تىرىسا مۇناخ 1979-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-02 15:14:48

تىرىسا مۇناخ1979-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىھىندىستان (1997-1910)مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىئايال مۇناخ تىرىسا 1910-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوسمان ئىمپىرىيىسى كوسوۋو ئۆلكىسى سىكوپ...

     

    تىرىسا مۇناخ

    1979-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    ھىندىستان (1997-1910)

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    \

    ئايال مۇناخ تىرىسا 1910-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوسمان ئىمپىرىيىسى كوسوۋو ئۆلكىسى سىكوپىى شەھىرى يەنى ھازىرقى ماكىدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىد ئالبان مىللىتىدىن بولغان خىرىستان پراۋىسلاۋ  ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ 8يېشىدا ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئانىسى تېرېسانى كاتولىكلارنىڭ ياتاقلىق مەكتىپىگە بەرگەن. . ئۇ 18 ياشقاكىرگەندە، ھىندىستانلىق مەشھۇر شائىر تاگورنىڭ تەسىرىدە ھىندىستانغا كەلگەن ھەمدە خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ شۇندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلمىغان. 1931-يىلى، تىرىسا دىن تارقاتقۇچى سۈپىتىدە بىر ئاكتىپ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1950-يىلى 10-ئايدا، تىرىسا موناخ ۋە باشقا 12 نەپەر ئايال موناخ بىرلىكتە مېھرى-شەپقەت دىن تارقىتىش ئايال موناخلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان ۋە دىن تارقىتىشتىن توختاپ نۇقۇل خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغىلا ئۆزىنى بېغىشلىغان. 1971-يىلى، پاپاپئو 12 ھايات ۋاقتىدا تىرىسا موناخقا تېنچلىق مۇكاپاتى بەرگەن. 1985-يىلى رونالد رېگان ترېسساغا ئۆز قولى بىلەن ئەركىنلىك مېدالى بەرگەن. 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ترېسسا ئۇيۇشمىدىن چېكىنىپ چىققان شۇ يىلى 9-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. تىرىسا موناخ 4000دىن ئارتۇق موناخلار ئۇيۇشمىسىدىكى موناخلار، 100مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي، يەنە 123 دۆلەتتىكى 610 ساخاۋەت ئىشلىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن.

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: تىرىسا موناخ باي دۆلەتلەر بىلەن نامرات دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھاڭنى غەلبىلىك ھالدا تولدۇرۇپ، ئىنسانىيەت قەدىر-قىممىتى ئىيىسى ئاساسىدا ئىككى خىل دۆلەت ئارىسىدا تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ياسىغان.

     

    ئازابلانغۇچە سۆي

    1979-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

    ھەممىمىز بىرلىكتە نوبېك تېنچلىق مۇكاپاتى باھانىسىدا بۇ يەردە يىغىلىپ تەڭرىگە رەھمەت قىلىۋاتقان پەيتلەردە، مەنچە، بىز ئاسسىسىنىڭ شىن. فىرانشىستىكى بىر پارچە مۇناجىتى بىلەن دۇئا قىلساق ئەڭ گۈزەل ئىش بولغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ مۇناجات ھەردائىم مېنى ھەيرانلىق ئىچىدە خۇشال قىلىدۇ. ھەركۈنى، ناشتىدىن كېيىن بىز بۇ مۇناجاتنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇناجات بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر قايسىمىزغا بەكلا ماس كېلىدۇ. مەن دائىم، تۆت-بەش يۈز يىلنىڭ ئالدىدا، ئاسسىسىنىڭ شىن. فىرانشىسى بۇ مۇناجاتنى يېزىۋاتقىنىدىمۇ، خۇددى بۈگۈنكى بىزگە ئوخشاش بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنمىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇ مۇناجاتقا ھېچقانداق بىر تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش بىھاجەت، خۇددى فىرانشىسنىڭ بۇ ئەسىرى مەخسۇس بىز ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك. مەنچە، بۇ مۇراجەت كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس ــــ شۇڭا، بىز ھازىر ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ مۇراجات بىلەن دۇئا قىلايلى!

    تەڭرىگە شۈكرى ئېيتايلى! ئۇنىڭ بىزگە بۇ پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە، بىزنى بۇ يەردەيىغىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتايلى! ئۇنىڭ تېنچلىقتىن ئىبارەت بۇ سوۋغىنى بىزگە بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتايلى، تەڭرى بۇ تېنچلىق سوۋغىسى ئارقىلىق كۆپچىلىككە، بىزنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلىشىمىز تېنچ تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئەسكەرتمەكتە. ...(قىسقارتىلدى)

    مەن ھەر قېتىملىق پەقەت ياشانغان كىشىلەرلا بار بولغان شۇنداق ئائىلىلەرنى يوقلاش پۇرسىتىنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرمەيمەن. بۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئاتا-ئانىسىنى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تاشلاپ قويۇپلا پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كېتىدۇ. مەن ئۇ يەرگە بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھەممە نەرسىنىڭ تولۇقلىقىنى، ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ كام ئەمەسلىكىنى كۆرسەممۇ، بۇ ياشانغانلارنىڭ كۆزى ئىشىكتىن ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ئەزەلدىن بىرەر كۈلكە ئىزنالىرىنى كۆرگەن ئەمەسمەن. شۇنىڭ بىلەن يېنىمدىكى ھەدە-سىڭىللاردىن سورايمەن: «نېمە ئۈچۈن؟ بۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل تۇرۇپ بۇلارنىڭ يۈزلىرىدە نېمە ئۈچۈن خوشاللىق كۈلكىلىرى يوق؟» ھەمشىلىرىم مېنى سۇئالىمغا جاۋابەن: « بۇ كىشىلەر ھەركۈنى دېگۈدەك بالا-چاقىلىرىنىڭ بۇلارنى يوقلاپ كېلىشىگە تەلمۈرۈپ مۇشۇنداق ئولتۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. قىز-ئوغۇللىرى تەرىپىدىن تاشلىنىپ قېلىش، بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى جاراھەتلىگەن بولسىمۇ، بۇ كىشىلەر يەنىلا شۇ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ مۇھەببىتى كېلىپ قالىدىغان تەرەپتىن ئۈمىد ئۈزۈشمەيدۇ. بەلكىم، شۇنداق سۆيگۈ كەمچىللىكى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىلا بولۇشى، بىز ئۆز ئۆيىدىكىلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياجىغا سەل قاراپ قالغان بولىشىمىز مۇمكىن. بەلكىم، ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكى مەلۇم بىر كىشى غېرىبلىق ھېس قىلىپ قالغاندۇ، يەنە بىرەرسىنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغاندۇ، بەزىلىرىنىڭ كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس بولۇپ قالغاندۇ. چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. بىزنىڭ ئائىلىدىكىلىرىمىز بىزگە مۇھتاج بولغاندا، بىز ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ؟ بىز بىر ئانىنىڭ ئوز بالىسىغا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى باغرىمىزغا باسالامدۇق؟

    مەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى شۇنچىۋالا كۆپ ياشلارنىڭ زەھەرگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران. مەن ئۇلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەمكچى بولۇپ ئىزدەنگىنىمدە جاۋابى شۇ بولدى: بۇ زەھەرگە بېرىلگۈچىلەر ھېچقايسىسى ئۆز ئائىلىسىدە ھەقىقي بولغان بىر كۆڭۈل بۆلۈش، ھېسداشلىققا ئېرىشەلمىگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ياشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىر ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆز ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقىت چىقىرالمىغان. بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆز خىزمىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بالىلىرىنىڭ كوچا-كويلاردا  يۈرۈشىگە، ھەتتا مۇشۇنداق يامان ئىشلارغا  ئادەتلىنىپ قېلىشىغا شارائىت يارىتىپ قويغان. بىز تېنچلىق ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. تېنچلىقنى بۇزىدىغان ئامىللار بەكمۇ كۆپ. ئەمما، بۈگۈنكى بىزلەردە بالا چۈشۈرۈۋېتىش ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپەت يىلتىزى. چۈنكى، بالا چۈشۈرۈش كۆز ئالدىمىزدىكى ئوچۇقچىلىقتىكى ئۇرۇش، ئوچۇق-ئاشكارا ھالەتتىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ــــ يەنە كېلىپ ئۇ قاتىل شۇ بالىنىڭ ئۆز ئانىسى. مەن بۇرۇن شۇ مۇقەددەس كىتابلاردىن شۇنداق بىر سۆزنى كۆرگەنمەن. ئۇ كىتابلاردا تەڭرى تولىمۇ ئېنىق قىلىپ، بىر ئانا بەلكىم ئۆز بالىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن ـــــ ئەمما مەن سىلەرنى ئۇنۇتمايمەن، مەن سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارنى ئاللىبۇرۇن ئالقىنىمغا ئېنىق قىلىپ يېزىپ قويدۇم، دېگەن. بىزنىڭ ئىسمىمىز تەڭرىنىڭ ئالقىنىغا يېزىلغان ئىكەن، دېمەك بىز تەڭرىگە تولىمۇ يېقىن. قوسقىمىزدىكى ئۇ بالىمۇ تەڭرى تەرىپىدىن ئىسمى يېزىلغان. تەڭرىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ باشلانمىسى ــــ بىر ئانىنىڭ ئۆز بالىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشى مېنى ئەڭ چۆچۈتىدۇ. لېكىن تەڭرى يەنە دېدى: ئەگەر بىر ئانا ئۇنتۇپ قالسا بولمايدىغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. بۈگۈنكى زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بالايى-قازا بالا ئالدۇرۇش.

    ئولتۇرغان ھەرقايسى جانابلار، بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاج، بىزنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمىزمۇ بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە مۇھتاج. ئەگەر بىزنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان شۇ ئاتا-ئانىلىرىمىز بولمىغان  بولسا، بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ يىغىلالىشىمىزمۇ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ تۆھپىسى. بىز پەرزەنتلىرىمىزگە مۇھتاج، بىز ئۇلارنى سۆيىمىز. دۇنيادا مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاج. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھىندىستاندىكى، ئافرىقىدىكى بالىلارغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ جايلاردا نۇرغۇنلىغان بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەمما بىز دۇنيادا مىليونلىغان بالىلارنىڭ تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپ، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئۆلۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرەلمەيمىز. بۇ توغۇرلۇق مەن ھىندىستانغا، پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق جاكارلايمەن: بالىلىرىمىزغا ئۆز ھاياتىنى قايتۇرۇپ بېرەيلى، بۇيىل بالىلار يىلى: بىز بالىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ باقتۇقمۇ؟ بۇ يىل باشلىنىپلا، مەن ھەر تەرەپتە نۇتۇق سۆزلىدىم. مەن ھەر بىر كىشىگە، بىز بىرلىكتە تىرىشايلى، ھەر بىر تۇغۇلغان بالىغا ۋە تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارغا بىر كىشىلىك ماكان بېرەيلى. بۇ ئاي بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى ئاي. بىزنىڭ نىشانىمىزغا يەتتۇقمۇ-يوق؟ ھەر بىر پەرزەنتنى ئۆز ئائىلىسىگە ھەقىقىي ئىگە قىلالىدۇقمۇ؟ مەن سىلەرگە بىر نەچچە ھەيران قالارلىق ئىشلاردىن سۆزلەپ بېرەي، مەن ھەمشىرىلىرىم بىلەن بىرلىكتە يىغىپ بېقىۋېلىش ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشكە  قارشى تۇرۇۋاتىمىز، بىز ھازىرغىچە مۇشۇنداق كىچىك جانلىقلاردىن مىڭنى قۇتقۇزۇۋالدۇق. بىز دوختۇرخانا، ئامبولاتورىيە، ساقچى ئىدارىلىرىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ بالىلارنى يوق قىلىۋەتمەسلىكىنى، بىزنىڭ ئۇ بالىلارنى يىغىپ بېقىۋالىدىغانلىقىمىزنى دېدۇق. شۇڭلاشقا، كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىشىكىمىزنى شۇنداق بالىلار چېكىدۇ. ھازىر، بىزدە شۇنداق توي قىلمىغان ئانىلاردىن نۇرغۇنلىرى بار ـــ بىز ئۇلارغا بىزنى قورقماي ئىزدەپ كېلىشنى ئېيتتۇق، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بىز ئۇلار ئۈچۈن بالىلارنى بېقىۋالىمىز، كېيىنچە ئۇ بالىلارگە مۇۋاپىق ئائىلىلەرنى تېپىپ بېرىمىز. پەرزەنتسىز بەزى ئائىلىلەرنىڭ بالىلارغا بولغان ئېھتىياجى تولىمۇ چوڭ. بۇ تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتى. بىز بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلغار بولغان تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى يوقسۇل-نامراتلارغا، تىلەمچى-دىۋانىلەرگە، مۇساپىرلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلماقچىمىز.

    ئالتە يىل ئىچىدە، كالكۇتتا ـــ پەقەت مۇشۇ كالكۇتتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ـــ بىز كۆپ پەرزەنتلىك ئويى بولغان ئائىلىلەرنى 61273 نەپەر بالىلارنىڭ ئاز تۇغۇلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. نامراتلار بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. بىر كۈنى بىر يوقسۇل بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ بىزگە رەھمەت ئېيقاچ مۇنداق دېدى: « سىزنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاشۇ ھەمشىرىلىرىڭىز مەن بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ياخشى كىشىلەر. چۈنكى ئۇلار ماڭا تەبىئي بولغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويدى» بۇ كىشىلەرنىڭ بارغۇدەك تۈزۈك يېرى يوق، قورسىقىنىمۇ تۈزۈك قامدىيالمايدۇ، ئەمما بۇ كىشىلەر ئوخشاشلا ئۇلۇغ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئايالنىڭ ھالى بەكلا خاراب ئىدى ــ شۇنىڭ بىلەن ھەمشىرىلىرىمگە: سىلەر باشقا ئۈچ ئايالغا قاراڭلار، مەن بۇ ئايالغا قاراي دېدىم. مەن بۇ ئايال ئۈچۈن ـــ ھالى بەكلا خاراب ئايال ئۈچۈن ـــ بارلىق مۇھەببىتىمنى سەرپ قىلدىم: ئۇنى كارىۋاتقا ئاۋايلاپ ياتقۇزدۇم، مەن ئۇنىڭ يۈزىدە گۈزەل كۈلۈمسىرەشنىمۇ كۆردۈم. ئۇ مېنىڭقولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىر ئېغىزلا: رەھمەت سىزگە! دېيەلىدى-دە، بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى.

    ئۇ ئايالنىڭ ئالدىدا مەن ئۆزۈمدىن شۇنداق سورىدىم، ئەگەر مەن ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، مەن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىمدا نېمە دېيەلىگەن بولاتتىم؟ مەنچە، مېنىڭ جاۋابىم بەكمۇ ئاددىي. مەن باشقىلاردىن تېخىمۇ كۆپ بولغان ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلىشىم مۇمكىن، يا بولمىسا مەن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرگە: قورسۇقۇم ئاچ، مەن ئۆلەيلە دېدىم، مۇزلاۋاتىمەن، ھەممە يېرىم ئاغرىۋاتىدۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشىم مۇمكىن. لېكىن، مەن قۇتقۇزماقچى بولغان، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىدە قالغان ئۇ ئايال ماڭا بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ بۇن دۇنيادىن كېتىشىدىمۇ كۈلۈمسىرەپ ماڭدى. مۇشۇنداق مىسالدىن يەنە بىرى بار: بىر قېتىم، بىز يەر ئاستى ئېرىقتىن بەدەنلىرى قۇرۇتلاپ كەتكەن بىر ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدۇق. ئۇ بىزگە: ئۆزىنىڭ كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىدە، ھايۋاندەك ياشىغانلىقى، ئەمما، بىزنىڭ ھەمشىرىلىرىمىزگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى كۆيۈنۈشى ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ، ئەمدىلىكتە بىر پەرىشتىدەك ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق ئېسىل كىشىنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. چۈنكى ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇ خىل ئەھۋالدىكى ئادەم ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ھېچقانداق بىر ئادەمدىن ئاغرىنمىدى، ھېچكىمنى قارغىمىدى، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئادىللىق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقىدىن ئازراقمۇ ئاغرىنمىدى. پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ــــ ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى.

    مەن ئۆزۈمنى ئەزەلدىن ھەقىقىي بىر جەمئىيەت خىزمەتچىسى دەپ قارىمايمەن. بىز قىلغان بارلىق ئىجتىمائىي جەمئىيەت خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ يۈزەكى قىسمى، ئىچكى قىسمىدا بولسا بىز ئۆزىمىزنى توختىماي تەكشۈرۈپ تۇرىمىز. چۈنكى بىز بىر كۈندىكى 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە تەڭرىنىڭ نامەيەندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. تەڭرى بىر كۈننىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقتىدا سىز ۋە بىز بىلەن بىللە. بەزى ئائىلىلەردىن تەڭرىگە دۇئا قىلىپ، تەڭرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەنچە، ئائىلىلەرنىڭ بۇنداق دۇئا قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بىز تېنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىنتىزار ــــ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇشىمىزنى، ئائىلىمىزنىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. بىز تەڭرىنىڭ بۇ دۇنياغا تېنچلىق ئېلىپ كېلىشىنى، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى، ئائىلىدىكىلىرىمىزنىڭ ھەرۋاقىت ھەر جايدا كۈچ-قۇۋۋەتلىك بولۇشىنى تىلىسەك، بىز دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىمىز.

    بۇ دۇنيادا بەكمۇ كۆپ جاپا-مۇشەققەت، بەكمۇ كۆپ ئۆچمەنلىك، بەكمۇ كۆپ بەخىتسىزلىك بار، بىز دۇئا ۋە ئۆز قۇربانلىقىمىز بىلەن ئۆز ئائىلىمىزدىن ئىشنى باشلايلى، مۇھەببىتىمىز ئۆز ئائىلىمىزدىن باشلانسۇن. مەسىلە بىزنىڭ قانچىلىك ئىش قىلغانلىقىمىزدا ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارنى قىلغاندا بىز قانچىلىك مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلىيالىغانلىقىمىزدا. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ھەممىگە قادىر تەڭرىدىن كەلگەن ـــ بىز مۇھەببىتىمىزنى قانچىلىك بېغىشلىۋەتسەك ھېچ گەپ ئەمەس، چۈنكى تەڭرى ئاتا قىلغان مېھرى-مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق. ھەرىكەت مۇھىم ئەمەس، بەلكى شۇ ھەرىكەتنىڭ كەينىدىكى نىيەت ئەڭ مۇھىم. بىز ئىلتىجا قىلىدىغان تەڭرىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز قانچىلىك قۇربانلىق بەرسەك ئەرزىيدۇ.

    ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، كالكۇتتا شېكەر بەك قىس بولۇپ كەتتى، مەن بۇ ئەھۋالنى بالىلارغا قانداق ئېيتىشنى بىلەلمىدىم. تۆت ياشلىق بىر ھىندىستانلىق بالا ئۆيىگە قايتىپ دادىسىغا: « مەن شېكەر يېمىگىلى ئۈچ كۈن بولدى. مەن بۇ يېمەي يىغقان شېكەرلىرىمنى تىرىسا ھاممامنىڭ  بالىلىرىغا بېرىمەن» دەپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن ھېلىقىبالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇ بالىنى ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. مەن ئۇ ئائىلىلىك بىلەن ھېچقانداق بىر ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە بولۇپ باقمىغان، ھېلىقى ئوغۇل بالا تېخى ئىسمىمنىمۇ توغرا چاقىرالمايدىكەنۇ، ئەمما مېنىڭ ئۆيۈمگە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئۆزىگە بەكمۇ ئايان ئىكەن. ئۇ ئكزىنىڭ مۇھەببىتىدىن باشقىلارنى بەھىرلەندۈرمەكچى ئىكەن.

    \

    بۇمۇ دەل مېنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلاردىن شۇنچىۋالا كۆپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلىگىنىمنىڭ سەۋەبى. مەن بۇ چوڭ زالغا كىرگەندىن تارتىپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇھەببىتىدىن، چىق قەلبىدىن چىققان، ھەقىقىي مېھرىدىن ئورىۋېلىندىم. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپچىلىك مەيلى ھىندىستاندىن ۋە ياكى ئافرىقىدىن كەلگەنلەر بولسۇن مەن ھەممىڭلارنىڭ ئالاھىدە بولغان ئىلتىپاتىغا ئېرىشتىم. مېنىڭ بۇ يەردىكى ھېسسىياتىم خۇددى ھەمشىرىلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئۆيۈمدە ئولتۇرغانغا ئوخشاش ئەركىن. بۇ مۇنبەردە بولسا ئۆزۈمنى خۇددى ئۇيۇشمىدىكى ھەمشىرىلىرىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك، ئۆزۈمنى ھېلىھەم كالكۇتتىكى ھەمشىرىلىرىم ئارىسىدا تۇرۇۋاتقاندەك سەزمەكتىمەن. بۇ يەر، دەل مۇشۇ يەر مېنى ئۆز ئۆيۈمگە قايتقاندەك ئەللەيلىمەكتە.

    بىر كۈنى مەن بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان 15 دوللار پۇلغا ئېرىشتىم، چۈنكى، بۇ يىگىت پاراللېچ كېسىلى بىلەن كارىۋاتتا يېتىپ، چۈشەلمەيۋاتقىلى 20 نەچچە يىل بولغان، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى بىردىنبىر ھەرىكەتلىنەلەيدىغان جاي ئۇنىڭ ئوڭ قولى. شۇنچە يىلنىڭ ياقى ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەمراھى سىگارت بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇ ماڭا: مەن تاماكا چەكمىگىلى بىر ھەپتىدەك بولدى، مەن شۇ تاماكىنىڭ پۇلىنى سىزگە بېرەي» دېدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بولغان بىر مۈشكۈل قۇربان بېرىش. ئەمما بۇ ئوخشاشلا نېمىدىگەن گۈزەل بىر ئىش. ئۇ ئكز ىوشاللىقىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىشنى خالىدى. مەن ئۇ ماڭا بەرگەن پۇلغا بولكا ئېلىپ، ئاچ قالغان كىشىلەرگە بەردىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بۇ ئىشتىن ئىككىلا تەرەپ مەنپەئەتلىنىدۇ-دە! ئۇ بېرىشكە رازى، نامراتلار بەھىرلىنىشكە تەشنا. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىز ۋە ماڭا ئوخشاشلا مۇھىم ــــ ئۆزىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى ئېلىپ چىقىپ، باشقىلارنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇنالىساق، بۇ تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئالاھىدە بىرخىل كۈچ-قۇدرىتى. تەڭرى بىزگە  مۇھەببەت بېرىش بىلەن تەڭ، بىزمۇ ئۆزئارا مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.

    مەن ئالدىنقى مەزگىلدە مېنىڭ كالكۇتتادىكى ئۆيۈمگە زىيارەتكە بارغان، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن 40 نەچچە پىروففېسسورنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۇلار ماڭا مەن ۋە ھەمشىرىلىرىمنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىمىزغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتتى. بىز كالكۇتتا، ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان شۇ نامراتلار ئۈچۈن، قۇتقۇزۇش پاراۋانلىق ئورنىدىن بىرنى قۇرغان ئىدۇق. بىز بۇ يەرگە كالكۇتنىڭ ھەرقايسى كوچىلاردىكى مۇساپىر، نامراتلاردىن 36000دىن ئارتۇق ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرغانىدۇق. بۇ ئادەملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى خاتىرجەملىك ئىچىدە كۆز يۇمۇپ، تەڭرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان گۈزەل ماكانىغا قايتتى. بۇ پىروففېسىسسورلار مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ: ھامما، بىزگە بىرەر نەرسە دېسىڭىز؟ بىز ئۆمۈر بويى بەھىرلەنگۈدەك گەپ قىلىپ بەرسىڭىز! دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا: بىر-بىرىڭلارغا كۈلۈمسىرەپ بېقىڭلار، ئائىلەڭلەردىكىلەرگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىڭلار! يېقىنلىرىڭلارغا كۈلۈمسىرەڭلەر! دېدىم. ئەگەر بىز تەڭرىنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتىنى ئېسىمىزدە تۇتساق، تەڭرى بىزگە مۇھەببەت بەرگەندە، بىزنىڭمۇ باشقىلارغا مۇھەببەت بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلىساق ھېچ گەپ ئەمەس. ئەگەر، بىز ھەممىمىز دانە-دانە تېنچلىق ئۈچۈن يورۇتۇلغان چىراغلار بولسا، ئۇ ھالدا نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نورۋىگىيە خەلقىنىڭ بىزگە بەرگەن چاقناپ تۇرىدىغان بىباھا گۆھىرىدۇر.

    تەڭرى بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.