مۇھەببەت ئارمانى 7

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-10 15:47:38

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)***********************************************************شۇنىڭدىن كېيىن، رافائىل م...



     

    مۇھەببەت       ئارمانى

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    ***********************************************************

    \

    شۇنىڭدىن كېيىن، رافائىل مەكتەپكە كۈندە دېگۈدەك كېلىدىغان بولدى. ‹‹ سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن ››، ‹‹ تامىقىنى يېگۈم كېلىپ ماۋۇ تەرەپنىڭ ››، ‹‹ ئۆيگە كەلگەنىدىم، قايتقاچ سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن ›› دېگەندەك باھانا - سەۋەبلەر بىلەن.  بارغانسېرى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم... گەرچە ئۇ ماڭا ئېغىز ئېچىپ ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ماڭا قاراشلىرىدىن ھەممىنى سېزىپ تۇراتتىم. توغرا، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى بىللە بولۇش جەريانىدا ئۇنى ئانچە - مۇنچە چۈشەندىم. ئۇ ھېسىياتقا باي، رومانتېكىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەممە نەرسىلەرنىڭ گۈزەل، كۆڭلىدىكىدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مۇزىكىنى  جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ. قاپاق گىتتارنى ياخشى چالىدۇ، FLAMENGOئۇسلۇبىنى ياقتۇرىدۇ. ‹سولو›لىرىدا گەپ يوق، شۇنچە پاكىز. ئۆزىمۇ ماڭا بەك كۆيىنىدۇ.

    • سىزنى تاپتىم، دەپ ھەممە دوسلىرىمغا دېدىم،- دېدى بىر كۈنى ئۇ،- ئەمدى سىزنى قويۇۋەتمەيمەن، بىلەمسىز، ئادەم ئۇزۇندىن ئىزلەپ يۈرگەن نەرسىسىنى تۇيۇقسىز تېپىۋالغاندا، قانچىلىك خوش بولىدىغانلىقىنى؟!

    ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم. ياتاقتىكى قىزلارمۇ ‹‹ ئاتتەك ماسلىشىسىلەر، ئاداش، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى نەدىن تاپاتتىڭ؟ ئۆزەڭمۇ بۇرۇن، مۇشۇنداق تەقدىر ئۇچراشتۇرغانلار بولسا مەيلى دەيتىڭغۇ؟!›› دېيىشەتتى. لېكىن،  ئۆزۈمگە ئايان، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپ دېسەممۇ، ياقتۇرىمەنلا، دىيەلەيمەن... ئەجىبا مۇشۇ ھېسىياتنىڭ ئۆزىلا مۇھەببەتمىدۇر؟ ياق، ياق! مەن شۇنداق بىر مۇھەببەتنى ساقلاۋاتىمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، قارشى تەرەپ ھەرگىز رافائىل ئەمەس. شۇنىڭدىن كېيىن رافائىلدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا باشلىدىم. ئۆگىنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانا قىلىپ تۇرۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ھەركۈنى n قېتىم تېلىفون قىلىدۇ. ئۇچۇر يوللايدۇ.
     - جىممىدا بولۇپ كەتتىڭغۇ؟! ئات.

    دېسۋان خىيالىمنى بۆلدى.

    - ھە... رافائىلغا گەپنى ئېنىق قىلىۋەتسەم بولغىدەك،  بولمىسا كېيىنچە تېخىمۇ تەس كەلگىدەك ئاداش.

    - ساراڭ بولما، بۇنداق بالىلارنى يېنىڭدىن ھەيدىۋېتىپ قانداق قىلاتتىڭ؟ خۇددى بىر يەردە شاھزادىدىن بىرسى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندەك. ئۇمۇ سېنى ھازىرلا بىرنېمە دە دېمىگەندىن كېيىن، تۇرۇپ تۇرمامسەن...

    دېسۋاننىڭ بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى كۆپ.

    - ۋاي... بىر گەپ بولار، بۇ ئىشلارغا بېشىمنى قاتۇرۇپ نېمە قىلاي!- دېدىم كارىۋاتقا سوزۇلۇپ ياتقاچ.

    - ھە راست. ھېلىقى رەسىملىك كىتابىڭنى بېرىپ تۇرە، خېلى قىزىقىپ قالدىم!- دېدى دېسۋان يانىمغا كېلىپ.

    - سومكامنىڭ ئۈستىدىغۇ، ئۆزەڭ ئالە.- دېدىم كارىۋېتىمدىن چۈشۈش خوشياقماي

    - تېلىفونىڭنى توكقا تىقىپ قويە، بولمىسا ياتاققا تېلىفون ئۇرۇپ، ھەممىمىزنى ئاۋارە قىلىدىكەن، رافائىل!- دېدى دېسۋان سومكامنى كارىۋېتىمغا قويغاچ. يانفۇنۇمنى ئالاي دەپ سومكامنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. سومكامنىڭ ئىچىدە يەنە بىر رەسىملىك كىتاب تۇراتتى. ۋاي، خۇدايىم

    - ئاداش قولۇڭدىكى كىتابنى ئەكىلە، بولە چاققان

    - يەنە نېمە بولدى؟- دېدى دېسۋان كىتابنى سۇنۇپ بەرگەچ. كىتابنى ئالدىم-دە، ئىچىنى ئاچتىم. كىتاب خېلى كونىرىغان ئىدى. ئىچىنىڭ بوش يەرلىرىگە ئانچە - مۇنچە خەتلەر يېزىلغاندەك قىلاتتى.  دېسۋانغا ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى بەردىم-دە، قولۇمدىكى كىتابنى ئالدىرىماي ۋاراقلاشقا باشلىدىم. ئىچىدىكى خەتلەر شۇنداق چىرايلىق يېزىلغان ئىدى. ئۇ -  بۇ يەرلەرگە شۇ كۈنىدىكى ھېسىياتى بىلەن ئەسەردىن ھېس قىلغانلىرى قوشۇپ يېزىپ قويۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدىكى بېتىدا ‹‹ ئەزىمەت قەھرىمان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى›› دېگەن خەتلەر تۇراتتى. مانا!!!كۆرۈڭ بۇ ئىشنى. ئۇنىڭ قولىدىكى راستلا ئۇنىڭ كىتابى ئىكەنتۇققۇ؟!  مەن تېخى ئۇنى <نومۇسسىز ئەبلەخ> دەپ تىللىدىمغۇ دەيمەن. ۋاي ئۆلەي! ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ تېخى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، ئۇچرىشىپ قالساق نېمىلەرنى دەپ كېتەر...

    كەچتە ياتاقتا ئەزىمەتنىڭ مېنىڭكىگە ئوپمۇئوخشاش رەسىملىك كىتابىنى كۆرۈپ ئولتۇرسام، مەستۇرە كىردى.

    - ئات، باركەنسەن ھەنىم بولسا...،- دېدى ئۇ كارىۋېتىمنىڭ يېنىغا كېلىپ،- بۈگۈن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بار ئىكەن، يۈرە چىقىپ كۆرۈپ كىرەيلى!

    مەستۇرە - يەنە بىر ياتاقدىشىمىز ھەم مېنىڭ يېقىن  دوستۇم. ئۆزى غۇلجىلىق. يوغان، ئېگىز، گىروي قىز، تەنھەرىكەتچىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۆزىمۇ تەنتەربىيەنى سۆيىدۇ. يۈزلىرى ئاپئاق، كالپۇكلىرى نېپىز بۇ دوستۇم بەك ياسىنىشقا ئامراق، قاچانلا قارىسىڭىز، ئۆزىنى ياساپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرىسىز. بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدا قاسىم، دەپ بىرسىنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق، لېكىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كاملىقىدىن ھازىرغا قادەر كۆڭلىدە يوشۇرۇپ كەپتۇ. بىز بۇنىڭغا توختىماي ئۆزىگە ئىشىنىش توغۇرلۇق دەرس ئۆتىمىز. ئۆزىنىڭ ھېچكىمدىن تۆۋەن ئەمەسلىكى، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭمۇ بىرخىل گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى توختىماي دېيىشىمىز نەتىجىسىدە، بۇ قىز ھازىر دەھشەت ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ياسىنىپ، تاقىراقشىپ يۈرۈيدۇ. ئۆزىنىڭ بەك ئادەمگەرچىلىكى بار، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ياخشى. بىردىنبىر يېرى، بەك ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ، بەك چۆچۈيدۇ. چۆچۈپ، بىزنىمۇ قورقىتىپ جېنىمىزنى ئالغىلى تاس قالىدۇ. مۇشۇ ياتاققا يېڭى كىرگەن ۋاقتىمىزدا مەستۇرە مەن ياتقان مۇشۇ ئورۇندا ياتاتتى. بىر كۈنى، تاڭ ئاتاي دېگەن چاغ، ھەممىمىز ئۇخلاۋاتاتتۇق، بىر نەرسە گوم قىلىپ ئۈستەلگە، ئاندىن ئۈستەلدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن تېخى چىراق ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ۋايجاننى ئاڭلاپ ھەممىمىز گۈررىدەڭ قوپتۇق، قارىساق مۇشۇ مەستۇرە. ئىشقىلىپ بىچارە بەش، ئالتە كۈندەك تۈزۈك ماڭالماي، كېيىن ئاران ياخشى بولغان. مەن ئورۇن ئالمىشىپ بەرگەندىن كېيىن، پەستىكى كارىۋېتىدىنمۇ ئىككى قېتىم چۈشۈپ كەتتى. مەنغۇ چۈشۈپ كېتىپ باقمىدىم، ئەمما يوتقۇنۇم تولا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاستىدىكى كارىۋاتتىكى سەبىرەنى تولا ئويغۇتۇپ، ئۇنىڭ بۇ توغۇرلۇق پىكرى بار ماڭا.

    مەستۇرە يېقىننىڭ ياقى ۋاسكىتبولغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى، (توغرىراقى ئەلۋەتتە ۋاسكىتبولچىلار) پات - پاتلا مۇسابىقە كۆرگىلى بارىدۇ. ئۆزىنىڭمۇ بويى ئېگىز بولغاچقا، ۋاسكېتبولچىلارنى ئۆزىگە ماس كېلىدۇ دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ.‹‹ ماقۇل ››دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتىم. ئەزىمەتنىڭ كىتابىنى قانداق قىلارمەن، دەپ تولا ئويلاپ ئۆزۈمنى ئالدۇرۇپ قويماي يەنە!

    ۋۇي... بۇ مۇسابىقىمۇ خېلى بولۇپ قالامدۇ نېمە؟!  خېلى ھەيۋەت تۇرىدۇ. ئىككىمىز ئالدىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق. مەستۇرە ماڭا بىر - بىرلەپ ۋاسكېتبولچىلارنى ھەم ئۇلارنىڭ قايسىبىر داڭلىق چەت ئەل ۋاسكېتبول چولپانلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئورنى، كىمنىڭ نېمىگە ماھىر ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

    • دەرسنى مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇغان بولساڭ، فاكولتېتتا ئېلىپ قالاتتى سېنى!- دېدىم چاقچاق قىلىپ

    - ۋاي، نېمە دەيدىغانسەن؟ ئېلىپ قالىمىز دەپ يالۋۇرسىمۇ قالماسمىنا. توۋا دە ئاداش.

    بۇنىڭ بىزنىڭ فاكولتىتنىڭ ئوغۇللىرىغا غەزەپ ئىچى پۇشىدۇ. –

    • ھە، كەلدى، كەلدى. ساڭا بايا دېگەن چەت ئەل تىلى فاكولتىتىدا ئوقۇيدىغان، قايتقان توپنى پەيزى ئۇرىدىغان بالا ئەنە شۇ، ئىسمى ئەزىمەت.

    قىزىقىش ئىچىدە قارىدىم. ئەزىمەت دېگەن ھېلىقى ئەبلەخ ئەمەستۇر ئەمدى؟! دېمىدىممۇ؟ دەل شۇ ئەبلەخ. مەيدانغا كىرىپ تەييارلىق ھەرىكىتى ئىشلاۋاتاتتى. لېكىن ئۇنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر تۇيۇقسىز قەلبىمدىكى ئەندىشىنى ئىللىق بىر ئېقىم ئالدى.

    ئەزىمەت توپنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايتتى. گەرچە ۋاسكېتبولنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ، نومۇرنىڭ جىقراقىنى ئەزىمەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. (ئەلۋەتتە، مەستۇرەمۇ يېنىمدا توختىماي چۈشەندۈرىۋاتىدۇ).  ئەزىمەتنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھالىتى ھەقىقەتەن باشقىچە. ھېلىقى كۈندىكى ئاشۇ ‹‹ شېتىلە ›› ئەزىمەتتىن ئەسەرمۇ يوق. چىرايى شۇنداق جىددى تۈس ئالغان. پات - پات بوينىدىكى زەنجىرىنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. ئىككى قولى بىلەن تىزىنى تۇتۇپ، بېشىنى پەس قىلىپ، نەچچە سېكونت تۇرىۋالىدۇ. ئەمما شۇ كىتابنىڭ ئىشىنى ئويلىساملا، ئۆزۈم ئەمەسلا بولۇپ قالىمەن. يۈزلىرىم ۋىللىدە قىزىرىدۇ. ‹‹ مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ، مۇشۇ يەردە سەتلەشتۈرۈشتىن يانمايدۇ، بۇ ئەبلەخ. ›› دەپ ئويلاپ، كېتەي دېدىميۇ، لېكىن يەنە كېتەلمەيمەن. 20 مىنۇت توشتى. يەنە بىر 20 مىنۇتمۇ توشتى. كۆزلىرىم ئەزىمەتنىلا ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭغا قارايمەنۇ، خىيالىم يەنە باشقا يەرلەرگە كېتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ، مۇسابىقىمۇ تۈگىدى. چاققان كەتسەك بولاتتى ماۋۇ يەردىن دېگەنسېرى، مەستۇرە ئەزمىسىنى ئېزىپ، ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى...

    ئۇف... ھەنىم بولسا ئاخىر چىقىۋالدۇق. كەچنىڭ ھاۋاسى بەك ساپ، راھەت ئىدى. مەستۇرەنى قولتۇقلاپ بېشىمنى ئاسمانغا قىلىپ، يۇلتۇزلارغا قاراپ ئاستا ماڭدىم. مەستۇرە يەنىلا شۇ بايامقى مۇسابىقىدىكى ئەھۋاللارنى يادلىۋالغاندەك بىر قېتىمدىن دەپ چىقىۋاتاتتى. مۇشۇ دوستۇمنىڭ ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغىنى!!!

    - ھەي... سەھرالىق!!!

    شۇنداقمۇ بىر تونۇش ئاۋاز. كەينىمگە قاراشقا پېتىنالمىدىم. مەستۇرە

    - ئاداش، سېنى چاقىۋاتامدۇ نېمە؟-دېدى.

    - نېمە كەينىڭگە قاراپ يۈرۈيسەن، بىز يا سەھرالىق بولمىساق!- دېدىم ئۇنى بىلەكلىرىدىن تارتىپ سۆرىگەندەك مېڭىپ. تۇيۇقسىز مېنىڭ بىلىكىممۇ بىر قاتتىق قول تەرىپىدىن بوشقىنا تارتىلدى. ئاھ خۇدا،تۈگەشتىم.

    - نېمە؟!  قولۇمنى قويۇۋېتىڭە!- دېدىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالماي

    - شۇنچە چاقىرسام نېمىدەپ ئاڭلىماسقا سېلىۋالىسىز؟ ئوغرىدەك!- دېدى ئۇ قولۇمنى قويۇۋېتىپ، مۆرىسىدىكى سومكىسىنى ئوڭشىغاچ

    - ئاڭلىمىسام! نېمە ئىشىڭىز بار؟

    - ئىشىم جىق مېنىڭ! خاپا بولماي سىز ماڭغاچ تۇرامسىز؟! قىزچاق.

    نېمە؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەزىمەتكە قارىدىم ، ئۇ بىر خىيالى مەستۇرەگە قاراپ تۇراتتى. چىرايىدا ھېلىقى كۈلكىسى

    - نېمە دەپ كېتىپ تۇراتتى؟! قىززىق! بىللە كېتىمىز ئاداش!- دېدىم مەستۇرەنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ

    - ھەي ھەي ھەي... سىزدەك ياۋايى، ئۆكتەم قىز بىلەن مەن قورقماي قېلىۋاتسام، سىز نېمىدىن ئەنسىرەيتىڭىز؟ ئۇ يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلىدى،- بوپتۇ... لېكىن، خەقنىڭ نەرسىسىنى ئالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىشنى بىلىدىغانسىز؟ كىتاپ ئوغرىسى ئوغرى ئەمەسمۇ يە؟!

    - ھەي! تۈزۈك گەپ قىلىڭ ھە؟! كىم سىزنىڭ كىتابىڭىزنى ئوغۇرلاپتۇ؟ مەن، مەن شۇ پەقەت مېنىڭمىكىن دەپ قاپتىمەن!- دېدىم بوينۇمنى سوزۇپ

    ۋۇي... ما گەپنى! سىز سەھرالىق دەھشەت ئۆكتەم سەھرالىقكەنسىز ھە؟! سىزنىڭكىگە ئوخشىسىلا بۇلاپ ئېلىپ ماڭىدىغان.  باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىززا تارتىپ قالمىسۇن، دەپ كىتابىمنى ئېلىپ ماڭغىنىڭىزدا گەپ قىلمىدىم. تېخى مېنى تىللايسىزا!!!

    خەپ! يامان يەردىن تۇتىۋالدى بۇ ئەبلەخ...

    - كىتابىڭىزنى ئېىپ چىقىپ بەرسەملا بولار؟-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ

    - كىتابنى بېرىسىز، ئۇ ئېنىق. ئەمما، مۇشۇ پوزىتسىيىڭىز بىلەن بەرسىڭىز، مەن ئالارمەنما؟!

    -  ۋۇ ساراڭ! ئالمىساڭ مەيلى، ساڭا بېرىدىغان كىتاب يوق ئەمدى!

    مەستۇرەنىڭ قولىدىن تارتتىم-دە، يۈگۈرگەندەك ماڭدىم. كەينىمدىن ئۇ ئەبلەخنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپلا قالدى.

    - سەن ئەزىمەتنى قانداق تونۇيتىڭ ئاداش؟ ھەجەپ دېمىگەن ئىدىڭغۇ بىزگە ؟- سورىدى مەستۇرە ياتاققا كىرىپ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق خۇسۇسىيىتى بار، بىر ئىشنى سوراپ< نېمە دەپ؟ قاچان ؟ نېمىشقا؟ قانداق بولغان؟ > دېگەندەك سۇئاللىرى بەك جىق. بۇنىڭغا مۇنداقلا جاۋاب بېرىپ ھەرگىز قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. يىپ - يىڭنىسىدىن بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. شۇڭا ھەممىنى دەپ بەردىم. قىزلار ئاڭلاپ < شۇ ئاداش، سېنىڭ مۇشۇ ھاڭۋاقتىلىقىڭ بەزىدەجۇمۇ > دېيىشتى بىرەر قېتىمدىن.

    بىرنېمە دەي دېسەم، دېمىسىمۇ مۇشۇ ياتاققا كىرگەن ياقى، بەك جىق ئىشلاردا ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ كەتتىم. مۇشۇ ياتاققا يېڭى كىرگەندە (ئۇ چاغدا بۇرۇنقىدەك قۇلۇپ بىلەن ئىشىك تاقايتتۇق) بىر كۈنى ياتاقنى تاقاپ سىرتقا چىقاي، دەپ تۇرۇشۇمغا گۈزەل چاقىرىپ قالدى، ئۇنىڭ ياتىقىغا قۇلۇپنى كۆتۈرۈپ چىقىپتىمەن، ئۇنىڭكىدىن چىقىپ تۇرسام، يانفۇنۇمغا تېلىفون كەلدى، تېلىفون سۆزلىشىمەن دەپ، قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىگە بىزنىڭ قۇلۇپنى سېلىپ قويۇپتىمەن، ئىچىدىكىلەر چىقالماي، باشقىلىرى ئۇ قۇلۇبنى سىرتتىن ئاچالماي دېگەندەك بىر مۇنچە ئىش بولغانىدى. يەنە بىر قېتىم، رافائىل بىلەن تېلىفوندا سۆزلىشىپ ( ئۆزۈمچە قىزلارغا دەخلى قىلماي دەپ كارىدورغا چىقىپ سۆزلىشىپتىمەن) . خېلى بىر ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆزۈمنىڭ ياتىقىغا كىردىم دەپ، 318 غا كىرىپ كېتىپتىمەن، ( ئەسلى كارىدوردا سۆزلىشىپ، بىلىپ - بىلمەي 3-قەۋەتكە چۈشۈپ قاپتىكەنمەن).

    - ساڭا ھەجەب مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار ئۇچرايدۇ، دەيمەن،- دېدى شىخولۇق قىز سەبىرە

    - شۇنى دېگىنە، خاتىرجەم ئادەملەر قانداق ئادەملەردۇر، مەنمۇ شۇنداق بولۇپ باقسام،-دېدىم بىچارىلەرچە

    - مېنىڭمۇ ئاشۇنداق ئىشلارنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ئىلزات بىلەن بەك بالدۇر يۈرىۋالدىممۇ نېمە ؟- دېدى سەبىرە بېشىنى ئۈستىلىگە قويغاچ. سەبىرە بەك ئۇماق، ئۆزى كۈلگىچە كۆزى كۈلۈپ بولىدۇ. ئادەم دوراڭ دەيدىغان بولسا، كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىڭىزنى ئۈزىۋېتىدۇ، بىر ئادەمنى كۆردىمۇ بولدى، بىر يېرىدىن قۇسۇر تاپىدۇ-دە، شۇ زاماتلا ئوخشاش قىلىپ دورىۋېتىدۇ. ناخشا ئېيتىشقىمۇ ئۇستا. كىمنىڭ ناخشىسى بولسا شۇنىڭ ئاۋازىنى دوراپ ئېيتىدۇ، بەك مۇڭى بار ئاۋازىنىڭ. ئەمما، بىر نەرسىنى بەك ئىتتىك يەپ قويىدۇ، تاماق ئەكىرىپ، قالغانلىرىمىز ئورۇندۇقنى ئېلىپ، قولىمىزنى يۇيۇپ، چوكا - قوشۇقلارنى ئېلىپ بولغۇچە يەپ بولىدۇ، تاماققۇ مەيلىغۇ، شۇنداق سوغۇق ماروژنىلارنىمۇ بىر دەمدىلا يەۋېتىدۇ. مەن كارىۋاتلىرىنىڭ ئاستىغا قاراپ باقىمەن، < تۆكىۋەتمىگەنسەن ؟ > دەپ. ھەرىكىتىمۇ شۇنداق تېز، چىقىپ كېتىپ بىردەمدىلا < مالىيە - ئىقتىسادىي ئىنىستىتوغا بېرىپ كەلدىم >، < تىببىي ئۇنۋېرسىتىتقا سىڭلىمنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلدىم >دەپ كېلىدۇ، ھەيران قالىمىز. ئىلزات بىلەنمۇ مۇشۇ يىل 3-ئايدا يۈردى. تۇنجى مۇھەببىتى بۇنىڭ. ئىلزاتمۇ بەك ئېسىل بالا، ئۆزى ئۈرۈمچىلىك، يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيدۇ. ئىككىسى شۇ بەك تولا سوقىشىدۇ، nقېتىم ئايرىلىپ بولدى، ئەتىسىلا قارىسىڭىز ئەپلىشىپ قالغان، شۇڭا ھازىر  ئۇ‹‹ ئايرىلىپ كەتتۇق، رەسمىي،›› دەپ قەسەم ئىچىپ كەتسىمۇ ئىشەنمەيمىز. قارىسام يېقىننىڭ ياقى بۇنىڭ زادى ئىلزاتتىن ئايرىلىپ، باشقا بىرلىرى بىلەن ئارىلىشىپ باققۇسى بەك كېلىۋاتىدۇ.

    -  قولۇڭدا بار نەرسىلىرىڭنى قەدىرلە، يوق نەرسىلەرگە ئېرىشىمەن دەپ يۈرگىچە!- دېدى ئادىلە. تۇرۇپ ئويلىشىپ قالدىم. ‹‹ راست. خىيالىم بويىچە بۇنداق ئىزدەپ، تاللاپ كېتىۋەرسەم ھەممىدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟›› يانفونۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ‹‹ ھەي، 100كوي تۈگەي دېدىمۇ؟! ھە راست، سىز ئوغۇلمۇ؟ قىزمۇ؟ ››بۇ <100كوي ۋەقەسى>دىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى.

     رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.