خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى15 ( پۇلسىز قېلىش)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:11:38

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى15 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى15 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە) 
    نۇرمۇھەممەت توختى


      پۇلسىز قېلىش

     

       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداشنىڭ قەلبىدە نېمىشقىدۇر مال-دۇنياغا، پۇل-پىچەككە، ئالتۇن-كۈمۈشكە ھەۋەس يوق ئىدى، ھەۋەسلا ئەمەس، ئورۇنمۇ يوق ئىدى، تاكى مۇشۇ قىرىق يېشىغىچىلىك ئاشۇ نەرسىلەر ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلاپ باققان ئەمەس، ئويلاشقا ئېھتىياج بولغانمۇ ئەمەس، كىچىكىدە ھەممە تەل ئىدى، ھەممىنى دادىسى يۈ يىڭخەن دارىن بىلەن ئانىسى لى مېيزى تەل قىلىپ تۇراتتى، ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆگەي دادىسى شاڭ سى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسى ھەۋزىخان ئانا بىر نېمىلەرنى قىلىپ قورسىقىنى ئاچ، كىيىمنى يېلىڭ قىلمىدى، ھەۋزىخان ئانا ئۇنى ئوقۇشقىلا ئۈندەيتتى، كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ باج ئىدارىسىدە، ساقچى پونكىتلىرىدا ئىشلىدى، ھۆكۈمەت ئىش ھەققى بېرەتتى، ئىش ھەققىنى تولۇقى بىلەن ھەۋزىخان ئانىنىڭ قولىغا تۇتقۇزاتتى، كېيىنرەك ئايالى تۇخانغا تۇتقۇزىدىغان بولدى، پەقەت ئات ئالىدىغان، ئات تېگىشىدىغان، تېگىشكەن ئاتقا ئۈستەك بېرىدىغان چاغدىلا پۇل لازىم بولاتتى، ئۇنداق چاغلاردا پۇلنى ئانىسىدىن ياكى خوتۇنىدىن ئېلىپ بېرەتتى، پۇل ھەققىدە تەڭلىك-قىسىلچىلىق بولمايتتى، تەڭلىك-قىسىلچىلىق بولمىغانىكەن، ئۇ نەرسىلەر ھەققىدە نېمىشقا ئويلاپ يۈرگۈلۈك؟ ئويلاپ يۈرمىگەنىكەن، ئۇ نەرسىلەرنى تېپىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ، توپلاپ-ساقلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. قىسقىسى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ مال-دۇنيانى، پۇل-پىچەكنىمۇ يېتىم-يېسىر، ئاجىز-ئورۇققا بېرىۋېتىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ساماۋى كىتابلاردىن، كلاسسىك ئەسەرلەردىن ئۆگەنگىنىمۇ شۇ ئىدى. ئۇ كىتابلار ئىچىدە، ئەقىدە-ئېتىقادلار ئىچىدە ياشايتتى، كىتابلاردا كۆرسىتىلگىنى بويىچە، ئەقىدە-ئېتىقادلار بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەممە ھەرىكىتى باقىي ئالەم ئۈچۈن، ياراتقۇچىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئىدى، مانا شۇنداق ئادەمدە كېيىنكى تۇرمۇش ئەنسىزلىكى، كېيىنكى تۇرمۇش ئۈچۈن بىرەر نەرسە يىغىپ قويۇش ئىستىكى نېمە ئىش قىلسۇن؟ يوق، ھېچنېمە يوق ئىدى، ئۇنداق دېگىلىمۇ بولماس، ئاشۇ يىلى چەرچەنگە قاچقاندا، تاپقان-تەرگەنلەرنىڭ بىر قسىمى چەرچەندە قالدى. مانا ئەمدى ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى خىزمەتتىن چېكىندۈرۈلۈۋىدى، ئۆيدە بار دەسمايە ئالتە كۈندە غالتەككە چىقتى، مورىدىن ئىس، قازاندىن ھور چىقارماق تەس بولدى. ھەرھالدا يەنىلا ھەۋزىخان ئانا بار ئىدى.
        خېلى يىللار ئىلگىرى لى جاڭگۈيدە دېگەن يەنە بىر خۇنەنلىك ئادەمگە ياتلىق بولۇۋالغان ھەۋزىخان ئانا يالغۇز ئوغلىنىڭ قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىشىغا قاراپ تۇرمىدى. ئۇ ئاشتىن ئاش، پۇلدىن پۇل توشۇپ تۇرۇشقا رازى ئىدى. ئەمما، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئۇنى رەت قىلدى. ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتىدا لى جاڭگۈيدە ۋاپات بولغاندا، ئۇ 3000 يۈەن پۇل، 17 پارچە گىلەم، بىر تالاي قاشتېشى ۋە باشقا نەرسىلەرنى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭغا مىراس قالدۇرىدۇ. ئەمما، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بۇلارنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ھازىر بولسا خوتۇنى تۇخاننىڭ ئانىسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ قارىشىۋاتاتتى. ئەمما، ھايات يولىنىڭ تۆتىنچى پەشتىقىغا يەتكەن چوپچوڭ ئادەم ئۈچۈن، خوتۇن-بالىچاقىلىق ئادەم ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ قولىغا قاراپ تۇرۇش قاملاشمايتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تىرىكچىلىك غېمىگە چۈشتى، خوتۇنى تۇخان خېنىم ئۈچۈن، بەش ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ، مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ئوغلى ئابدۇقادىر ئۈچۈن بولسىمۇ تۇرمۇشنى قامداشنىڭ يولىنى تېپىشى كېرەك ئىدى. ئۇ پۇل تاپىدىغان، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئېلىشقا يەتكۈدەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىرەر ئىش قىلماقچى بولدى. ئۇ ئۆمرىدە خەتتاتلىق، چوت سوقۇشتىن ئۆزگە ھېچقانداق ھۈنەر ئۆگەنمىگەنىدى. ئۇنى تۇرمۇشتىكى ئىشلاردىن بىرەر ئىشنى قىلالايدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ئۆيدىكى كىچىك قازاندا تاماق ئېتىشنى بىلەتتى، ھەرخىل قورۇمىلارنى تېتىملىق قىلىپ قورۇيالايتتى، پوشكال سېلىپ، ئارىسىغا لازا ئېلىپ يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى، ۋەھالەنكى بۇنى ئاشپەزلىك ھۈنىرى دېگىلى بولارمۇ؟ بازاردا ئاشپۇزۇل ئېچىشقا يارارمۇ؟ ئۇ ئاتنى تونۇيتتى، قانداق ئاتنىڭ قېرى، قانداق ئاتنىڭ ياش ئىكەنلىكىگە، قايسىسىنىڭ يۈگۈرۈك، قايسىسىنىڭ سوك-سوك، قايسىسىنىڭ يورغا ئىكەنلىكىگە، قايسىسىنىڭ ساق، قايسىسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايتتى. ھۆكۈمى تولا چاغلاردا توغرا چىقاتتى، تېخى ئات بېقىشنىمۇ ئوبدان بىلەتتى، قانداق چاغدا پىچان، قانداق چاغدا بوغۇز بېرىش كېرەكلىكىنى، كۈندۈزى نەچچە قېتىم بېرىش كېرەكلىكىنى، قانداق چاغدا سۇغىرىش كېرەكلىكىنى، قانداق چاغدا يۇيۇپ، قانداق چاغدا تاراش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەمما بۇنى ھۈنەر دېگىلى بولارمۇ؟ ئۇنىڭغا ئات باقتۇرىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟
        مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ كېرىيەنىڭ ئىدارە-ئورگانلىرىدىن ئىش ئۇقۇشۇپ باقتى، دەرۋازا باقىدىغان، تازىلىق قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ بولۇۋېرەتتى، لېكىن گومىنداڭ قالدۇقىنى ھېچكىم دەرۋازىسىغا يولاتمىدى. ئۇ «قارلۇق ئۆستەڭ» بويىدىكى چوڭ جامەنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر «تاختا كۆۋرۈك»تە مەدىكارلار قاتارىدا ئىش كۈتۈپ ئولتۇردى. ئۇ ھامماللىق قىلماقچى بولدى، ئارغامچا توقمىقى يېنىدا ئىدى، لېكىن ئۇنى ھېچكىم ياللىمىدى، بىرەر ھاممال ياللىغۇچى كېلىپ قالسا، ئۇمۇ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باراتتى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى ياللاشتىن ئەيمىنەتتى. ئۇنى ھەممە كېرىيەلىك تونۇيتتى ئەمەسمۇ، بىر چاغلاردا ئارغىماقنىڭ ئۈستىدە قۇرغۇيدەك لاتاپەت بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان مۇھەممەت بېگىمنى ئىشقا سېلىشقا كىمنىڭ ھەددى بولسۇن؟ ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيىشكە كىمنىڭ تىلى بارسۇن؟ بەزى ئوچۇق سۆزلۈك كىشىلەر ئۇنى يانغا تارتىپ «مۇھەممەت بېگىم، نېمە ئىش قىلىدىلا بۇ يەردە؟ سىلى تۇرىدىغان يەر ئەمەس بۇ، بۇ يەر سىلىگە ياراشمايدۇ ئاخۇنۇم، ئىلىم ئەھلى دېگەن ئۆزىگە مۇناسىپ ئىشنى قىلىشى كېرەك» دەيتتى. ۋەھالەنكى، ئاشۇنداق دېگەنلەر ئۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئىشنى تېپىپ بېرەلمەيتتى، تېپىپ بېرىشكە قادىر ئەمەس ئىدى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بىلەنمۇ تەمىنلىيەلمەيتتى. ئۇنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قالغانلىقى، موھتاج بولۇپ قالغانلىقىنى كىم بىلسۇن؟ توق ئاچنىڭ، ئاتلىق پىيادىنىڭ دەردىنى بىلەرمۇ؟ ئۇنى ئىش تېپىشتىن ئۆز سالاھىيىتى چەكلەۋاتاتتى، بىر چاغلاردىكى بەگلىك سالاھىيىتى، شۇ كۈنلەردىكى موللا-ئۆلىمالىق سالاھىيىتى چەكلەۋاتاتتى، ئۇ ھېلىمۇ بەش ۋاخ ناماز ئۈچۈن بەش ۋاخ مەسچىتتىن قالمايتتى، مەسچىتنىڭ ئىمامىغا قارىغاندا بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. ئىمامئاخۇنۇم «قۇرئان كەرىم»نى جۈملىمۇجۈملە ئوقۇسا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ جۈملىمۇ جۈملە مەنە ئېيتاتتى، ئاڭلاۋاتقانلار ئىچىدىكى ئەرەبچىدىن ئوبدانلا خەۋىرى بار كىشىلەر ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىگە مەنە ئېيتىشىغا قايىل ئىدى، تېزلىكىگىمۇ، دەلمۇدەل كېلىدىغان سۆزلەرنى تېپىشىغىمۇ قايىل ئىدى، باشقا ھەدىس ۋە تەپسىرلەردىن نەقىللەر ئېلىپ تەبلىغ قىلىشلىرىغىمۇ قايىل ئىدى، شۇڭا مەسچىتداشلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئىناۋىتى تېزلا ئۆسۈپ كەتتى ۋە ئۇ ئەمدى «مۇھەممەت بېگىم» دەپ ئاتالماي، «مۇھەممەت ئاخۇنۇم» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى، كۆپ ئۆتمەي ناھىيە بازىرىدىكى ھەممە كىشىمۇ مۇھەممەت ئاخۇنۇم دەپ ئاتاشقا ئادەتلەندى، ئۇنىڭ موللا-ئۆلىمالىقتا داڭقى چىقتى، ئۇمۇ ئېتىراپ قىلىنغان موللا-ئۆلىما سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، مانا ئەمدى ئاشۇ سالاھىيىتىمۇ ئۇنى بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشتىن چەكلەۋاتاتتى. ئۇ «قارلۇق ئۆستەڭ» بويىدىكى «تاختا كۆۋرۈك»تە ئىش كۈتۈپ، ئىش ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەردە كىمدۇر بىر كىملەرنىڭ «ياغىلاق» تەرەپتە خۇمدان ماڭدۇرۇپ، خىش پىشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇ يەرگە خىش قۇيىدىغان ئادەم لازىملىقىنى ئاڭلىدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئۈچۈن قانداقلا ئىش بولسا بولۇۋېرەتتى. تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ بالىچاقىلىرىنى باقسىلا بولاتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنى خۇمداننىڭ يېنىدىكى خىش قۇيىدىغان مەيداندا كۆردى. سېغىز توپىدا لاي ئېتىپ، قېلىپ بىلەن خىش قۇيىدىغان ئىش ئېغىر ۋە مەينەت ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەركۈنى تېپىلىدىغان ئىش ئىدى، تېخى قانچە جىق خىش قۇيساڭ شۇنچە جىق ئىش ھەققى ئالغىلى بولاتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئاشۇ يەردە خىش قۇيۇشقا باشلىدى، خىش قۇيۇش تېخنىكىسى ئاددىي ئىدى، ئالدى بىلەن سېغىز توپىنى چوقۇپ يۇمشىتىسەن، ئارقىدىن ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ لايغا ئايلاندۇرىسەن، ئاندىن لاينى ئۆرۈپ-چۆرۈپ، پېتىقداپ پىشۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى، خۇددى نان خېمىرىنى پىشۇرغاندەك پىشۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئارقىدىن نان ياقىدىغان چاغدا زۇۋۇلا ئۈزگەندەك لاينى ئۈزۈپ قېلىپقا سالىسەن. لاينى قېلىپ كۆزلىرىدە  تەكشىلەپ خىش قۇيىدىغان يەرگە ئاپىرىپ، گۇپپىدە ئۆرۈپ تاشلىساڭ ۋە قېلىپنى تارتىۋالساڭلا ئىش پۈتەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق خىش قۇيۇش ئاخىرلىشاتتى، ئاندىن كېيىن مۇشۇ ھەرىكەتنى قايتا-قايتا تەكرارلىساڭلا قۇيغان خىشلىرىڭ بارغانچە كۆپىيەتتى، خىشلار قۇرۇغاندىن كېيىن خۇمدانغا ئەكىرىشكە، پىشۇرۇشقا تەييار بولاتتى...
    ۋەھالەنكى، خىش قۇيۇش تېخنىكىسىنى ئۇنداق ئاسان ئۆگىنىۋالغىلى بولغان بىلەن، خىشنىڭ ئۆزىنى قېلىپتىن چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. شىلىمدەك يېپىشقاق سېغىز لاينى پىشۇرىدىغان چاغدا، كەتمەن تۇتقان قوللىرىڭ قاپىرىپ قان چىقىپ كېتەتتى، لاي سېلىنغان سەككىز كۆزلۈك قېلىپنى كۆتۈرۈپ خېلى يىراققا ئاپىرىپ تۆكىدىغان چاغدا چاتراقلىرىڭ كېرىلىپ، بەللىرىڭ يادەك ئېگىلىپ كېتەتتى، بەللىرىڭ  تېلىپ، ھېلىلا سۇنۇپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ كېتەتتى، كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا بەللىرىڭنى رۇسلىيالماي قالاتتىڭ، ھارغىنلىقتىن پۈتۈن بەدەنلىرىڭ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىپ كېتەتتى...
    ئېغىر ئىش ھەرقانچە بولسا شۇنچىلىك بولار، جاپا ھەرقانچە بولسا شۇنچىلىك بولار، قايسىسى خىش قۇيۇشنىڭ ئېغىرلىقىغا، خىش قۇيۇشنىڭ جاپاسىغا، خىش قۇيۇشنىڭ ھارغىنلىقىغا يەتسۇن؟ تەڭ بولالىسۇن؟ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم 40 يىللىق ھاياتىدا تا ھازىرغىچە بۇنچىلىك جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغان، بۇنچلىك جاپا-مۇشەققەت تارتىپ باقمىغانىدى. ئەمما، ئەمدى چىدىماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئائىلىنى، خوتۇن، بالىچاقىنى بېقىش ئۈچۈن چىداش كېرەك ئىدى، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، جاپاغا چىداپ پۇل تېپىش كېرەك ئىدى، قىيىنچىلىقتا قالغاندا ھامىي بولىدىغان، ئاشتىن ئاش، ئوزۇقتىن ئوزۇق توشۇپ خەۋەر ئالىدىغان ھەۋزىخان ئانا تۈگەپ كەتتى، باقىي ئالەم سەپىرىگە كەتتى، ئەمدى ھامىي بولىدىغان ئادەم يوق، ھەممىگە ئۆزۈڭ ئىشلىشىڭ كېرەك، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئوبدان چۈشىنەتتى، شۇڭا ئۇ توختىماي خىش قۇياتتى، توختىمايتتى، قولى-پۇتى، كۆزى، زېھنى توختىمايتتى، خىش قۇيۇشنىڭ ئىپتىداسى بارمۇ؟ خىش قۇيۇش قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ بۇ دۇنيادا ئاخىرلاشمايدىغان ھازا يوق، ئاخىرلاشمايدىغان ھالاۋەت ۋە ئاخىرلاشمايدىغان مۇشەققەت يوق، خىش قۇيۇش پات ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ، قىش كېلىپ سېغىز توپا چويۇندەك توڭلىغان، سۇ ئەينەكتەك مۇزلىغان چاغدا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ چاغدا لاي ئېتىش، خىش قۇيۇش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سېغىز توڭلاپ، سۇ مۇزلىغىچە كۆپرەك خىش قۇيۇۋېلىش كېرەك، كۆپرەك پۇل تېپىۋېلىش كېرەك، خوتۇن، بالىچاقىنى قىشتىن ئۆتكۈزۈۋېلىشقا يەتكۈدەك پۇل غەملىۋېلىش كېرەك...
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم كېرىيەدىكى خۇمداندا خىش قۇيۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەر تېخى ئۇنى ئۇنتۇشمىغان، ئۇ تېخى دۇنيادىكى ئۇنتۇلغان بىر بۇرجەككە، ئۇنتۇلغان بىر كۇپلېت قوشاققا ئايلانمىغانىدى، كىشىلەر ئارىسىدا يەنىلا ئۇنى يادلاپ يۈرىدىغانلار بار ئىدى، ئاشۇلارنىڭ بىرى مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ ئىدى. ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىلا كېرىيە ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان ئاشۇ ئادەم ھازىر خوتەن ناھىيىسىدە شۇجى ئىدى، ئاشۇ ئادەم مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى ئەسلەپ قالدى، ئۇ 1953-يىلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ خىزمەتتىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ ناھەقچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىمۇ ياكى ھازىر ئۇنىڭ ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچ ئاغرىتىپ قالدىمۇ ۋە ياكى تەرجىمانغا جىددىي ئېھتىياج بارمۇ، ئۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ. ئۇ كىشى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى خوتەنگە چاقىرتتى. ئۇ فىڭ زىمىن دېگەن تەرجىمان ئادەمنى كېرىيەگە ئەۋەتىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى چاقىرتىپ كەلدى. بۇ 1956-يىلىدىكى ئىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە ئۆزگىرىش بولدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.