تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:20:55

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇتفىئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇتفىدۇر. بۇ ئەزىز مۇشۇ موغلىستاندىن* ئ...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇتفى

     


    ئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇتفىدۇر. بۇ ئەزىز مۇشۇ موغلىستاندىن* ئىدى، ئۇ ئالىملىقتا ھەزرىتى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك، ھېكىملىقتا ھەزرىتى ئىبنى سىنادەك، شائىرلىقتا ھەزرىتى ئەمىر ئەلىشىر نەۋايىدەك، نەغمىچىلىكتە قىدىرخاندەك ئىدى. بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان ئىلىم يوق ئىدى. زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا 500دىن ئارتۇق ئالىم ۋە قارى تەربىيىلىنىپ چىقتى، 200چە كىشى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەت تېپىپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئۇ 200دىن ئارتۇق كىتاپ يازدى. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋايى ئىلمىي پاساھەتتە [ئىستىلىستىكا ئىلمىدە] بۇ ئەزىزنى ئۇستازىم دەيتتى. لۇتفى بولسا ھەزرىتى نەۋايىنى سەن مېنىڭ ئۇستازىم دەيتتى ۋە ''مېنىڭ ئۆمۈر بويى يازغان 10 مىڭ مىسرا شېئىرىمدىن سېنىڭ ئىككى مىسرا شېئىرىڭ ئارتۇق'' دەيتتى. ھىجرىيە 878-يىلى [مىلادى 1473-يىلى] ۋاپات بولدى.

    ________________
    موغۇلىستان-ئەسلىدە شەرقتە قارا شەھەر، غەرپتە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە شەھىرىنىڭ غەربى، شىمالدا كۆكچە دېڭىز (بالقاش كۆلى)، جەنۇپتا قارا قۇرۇمغىچە بولغان ھەم شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ (ماڭلاي سۈيە) قاتارلىق رايونلار تارىختا ''موڭۇلىستان'' دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ موڭغۇللار (چاغاتاي ئەۋلادى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايون دېگەنلىك بولىدۇ. مىلادى 1348-يىلى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈر (مىلادى 1331-1363-يىللىرى) بۇرۇنقى چاغاتاي خانلىقى تەۋەلىگىدىكى بىرقانچە پادىشالىق ۋە بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىر خانلىق قۇرغان. بۇ خانلىق ''موغۇلىستان'' دەپ ئاتالغان. موغۇلىستان خانلىقى مىلادى 15-ئەسىردىن باشلاپ پارچىلىنىشقا باشلىغان. مىلادى 1514-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان سەئىتخان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ پارچىلانغان بىرقانچە رايونلىرىنى بىرلىككە كەتۈرۈپ يەركەن خانلىقىنى قۇرغان. مىلادى 1678-يىلى يەركەن خانلىقى ئاپپاق خۇجا ۋە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.