ئىگەرلىك ئات-قوچقار پالۋان ھارابتا

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-11 00:00:00

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپئالتىنچى بابقوچقار پالۋان ھارابتا1بۇغدا ئېتىكىدىكى ئېدىقۇت بوستانلىقىدىن خوشلىشىپ تەكلىماكان بويلاپ يۈرۈش قىلغان ئەزىمەتلەر چەكسىز چۆل دالالار ۋە ي...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    ئالتىنچى باب
    قوچقار پالۋان ھارابتا


     

     

    1

     

    بۇغدا ئېتىكىدىكى ئېدىقۇت بوستانلىقىدىن خوشلىشىپ تەكلىماكان بويلاپ يۈرۈش قىلغان ئەزىمەتلەر چەكسىز چۆل دالالار ۋە يېزا بوستانلىقلىرىنى بېسىپ، ئاخىرى پامىر تېغى ئاستىدىكى مەشھۇر قەدىمىي شەھەر قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، سەركەردە مەھمۇت مۇھىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ قوچقار پالۋانغا ليەنجاڭلىق ۋەزىپە بېرىپ ھارابتا قاراۋۇللۇق قىلىش مەجبۇرىيىتىنى تاپشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئاقتاشلىق پالۋاننىڭ رومانتىك مەزمۇن بىلەن تولغان يېڭى ھاياتى خېلى يىللارغىچە مۇشۇ ھاراب قەلئەسىنى قوغداش بىلەن ئۆتتى.

    كاشان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان بۇ كەنت يەكەن، يوپۇرغا، يېڭىسار ۋە قەشقەر دائىرىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىستراتېگىيىلىك قورغان ھېسابلىناتتى. ئۇزاق تارىختىن بۇيان، بۇ جاي ھەربىي سەركەردىلەرنىڭ تالىشىش نۇقتىسى ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى «ئاراب» دېگەن نامىنىڭ مەنىسىمۇ «ھەربىي قەلئە»، «جەڭگاھ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرەتتى. لېكىن بۇ ھەربىي قەلئە قوچقار پالۋاننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن يىللارنىڭ دەسلىپىدە جەڭگى-جېدەللەردىن بىرقەدەر خالىي بولۇپ تۇردى. قوچقار پالۋان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىسىملىرىغا يېڭى ئۆي-ماكان سېلىش، پىدائىيلار ئىچىدىكى ساۋاتسىزلارنى ئوقۇتۇش ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن ھەپىلەشتى.

    كېيىنكى يىلنىڭ بارات ئېيى يېقىنلىشىپ، «ئوردام سەيلىسى» باشلىنىشقا ئازلا ۋاقىت قالغان بىر كۈنىسى ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىياز ئىككىسى قوچقار پالۋانغا مەسلىھەت بېرىپ دېدى:

    - بىز ھارابقا ئورۇنلاشقىلى خېلى ئايلار بولدى. ئاتلىرىمىزنىڭ تاقىلىرىمۇ داتلىشىپ قالاي دېدى. جەڭچى دېگەن يەر شارائىتى بىلەن تونۇشمىسا كېيىن ھېچنېمىگە يارىماي قالىدۇ. ھېچبولمىغاندا «ئوردام سەيلىسى»نى بولسىمۇ كۆرۈپ كەلمەمدۇق؟

    ئوردام قەبرىستانلىقى ھاراب بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، يىگىرمە تۆت كىلومېتىر ئارىلىقتىكى چوڭ قۇم بارخانلىرى ئىچىگە جايلاشقان مەشھۇر مازار بولۇپ، ھەر يىلى بارات ئېيىدا تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ھەممە يەردىن نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر بۇ يەرگە سەيلە-ساياھەت ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن كېلەتتى. ئۇنىڭ داڭقىنى قوچقار پالۋانمۇ ئاڭلىغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاغىنىلىرىنىڭ پىكرىگە دەرھال ماقۇل بولدى.

    ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ، ئۇلار تەقەززا بولغان قۇتلۇق دەقىقىلەر يېتىپ كەلدى-دە، ئۈچەيلەن ئارغىماقلىرىغا مىنىشىپ «ئوردام» سەيلىگاھ مەنزىلىگە يېتىپ باردى.

    قۇم بارخانلىرى قورشاپ تۇرغان ئوردام قەبرىستانلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئادەم دېڭىزى قاينىغانىدى. مەركىزىي مازارنىڭ چۆرىسى قېلىن ياغاچ تاختايلار بىلەن قورشالغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ساخاۋەتخانا، تىلاۋەتخانا ۋە مەسچىت بىنالىرى قەد كۆتۈرگەن، ئالدى ئوچۇق تۈزلەڭلىكنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە خۇتبە سۇپىسى تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇ جاينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ۋە بىر قېتىمدىلا چوڭ كالىنىڭ گۆشىنى پىشۇرغىلى بولىدىغان مىس داش قازاننىڭ كۆركەم سالاپىتى ساياھەتچىلەرنى تاڭ قالدۇراتتى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇتبە مۇنبىرىدە پەيدا بولغان چىرايلىق كىيىنگەن، كېلىشكەن بىر يىگىتنىڭ قامەتلىك ئوبرازى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. ئۇ شۇ تاپتا جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن «ئوردام تەزكىرىسى» توغرىسىدىكى تارىخىي قىسسەسىنى باشلىغانىدى.

    - تارىختا ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسى كىشىلەر خاتىرىسىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئوردام تەزكىرىسى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ مەڭگۈلۈك يادنامىسى. بىر زامانلاردا بۇ يەردە ئوردا سۇلتانى سەئىد ئارسلانخان  قوماندانلىقىدىكى لەشكەرلەر بىلەن بۇددىست چېرىكلىرى ئارىسىدا قانلىق جەڭ بولغان. بىر ئاسىي جادۇگەر ئايالنىڭ سەۋەبى بىلەن دۈشمەن چېرىكلىرى تاڭ سەھەرلىكتە ئوردا سۇلتانى سەئىد ئارسلانخان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى مۇشۇ يەردە تۇيۇقسىز قورشىۋېلىپ، ھەممەيلەننى قەتلى قىلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ جەسىتى مانا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. بۇ جاينىڭ «ئوردام مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، ھازىرغىچە مۇقەددەس ئابىدە بولۇپ ئەسلىنىپ كېلىشى ئەنە شۇ سەۋەبتىن...

    ناتىق يىگىتنىڭ ئاڭلىغۇچىلار قەلبىنى ھاياجانغا سېلىۋەتكەن نۇتقى ئاياغلىشىپ مۇنبەردىن قايتىپ چۈشكەن ھامان قوچقار پالۋان ھەممىنىڭ ئالدىدا يىگىتكە سالام بېرىپ، ئۇنىڭ تەسىرلىك نۇتقىغا بارىكاللا ئېيتتى. ئۇلار ئۆزئارا تونۇشلۇق بېرىشتى ۋە قىزغىن پاراڭلاشتى.

    ناتىق يىگىت - مەرىپەت چولپانى مەمتىلى ئەپەندى - تەۋپىق دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ تەكلىماكان ساھىلىدە مەرىپەت شامىنى ياندۇرۇش بۇرچى بىلەن ئاقارتىش-تەرغىبات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانىدى. يۇرتمۇيۇرت ئارىلاپ مەكتەپ تەسىس قىلىش سەپىرىدە يېڭىساردىن ئىزچى ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ زىيارەت ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنىدى. قوچقار پالۋان بۇ قۇتلۇق كۈندە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك زات بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىدىن ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. ئۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بۇ يەردىكى زىيارىتىنى قىسقارتىشنى قارار قىلدى-دە، تەۋپىق ئەپەندىنى باشلاپ قىلىچ بۇغراخاندىكى قاراۋۇل گازارمىسىغا يۈرۈپ كەتتى.،

     

    2

    قوچقار پالۋان كوماندىرلىقىدىكى قىسىم گازارمىسى ھاراب بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىققا جايلاشقان قىلىچ بۇغراخان مەھەللىسىگە جايلاشقانىدى. قوچقار پالۋان ئۆزىنىڭ مەخسۇس بۆلۈمىدە تەۋپىق ئەپەندىنى ئازادە كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىمالال سۆھبەتلەشتى. ئۇ، ھازىر ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇمۇشلۇق زات - تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا ھەۋەس بىلەن نەزەر تاشلىغىنىدا، كۆڭۈل تەسەۋۋۇرىدىن مەرھۇم ئۇستازى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى، سارداۋان ئۈستىدە ئېيتىپ بەرگەن چىن تۆمۈر باتۇر ھەققىدىكى چۆچەكلىرى، تورغۇتلارنىڭ نادام سەيلىسىدە بىرگە ئۆتكەن سەپەرداشلىق ھاياتلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەمدى بۈگۈن بۇ يېڭى ئۇستازنىڭ ئوردام مۇنبىرىدە سۆزلىگەن سۇلتان سەئىد ئارسلانخان باتۇرنىڭ تەزكىرىسى توغرىسىدىكى ھېكايىسى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سەرداۋان ھېكايىسىنىڭ بىر يىپقا تىزىلغانلىقىدەك ئاجايىبات ئۇنى بەكمۇ تەئەججۈپلەندۈرۈۋەتكەنىدى.

    غىزادىن كېيىن قوچقار پالۋان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى-دە، ئارقىدىن ئىنتىزارلىق بىلەن تەۋپىق ئەپەندىنىڭ سۆزىنى كۈتتى.

    - مېنىڭمۇ، جۈملىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭمۇ،- دەپ سۆزىنى باشلىدى تەۋپىق،- مۇراد-مەقسىتىمىز ۋە غايىمىز پەقەت ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنى جاھالەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش. مەن بۇ ھەقىقەتنى باشقا ئەللەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق بىلدىم. ئىلىم-پەندىن مەھرۇم بولغان خەلق قاششاقلىق پاتقىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ ۋە مەڭگۈ ھۆرلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا مېنىڭ بۇرچۇم پىداكارلىق بىلەن يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆز نۇرىنى يورۇتۇشقا قارىتىلغان.

    تەۋپىقنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن قوچقار پالۋان تەكلىپ تەلەپپۇزىدا سۆز قىستۇرۇپ دېدى:

    - بىزنىڭ بۇ يەردىكى پىدائىي يىگىتلىرىمىزگىمۇ ئاشۇنداق يېڭى مەرىپەت مەكتىپى زۆرۈر ئىدى. بىراق مۇئەللىم مەسىلىسى...،- دەپ توختاپ قالدى.

    - بۇ مەقسەتلىرى جايىدا بولدى،- دېدى تەۋپىق جاۋابەن،- «نادان بىرنى يېڭەر، بىلىملىك مىڭنى» دەيدىغان تەمسىلىمىز بار. بۇ نۇرغۇن ئەمەلىيەتلەر سىنىقىدىن ئۆتكەن ھەقىقەت. بىز ھازىر سۆزلىشىۋاتقان مۇشۇ جاي - قىلىچ بۇغراخان قەبرىسى بار جاي. قىلىچ بۇغراخان «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىنىڭ مۇخلىسى ئىدى. قىلىچ بۇغراخان «قۇتادغۇبىلىك» دەستۇرىنىڭ تەلىمىگە تايىنىپ تۇرۇپ دۈشمەن چېرىكلىرىنى نۇرغۇن قېتىم گۇمران قىلالىغان، ئەپسۇس، قىلىچ بۇغراخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى «قۇتادغۇبىلىك» دەستۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان كۈنلەردىن باشلاپ خارۇزارلىق گىردابىغا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ ساۋاقلار تۈپەيلىدىن سىلىنىڭ ھېلىقى تەكلىپلىرى بەكمۇ ئاقىلانە. بىراق، مەن ھازىر ئاتۇشتا نۇرغۇن يېڭى مەكتەپ قۇرۇپ چىقتىم. ساۋاقداشلار مېنىڭ يولۇمغا تۆت كۆزى بىلەن قاراشلىق. شۇڭا بۈگۈن سىلى بىلەن خوشلىشىشقا مەجبۇرمەن. كېيىنچىرەك ئاتۇشتىن بىر مۇئەللىم ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىمەن.

    ئىككىيلەننىڭ سۆھبىتى قىزىپ، ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان چاغدا سورۇن ئۈستىگە قوچقار پالۋاننىڭ قەدىناس دوستلىرى ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىياز ھەمدە پىدائىي قىسىملاردىن خۇرسەن مۇھىددىن قاتارلىق كىشىلەر كىرىپ كەلدى، قوچقار پالۋان ئۇلارنى تەۋپىق ئەپەندىگە بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن سۆھبەتنى يېڭى بىر سوئالغا بۇراپ دېدى:

    - بىز بۇ يەرگە ئورۇنلاشقىلى خېلى چاغلار بولدى. ھازىرقى ۋەزىيەت خۇددى تۇمان قاپلىغان ھاۋاغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. مەنزىلىمىزنىڭ باش- ئايىغىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز، ئۆزلىرىنىڭ پەرىزى قانداق؟

    تەۋپىق ئەپەندى بۇ سوئالنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۈلكىسى توختىغاندىن كېيىن جاۋابەن دېدى:

    - ئىشنىڭ بېشى سۈزۈك ئىدى، كېيىن بېرىپ-بېرىپ خۇددى خەلق ناخشىسىدىكىدەك ھاۋا تۇمان بىلەن خىرەلەشتى. بۇ ئىشتا ئاڭسىزلىق، نادانلىق ۋە ئارىدا سۇخەنچىلىك قىلىدىغان ئالا بايتاللار، چاڭقاپ ھالىدىن كېتىپ قېلىۋاتقان بۇ زېمىندا قاباھەتلىك ئويۇن كۆرسەتمەكتە. بەزىلەر ئاسىيلىق قىلىپ قارماققا ئېلىندى، بەزىلەر مەنسەپ ھېرىسلىقى بىلەن ئالداندى، بەزىلەر خەلقنى تالان-تاراج قىلدى، ئالىم-ئۆلىمالار تەھدىت ئاستىدا قالدى. مۇشۇنداق تەھدىتنىڭ قارا بۇلۇتى مانا ئەمدى ھەممىمىزنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرۈۋاتىدۇ، مېنىڭ پەرىزىمچە،- دېدى تەۋپىق سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- ئۆز يولىنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم ھەرقانداق مالامەتكە دۇچار بولغان تەقدىردىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. مېنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك يولۇم توغرا يول بولغىنى ئۈچۈن ئۆزۈمگە «تەۋپىق» دېگەن تەخەللۇسنى ئېتىقاد ئابىدىسى قىلىپ تاللىۋالدىم. سىلەرمۇ ۋاڭ، پادىشاھ، بەگ ۋە پاششاپلارنىڭ ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرگەنىكەنسىلەر، ئەلۋەتتە ئۆز يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماسلىقىڭلار كېرەك. دۇنيادا ھەقىقەتكە ئاسىيلىق قىلغاندىن ئارتۇق جىنايەت ۋە شەرمەندىچىلىك بولمايدۇ.

    تەۋپىقنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتىپ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتى. ئاخىرىدا قوچقار پالۋان بۇ مەرىپەتپەرۋەر ئۇستازنىڭ شائىر، مۇزىكانت ۋە كۆپلىگەن مەكتەپ مارشىنىڭ ئىجادچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى-دە، پىدائىي يىگىتلەرگە بىرقانچە ناخشا ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى، تەۋپىق بۇ تەكلىپنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.

     

    3

     

    قوچقار پالۋان دوستى ھىدايىغا پىدائىي يىگىتلەرنىڭ دەرھال قىلىچ بۇغراخان قەبرىسانلىقىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى مەشىق مەيدانىغا يىغىلىشنى چېكىلەپ يولغا سالدى. ئۇزى تەۋپىق ئەپەندىنى باشلاپ مەيدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ يانچۇقىدىن خاسىيەتلىك پارقىراق «ئاق تاش»نى چىقاردى-دە، شۇئان بىر نۇرنىڭ شولىسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قاياققىدۇر غايىب بولدى. ئارقىدىنلا تورغۇت دۇلدۇلى گويا ئاسماندىن شۇڭغۇپ چۈشكەندەك كېلىپ، قوچقار پالۋاننىڭ ئالدىدا توختىدى. بۇ كارامەت ۋە ئاجايىباتنى كۆرگەن تەۋپىق ئەپەندى ھەيران قالدى-دە، زوقلىنىپ دېدى:

    - پالۋان يىگىت، ئۆزلىرىدە مۇنداقمۇ كارامەت مۆجىزە بار ئىكەن-دە؟

    تەۋپىق ئاق بوز ئاتنىڭ قامىتىگە، ئۇنىڭ سەرخىل ئېگەر جابدۇقلىرىغا ھەۋەس بىلەن قارايتتى ۋە توختىماي مەدھىيلەيتتى.

    قوچقار پالۋان بۇ ماختاشلارغا مەستلىكى كېلىپ تەۋپىق ئەپەندىگە «ئاق تاش»نىڭ خاسىيىتىنى ۋە تۇرغۇت دۇلدۇلىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ تۇراتتى. قاياقتىندۇر بىر ئېگىز بويلۇق، بوينىغا شەلپەر ياغلىق باغلىۋالغان بىر ئوغۇل كېلىپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىنى بۆلۈپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېدى:

    - تەۋپىق ئەپەندىم، سىلىنى ئىزچى بالىلار ھاراب بازىرىدا ساقلاپ قالدى!...

    - ناھايىتى ياخشى، دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز، ئاۋۋال سىز تېز بېرىپ ئۇلارنى مۇشۇ مەيدانغا باشلاپ كېلىڭ!

    تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېلىقى بالا ئارقىسىغا بۇرۇلدى-دە، ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ھاراب  بازىرى بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. ئىزچى بالىلار ناھايىتى تېزلا مەيداندا ھازىر بولدى. بۇ مەيدانغا ئاۋۋال توپلىنىپ تۇرغان پىدائىي يىگىتلەر - ئىزچىلارنى قىزغىن چاۋاك بىلەن قارشى ئالدى. قوچقار پالۋان چاققانلىق بىلەن ئات ئۈستىگە چىقتى-دە، كوماندا بېرىپ سەپنى رۇسلىدى. تەۋپىق ئەپەندى ئىزچى بالىلارنى سەپنىڭ ئالدىدا رەتلىك تىزىپ ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيىتى بولغان تۆۋەندىكى بىرقانچە مەكتەپ ناخشىلىرىنى كوللېكتىپ ئورۇنداشنى باشلىۋەتتى:

     


     

    سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ

     

    سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ،
    ئىززىتىڭ-ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
    كۆكرىكىڭدىن يېنىپ تۇرمىسا ئوتلىرىڭ،
    ئەللىرىڭ-يۇرتلىرىڭ نۇر بولۇرمۇ؟

     

    سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ،
    ئىززىتىڭ-ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
    تىغ ئېلىپ ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ،
    يۇرتلىرىڭ-خەلقلىرىڭ ھۆر بولۇرمۇ؟

     


     

    ئويغان خەلقىم

     

    ئويغان خەلقىم، يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،
    مەكتەپ بىلەن چىراغ يېقىپ نۇر تولدۇر.

     

    پۈتسۇن ئەمدى زۇلمەت دەۋرى ئىستىبدات،
    شۇم تەقدىردىن، قارا كۈندىن بول ئازاد.

     

    سائادىتىڭ ئۈچۈن تىرىش، ھىممەت قىل،
    پەرزەنتلەرنى ئاقارتىشقا جۈرئەت قىل.

     

    دوست تۇر ئەمدى ئاتلان ئېرپان يولىغا،
    ھۇما قۇش قونسۇن ئەۋلاد قولىغا.

    ......

     

     


    جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇلغان بۇ مارشلارنىڭ ساداسى مەيداننى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. ئىزچى بالىلار خوشلىشىپ ماڭغاندا پىدائىي يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار توختىماي ئېقىپ تۇراتتى.

     

    4

     

    ھارابتىكى گازارما تۇرمۇشىغا بەزىدە يۇقىرىقىدەك مەنىلىك مەزمۇنلار قوشۇلۇپ تۇرغاچقا، دېھقان بالىلىرى بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ، روھىي ئوزۇق ئالاتتى. لېكىن، ئايلار، پەسىللەر ئالمىشىپ ئۆتۈۋەرگەنسېرى ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان كېچىلىك نۆۋەتچىلىك، كۈندۈزلۈك ئېغىر مەشىق ئۇلارنى زېرىكتۈرۈپ باراتتى. قاتتىق ئىنتىزام، كۈنمۇكۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاتلىق مەشىق جەريانىدا يىگىتلەرنىڭ بەزىلىرى پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. ياندۇرقى يىلى ئەتىياز پەسلىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئات مەشىقىدە قوچقار پالۋاننىڭ دوستى ۋاڭ نىياز ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئاشۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىدى. ھارابتىكى سۇنۇقچىلار كېلىپ تېڭىپ باقسىمۇ كار قىلمىدى. قوچقار پالۋان ئاخىرى مەھمۇت سىجاڭنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى ۋە مەسلىھەتچىسى بايئاخۇن ئەزىزىگە خەت يېزىپ بىر ئۇستىراق تېڭىقچى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قەشقەردىن كېلىدىغان تېڭىقچىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. ۋاڭ نىياز سۇنۇق ئاغرىقىغا چىدىيالماي ئاللا-توۋا سالاتتى. قوچقار پالۋان ئۇنىڭدىن بەكرەك تىت-تىت بولاتتى.

    باش ئەتىياز مەزگىلى، ھاۋا قىزىشقا باشلىغان، توڭلار ئېرىپ، دېھقانلار يازغى بۇغداي تېرىشقا ئالدىراۋاتقان چاغ ئىدى. قوچقار پالۋان دوستىنىڭ كېسىلىگە قارايدىغان مەخسۇس مۇلازىم بەلگىلەپ قويۇپ، ھىدايىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بىنام مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى.

    - بىز بۈگۈن ئازادىرەك سىردىشىۋالايلى، دوستۇم.

    قوچقار پالۋان ئالدىن ئېغىز ئېچىپ ئىچ-سىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى:

    - مېنىڭ ھەر كۈنى چۈشۈم بۇزۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. قانداقتۇر بىر پاراكەندىچىلىك يېتىپ كېلەمدۇ، نېمە؟

    - ۋاڭ نىيازنىڭ پۇتى سۇنغانلىقىغا قاراپ ئاشۇنداق چۈش كۆرگەنسەن ھەرقاچان، بولمىسا چۈشۈڭ نېمىگە بۇزۇلىدۇ؟

    ھىدايى ئېرەن قىلمىغاندەك يۈزەكىلا جاۋاب بەردى. لېكىن قوچقار پالۋان بۇ تاپتا بۇنداق يۈزەكى جاۋابقا كۆنمەيتتى. ئۇنىڭ بۇزۇلۇۋاتقان چۈشى ھازىرقى ۋەزىيەت تەقەززاسىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن جىددىي ئىنكاسى ئىدى.

    ئۇلار چۈش تەبىرىنى سۆزلىشىپ مېڭىپ بىنام مەھەللىسىدىكى ئېتىز بېشىغا يېتىپ كەلگىنىنى تۇيماي قېلىشتى. قىزىل توپىلىق بۇ ئېتىز بېشىغا ياغاچ ساپان قوشۇلغان كالىسىنى توختىتىپ قويۇپ، مانا كۆڭلەك پېشىگە قاچىلاپ كەلگەن بۇغداي ئۇرۇقىنى تاۋلاشقان ئېتىزىغا ئوڭ قولى بىلەن چېچىۋاتقان ئاقساقال دېھقاننىڭ پېشانىسىدىن تەر-مۇنچاقلىرى توختىماي ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىيلەن تەڭلا ئىزىدا توختاشتى. دېھقان ياردەمچىسى يوق، ئۆزى تىكەندەك يالغۇز ئەمگەك قىلىۋاتاتتى.

    - قېنى، دوستۇم ھىدايى، ئاقساقال دېھقان تاغىمىز يالغۇزچىلىق تارتىپ قېلىۋېتىپتۇ. قوش ھەيدىيەلەيدىغانسەن؟ نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، تاغىمىزغا ياردەم بېرەيلى.

    قوچقار پالۋان سۆزلەپ بولغۇچە ھىدايى يۈگۈرۈپ بېرىپ ساپاننى قولىغا ئالدى-دە، ئۇرۇق چېچىلىپ بولغان يەردىن باشلاپ ئاغدۇرۇشقا باشلىدى. ھىدايى قامەتلىك ئۆسكەن دېھقان بالىسى ئىدى. ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇرۇقنىڭ چېچىلىپ بولۇشىغا ئۈلگۈرتۈپ ئېتىزمۇ ھەيدىلىپ بولدى-دە، ئۇلار قىر بېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ دەم ئالغاچ ھال-مۇڭ بولۇشتى.

    - تاغا، بۇ ئېتىزنىڭ توپىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق تېگى-تېگىدىن قىزىل؟

    ھىدايى ئېغىز ئېچىپ ئاقساقال دېھقاندىن كوچىلاپ سورىدى. دېھقان بىر كۈلۈۋېتىپ جاۋاب بەردى:

    - بەللى، ھەق جاينى تېپىپ سورىدىلا، ئۇكام، بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىز ھارابىلىقلار چۈشىنىمىز، بىزنىڭ بۇ جاي ئەزەلدىن بىر جەڭگاھ ماكان. پېشانىمىزگە ئەلمىساقتىن شۇنداق پۈتۈلگەنمۇ، ئۇ بىزگە قاراڭغۇ، بۇ يەردە كۆپ قانلار تۆكۈلگەن. ئوردام شېھىتگاھلىقى، قىلىچ بۇغراخان شېھىتگاھلىقى ئۇنىڭ شاھىتى. بۇرۇن-بۇرۇنىسىدا بىر زېمىن ئەلۋەك، بۈك-باراقسان ئىكەن. مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەتراپى قۇم بارخانلىرى ئاستىدا قالدى. يىراقنى قويۇپ يېقىنقى ۋەقەلەرنى سۆزلىسەك، بەدۆلەت لەشكەرلىرىمۇ، شامەنسۇر ئەسكەرلىرىمۇ ۋە باشقا نۇرغۇن ئاتارمەنلەرمۇ بۇ جايدا قان تۆككەن. تۇپراقنىڭ قىزىل رەڭگى ئەنە شۇنىڭدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئۇنى ئاللا ئۆزى بىلىدۇ.

    ئاقساقال دېھقان سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قاياقتىندۇر بىر قىزىل تۇمشۇق قاغا ئۇچۇپ كېلىپ قىر بېشىغا قوندى-دە، قاقىلداپ سايراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ خىرە ئاۋازى خۇنۈك ئاڭلىناتتى. بۇ قىزىل تۇمشۇق قاغىنىڭ بىمەھەل ئۇچۇپ كېلىپ، بىمەھەل ۋاقتىدا سايراشقا باشلىغانلىقى بىرەر شۇملۇقنىڭ ئالامىتى ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇڭدىشىش سۆھبىتى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىۋاتقان چاغدا گازارما تەرەپتىن بىر يىگىت ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ قوچقار پالۋانغا چاس بەردى-دە، دوكلات قېلىپ دېدى:

    - شەھەردىن چىققان تېڭىقچى دوختۇرلار سىلىنى ساقلاپ قالدى.

    قوچقار پالۋان بىلەن ھىدايى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئاقساقال دېھقان بىلەن خوشلاشتى ۋە ئالدىراپ گازارما شتابىغا قايتتى. گازارما شتابىنىڭ يېنىدا بايئاخۇن ئەزىزى بىلەن تېڭىقچى دوختۇر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. قوچقار پالۋان مېھمانلىرىنى شتاب ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئاۋۋال ۋاڭ نىيازنىڭ سۇنۇقى توغرىسىدا سۆزلەشتى. ئارقىدىن كېسەلنىڭ سۇنۇقىنى تەكشۈردى. تېڭىقچى دوختۇر ۋاڭ نىيازنىڭ سۇنۇقنى تەكشۈرۈۋاتقان مەھەلدە بايئاخۇن ئەزىزى بېشارەت بېرىپ، قوچقار پالۋاننى يالغۇز سىرتقا ئاچىقتى-دە، ئىككىيلەن ئۇزۇنغىچە مەخپىي سۆزلەشتى. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بۇ خۇسۇسىي دوختۇرى ئۇزۇن ئۆتمەي ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزى تەنھا شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

    «چۈشۈمنىڭ بۇزۇلۇشى، قاغىنىڭ سايرىشى مانا ئەمدى ئۇختىسىغا كەلدى» دېدى قوچقار پالۋان ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ...

    تېڭىقچى ۋاڭ نىيازنىڭ سۇنۇقىنى قايتىلاپ تېڭىپ، دورا ئىچۈرۈپ، ئۇنى ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن قوچقار پالۋان تېڭىقچىنى ياتىقىدا مەخسۇس كۈتۈۋالدى. تاماق ئارىسىدا ئۇلار نازۇك سىرلارغىچە بىمالال سىرداشتى. تېڭىقچى بولسا شەھەر ئىچىدە بايئاخۇن ئەزىزىنىڭ يېقىن كۆز-قۇلىقى بولغىنى ئۈچۈن ئىچكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.

    - يېقىندىن بۇيان سەركەردىمىزگە بىرەر دىشۋارچىلىق يىتىۋاتامدۇ، نېمە؟

    تېڭىقچى ئۆزىگە قويۇلغان بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. ئۇ ھېلىلا بايئاخۇن ئەزىزنىڭ ھەممىنى قوچقار پالۋانغا مەخپىي يەتكۈزگەنلىكىنى سېزىپ تۇرغانىدى. شۇڭا، ئۇ لىللا جاۋاب بېرىپ دېدى:

    - شۇنداق، پالۋان، «يېغى ياندىن، بالا قېرىنداشتىن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ئەمەلدە ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ، دۆيۈزلەر ھازىر مەھمۇت مۇھىتىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. خوجىنىياز ھاجى ھەر ھەپتىدە بىر پارچە خەت يېزىپ «ئۈرۈمچىگە كەل، دۇبەنگە ئەل بول، ساڭا چوڭ مەنسەپ بېرىلىدۇ» دەپ قىستايدىكەن، يەنە شورادا  ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن بۇرۇنقى ئەگەشكۈچىلىرى ھەدېگەندە ئۇنىڭ پېيىنى قىرقىشقا قەستلەۋېتىپتۇ. ھەتتا مەخپىي تىغ كۆتۈرۈشنىمۇ پەمىلەۋېتىپتۇ. ئالا بايتاللارنىڭ بۇ ھىيلە-مىكرىنى سەركەردىمىز سەزگۈرلۈك بىلەن بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، ئۇ بېشىنىڭ تۈكىدىن تولا دەرد-ئەلەم دەستىدىن ئازابلىنىپ، ئارامخۇدا ئۇخلىيالمايۋېتىپتۇ، ئەھۋال بولسا مانا شۇنداق، بۇرادەر، كوچا-كويلاردىمۇ مىش-مىش گەپلەر، ئەپقاچتى ياۋا پاراڭلار قۇمدەك ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ.

    تېڭىقچىنىڭ جاۋابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قوچقار پالۋاننىڭ رەڭگى بىردىنلا ئۆڭۈپ، چىرايى تاتارغاندەك بولدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئادالەتسىز تەقدىرگە بولغان نەپرەت ئىسيانى مۇجۇماقتا ئىدى. بىر مەھەلدىن كېيىن، ئۇ، تېڭىقچىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ دېدى:

    - چۈشەندىم، ئۇستام، ھەممىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولدۇم، بىز ھازىرچە ‹‹بولۇر بىر گەپ›› دەپ تۇرايلى، ئىككىنچى گەپكە كەلسەك ئۆزلىرى تاڭغان سۇنۇق پۇتنىڭ ساقىيىشى قانداق بولار؟

    - بىمارنىڭ پاچاق سۆڭىكى ئىككى يېرىدىن سۇنغان. مەن سۇنۇقنى ئىزىغا چۈشۈرۈپ ئوبدان تېڭىپ قويدۇم. ئىنشائاللا يېرىم ئايغا قالماي ئاتقا ئۆزى مىنەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشۇممۇ ھاجەتسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە مېنى كۈتۈپ تۇرغان سۇنۇق كېسەللەرمۇ خېلى كۆپ كۆپ، ئىلاجى بار بۈگۈن ئاخشام كېتىۋېلىشىمغا ئىجازەت بېرىشسىلەر.

    قوچقار پالۋان تېڭىقچى ئۇستامنىڭ پىكرىگە ماقۇل بولدى- دېدى، ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق  بىلدۈرۈپ ئۇزىتىپ قويدى.

     

    5

     

    ھاراب گازارما شتابىدا بۈگۈن پەيدا بولغان كەيپىيات جىددىيىلىكى ئادەتتىكى پىدائىي يىگىتلەردىن ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇلدى. قوچقار پالۋان بىلەن ھىدايى - ئىككىيلەنلا بىلىدىغان بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۈچىنچى شەخس سىزىپ قالىدىغان بولسا بىر چوڭ پالاكەتچىلىك يۈز بېرىدۇ، دەپ پۈتۈشكەنىدى. ئەمما بۇيرۇق مەخپىي تۇتۇلغاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجراسى كۈنتەرتىپكە قويۇلغاندا، ئىككىنچى بىر جىددىيلىك كېلىپ چىقاتتى. قوچقار پالۋان قاتتىق تارتىپ تۇرغۇزۇش ئارقىلىق سىر ساقلاش تەدبىرىنى قوللانىدى. گازارما ياتاقلىرىنى يېرىم كېچىلەردە تۇيۇقسىز چارلاپ كىرىپ، شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە يوقلىما قىلاتتى. تاغارچى مەھەللىسىدىكى بىر خوتۇن بىلەن ئاشنا ئويناپ كېچىسى كەلمىگەن بىر يىگىتنى شۇئان تاپتۇرۇپ كېلىپ جازالاپ پەندىياد يېگۈزدى- دە، پۈتۈن يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىبرەت قىلدى. ئاندىن ھارابتىكى ئىشلارنى ھىدايىغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزى يىگىرمە نەچچە يىگىتنى باشلاپ ياپچان قاراۋۇلخانىسىغا  ئاتلىق  يۈرۈپ كەتتى.

    ياپچان قەدىمدىن قەشقەر بىلەن يېڭىسارنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول ئۈستىكى مۇھىم لەڭگەر ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپى ‹‹تېرەك بوستان›› قاتارلىق قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان. قاراۋۇللار بۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ ئىككىنچى كۈنىسى يېڭىسار تەرەپتىن قەشقەرگە ماڭغان بىر ئاتلىق گۇماندار كىشىنى تۇتۇۋېلىپ يېنىدىن بىر پارچە خەتنى تېپىۋالدى. بۇ خەتتە:

     

    ‹‹مەھمۇت سىجاڭ ئوۋ قىلىش باھانىسى بىلەن يېڭىسارغا كېلىپلا، بۇ يەردىكى لەشكەرلىرىنى كۆكيار ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە يۈرۈپ كەتتى››

     

    دېيىلگەنىدى. قوچقار پالۋان بۇ ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ياپچاندىكى قاراۋۇللۇق ئىشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ھېلىقى گۇماندار كىشىنى ئالدىغا سېلىپ يېڭىسارغا يېتىپ باردى. مەھمۇت مۇھىتى راستتىلا بۇ يەردىن يۈرۈپ كەتكەنىدى. ئابدۇنىياز قەشقەردە مەلۇم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ يېڭسار قاماقخانىسىغا قاماپ قويۇلغان مويىدىن تۇەنجاڭنى تۈرمىدىن بوشىتىپ ئۆزىنىڭ سېپىگە قوشۇۋالدى. ئۇ ئاندىن ھايال بولماي يېڭىساردىن ھارابقا قايتىپ كەلدى-دە، بۇ يەردە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ليەن قوشۇننى باشلاپ يەكەنگە قاراپ ماڭدى. ئۇ يەكەن بازىرى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كۆكيار ئارقىلىق لاداخقا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق بىلدى. لېكىن ئۇ ياپچاندا تۇتۇۋالغان ھېلىقى ئاخباراتچىنى سوراق قىلىشنى ۋاقتىنچە كەينىگە قالدۇرۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خەلقنىڭ رايىنى تىڭتىڭلاپ كۆرۈش ئۈچۈن بىرنەچچە سائەت بازار ئارىلىدى. ما جەمەتى ۋە باشقا توپىلاڭچىلارنىڭ ئۈستى-ئۈستىگە سالغان ئالۋان-ياساقلىرى دەستىن پۇقرالارنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىغانىدى.

    ئۇ كوچىنىڭ بىر بېشىدا بۈك-باراقسان شاخلانغان بىر تۈپ سۈگەت سايىسى ئاستىغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدى-دە، بىر ئوتتۇرا ياش پالچىنىڭ داق يەر ئۈستىدە پالغا تەبىر بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. قوچقار پالۋان بۇ يەردە پالچىدىن بىر قېتىملىق مۇھىم دەرس ئاڭلىغاندەك بولدى. پالى مۇنداق دېگەنىدى:

     


    مەھمۇت سىجاڭ ‹‹ئوۋغا چىقتى›› ئوۋ قىلمىدى،
    دۈشمەنلىرى سېزەلمىدى  - قوغلىمىدى.
    شۇنچە نۇرغۇن ئەل -قوۋمنى تاشلاپ كەتسە،
    پالدا ئايان - پىر ئەۋلىيا قوللىمىدى.


     

    پالچىنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ تەبىرنى ئاڭلاپ، بۇ خەۋەرنىڭ خەلقىئالەم ئىچىدە شۇ قەدەر تېز تارقىلىپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولاتتى. ئۇ ساقال-بۇرۇتىنى ياسىتىش ئۈچۈن كونا بازاردىكى بىر چوڭ ساتىراشخانا ئىچىگە كىردى. بۇ يەردە نۆۋەت ساقلاپ ئولتۇرغان ئادەملەر خېلى كۆپ ئىدى. ئاشۇ كۈنلەردە ساماۋارخانا، ساتىراشخانىلار ھەرخىل ئۇچۇر-خەۋەر ۋە ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ ئۇۋىسى ئىدى. قوچقار پالۋان دەل ئاشۇنداق گەپلەرنىڭ داستىخانىغا داخىل بولدى.

    - ھوي، ئاڭلىدىڭلارمۇ، مەھمۇت سىجاڭنى ھىندىستانغا قېچىپ كېتىپتۇ، دەيدىغۇ؟

    - ئاڭلىمامدىغان، بالدۇرراق جېنىمنى بىر چەتكە ئالاي دېگەندۇ...

    - زامان دېگەن نېمىغۇ تىكىشى توختىمايدىغان ئەسكى چاپانغىلا ئوخشايدىكەن...

    قوچقار پالۋان بۇ قىزىق پاراڭلارنى زوقلىنىپ ئاڭلىدى، نۆۋىتى كېلىپ ساقال-بۇرۇتىنى ياسىتىپ بولغاندىن كېيىن يەكەندىكى يېڭى گازارمىغا قايتىپ كەلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.