بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) تامام

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-10 19:54:00

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) خەبىبرا مېنىڭ شۇنچىلىك كەسكىن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، تېخىمۇ كۈچەپ، پۈتۈن قەھرى – غەزىپى بىلەن تۇتۇنغىلى تۇردى. بىزنىڭ كۈرىشىمىز ئانچە ئۇزاق داۋام قىل...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    خەبىبرا مېنىڭ شۇنچىلىك كەسكىن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، تېخىمۇ كۈچەپ، پۈتۈن قەھرى – غەزىپى بىلەن تۇتۇنغىلى تۇردى. بىزنىڭ كۈرىشىمىز ئانچە ئۇزاق داۋام قىلمىدى، لېكىن بۇ كۈرەش مەنزىرىسىنى سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ئاخىر مەن ئۆزەمنىڭ ھالسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى سېزىشكا باشلىدىم، قوللىرىم دەرمانسىزلىنىپ تىترەشكە باشلىدى، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ، قانداقتۇ بىر ئىمىر – چىمىر نەرسىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى، «قارس – قۇرس» قىلغان ئاۋاز قۇلىقىمغا كىردى! بۇ يىلتىزنىڭ ئاۋازى ئىدى، چاكار بارلىق كۈچى بىلەن سىلكىپ، تارتىپ تۇرغان يىلتىز سۇنۇپ، ئۈزۈلۈپ كېتىشكە ئاز قالغان ئىدى. چوڭقۇر جەھەننەم ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، بۇ كۈرەشتە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ھارغىنلىق ۋە چارچاشنى يېڭىپ، بارلىق كۈچۈمنى توپلاپ، پۈتۈن ئاۋازىم بىلەن «بيۇگ – ژارگال!» دەپ يەنە ۋارقىرىدىم. جاۋاپ ئورنىغا ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى... مەن راسكنى ئاۋازىدىن تونۇدۇم ۋە بۇرۇلۇم قارىدىم. بيۇگ – ژارگال ئىت بىلەن بىللە يۇقۇرۇدىكى يوچۇق ئەتراپىدا تۇراتتى، ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىدىمۇ ياكى مېنى قۇتقۇزۇش قايغۇسى يەنە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلدىمۇ، بۇنى بىلمىدىم، ئۇ مېنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى:

    -چىڭ تۇر!

    خەبىبرا مېنىڭ يەنە قۇتۇلۇپ كېتىشىم مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئاغزىدىن كۆپۈك قايناتقان ھالدا:

    -چۈشە، چۈشە بۇ ياققا! – دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ غەيرىي ئىنسانىي كۈچ بىلەن ئاخىرقى قېتىم مېنى تۆۋەنگە تارتتى. دەرمانسىزلانغان قولۇم دەرەختىن ئاجراپ كەتتى، ئەمدى ئىش تامام بولغان ئىدى! ئەمما دەل شۇ پەيتتە كىمدۇ بىرى مېنى كەينىمدىن تۇتۇۋالدى، بۇ، راسك ئىكەن! بۇ ئىت ئۆز خوجايىنىنىڭ ئىشارىتى بىلەن يۇقۇرىدىكى يوچۇقتىن توپ – توغرا مەن تۇرغان يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ، چاپىنىمنىڭ پېشىدىن مەھكەم چىشلەپ تارتىپ، مېنى ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى. بۇ كۈتۈلمىگەن ياردەم مېنى ھالاكەتتىن قۇتقازدى. خەبىبرانىڭ ئاخىرقى غەزەپلىك ئۇرۇنۇشى بىكارغا كەتتى، ئۇ ھالسىزلانغان ئىدى، مەن پۈتۈن كۈچۈمنى توپلاپ غەيرەتكە كەلدىم – دە، چىڭ تۇرۇۋالدىم. ئۇنىڭ كۆيۈشكەن بارماقلىرى بەرداشلىق بېرەلمەستىن، يىلتىزدىن ئاجراپ كەتتى – دە، سالماق بىلەن قاراسلاپ سۇنغان يىلتىز بىچارە چاكارنى جەھەننەمگە ئېلىپ كەتتى. ئۇ، چۈشۈپ كېتىۋېتىپ مېنى بىر نىمىلەرنى دەپ قاغىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالمىدىم، بۇ چاغدا راسك مېنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىپ بولغان ئىدى. خەبىبرانىڭ ئاۋازى يەتتە قات جەھەننەمدەك چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە شاقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، بىراقلا تىندى، ئۇ سۇغا غەرق بولۇپ ئۇجۇقتى، تاغامنىڭ چاكىرى ئۆز ھاياتىنى ئەنە شۇنداق تاماملىدى.

    55

    ئۆڭكۈردىكى بۇ ئاجايىپ دەھشەتلىك ھادىسە، غەزەپلىك كۈرەش ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى مېنى پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتكۈزگەن ئىدى. مەن دەرمانسىزلىقتىن ئېسىمنى يوقىتىپ، ئۆزەمنى يەرگە تاشلاپ ياتتىم. بيۇگ – ژارگالنىڭ ئاۋازى مېنى سەگەكلەشتۈردى.

    -ئۇكا! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، - بۇ يەردىن تېزرەك چىقىپ كەت! يېرىم سائەتتىن كېيىن كۈن ئولتۇرىدۇ. مەن سېنى دالىدا كۈتىمەن، راسكا ئەگىشىپ مېڭىۋەر.

    ئۇنىڭ بۇ دوستانە خىتابى ماڭا ئىشەنچ، كۈچ ۋە تىمەنلىك بېغىشلىدى. مەن ئورنۇمدىن قوپتۇم، راسك بىردەمدىلا يەر ئاستى كارىدورغا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. قاراڭغۇدا ئۇنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ماڭا تەرەپنى كۆرسىتىپ بەردى. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئالدىمىزدا يورۇقلۇق كۆرۈندى، بىر ئازدىن كېيىن بىز غارنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ كەلدۇق. پەقەت شۇ يەردىلا مەن ئەركىن نەپەس ئالدىم. بۇ زۇلمەت، زەي يەر ئاستى ئۆڭكۈرىدىن چىقىپ بولغىنىمدا، خەبىبرانىڭ «بۇ يەردىن پەقەت ئىككىمىزنىڭ بىرىلا ئامان چىقالايمىز» دىگەن سۆزى ئېسىمگە چۈشتى. ئۇنىڭ كارامىتى ئەمەلدە كۆرۈندى، لېكىن ئۇ ئارزۇ قىلغاندەك بولمىدى.

    56

    تۈزلەڭگە چۈشكەندىن كېيىن، مەن بيۇگ – ژارگالنى كۆرۈپ، ئۈن – تىنسىز ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزەمنى ئاتتىم، قەلىبىمدە مىڭلىغان سۇئاللار قايناپ – تاشماقتا ئىدى، لېكىن ھاياجانلىنىپ ھېچنەرسە دىيەلمىدىم.

    -قۇلاق سال، - دىدى ماڭا بيۇگ – ژارگال، سېنىڭ ئايالىڭ، يەنى مېنىڭ سىڭلىم ئامان – ئېسەن. مەن ئۇنى ئاقلار لاگىرىغا ئاپىرىپ كۈزەتچى قىسىمنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇ كىشى سېنىڭ قېرىندىشىڭ ئىكەن. مەن ئۈچۈن گۆرۆگە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئون نەپەر يولدىشىمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن مەن ئەسىرلىك ئورنۇمغا قايتماقچى ئىدىم. سېنىڭ ھېلىقى قېرىندىشىڭ تېزدىن بېرىپ سېنى قۇتقۇزۇپ كېلىشىمنى تاپشۇردى، ئەگەر بىئاسۇ سېنى ئۆلتۈرسە ۋە ئۆلگەنلىكىڭنى ئاقلارغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بەلگە قىلىنغان قارا بايراقنى ئېگىز چوققىغا قادىسا، ئۇ ھالدا، ئون نەپەر نېگىرنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن بۇ ياققا چاپتىم، راسك ماڭا يول كۆرسەتتى. مانا، خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن مەن ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ كەپتىمەن! ئەمدى سەنمۇ ھايات قالىسەن، مەنمۇ ھايات قالىمەن.

    ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق دىدى:

    -ئەمدى رازى بولدۇڭمۇ، ئۇكا؟

    مەن ئۇنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلىدىم ۋە بۇندىن كېيىن مېنى زادىلا تاشلىۋەتمەسلىكىنى ۋە ئاقلار ئارىسىدا قېلىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدىم. مۇستەملىكە ئارمىيىسى تەركىبىدە ھەربىي مەنسەپ ئېلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى جىددىي رەت قىلدى.

    -ئۇكا، مەن سېنى قارا تەنلىكلەر سېپىدە قالغىن، دەپ دەۋەت قىلغانمىدىم؟ - دىدى ئۇ.

    مەن بۇ سۆزنىڭ ھەققانىي ئېيتىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈندىمىدىم.

    -يۈر، رەپىقەڭنىڭ ئالدىغا تېزرەك بارايلى، - دىدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن، - سەن ئۇنى خاتىرجەم قىلىشىڭ كېرەك!

    مەنمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مارىنىڭ ئالدىغا تېزرەك بېرىشقا تەقەززا ئىدىم. بۇ بەخت بىلەن مەن مەس ئىدىم. بىز يولغا راۋان بولدۇق. بيۇگ – ژارگال يولنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئالدىمدا ماڭدى. راسك كەينىمىزدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى....

    سۆز شۇ يەرگە كەلگەندە، دې ئوۋېرنە جىم بولۇپ قالدى – دە، ئەتراپىدىكىلەرگە غەمكىن نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ ماڭلىيىدىن مۇنچاقتەك تەر ئېقىپ چۈشتى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالدى. راسك بولسا گويا بىئارام بولۇپ ئۇنىڭغا مۆلدۈرۈپ قاراپ تۇراتتى.

    -ئاھ، راسك! ئاشۇ ۋاقىتتىمۇ سەن ماڭا خۇددى مۇشۇنداق تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان ئىدىڭ!... – دىدى كاپىتان تىترەك ئاۋاز بىلەن.

    قاتتىق ھاياجان ئىچىدە كاپىتان ئورنىدىن تۇرۇپ چېدىردىن چىقىپ كەتتى، سېرژانت بىلەن ئىتمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى.

    57

    -بەسلىشىمەنكى، ئەمدى بىز بولىدىغان پاجىئەلىك ھادىسىنى بىلىمىز! – دىدى ئانرى خىتاپ قىلىپ، - ئەگەر بيۇگ – ژارگال بىرەر پالاكەتكە ئۇچراپ قالىدىغان بولسا، ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. ئاجايىپ ئالىيجاناپ يىگىت ئىكەن ئۇ!

    پاسكال قولىدىكى چايدىنىنى يەرگە قويۇپ دىدى:

    -ئۇ نىگېر ھاراق ئىچكەن ھېلىقى رومكىنى يەنى كوكس ياڭىقى شاكىلىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن مەن ئونلىغان بوتۇلكا ئالىي ھاراقنى تىككەن بولاتتىم!

    قولىدىكى گىتارنى ھەۋەس بىلەن ئوينىغاچ چوڭقۇر خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ئالفرېد گىتتار سىملىرىنى چېكىشنى توختىتىپ، لېيتېنانت ئانرىددىن مېدال پۆپۈكلىرىنى تۈزىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى.

    -بۇ نېگىر مەندە ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، - دىدى ئۇ، - قىزىق، ئۇ «گۈزەل پادىليە» دىگەن گۈزەل ئىسپانىيە كۈيىنى بىلەتتىمىكىن، بۇنى ئوۋېرنەدىن سوراشقا پېتىنالمىدىم.

    -ئەمما، مەن بىئاسۇغا ھەممىدىنمۇ بەكرەك قىزىقتىم، - دىدى پاسكال، - ئۇنىڭ ئىچكەن پىچەتلىك ۋىنولىرى، ئېھتىمال، ئەرزىمەس ھاراقلاردۇر، لېكىن ئۇنىڭ فرانسۇزلارنى ياخشى بىلىشى ئاجايىپ ئىكەن! ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ئەسىر چۈشكەن بولسا بۇرۇتۇمنى تولغان يۈرۈۋەرگەن بولاتتىم. ئۇ بىردىنلا ماڭا نۇرغۇن سومما مۇكاپات بەرگەن بولاتتى! گوئا شەھىرىدە بىر پورتۇگالىيىلىك كاپىتان ئاشۇنداق قىلغان ئىكەن، شۇنى ئېيتىمەنكى، ماڭا ھەق تۆلەۋاتقانلار بىئاسۇغا قارىغاندا تازىمۇ خەسسىس – تە!

    -جايىدا گەپ قىلدىڭىز، كاپىتان. مانا، مەن سىزگە تۆلەيدىغان تۆت سومنى ئېلىڭ! – دىدى ئانرى پۇلنى تەڭلەپ.

    پاسكال ئۆز بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ ئىنساپلىق قەرزدارغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى.

    -خوش، جاناپلار، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئانرى، - دې ئوۋېرنە سۆزلەپ بەرگەن بۇ ھېكايىگە سىلەر قانداق قارايسىلەر؟

    -ئوچۇقىنى ئېيتسام، مەن بۇ ھېكايىگە ئانچىمۇ زەڭ قويمىدىم، - دىدى ئالفرېد، - مەن بۇ خىيالچان ئوۋېرنە تازىمۇ قىزىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، دەپ كۈتكەن ئىدىم. ھەقىقەتەنمىغۇ شۇنداق بولدى، ئۇنىڭ ھېكايىسى شېئىر بىلەن، ياق، نەسىر بىلەن يېزىلغان مۇھەببەت داستانى ئىكەن! بىراق مەن نەسرى داستانلارنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى، ئۇنى ئاھاڭغا سالغىلى بولمايدۇ. قىسقىسى، بيۇگ – ژارگال ھەققىدىكى بۇ تارىخ مېنى زېرىكتۈردى. ئۇ تولىمۇ ئۇزۇن ئىكەن.

    -توغرا ئېيتتىڭىز، - دىدى ئاديۇتانت پاسكال ئالفرېدنى ياقلاپ، - بۇ ھىكايە بەكمۇ ئۇزۇن ئىكەن، ئەگەر چىلىم بىلەن چايدىنىم بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كېچە مەن ئۈچۈن تولىمۇ زېرىكىشلىك بولغان بولاتتى. سىلەر سەزدىڭلارمۇ؟ بۇ ھېكايىدە بىمەنە گەپلەر جىق، مەسىلەن ئالايلى، ھېلىقى باخشى، ئۇنىڭ ئىسمى نىمىدا؟ كابى براتمىدا؟ ياق، كابىبرا.... دۈشمىنىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئۆلۈشكە رازى بولغانمىش!...

    -ھەئە، ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلۈشكە، دەڭا، شۇنداقمۇ، كاپىتان پاسكال؟ - دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى ئانرى كۈلۈپ، - لېكىن ئوۋېرنە ھېكايە سۆزلەۋېتىپ بيۇگ – ژارگالنىڭ نامىنى ئاتىغاندا، توكۇر ئىتنىڭ بېشىنى كۆتىرىپ قاراشلىرى مېنى ھەممىدىنمۇ بەك قىزىقتۇردى.

    -ئىستىقامەتتە ئولتۇرغان بۈۋىم ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسا بېشىنى تۆۋەنگە ئېگىدۇ. ئەمما بۇ ئىت ئەكسىچە، بيۇگ – ژارگالنىڭ نامىنى ئاڭلىسا بېشىنى كۆتىرىدىكەن، - دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى پاسكال، - چېركاۋدا مەن تولا كۆرگەن: ئىبادەتخانىلاردا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ نامىنى ئاتىغاندا، ھەممىسى بېشىنى ئېگىدۇ.

    شۇ پەيتتە ئوفىتسېرلار پوستا تۇرغان جەڭچىنىڭ مىلتىقىنى شاراقلاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشتى. دىمەك، ئوۋېرنە كىرىۋاتاتتى، ھەممىسى جىم بولۇشتى، دې ئوۋېرنە قولىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرۈپ، چېدىر ئىچىدە بىردەم مېڭىپ يۈردى. قېرى جەڭچى تادې ئۆزىنى ھاياجېنىنى كاپىتاندىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر بۇلۇڭدا راسكنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ، يەر تېگىدىن كاپىتانغا قاراپ قويدى.

    ئاخىرى، دې ئوۋېرنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    58

    شۇنداق قىلىپ، راسىك كەينىمىزدىن يۇگۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. كۇن پېىتىشقا باشلىدى. كۇننىڭ  ئاخىرقى نۇرى دالىنى قاپلاپ تۇرغان ئەڭ ئىگىز تاغ چوققىلىرىدىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىردىن ئېگىز چوققىدا قانداقتۇ بىر نەرسە پىلدىرلاپ كۆرۈنگەندەك بولدى – دە، كېيىن يوقاپ كەتتى. بيۇگ – ژارگالنى تىترەك باستى.

    -ئاڭلىدىڭمۇ؟ - دىدى ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ.

    پۈتۈن دالىنى ياڭرىتىپ خۇددى زەمبىرەكتەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇنىڭ ئەكس ساداسى تىنىشى بىلەن تەڭ بيۇگ – ژارگال غەمكىن بولۇپ قالدى:

    -بۇ – سىگنال، ئۇلار زەمبىرەكتىن ئوق ئۈزدى، ئەتىمالىم!

    مەن ئۈندىمەي بېشىمنى قىمىرلاتتىم.

    بيۇگ – ژارگال ئىككى سەكرەپلا ئىگىز چوققىغا چىقتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇ قولىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدى – دە، مېيقىدا مەيۈس كۈلۈپ قويدى.

    -كۆرۈۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ.

    مەن ئۇ قاراۋاتقان تەرەپكە كۆز تىكتىم ۋە بۈگۈن ماڭا كۆرسىتىپ قويغان ھېلىقى ئېگىز چوققىنى كۆردۈم. پېتىۋاتقان كۈننىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرى چوققىنى خىرە يورۇتۇپ تۇراتتى، چوققىدا لەپىلدەپ تۇرغان چوڭ قارا بايراقنى كۆردۈم.

    دې ئوۋېرنە جىم بولۇپ قالدى.

    -كېيىن بىلىشىمچە، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن، - بىئاسۇ كۆچۈشكە ئالدىرىغانلىقتىن ۋە مېنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلدى، دەپ ھېسابلىغانلىقتىن، قەتىل قىلغۇچى ئەترەتنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەيلا چوققىغا قارا بايراقنى قاداشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىكەن.

    بيۇگ – ژارگال قولىنى گىرەلەشتۈرگەن پېتى قىمىرلىماي ئورنىدا تۇرۇپ، بۇ لەنىتى قارا بايراققا كۆز تىكتى – دە، ئاندىن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىپ، خۇددى ھولۇققاندەك تۆۋەنگە قاراپ چوڭ – چوڭ قەدەم تاشلىدى.

    -ئاھ، خۇدا، مېنىڭ بەختسىز يولداشلىرىم قۇربان بولىدىغان بولدى! – دەپ ئالدىمغا كەلدى ۋە سورىدى، - زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟

    مەن جاۋاپ بەرمىدىم.

    بۇ – ئىشارەت! ئۇكا، ئەمدى ئۇلارنى ئېتىشقا ئېلىپ چىقىدۇ... – دىدى ۋە بېشىنى تۆۋەن ئېگىپ، ماڭا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ دىدى، - ئايالىڭنىڭ ئالدىغا بارغىن، ئۇكا! راسك ساڭا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    ئۇ قانداقتۇ بىر ئافرىقا مۇھەببەت ناخشىسىنى غىڭشىپ ئېيتتى. ئىت بولسا، يولغا چىقىشقا ئالدىرىغاندەك قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇراتتى.

    بيۇگ – ژارگال مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ، كۈلۈمسىرەشكە ئۇرۇندى، بىراق ئۇنىڭ لەۋلىرى تىترەيتتى. ئاندىن «خەير!» دەپ مەن بىلەن خوشلاشتى – دە، ئەتراپىمىزدىكى قويۇق ئورمانلىققا كىرىپ غايىپ بولدى.

    مەن گاراڭ ھالەتتە ئىدىم، نىمە بولغانلىقىنى زادىلا بىلەلمەي قالدىم. ھە دىگەندە يۈرۈگۈم بىرەر پالاكەتنى سەزگەندەك ئەنسىز تېپىشكە باشلىدى.

    خوجايىنىنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن راسك قىيا چوققا گىرۋىكىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ، بېشىنى كۆتىرىپ غىڭشىپ قويدى – دە، ئاندىن مېنىڭ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ قۇيرۇقىنى شىپاڭلاتقان ھالدا كۆزۈمگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ كۆزى پەرىشان چاقناپ تۇراتتى. بىردەم شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن، بيۇگ – ژارگال تۇرغان يەرگە بېرىپ قاتتىق قاۋاشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندىم. ھەر ئىككىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قايغۇ ئوخشاش ئىدى. مەن راسكنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ دەرھال بيۇگ – ژارگالنىڭ ئىزىدىن ئوقتەك يۈگۈردى. ئەگەر ئۇ پات – پات توختاپ مېنى كۈتمىگەندە ئىدى، قانچە تېز يۈگۈرسەممۇ، بەرىبىر ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي، يولدىن ئادىشىپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى. شۇ يوسۇندا بىر نەچچە جىلغىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىر نەچچە بەل – داۋاندىن ئاشتۇق. ئاخىرى....»

    سۆز شۇ يەرگە كەلگەندە، كاپىتاننىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى، ئۇنىڭ چىرايىدا چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەت ئەكس ئەتتى:

    «ئاخىرىنى سەن سۆزلە، تادې» دىدى ئۇ ئارانلا ئۈن چىقىرىپ، - دەرمانىم قۇرىدى، سۆزلەشكە ماجالىم قالمىدى.

    قېرى سېرژانت كاپىتاندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ سۆز باشلىدى:

    «رۇخسىتىڭىز بويىچە سۆزلەي، جانابىي كاپىتان... شۇنداق قىلىپ، مەن سىلەرگە داۋامىنى سۆزلەپ بېرىمەن، جانابىي ئوفىتسېرلار، شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، بىز پيېرو دەپ ئاتىغان ئاشۇ بيۇگ – ژارگال ئاجايىپ ئالىيجاناپ، ئاقكۆڭۈل، كۈچلۈك ۋە مەرد يىگىت ئىدى، يەر يۈزىدە ئەڭ ياخشى باتۇر ئىدى. ئەپسۇسكى، سىزدىن كېيىن، جانابىي كاپىتان. مەن ئۇنىڭغا ئۇنتۇلغۇسىز يامانلىق قىلدىم. گەرچە سىز مېنىڭ بۇ قىلمىشىمنى ئەپۇ قىلغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما مەن ئۆزەمنىڭ بۇ گۇناھىنى ھېچقاچان ئەپۇ قىلمايمەن! خەير، سۆزنىڭ ئۆزىگە كېلەي، مەن سىزنىڭ ئەتىسى كەچقۇرۇنلۇقى قەتلى قىلىنىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭالىغاندىن كېيىن، ئۇ بىچارە نېگىرغا تازىمۇ غەزەپلەندىم، ئۇنى شۇنچىلىك قوپال دۈشكەنلىدىمكى، بۇنى ھازىر سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن. قىسقىسى، مەن ئۇنىڭغا ئەگەر سىز قەتلى قىلىنسىڭىز، دەرھال ئۇنىڭمۇ جەھەننەمگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر قېچىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئون نەپەر نىگېرنىڭ ئېتىلىدىغانلىقىنى قەھرى – غەزەپ بىلەن ئۇقتۇردۇم. بۇ گەپلەردىن ئۇ ئانچىمۇ چۆچۈپ كەتمىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، بۇ سۆز ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، بىر سائەتتىن كېيىن قېچىپ كەتتى...

    دې ئوۋېرنە تاقەتسىزلىنىپ قىمىرلىماي قويدى.

    تادې سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -خەير، بۇ گەپلەر تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز ئىگىز تاغ چوققىسىدا چوڭ قارا بايراقنى كۆرگەندە، نېگىرنى قايتىپ كېلىدۇ، دەپ ھېچ ئويلىمىغان ئىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنمەستىن زەمبىرەكتىن ئوق ئۈزۈپ سىگنال بەردۇق، سىگنالدىن كېيىن ئون نەپەر نېگىرنى ئېتىش ئورنىغا ئېلىپ چىقىش ھەققىدە ماڭا بۇيرۇق بېرىلدى. ئېتىش ئورنى «شەيتان غار» دەپ ئاتىلىدىغان چوققىدا بولۇپ، لاگىردىن خېلى يىراق ئىدى. بۇ ئارىلىقنى ھېسابلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، جانابىي ئوفىتسېرلار! بىز بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەرگە كېلىشتىن مەقسەت، تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىش ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە! شۇڭا مەن ئۇلارنى باغلاپ، قاتار تۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدۇم ۋە ئەسكەرلەرنى چاپراس تۇرغۇزدۇم. شۇ چاغدا بىردىنلا ئورمانلىقتىن ئېگىز نېگىرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدۇق. مەن لاسسىدە بوشاپ كەتتىم. نېگىر يۈگۈرگەن پېتى مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى – دە، ھاسىراپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -خۇداغا شۈكرى، مەن كېچىكمەپتىمەن، سالام، تادې!

    ئۇ شۇنداق دەپلا يولداشلىرىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى يېشىشكە كىرىشتى، مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. جانابىي كاپىتان، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېھرىبانلارچە تالاش – تارتىش بولۇۋاتاتتى، بۇ تالاش – تارتىش ئۇزاققا سوزۇلغان بولسىچۇ، كاشكى!.. ئامال يوق، ئۇنى مەن نابۇت قىلدىم، ھەممىگە مەن ئەيىپلىك! ئاخىرى، پيېرو ئۇ نېگىرلارنىڭ ئورنىغا كېلىپ تۇردى... خۇددى شۇ پەيتتە ئۇنىڭ ئىتى بىچارە راسك ئورماندىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ توپ – توغرا مېنىڭ كېكىرتىگىمگە ئېسىلدى، ئىسست، يەنە بىردەم ماڭا ئېسىلىپ تۇرغان بولسىچۇ! شۇ چاغدا پيېرو ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىۋىدى، ئىت مېنى قويۇۋېتىپ، ئۆز خوجايىنىنىڭ ئايىغىغا كېلىپ ياتتى. بيۇگ – ژارگال قانچە قىلسىمۇ ئۇنى ھەيدىۋېتەلمىدى... شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەھۋال يۈز بەردى. جانابىي كاپىتان، مەن سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتى، دەپ ئويلىغان ئىدىم.... غەزەپتىن ئۆزەمنى تۇتالماي، ئېتىڭلار! – دەپ بويرۇق بېرىپ سالدىم....

    سېرژانت تادې قولىنى كۆتىرىپ كاپىتانغا قارىدى – دە، تەقدىرگە پۈتۈلگەن قازا ھەققىدە ئوچۇق سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

    -بيۇگ – ژارگال يىقىلدى. بىر ئوق كىلىپ ئىتنىڭ پۇتىغا تەگدى... ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، جانابىي ئوفىتسېرلار، ئىت توكۇر بولۇپ قالدى، - دىدى سېرژانت ئېچىنغان ھالدا بېشىنى چايقاپ، - تۇيۇقسىز، يېنىمىزدىكى ئورمانلىقتىن ئادەمنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بېرىپ قارىسام، سىز ئىكەنسىز، جانابىي كاپىتان، سىز ئۇ ئالىيجاناپ نېگىرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىڭىزدا، بىز ئاتقان ئوق سىزگە تېگىپ يارىلانغان ئىكەنسىز. سىز ئاغرىق ئازابىدىن ئەمەس، بەلكى قايغۇ – ئەلەم ئازابىدىن ئىڭراۋاتاتتىڭىز، جانابىي كاپىتان! بيۇگ – ژارگال ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدى!

    بىز سىزنى لاگىرغا ئېلىپ كەلدۇق. سىزنىڭ يارىڭىز بيۇگ – ژارگالنىڭكىدەك خەتەرلىك ئەمەس ئىدى، مارى خېنىم قاراپ سىزنى ساقايتتى»

    سېرژانت جىم بولدى.

    «بيۇگ – ژارگال ئۆلگەن ئىدى، - دەپ  تەكرارلىدى دې ئوۋېرنە چوڭقۇر ھەسرەت ۋە تەنتەنە بىلەن»

    «لېكىن، ئۇ مېنىڭ قېنىمدىن كەچكەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، مەن... مەن ئۇنى ئۆلتۈردۈم! – دىدى تادې بېشىنى تۆۋەن ئېگىپ»

    1826 – يىل

     

    خاتىمە

    كۆپلىگەن كىتاپخانلار روماندا ئۆزلىرىنى قىزىقتۇرغان شەخسلەرنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى قەتئىي تەلەپ قىلغانلىقتىن، بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردۇق، سۈرۈشتۇردۇق، ئاخىرى كاپىتان دې ئوۋېرنە، ئۇنىڭ سېرژانتى ۋە ئۇنىڭ ئىتىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ھەققىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلىدۇق. كاپىتاننىڭ غەمكىن بولۇپ يۈرۈشىدە ئىككى سەۋەپ بارلىقى، ئېھتىمال، كىتاپخاننىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ئۇنىڭ بىرى – بيۇگ – ژارگالنىڭ، يەنى پيېرونىڭ ئۆلۈمى بولسا، يەنە بىرى – ياخشى كۆرگەن مەھبۇبى مارىدىن جۇدا بولۇشى ئىدى. مەلۇمكى، مارى كاپتىكى بىرىنچى قېتىملىق يانغىن مەزگىلىدە پيېرو تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى.

    كاپىتاننىڭ ئاخىرقى تەقدىرى قانداق بولدى، بۇ ھەقتە بىزنىڭ بىلگىنىمىز تۆۋەندىكىچە:

    باش قومانداق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دېۋىزىيە گېنېرالى M فرانسىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى ياۋورپا بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان چوڭ جەڭ تاماملانغان كۈننىڭ ئەتىسى ئۆز چېدىرىدا ئولتۇرۇپ، شىتاپ باشلىقىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى كۈندىكى جەڭدە غەلىبە قازىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىي كېڭەشتە يوللىنىدىغان دوكلاتنى تەييارلاۋېتىپتىكەن. ئاديۇتانت كىرىپ، خەلق ۋەكىلى كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى گېنېرالغا خەۋەر قىلىپتۇ.

    گورو تەرىپىدىن ئارمىيە تەركىبىنى تەكشۈرۈش ۋە بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ھەربىي قوشۇنغا ئەۋەتىلگەن بۇ قىزىل قالپاقلىق ئەلچىلەرنى گېنېرال زادىلا ياقتۇرمايدىكەن. سەۋەبى ئۇلار جاللاتلارنىڭ ئايغاقچىلىرى بولۇپ، ئىشپىيونلۇق قىلىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرەپ ھېسابلايدىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلماسلىق، بولۇپمۇ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن قوبۇل قىلماسلىق خەتەرلىك ئىكەن. چۈنكى، ئۇ زاماننىڭ قانخور يوسۇنى قۇربانلىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈش بىلەن داڭ چىقارغان ئىكەن.... شۇنداق قىلىپ، گېنېرال ئۇ ۋەكىلنى باشلاپ كىرىشنى بويرۇپتۇ.

    جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن قازىنىلغان غەلىبىنى تەبرىكلەپ بىر نەچچە ئېغىز قىسقا، تومتاق سۆز قىلغاندىن كېيىن ۋەكىل گېنېرالنىڭ قېشىغا كېلىپتۇ – دە، پەس ئاۋاز بىلەن شۇنداق دەپتۇ:

    -بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ھۆرمەتلىك گېنېرال، تاشقى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئىچكى دۈشمەنلەرنىمۇ يوقىتىش كېرەك.

    -سىز نىمە دىمەكچى، ھۆرمەتلىك ۋەكىل؟ - دەپ سوراپتۇ گېنېرال ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ.

    -سىزنىڭ ئارمىيىڭىز ئىچىدە لېوپولددې ئوۋېرنە ئىسىملىك قانداقتۇ بىر كاپىتان بار ئىكەن، - دەپتۇ كېڭەش ۋەكىلى مەنىلىك ھالدا، - ئۇ ئوتتۇز ئىككىنچى دالا بېرىگادىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن. بۇنى بىلەمسىز، گېنېرال؟

    -بىلمەيچۇ، بىلىمەن، ئەلۋەتتە، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ گېنېرال، - ئوتتۇز ئىككىنچى دالا بېرىگادىسى كوماندىرىنىڭ ئەۋەتكەن دوكلاتىنى مەن يېڭىلا ئوقۇپ چىقتىم. دوكلاتتا ئوۋېرنە توغرىلىق يېزىلغان. ئۇ ئاجايىپ ياخشى كاپىتان!

    -نىمە دەۋاتىسىز، ھۆرمەتلىك گېنېرال! – دەپتۇ ۋەكىل تەكەببۇرلۇق بىلەن، - ئۇنىڭ خىزمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ قويمىغانسىز‹

    -سىز ئېيتقاندەك قىلماقچىمۇ ئىدىم، ھۆرمەتلىك ۋەكىل، ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نىيتىممۇ بار ئىدى....

    ۋەكىل ھۆكۈمرانلارچە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ شۇنداق دەپتۇ:

    -غەلىبە سىزنى گاڭگىرىتىپ قويۇپتۇ، گېنېرال! سۆز – ھەرىكىتىڭىزدە ئېھتىياتلىقراق بولۇشىڭىز كېرەك! ئەگەر يىلاننى – بۇ خەلق دۈشمىنىنى قوينىڭىزدا ساقلىسىڭىز، خەلق سىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنچىپ تاشلايدۇ، پەخەس بولۇڭ! لېوپولددې ئوۋېرنە دىگەن بۇ ئادەم – ئاقسۆڭەك، ئەكسىلئىنقىلابچى، پادىشاھ تەرەپدارى ۋە ئىككى يۈزلىمىچى، خەلق سوتى ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، سىز دەرھال ئۇنى ماڭا تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك!

    گېنېرال سوغاق قانلىق بىلەن شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

    -ئۇنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرەلمەيمەن.

    -تاپشۇرۇپ بېرەلمەيمەن، دىگىنىڭىز نىمىسى؟ - دەپتۇ ۋەكىل غەزەپتىن تاتىرىپ، - مېنىڭ بۇ يەردە چەكسىز چوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىمنى تېخىچە بىلمەمسىز؟ جۇمھۇرىيەت سىزگە بويرۇق قىلىۋاتسا، سىز ئۇنى رەت قىلماقچىمۇ؟ قۇلاق سېلىڭ، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى مۇكاپاتلاش ئورنىغا ئوۋېرنە توغرىلىق چىقىرىلغان ئاخباراتنى سىزگە ئوقۇپ بېرىمەن. مەن ئوۋېرنە قاتارلىق كىشىلەرنى خەلق سوتىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئەۋەتىشىم كېرەك. ئويلايمەنكى، سىز ئاخباراتنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئەيىپنامىنىڭ ۋە ئسىملىكنىڭ بىر قىسمىنىلا سىزگە ئوقۇپ بېرىمەن: «لېوپولدئوۋېرنە (ئەسلى لېوپولېددې ئوۋېرنە) ئوتتۇز ئىككىنچى دالا بېرىگادىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ، شۇنىڭدا ئەيىپلىنىدۇكى، ئۇ سۈيىقەستچىلەر سورۇنىدا تەڭلىك ۋە ئازاتلىق پرىنسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىش باھانىسى بىلەن قانداقتۇ بىر ئەكسىلئىنقىلاۋىي تارىخنى سۆزلەپ، پادىشاھ زامانىسىدىكى بىدئەت ۋە مۇتەئەسسىپلىكنى تىكەلشكە ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ جىنايىتى شۇكى، ئۇ بەزى مەشھۇر ئۆتمۈش ھادىسىلىرىنى، مەسىلەن، سابىق سان – دومىنگودىكى قۇللارنىڭ ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئادىل ئەپكار ئامما تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىنكار قىلىنغان «جاناپلار» دىگەن ئىبارىنى كۆپلەپ قوللىنىپ، «ھۆرمەتلىك كىشى» دىگەن يېڭى ئىبارىنى بىر قېتىممۇ ئىشلىتىپ باقمىغان، نەتىجىدە، ئۇ يۇقۇرىدىكى ھېكايىسى ئارقىلىق، مۇخالىپەتچىلەر ئىچىدە جۇمھۇرىيەتكە قارشى سۈيىقەست ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان. شۇڭا ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىق، خوش، بۇنىڭغا نىمە دەيسىز، گېنېرال؟ بۇ خائىننى يەنە قوغدىماقچى بولامسىز؟ ئۆز ۋەتىنىگە دۈشمەنلىك قىلغان بۇ خائىننى سوتقا تاپشۇرۇشقا يەنە ئىككىلىنىپ تۇرامسىز؟

    -سىز ئېيتقان بۇ «ۋەتەن دۈشمىنى» ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلدى، - دەپتۇ گېنېرال پەخىرلىنىپ، - سىزنىڭ دوكلاتىڭىزنىڭ بۇ ئۈزۈندىسىگە مەنمۇ ئۆز دوكلاتىمنىڭ مۇنۇ ئۈزۈندىسى بىلەن جاۋاپ بەرمەكچىمەن، مېنىڭ دوكلاتىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ:

    «ئوتتۇز ئىككىنچى دالا بېرىگادىسىنىڭ كاپىتانى لېوپولددې ئوۋېرنەنىڭ قەھرىمانلىقى تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئارمىيىمىز يېڭى غەلبىلەرگە ئېرىشتى. بىرلەشمە ئارمىيە پۇختا ئىستىھكام قۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنى ئېلىش غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. بىز ئۇنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا كىم بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلسا، ئۇ چوقۇم ھالاك بولاتتى. شۇنداق بولۇشقا قارىماي، كاپىتان لېوپولددې ئوۋېرنە ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىپ، ئۇنى ئالدى، نەتىجىدە بىز غەلىبە قازاندۇق. كېيىنچە ئىستىھكامنىڭ خارابىسى ئاستىدىن كاپىتاننىڭ جەسىتى بىلەن بىللە ئوتتۇز ئىككىنچى دالا بېرىگادىسىنىڭ سېرژانتى تادېنىڭ ۋە بىر ئىتنىڭمۇ جەسىتى تېپىلدى. بىز مىللىي كېڭەشتىن كاپىتان لېوپولددې ئوۋېرنەنىڭ ۋەتەن ئالدىدا كۆرسەتكەن بۇ چوڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قارار چىقىرىشنى تەكلىپ قىلىمىز.

    -ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ دەپتۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ گېنېرال، - بىزنىڭ پىكىرلىرىمىز بىر – بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن، ھەرقايسىمىز مىللىي كېڭەشكە ئۆز پىكىرلىرىمىزنى يوللايلى، ھەر ئىككىلا دوكلات پەقەت بىرلا ئوۋېرنەنىڭ مەسىلىسىنى بايان قىلىدۇ. سىز ئۇنى خائىن دەپ ھېسابلاۋاتىسىز، مەن بولسام، ئۇنى قەھرىمان دەپ ھېسابلايمەن: سىز ئۇنى شەرمەندە قىلماقچى بولىسىز، مەن ئۇنى شان – شەرەپكە ئىگە قىلماقچى بولۇۋاتىمەن؛ سىز ئۇ دوكلاتىڭىز ئارقىلىق ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى، مەن بولسام، ئۇنىڭغا تەنتەنلىك ھالدا ھەيكەل تىكلىمەكچىمەن. ھەر ئىككىمىزنىڭ دوكلاتى ئۆز رولىنى كۆرسىتىۋەرسۇن. لېكىن بۇ جەڭدە ئۇ قۇربان بولدى، سىزنىڭ جازايىڭىزدىن قۇتۇلدى، شۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت، خۇداغا شۈكرى! سىز ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولدى، ئۇ سىزدىن چاققانراق كەلدى.

    ۋەكىل خۇددى تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتكەندەك تاتىرىپ، ھەسرەت چېكىپ، پىچىرلاپ شۇنداق دەپتۇ:

    -ئۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ – دە، ئىسست!

    گېنېرال ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە ھەيران بولغان ھالدا شۇنداق دەپتۇ:

    -سىزگە يەنە بىر ئىمكانىيەت بار، ھۆرمەتلىك خەلق ۋەكىلى، ئىستىھكام خارابىسىغا بېرىپ ئىزلەپ بېقىڭ، كىم بىلىدۇ، دۈشمەن ئوقى ئۇنىڭ بېشىنى سىزنىڭ كاللا كېسەر جادۇڭىز ئۈچۈن ئاياپ قويغاندۇ، بەلكىم!

    1826 – يىل

    ئاپتو ھەققىدە

    ۋىكتو گيۇگو ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى - «بيۇگ – ژارگال» نى 16 يېشىدا يېزىپ چىقىپ، دەسلەپ 1818 – يىلى مەكتەپتىكى بىر گۇرۇپپا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە نەشىر قىلىدىغان «ھەربىي يۈرۈشلەر ھەققىدە ھېكايىلەر» توپلىمىدا ئېلان قىلماقچى بولۇپ، كېيىن، 1820 – يىلى ئۆز ئۇكىسى ئابېل بىلەن ھەمكارلىشىپ نەشىر قىلغان «ئەدەبىي مىراسلار» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان. 1825 – يىلى «گان ئىسلاندىسىنىڭ ئاپتورى» دىگەن نام بىلەن باستۇرغان، كېيىن ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ ئۆز نامىدا نەشىر قىلدۇرغان.

    «بيۇگ – ژارگال» نىڭ 1820 – يىلدىكى دەسلەپكى نۇسخىسى كىچىكرەك بىر ھېكايە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاقكۆڭۈل، ئالىيجاناپ نېگىر بيۇگ – ژارگالنىڭ يارقىن ئوبرازى مەركەز قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئىككىنچى نەشرىدە بيۇگ – ژارگالنىڭ ئوبرازى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى تامامەن دىگۈدەك ئۆزگەرتىلگەن، ئاددىي بىر نېگىر ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان ئاددىي ھېكايە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان سان – دومىنگودىكى قۇللارنىڭ 1791 – يىلىدىكى قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلەيدىغان تارىخىي رومانغا ئايلاندۇرۇلغان. گيۇگو بۇ روماننى تارىخىي ھۆججەتلەر، ھېكايىلەر، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى ۋە گېزىت – ژورناللاردا چىققان خەۋەر – ئاخباراتلار ئاساسىدا يېزىپ چىقىپ، قوزغىلاڭ مەنزىرىسىنى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان.

    «بيۇگ – ژارگال» رومانى تېمىسىنىڭ ئەينى زاماندىكى مۇھىم تارىخىي ۋەقەنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە بەك قىزىقارلىق بولغانلىقى بىلەن دەسلەپتىلا جامائەتچىلىكنىڭ زور ھەۋىسىنى قوزغىغان. ئاپتور 1826 – يىلى بۇ رومانغا يازغان كىرىش سۆزىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، ھايتىدىكى نېگىرلار ۋە مۇلاتلار قوزغىلاڭلىرى 19 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى ئوتتۇرىسىدا مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلارنى بەكمۇ بىئارام قىلغان، بۇ ھالمۇ جامائەتچىلىكتە رومانغا نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا قىلغان.

    ئەسەرنىڭ 1820 – يىلدىكى نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەزكۇر نۇسخىسى زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇپ، تامامەن قايتا ئىشلەنگەن مۇكەممەل نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ بۇ ئاخىرقى نۇسخىسىغا يېڭىدىن – يېڭى ئوبرازلار كىرگۈزۈلگەن، مەسىلەن، مارىنىڭ ئوبرازى، ئاق تەنلىك دوستىنىڭ مەھبۇبى بولغان مارىغا بيۇگ – ژارگالنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشى قاتارلىقلار.

    دەسلەپكى نۇسخىسىدا يۈزەكى تەسۋىرلەنگەن كاپىتان دىلمار ئاخىرقى نۇسخىسىدا خۇلق – مىجەز جەھەتتىن يېتىلگەن، قەھرىمان كاپىتان لېوپولددې ئوۋېرنە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. يېڭىدىن – يېڭى ئېپىزوتلار ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك پېرسۇناژلار قوشۇلغان، مەسىلەن، چاكار مەسخىرىۋاز خەبىبرانىڭ ھەجۋى ئوبرازى ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ تىپى.

    يازغۇچى «بيۇگ – ژارگال» رومانىدا، ئاساسەن، مۇستەملىكىچى مۈلۈكدارلارنىڭ ۋەھشىلىكى، پەسكەشلىكى ۋە قورقۇنچاقلىقىنى، ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان زالىملىقىنى پاش قىلىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان؛ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ۋەھشىلىكىگە قارىمۇ – قارشى ھالدا، قارا تەنلىك نېگىرلارنىڭ پاك قەلبىگە، ئادالەتپەرۋەرلىككە ئىگە ئاقكۆڭۈل خەلق ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگە؛ ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەر بىلەن قارا تەنلىك مۇستەملىكىچىلەر ۋە مۈلۈكدارلارنى بىردەك ئەيىپلىگەن؛ ئاق تەنلىك مۈلۈكدار يۇقىرى تەبىقە مۇستەملىكىچىلەر بىلەن «ئۇششاق ئاق تەنلىك» پۇقرالارنى پەرقلەندۈرگەن. نېگىر قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئۇستىلىق بىلەن مەدھىيلەپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ نېگىرلارنى كەمسىتىشىنى ۋە ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان ئىرقچىلىق نۇقتىئىنەزىرىنى كەسكىن مەسخىرە قىلغان. يىغىپ ئېيتىقاندا، ياش گيۇگونىڭ بۇ تۇنجى ئەسىرى قوزغىلاڭچى نېگىرلارغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىق، مۇستەملىكىچىلىك  - ئىرقچىلىققا بولغان چوڭقۇر نەپرەت بىلەن سۇغۇرۇلغان.

    *                             *                               *

    ۋىكتور گيۇگو 19 – ئەسىردىكى فرانسۇز ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، تەنقىدىي رىئالىزىم ۋە ئىنقىلاۋىي رومانتىزىم ئىستىلىنىڭ ماھىر ئۇستىسى، 19 – ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ ئىلغار ئەدەبىي ئېقىمىدا ۋە جاھان ئەدەبىياتى تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان تالانتلىق يازغۇچى.

    ۋىكتور گيۇگو 1802 – يىلى 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى فرانسىيىنىڭ شەرقىي ئۆلكىسىدىكى بىزانسۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى – سىرىسپېرگيۇگو ئاددى فرانسۇز ئاھالىسىگە مەنسۈپ كىشى بولۇپ، فرانسىيە ئىنقىلاۋى دەۋرىدە خىزمەت قىلغان، بىر قېتىملىق قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، دەسلەپ كاپىتان، كېيىنچە بېرىگادا گېنېرالى ۋە ناپالىيون ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي مۇپەتتىشى بولغان. گيۇگونىڭ ئانىسى دۆلەتمەن بايزادىنىڭ قىزى بولۇپ، ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئايال بولغان.

    گيۇگونىڭ بالىلىق دەۋرى دائىملىق سەپەر ئۈستىدە، چەتئەللەردە ئۆتكەن. چۈنكى، ئۇنىڭ دادىسى قەيەرگە بارسا، پۈتۈن ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن. گيۇگولار ئائىلىسىنىڭ بۇنداق مۇنتىزىم سەپەرلىرى ياش گيۇگودا ناھايىتى چوڭ تەسىراتلارنى قالدۇرغان. ئۇ جەڭ مەيدانىدا، ھەربىي گازارمىلاردا، ھەربىي يۈرۈشلەردە، چەتئەلدىكى ھەرخىل خەلقلەر ئارىسىدا، چوڭ شەھەرلەردە، تاغ – دالىلاردا دادىسى بىلەن بىللە يۈرگەن، بۇ ئەھۋال بولغۇسى يازغۇچىنىڭ ئەتراپلىق تۇرمۇش بىلىمىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەرگەن.

    ۋىكتور گيۇگو مەكتەپ بىلىمىنى پارىژ، ئېلبا ۋە مادرىد شەھەرلىرىدە ئۆگەنگەن.

    گيۇگولار ئائىلىسىدە ئىككى خىل سىياسىي كۆز قاراش ھۆكۈم سۈرگەن: گيۇگونىڭ دادىسى پادىشاھلىق تۈزۈمىگەن (مۇنارخىيىگە) قارشى، ئانىسى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ تەرەپدارى بولغان.

    ياش گيۇگو ئانىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، 19 – ئەسىردىكى فرانسۇز ئەدەبىياتىدا يۇقۇرى قاتلامنىڭ مودىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەكسىيەتچى رومانتىزىم ئېقىمىغا مەنسۈپ بولغان ئەسەرلەرگە قىزىققان ۋە شۇ دەۋردە بۇ ئېقىمنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتلەرنىڭ رىقابەتچىسى بولغان شائىر شاتوبرىئاننىڭ ئەسەرلىرىگە چوڭ ھەۋەس باغلىغان. شۇڭا گيۇگو بالىلىق دەۋرىدە يازغان دەسلەپكى شېئىرلىرىدا فرانسۇز مەرىپەتچىلىرىنىڭ ماتىرىيالىستىك نۇقتىنەزەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، پادىشاھلىق ۋە كاتولىك ئىدىيىسىنى كۈيلىگەن (1822 – يىلى نەشىر قىلىنغان «قەسىدىلەر ۋە باللادىلار» توپلىمى).

    ۋىكتور گيۇگو 15 يېشىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ۋە شېئىرلار بىلەن بىر قاتاردا چوڭ – چوڭ نەسرىي ئەسەرلەر يازغان. 1820 – يىلنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئىككى رومانى - «بيۇگ – ژارگال» ۋە «گان ئىسلاندىس» نەشىر قىلىنغان. «بيۇگ – ژارگال» رومانىدا گيۇگو 1791 – يىلى سان دومىنگو (ھازىرقى گايتى دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسمى) نېگىرلىرىنىڭ فرانسۇز مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭىنى تېما قىلىپ، نېگىر قۇل بيۇگ – ژارگالنىڭ فرانسۇز خوجايىنىنىڭ قىزى مارىگە بولغان غايىۋى مۇھەببىتى ۋە بۇ مۇھەببەتنىڭ قانلىق توقۇنۇش داۋامىدىكى رولىنى ئۆتكۈر رومانتىك ۋاسىتىلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن. بۇ رومان ياش گيۇگونىڭ تۇنجى ئەسىرى بولغانلىقتىن، بەدىئىي ۋە ئىدىيىۋى جەھەتتە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، لېكىن روماندا ياش گيۇگو ئۆز ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان نېگىر قۇللارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. تېخى يىگىرمە ياشقا توشمىغان گيۇگونىڭ دەسلەپكى بۇ ئىجادىي مۇۋەپپەقىيىتى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاجايىپ دراماتىك خۇسۇسىيەت ئۇنى تېزلا شۆھرەتكە ئىگە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا – بارا تونۇلغان يازغۇچى سۈپىتىدە فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي – سىياسىي پائالىيەت سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان.

    سىياسىي پائالىيەتلەرگە ۋە ئەدەبىي ئېقىملار كۈرىشىگە قاتنىشىش ئۇنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. 19 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا گيۇگو ئەپسانىۋى رومانتىزىم ئېقىمىدىن، سەنئەتنى تۇرمۇشتىن ئايرىپ قارايدىغان كىلاسسىك بۇئېزىيە ئەقىدىچىلىكىدىن ۋاز كېچىپ، رىئاللىققا، تۇرمۇشقا ۋە خەلققە تېخىمۇ يېقىن بولغان يېڭى ئەدەبىيات يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىلغار ئەدەبىي ئېقىم تەرىپىگە ئۆتكەن. بۇ ئېقىم 19 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىلغار ئەدەبىيات ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئەۋج ئالدۇرۇلغان ئىدى. گيۇگو ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى ماقالىلىرى ئارقىلىق يېڭى، رىئالىستىك ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە روز تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ دەۋردە يازغان رومانتىك، رىئالىستىك ئەسەرلىرى («شاھ كۆڭۈل ئاچماقتا») رىئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايىش قىلغان. ئۇ بەدىئىي ئەدەبىياتتا سۈنئىيلىك، تۇرمۇش ھەقىقىتىدىن چەتلەشكەن بەدىئىي توقۇلمىلارنى، ئىنسان قەلبىگە يات بولغان ئەپسانىچىلىقنىڭ ھەممىسىنى تەنقىد قىلىپ، ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، بەدىئىلىككە باي رومانتىكا يارىتىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان، ئەدەبىيات – سەنئەتنى خەلقچىللاشتۇرۇش ۋە تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جانلىق ۋە ساددا خەلق تىلىدىن پايدىلىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن، ئەدەبىيات – سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتى بولغان جانلىق تىل مەنبەسىدىن پايدىلىنىش ناھايىتى مۇھىم؛ كۆچۈرۈۋېلىنغان، رەسمىيەتچىلىككە ئايلاندۇرۇلغان ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان ساراي تىلى بىلەن ھەقىقىي گۈزەل ئەدەبىيات يارىتىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

    1830 – يىلنىڭ ئالدى – كەينىدە گيۇگونىڭ ئىككى شېئىرلار توپلىمى -«قەسىدىلەر ۋە باللادىلار»، «شەرق كۈيلىرى»، ئۇلارنىڭ ئارقىدىنلا يەنە «كۈز ياپراقلىرى»، «گۇگۇم ناخشىلىرى» كىتابى نەشىر قىلىنغان، 1829 – 1834 – يىللاردا ئىككى پوۋېستى - «ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇچىنىڭ ئاخىرقى كۈنى» ۋە «كلودگې» نەشىر قىلىنغان. بۇ ئىككى پوۋېستتا گيۇگو ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلە – جىنايەت ۋە جازا مەسىلىسىنى، فرانسۇز ئىشىچىلار سىنىپىنىڭ ھايات – مامات مەسىلىسىنى كۆتىرىپ چىققان. «كلودگې» رومانىدا ئۇ ئىشچى كلودگېنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق بۇرژۇئا جەمئىيىتىنىڭ جاللاتلىق قىياپىتىنى پاش قىلغان، كلودگېنىڭ سوت داۋامىدىكى جاراڭلىق نۇتقى – ئاپتورنىڭ غايىسى، ئۇنىڭدا يازغۇچى بۇرژۇئا جەمئىيىتىنىڭ ئەمگەكچى خەلققە نىسبەتەن يۈرگۈزگەن زۇلىمىغا قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلار پەقەت قانۇن چىقىرىپ، خەلقنى باستۇرۇشنى، تۈرمىگە قاماشنىلا بىلىدۇ، خەلقنىڭ مۇھتاجلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ، دەپ ئەيىپلىگەن. بۇرژۇئا جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر زۇلىمىنى، ئىنسانىيەتسىزلىكىنى قارىلىغان گيۇگو پەقەت تۈرمىلەر، قەتىل قىلىشلارلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئادالەت، ئادىمىگەرچىلىك، رەھىمدىللىق قوللىنىلسىلا، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ھالبۇكى، گيۇگونىڭ بۇ نۇقتىئەنەزىرى بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ ۋە ئوتوپېك سوتسىيالىستلارنىڭ نۇقتىئەنەزىرى بولۇپ، ماركىستىك دۇنيا قاراشقا زىت ئىدى.

    1848 – يىلدىكى پارىژ ئىنقىلاۋى گيۇگونىڭ دۇنيا قارىشىدا بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان، ئۇ مۇنارخىزىمنىڭ ھەممە چىرىكلىكىنى، مۇتەئەسسىپلىك ۋە زۇلۇم – ئاسارەتلىرىنىڭ تۈپ مەنبەسى مۇنارخىە تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى ئۈزۈل – كېسىل چۈشىنىپ يەتكەن، ئىنسانىي ئەركىنلىك ۋە ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زۇلمەتلىك پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش لازىملىقىنى ھېس قىلغان. ئۇنىڭ 48 – يىل ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە بۇ غايە ئوچۇق نامايەن بولىدۇ.

    ۋىكتور گيۇگونىڭ ئىجادىي پائالىيىتىدە ئەڭ زور ۋەقە ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ نادىر ھېسابلانغان رومانى «پارىژدىكى بۈۋى مەريەم جامەئەسى» دۇر. يازغۇچى بۇ ئاجايىپ رومانىنى 1831 – يىلدىن 1850 – يىلغىچە بولغان 20 يىل داۋامىدا يېزىپ چىققان. روماننىڭ سيۇژىتى ۋە ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن خاراكتېرلار رومانتىزىمنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. روماندا پارىژنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئومۇمىي ھاياتى سۈرەتلەنگەن، ئاھالىدە تەخلىتتىكى قەھرىمانلر، ئاجايىپ تاساددىپىيلار، پاجىئەلىك سەرگۈزەشتىلەر ۋە نازۇك، پاك سۆيگۈ – مۇھەببەت ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن تەسىۋىرلەنگەن. روماندا پارىژدىكى قەدىمىي، مەشھۇر بۈۋى مەريەم جامەئەسى ھادىسىلەرنىڭ تۈپ مەركىزى قىلىپ ئېلىنغان، سىگانلار (لولىلار) تەرىپىدىن بوۋاق چېغىدىلا ئوغرىلپ كېتىلگەن فرانسۇز قىزى ئېسىمىرالدىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى پارىژنىڭ تۇرمۇش ۋەقەلىرى ئېچىپ بېرىلگەن، 15 – ئەسىردىكى فرانسۇز خەلقىنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى پارىژ بىناكارچىلىقى، شۇنىڭدەك پارىژ خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، كۈرىشى ۋە سىنىپىي ئەھۋالى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئاساسىي پىرسۇناژلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئېچىپ بېرىلگەن. رومان پارىژنىڭ تار، قىستاڭ كوچىلىرىدىكى ۋەقەلەردىن تارتىپ، فرانسىيە پادىشاسى ليۇدوۋىك XI نىڭ ساراي تۇرمۇشىغىچە، ئاددىي خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىن تارتىپ داشۇې ھاياتىغىچە، كاتولىك شەرىئىتىدىن تارتىپ ئەينى زاماندىكى پۇقرالىق سودىغىچە ناھايىتى كەڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ ھەممە ئىپلاسلىقلىرىنى شەپقەتسىز ئېچىپ تاشلىغان.

    روماننىڭ ناھايىتى باي ئىدىيىۋى مەزمۇنى، گۈزەل تىلى، ئوبرازلارنىڭ خىلمۇ – خىللىقى، خاراكتېرلارنىڭ ئارگىناللىقى، ھەممىدىنمۇ يازغۇچىنىڭ دېموكراتىك كۆز قارىشى كىتابخاننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. روماندا خەلق ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان. خەلق ئىرادىسىنىڭ كاتولىك ئەقىدىلىرىدىنمۇ، پادىشاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىدىنمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

    «پارىژدىكى بۈۋى مەريەم جامەئەسى» رومانى – غايىۋى جەھەتتىن، ئۇسلۇب جەھەتتىن كۈچلۈك ئارگىناللىققا ئىگە ئەسەر، روماندا شۇنداق بىر ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەنكى، ئۇ بولسىمۇ، گيۇگونىڭ قارىشىچە، «ھەربىر ئادەم پاك، ياخشى نىيەتلىك، ئادىل ۋە سەمىمىي ھالدا تۇغۇلىدۇ... بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە رەھىمسىزلىك پەيدا بولغان ئىكەن، دىمەك، كىشىلەر ئۇنىڭ يۈرۈكىدىكى رەھىمدىللىق يالقۇنىنى ئۇچۇرۇپ تاشلىغان؛ ئۇنىڭ قانىتى سۇندۇرۇلغان، ئەقلى بۇلغانغان ئىكەن، دىمەك، ئۇنى كىشىلەر تار قەپەز ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىشقان؛ ئۇ مەيىپ ياكى تاش يۈرەك بولغان ئىكەن، دىمەك، ئۇنى كىشىلەر شۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانكى، ئۇ بۇ ھالىتىدىن پەقەت بىرەر جىنايەت ئارقىلىقلار ياكى بىرەر پاجىئە ئارقىلىقلار قۇتۇلۇشقا مەجبۇر...» گيۇگو كىتاپخاننى شۇنىڭغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلدۇكى، ئادەملەرنى ھەرقانداق دەھشەتتىن پەقەت مۇھەببەت، ياخشى نىيەت، ۋاپادارلىق تۇيغۇلىرىلا قۇتقۇزالايدۇ، ئىنساننىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇھەببەتتە. ئۇ – گيۇگونىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى. گيۇگونىڭ بۇ نۇقتىئەنەزىرى ئۇنىڭ ئۇتوپېك سوتسىيالىزم ئىدىيىسىگە مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ نۇقتىئەنەزىرى، تەبىئىي، شەيئىلەرنى كۈزىتىشنىڭ دىئالېكتىكىلىق مىتودىغا زىچ كېلىدۇ.

    1840 – يىلى 6 – ئايدىكى پارىژ ئىنقىلابى گيۇگونىڭ سىياسى مەۋقەسىدە تۈپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. چۈنكى، «ئىيۇن ئىنقىلاۋى» لېنىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، «پرولتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ ئۇلۇغ ئىچكى ئۇرۇش» بولغان ئىدى.

    گيۇگونىڭ 1860 – يىللاردا ئېلان قىلىنغان ئۈچ چوڭ ئەسىرى - «خورلانغانلار»، «دېڭىز ئەمگەكچىلىرى» ۋە «مەسخىرە قىلىنغان ئادەم» رومانلىرى گيۇگوغا ئادەتتىن تاشقىرى زور دۇنياۋى شۆھرەت كەلتۈرگەن. ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گيۇگو «خورلانغانلار» رومانى ئۈستىدىن تەخمىنەن يىگىرمە يىل ئىشلىگەن 1847 – يىلدا ئۇ ئۆز دوستلىرىغا بۇ روماننىڭ ئايرىم باپلىرىنى ئوقۇپ بەرگەن. 1848 – يىل ئىنقىلابىدىن كېيىن يازغۇچى بۇ روماننىڭ دەسلەپكى پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى كېڭەيتكەن ۋە فرانسىيىنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ھاياتىنى روماننىڭ مەزمۇنىغا سىغدۇرغان. شۇنداق ھېسابلاشقا بولىدۇكى، «خورلانغانلار» رومانى – گيۇگونىڭ پۈتۈن ئىجادىي تالانتى ۋە ماھارىتىنىڭ يىغىندىسى، ھەرخىل ھادىسىلەر تىپىكلەشتۈرۈلگەن چوڭ دۇنيا.

    1848 – يىل پرولتارىيات ئىنقىلابىنىڭ قۇدرىتىدىن قاتتىق چۆچۈگەن بۇرژۇئازىيە پەيلاسوپلىرى ۋە ئەدەبىياتچىلىرى ئىنقىلاپتىن كېيىن بىردىنلا ئوڭغا بۇرۇلۇپ، پرولتارىياتقا قارشى ئەكسىلئىنقىلابىي مەيدانغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئەمما گيۇگو ئىزچىل ھالدا «ئىيۇن ئىنقىلابى» غايىسىدە چىڭ تۇرغان، شۇ سەۋەپتىن قاتتىق تەقىپكە ۋە سىياسىي تۆھمەتكە ئۇچرىغان، ئاخىر ۋەتىنىنى تاشلاپ، چەتكە پاناھ ئىزلەپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. چەتئەلدە 19 يىل ياشاشقا مەجبۇر بولغان گيۇگو ناپالىيوننىڭ 3 – ئىمپىرىيىسىگە قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان، 1852 – يىلى «ناپالىيوننىڭ كەنجىسى» دىگەن كىتابىنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى يەنە «بىر جىنايەتنىڭ تارىخى» دىگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ ئىككى ئەسەر – لۇئى بۇ ناپارتنىڭ ئۆكتەبىر سۈيقەستىنى كەسكىن ئەيىپلىگەن ھەققانىي ھۆكۈمنامە.

    1872 – يىلى گيۇگونىڭ «دەھشەتلىك يىللار» شېئىرلار توپلىمى، ئىككى يىلدىن كېيىن، 1874 – يىلى ئاخىرقى چوڭ ئەسىرى - «توقسان ئۈچىنچى يىل» رومانى ئېلان قىلىنغان، 1880 – يىلى بېسىلىپ چىققان «زاماننىڭ تۆت روھى» شېئىرلار توپلىمىدا «ئىنقىلاب» پوئىمىسى ئېلان قىلىنغان. 1883 – يىلى چوڭ شېئىرىي ئەسەر - «ئەسەرلەر ھەققىدە داستان» نىڭ 3 – تومى نەشىر قىلىنغان.

    ۋىكتور گيۇگونىڭ ئەدەبىي – ئىجادىي پائالىيىتى تارىخىدا، ئۇنىڭ تۈپ سىياسىي كۆز قارىشىدا ئەڭ روشەن بىر نۇقتا – ئۇنىڭ ئىزچىل ھالدا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى شەپقەتسىز كۈرەش قىلغانلىقى. 1860 – يىلى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ بېيجىڭنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە گۇگۇڭ سارىيىدىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى، بۇ ئىككى تاجاۋۇزچىنىڭ قاراقچىلىرى ھەركىتىگە گيۇگو قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ كاپىتان بوتلېرغا يازغان بىر خېتىدە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپ، ئۇلارنى «مەدەنىيەتلىك ئىككى قاراقچى» دەپ ئاتىغان. «بىز ياۋروپالىقلار، - دەپ يازغان بۇ خېتىدە، - ئۆزىمىزنى مەدەنىيەتلىك دەپ ھېسابلايمىز، جۇڭگو خەلقى بىزنىڭ ئالدىمىزدا گويا بىر ياۋايى خەلق. خوش، مەدەنىيەتلىك، ياۋروپالىقلار ياۋايى خەلقلەرگە نىمىلەرنى قىلدى؟... ئىككى قاراقچىنىڭ بىرى ئۆز يانچۇقىنى تولدۇرغان بولسا، يەنە بىرى ساندۇقىنى تولدۇردى... تارىخ ئالدىدا بۇ ئىككى قاراقچىنىڭ بىرى – فرانسىيە، يەنە بىرى – ئەنگلىيە»

    ۋىكتور گيۇگو ئۆمۈر بويى ئىنسانپەرۋەرلىكنى، ئادالەتنى، تېنچلىق، دېموكراتىيىنى، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈيلىگەن، مۇستەملىكە ئەللەردىكى خەلقلەرنىڭ ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلغان، ئەكسىيەتچى پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1849 – يىلدىن باشلاپ، گيۇگو تېنچلىق جەڭچىسى، نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابى سۈپتىدە 1 – نۆۋەتلىك دۇنيا تېنچلىق كېڭەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

    ۋىكتور گيۇگونىڭ ئەدەبىي ئىجادىي ئىستىلى 19 – ئەسىردىكى غەرپ ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس ئىجادىي يۆنۈلۈش شەكىللەندۈرۈپ، بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ يېڭى ئېقىمىنى، ئىلغار رومانتىزىمنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان.

    ۋىكتور گيۇگو 1885 – يىلى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تاۋۇتى پانتىوندىكى فرانسىيىنىڭ ئۇلۇغ ئەرباپلىرى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

    ۋىكتور گيۇگونىڭ نامى ھەقلىق ھالدا جاھان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. گيۇگونىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ياشاپ كەلمەكتە ۋە دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مىليونلىغان كىتاپخانلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا.

    «تۆت كىشلىك گورۇھ» يوقىتىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر كىتاپخانلار بۇ ئاجايىپ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

    -تەرجىماندىن

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.