قارا كىتاب 10

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 11:35:43

قارا كىتابئورخان پامۇكئۇنىڭدىن كېيىن، مېررى تاغام گەرچە قولىدىكى گېزىتنىڭ ھېلالنىڭ سەھىپىسى بار بېتىنىڭ ئېچىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، يەنىلا بىزدىن:-بۈگۈن چېسلاغا نەچچە؟ياكى-ئۇلار ئۇنى ھ...



     

    قارا        كىتاب

     

    ئورخان پامۇك

     

    ئۇنىڭدىن كېيىن، مېررى تاغام گەرچە قولىدىكى گېزىتنىڭ ھېلالنىڭ سەھىپىسى بار بېتىنىڭ  ئېچىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، يەنىلا بىزدىن:

    -بۈگۈن چېسلاغا نەچچە؟

    ياكى

    -ئۇلار ئۇنى ھەر كۈنى يازىسەن دەپتىمۇ؟ مەنچە ئۇنداق ئەمەس. مەن ھەجەپ كۆرمىدىمغۇ!

    دەپ سورايدۇ. كەينىدىن دادام سۆز قوشىدۇ.

    -ئەمما مەن ئۇنىڭ دۆلەت  باشلىقىنى شۇنداق سۆككەنلىكىكنى قوللايمەن.

    بۇ ۋاقىتتا ئاپام پوزىتسىيىسى ئېنىق بولمىغان گەپتىن بىرنى قوشىدۇ.

    -گەرچە بىز يازغۇچىنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

    ئۇنىڭ زادى مېررى تاغامغا، دادامغا ياكى دۆلەت باشلىقىغا يان بېسىۋاتقانلىقى بولسا تېخىمۇ مەۋھۈم. سورۇندىكى مۇشۇنداق نەچچە بىسلىق، بايرىقى روشەن بولمىغان كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سۇزان ھامماممۇ تاماكا توغرۇلۇق پاراڭدىن ئېغىز ئاچىدۇ:

    -ھېلالنىڭ رەزىللىككە، خۇداسىزلىققا يەنە مۇشۇ تاماكىغا بولغان قارىشى، ماڭا فىرانسىيىلىكلەرنى ئەسلىتىدۇ.

    ئارقىدىن مەن مېررى تاغام بىلەن ئەسىما خانىمنىڭ بۇ ئېغىز ئۇرۇشىنىڭ تېمپىراتورىسى ئۆرلەپ كېتىشتىن بۇرۇن بۇ ئۆيدىن غىپپىدە چىقىۋالىمەن. زادى قانچە ئادەمگە تەخسە-ۋېلكا راسلايدىغىنىنى تېخىچە بىلەلمىگەن ئەسىما خانىم، داستىخاننىڭ ئىككى بۇرجىكىدىن تۇتىۋېلىپ، خۇددى بىر چوڭ كارىۋاتنىڭ ياپقۇچىنى ياپماقچى بولغاندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ سىلكىپلا ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ-دە، تاماكىسىنى چىشلىگىنىچە داستىخاننىڭ ئۈستەلگە جىممىدە چۈشۈشىگە قاراپ تۇرىدۇ.

    -ئەسىما خانىم، سىزنىڭ تاماكىڭىز مېنىڭ نەپەس سىقىلىشىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنى بىلەمسىز؟

    -ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز تاماكا تاشلاڭ، مېررى ئەپەندىم!

    ئاشخانىنىڭ ئىچى بولسا ئىس –تۈتەككە تولغان. قارىماققا ئىچىدە بىرەر جادىگەر قانداقتۇر بىر سېھىرلىك دورا تەييارلاۋاتقاندەكلا. گۆش قاتلىمىسى سېلىۋاتقان خېلىن ھاممام (چېچىنى ماي بولۇپ كەتمىسۇن دەپ، بېشىغا بىر پارچە لاتا ئورىۋالغان). مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ:

    -باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن-ھە!

    دەيدۇ-دە، كەينىدىنلا ئۇ خۇددى مەندىن ئالاھىدە كۆيۈمچانلىق، مۇھەببەت ياكى بىر قېتىملىق ئىللىق سۆيۈشنى تەلەپ قىلىپ، ماڭا ئارقا ئىشىك قىلىۋاتقاندەك ئاغزىمغا قىزىق قاتلىمىدىن بىر پارچىنى سېلىپ قويىدۇ. قىزىق قاتلىمىنى يەپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۇ يەنە:

    -بەك قىزىقمىكەن؟

    دەپ سورايدۇ. مەن ھەتتا «بەك قىزىقكەن» دېگەن سۆزنىمۇ دېيەلمەي، ئاشخانىدىن ئاستا چىقىپ كېتىپ، بوۋام-مومامنىڭ ئۆيىگە كىرىمەن. ئۇلار بۇرۇن مۇشۇ ئۆيدە كۆك رەڭلىك يوتقانلارنى يېپىنىپ تالاي كېچىلەرنى ئۆتكۈزگەن. رۇيا ئىككىمىزمۇ مۇشۇ كۆڭ يوتقانلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋېلىپ، مومامدىن رەسىم سىزىشنى، ھېساب ئىشلەشنى ۋە كىتاب ئوقۇشنى  ئۆگەنگەنىدۇق. ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاسېف ئۆزىنىڭ ئەتىۋارلىق ئالتۇن بېلىقىنى ئېلىپ بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدى. مەن بۇ ئۆيدە ۋاسېف بىلەن رۇيانىڭ ئالتۇن بېلىققا قاراپ تۇرغىنىنى ياكى ۋاسېفنىڭ كېسىپ چاپلاپ يىغقان خاتىرىسىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرىمەن. ئىلگىرىكىكگە ئوخشاشلا، رۇيا كىچىك چېغىمىزدىكىدەك ماڭا خېلى بىر ۋاقىتقىچە گەپ قىلمايدۇ، خۇددى ۋاسېفنىڭ ھەم گاس ھەم گاچىلىقىدەك رئاللىقنى يوشۇرۇپ، ئۆزىمىز ئىجاد قىلىۋالغان بارماق تىلىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ، ۋاسېفقا ئۆزىمىز تېلىۋېزوردىن كۆرگىلى ئۇزۇن  بولمىغان بىر كونا كىنونى سۆزلەپ چىقىمىز. ياكى بولمىسا، يېقىندا زادىلا قايتا ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك كىنو كۆرمىگەن بولساق، بىز ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن  ۋاسېفنى ھەر دائىم غەلىتىلا ھاياجانلاندۇرىۋېتىدىغان «ئالۋاستىلار ئوپېراسى»دىن ئارىيە ئورۇنلاپ بېرىمىزكىن، كۆرگەن ئادەم بىزنى بۇ ئوپېرانى تۇنجى كۆرۈشى ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. بىردەمدىن كېيىن، ھەرقانداق بىر ئادەمدىنمۇ ئاسان تەسىرلىنىدىغان ۋاسېف كەينىگە بۇرۇلۇپ بىر بۇلۇڭغا، ئۆزىنىڭ ئەتىۋارلىق بېلىقىنىڭ يېنىغا كېتىپ قېلىپ، رۇيا ئىككىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ. شۇ چاغدىلا مەن سىزدىن - بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ كۆرمىگەن سىزدىن، ئاخشامدىن بېرى گەپ قىلىشىپ باقمىغان سىزدىن سورايمەن:

    -تېنىچلىقمۇ سىز؟

    سىز بۇرۇنقىدەكلا جاۋاب قىلىسىز:

    -ھە، يامان ئەمەس.

    مەن سەل تۇرىۋالىمەن. سىزنىڭ سۆزىڭىزدىكى بىلىپ-بىلمەي ئىشارەت قىلماقچى بولغان مەنەلىرىڭىزنى ئويلىشىمەندە، ئۆزۈمنىڭ قۇپقۇرۇق كاللامدىكى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان خىياللىرىمنى يىغۇشتۇرىۋالىمەن. بۇ قېتىم، بەلكىم، مەن سىزنىڭ ھامان بىر كۈنى داۋام قىلماقچى بولغان ھېلىقى سېھرىي رېئالىزىملىق روماننى تەرجىمە قىلىمەن دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەركۈنى مەن ئۆلسەممۇ چۈشىنەلمەيدىغان شۇ كونا كىتابلارنى كۆرۈپ يۈرگىنىڭىزنى قەستەنگە بىلمىگەن قىياپەتتە سىزدىن سورايمەن:

    -بۈگۈن نېمە ئىش قىلىپ ئالدىراش يۈردىڭىز؟

    مەن چوقۇم سىزدىن:

    -رۇيا، بۈگۈن سىز نېمە ئىش قىلىپ ئالدىراش يۈردىڭىز؟

    دەپ سورايمەن.

    ***********************************************

    ھېلال بۇرۇن بىر قېتىملىق سەھىپىسىدە چەت كوچىدىكى بۇ قورۇنى مۇنداق دەپ يازغانىدى: سامساق، ھاك سۈيى، زەمبۇرغ، كۆمۈر ۋە ماي پۇرايدۇ، يەنە ئادەمنى مۈگدەك باسىدۇ، ئەلۋەتتە ھېلالنىڭ بۇ قېتىمقى سۈپەتلىشى بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا ئازراق پەرق بار ئىدى. ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى بېسىشتىن بۇرۇن، غالىب كۆڭلىدىن، رۇيادىن چوقۇم سورايمەن، بۈگۈن ئۈچ چۈشتىنكېيىن ئىشخانىغا ئۈچ قېتىم تېلىفون بەرگەن -بەرمىگەنلىكىنى چوقۇم سورايمەن، دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.

    خېلىن ھامما ئىشىكنى ئاچتى-دە، سورىدى:

    -نېمە! رۇيا قېنى؟

    -ئۇ تېخى كەلمىدىمۇ؟- غالىب ياندۇرۇپ سورىدى،- سىز ئۇنىڭغا تېلىفون بەرمىدىڭىزمۇ؟

    -تېلىفون بەردىم، ئالىدىغان ئادەم يوق،- خېلىن ھامما جىددىي ھالدا سۆزلىدى،- سېنى دەپ قويدىمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.

    -بەلكىم ئۇ ئۈستىنكى قەۋەتكە، قىيناتاملارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.

    -تاغاڭ بىلەن باشقىلارمۇ مۇشۇ يەردە، خېلى بولدى ئۇلار كەلگىلى!

    ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ قېلىشتى.

    -ئۇ چوقۇم ئۆيدە!- غالىب كېسىپ ئېيتتى،- مەن ھازىرلا ئۆيگە بېرىپ ئۇنى ئەكىلەي.

    -سېنىڭ ئىشخاناڭغا تېلىفون بەرسەممۇ ئالىدىغان ئادەم يوق...

    خېلىن ھامما شۇنداق دېگۈچە غالىب ئاللىبۇرۇن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بولغانىدى.

    -ئەمىسە تېزراق كېلىڭلار-ھە؟!-ھېلىن ھامما كەينىدىن ۋارقىراپ يەنە دېدى.

       سوغۇق شامال ئارىلاش ئۇچقۇنداۋاتقان قار، ئۇنىڭ كىيگىلى توققۇز يىل بولغان يالاڭ پەلتويىنى (ھېلالنىڭ

     

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.