن كېلىۋاتىمەن. سىلەردە قورال-ياراغ، ھەربىي تەلىم كۆرگەن جەڭچىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلىۋاتىمەن، خالىساڭلار بىز سىلەرگە يېقىندىن يار-يۆلەك بولىمىز...

    مېھماننىڭ غەرىزىنى سېزىپ بولغان ئابدۇنىياز كامال ئۇنىڭ سۆزىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ كەسكىنلىك بىلەن رەددىيە بەردى:

    - بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرى. مەيلى شورا، مەيلى رۇم،  مەيلى پەرەڭ بىزدىن يىراق تۇرغىنى ياخشى. بىز سىرتنىڭ ھەرقانداق باھانىلەر بىلەن ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز ھەمدە سىلى بىلەن بۇ ھەقتە قايتا ئۇچرىشىشنىمۇ خالىمايمىز.

    ئابدۇنىياز كامال ئارقىدىن مەسلىھەتكە بۇرۇلۇپ:

    - سىلەر بۇ مېھماننى دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ قويۇڭلار. تېزدىن ئۆز يولىغا راۋان بولغىنى ياخشى،- دەپ ھاۋالە قىلدى.

    مېھمان ئوڭايسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، شتاب ئىشخانىسىدىن چىققان پېتى ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولدى.

    تاڭلا ئەتىسى ئابدۇنىياز ما جەمەتى قىسىملىرى شىتابىدىن يوللانغان تۆۋەندىكى جىددىي ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالدى.

     

    «شىمال تەرەپتىن شورانىڭ ئاتلىق ۋە زەمبىرەكچى قىسىملىرى قاپساپ كېلىۋېتىپتۇ. شەرق تەرەپتىن شېڭ شىسەي قىسىملىرى مارالبېشىغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپتۇ. بىز شىمال تەرەپكە، سىز مارالبېشى تەرەپكە تاقابىل تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردى. جىددىي ئاتلانسىڭىز...»

     

    ئابدۇنىياز كامال بۇ ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتىن خېلى جىددىيلەشكەنىدى. ئۇنىڭ كاچۇڭدا كۆرگەن چۈشىنىڭ ھەقىقىي تەبىرى مانا ئەمدى ئېنىق يېشىلدى. ئۇ «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ» دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ تەكتىنى ئەمدى چۈشەنگەنىدى.

    شۇنداق قىلىپ ئۇ، 3- ئىيۇن كۈنى بىر مىڭ تۆت يۈزدىن ئارتۇق پىدائىيلىرىنى باشلاپ مارالبېشىغا يۈرۈش قىلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.