ھازىرقى بالىلار كارامەت (22)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-22 23:29:22

جېنىم، ئومىقىمئەخمەت:30-يانۋاردىكى خېتىڭگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. خېتىڭ فېۋرال تەتىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى تەگكەنىدى، ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىمكى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.بىزنىڭ ئۆيدە بۇرۇن ھەدە...

     




     

     
    جېنىم، ئومىقىم
     
     
    ئەخمەت:
     
    30-يانۋاردىكى خېتىڭگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. خېتىڭ فېۋرال تەتىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى تەگكەنىدى، ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىمكى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.
     
    بىزنىڭ ئۆيدە بۇرۇن ھەدەمنى كارامەت بالا بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن، كېيىن «كارامەت»لىكنىڭ ھەدەمدىن ناھايىتى يىراقلىقىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئائىلىدە كارامەت بالا چىقىش ئۈمىدى قالماپتۇ. شۇ سەۋەبتىن مەندىن ۋە مەتىندىن بۇنداق ئۈمىد كۈتمەپتۇ.
     
    ھەدەم كارامەت بالا دەپ قارالغان كۈنلەر ئېسىمدە بار. مەن ئۇ چاغدا تېخى مەكتەپكە كىرمىگەنىدىم. دادام كەچقۇرۇن ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا فرانسۇزچە ئۆگىتىشكە ھەپىلىشەتتى. لېكىن، ھەدەم بىر فرانسۇزچە شېئىرنى بىر نەچچە ھەپتىگىچە يادلىيالمىغانىدى. مەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۇ شېئىرنى ئۆزلۈكۈمدىن يادلىۋالغانىدىم. ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتتى، شېئىر ھازىرغىچە يادىمدا.
     
    ھەدەمنىڭ نېمىشقا يادلىيالمىغىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئاڭلاۋېرىپ مېنىڭ يادىمدا قاپتۇ. دادام ھەدەمگە بۇ فرانسۇزچە شېئىرنى يادلىتىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تەكرارلاتتىكى، يالغۇز مەنلا ئەمەس، ئاپاممۇ، ھەتتا خىزمەتچىمىزمۇ يادلىۋالغانىدى. ھەدەم بۇ شېئىرنى گويا خەنزۇچە گەپ قىلىۋاتقاندەك، چاچى-پاچى بىر ئاۋاز بىلەن ئوقۇيتتى.
     
    بىر كۈنى، دادامنىڭ ياۋروپادا ئوقۇغان بىر پېداگوگ دوستى شۇنداق دەپتۇ: «چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش باشقىچە بىر قابىلىيەت. ھەرگىز بالاڭنى فرانسۇزچە ئۆگىتىمەن دەپ كەچكىچە زورلاۋەرمە. مەن پارىژدىكى ۋاقتىمدا، بىر نەچچە يىل ئۇ يەردە تۇرۇپمۇ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنەلمىگەنلەرنى كۆردۈم، ئۇلار ھەر كۈنى بېرىپ ئەتىدىن كەچكىچە ئولتۇرىدىغان قەھۋەخانىلاردا كۈتكۈچىلەرگە تۈركچە ئۆگىتەتتى. بەزى كىشىلەرنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش قابىلىيىتى يوق، لېكىن چەت ئەللىكلەرگە ئۆز تىلىنى ئۆگىتىش قابىلىيىتى بار. بەلكىم سېنىڭ قىزىڭمۇ شۇنداقتۇ... ھەر بالىدا بىر قابىلىيەت بولىدۇ. لېكىن، بۇ بالىنىڭ روھىدىكى مەخپىي ئۇرۇق بولۇپ، بۇ ئۇرۇقنى تېپىپ چىقىپ بىخلاندۇرۇش كېرەك، يەنى بالىنىڭ قابىلىيىتىنى مەيدانغا چىقىرىش كېرەك.»
     
    دادام دوستىنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن ھەدەمنىڭ روھىدا مەخپىي قابىلىيەت ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىسكىرىپكا ئۆگىتىشكە باشلىدى. لېكىن، ھەدەمنىڭ روھىدىكى مەخپىي قابىلىيەت ئۇرۇقى ئىسكىرىپكا ئاۋازى بىلەنمۇ بىخلانمىدى. ئۆيدە ئىسكىرىپكا ئۆگەتكەن ئايال: «خۇدا ساقلىسۇن، بۇ بالىدا شۇنداق بىر ئاۋاز باركى، مېنىڭ قۇلىقىمنىمۇ پاڭ قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا دەرس بېرىشكە باشلىغىنىمدىن بېرى، ‹دو›نى ‹سى›دىن، ئىشىكنىڭ غىچىرلىشىنى ئىسكىرىپكا ئاۋازىدىن پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولدۇم.» دەپتۇ.
     
    ھەقىقەتەن ھەدەم شۇنداق. ئاشخانىدا بىر ئىستاكان سۇنسا، ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىندى، دەپ ئېچىشقا يۈگۈرىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئوقۇتقۇچىسى ھەدەمگە: «ۋاي قىزىم، ساۋاقداشلىرىڭىز مارش ئېيتىۋاتقاندا، سىز جىم تۇرۇڭ، بولمىسا پۈتۈن ساۋاقداشلىرىڭىزنى ئازدۇرۇۋېتىدىكەنسىز» دەپتىكەن.
     
    كېيىن ئۇنىڭغا رەسىم ئۆگىتىشكە باشلىدى، ئۇمۇ بولمىدى؛ بالېت كۇرسىغا ئەۋەتتى. بالېت كۇرسىنىڭ ھەدەمگە ناھايىتى چوڭ پايدىسى بولدى. چۈنكى، ھەدەم ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگىنىدە، ئۇ يەر-بۇ يەرلەرگە ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ، يىقىلىپ-قوپۇپ يۈرەتتى، گويا ئېغىر يۈك كۆتۈرۈۋالغاندەك، قول-ئاياقلىرىنى ئۈستەل-ئورۇندۇقلارغا ئۇرۇۋالاتتى. بالېت كۇرسىغا بارغاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك ئۇرۇلمايدىغان بولدى.
     
    ئاپام بىلەن دادام ھەدەمنىڭ روھىدا مەخپىي قابىلىيەت ئۇرۇقىنى بىخلىتىش ئۈچۈن شۇنداق كۆپ ھەپىلەشتىكى، ئاخىرى چارچاپ: «قابىلىيىتى كېيىنچە چىقىپ قالار، ئەڭ ياخشىسى، ھازىرچە مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرسۇن... » دېيىشتى.
     
    ھەدەم تەرتىپلىك ھالدا يىلدا بىر سىنىپتىن كۆچۈپ كېلىۋېتىپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا بۇ تەرتىپنى بۇزۇپ، ئىككى يىل كەينى-كەينىدىن سىنىپتا قالغاندىن كېيىن گۇۋاھنامە ئېلىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتى.
     
    ئۇ چاغدا ئاپام: «دېمەك، بۇ قىزنىڭ ئۆي ئايالى بولۇش قابىلىيىتى بار ئىكەن... » دېدى.
     
    چۈنكى، سىناق قىلمىغان بىر ئۆي ئاياللىقىلا قالغانىدى. لېكىن، بۇ سىناقمۇ ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاپام ھەدەمنىڭ ئاشخانىغا كىرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلدى، چۈنكى ھەدەم بەش مىنۇت ئاشخانىدا بولۇپ، ھېچ نەرسىگە قول تەگكۈزمەي ئۆرە تۇرسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئاشخانىدا ئىزدىگەن نەرسىنى جايىدىن تاپالمايتتى. يوغانلا بىر قازانمۇ يوقاپ كېتىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئويلىمىغان بىر يەردىن چىقاتتى.
     
    ھەدەمنى بىر مۇتەخەسسىسكە كۆرسىتىپتىكەن، مۇتەخەسسىس: «ئەپسۇس، بالىنىڭ روھىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى تاپىمىز دەپ بۇزۇپ قويۇپسىلەر. شۇڭا، بالىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار» دەپتۇ.
     
    مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەدەمنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەدەم بىر ئاز ئەسلىگە كەلدى.
     
    لېكىن، كەلگۈلۈك مەتىن بىلەن ماڭا كەلدى. ئاپام بىلەن دادام ھەدەمنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى تېپىش ئۈچۈن ھەپىلىشىشتىن شۇنچىلىك چارچىغان ۋە ئۈمىدسىزلىككە چۈشكەن بولۇپ، بىز بىلەن ھەپىلىشىشكە ماغدۇرى قالمىغانىدى. ھالبۇكى، ھەدەمگە كۆرسەتكەن غەمخورلۇقىنى ماڭا ئەمەس، مەتىنگە كۆرسەتكەن بولسا، مەتىن ھەقىقەتەن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايتتى. چۈنكى، مەتىننىڭ ماشىنىلارغا زور ھەۋىسى بار ئىدى. بۇ ھەۋىسى بىلەن ئۇ ئۆيدىكى رادىئونى، كىرئالغۇنى، دادامنىڭ ساقال ماشىنىسىنى، قاينىغاندا چىرقىرايدىغان كورا قازاننى، ئۈنئالغۇنى، توك پاتېفوننى، رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى، تىكىش ماشىنىسىنى، سائەتلەرنى، گاز ئوچاقنى ۋە باشقىلارنى بۇزۇپ بولغانىدى. ئۇ تام سائىتىنىڭ ئىچىدىن بىر چاقنى چىقىرىپ، قاينىغاندا چىرقىرايدىغان قازانغا، تىكىش ماشىنىسىنىڭ بىر ۋېنتىسىنى رادىئوغا ئالماشتۇرۇشقا ناھايىتى قىزىقاتتى. ئىنىمنىڭ بۇ قابىلىيىتىنى دادام «قابىلىيەتسىزلىك» دەيدۇ. لېكىن، مەتىن بۇلارنى بىر ماشىنا ئىجاد قىلىش ئۈچۈن قىلاتتى.
     
    دادامنىڭ ساۋاقدىشى بولغان بىر قوشنىمىزنىڭمۇ نۇرتەن ئىسىملىك بىر «كارامەت» بالىسى بار. بۇ كىچىك قىزنىڭ كارامەت ئىكەنلىكىدىن ھېچ شۈبھە يوق. چۈنكى، نۇرتەن بىزنىڭ پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىدىنمۇ كۆپ تاماق يەيدۇ. كەينىدىن ئاپىسى: «بالامنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالدى» دەپ، قىزىغا ئىشتىھا ئاچىدىغان دورىلار، ۋىتامىنلار، بېلىق مېيى قاتارلىقلارنى بېرىدۇ.
     
    ئۇ لىغىرلاپ تۇرىدىغان بىر قىز بولۇپ، سېمىزلىكىدىن ئاران ماڭىدۇ، پاقالچاقلىرى يوتامدەك بار، دادىسىمۇ پۈۋلەپ قويغاندەك سېمىز ئادەم.
     
    نۇرتەننىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى كېچىسى بىر يەرگە بارماقچى بولسا، ئۇنى بىزنىڭكىگە قويۇپ قوياتتى. بىزنىڭ ئاپىمىز بىلەن دادىمىزمۇ كىنوغا بارغان چاغلىرىدا مەتىننى ئۆيدە يالغۇز تاشلىغۇسى كەلمەيتتى. چۈنكى، مەتىن يا رادىئونى كوچىلايتتى، ياكى ساق توڭلاتقۇنى ياسايمەن دەپ بۇزاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، دادام بىلەن ئاپام ھەدەمنىمۇ ئېلىپ كىنوغا بارسا، مەتىن بىلەن مەن نۇرتەنلەرنىڭكىدە قالاتتۇق.
     
    ئۆتكەن بىر كېچە يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قالغانىدۇق. بىز بالىلار بىر ھۇجرىدا ئىدۇق. مەتىن بىلەن نۇرتەنگە كىتابتىن چۆچەك ئوقۇپ بېرىۋاتاتتىم. نۇرتەن سۇ ئىچكىلى سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى، قايتىپ كىرىپ:
    - بالىلار، بالىلار، ئاپام بىلەن دادام ئۇرۇشۇۋاتىدۇ. كېلىڭلار، تاماشىسىنى كۆرىمىز،- دېدى.
    - ئۇرۇشقىنىنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟
    - سۇ ئىچكىلى چىققانىدىم، زالدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام، ئاپام مېنى كۆرۈپ دادامنى: «جېنىم، شېكىرىم... » دېيىشكە باشلىدى. داداممۇ ئۇنى: «ئامرىقىم، يالغۇزۇم» دېدى. ئۇلار قاچانلىكى ئۇرۇشۇپ قالغاندا، تۇيۇقسىز يېنىغا بارسام، تەربىيە بۇزۇلمىسۇن، دەپ، بىر-بىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىشىدۇ. يۈرۈڭلار، تاماشا كۆرەيلى...
    - ئاپاملار بۇ چاغقىچە كىنودىن كەلگەندۇ، بىز ئەمدى ئۆيگە چىقايلى،- دېدىم مەن.
     
    چىقىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى دەپ قويۇش ئۈچۈن زالغا چىققىنىمىزدا، كۈلكىلىك بىر ئەھۋالنى ئۇچراتتۇق. بۇنداق ئىشنى كۆرىدىغانلىقىمىزنى بىلسەم، ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرمەيتتىم، ئەلۋەتتە. لېكىن، كىرىپ قويۇپ چىقالماي قالغانىدىم: يەردە بىر گۈل قاچىسى پارە-پارە بولۇپ ياتاتتى.نۇرتەننىڭ ئاپىسىنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن، دادىسىنىڭمۇ يۈزلىرى تاتىلانغانىدى.
     
    دادىسى دەرھال:
    - قەدىرلىكىم، گۈل قاچىسىنى ئېلىۋەت،- دېدى.
    - نۇرتەن كەلدىمۇ؟- ئاپىسى بېشىنى بۇراپ، بىزنى كۆردى. ئاندىن قىزىغا،- مەن ساڭا ئىشىكنى چەكمەي تۇرۇپ كىرمە دېمىگەنمىدىم؟- دېدى. ئاندىن ئېرىدىن،- شېكىرىم، قەھۋە ئەپكىرەيمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - ئەپكىر، يالغۇزۇم، ئەپكىر، شېكىرىم... بەك تاتلىق بولۇپ كەتمىسۇن، ھاياتىم...- دېدى دادىسى.
     
    خوتۇنىنىڭ ساپما كەشى ساپادا، ئېرىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
    - زەينەب ھەدەملەر چىقىپ كېتىدىكەن، ئاپا...- دېدى نۇرتەن. بېشىنى تۇتۇۋالغان نۇرتەننىڭ دادىسى ئاغرىقتىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
    - قانداقچە ئايىقىم تېيىلىپ كەتكىنىنى زادى بىلەلمىدىم...- دېدى. 
     
    ئۆيىمىزگە قايتىپ چىقتۇق. مەتىن يېىتپ ئۇخلاپ قالدى. مەن ساڭا بۇ خەتنى يازدىم. مانا ھازىر دادامنىڭ يۆتەلگىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار كىنودىن قايتىپ كېلىشتى.
     
    يەنە خەت ئارقىلىق كۆرۈشەرمىز. خەير-خوش، ئەخمەت.
     
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىلى 3-فېۋرال، ئەنقەرە
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.