كۈنىگە بىر ئەقىل (كۈزنامە) 8-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 21:15:32

كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(كۈزنامە)8-ئايئېتىقادئېتىقاد قانچە مۇستەھكەم بولسا، تۇرمۇش شۇنچە ساغلام بولىدۇ.«مەن كىم؟ مەن قانداق قىلاي؟ مەن ھاياتتىن نېمىلەرنى كۈتىمەن؟» مانا بۇلار بىز چوقۇم ق...


    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (كۈزنامە)
    8-ئاي

     

    ئېتىقاد
    ئېتىقاد قانچە مۇستەھكەم بولسا، تۇرمۇش شۇنچە ساغلام بولىدۇ.
    «مەن كىم؟ مەن قانداق قىلاي؟ مەن ھاياتتىن نېمىلەرنى كۈتىمەن؟» مانا بۇلار بىز چوقۇم قويۇشىمىز كېرەك بولغان ئۈچ سوئال. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى، «مەن قانداق قىلاي»، ئۇ «مەن نېمە قىلىشىم كېرەك» دېگەن مەسىلە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىزنى بىلسىڭىز، قانداق قىلىشىڭىزنىمۇ بىلەلەيسىز، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقانداق نەرسىلەردىن ئۈمىد كۈتەلەيسىز. ئەگەر، سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز باشقىلارنى سۆيۈش ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىڭىز، سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن سۆيۈڭ.
    خرىستوسنىڭ «خۇدانى سۆيسەڭ، ھەقەمسايەڭنى سۆي» دېگەن ئەمرىمەرۇپىنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ ئوچۇق ۋە ئاددىي. ھەممىلا كىشى ئۇنى قەلبىدە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ. مۇبادا، ساختا دىن ئەقىدىلىرى بولمىغان بولسا ئىدى، كىشىلەر بۇ قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلغان، خۇدالىق ئالىمىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان بولاتتى. شۇڭا، خۇدانى سۆيۈش، ھەقەمسايىنى سۆيۈشكە يول قويمىغان ھەرقانداق دىنىي ئەقىدىلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ.
    ھەقىقىي ئېتىقادقا ئېرىشىش ئۈچۈن ساختا پىر-كالانلار سىزنى شۇنداق قىلغۇزغاندەك ئەقىل-پاراسىتىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، بەلكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىڭىزنى سىناپ تۇرۇڭ. سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن مانا شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك.

    8-ئاينىڭ 1-كۈنى


    روھ

    مۇكەممەل ئادەم بولاي دېسىڭىز، خۇدانىڭ ئۆز قەلبىڭىزدە ئولتۇراقلاشقىنىنى بىلىشىڭىز شەرت.
    ئەگەر، سىز «مەڭگۈلۈك ئالەم ھەقىقەتەن مەۋجۇت» دېگەن قاراشقا قوشۇلسىڭىز، باشقا مەڭگۈلۈك نەرسىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىسىز، ئالايلۇق، سىزنىڭ روھىي مەنبەيىڭىز، سىز ئۇنىڭغا تايىنىپ دۇنيانى چۈشىنەلەيسىز.
    سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز سىزگە ئۆز روھىي مەنبەيىڭىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان ئىقتىداردۇر. بۇ ئەڭ ياخشى رەھنامە، ئۇ سىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
    سىزنىڭ ئۆز قەلبىڭىزدىكى مۇقەددەس روھنى بايقىشىڭىز−بۇ نەقەدەر زور ھۇزۇر-لەززەت-ھە! بىز ئۇنىڭدىن نېمە دەپ شاد-خۇراملىق بۇلاقلىرىغا چۆمۈلمەيمىز؟
    مەن ئىشىكنىڭ سىرتىدا ئاياق تىۋىشىنى، ئاندىن بىرسىنىڭ «ئۇ مەندۇرمەن» دېگىنىنى ئىشىتتىم. مەن سورۇدۇم: «كىم؟» جاۋاب يەنىلا: «ئۇ مەندۇرمەن» بولدى. ئۇ، قوشنامنىڭ دېھقان ئوغلى ئىكەن. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ھەيرانلىق ئىچىدە خۇشال بولاتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى مەنىۋى «مەن» بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى، مەن بولسام بىر روجەككە قاراپ سۆزلەيتتىم، بىر ئادەم ئۇ ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنەلەيتتى.

    8-ئاينىڭ 2-كۈنى


    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    ھەر قانداق جانلىق باشقىلارنىڭ جەبرى-زۇلۇم سېلىشىنى خالىمايدۇ. ئادەملەرگە جەبرى-زۇلۇم سالماي، خۇن تۆكمەيلا قالماي، ئازابىڭىزنى باشقىلارغا يۈكلەپ قويماڭ، بەلكى باشقا ھايۋانلارغىمۇ شۇ تەرزدە مۇئامىلە قىلىڭ.
    ئادەم قانچە ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، شۇنچە مېھرىبانلىشىدۇ-دە، باشقىلارنىڭ جىسمىدىن ئۆزىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان بولىدۇ. ھاماقەت، ۋەھشىي ئادەملا باشقىلارنى «پەرقلىق، يات» كۆرىدۇ.
    ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازلىرى يېتۈك ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەۋلىيا-ئەنبىيالارچە ئىقتىدارغا ئىگە، ھالبۇكى، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەممىسىلا ئۇلارغا ئىگە بولالايدۇ، چۈنكى، ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە بىر خىل مەنىۋى قۇدرەت بار.
    ئۆزىمىزنى ئازاب-ئوقۇبەت چەككۈچىنىڭ ئورنىغا قويالىساق، ئاندىن بىزدە ھەقىقىي ھېسداشلىق پەيدا بولىدۇ.

    8-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    مەن خۇدا بىلەن بىرگە يۈرگەندە، ئۆز ھاياتىمدىن قورقمايمەن. خۇدا ماڭا ھەمراھ بولمىسا، مەن قورقىمەن.
    خۇدا ماتېماتىكىلىق تەڭلىك سىستېمىسىدىكى X كە ئوخشايدۇ، بۇ X بولمىغان بولسا، بىز تەڭلىكنى ھېسابلىيالمىغان بولاتتۇق. سىزنىڭ بۇ تەڭلىكىڭىزگە ھايات ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ.
    بىر ئادەم بىر ماتېماتىكتىن سوراپتۇ: «خۇداغا قانداق قارايسىز؟» ئۇ جاۋابەن: «ماڭا مەڭگۈ بۇنداق قىياسنىڭ ھاجىتى يوق» دەپتۇ. ئەگەر بىرسى مەندىن ئوخشاشلا شۇ سوئالنى سورىغان بولسا، مەن: «بۇ قىياس بولمىغان بولسا، ھەممە نەرسىنى لوگىكىلىق ھالدا تەپەككۇر قىلالمىغان بولاتتىم» دەپ جاۋاب بېرەر ئىدىم.
    ئەگەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز خۇداغا بولغان بارچە ئېتىقادىڭىزنىڭ ساختىلىقىنى، ھېچقايسىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئويلاپ قالسىڭىز، سىز بۇنىڭدىن خىجىللىق ھېس قىلماڭ. ھەر بىر كىشىدە بەلكىم شۇنداق ئوي-خىياللار پەيدا بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. سىزنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭىزدا خاتا نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، بۇ سىز «خۇدا» دەپ ئاتىغان ئوبيېكتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ يېتىشىڭىز ۋە بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    قەدىمكى دانىشمەن سېنېكا: بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بارچە كىشىلەر بىر پۈتۈن ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالاردۇر، دېگەنىكەن. بىز پۇت، قول، ئىچكى ئەزالار ۋە سۆڭەكلەرگە ئوخشاش بىرلىشىپ ئوخشاش بىر بەدەننى شەكىللەندۈرىمىز. بىز ھەممىمىز ئوخشاش شەكىلدە ئاپىرىدە بولىمىز، ئوخشاش چىراي-قىياپەتلەرگە ئىگە قىلىنىمىز. بىز ئەگمە ئىشىكنى بەرپا قىلغان تاش پارچىلىرىغا ئوخشايمىز. ئۆز ئارا بىر-بىرىمىزنى يۆلەش بولمىسا، بىز ھەممىمىزلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشىمىز.
    سىز ياخشى ئىش قىلىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈككەن بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز بەكلا قول ئۇچىدا بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، سىز نىشانىڭىزنىڭ خاتالىقىنى، سۆيگۈ دەرياسىنىڭ يېنىڭىزدىلا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز، ئۇ دەريا مەڭگۈلۈككە قاراپ نورمال ئاقىدۇ. سىز غەيرى ئەقلىي ھەرىكىتىڭىزنى توختىتىپ، سۆيگۈ دەرياسىغا سەكرەڭ! ئۇ سىزنى ئالغا باستۇرىدۇ، سىز ئەركىن-ئازادە ۋە بەھۇزۇر بولۇپ قالىسىز.
    ئەگەر، ھەر بىر كىشى ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا، كىشىلەر بەختسىزلىك ھېس قىلىدۇ. ناۋادا، كىشىلەر دانىشمەنلەر كۆرسەتكەن ئاشۇ قانۇن بويىچە ياشىسا، ھەممىسى بەخت ھېس قىلاتتى. ئۇ قانۇن زادى نېمە؟

    8-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مەھببەت

    سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىڭىزنىلا ئەمەس، ھەر بىر كىشىنى سۆيگىنىڭىزدە، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي سۆيگۈ ھېسابلىنىدۇ.
    سۆيۈش غەرەزسىز بېغىشلاشتۇر، ئۇ ھېچقانداق ياخشىلىق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
    سىز ئەينەك قاچىغا ئوخشاش بۇلۇڭ، ئىچىڭىزدە خۇدانىڭ چىرىقى بار. ئۇ ئەينەك ئەگەر پاك-پاكىز، سۈزۈك بولسا ئۇ چىراغ يارقىن نۇر چاچىدۇ، بۇ چاغدا سىز چەكسىز شادلىق دېڭىزىغا چۆمۈلىسىز.
    سىز تۇغۇلىشىڭىزدىنلا مېھرىبانلىق تەبىئىتىگە ئىگە قىلىنغان. بۇ خىل مېھرىبانلىق سىزنىڭ كەچلىك تامىقىڭىز ياكى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى ئاساس قىلسا، ئۇ ھايت-ھۇيت دېگۈچە غايىب بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر خىل مېھرىبانلىق سىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىڭىزنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل مېھرىبانلىق ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، سىزگە بارغانچە كۆپلەپ ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ.
    ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېغىزدا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە كۆرۈلىدۇ، بەلكىم ئۇ ئەخمەقلىق بولۇپمۇ تۇيۇلار، بىراق، ئاخىرى مۇشۇ خىل سۆيگۈ-مۇھەببەتلا سىزگە ئەقىل-پاراسەت بېرەلەيدۇ.

    8-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    خاتالىق، ئېزىقىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇتتۇر، ئوغۇت سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئۆستۈرىدۇ، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بىخلاندۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
    بۇ دۇنيا خاتالىق، ئېزىقىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق، ئۇنداق بولمايدىكەن، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يۈكسىلىش بولمايدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ نىشانى، ئۆزىنى خاتالىق، ئېزىقىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن قۇتۇلدۇرۇش. جىسمانىي گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭىزنىڭ سەۋەبى، سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىدۇر. كۈچلۈك ھاياجانلىرىڭىز سەۋەبلىك سىز باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ كېتىسىز. بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىڭىزنىڭ سەۋەبى، يالغان-ياۋىداق گەپلەردە.
    كىشىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، بەلكى خاتالىقى تەرىپىدىن جازالىنىدۇ، ئۇ ئەڭ چوڭ جازادۇر.

    8-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    سەۋەنلىك

    بالىلار ئۆز تېنىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، بۇ سەۋەنلىك تولىمۇ تەبىئىيدۇر. بىراق، ياش-قۇرامىغا يەتكەنلەر، بولۇپمۇ يېشى چوڭلار، بۇ سەۋەنلىكلەردىن يىرگىنىشىدۇ: ئېسىل، مەززىلىك تائاملار، قېنىق قىلىنغان گىرىملەر، پۇزۇر كىيىم-كېچەكلەر، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا ئولتۇرۇشقا ئىنتىلىش ھەمدە غايەت زور ھۇزۇر-لەززەتلەرگە بېرىلىش.
    سىز ئۆز ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىزدىن قانچە رازى بولغانچە مۇشۇ ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىزنىڭ شۇنچە قۇلىغا ئايلىنىسىز، چۈنكى، سىزنىڭ ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىز قانچە كۆپەيسە، سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزمۇ شۇنچە ئازىيىپ بارىدۇ.
    ھېچنەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلىمىغاندىلا ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيسىز. ئاندىن ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىز ئازلايدۇ.
    −يوھان كرىستېندوم
    ھېچكىممۇ ھاراق ئىچىشنى ياخشى ئىش دەپ قىلمايدۇ−ئۇ ياخشى ئىشلار خىزمەت-ئەمگەك قىلىش، ھايات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، كېسەللەرگە ئېتىبار بېرىش ۋە خۇداغا تائەت-ئىبادەت قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسكى ئىش قىلىش، كۆپىنچە ھاللاردا ھاراقتىن كېلىدۇ.

    8-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    كىشىلەر قايسى ۋاقىتتا توي قىلسا مۇۋاپىق؟ بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپ بولمىسا ياشىيالمايمەن، دېگەن ئويغا كەلگەندە−ئۇلار دەرھال توي قىلسا بولىدۇ.
    ياخشى نىكاھ، ياخشى پەرزەنتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
    زاھىدلىق، ھايات بىلەن ھەقىقەتەن قارمۇ-قارشىدۇر. ئەگەر، سىز پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى خۇداغىلا بېغىشلىغان بولسىڭىز، زاھىدلىق يولى توغرىدۇر. توي قىلغان ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى خۇداغىلا ئاتىغان بولسا، نىكاھ ئىشىدىمۇ پەرھىز تۇتۇشقا بولىدۇ.
    بىر ئادەم بىر قېتىم يوشۇرۇن ئاشنا ئويناش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولسا، ھامان يەنە ئىككىنچى قېتىممۇ شۇ پاتقاققا چۈشىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇ ئۆزىدىكى ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىقتىدارىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ. ئۇ ئۆچمەنلىك، يىرگىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلىدۇ، بەئەينى دوزاختا ياشىغاندەك ياشايدۇ.

    8-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق
    ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشقا باشقىلارنى ئاۋارە قىلماڭ.
    ھەممە ئادەم ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدى ۋە كارىدورىنى ئۆزى تازىلىشى كېرەك. ھەممە ئادەم ھويلا-ئاراملىرىنى پاكىز تازىلاپ ئولتۇرسا، كوچىلارمۇ چىنىدەك پاك-پاكىز، رەتلىك كۆرۈنىدۇ.
    بەدەننىڭ ئەڭ چوڭ ھۇزۇرىدىن بىرى، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن چارچىغاندىن كېيىنكى ئارام ئېلىشتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق ھۇزۇرمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.
    تەن باشتىن ئاخىر ئىش خالىماستىن راھەت-پاراغەتتە تۇرسىمۇ، روھ يۈكسەكلىكتە مەنىۋى تۇرمۇشىنى كەچۈرۈۋېرىدۇ، دېيىش بەك خاتادۇر. سىزنىڭ جىسمىڭىز روھىڭىزنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىسىدۇر.
    −ھېنرى داۋىد زورو
    8-ئاينىڭ 10-كۈنى


    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    بايلىق ئېلىپ كەلگەن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئادەمنى ئالداپ قويىدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
    بەزىلەرنىڭ ئىگە بولغىنى تولىمۇ ئاز بولسىمۇ، ئۇلار نامرات ئەمەس. ئۆزى ئېرىشكەندىنمۇ كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشىشنى تاما قىلىش، مانا بۇ نامراتلىقتۇر.
    −سېنېكا
    ماددىي بۇيۇم ياكى پۇل-دۇنيانىلا تەقدىم قىلىش ھېسابىغا نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش، ھەقىقىي ساخاۋەتتۇر. شۇنداق بولغاندىلا شەپقەت قىلغۇچى مەنىۋى سوۋغات ۋە بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ. ھالبۇكى، ئۆزىڭىزنىڭ بايلىقىنى دوق قىلىپ بېرىش، چىن كۆڭۈلدىن چىقىرىپ قىلىنغان ساخاۋەت-سەدىقە ئەمەس، بەلكى بۇ قوبۇل قىلغۇچىنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغايدىغان ئىش.
    بايلار نامراتلارنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشىسا، بۇ دۇنيانىڭ تەرتىپلىرىدە خاتالىق كۆرۈلىدۇ. بايلار نامراتلارغا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىدۇ، نامراتلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، نامراتلارغا ھالىدىن خەۋەر ئالغۇزىدۇ−بايلار يەنە تېخى يامان نىيىتى يەتمىگەندەك، نامراتلارنى قۇتقۇزىدىغان خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنى نامراتلارنىڭ شەپقەتچىسى قىلىپ كۆرسىتىشىدۇ.

    8-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك
    غەزەپ-نەپرەتنىڭ ئەڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغىنى بەلكىم غەزەپلەنگۈچى بولۇشى مۇمكىن، شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق ئىشقا غەزەپلىنىپ-چېچىلىپ يۈرۈشكە ئەرزىمەيدۇ.
    بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە بىكاردىن-بىكار ئازار بېرىدۇ. ئۇنداق ئىپلاس كىشى مېنىڭ نەزىرىمدە دەلتە-ساراڭدۇر.
    سىز بىرەرسىگە خاپا بولسىڭىز، ئامال بار شۇ ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ئارقىلىق چېچىلىشىڭىزنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنىسىز. سىز بۇنىڭ ئەكسىچىمۇ ئويلاپ بېقىڭ−ئۇ ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ كۆرۈڭ. شۇندىلا سىز ئۇ قەدەر ئاچچىقلىنىپ ۋە جىددىيلىشىپ يۈرمەيسىز، بەلكى ئۆزىڭىزنى خۇشال، ئازادە تۇتالايسىز، بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ قالىسىز.
    سىز بەزىدە باشقىلارنىڭ چېچىلىشىغا تاقەت قىلىپ بولالماي قالىسىز. شۇنداقتىمۇ، سىز كۈچىڭىزنىڭ بارىچە ئىچىڭىزدىكى ناچار كەيپىياتىڭىزنى مەيلى گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتتە بولسۇن قىلچە چاندۇرماڭ.

    8-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    ماس كەلمىگەن چاق ئايلانغاندا، يېقىمسىز شاۋقۇن چىقماي قالمايدۇ. يۈرۈش-تۇرۇشتا مەنمەنچىمۇ شۇنداق: ئۇ زور مىقداردا يېقىمسىز شاۋقۇن-سۈرەن چىقىرىدۇ.
    ھەممە ۋاقىتتا ھەممە ئادەمنى سۆيەلىشىڭىز تەس، بىراق، بۇ ئۇنداق قىلىمەن دەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر، سىزنىڭ جىسمىڭىز كۈچلۈك بولسا، تېنى ئاجىزنى يۆلىۋېلىڭ. ئەگەر، سىز ئەقىل-پاراسەتلىك بولسىڭىز، ئەقىلسىز، نادانلارغا ياردەم قىلىڭ. ئەگەر، سىز ياخشى تەربىيە ئالغان بولسىڭىز، تەربىيە يۈزى كۆرەلمىگەنلەرگە ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ئەگەر، باي بولسىڭىز، يوقسۇللارغا ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ. بىراق، تەكەببۇرلارنىڭ پىكىر-خىيالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار، ئۆزلىرىدە باشقىلاردا يوق نەرسىلەر بولغانىكەن، ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا ھەقلىق، ئۇ نەرسىلەردىن باشقىلارمۇ تەڭ بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ.

    8-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    مەن ئۆزۈمنى چۈشىنەلمەي كەتكەن چاغلىرىمدا، بىر مەخلۇقتەك ياشايمەن. ئۆز ھاياتىمنى چۈشەنگەن، قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن ئىشنى قىلىۋاتقىنىمدا، ئادەمدەك ياشايمەن. مەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشەنگەن ھەمدە باشقىلارنى سۆيگەن چېغىمدا بولسا خۇدادەك ياشايمەن.
    تۇرمۇش بولمىسا، ياخشى بولۇپ ئۆزگىرىشمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. مەن ياخشىلىقنى قانداق بايقايمەن؟ پەقەت تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىلا بايقىيالايمەن. ئالايلۇق، مەن يېڭى زەمبۇرۇغنى ئىزدەۋاتقىنىمدا، پەقەت ئورمانلىقتا بولساملا ئۇنى تاپالايمەن. مەن زەمبۇرۇغ تېرىۋېلىشىم كېرەك، يەنە نېمە دەپ ئورمانلىقتىن ئايرىلىمەن؟
    مەست يۈرگەن سائىلغا بىر ئېغىز ئويلانغۇدەك گەپ قىلسىڭىز، ئۇنىڭ تەسىرى بەزىدە ھەتتا چوڭقۇر مەنىدىكى بەدىئىي ئەسەردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ: بىز ئۆز ئىش-ھەرىكىتىمىزنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمايمىز.
    مەن تولىمۇ مۇھىم بىر ئىشنى قىلىشىم−ئۆز قەدىر-قىممىتىم بىلەن ئۆلۈشۈم كېرەك. بۇنداق قىلىش، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئىززەت-ئابرۇيى بىلەن ئۆلۈش ئۈچۈن سىز پاك، ھالال ياشىشىڭىز كېرەك. سىز 25 لەر ئەتراپىغا كەلگەندە بۇنى ئويلايسىز، ئەمما 81 دىن ئاشقاندا بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يېتىسىز.

    8-ئاينىڭ 14-كۈنى


    سوتلاش ۋە جازالاش

    كىشىلەر ئۆز ئارا تالايلاپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىشىدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى بەكمۇ ئاجىز، گۇناھى بولسا ئېغىر. ئاشۇ ئەسكى ئىشلار ئارىسىدا ئەڭ ئەسكى ئىشنىڭ بىرى باشقىلارنى جازالاش. پەقەت خۇدالا ئادەمنى جازالاشقا ھەقلىقتۇر.
    كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن جازالاشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىزاھلىشىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا، يامانلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلاردىن ئۆچ ئېلىشنىلا ئويلاپ قالىدۇ.
    «سىلەر مۇنۇ گەپنى ئاڭلىغان: ‹كۆزىنى ئويغاننىڭ كۆزىنى ئوي، چىشىنى تۆككەننىڭ چىشىنى تۆك›. مەن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار.» بۇ گەپلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ زورلۇققا قارشى خاھىشىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى زوراۋانلىق ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ نېگىزى بولمىش قانۇن تۇرغۇزۇشقا رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ، ھېچكىمنى مۇستەسنا قىلمىغان ھالدا بارچە كىشىنى سۆيۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەمدە شەرتسىز سۆيگۈ پرىنسىپى ئاساسىغا قۇرۇلغان يىپ-يېڭى بىر دۇنيانى قەيت قىلىدۇ.
    باشقىلارنىڭ ئەسكىلىكىنى كەچۈرۋېتىشتەك ئادەمنى خۇشال قىلالايدىغان ئىش يوق. كەچۈرگۈچى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنغۇچى تەڭلا بۇ خۇشاللىقتىن لەززەت ئالىدۇ.

    8-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    ئەگەر، بىز كىشىلەرنى زورلۇق بىلەن ھەققانىيەتكە بۇي سۇنۇشقا مەجبۇر قىلساق، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقىي ھەققانىيەت بولماي قالىدۇ.
    −بۇراس پاسكال
    بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە بولمىغان ئادەملەرنىڭ خۇنىنى تۆككۈچىلەرنى ئۇچراتماق تەس بولسىمۇ، ئۆلۈم جازاسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
    بالىلارنى ئۇرۇشىمىز، زورلۇق ۋە قورال كۈچى بىلەن بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى تۈزەشنى ئويلىغىنىمىز. كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگىنىمىز، ئۆلۈم جازاسىغا تايىنىپ بۇ دۇنيايىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولغىنىمىز. بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغىنى. يىراقتىن كۆزەتكەندە، زوراۋانلىق دائىم ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ، بۇنىسى بەكمۇ غەلىتە ئىش.
    ھەقىقىي ھايات بىزنىڭ ئۇلۇغۋار قەھرىمانە ئىش-ئىزلىرىمىزدا ئەمەس، بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز، توقۇنۇشىمىز ياكى ئۇرۇشقا ئاتلىنىشىمىزدا ئەمەس، بەلكى روھىمىزدىكى ئەڭ كىچىك، ئاسانلىقچە سەزگىلى بولمايدىغان ئاشۇ ئۆزگۈرۈشلەردىدۇر.

    8-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    ھەقىقىي زېرەك ئادەم ئۆزىنىڭ زېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ شەيئىلەرنى چۈشىنىش شۇنچىلىك تەبىئىي، نورمال ئىش دەپ قارايدۇ. ھەقىقىي مېھرىبان كىشىمۇ ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمىشە تېخىمۇ مېھرىبان بولسامكەن، دېگىنىنىلا بىلىدۇ. شۇڭا، زېرەك ھەم مېھرىبان كىشى دائىم كەمتەر كېلىدۇ.
    جامائەت بىلەن ياشىغاندا، سىز ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغاندەك، ھېچنەرسىدە ئۆزۈڭىزنى كۆز-كۆز قىلسىڭىز بولمايدىغاندەك، ياشاڭ.
    سىز ھەرقانداق بىر تاۋاپ-ئىبادەت قىلغۇچى ياكى ئۆتەر مېھماندىن، مەيلى ئۇ يىراق ياكى يېقىندىن كەلگەن بولسۇن: ھەقىقەت، سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە كەمتەرلىكتىنمۇ مۇھىمراق نەرسە بارمۇ، دەپ سوراپ بېقىڭ.
    −بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    كەمتەر بولغاندىلا، ئاندىن بارلىق جانلىقلار ۋە ئىناقلىق يوللىرىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر خىل ئىشلارنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.

    8-ئاينىڭ 17-كۈنى


    ئېتىقاد

    كۆپلىگەن ساختا قانۇن ماددىلىرى خۇدانىڭ قانۇنى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. دۇنيادا پەقەت خۇدانىڭ بىرلا قانۇنى بار.
    كىشىلەر بولكا-نانلارنىڭ يېڭىسىنى، سېرىق ماي ۋە تۇخۇمنىڭ يېڭىلىرىنى خالايدۇ−چۈنكى، كىشىلەر يېڭى ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىراق، بىز دىن خۇسۇسىدا پاراڭ قىلىشقاندا، مەنىۋى ئوزۇقلۇق قانچىكى قەدىمىي بولسا شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ، دەپ تالىشىمىز.
    −لۇسي مالوري (Lucy Mallory)
    دىن خۇدادىن كەلگەن، بىراق، دىنغا تەبىر ۋە باھا بېرىش ئادەملەردىن كەلگەن.
    دىنىي جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ھامان ئىستىبدات كېلىدۇ، مەيلى ئۇنىڭ تاشقىي شەكلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر.
    ئۇ سىزنى قايىل قىلالمايدۇ، ئەمما سىزگە يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، سىزگە قانداق قىلىشنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
    −ئىمانۇل كانت (Immanuel Kant)

    8-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    ئىلىم-پەننى، تاقىۋالسىڭىز تېخىمۇ ئۇز، ھەيۋەت كۆرسىتىدىغان تاج دەپ قاراپ قالماڭ؛ ئەكسىچە، سىز ئىلىم-پەننى ئۆزىڭىزگە سۈت بېرىدىغان، سىزنى بېقىپ چوڭ قىلىدىغان بىر سېيىر دەپ بىلىڭ.
    بىز شۇنى بايقىدۇقكى، ئىلىم-پەن سىزنىڭ ئاجايىپ ياخشى ئادەمگە ئايلىنىشىڭىزغا ياردەم قىلالىغاندىلا ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئىلىم بولالايدۇ.
    ئىلىم سىزدە ئەقىل-پاراسەت يېتىلدۈرەلىشى كېرەك. ئىلىم سىزگە پايدىلىق، خۇددى ياخشى يېمەكلىك سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزغا پايدىلىق بولغاندەك؛ بىراق، ئىلىم يېڭى، ساپ بولمىسا ياكى سىز ئۇنىڭغا زىيادە مەستانە بولۇپ كەتسىڭىز ئۇمۇ سىزگە زىيانلىقتۇر.
    ئىلىم ئەھلى بەلكىم ئۇزۇن مۇددەت ئۆگىنىش بىلەنلا مەشغۇل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ بولدى، دېگەنلىك ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ ھەممىنى بىلەلەيدىغان ئەۋلىيا بولۇپ كەتتى، دېگەنلىك ئەمەس.
    − گېئورگى.C. لېچتېنبېرگ

    8-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    بىر ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىز، قانداق قىلىشنى بىلىشىڭىز شەرت. بارچە ئىش-ھەرىكەتتە ئۇنداق بولمايدىغىنى يوق. سىز پاك ياشىشىڭىز ئۈچۈن قانداق پاك ياشاشنى بىلىشىڭىز كېرەك. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز زۆرۈر.
    بىز خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشنىلا قۇرۇقتىن قۇرۇق ئارزۇلاپ ئولتۇرساق كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىشى كۆڭلىمىزگە ئايان، چۈنكى، ئۇ ھەر كۈنى بىزگە قاراپ يېقىنلاپ كېلىدۇ، بىز ھەر كۈنى يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
    بىز ھەمىشە مۇھىم ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايمىز، بىراق، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ پېيىدا بولمايمىز. بىز، قەلبىمىزدىكى خۇدا بىزنى قىل دېگەن ئىشنىلا قىلىشىمىز كېرەك.
    ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ كىچىككىنە تەرەپلىرىنىلا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، ھاياتىڭىز تۇيۇقسىز بەك ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇ، بالىلارنىڭ، گىلەمگە چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئىككى بېشىنى تارتىپ قويسا، گىلەم بىلەن ئۇچقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىدەك ساددا خىيالدۇر.

    8-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    «ھەقەمسايىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك سۆيۈڭ» دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ  باتۇرلۇق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، ئاندىن ھەقەمسايىڭىزنى سۆيەلەيسىز، دېگەنلىك ئەمەس. سىز ئۆزىڭىزنى سۆيۈشكە مەجبۇر قىلالمايسىز. ئۆزىڭىزنى سۆيگەندە باشقىلارنى سۆيگەندىن ئېشىپ كەتمىسە، سىز باشقىلارنىمۇ خۇددى ئۆزىڭىزنى سۆيگەندەك تەبىئىي يوسۇندا سۆيەلەيسىز، دېگەننىڭ زەرەرى يوق.
    ئەسكەر، بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆلىدىغىنىنى بىلىدۇ، بەزىلەر مۇشۇنداق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆزىنى خۇداغا تاپشۇردۇم دېگەن ئادەم نېمە دەپ باشقىلار ئۈچۈن ھەر قاچان جان بېرىشكە تەييار تۇرمايدۇ؟
    ئەگەر، سىز خۇدانى چىن دىلىڭىزدىن سۆيسىڭىز، خۇدادىن سۆيگۈڭىز ئۈچۈن سىزگە ئىلتىپات قايتۇرۇشىنى تىلەپ يۈرمەيسىز، خۇدانى سۆيۈش مانا شۇنداق ئاددىي ئىشتۇر.
    دېھقان باققان سېيىر سىزنى ۋە سىزنىڭ بالا-چاقىڭىزنى سۈتى بىلەن باقىدۇ، ئۇ باققان قوي ئۆزىنىڭ يۇڭلىرى ئارقىلىق سىزگە تالاي يىللاپ ھارارەت بېرىدۇ. سىز قوي-كالىلارغا نېمە بىلەن جاۋاب قايتۇرىسىز؟ ئۇلارنىڭ بوينىنى ئۈزۈش، ئۇلارنى ئاچكۆزلارچە يېيىش بىلەن.

    8-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    سىز قانچە ھاكاۋۇرلۇق قىلغانچە شۇنچە بوشاڭ، زەئىپ بولۇپ كېتىسىز. قانچە كەمتەر بولغانچە شۇنچە قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىسىز، تېخىمۇ مۇستەھكەم پۇت دەسسەپ تۇرالايسىز.
    ئۆزىڭىزنى نۇقسانسىز، مۇكەممەل چاغلاپ قېلىش تولىمۇ زىيانلىق، چۈنكى، سىز ئەڭ مۇھىم ئىش−ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشىنى قىلماي قالىسىز.
    ھەر كۈنى تىرىشىڭ.
    كەمتەر بولسىڭىزلا سىزدە ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت ئويغىنىدۇ.
    سىز باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەنلا ئۆز يېتەرسىزلىكىڭىزنى ئوچۇق كۆرەلەيسىز.

    8-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    ئاقىۋەت ئۈستىدە توختالغاندا، يالغان سۆزلەشنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى ۋە پاراكەندىچىلىكى، بىزنىڭ ھازىرچە ئېرىشكەن ھەرقانداق نەرسىلىرىمىزدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
    ھېسسىياتىڭىزغا باش ئەگمەڭ، شۇنداقلا خاتا قاراشقا قىلچە يول قويماڭ. بۇ ئىككى خىل نەرسە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى يالغان-ياۋىداقلارغا كۆمۈۋېتىدۇ.
    بىزنىڭ كۆپىنچە ئىش-ھەرىكىتىمىز باشقىلارنىڭ قاراشلىرى ۋە قۇرۇق ۋەز-نەسىھىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن قىلىنىدۇ.
    سىز «مېنىڭ ھاياتىم قاي تامان چېپىپ كېتىۋاتىدۇ، گويا مېنىڭ يېنىمدىن قېچىپ ماڭغاندەك. مەن ھەقىقەتنى قايدىن تاپارمەن؟» دەپ ئويلاپ كۆرۈڭ. سىز ئۆز قەلبىڭىزدىن ياڭرىغان ساداغا قۇلاق سېلىشىڭىز كېرەك. ئۇ، قەلبىڭىزدىن ئورۇن ئالغان ھەقىقەتنىڭ ساداسىدۇر.
    −ئالېكساندىر گېرتسېن
    پاك، ھالال ياشاش، ھەر بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر. شۇنداق ياشاش ئۈچۈن، ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەسكى ئىش قىلماسلىق كېرەك. دۇرۇس، ئەڭ مۇھىمى ئەسكى ئىش قىلماسلىقتۇر.

    8-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    ئىش-ھەرىكەت

    دۇنيادا يۈز بەرگەن تالاي ئىشلار گەرچە بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا بولسىمۇ، بىز تېزگىنلىيەلمەيمىز. مۇبادا، خۇدا بىرەر ئىشنى بىزنىڭ پىلانىمىزدىكىگە ئوخشىمايدىغانراق بولۇشقا بۇيرىسا، بۇ خۇدا ئۇنىڭ شۇنداق بولۇشىنى خالىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلمىقىمىز كېرەك.
    بىز ياخشى ئادەم بولۇشقا تېگىشلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن خەيرخاھلىقنى ئىپادىلىشىمىزگە تېگىشلىك.
    سىز تازا ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا ئەڭ ياخشىسى نېمە قىلماق كېرەك؟ جاۋابى: ھېچنەرسە.
    سىز ئالاھىدە ئەھۋاللاردا نېمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي قالغاندەك قىلغان بىلەن، نېمە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بەش قولدەك بىلىسىز. قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىز چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ئىشنى قىلىشقا باشلىشىڭىز، بۇ دۇنيادا پاك ياشىشىڭىز كېرەك.

    8-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    گەپ-سۆز

    ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلىشىدىغان، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يەنە ياخشى گېپىڭىزنى قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ.
    سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئوبدان چارىسى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرگەندە بىر كۆزىڭىزنى قىسىۋېلىش، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىلا تىلغا ئېلىش.
    ئەگەر، سىز ماڭا تەنبىھ بەرمەك بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى مېنىڭ ئورنۇمغا قويۇپ بېقىڭ. ئاق كۆڭۈل ئادەم باشقىلارنىڭ قارا نىيىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. ئوخشاشلا، ئىپلاس ئادەممۇ باشقىلارنىڭ ياخشى نىيىتىنى ئوڭايلىقچە چۈشەنمەيدۇ.
    تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقاندا، ھەقىقەت غايىب بولىدۇ.
    تالاش-تارتىشتىن ئاۋۋال توختىغان ئادەم، تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

    8-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئىدىيە

    ئەگەر، ئەقىل-پاراسىتى كۆپ ئادەم ھېچقانچە بىلىمى بولمىغان ئادەمگە ئەقىلنى ئىچكۈزۈپ قويالىسا، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش بولغان بولاتتى، خۇددى سۇنى بۇ سوغىدىن يەنە بىر سوغىغا قۇيۇۋالغاندەكلا. بىراق، باشقىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن سىز تەپەككۇر قىلىشقا تىرىشىشىڭىز شەرت.
    كىشىلەر ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر، ئالايلۇق، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئېتىقاد دېگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا بىر قېتىمدىلا ئېرىشىپ قالغان ئەمەس، بەلكى مەلۇم ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى، ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقىغا تايىنىشى، ھەققانىي يول بىلەن ئېرىشىشى كېرەك.
    پاك ھەم مېھىر-مۇھەببەتلىك ياشاي دېسىڭىز، ئۆزىڭىزدە ياخشى ئىدىيە ھازىرلىشىڭىز زۆرۈردۇر.
    بىر ئادەم، ئەقلىي كۈچىگە تايىنىشقا تىرىشقاندىلا ئاندىن روھىي مۇكەممەللىككە يېتەلەيدۇ.
    پەقەت شۇنداق بىر تۈرلۈك بايلىقلا باركى، سىز ئۇنى باشقىلارغا بېرىش بىلەن ئۇ ئازلاپ كەتمەيدۇ. سىز ئۇنى باشقىلارغا خالىغانچە بەرسىڭىز، ئەكسىچە ئۇ بايلىقىڭىز بارغانچە تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. ئۇ، ئەقلىي بايلىقتۇر.

    8-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    ھازىرقى ۋاقىتتا، سىز توغرا قىلغان ئىشتىن باشقا ھەممە نەرسە مۇھىم ئەمەستۇر، چۈنكى، ھازىرقى ۋاقىتلا سىزگە ھەقىقىي تەئەللۇق.
    سىز پەقەت ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھەقىقىي ھايات كەچۈرەلەيسىز. سىزنىڭ ئۆتمۈشنى ئەستە تۇتۇش، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىڭىز بار، بىراق، بۇ ئىقتىدارلار تامامەن بىزنىڭ ھازىرقى ئىشىمىزنى قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن.
    سىز خۇداغا قانچە يېقىنلىشىشنى ئويلىسىڭىز، پۈتكۈل زېھنىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدىكى ھازىرغا شۇنچە مەركەزلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە ئوخشاشلا، سىز پۈتكۈل زېھنىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدىكى ھازىرغا قانچە مەركەزلەشتۈرسىڭىز، خۇداغا شۇنچە يېقىنلىشالايسىز.
    ھەزرىتى ئەيسا ئېيتىدۇلەركى: «ئەتە ئەتىنىڭ ئۆز غېمى بولىدۇ». بۇ بۈيۈك ھەقىقەت ئېيتىلغان بىر ئېيتىلمىدۇر. ھاياتنىڭ گۈزەللىكى، سىزنىڭ ئەتىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەسلىكىڭىزدە. پەقەت بىرلا ئىش شۇنچە گۈزەل ۋە زۆرۈردۇر−باشقىلارنى سۆيۈش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا، كۆز ئالدىڭىزدىلا سۆيۈش.

    8-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    بىز ئازاب چەككەندىلا ئاندىن راستتىنلا ئۆز روھىمىزغا تايىنىپ ياشاشقا باشلايمىز.
    بىز بىر بىمارغا ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىشىمىز كېرەك: ئۇنىڭ كېسىلى ئۇنى بۇ دۇنيادىن ھايال قالمايلا ئېلىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، بىز كېسەللىك ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ياخشى پۇرسەتنى ئېلىپ كەتكەن بولىمىز، چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالىدۇ.
    ئەما، توكۇر، گاس ياكى گاچا ئادەملەر ئۆزلىرىنى تەندۇرۇس، نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن بەختسىز دەپ قارايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەردەك ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ خۇشال بولالمايدۇ. بىزنىڭ قۇت ۋە سەرخۇشلۇقلىرىمىز جىسمىمىزدا ئەمەس، بەلكى روھىمىزدىدۇر. جىسمانىيىتى ئەڭ ئاجىز ئادەم بەلكىم تېنى ئەڭ ساغلام، كۈچلۈك ئادەمدىنمۇ كۆپرەك مەنىۋى ئىچكىي قۇدرەت ھازىرلىيالىشى مۇمكىن.
    كېچە ئاسمىنى بىزگە ئۆز باغرىدىكى غۇچچىدە يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزمۇ بىزگە ھاياتنىڭ مەناسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

    8-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    پاك، ھالال ياشاڭ، ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىڭ، ئۆزىڭىزنى تىنماي ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭ: سىز بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. سىز تاڭلا-ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىشىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز ئەمدى يالغان سۆزلىمەيدىغان، كۆرەلمەسلىك-ھەسەت قىلمايدىغان، باشقىلارنى تىللاپ-قارغىمايدىغان ياكى دەشنام بەرمەيدىغان، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالمايدىغان ئادەم بولىسىز.
    سۆيگۈ ئۆلۈمگە بولغان قورقۇشلىرىڭىزنى بىت-چىت قىلىپ تاشلايدۇ، ھەتتا ئۆلۈم ھەققىدىكى ئويلىرىڭىزنىمۇ گۇمران قىلىۋېتىدۇ.
    ئەگەر، سىز سۆيگۈ بەرسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆلمەيسىز.
    مەن ئۆز گۈلزارلىقىمنى سۆيىمەن. مەن ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا مۇھەببەت باغلايمەن. مەن نارسىدە بالىلارنى باغرىمغا بېسىشقا ئامراقلىق قىلىمەن. مەن ئۆلگەندە، بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ. مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، مەن ئۆلۈمدىن قورقىمەن. بىراق، مەن تۇيۇقسىز شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ يېتىمەن: مەن بىر ئارزۇ-ئارمانىمنى مۇشۇ بارچە ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ئورنىغا قويۇشۇم كېرەك ئىكەن، ئۇ ئارزۇ-ئارمان خۇدانىڭ ئىرادىسىگە قارشىلىشىش ئەمەس، بوي سۇنۇشتۇر.

    8-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    سىز ھاياتنى بىر چۈش كۆرۈش، ئۆلۈمنى بولسا ئاشۇ چۈشتىن ئويغىنىش دەپ قارىسىڭىز زىيىنى يوق.
    ئۆلسىمۇ ئۆلمىگۈچىلەرگە ئۇزاق ئۆمۈر يار بولغاي.
    −لاۋزى
    ئاتېئىزم ئادەمدە ئەقلىي قابىلىيەت بولسىمۇ، قابىلىيەتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەم ۋە كەم-كۈتسىز نادان، بىلىمسىز ئادەملەر دەھرىيلەردىن ئەمەستۇر.
    ماڭا شۇ تاپتا، مۇشۇ يەردىكى ھاياتنى ماڭا كىم ئىنئام قىلغان؟ ھايات ماڭا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر كۈن مېھمان بولۇشنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ ئەنە شۇنداق تولىمۇ قىسقىدۇر.
    −بۇراس پاسكال
    كىشىلەر، قىيامەت قايىم بولغاندا سوئال-سوراق قىلىنىدۇ، خۇدا ھەممىدىن ھېساب-كىتاب ئالىدۇ، دېيىشىدۇ. بىراق، خۇدا چەكسىز مېھرىباندۇر، خۇدا بىزگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مېھرىبانلىقتىن باشقا ھېچنەرسە بەرمەيدۇ. شۇڭا، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق: مەيلى بۇ ئەل ئۆمرىڭىزدە بولسۇن ياكى مەيلى سىز ئۆلگەندىن كېيىن بولسۇن، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مېھىر-شەپقەتتىن باشقا ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ.
    −پارس ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن

    8-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    بەخت

    ئەقىللىق ئادەم مەڭگۈ خۇشالدۇر.
    بىزنىڭ ھەر بىرىمىزگە ھەقىقىي نەپ بېرەلەيدىغان ئىشلار بەكمۇ ئاز. شۇڭا، بىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ قەدرىنى قىلىشىمىز كېرەك.
    بىز مەنىۋى تۇرمۇشنى قوغلىشىشىمىز ھەمدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇنىڭغا يېتىشىمىز كېرەك. بۇنداقتا، بىزگە قانات چىققاندەك ئىش بولىدۇ. ئىمكانىيەت يار بەرسە، بىز جىسمانىي تۇرمۇشقىمۇ ئېرىشىشكە ھەقلىقمىز، ھالبۇكى، بىردىنلا توسالغۇغا ئۇچرىساق، جۈپ قاناتلىرىمىزنى كېرىپ شۇ زامات ئۇچۇپ كېتەيلى.
    بىز ھەممىمىز تۇنجى قېتىم ئېگەر-جابدۇق توقۇلغان توسۇن ئاتقا ئوخشايمىز. بىز دەسلىپىدە، قېچىپ كېتىشنى، ئېگەر-جابدۇقلارنى سۇندۇرۇپ تاشلاشنى، ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاشنى ئويلايمىز. بىراق، ۋاقىت ئۇزىراش بىلەن ھېرىپ قالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئويلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىمىز، ئەڭ بۈيۈك ئىرادىگە بويسۇنۇپ، ئۆزىمىزگە يۈكلەنگەن ئېغىر يۈكنى سۆرەپ ماڭىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىز تىنچ -خاتىرجەملىك ۋە قانائەت تاپقاندەك بولىمىز.
    ئەستە تۇتۇش كېرەككى، دۇنيا ئۆزلۈكىدىن سەۋەبسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، خۇدا بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقان؛ بۇ دۇنيادا، بىز ئۆز ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز كېرەك. پەقەت شۇندىلا، كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان پايدا-مەنپەئەتى بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇندىلا كىشىلەر بارچە پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

    8-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.