زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 9 -ساتراشخانىدا

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:40:56

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرى9ساتىراشخانىدا دەڭدارۋازا قاراۋۇلخانىسى يېنىدا ئەپچىل بىر ساتىراشخانا بار ئىدى. بۇ يەردە ئۆچكە ساقال، ياداڭغۇ، سەل دۈمچەكرەك، يېشى ئەللىكلەردە بار بىر كىشى ساتىراشلىق ق...



     

    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى
    9

     

    ساتىراشخانىدا


         دەڭدارۋازا قاراۋۇلخانىسى يېنىدا ئەپچىل بىر ساتىراشخانا بار ئىدى. بۇ يەردە ئۆچكە ساقال، ياداڭغۇ، سەل دۈمچەكرەك، يېشى ئەللىكلەردە بار بىر كىشى ساتىراشلىق قىلاتتى. نىياز ساتىراش ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ دۇكىنى تۈرلۈك رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇ رەسىملەردە تۈرلۈك رىۋايەت قەھرىمانلىرى، دىۋە، پەرىلەر؛ جەڭنامە رەسىملىرى ئىچىدە «بۇلبۇل گويا» ناملىق چۆچەكتىكى بېشى ئادەمگە، قالغان يېرى قۇشقا ئوخشايدىغان چوڭ ھەم ئاجايىپ رەڭدار قىلىپ سىزىلغان. تۆردىكى بۇلۇڭغا قويۇلغان ياغاچ ساندۇق ۋە تاختىبېشى تۈرلۈك جەڭنامە ۋە رىۋايەت كىتابلىرى بىلەن توشقانىدى. مەن بۇ ساتىراشخانىدىن قىرائەتخانا ئورنىدا پايدىلىناتتىم. بۇ يەرگە يالغۇز مەنلا ئەمەس، نىياز ئۇستامغا چاچ ئالدۇرغىلى كىرگەن كىشىلەر ۋە باشقا بىكارچىلارمۇ كىتاب ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىناتتى. نىياز ئۇستام ئۆزى خەت تونۇمايتتى. ئەمما كىتابپەرەست، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ مېنىڭ كىتاب ئوقۇپ بېرىشىمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ساۋاتى بار كىشىلەرگە كىتابلىرىنى تۇتقۇزماي، ماڭا ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى ۋە مېنى ھەر كۈنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى. دۇكانغا كىرىپ كەلسەم، ئۇستام خۇشال بولۇپ كېتەتتى ۋە باش ئىۋىتىدىغان ئۇزۇن – ئۇزۇن نازۇك بارماقلىرى چاچ ئۈستىدە ئويناقلاپ كېتەتتى.
        _ ھەببەللى، ئوغلىمىز بۇلبۇل گويا كەلدى. قېنى – قېنى، ئورۇن بېرىڭلار! _ دەپ قىلىۋاتقان ئىشىدىن قول ئۈزۈپ ماڭا ئورۇن بوشىتىپ، ئالدىمغا ئېگىز پۇتلۇق بەندىڭنى قويۇپ بېرەتتى ۋە تۈنۈگۈن ئوقۇۋاتقان كىتابنى بەندىڭ ئۈستىگە قوياتتى.

     

    كىتابنى بەندىڭ ئۈستىگە قوياتتى، _ تۈنۈگۈن كەلگەن يېرىڭگە خەتكۈچ سېلىقلىق. ھەي – ھەي، تازا قىزىق يېرىگە كەلگەنىدىڭ – ھە! بادەرەپتار بىلەن كەمىكى ئەييارلار تازا ئېلىشىۋاتاتتى، قېنى شۇ يەردىن باشلىمامسەن، ئوغلۇم.
       مەن كىتابنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلايتتىم، ئۇمۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋام قىلغاچ ئاڭلايتتى.
        «كەمىكى ئەييار بىر مۇئەللەق ئېيتىپ بادەرەپتارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى. ئۇ قاتمۇ قات ئۆيلەردىن ئۆتۈپ، مەلىكە دىلسۇز ئېسىپ قويۇلغان جايغا كىردىلەر، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزى تۆت سەر كېلىدىغان پۈتۈن بىر ئۆينى ياكى ئادەمنى ئىچىگە سېلىۋالسا، يەنە تۆت سەر كېلىدىغان كولبارىنى يېنىدىن چىقىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەلىكە دىلسۇزنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاچتىلەر...» مەن بۇ گەپلەرنى ئوقۇغىنىمدا، ساتىراشنىڭ قولى ئىشتىن توختاپ:
        _ بەللى – بەللى، كەمەك ئەييارغا ئاپىرىن، _ دەپ، كىتابقا قولىنى سوزاتتى. مەن ئۇنىڭ قولىغا قاراپ تۇرغىنىمدا، _ ھە، ھە، قېنى، ئوقى، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولدى؟ _ دېگىنىچە ئالدىمغا كېلىپ، ئوقۇشقا ئالدىرىتاتتى.
        ئوقۇۋاتقىنىم «جەمشىت» دېگەن جەڭنامە كىتاب ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ساتىراشخانىدا «رۇستىمى داستان»، «ئابا مۇسەللىم»، «قەھرىمان قاتىل» دېگەنگە ئوخشاش جەڭنامىلەر ۋە ئەپسانىۋىي رىۋايەتلەر پۈتۈلگەن ياستۇقتەك چوڭ كىتابلار بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مەن قىزىقىپ ئوقۇيدىغان «چاھار دەرۋىش»، «تۇتى نامە»، «مىڭبىر كېچە»، «ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا»، «شاھى ماران» دېگەن كىتابلارمۇ بار ئىدى. جەڭنامىلەرگە قارىغاندا بۇ كىتابلاردا ئاجايىپ – غارايىپ، سېھىرلىك ۋەقەلەر بايان قىلىناتتى.
       مەسىلەن، مەن ئوقۇغان «ئىبنى سىنا» دا كاتتا ئالىم تارىخي تېخىچە رېئاللىق بويىچە يېزىلماي، سېھىرگە سۈپىتىدە يېزىپ ئەپسانىلاشتۇرۇلغان. مەن ئۆسمۈر ۋاقتىمدا بۇ كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنى ئالىم سۈپىتىدە تونۇماي، جادۇگەر دەرۋىش ئىكەن دەپ تونۇغانىدىم.
       نىياز ساتىراش ئۆزى كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ كىتابنى ئاڭلاشقا ئالاھىدە خۇشتار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇ كىتابنى تامام قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن:
    _ ئەمىسە بۈگۈندىن باشلاپ يەنە «ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا» نى ئوقۇپ بېرەي، _ دېۋىدىم، ئۇستام خۇشاللىقىدىن:
        _ شۇنداق قىل، ئوغلۇم، ئاغزىڭغا ناۋات سېلىپ قوياي، _ دەپ قولۇمغا بىر پارچە ناۋاتنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
       مەن يەنە بۇ كىتابنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم:
       «بۇخارادا ئاكىسى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا، ئىنىسى ئەبۇلھارىس دېگەن بىر تۇغقان ئىككى بالا بار ئىكەن. ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇستازى ۋە ساۋاقداشلىرى بۇلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ھەيران قېلىشىدىكەن. بولۇپمۇ ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانىڭ زېرەكلىكىگە ھەيران قېلىشىپ، بىر كۈنى ئۇنىڭ سەزگۈرلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ساۋاقداشلىرى مەسلىھەتلىشىپ، بىر ۋاراق قەغەزنى چاندۇرماي ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا قويۇپ قويۇپتۇ، ئىبنى سىنا ئولتۇرغاندىن كېيىن دەسسەپ تۇرغان يېرىگە قاراپتۇ، كېيىن تورۇسقا قاراپتۇ. يېنىدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشى:
       _ ئىبنى سىنا، نېمىشقا ئاستىن – ئۈستۈن قارايسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ.
    ئىبنى سىنا:
       _ بۈگۈن يەر بىر ئاز ئۆسۈپ قالغانمۇ ياكى تورۇس سەل پەسەيگەنمۇ نېمە؟ _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلار ھەيران قېلىشىپ، چۇرقىرىشىپ ئاستىدىكى قەغەزنى كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئۇستازى بۇلارغا قانداق دەرس بېرەلىشىنى ئويلاپ، بىساتىدىكى بار بىلىمنى ئۇلارغا تۆكۈپتۇ. ئۇستازى ھەممە بىلىمنى ئايىماي بەرگەنسېرى، ئىبنى سىنالار زادىلا قانائەت ھاسىل قىلماي سوراۋېرىپتۇ. ئۇستازى ئاخىر خىجالەت بولۇپ:
       _ ئىبنى سىنا، مېنىڭ سىلەرگە بېرىدىغان بىلىمىم تۈگىگەنىدى. لېكىن سىلەر قانائەت قىلماي، مەندىن سوراۋەردىڭلار، ئەمدى مېنىڭ جاۋاب بەرگۈچىلىكىم قالمىدى. سىلەر باشقا جايغا بېرىپ بىلىم ئالىمەن دېسەڭلار مەيلى، _ دەپتۇ.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى سىنا:
        _ ئۇكام ئەبۇلھارىس، بىزنىڭ بۇخارادىن ئالىدىغان بىلىمىمىز تۈگەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ھېچ ئىش چىقىرالمىغۇدەكمىز، _ دەپتۇ – دە، ئىنىسىنى باشلاپ سەپەرگە چىقىپتۇ.
        بۇلار شەھەرمۇ شەھەر بىلىم ئالىدىغان جاي ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر قۇددۇسقا بېرىپ قاپتۇ. ئۇ يەردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئاجايىپ بىر بىلىم جايى بار ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ.
       بۇ جاي چوڭ بىر تاغنىڭ غارى بولۇپ، بۇ يەرگە داۋۇت پەيغەمبەر ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئىلمىي سىميا ۋە ئىلمىي كىمياغا دائىر پۈتۈن كىتابلارنى بەنت قىلىپ قويغانىكەن. بۇ بىر تىلسىملىق ماكان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم كۈن چىققاندىن باشلاپ ئۆز – ئۆزىدىن تاش دەرۋازىسى ئېچىلىپ، كۈن پېتىش بىلەن يېپىلىپ قالىدىكەن. ئەگەر بىرەر كىشى بۇ يەردىن كىتاب ئېلىپ ماڭسا، دەرۋازىغا كەلگەن ھامان يېپىلىپ قېلىپ چىقالمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم بۇ يەردىن كىتاب ئېلىپ چىقالمايدىغان تىلسىم بولۇپ قالغانىكەن.
        ئىبنى سىنا بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، شۇ جايدا بىر يىل قېلىپ، كېلەر يىل دەرۋازا ئېچىلغۇچە كىتابلارنى كۆرۈپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ئۆزىنىڭ بۇخارادا ئۆگەنگەن ئىلمىي كىمياسى بويىچە، دانىسى بىر كۈن ئوزۇق بولىدىغان بوغۇرساقتىن ئۆزىگە ھەم ئەبۇلھارىسقا ئۈچيۈز ئاتمىش ئالتە تالدىن تەييارلاپ خالتىغا قاچىلاپتۇ. يەنە شۇنچىلىك شام تەييارلاپ، دەرۋازا ئېچىلىشىنى كۈتۈپتۇ.
        باھار ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئىبنى سىنالار سەيلە قىلىپ يۈرگەندە، جاكارچىنىڭ: «ئاڭلىمىدىم دېمە خالايىق، كوھى داۋۇت غارى ئېچىلدى. ئىلىم تەھسىل قىلىشنى خالىغۇچىلار غاپىل بولماي يۈگۈرۈڭلار» دېگەن جاكارسىنى ئاڭلاپ، نەرسە – كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك غارغا كىرىپ كېتىپتۇ. نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر كىرىپ تاش جوزا ۋە ئويۇقلاردىكى كىتابلارنى ئاندا – مۇندا كۆرۈپ تۇرغاندا، كەچ كىرىپ قېلىپ دەرۋازا يېپىلىش بەلگىسى ئاڭلىنىپتۇ، كىشىلەر سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈشۈپتۇ، لېكىن ئىبنى سىنا بىلەن ئەبۇلھارىس ئىككى بۇلۇڭغا مۆكۈۋېلىپ شۈك تۇرغانىكەن، دەرۋازا غارقىراپ يېپىلىپتۇ. غارنىڭ ئىچىدە بۇلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىغاندىن كېيىن، ئىككىسى ئىككى جايدا تاش جوزا يېنىغا ئورۇنلىشىپ، بىر – بىرى بىلەن گەپمۇ قىلىشماي كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپتۇ.
        شۇ يوسۇندا بىر يىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، دەرۋازا يەنە غارقىراپ ئېچىلىپتۇ، ئۇلار ئىككىسى سىرتقا بىللە چىقىپ، بىللە ئۆز يۇرتىغا يول ئاپتۇ. بۇلار شەھەر سىرتىدىكى بىر قۇمۇشلۇق چىغىر يولدا كېتىپ بارغاندا، سەككىز ئاتلىق ئەسكەر كېلىپ، بۇلارنى تۇتۇپ باغلىۋاپتۇ. بۇ ئاتلىقلار ئەسلىدە زىنداندىن قاچقان ئىككى گۇناھكارنى ئىزلەپ يۈرگەنىكەن. ئۇلار چاچلىرى ئۆسكەن، يۈزلىرى سارغايغان ئىبنى سىنالارنى زىنداندىن قاچقان گۇناھكارلار مۇشۇلار بولسا كېرەك دەپ تۇتۇپ ئالغانىكەن.
        ئۇلار تۇتقۇن بولۇپ ھەيدىلىپ كېتىۋاتقاندا، ئىبنى سىنا قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئويلاپ، ئەبۇلھارىسنىڭ قۇلىقىغا:
        _ ئۇكام بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇشقا چارەڭ بارمۇ؟ ئىلمىي سىميادىن قانچىلىك ئۆگەندىڭ، ئەگەر ئۇنى ئىشقا سېلىپ قۇتۇلغىدەك ھۈنىرىڭ بولمىسا، ئاۋۋال مەن ساڭا ياردەم بېرەي، _ دەپتۇ.
         _ سەن خاتىرجەم بولۇپ ئۆزۈڭنىڭ قۇتۇلۇش چارىسىنى ئويلا. مەن ئاۋۇ كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۆزۈمنىڭ ئۆزلەشتۈرگەن ھېكمىتىمنىڭ بىرىنچىسىنى كۆرسىتىمەن، _ دەپ ھېجىيىپتۇ ئەبۇلھارىس.
        دېگەندەك، بۇلار ھەيدىلىپ چوڭ بىر ئۆستەڭ كۆۋرۈكى ئۈستىگە كەلگەن ھامان، ئەبۇلھارىس ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ. سەككىز لەشكەر ئۇنى ئىزلەپ ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. ئۇ چۈشكەن يېرىدىلا سۇغا باش چۆكۈرۈپ غايىب بولغانىكەن.»
        _ ھەببەللى، ئەبۇلھارىس يارايدۇ، _ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندەك، ساتىراش قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى. مەن تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ تىنىۋالغانىدىم، ساتىراش ئۇستا يەنە، _ ھە، ئەمدى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا قانداق قۇتۇلدىكىن؟ _ دېدى تاقەتسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ. بۇ گەپ بىلەن يەنە كىتابنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم:
         «ئىبنى سىنا قۇملۇق بىر يولغا كەلگەندە، قولى باغلاقلىق ھالدا يەرگە ئېڭىشىپ بىر چىمدىم قۇمنى ئېلىپ، ئاغزىنى مىدىرلىتىپ چاچقانىكەن، قۇملۇقتا بوران چىقىپ پۈتۈن جاھان قاراڭغۇلىشىپ، سەككىز ئاتلىق سەككىز تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئىبنى سىنا بولسا، تۇمان ئىچىدە غايىب بوپتۇ...»
        _ مانا، مانا، ھەببەللى، ياشاپ كەت! بۇنىڭ ھېكمىتى ئۇنىڭدىن قالتىس ئىكەن – دە، _ دېدى ساتىراش يەنە ئىشتىن توختاپ.
    بۇ، ئىبنى سىنا توغرىسىدىكى ئەپسانىنىڭ كىرىش قىسمى ئىدى.
    مەن ساتىراشخانىدا ئوقۇغانلىرىمنى كەچلەردە موزدۇزخانىدىمۇ سۆزلەپ بېرەتتىم.     1933 – يىلقى ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىنلا گېزىت، ژۇرنال، قىرائەتخانىلارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. شۇنىڭغىچە بولسا، ساتىراشخانا ۋە موزدۇزخانىلاردا ھەر خىل جەڭنامە ۋە چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ، ئېيتىپ يۈرەتتۇق.
     

    زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.