تىرە پۈتۈك(مەغلۇبىيەتنىڭ بېشارىتىنى قانداق ئىلغا قىلىمىز؟)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-27 02:41:37

تىرە پۈتۈك4مەغلۇبىيەتنىڭ بېشارىتىنى قانداق ئىلغا قىلىمىز؟ھەربىر ئادەمدە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان بىر ئۇرۇق بار. ئۇنىڭ بىخلىنىشىغا يول قويغاندا، ئۇ مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ.-دو...



     

    تىرە پۈتۈك
    4
    مەغلۇبىيەتنىڭ بېشارىتىنى قانداق ئىلغا قىلىمىز؟
     
     
     
      ھەربىر ئادەمدە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان بىر ئۇرۇق بار. ئۇنىڭ بىخلىنىشىغا يول قويغاندا، ئۇ مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ.
    -دولانشىر.براندى
     
      بۇ دەرس سىزگە بىر ئاز بىئاراملىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بەلكىم ھازىرنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئولتۇرالماي قېلىۋاتقانسىز. سىزنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى شۇكى، سىز گەرچە ئۆز خاراكتېرىڭىزدە مەغلۇبىيەتنىڭ شەپىلىرىنى ھېس قىلسىڭىزمۇ، ئۇلارنى چوڭ خەتىرى يوق، كارايىتى چاغلىق دەپ ئويلايسىز. بىراق، دەل مۇشۇ چوڭ خەتىرى يوق، كارايىتى چاغلىق دەپ ئويلىغان ئۇششاق ئىشلار ئۇتۇق پۇرسىتىڭىزنى توسۇپ، ھەقىقىي يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنىڭ نامايان بولۇشنى چەكلەپ كەلگەن.
    ئەگەر ماشىنىڭىز بۇزۇلۇپ قالسا، رېمونتچى ئۇستام كېلىپ چاتىقىنى تاپقاندىن كېيىن ئوڭشىسا بولىدۇ، سىز ئاغرىپ قالسىڭىز دوختۇر كېسىلىڭىزگە دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن داۋالاشنى باشلىسا بولىدۇ. بىراق، ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ مۆكۈنۈپ يۈرسىڭىز پۈتۈن ئۆمرىڭىز بىر ئوڭۇشسىزلىق جەريانى بولىدۇ، ھىچكىممۇ سىزگە ياردەم قىلمايدۇ. چۈنكى سىز مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى يوشۇردىڭىز، گەرچە ئاڭسىز رەۋىشتە يوشۇرغان بولسىڭىزمۇ، بەرىبىر ئۆزىڭىزنى ئالدىدىڭىز، رېئاللىقتىن قاچۇردىڭىز.
    دولانشىر براندىنىڭ «ئويغان، جۇشقۇن ياشا» ناملىق كىتابى ئامېرىكىدا چوڭ بوھران يۈز بېرىۋاتقان چاغلاردا 1936-يىلى نەشر قىلىندى. بىراق بۇ كىتاب ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قىيىنچىلىق ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن زور ئىلھام بەرگەنىدى.
     
    ئەمدى بۇ خانىمنىڭ ئېيتقانلىرىغا كۆڭۈل قويغايسىز. ئۇ تۇرمۇشتىكى قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنىڭ تېگىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۆمۈر كېسىمىنىڭ نىشانىنى قانداق توغرىلاشنى بىلىۋالغان ۋە غەلبىسېرى دادىل قەدەم باسقان. ئەگەر رېئاللىق سىزنى يەنىلا ئازابلاۋاتقان بولسا، بىز سىزگە ئىشلارغا ئەڭ خۇشال كەيپىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئۆزىنى چۈشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش − مەغلۇب بولغان ئۆزىمىزنى ئوڭشىلىۋېلىشىنى ئۆگىنىشتۇر.
     
     شوپىنخائۇئىر، فرئوىد، نىتىزى، ئادلىر قاتالىق مەشھۇر پىسخولوگ ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسىدىن بىز «مەۋجۇدىيەت ئىرادىسى» دېگەندەك ئۇقۇملارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتۇق. گەرچە بۇ ئۇقۇملار بەزىلىرىگە مۇبالىغە ئارىلاشقان بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان بىر جۇشقا يەنى ئۆزىمىزنى نامايان قىلىشقا ۋەكىللىك قىلدى. بۇ ھەربىر ئادەمگە ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر تۈرلۈك ئىچكى تۇيغۇدۇر.
     
    بىز كىچىك بالىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىپىرلاپ باقىدىغانلىقىنى كۆرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ۋارقىراش، جاقىراش، يىغلاش، ئۇرۇشۇشتىن يانمايدۇ. بىزمۇ ياش ۋاقىتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارىتىمىز، جۇشقۇن روھىمىزنى جەۋلان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرگەن، بۇ خۇددى ئۇزۇن مۇددەت كېسەلدىن يېڭى قوپقان ئادەمنىڭ تومۇرىدا جۇشقۇنلاپ تۇرۇۋاتقان بىر قاينام تاشقىن كۈچكە ئوخشايدۇ. بەختسىز بىر مۇھىتتا ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئادەم نامراتلىق، بېسىم، ھاقارەت، ھەتتا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق زەربىلەرگە كۆنۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇلارنى سىرتتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئادەم بولسا تۇرالماي قېلىشى مۇمكىن. بەختسىز ئادەملەرنىڭ بىردىنبىر تايىنىدىغان نەرسىسى ئىرادە بولۇپ، ئۇلار تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن لېۋىنى − لېۋىگە چىشلەپ، ئەڭ قىيىن شارائىتتىمۇ چىداپ، مەۋجۇتلۇقنىڭ كىچىككىنە پۇرسىتىنى ناھايىتى چىڭ تۇتىدۇ.
     
    تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتساق، چوڭ بولۇش تەرەققىي قىلىش جەريانى بارا − بارا بىزگە ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئىچكى يېتىلىش جەريانى ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ. بالىلىقتىن ئۆسمۈرلۈككىچە، ئۆسمۈرلۈكتىن ئوتتۇرا ياش مەزگىلگىچە بولغانھەربىر ھالقىدا بىز پائالىيەت، قىزىقىش قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا يېڭى كەچۈرمىشى، يېڭى پائالىيەت، يېڭى قىزىقىش ئالماشغانلىقىنى بايقايمىز. تەبىئەت بىز ئۈچۈن لايىھىلەنگەن يېڭى قىياپەتكە ياخشى ھازىرلىق كۆرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ بىزنى يېڭى تەلەپكە ماسلىشىشقا قىستايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ يېڭى نەرسىلەر بىلەن بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلماقچى، بىزنى كونا نەرسىلەردىن ئۈزۈل − كېسىل ئادا − جۇدا قىلماقچى بولىدۇ.
    بەرھەق، ئىرادىنىڭ قارشىسى «مەغلۇپلۇق تۇيغۇسى» ھەتتا «ئۆلۈم تۇيغۇسى»دۇر. بىراق، ئۆلۈمنى قوبۇل قىلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، ھېچكىممۇ ئۆزى ھەققىدە ئېيتىلغان «ئۇ زېمىندا يوق»، «ئۇ ئۆلگەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەم ۋە «ئۆلۈم كۆلەڭگىسى» ياكى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تەھدىتى» دېگەندەك ھادىسلەر كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ خاراكتېردىكى تەگەش ئويىدۇر. چۈنكى كېسەل «مەن ھېلىھەم ھايات، بىراق باشقىلار مېنى كۆرەلمەيدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئۆزىنى بىسەمرامجان قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرغىنى ۋە كۆڭلى يېرىم بولغىنىنى كۆرسەمكەن دەيدۇ. بۇ پاكىتلار پسىخولوگىيە پېشۋالىرى تەرىپىدىن قىممەتلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىرئىد نۇرغۇن ئۇرۇش يارىدارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئېرىشكەن بايقاشلىرى بايان قىلىندىغان بىر مەخسۇس ئەسەر ئېلان قىلغان. فىرئىد مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر چۈشىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈمگە بولغان مۇتلەق تەشنالىقنى كۆرىدۇ» مەزكۇر ئەسەر فىروئىدنىڭ نادىر قىياسلىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەمما ھازىرقى زامان پسىخولوگلىرىنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا بۇ خىل ئۆلۈم تەلىماتى ھاياتتا تۇيۇقسىز كۆرۈلۈپ قالىدىغان ھاڭ بولۇپ، پۈتۈنلەي ئەگىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن فىرئىدنىڭ تەلىماتىغا بارا − بارا ھېچكىم قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى.
    نېمىلا دېمەيلى، ئۆلۈم ھامان تۇغۇلۇش ۋە چوڭ بولۇشقا ئوخشاش ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار بىر ئىش.
     
    ئەگەر تەبىئەت ھاياتىمىزدىكى ھەربىر باسقۇچ ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈپ، ئۆتمۈشنىڭ بارلىق قاپقاقلىرىنى تاقاتقۇزۇپ بىزگە يېڭى بىر دۇنيا نامايان قىلغان بولسا، ئۇنداقتا تەسەۋۋر قىلىش تەس ئەمەسكى، جەريانى بەك ئاستا بولسىمۇ، بىز يەنىلا رەتسىرى ئىلگىرىلەۋاتىمىز، ئىزچىل ھالدا ھاياتنىڭ يەنە بىر چېتىگە يېقىنلىشىپ كېتىۋاتىمىز. ھاياتىمىزدا سۆيگەن بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ، ئېرىشىۋاتقان نەرسىلەرنى تاشلاپ، تىپىرلاشلاردىن يۇلقۇنۇپ بارچە تىرىشچانلىقىمىزنى يېرىم يولدا توختىتىپ قىزىقىش ۋە ئارزۇلىرىمىزدىن ۋاز كېچىپ، ھاياتىي كۈچىمىز گۈللىنىشتىن ئاستا − ئاستا زاۋالىققا قاراپ ماڭىدۇ.
    مۇشۇ ئەمەلىيەتتىن بىز «مەغلۇپلۇق تۇيغۇسى»غا تۇرمۇشتىكى بىر مۇقەررەرلىك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
     
    ھازىر، ئەگەر لايغىزەللىك، توخۇ يۈرەكلىك، پاسسىپلىق، قاششاقلىق ياكى كېسەللىك، ھارغىنلىقلار بىزنىڭ روھىمىزنى چۈشۈرەلمىسە، تېنىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالمىسا، ئىلگىرىكىدەكلا جۇشقۇن قايناق ھېسىياتتا بولساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بۇ خىل «مەغلۇپلۇق تۇيغۇسى»غا زەربە بېرىشنىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ھايات − ماماتلىق جەڭگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋردە بېشىمىزغا كۈن چۈشۈپ ئاۋارىچىلىقلار يېغىپ، جىسمىمىز بۇنى كۆتۈرەلمەي، روھىمىز چۈشۈپ ھاڭۋىقىپ قالساق، ئۇنداقتا دىققەت قىلماي بولىدۇكى، «مەغلۇپلۇق تۇيغۇسى» بىزنىڭ ئىچكى ھاياتى كۈچىمىزنى ئۇرغىشىمىزغا ئىمكان بەرمەيدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل − پاراسىتمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالىمىز.
     
    ئەگەر مەغلۇپىيەت خۇددى بىرسىنىڭ مۇشىت − پەشىۋاسىدەك يىغىپ كەلسە بىز تەبىئىيلا، ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىش كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يېتەلەيمىز. ئەگەر مەغلۇپىيەت تۇمانلىرى ئىچىدە تۇرۇپلا ھوشيارلىغىمىزنى بوشاشتۇرۇپ، تۇيۇقسىز كېلىدىغان يوشۇرۇن ھۇجۇمدىن مۇداپىئە قىلالمىساق، ئۇنداقتا پېشانىمىزنىڭ ئوڭلىقى ئاللىقاچان يوققا چىققان بولىدۇ. بىزنىڭ مەغلۇپىيەت بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشىمىزئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە مەغلۇپلۇققا باقماي جاھانغا پاتمايدىغان دونكىخوتلارچە كۈرەشتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.
     
    ياشلىق دەۋردە، بىز ئۆزىمىزدىكى مەغلۇپىيەت مىللەتلىرىنى ناھايىتى ئازا تونۇپ يېتىمىز، ئۇتۇق ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيمەي تۇرۇپ مۇنداقچىلا تىرىشچانلىق قىلىپ قويىمىز، بۇنى تېخى نېرىدا تۇرۇپ بىمالال ھالدا جاھاننىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش دەپ ئويلايمىز. ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تۇرۇقلۇق ھەممىگە يەنىلا سۆرەلمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز.
     
    بىراق، بىز ئاشۇنداق يالقاۋلىققا تولغان چۈشتىن ئويغانغان چېغىمىزدا شۇنى بايقايمىزكى، شېرىن ۋە تاتلىق ياشلىق دەۋرىمىزدىكى ئاشۇ نېرىدا تۇرۇپ بىمالال تاماشا قىلىش ئەمدى مەنىسىز تېتىقسىزلىققا ئايلىنىدۇ. بەلكىم بالام − كالام ئائىلە يۈكى دېگەندەك ئىشلاردىن بۇنىڭغا باھانە بولغىدەك ئىلمەكلەر چىقىپ قىلىشى مۇمكىن: «ھەي، ئائىلىنىڭ ئۇ بۇ ئىشلىرى، بۇرۇنلا باشلىنىشقا تېگىشلىك ئىگىلىكىمىزنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۋەتكەن. ئۇنى − بۇنى دېگەن بىلەن، يا ئۇنداق يا بۇنداق يالغۇزلۇق، قولى قىسقىلىق، بىزنىڭ پۇت − قولىمىزنى چۈشەپ ئىش قىلىدۇ. ئەمما نەۋرە − چەۋرىلىك بولۇپ ياشانغان چېغىمىزدا بولسا ئىلگىرى تاشلىۋەتكەن پىلان خەرىتىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلاپ باقساق، يۈرىكىمىز پۇشايمان ۋە ئېچىنىش پۇچۇلىنىدۇ.
     
    بىز ئەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك، لېكىن قىلمىغان ئىشلارغا كەلسەك، بىز بۇنىڭغا مەڭگۈ بەك ئەقىلگە مۇۋاپىق باھانىلەرنى تاپالايمىز. كۆپىنچىمىز يەنىلا «ياشاش ئېھتىياجى»نىڭ قامچىسى ئاستىدىكى ئاچلىقنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى خىزمەتنىمۇ؟ بۇ تېخى ھەل بولمىغان. ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرىدىن ھۇزۇرلىنامدۇ ياكى جان بېقىش ئۈچۈن تىپىرلامدۇ؟ بۇنىڭغا «ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش» غېمىنى قوشساق، «ياشاش ئېھتىياجى» تېخىمۇ كەسكىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇتۇق قازىنىدىغان ئاشۇ بىر كۈننى دەپ بەلكىم ھەر بىرىمىز ئاچ − يالىڭاچ دېگۈدەك سېرىقتال كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىگە چىداپ، نۇرغۇن جاپالىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىمىزگە ئالالىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭغا باشقىلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇش توغرا كەلگەندە شەخسىيەتچىلىكىمىز تۇتۇپلا قالمىغان بولسا بۇنداق تەكلىپنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقمىقى ئاسانمۇ!
     
    كۆپچىلىك بىلىدۇكى، نىكاھ مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلۇش كېرەك، بىراق ئۇنىڭ ماددىي ئاساسى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ.
    نۇرغۇن ياشلار يېڭى توي قىلغاندا ھىچنېمىسى يوق قۇرۇق قول بولىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. بىراق، ياۋروپادا توي قىلغاندا پەقەت بولمىغاندا قىزچاقنى بىر قۇر جابدۇشى كېرەك. ئەگەر مۇشۇ ئازغىنا پۇل بىلەن بىر ئائىلە قۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولسا ئۇنداقتا بىزمۇ ئۇلاردىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ.
    بىراق بىز كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئادەتلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمىز، بۇ بەلكىم «چەكسىز پۇرسەت ماكانى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكىدا نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش  ئەر − ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىكارچىلىق ۋە ئىش − پۇشۇقى چىقىرىش بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، زېرىكىشلىك خىزمەتلەردە ئۆزىنى پۇچۇلايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.
    ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەلگۈسى تۇرمۇش مەنىسىز ۋە زېرىكىشلىك بولۇپ، ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئەندىش يەنىلا ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقتۇر.
    تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بىز بىرىنچى بولۇپ بىرەر خىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتۇشقا موھتاج. بۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كاتتا پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شانۇ شەۋكەتلىك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ شۇنچە ئازلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە يېتەرلىك. دەسلەپ باشلانغاندا، بىز ھەمىشە ئىشنى ياخشى باشلاشقا ئىرادە باغلاپ، چىشىمىزنى چىشلەپ نىشانسېرى ئىلگىرىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. گەرچە بىز قەدىر ئەھۋال جان بېقىش ئۈچۈن پۇل تېپىشقا موھتاج بولساقمۇ، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ − ھەۋەسلىرىمىزمۇ ئەلەكمۇللا دەپ بىر چەتتە قاراپ تۇرمايدۇ. بىز كېچە − كۈندۈز دېمەي كالىدەك ئىشلەپ، سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىش قوشۇپ ئىشلەپ، ئارام ئېلىش كۈنلىردىن ۋاز كېچىمىز ۋەھااكازا. بىراق بۇنداق جاپالىق ئىشلەش ھەم ئادەمنى بىزنى خورىتىدۇ ھەم بەك زېرىكىشلىك ۋە مەنىسىز بولىدۇ يەنە كېلىپ ئالاھىدە كۈچ ۋە زېھىن سەرپ قىلىشنى تەرغىب قىلىدۇ. پۈتۈن ئالەم ئۇيقۇغا چۆمۈپ، ھەممە ياق سۈكۈنات ئىچىدە تۇرغاندا پەقەت بىزلا توختىماي جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپمۇ ئۇتۇقنىڭ سايىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلسەك، قەتئىي قاقشىماسلىقىمىز، ئىزچىل ئۆز يولىمىزدا مۇستەھكەم مېڭىۋېرىشىمىز كېرەك. بىراق، ئىزچىل مەغلۇپىيەت تۇيغۇسى قايناملىرىغا پاتساق، گەرچە بىز توختىماي ئىلگىرىلەۋەرسەكمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئاللىقاچان مەغلۇپىيەت ئىچىگە پاتقانلىقىمىزنى بىلمەي قالىمىز.
    كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەغلۇپىيىتىنى كوللېكتىپ ئالدىدا ئامالنىڭ بارىچە يوشۇرۇشقا تىرشىدۇ. ئۇتۇق دەل بىز ئۆزىمىزنى ئالداۋاتقان يالغان − ياۋىداق گەپلىرىمىز ئىچىدە ئۈنسىز يوقايدۇ. ئىنكار قىلماسلىق كېرەككى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزدىن خېلىلا ئاز. بىزنىڭ پىلانىمىز، ھەتتا ئەڭ ئاددىي، ھەم قاتتىق ئېھتىيات بىلەن تۈزۈلگەن پىلاننىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ئورۇنلىيالماي ەلدۇق. مەسىلەن، مەلۇم ياشقا بارغۇچە قىلىپ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنىمۇ بىز ئەمەلگە ئاشۇرمىغاندىمىز. ئېھتىمال ئۆزىنى ئالداشنىڭ سەۋەبى بەك ئاددىي. تۇرمۇش يولىدا بىز باشقىلار بىلەن بىلىپ بىلمەيلا بىر تۈرلۈك ئىمزاسىز كېلىشىم ھازىرلىۋالىمىز. ئۇنىڭ مەزمونى: «مېنىڭ مەغلۇپىيىتىمنى ئېغىزىڭىزدىن چىقارماڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، مەنمۇ سىزنىڭ مەغلۇپىيىتىڭىزنى ئېغىزىمدىن چىقارمايمەن» دېگەندىن ئىبارەت.
     
    ئۆزىنى ئالدايدىغان بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ سىرى دەسلىپىدە ئانچە ئاشكارا بولۇپ كەتمەيدۇ. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ھۇلى بوش خاتىرجەملىك ئۈن − تىنسىز يوقايدۇ. بىز قۇرۇق تەبەسسۇم بىلەن تەلىپىمىزنىڭ بەك يۇقىرى، بەك ھەشەمەتلىك، ۋە بەك ئىدىئال بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بايقايمىز. بولۇپمۇ بىز ئارزۇ قىلغان نەتىجە يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە شۇنداق بولىدۇ.50 ياشنىڭ ئالدى − كەينىدە بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق پەرۋاسىزلىق بىلەن مەسخىرە ئارىلاش ئاغرىنىشلار گەپ ئارىسىدا چىقىپ قالىدۇ. بۇنىڭ يامان يېرى يوق. ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن قۇرداشلىرىمىز ئارسىدىن «ھازىرغىچىمۇ بىرەر ئىشتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باقمىدىڭا؟…»  دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلدىغانلار چىقىدۇ. ئۇنتۇماڭكى، دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئەسىرلەر، بولۇپمۇ ئۇنتۇلماس، ئۆچمەس ئەسىرلەر دەپ قارالغانلىرى ھاياتنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن يېزىلغان.
     
    بىراق، بىز شامالنىڭ چىقىشىغا تۈكنىڭ يېتىشىغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ يۈرسەك، ئاكتىپ ھەركەتلەنمىسەك، ھېچقانداق تۆھپە يارىتالمايمىز، نېمىنى ئاكتىپلىق بىلەن قىلىشنىڭ زۆرۈرلېكىنى بىلىپ يېتەلمەيمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارىمىزنى، مەيلى ئۇ تەڭرى ئاتا قىلغان تالانت بولسۇن، ياكى ئۆزىمىز تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەنلىرىمىز بولسۇن، جارى قىلدۇرالمايمىز. ئەگەر پەقەت ئەركىن ئازادە ئۆتۈشنىلا كۆزلەپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە، ۋە نوپۇزغا ئېرىشمەكچى بولغان بولساق، ئۇنداقتا بىز مەغلۇپىيەت بىلەن بىر قېتىم خېلى جايىدا سودا قىلغان بولىمىز. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق «ئەقىللىق»لىقىمىزدىن ئازراق بولسىمۇ پەخىرلىنىمىز باشقىلارنىڭ بىرنى كېلىشتۈرۈپ ياشاندۇرۇپ قويغىنى پەقەتلا تۇيمايمىز. مەغلۇپىيەت بىلەن مۇرەسسەلىشىمىز ئۇتۇق بىلەن قول تۇتىشالمايمىز.
    بەزىدە بىز يارىلىنىپ تۇرۇپمۇ ئاغرىقنى ئۇنتۇشىمىز مۇمكىن. بۇنداق ئىشلار پاللىدە يېنىپ ئۆتۈپلا كەتسە بىز ئۇنتۇپ قالىمىز، تىلغا ئېلىشنىمۇ خالىمايمىز. بەزىدە شۇنچىلىك سەگەكمىزكى، ئەگەر بۇنداق ئويۇننى داۋاملىق ئويناۋەرسەك، بىز ئايىغى چىقماس قورقچلۇق، ئازابلىق چۈش قوينىغا كىرىپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. مانا ئەمدى، قانداق قىلغاندا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ رېئالىققا قايتىش − بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىگە ئايلاندى. بەزىدە بىز بۇنداق چۈش ئىچىدە قايتا − قايتا سىناق قىلىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قارا چۈش ئىچىدە تېڭىراۋاتقانلىقىمىزنى، يېشىلەلمەيۋاتقانلىقىمىزنى باقايمىز…
    بىز مەغلۇپىيەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئېتىراپ قىلساقمۇ، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىراق، بىز مەغلۇپىيەتنىڭ قۇربانغا ئايلىنىپ قالساق بولمايدۇ.
     
     
       گۇمراھ ھېسلارنىڭ ئۇۋالىغا كېتىدىغانلار
     
     ئەگەر مەغلۇپلۇق تۇيغۇسى «مەن كەلدىم» دەپ ئىشىك چەككىنىدە، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى خۇددى «قىزىل» چىققانغا ياكى زۇكام بولغانغا ئوخشاش ئوچۇق بولۇپ ئانچە كۈچىمەيلا پەرق ئەتكىلى بولسا، ئۇنداقتا بىز ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا يېڭىپ كېتەلمەيمىز ياكى ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرىدىغان چارىلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيمىز.
    بىراق، ئەپسۇسلىنارلىقى «مەغلۇپلۇق تۇيغۇسى» كۆپ خىل بولۇپ، پەرق ئەتمەك بەك تەس. تەسەۋۋر قىلىپ بېقىڭ. ئەگەر كېچىمۇ كۈندۈز مېھمانخانا، دېسكوخانا، تىياتىرخانىلاردا ئەيش − ئىشرەت بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان بىر سۆلەتۋاز يىگىتكە چېچى ئۆسۈپ پاخپيىپ كەتكەن، مىجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان، ئاپتاپتا قاقلىنىپ كىتاب دۆۋىسىگە مىلىنىپ ياتقان بىر پەيلاسوپنى ئەكېلىپ «سىلەر ئىككىڭلار تونۇشۇپ قېلىڭلار، قاراڭلار، ئىككىڭلار نېمىدېگەن ئوخشاش − ھە» دەپ يۈرسىڭىز، ئېنىقكى بەزىلەر سىزنى ئېلىشىپ قاپتۇ دېيىشى مۇمكىن بىراق، سىزنىڭ قىلىغىنىڭىز توغرا. ياشاش ئادىتىدىن قارىغاندا، ئىچ مىجەز بولۇپ كەتكەن ئۇ ئادەم بىلەن جاھاننىڭ بورىنىغىمۇ، شامىلىغىمۇ قاڭقىپ يۈرىدىغان تاش مىجەز ئۇ يىگىت ھەقىقەتەن ئىككى قۇتۇپ. ئۇلارنىڭ جۇشلىرى ئوخشاش ئاڭلىقىدا ئۇلار ئىككىلىسى مەغلۇپىيەتنىڭ قازىنىدا قايناۋاتقانلار.
     
    ئۇلارنىڭ ياشاش مىزانى ئوخشاش، خۇددى ئادەم 1000 يىل ياشايدىغاندەكلا… ماركىس ئوۋرىس (مىلادى 180 − 120 − يىللىرى ئۆتكەن، سىتوئىك ئېقىمى پەيلاسوپى، يازغۇچى، رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھ) ئۆزىنى مۇنداق ھېكمەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى: «ئۆزۈڭنىڭ مىڭ  يىل ئۆمۈر كۆرىدىغاندەك يامان ئىللەتلەرنى تۈزىتىۋالدىغانغا ئۇنچىۋالا ئالدىرمىسىمۇ ۋاقىت ئۇزۇندەك ئويلايدۇ. ئاسمانغا قاراپ تاتلىق ئارزۇلارنى قىلسۇن ياكى ئۇسسۇل ئوينىسۇن، ئۇلار بەرىبىر ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بولىدۇ. خۇددى قىلىدىغان ئىشلىرىغا ۋاقىت يېتىپ ئاشىدىغاندەك ئويلايدۇ.
     
    مەغلۇپلۇق تەرىزلىرىنىڭ كۆپلۈكى قەبلىلوگىينىڭ تارماق پەنلىرىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ. مەيلى باشقىلاردا بولسۇن ياكى ئۆزىمىزدە بولسۇن، ئۇنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ. ئاشۇ سانسىزلىغان تەرىزلەر ئىچىدە سىزنى مىڭ  يىل ياشىغاندەك غەمسىز قىلىپ قويىدىغىنىمۇ بار.
     
    ئۇيقۇغا ئامراق كىشىلەرنى دېسەك، ئۇلار ئۇخلاشقا تېگىشلىك ۋاقىتتىن باشقا يەنە ئىككىدىن ئالتە سائەتكىچە ئارتۇق ئۇخلايدۇ ۋە دائىم «ئۇخلاش سالامەتلىككە پايدىلىق» دەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ يۈرىدۇ. ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئارتۇق ۋاقىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا كىمنىڭ كۆپ، كىمنىڭ ئاز ئۇخلايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بىراق، بەزى مىجەزى ئوسال كىشىلەر باركى، بىز ئۇلارنىڭ مەغلۇپىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلكىنى بايقايمىز. ئۇنداقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئازراق قىسقىراپ قالغان كۈنى پۇت − قولى لەقۋالىشىپ كارغا كەلمەيلا قالىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگىنى قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى قانچە سائەت ئۇخلىغىنىنى ھېسابلاش بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتسە چىچاڭشىپ كېتىدۇ. ئەمەليەتتە بىر − ئىككى سائەتلىك ئۇيقۇسىزلىقنى ئاسانلا تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ. بەزىلەر باركى، كۈندە ئىككى ئۈچ ۋاق قانغۇچە ئۇخلاپمۇ يەنە لاي سۇدەك يۈرۈيدۇ. مانا بۇ مەغلۇپىيەت كېسىلىنىڭ ئاددىيلاشقان شەكلى.
    ھاراقكەشلىكمۇ مەغلۇپىيەتنىڭ يېقىن ئەل − ئاغىنىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭغا ئائىت يېزىلغان كىتابلارمۇ ناھايىتى تولا. مەستلىك ئويغاق ئادەمنىمۇ ئۇيقۇچان، مۆڭ قىلىپ قويىدۇ.ئۇخلىغانسېرى ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىلىغىدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەغلۇپىيىتى كۆرۈش قىيىن ئەمەس. ئېچىنىشلىقى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇ خىل كېسىلىگە سەل قاراۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن دىققەت قىلمايۋاتقىنى شۇكى، مەستلىكتىن يىشىلگەندىن كېيىن ئادەم ناھايىتى ئازابلىنىدۇ. پۈتۈن ئەزايى خۇددى جېنى چىقىپ كەتكەندەك جانسىز بولۇپ قالىدۇ، نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ، تەپەككۇر چېچىلىدۇ. پەقەت ھاراقنىڭ زەھىرىنى ئالىدىغان چارە قىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. كىشىلەر بەلكىم يالغۇزلۇقتىن ئىچى پۇشۇپ، ياكى دەردى كۆپ بولۇپ كېتىپ ۋە ياكى قەھۋە ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇپ، سۈت ئىشتىيىنى بۇزۇپ ئىسپىرتقا تايىنىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى نېمە سەۋەپتىن ھاراق ئىچمەڭ، سەۋەبى مۇھىم ئەمەس، بۇنداق باھانە − سەۋەبلەر سىزنى ئىسپىرتنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھاراقنى تولا ئىچسىڭىز، ھاراقكەش، دېدى پەس كىشىلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقىڭىز قالمايدۇكى، ھېچكىممۇ سىزنى قارشى ئالمايدۇ.
     
    بىز يەنە تاش مىجەز كىشىلەرگە قاراپ باقايلى، بىز كۆرگەن مىساللار ئىچىدە، ئۇلار كىنو كۆرۈشكە، تىياتىرغا بېرىشقا، كېچىلىك ئولتۇرۇشلارغا بېرىشقا ئالدىراپلا يۈرىدۇ. ئەگەر بۈگۈن ئۆزى ئامراق نەرسىنى ئېلىپ يېمىسە، زىياپەتكە بارمىسا، ئۇ چاغدا ھايات مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ… ياق، مەن ھەرگىزمۇ كۆڭۈل ئېچىشتىن قېلىڭ، ئارام ئالماڭ دېمەكچى ئەمەس. بىراق كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىشلار مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئىچىدە بولۇشى كېرەك. مەن بۇنداق دېسەم بەزىلەر ئۆپكىسىنى باسالماي «بىز كۆڭۈل ئېچىشىمىز، ئارام ئېلىشىمىز كېرەك.» دەپ ھۆركىرىشى مۇمكىن. ئۇنداق كىشىلەر بىمەنە، پەلىپەتىش قىممەت قارىشى بىلەن مەغلۇپىيەتنى قوغلىشىدۇ. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەغلۇپ بولۇشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ئۆزىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۈگەشتۈرۈشنىڭ يولىنى قىلىدۇ.
     
    داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلىسەك، يەنە بىر خىل يېرىمى توغرا، يېرىمى خاتا مەغلۇپىيەت يولى بار، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىش تەسرەك. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كەشتە تىكىدىغان، پوپايكا توقۇيدىغانلارمۇ، كەپتەرۋاز، توخۇ بېدىكىمۇ بار. بىز ئېتىراپ قىلىمىز، گەرچە بۇ ئىشلار كىشىنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، قولىنى گۈل قىلىشقا ياردىمى تەگسىمۇ، مەسىلىنى يەنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرەيلى، بۇ خىل قايتا − قايتا تەكرارلىنىدىغان سۈنئىي، مېخانىك ئىشنىڭ زادى ئەھمىيىتى بارمۇ − يوق؟
     
    يىپ ئىگىرىش كەشتە تىكىش زادى نېمىگە ئېرىشتۈرىدۇ؟ زېھنى تۇتۇق، قىلغىلى ئىش يوق، بىكار تەلەپلەر ئۈچۈن بەلكىم، بۇلارنىڭ مەلۇم قىممىتى باردۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار ئادەمدىن ئەستايىدىل ۋە سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن مېنىڭچە، بۇنداق ئىشلارنىڭ يېڭىلىقى، ئىجادچانلىقى يوق. پەقەت ماشىنىدەك تەكرار ئىش تەرتىپىدە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     
    ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ، شەپكسىنى قىرلاپ يۈرىدىغان ئالقاپلارنى ناھايىتى ئاسانلا بىر يەرگە قويالايمىز. ئۇلار ھەممىسى ئۆزىنى ئۇنتۇپ ياشايدىغان ھاماقەتلەردۇر.
    بەزىدە بىز يەنە تونۇپ يېتىمىزكى، بىر قېتىملىق خۇشاللىق، قىزىقچىلىقنى نەچچە كۈنگىچە ئەل − ئاغىنىلەرگە سۆزلەپ ئاغزىمىز ھارمايدۇ. بۇ بەك چوڭ خاتالىقمۇ ئەمەس. بۇرادەرلەر پاراڭىمىزنى ئاڭلاپ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرسە، بىزنىڭمۇ قىزغىنلىقىمىز قوزغىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بىز مەززىسىز قاراشلارنى تۆپە − تۆپىلەپ سۆزلەۋېرىپ ئوخشاش مۇھىتتىكى بايقاشلارنى يىنىش − يېنىش ئەسكە ئېلىپ ھەممىگە مەلۇملۇق تراگېدىيىلىرىگە قارىتا ئوخشاش تەرىزدە قايناپ ئۆز نۇقتىئىينەزەرلىرىمىزگە قارىتا ئوخشاش بىر قاراشلارنى تەدبىقلىدۇق. لاي سۇدەك كىچىك مۇنازىرىلەرگە ئاز − تولا نەپ بېرىپ ئاشۇ نىقسىپ بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ كەتكەن قاراشلارغا پاكىت تېپىپ بېرەر.
     
    بەزىلەرنىڭ ئەزمىلىك بىلەن پەرداز ياسالما گەپ − سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ. بىراق مۇشۇنچىلىك ئىنكاسقا ئېرىشىشمۇ چوڭ ئىش. بەزىلەرنىڭ گەپ − سۆزى تېخىمۇ مەززىسىز، ئادەمنىڭ سەپراسىنى ئۆرلىتىدۇ. «ۋاييەي، مەن دېدىمغۇ، چاتاق يوق دەيمەن»، «تەسەۋۋر قىلالمايمەن»، «چۈشەندىم» «ئەمەلىيەتتە»… ئەكسىچە يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك قاتمۇقات ئاۋارىچلىكلەرگە يولۇققاندا خۇددى ئەسەبىيلەشكەن ھېستىرىيە بىمارى تۈرلۈك روھىي كېسەلگە ئوخشاش چېچىلىپ كېتىدۇ، ئۇنداقلارغا بىر قاراپلا كاللىسىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار دائىم ھەرخىل ئادەمگە ئوخشاش بىر ھېكايىنى سۆزلەيدۇ، بىراق بۇنداقلا ئانچە كۆپ ئەمەس.
    بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ تۇتۇق، پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ تەس بولغان مەغلۇپىيەت ئالامەتلىرى بار. مەيلى ئىچ مىجەز كىشىلەر بولسۇن، ياكى تاش مىجەز كىشىلەر بولسۇن بۇنداق كېسەللىكتىن ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بەزىلەر خىزمەتتە ھەددىدىن ئارتۇق ئەستايىدىل بولۇپ، ھەممە ئىشتا گىجىڭلىق قىلىپ ھەسەلدىن قىل ئايرىيدۇ، قىلنى قىرىققا يارىمەن دەپ، قىلچە ئەھمىيەتسىز ماتېرياللارنى يىغىپلا ئۆتىدۇ. ئارقىمۇ ئارقا بىر نەچچە پەندە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، كىتابتىن باش كۆتۈرمەي، مەكتەپمۇ پۈتتۈرەلمەي قېرىپ قالىدىغان كىشىلەر مۇشۇنداق بولىدۇ. يەنە بەزى «پىداكار» قىز − ئوغۇل، خانىم − قىزلار باركى (ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتىسىز، يىتىملىكتە چوڭ بولغانلار، ئاندا − ساندىلىرى ئىككى قېتىم ئەرگە تەككەنلەر) ئۇلار ئۆز ھاياتىنى باشقىلارغا يۇغۇۇۋېتىدۇ. ئەزەلدىن ئۆزىدە قىممەتلىك بىر نەرسە بار دەپ ئويلىمايدۇ. شۇڭا ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان كىشىلەرگىمۇ ئۇنچە بەك ھۆسن قوشۇپ كەتمەيدۇ. بەزىلىرى ھەتتا ئۆزى ئۈچۈنمۇ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئانچە مۇھىم بولمىغان ئاشۇ تەسەللىنى ئىزدەيدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ۋۇجۇدى پەقەتلا كۈچ بولمايدۇ ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئۆگىنىش دېگىنىمۇ پەقەت موللا سۈپەت تۇرقىغا ئىگە بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. نيۇيوركتا بىر كىشى بولىدىغان، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ قىلچە پايدىسى بولمىغان ئىتالىيە سىياسىئونلىرىنىڭ ھاياتى، ئىش  ئىزلىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاشقا باشلىغان.
     
    گەرچە مەزكۇر تەرجىمىھالشۇناسقا ماتېرىيال توپلاۋاتقىلى ئەللىك  يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق بىرەر تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسەرگە تېخى قەلەم تەۋرىتىپ باققىنى يوق.
     
    جەلپ قىلىش كۈچى زور ئادەملەر تېخىمۇ ئاسان مەغلۇپىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن تېخىمۇ جەلپكار ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان كېرىلىپ تۇرۇپ «قارا، ئەنە ئۇلار بىر توپ مەغلۇپلار» دەپ قويىدۇ خالاس.
    ئەلۋەتتە، بۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس. بىراق بۇ خىل ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرىدىغان، ئۆزىدىن مەستخۇش بولۇش خارەكتېرى بىلەن دوستانە قىزغىنلىق بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ.
     
    بىز خارولد سىجىنپىس (دىككىنسنىڭ «سالقىن ھويلا» ناملىق رومانىدىكى پېرسوناژ)نىڭ دۇنياسىدىن سۆز ئاچايلى. شېرىن − شېكەر سۆزلەر بىلەن دۇنيانىڭ كۆزىنى باغلايدىغان خۇي پەيلى تۈرلۈكچە بولغان ئەر − ئاياللار نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى باشقىلارنىڭ ھەۋسسىنى كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى خىلمۇ خىل مىجەزدىكى ئەركىن، سۆيۈملۈك، خۇشال قورامىغا يەتكەن «بالىلار» دەك مەسئولىيەتلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئانچە ئېھتىياتچانمۇ ئەمەس، بىراق كىشى ئۇلارنى تەبىئىيلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ھەتتا يات كىشىلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىردەم بىللە بولسىلا چىقىشىپ قالىدىغۇ دەيمەن. ئۇلار پەقەت ئويۇنغا ئامراقلا ئەمەس، يۇمۇرغا باي، قىزىقچى، قاش − كۆزى ئويناق، تەپەككۇر ئوچۇق. سالاپەتلىك شۇڭا، بۇ كىشىلەر نەگىلا بارسا كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا، دىققەت − ئېتىبارىغا، كەڭ قورساق مۇئامىلسىگە، قىزغىنلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ. بىراق ئۇلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقايلى. ئۇلار شۇنچىۋالا دىققەت − ئېتىبارىنى بېرىشكە ئەرزىمدۇ − يوق؟ ساغلام ئادەم بىر باش لىڭشىتىشتىن بولغان مەمنۇنلۇق ياكى دىققەت ئېتىباربىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەقلىنى دات بېسىپ كەتكەنلەردىن باشقا ھەر قانداق ئادەم بۇنداق دىققەت − ئېتىبارىنى تارتىشتىن ھۇزۇر ئىزدىمەيدۇ. بۇنداق مەغلۇپىيەت قۇربانلىرىنىڭ ئىتىبارى باشقىلارنى جەلپ قىلىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاستا − ئاستا يوقىلىپ كېتىۋاتقان جەلىبكارلىقنىڭ ئۆزىنىڭ رەڭدار ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، ئۇلار رېئالىققا يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەس − يادى بىلەن مەسئۇليەتلەرنى ئۈستىگە ئالالماي كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بوينىغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى بايقالمايدىكەن. بىراۋ نەق مەيداندا ئۇلارغا سوئال قويۇپ ئاجىزلىقنى كۆرسىتىپ قويمايدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا قىياپىتىنى داۋاملىق يوشۇرۇپ كېتىۋېرىدۇ. ئۆزىنىڭ مەغلۇپىيەت پاكىتلىرىنى ئېتىراپ قىلماي يۈرۈۋەرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. پەقەت مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ بىر مەيدان «مەستخۇشلۇق ئويۇنى»دا ئەڭ قاتتىق ئازاب تارتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، يەنىلا بىر تەرەپتىن ياشاپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئالداپ كېتىۋېرىدۇ. ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچى بولىدۇ.
     
     بۇلار تۈرلۈك تۈمەن شەكىلدە ھاياتىمىزنىڭ قىممەتلىك دەقىقىلىرىگە تۇتۇرۇقسىز مەنىسىز ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپىيەتكە تەسلىم بولغانلىقنىڭ نەتىجىسى. مەغلۇپىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ناھايىتى كۆپ. شۇڭا ئېسىمىزدە تۇتايلىكى، بۇنداق ئىشلار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ. بىراق بىزگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
     
    ئۆزىمىزنى ئاللىقاچان ئەڭ مۇكەممەل ئۆزلىكىمىزنى يارىتىپ بولغانلىققا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىز دۇنيانىڭ كۆزىنى باغلاشقا تىرىشىمىز. بولۇپمۇ تۇرمۇشىمىز مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇششاق ئىشلار بىلەن بەنت بولغان چاغدا ياكى مەنىسىز چوڭ − چوڭ ئىشلار بىلەن قورشالغان چاغدا يەنىمۇ كۈچەپ ئىشلەشنى خالاپ كەتمەيمىز. ئەجەبا بىز ئىشىمىز تۈگىمەيدىغان دەرىجىدە ئالدىراشمۇ؟ ئەجەبا كېچىمۇ كۈندۈز دېگۈدەك ئالدىراشلىق ئىچىدە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، مەنىسىزلىكلەر ئىچىگە پېتىپ چارچاپ ھالىدىن كېتىدىغان ۋەزىپىمىز بارمۇ؟ بۇنداق سوئالنى پەقەت ھەربىر ئادەمنىڭ يۈرىگىلا سورايدۇ. بەلكىم، بۇنى كېچىلىك ئۇيقۇنى بىرەر كۈن تاشلاپ، ۋۇجۇدىمىزنى ساغلام قىلىپ تولىمۇ ئۇششاق ئىشلارغا تولۇپ كەتكەن چوڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئوبدان ئويلىنىپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى كىشىلەرنىڭ ھىيلە − مىكىرگە تولغان ئويۇنلىرى بىلەن ئۆزىنى قانداق ئەخمەق قىلىدىغانلىقىمۇ مۇھىم بولماي قالدى. ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزنى پۇختا قىلىپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى جايىدا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېتىپ بېرىپتىمىز. گەرچە دۇنياغا تۆھپە قوشۇشنى زىممىمىزگە يۈك قىلىپ ئارتىش دۇرۇس ئىش بولمىسىمۇ بىراق بۇ يەنىلا ئەستايىدىل ئويلىشىدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر رېئاللىققا يۈزلەنمىسەك، بەخت گۈلىمىز ئېچىلالمايدۇ. تۇرمۇشتىكى بەختسىزلىك كۈنسېرى كۆپىيىپ، باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار تۈگىمەيدۇ.
     
    گۈلدەك ئۆمرىنى زايا قىلىپ، ھاياتنى بىكار ئۆتكۈزۈۋاتىدىغان، قۇلغا ئوخشاش ياشايدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئالدىماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەغلۇپىيەتتىن ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتى يوق. ئۇلار ياكى ئەسەبىيلىشىدۇ، ياكى غەمكىنلىك ئىچىدە قالىدۇ. ياكى جاھاندىكى ئەڭ تۇتۇرۇقسىز ئۇششاق ئىشلارنى ، ئەرزىمەس ھېسياتلارنى، بىردەملىك قىزغىنلىقى توپلاپ يۈرىدىغان، بۇ ئەخلەتلەرنى ھاياتنىڭ بىباھا «ئالتۇن خەزىنىسى»گە دۆۋىلەيدۇ.
    مەقسەت بىلەن رېئاللىقنى قانداق بىرلەشتۈرۈش مەسىلسىدە بارلىق مەغلۇبىيەت بىمارلىرىنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار. ئۇ بولسىمۇ ئەرزىمەس ئىشلارغا باش چۆكۈرۈپ كېتىش. ئۇتۇقنىڭ زادى قانداق يول بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانماسلىق… يىغىپ ئيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتتۇر.
     
    داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى.
    مەنبەسى:كۆكنۇر تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىرە پۈتۈك _