كۈنىگە بىر ئەقىل (ئايازنامە) 10-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 21:43:54

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(ئايازنامە)10-ئايئېتىقادھەر خىل دىنلارنىڭ جەۋھىرى ئوخش


    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (ئايازنامە)
    10-ئاي

     

    ئېتىقاد

    ھەر خىل دىنلارنىڭ جەۋھىرى ئوخشاش بىر مەسىلىگە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «نېمە ئۈچۈن مەندە جان-ھاياتلىق بار، ئەتراپىمدىكى دۇنياغا قانداق قارىشىم كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىم نېمە؟»
    بۇ دۇنياغا ھېچقانداق ئالدىن بېكىتىلگەن قارىشى بولمىغان دەھرى دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەس؛ بۇ خۇددى دۇنيادا يۈرىكى يوق ئادەم بولمىغىنىدەكلا بىر ئىش.
    ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۇنيا قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى ئەنئەنە ۋە ئەقىدىلەردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، بىراق، ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىڭىز ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنى قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
    دىن بىر خىل ئىدىيىۋى ھالەت، ئۇ سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز بىردەملىك، بۇ دۇنيالىق بولۇپ قالماسلىقى، بەلكى مەڭگۈلۈك بولۇشى، چەكسىز ھاياتقا ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن دالالەت قىلىدۇ.

    10-ئاينىڭ 1-كۈنى


    روھ

    پەقەت نىيىتىڭىزگە تايىنىش بىلەنلا سىز خۇدانى تۇيۇپ يېتەلمەيسىز. خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆڭلىڭىزگە ئايان، سىز يالغۇز ئەقىل-پاراسىتىڭىزگىلا ئەمەس، پۈتكۈل مەۋجۇدىيىتىڭىزگە تايىنىڭ، چۈنكى، شۇندىلا سىز خۇدانىڭ روھى ئۆز قەلبىڭىزدە ياشاۋاتقىنىنى سېزەلەيسىز.
    مەنىۋى مەنبەيىمىزنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگۈچىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، ماددىي شەيئىي بىلەن ئوبيېكتلار ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەت بەكمۇ مۇرەككەپ، سىز ئۇنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەيسىز، چۈنكى، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ نەتىجىلىنىشى بولىدۇ، ھەر بىر نەتىجە يەنە باشقا كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ھەقىقىي تۇرمۇش، سىزنىڭ روھىي مەنبەيىڭىزنى چۈشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان.
    ھېسسىياتىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان سادالار بەلكىم ۋىجدانىڭىزدىن چىققان سادادىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. ئىككىسىنىڭ ئىنتوناتسىيە-ئاھاڭى ئوخشىمايدۇ: سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز سىزگە قاراپ ۋارقىرايدۇ؛ سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز ئەكسىچە سىزگە تەمكىنلىك بىلەن گەپ قىلىدۇ.
    −ۋىليام ئېللېري چانىڭ

    10-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    خۇدا ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە، ھەر بىر ئادەم خۇدانىڭ قەلبىدە ياشايدۇ. بۇنى تۇيۇپ يەتكەندە، ھەرقانداق جانلىققا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنمايدىغان بولىدۇ.
    ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، مەن ياش ۋاقتىمدا شىكارغا چىققاندا، ھە دېسە مىلتىق بىلەن قۇش ۋە ھايۋانلارنى ئېتىۋالىدىغان. مەن شەمشەردەك پىچىقىمنى ئىشقا سېلىپ، ئاشۇ جانلىقلارنىڭ يۈرەك-باغرىنى چۇۋۇيتۇم، ئۇلارغا ئېغىر زىيان-زەخمەت يەتكۈزەتتىم، مانا ئەمدى بۇلارنى ئويلىسام،  ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنچ بېسىپ كېتىدۇ.

    10-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    سىز ئۆزىڭىزنى قانچە ئۇنتۇغانسېرى خۇدا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە شۇنچە چوڭقۇرلاپ كىرىدۇ.
    بىز نېمە ئۈچۈن قۇياش، باھار ۋە قىشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئىچىمىزنىڭ قايغۇ ۋە شادلىققا تولۇپ تۇرۇشىغا، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ھاياتقا ھاجەتمەن بولىمىز؟ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ زېھنى كۈچىمىزنى بەدەل قىلىپ تۆلەيمىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىزنىڭ ياشىشىمىزدا مۇقەررەر بولغان ئاقىلانە، ياخشى نىيەتلىك ئالاھىدە بىر سەۋەب بار، گەرچە مەن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئۇقمىساممۇ.
    خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز ھاجەتمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ھاماقەتلىك بولامدۇ؟ خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش نىيىتىگە كېلىش، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنى ئىسپاتلاشنى ئويلاش بىلەن باراۋەر. كىمگە ئىسپاتلايسىز؟ نېمە ۋەجىدىن ئىسپاتلاپ بېرىشىڭىز كېرەككەن؟ ئەگەر، خۇدا مەۋجۇت بولمىغان بولسا، دۇنيادا ھېچنەرسە مەۋجۇت بولالمىغان بولاتتى.
    مەن بارچە ماكان-زامانغا تولۇپ تۇرىمەن، مەن ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە.
    ئادەم ئاللىقانداق ئادەمنى سۆيۈشى كېرەك، بىز پەقەت بىر خىل نەرسىنى−ساپ نەرسىنىلا ھەقىقىي سۆيەلەيمىز. بۇنداق نەرسە، دۇنيادا بىرلا−ئۇ بولسىمۇ خۇدادۇر.

    10-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    ئۆزىنىڭ تېنى ئۈچۈنلا ياشاش، مانا بۇ ئۆزىنى تۈرمە-زىندانغا تۇتۇپ بەرگەندەك ئىش. ئۆزىنىڭ روھى ئۈچۈن ياشاش، ئاشۇ تۈرمە-زىندان  ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۆزىنى ئازاد قىلىشتۇر.
    ئۆز ۋىجدانىڭىزغا سەل قارىماڭ، بەلكى ئۇنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سېلىڭ، سەما بۇلۇڭ . ئۇ سىزنى سىز كېرەك بولغان ھەقىقەتكە يەتكۈزىدۇ.
    بىراۋلارنىڭ پىكرى ياقمىغاندا، مەن نېمە دەپ شۇنچە چېچىلىمەن؟ بىراۋلار كۆزۈمگە سىغمىسا، نېمە ئۈچۈن تىت-تىت بولىمەن؟ بىز باشقىلارنى سۆيمىسەك، پىكرىمىز بىر يەردىن چىقمايدۇ، مانا بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئولتۇراقلاشقان خۇدا پىكرىنىڭ ماس كەلمەي قېلىشىدۇر. ماھىيەتتىن قارىغاندا، بۇ بىزنىڭ ئۆز پىكرىمىزگە ماسلىشالمىغانلىقىمىزدۇر.
    خۇدانىڭ ئالدىدا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا تۇرغانغا ئوخشىمايمەن. خۇدا مېنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان يەنە بىر تەرىپىمنى ئويغىتىدۇ.
    10-ئاينىڭ 5-كۈنى


    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    رەزىللىك بىلەن ئېلىشىڭ، ئەمما رەزىللەر بىلەن سۈلھىلىشىڭ. بىراۋنىڭ قىلغان ئەسكى ئىشىدىن يىرگىنىڭ، ئەمما ئەسكى ئىش قىلغان ئادەمدىن يىرگىنىپ كەتمەڭ.
    ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى يۇمران بولسىمۇ، ئەڭ قاتتىق تاش-تۇپراقنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، ھەتتا تاغ جىنسلىرىنىڭ چاك-يېرىقلىرىدىنمۇ ئاتلاپ ئۆتەلەيدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ھەرىكىتىمۇ مانا شۇنداق، دۇنيادا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى توسالايدىغان ھېچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
    −ھېنرى داۋىد زورو
    ھەقەمسايىڭىزنى سۆيۈپ، خۇدانى سۆيمىسىڭىز، بۇ خۇددى يىلتىزىدىن ئايرىلغان دەرەختەك بىر ئىش بولىدۇ.
    سىز خۇدانى سۆيگىنىڭىز ئۈچۈن ئۆز ھەقەمسايىلىرىڭىزنى سۆيسىڭىز، ھەر بىر ئادەمزاتىنى سۆيۈشىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمىگەن ياكى چىرايى سەت ئادەملەرنىمۇ قالدۇرماي سۆيۈشىڭىز كېرەك. سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببەتلا بىردىن-بىر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىلچە ئۆڭمەيدۇ.

    10-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    بىر كىشى پاك-پاكىز، پارىلداپ تۇرغان يېڭى ئاياق كىيسە، لاي-پاتقاقلاردىن بەكمۇ ئاۋايلاپ ئۆتىدۇ، بىراق، غىرتتىدە تېيىلىپ پاتقاققا چۈشۈپ كەتسە، بۇ خۇددى ئۇنىڭ بىخەستەلىكىدىن بولغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇ گەرچە ئۆز ئايىقىنىڭ غىق پاتقاق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، يەنە داۋاملىق پاتقاق كېچىپ ماڭىۋېرىدۇ، پاتقاقتا ماڭغانچە ئايىقى تېخىمۇ بۇلغىنىدۇ. سىزنىڭ روھىي تۇرمۇشىڭىزدا زىنھار ئۇنداق ئىش قىلسىڭىز بولمايدۇ. مۇبادا سىز مەينەت-ئىپلاس يەرگە دەسسەپ سالغان بولسىڭىز، قولىڭىزنى دەررۇ ئىشقا سېلىپ ئۆزىڭىزنى تازىلىشىڭىز كېرەك.
    كىچىك خاتالىقلار چوڭ خاتالىقلارنى تۇغىدۇ.
    بۇددىستلار، دۇنيادا بەش تۈرلۈك گۇناھى كەبىر بار دەپ قارايدۇ: جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلۇق قىلىش، شەھۋانىيلىق، يالغانچىلىق ۋە ھاراقكەشلىك. بۇ گۇناھى كەبىرلەرنى توسۇشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىدەك: ئۆزىنى چەكلەش، ئاددىي-ساددىي ياشاش، جاپالىق ئىشلەش، كەمتەر ۋە ئېتىقادلىق بولۇش.
    چوڭقۇر گۇناھقا پاتقان، كۆرەلمەس ۋە يېڭىلىشكەن ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقلارمۇ كۆزىگە رەزىل كۆرۈنىدۇ.

    10-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    خاتالىق

    تەننىڭ گۇناھى دائىم ئۈستى-ئۈستىلەپ كۆرۈلىۋېرىدۇ، تەننىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايدىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. بىز ئۆمۈرۋايەت بۇنداق گۇناھدىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز.
    دۇنيادا ئۈچ قىرلىق بىر ئاپەت يىلتىزى بار، ئۇ بولسىمۇ شارابخورلۇق، گۆشخورلۇق ۋە چېكەرمەنلىكتۇر. ناۋادا، بىز ئۇلاردىن پاك-پاكىز ئادا-جۇدا بولۇپ كېتەلىسەك، بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
    سىز بايلىقىڭىزغا تايىنىپ تېنىڭىزنى ھۇزۇرلاندۇرالايسىز، بىراق، سىز تېنىڭىزنى قانچە ھۇزۇرلاندۇرغانچە تېنىڭىزنىڭ تەلىپى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ. مەيلى ھەرقانچە كۆپ بايلىق بولسىمۇ، تېنىڭىزنىڭ پۈتكۈل تەلىپىنى قاندۇرۇپ بولالمايسىز.
    ئۆز تېنىگە قۇل بولۇشتىن ئىبارەت بۇنداق گۇناھنىڭ ئاشكارىلىنىش شەكلى كۆپ خىل. ئۇنىڭ ئىچىدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، كىشىلەر ئەڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن شەكلى ئاچكۆزلۈك، تويماسلىقتۇر.

    10-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ئىشلەش سىزنى ئالىيجانابلاشتۇرىدۇ، ئىززەت تاپقۇزىدۇ. ھۇرۇن ، بىكار تەلەپ ئادەم ئىززەت تاپالمايدۇ.
    ئالىيجاناب مېھنەت ئەخلاقى بولمىسا، بۇ پۈتكۈل ھەممە ئوت ئاپىتىدە قالغاندىنمۇ بەتتەر قاباھەتلىكتۇر. بالىلار بالدۇرراق بۇ خىل كەم بولسا بولمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىشى كېرەك.
    تىرىشىپ ئىشلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى، سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزدۇر.
    −ھېنرى داۋىد زورو
    ئانا تەبىئەت ئۆز تەرەققىيات جەريانىدا ئەلمىساقتىن بىر ئازمۇ ئارام ئېلىپ باقمىغان، ھەمدە ئىزچىل بىكارچىلىقنى ئەدەپلەپ كەلگەن.
    بەختنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر شەرتى، مېھنەتتۇر. ئاۋۋال سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈدىغان ئىشنى قىلىڭ، ئاندىن ئۆز قولىڭىز بىلەن جىسمانىي ئەمگەك قىلىڭ، ئۇ سىزگە شېرىن ئۇيقۇ ۋە كۆپلىگەن خۇشاللىق-ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.

    10-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    قولىڭىزدىن كەلسە، يالغۇز ياشىسىڭىز ئادەمگە پايدىلىق. قولىڭىزدىن كەلمىسە، ھالال نىكاھلاپ توي قىلىڭ-دە، جۈپتىڭىز بىلەن بىرگە بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ.
    دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئىگە بەزى مىللەتلەردە كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمى يولغا قويىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلاردا ئەخلاقسىز جىنسىي ئالاقە كۆرۈلمەيدۇ. خرىستىئان دۇنياسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبى، كۆپ قېتىم توي قىلىش ۋە ئاجرىشىشقا ئەگىشىپ، ئەخلاققا يات جىنسىي ئالاقە كۆرۈلگەنلىكىدە.
    بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئادەملىرىمىز شۇنداق قارايدۇكى، چېركاۋدا توي قىلىش، ئۇلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەسلىك تەلىپىدىن ۋە جىنسىي پاكلىق ھالىتىدىن خالاس قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىگە ئىجازەت قىلىدۇ.
    جىنسىي جەلپ قىلىش كۈچى پەيدا قىلغان شەھۋانىي ھېسسىيات سازلىقتا چاقنىغان كىچىككىنە يورۇق توچكىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بىزنى ئېزىقتۇرۇپ، سازلىققا ئەكىرىدۇ-دە، ئاندىن ئۆچىدۇ.
    −ئارتۇر شوپېنھاۋار

    10-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    ئەگەر، بىراۋ سىزگە ئەسكى ئىش قىلىپ قويسا، سىزنىڭ چىشىڭىزغا تەگسە، سىز مۇنداق ئىككى خىل ئىنكاس قايتۇرىسىز: بىرى، ئۆچ ئېلىشنى ئويلايسىز، شۇ سەۋەبلىك، شەپقەتسىزلىك ھېس قىلىسىز؛ يەنە بىرى، ئۇنى كەچۈرۋېتىسىز، شۇ سەۋەبلىك خۇشاللىق ھېس قىلىسىز. سىز ئىككىسىدىن قايسىسىنى تاللىۋالىسىز؟
    سىز باشقىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىبلىسقا زەربە بېرىشنى ئويلايسىز-يۇ، ئۇلارنىڭمۇ قەلبىدە خۇدانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا دىققەت قىلمايسىز، سىز دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
    سىز باشقىلارغا تەنبىھ بەرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بارلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ.
    مەن بۇرۇنقى تۇرمۇشۇمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، شۇنى ئوپ-ئوچۇق كۆرەلەيمەنكى، مەن ئەزەلدىن ئىجتىمائىي ئورنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى ئادەملەر بىلەن قارشىلىشىپ باقماپتىمەن. بىراق، ئورنى ئۆزۈمدىن تۆۋەنلەر ئۆتكۈزۈپ قويغان ئەڭ كىچىك سەۋەنلىكلەرمۇ مېنى يەتكۈچە چېچىلدۇرۇپتۇ.
    ئەگەر بىراۋ سىزنى خاپا قىلسا، قەلبىڭىزنى بىھۇدە شېكەستىلىسە، سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا نۇرغۇن ئىشنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما، بىر ئىشنىلا قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ يامانغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش.

    10-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    ئەقىللىق، مېھرىبان كىشى ئۆزىنىڭ ئالىيجانابلىقىدىن لەززەتلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا ماختىلىشتىن خۇشال بولۇپ كەتمەيدۇ.
    بەزىلەر بۇ دۇنيانىڭ شۇنچىكىم بىر ئىنئاملىرىغا ئېرىشىپ قالغىنى ئۈچۈن ئىشتىنىغا پاتماي ئالچاڭلاپ يۈرۈشىدۇ، ئاشۇ ئىنئاملىرى بىلەن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن سانىشىدۇ. ئۇ شۇنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەنكى، ئۇنىڭ ئىچكىي روھىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قەلب گۈزەللىكى، باشقا ھەرقانداق مۇكاپات ۋە ئوردېنلاردىنمۇ مۇھىمدۇر، كېيىنكىسى پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا پىلىلداپ تۇرغان شام يورۇقىغا ئوخشاش بىر ئىش.
    ئائىلە بەلكىم بەزى ناچار ئىشلارغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۇ باھانە بولالمايدۇ.
    تەكەببۇرلۇق سىزنىڭ ماددىي مۇۋەپپەقىيىتىڭىزگە ئاساسەن ئېشىپ ياكى ئازىيىپ بارىدۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ قەدىر-قىممىتىڭىزنى ئاشۇرالمايدۇ.
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھاياتىمىزنىڭ نىشانى باشقىلار بىلەن بىردەك، ئۆزىمىزگىلا ياخشى بولسۇن دېسەك، باشقىلارغا قارىغاندا مۇھىم بولغان چارىلەر سىزنى بۇ نىشانغا زىت قىلىپ قويىدۇ.

    10-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    ھەقىقىي قۇدرەت زادى نېمە؟ تۆمۈردىن قورال-ياراغ ياساش، زور مىقداردا بايلىق يىغىش، ئۆز ئەسكەرلىرىڭىز بىلەن باشقا بىر مىللەت-قوۋمنى بوي سۇندۇرۇش، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەقىقىي قۇدرەت ئەمەس. سىزنى ئەپۇ قىلىپ، يامان كۆرمىگەن ئادەملا ھەقىقىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئادەمدىن كۈچلۈكتۇرسىز، چۈنكى، خۇدانىڭ قۇدرىتى سىز بىلەن بىللە تۇرغان بولىدۇ.
    مېنىڭچە، ئەڭ خەتەرلىك، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ غەش قىلىدىغان قىسقا سۆزلەرنىڭ بىرى، «ھەممە بىردەك خاتىرجەم دۇنيا».
    بىز ھەرقاچان توخۇ يۈرەكلەردەك ھەرىكەت قىلىمىز-يۇ، باشقىلارغا قورقۇمسىز كۆرۈنۈشنى نىيەت قىلىمىز.
    باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز ماختانچاقلىق قىلماڭ ۋە ئۆزىڭىزگە باھا بەرمەڭ. سىز ۋىجدانىڭىزدىن چىقىۋاتقان سادالارغا قۇلاق سېلىشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزگە بەرگەن يۇقىرى باھالىرىغا قۇلاق سالغۇچى بولماڭ.
    مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم بەدىلىگە بۇ دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنى كەلگۈسىدە كۆرەلمەي قالىمەن، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىمەن.

    10-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    كىشىلەر ھەمىشە، بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، مېنىڭ مۈلكۈم، مېنىڭ بالىلىرىم، مېنىڭ پۇلۇم، دەپ سۆزلىشىدۇ. سىلەر، خۇدانى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى كۈللى نەرسىنىڭ خۇداغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيسىلەر.
    −«تەلمۇد»
    غايەت زور بايلىق كىشىنى يەڭگىل ياشاشقا نېسىپ قىلىدۇ، دەپ قاراش دۈمبىڭىزگە ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويسا يەڭگىل ماڭغىلى بولىدۇ، دېگەندەكلا بىر ئىش.
    بايلىق نىسپىي بولىدۇ. بايلىقنىڭ ئەسلى ئۆزىدە ھېچقانداق قىممەت بولمايدۇ، خۇددى مەخرەجلا بولۇپ، سۈرەت بولمىغان كەسىر ساندەك. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسىلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان نەرسىگە ئىگە بولۇشقا بولمايدۇ، بۇ ئۈزۈل-كېسىل بەختسىزلىكتۇر. بەزىلەر زىيادە كۆپ بايلىققا ئېرىشىۋالىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزچىل خۇشال ھېس قىلالمايدۇ، ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە قارىسىڭىز قىلچە ھاجىتى يوق ئىشلار بىلەن پاي-پېتەك بولۇپ يۈرىدۇ.
    −ئارتور شوپېنھاۋار

    10-ئاينىڭ 14-كۈنى

     


    سوتلاش ۋە جازالاش

    كەلگۈسىدىكى جازالىنىشتىن قورقۇش، خۇنخورنى ھەرگىزمۇ خۇن تۆكۈشتىن چەكلەپ قالالمايدۇ.
    كۆپ يىللاردىن كېيىن، بىزنىڭ بىر ئەۋلاد ئەۋرىلىرىمىز بىزنىڭ تۈرمە-زىندانلىرىمىز، سوت ۋە ئۆلۈم جازالىرىمىزنى تىلغا ئېلىشار، خۇددى بىز بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى «نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان شۇ ئىشىنىڭ ھەم ھاماقەتلىك، ھەم قەبىھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەندۇ؟» دېگەندەكلا.
    تەبىئەت قوينىدا، بىر ئادەمنى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇر قىلىدىغان، ياكى قوشنىسىغا يامانلىق ئىستەشكە مەجبۇر قىلىدىغان ھېچقانداق قائىدە-قانۇن مەۋجۇت ئەمەس.
    دەل-دەرەخلەر گەرچە مەلۇم مەزگىل قايچا بىلەن قىرقىلىش ۋە شەكىل چىقىرىلىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا خۇدا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھالىتى بويىچە ئۆسىۋېرىدۇ. بىز خاتالىق سادىر قىلغان بالىلارنى جازالىغىنىمىزدا، بۇ نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك، چۈنكى، بىزنىڭ تۇغما تەبىئىتىمىز ئاخىرى بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئاقىۋەت بىز ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۆسۈپ يېتىلىۋېرىمىز.

    10-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    ئۆلۈم جازاسى ۋە زوراۋانلىق بىزگە ھۆرلۈك-ئەركىنلىك، تەڭلىك، مېھرىبانلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىۋېلىش، بەكمۇ خاتادۇر.
    مۇبادا، خۇدانىڭ قانۇنى بىلەن كىشىلەرنىڭ قانۇنى بىردەك بولمىسا، بىز زادى قايسىسىغا ئىتائەت قىلمىقىمىز دۇرۇس؟ خۇدانىڭ قانۇنى: «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداشتۇر» دېسە، ئىنسانلارنىڭ قانۇنىدا: «دۈشمىنىڭنى قىرىۋەت» دېيىلىدۇ.
    ئادەم نوپۇز-ھوقۇققا بىر ئېرىشسىلا، ئەڭ ئەخمىقانە، ئەڭ قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تاسادىپىي يۈز بەرمەستىن، ئومۇمىي قانۇنىيەت، ئۇ نوپۇز ئىگىسىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر.
    سىز ئەگەر نوپۇزنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايمەن دېسىڭىز، خۇدانىڭ قۇدرىتىدىن مەدەت تىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر، خۇدا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسا، كىشىلەر سىزگە غىڭ قىلالمايدۇ.

    10-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    چىنلىق بىر چال شۇنداق دەپتۇ: ئېگىز تاققا چىقماق بولساڭ، بىسمىللاسىدا قەدىمىڭنى يېرىم ئال.
    ئىشنى كىچىكىدىن باشلاش، بۇ ئىناقلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدىكى ئەمەلىي تەلىمدۇر.
    سىز كاللىڭىزنىڭ نورمال تەپەككۇر قىلالماسلىقىنى چوڭ مېڭىڭىزگە قان يېتىشمىگەنلىكىدىن، دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز جىگەرنى كاردىن چىقارغانلىقىدىن، دەپ ئىشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە−سىزدە ياخشى ئىدىيە بولمىغاچقا، سىزدە ئايلانغۇدەك يېتەرلىك قان بولماي قالغان ياكى كەيپىڭىزنىڭ ناچارلىقى جىگىرىڭىزنى كاردىن چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە قايسىسى سەۋەب، قايسىسى نەتىجە؟
    نامى بار پۈتكۈل پەرھىزلەر «يامان بولىدۇ» دېگەندەك چەكلەش خاراكتېرلىق تەلەپپۇزنى ئىشلىتىدۇ−مەسىلەن، ئوغرىلۇق قىلسىڭىز يامان بولىدۇ، جانلىقلارنى ئۆلتۈرسىڭىز يامان بولىدۇ دېگەندەك. بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى پەرھىزلەر بىزنىڭ روھىمىزغا ئىشلىتىلىدۇ−مەسىلەن، «سىزدە سۆيگۈ بولسۇن» ۋە «ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىڭ» دېگەندەك.

    10-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    ھەقىقىي ئېتىقاد، ئۆتمۈشتە ياكى كەلگۈسىدە ئەمەس، ھازىردا بولىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشتۇر.
    بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەت خرىستىئان روھىنىلا تەشۋىق قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار باشقا يات دىنلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئىتائەت قىلىشىدۇ.
    ئەگەر، ئۆزىڭىزنى بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن قۇتۇلدۇرالمىسىڭىز، خۇدانىڭ يۈزىگە قارىيالمايسىز. سىز خۇدانىڭ تەلىم-يېتەكلەشلىرى، «ئىنجىل»دا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەلبىڭىزدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىڭ.
    بەزى ساختا پىر-كالانلار يىراق كەلگۈسىدىكى جازانى شىپى كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنى قورقۇتىشىدۇ، كىشىلەرنى ۋىجدان، ئىنساپ بىلەن ياشاشقا  دەۋەت قىلىدۇ. بۇ پىر-كالانلار كىشىلەرگە تېخىمۇ ياخشى بىر دۇنيانى مۇكاپات تەرىقىسىدە لەۋزى قىلىشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئەزەلدىن ئۇنداق بىر دۇنيادا ياشاپ باققانمۇ ئەمەس.

    10-ئاينىڭ 18-كۈنى


    ساختا ئىلىم

    بىلمىگەننى سوراشتىن خىجىل بولماڭ.
    ئىلىم ئەھلىلىرى تالاي كىتابلارنى ئوقۇغان كىشىلەر؛ مەلۇماتلىق ئادەم ئەلگە نېمە كېرەك، بىلەلەيدۇ. ئىلىم ئەھلى ياكى مەلۇماتلىق كىشى بولىمەن دەپ زورۇقماي، ئۆزىڭىزلا بۇلۇڭ.
    كۆپ ئوقۇيالمىدىم، تەربىيە يېتەرلىك ئەمەس دەپ قورقماڭ؛ كېسىپ ئىش قالماسلىقىڭىزدىن قورقماڭ. قورقۇشقا تېگىشلىكى بۇ ئەمەس، بەلكى بىلمەي تۇرۇپ بىلگەن سىياققا كىرىۋېلىشتۇر.
    ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ۋە باشقا پەنلەر پانىي دۇنيادىكى بەزى ئالاھىدە تەرەپلەرنىلا تەتقىق قىلىدۇ، شۇڭا، ئۇ پەنلەر چىقارغان پانىي دۇنيا ھەققىدىكى ئاددىي خۇلاسىلەرگە ئاساسلانغىلى بولمايدۇ.

    10-ئاينىڭ 19-كۈنى


    تىرىشچانلىق

    ئادەمنى زەئىپلەشتۈرۈۋېتىدىغان شۇنداق بىر خىل ئەقىدە باركى، ئۇ ئىزگۈلۈكنى بايقاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تاشقىرى بەزى نەرسىلەرگە تايىنىدۇ.
    ئەخلاقىي تىرىشچانلىق ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولمىغان ھايات چۈشكە ئوخشايدۇ.
    مەن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىش، مېنىڭ قۇدرىتىم دائىرىسىدە بولىدۇ؛ مەن يۇلۇققان ئىشلار بولسا مېنىڭ قۇدرىتىم دائىرىسىدە بولمايدۇ. مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ مېنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمغىلا ياردەم بېرىدۇ.
    ئەگەر، بىراۋ ئۆز ھاياتىنى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، دەپ قارىسا تاشقىي مۇھىتنى ئالماشتۇرۇشقا چارە ئىزدىسە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مۇكەممەللەشتۈرسە بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭدىن ئاۋۋال چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا بۇنى قىلىپ كېتەلەيسىز.

    10-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    جىنسىي ئىشلاردا ئىرادىڭىز قەتئىي بولسۇن، بۇ ئۆتكۈرلۈكنىڭ بەلگىسى، ئۇ سىزنىڭ ئومۇمىي ئەخلاق مەسىلىلىرىدىكى كەسكىن پوزىتسىيىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.
    ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياشلىقنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن ۋاز كەچمەك بەسى مۈشكۈل ئىش. بىز ئۇلارغا شۇنداق ئېيتىشىمىز كېرەككى، ئۇلار قانچىكى ماددىي تۇرمۇشتىن ۋاز كەچكەنچە ئۇلار ئېرىشىدىغان مەنىۋى پايدىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
    تېنىڭىزنىڭ ھۇزۇر-لەززەتلىرىدىن ۋاز كەچسىڭىز، سىزنىڭ روھىڭىز خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ، بۇ خۇشاللىق خۇددى تېنىڭىزنىڭ تەلىپى قاندۇرۇلغاندىكى خۇشاللىققا ئوخشايدۇ.
    سىز باشقىلارغا بەرگەن نەرسىلەر سىزگە تەئەللۇق، سىز ئۆزىڭىزگە بەرگەن نەرسىلەر ئۆزىڭىزگىلا تەئەللۇق بولۇپ قالماستىن، باشقىلارغىمۇ تەئەللۇقتۇر. سىز باشقىلارغا بەرگەن نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە سىزگە پايدىلىق. ئۇ نەرسىلەر مەڭگۈ سىز بىلەن بىللە، ئۇنى ھېچكىم تارتىپ كېتەلمەيدۇ. سىز ئاللىقانداق نەرسىلەرنى ساقلاپ قالغان تەقدىردىمۇ، پەقەت سىز ۋاز كەچمىسىڭىز بولمايدىغان ئاشۇ نەرسىنىڭ بىر دەقىقىسىنىلا ساقلاپ قالالايسىز، چۈنكى، ئۆلگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىسىڭىز بولمايدۇ.
    10-ئاينىڭ 21-كۈنى


     كەمتەرلىك

    بىز نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىمىزنى بىلمەيمىز، بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن تۇغۇلۇپ قالغىنىمىزنى تېخىمۇ بىلمەيمىز. بىراق، بۇ دۇنيانىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئاشۇ قۇدرەتنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلىسەك، بىز ھاياتنى ياخشى ياشىيالايمىز. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش، ئۆز ئارا سۆيگۈنى چىڭىتىش.
    سۇدىنمۇ ئۆتە يۇمشاق، ئىتائەتچان نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ، بىراق، ھەرقانداق قۇدرەتلىك كۈچمۇ ئۇنى مەغلۇب قىلالمايدۇ. ئاجىز كۈچلۈكنى يېڭەر، يۇمشاق قاتتىقنى، مېھرىبانلىق تەكەببۇرلۇقنى. ھەر بىر كىشى بۇ قانۇنىيەتنى بىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ.
    ھەرقانداق ئادەمنىڭ، ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىدىغان، كۆرەڭ، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئادەمنى سۆيمىكى تەس. بۇ، كەمتەرلىك ۋە مېھرىبانلىق، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كەمتەرلىك، مېھرىبانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك سۆيگۈ-مۇھەببەت ئويغىتالايدۇ−سۆيگۈ-مۇھەببەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىدۇر.

    10-ئاينىڭ 22-كۈنى

     


    ھەقىقەت

    راست سۆزلىمەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. سىز يالغۇز قالغان ۋاقتىڭىزدا ئەسلى ئەينەن ئەھۋالنى بىلىسىز، بىراق سىز باشقىلارغا سۆزلىگەندە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئويلايسىز، گەپلىرىڭىز قولاشماي چېنىپ تۇرسىمۇ يالغان سۆزلەيسىز. سىز بۇنداق بولۇشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ.
    بىز راست گەپنى ياخشى كۆرىمىز، يالغان گەپنى يامان كۆرىمىز. بىراق، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا، بىزنىڭ تاللىۋالىدىغىنىمىز راست گەپ ئەمەس، يالغان گەپتۇر.
    رېئاللىق ئەزەلدىن كەم كۈتسىز ئەمەس، ھەم ئارتۇقچىلىقى يوقمۇ ئەمەس، بىراق ئۇ ھەر خىل پايدىلىق ئىشلارنىڭ ماھىيەتلىك قىسىمىدۇر.
    بەزى يالغان گەپلەر غەرەزلىك ئېيتىلىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ. بەزى يالغان سۆزلەر غەرەزسىز ئېيتىلىدۇ، چۈنكى، يالغان ئېيتقۇچى ئەسلى ئەينەن ئەھۋالنى قانداق سۆزلەشنى بىلمەي قالغان بولىدۇ.

    10-ئاينىڭ 23-كۈنى


    تىرىشچانلىق

    بىر ئادەم جەڭ مەيدانىدا مىڭ ئادەم ئۈستىدىن مىڭ قېتىم غالىب كەلدى، يەنە بىر ئادەم، ئۆزى ئۈستىدىن بىرلا قېتىم غالىب كەلدى؛ كېيىنكىسىنىڭ غەلىبىسى تېخىمۇ زوردۇر.
    مەن قانچە ئۇزۇن ياشىغانچە «ئۆز ئېقىشىغا قويۇپ بېرىش» پاراسىتىنى شۇنچە چۈشەنمەكتىمەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «ئۆز ئېقىشىغا قويۇپ بېرىش»نى ھەتتا ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنمۇ قوللىنىشقا بولارمىش−ئەگەر، سىز جىممىدە يېتىۋالسىڭىز، ھايۋان ئۆزلۈكىدىن كېلىپ سىزگە چېقىلمايمىش. «ئۆز ئېقىشىغا قويۇپ بېرىش»نى تازا چېچىلىپ قالغان ئادەملەرگە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىكەن. ئۇلار سىزنىڭ ئۈن چىقماي شۈك تۇرغان تۇرقىڭىزغا قاراپ، ئۇنىڭدىن خۇدا يامان ئىشنى كۆرگىنىدە شۇنداق سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغىنىنى ھېس قىلاركەن.
    بىراۋنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتى جانلىق، تېتىك بەدەن ھەرىكىتىدە ئەمەس، قەلبدىكى ئۈزۈل-كېسىل سالماقلىق، تەمكىنلىك ۋە تىنچلىقىدا .
    قانچە ئالدىرىغانچە قىلغان ئىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ.

    10-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    گەپ-سۆز
    سىز 100 قېتىم ئىچىدە، بەلكىم بىر قېتىم دېيىشكە تېگىشلىك گەپنى دېيەلمىگىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، يۈز قېتىم ئىچىدە، 99 قېتىم ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن گەپكە پۇشايمان يەپ سۈكۈتتە ئولتۇرىسىز.
    مۇنداق ئىككى خىل خاتالىق بولىدۇ: بىرى، سۆزلەيمەن دېگەندە دېيەلمەسلىك؛ يەنە بىرى، سۈكۈت قىلىدىغان يەردە سۆزلەپ قېلىش.
    سۈكۈت دائىم ئەڭ ئاقىلانە جاۋابتۇر. تىلىڭىزنى ئىككى قولىڭىزغا قارىغاندا كۆپراق ئارام ئالغۇزۇڭ. نادان، تەلۋە ئادەملەرگە سۈكۈت قىلىش، ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر.
    گەپ-سۆزگە ئۇستا بولسىڭىز، قالتىس ياخشى سۆزلەيسىز؛ گەپ-سۆزگە ئۇستا بولمىسىڭىز، گېپىڭىز بەك ناچار چىقىدۇ.
    −«تەلمۇد»
    10-ئاينىڭ 25-كۈنى


    ئىدىيە
    رەزىل قىلمىشتىن ئاۋۋالقى يامان نىيەت ئاشۇ رەزىل قىلمىشتىنمۇ ياماندۇر. سىز رەزىل قىلمىشىڭىزدىن پۇشايمان قىلسىڭىز، رەزىل قىلمىشنى تەكرارلىمايسىز. بىراق، يامان نىيەت تېخىمۇ كۆپ رەزىل قىلمىشلارغا باشلايدۇ.
    ھاياتىمىزنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تەندىن روھقا يۆتكىلىدۇ، بۇ قارارنى سەگەك ئىدىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، ئاقىل ياكى نادان بولسۇن، تەربىيە كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن بولسۇن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەممىسى ئەقىل-پاراسەتلىك بولالايدۇ.
    ئەقىل-پاراسەت ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەگەر، سىز خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەگەشسىڭىز، ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىسىز؛ ئەمما بىزگە شۇنىسى ئايانكى، خۇدانىڭ قانۇنى بىزنىڭ ۋىجدانىمىزدا. ئەقىل-پاراسەت ھەرقانداق شەخسىي ئارزۇ-ئىستەكتىن مۇھىمدۇر.
    بۈيۈك ئىدىيىلەر قەلبتىن كېلىدۇ.
    −لۇك دې كلاپېر، ۋافونارگې ماركىز

    10-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

       بىز يۇلۇققان ئىشلارنىڭ كۆپ خىل سەۋەب-نەتىجىسى بولىدۇ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ كۆرگەندە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئۇلارنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىز كەلگۈسىمىزنى بىلمەيمىز، ئۇنى كۆرەلمەيمىز. بىز نېمە قىلالايمىز؟ كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشۇ ھازىرقى ۋاقىتنىلا ياشىيالايمىز. بىزگە تەئەللۇق بولغىنى پەقەتلا مۇشۇ ھازىردۇر.
    سىز ئاخىرەتكە ئىشەنچ قىلالمايسىز. ھايات پەقەت ھازىردىلا، ھازىر يوقالماستۇر.
    خۇدا ماكان-زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ، ماكان-زاماندىن ھالقىپ كەتكەندۇر.
    مېنىڭ مۇقەددەس، روھىي بۆلەكلىرىم ھازىردىلا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا مەن شۇنداق قارايمەنكى، مېنىڭ ھەقىقىي ھاياتىم ھازىرقى لەھزىلەردە.

    10-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    سىز مەندىن، «نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەزىللىك بولىدۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، مەن باشقا بىر سوئال ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمەن: «ھايات نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟» رەزىللىكنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ھاياتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىدىندۇر. ھايات، رەزىللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش جەريانىدا ئۆزىنى زاھىر قىلىدۇ.
    سىز بىردىنلا ھەممە نەرسىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى ئويلىسىڭىز، ھەممە نەرسە دەرھال قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنىدۇ.
    ھەممىسى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان رېئاللىق: كېسەللىك، يوقسۇزلۇق، نومۇس ۋە باشقا ئازاب-ئوقۇبەتلەر. بۇلار بىزگە ئۆزىمىزنىڭ روھىي ماھىيىتىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
    بىزنىڭ جىسمىمىز ئەڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەندە، روھىمىز ئەڭ كۈچلىنىپ كېتىدۇ.
    رەزىللىك، توغرا چۈشۈنىلمەيدىغان ئىزگۈلۈكتۇر.

    10-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    ھەر بىر كىشى قاچانلا بولمىسۇن، بەرىبىر ئۆلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىز چۆشەككە كىرىپ، ئۇخلاشقا، ئەتە بالدۇرراق تۇرۇشقا تەرەددۇت قىلالىساقمۇ، پات ئارىدا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلالىساقمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلالمايمىز؟ بۇنداق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھاياتنى ياخشى ياشاشتۇر. سىز قانچە ياخشى ياشىغانچە ئۆلۈمگە بولغان قورقۇش شۇنچە ئاجىزلايدۇ.
    تەقۋادار مۇخلىسلار ئۆلۈمدىن قىلچە قورقۇپ قالمايدۇ.
    كۆيۈۋاتقان ئوت شامنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىمىز جىسمىمىزنى ھالاك قىلىدۇ. بىزنىڭ جىسمىمىز بىزنىڭ روھمىزغا تايىنىپ كۆيۈۋاتقان بولىدۇ، ئۆلۈم پەيتى يېتىپ كەلگەندە، جىسمىمىز تامام كۆيۈپ تۈگەيدۇ.
    ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە جانلىقلارغا نىسبەتەن، ئۆلۈمدىن قورقۇش بىنورماللىقتۇر. ئۆلۈمدىن قورقۇش، سىزنىڭ گۇناھىڭىزنى تونۇتىدۇ.
    ئۆلۈمدىن قورققان ئادەمنىڭ ياشىغىنى ھەقىقىي ھايات ئەمەس، ئۇ ھاياتنىڭ مىزانىنى بۇزۇۋېتىدۇ.

    10-ئاينىڭ 29-كۈنى


    ئۆلگەندىن كېيىن

    ئادەم قانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنچە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى شۇنچە ئوچۇق ئىلغا قىلالايدۇ. نامەلۇم نەرسىلەر بىلىپ بولۇنغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ، بۇ جەريان تاكى ئۆلگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۆلۈم مىنۇتلىرىدا، بىز ھەممىنى ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيمىز، پانىي دۇنيادىكى بارچە نەرسىلەرنى چۈشىنەلەيمىز.
    ئۆلۈش جىسمىمىزنىڭ بىر خىل ئۆزگىرىشى، بەلكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۆزگۈرىشىدۇر.
    ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئاداققى ئۆزگىرىشتىن كېيىن يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغىنىنى بىز بىلمەيمىز. ھېچكىممۇ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس، دەپ ئېيتىپ باقمىغان. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەتلا، ئۆلگۈچىدىن ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمايدىغىنىمىز. ئۆلگۈچىنىڭ باشتىن كەچۈرىدىغىنىمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشاش، ئۇلارمۇ بىزنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىمىزغا ئىگە بولالمايدۇ.
    مەن تېخى باياملا بىرسىنىڭ دېرىزەم ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ دېرىزەم سىرتىدىن لىپپىدە ئۆتۈپ كەتتى، بىراق، مەن بىلدىمكى، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مېڭىۋاتقان ئادەم، شۇ مىنۇتتا دېرىزە ئالدىدىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخى داۋاملىق ماڭىدۇ.

    10-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    بەخت

    بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ: «مەن مېھىر-مۇھەببەت ئىزدەپ دۇنيا كېزىمەن. مەن كېچە-كۈندۈزلەپ ئۇنى ئىزدەيمەن. بىر كۈنى مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ئىزدەشلىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئۈمىدسىزلەنگەندە، قەلبىمدىن نىدا كەلدى: ‹مېھىر-مۇھەببەت سېنىڭ قەلبىڭدە›. مەن بۇ سادانى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن بەختنى ئۈزۈل-كېسىل ھېس قىلدىم.»
    ھايات لەززىتى ھايۋانلار، بالىلار ۋە تەقۋادار مۇخلىسلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بايقىلىدىغان بىر خىل سۈپەتتۇر. ھايۋانلارمۇ ھاياتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايدۇ، چۈنكى، ئۇلاردا ئادەمدىكى ئەقلىي ئىقتىدار يوق، ئۇلار تەبىئىي ياشىيالايدۇ؛ بالىلارمۇ ھاياتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ روھى پاك، تېخى بۇلغانمىغان؛ تەقۋادار مۇخلىسلارمۇ ھاياتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايدۇ، چۈنكى، ھايات ئۇلارغا ئۆزلىرىگە بىردىن-بىر كېرەكلىك نەرسە−تاكامۇللۇققا يېتىپ، خۇداغا يېقىنلىشىش، خۇداغا بىرىكىش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلغان.
    ئەگەر، سىز ھاياتنىڭ مەناسىنى چۈشەنمىسىڭىز، ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن پاي-پېتەك بولۇپ يۈرىدىغان ئادەملەرگە تەۋە بولۇپ قالىسىز، ئۇ خىلدىكى ئادەملەر يا كۈلەلمەيدۇ يا يىغلىيالمايدۇ، بەكمۇ گالۋاڭ ھەم بىچارە كۆرۈنىدۇ.

    10-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.