خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(6-باپ سوغراقتا)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:47:49

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى
    (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى


    6-باپ سوغراقتا

     

    بۈگۈنكى نىيە ناھىيە بازىرىنىڭ 40 كىلومېتىرچە جەنۇبىدا قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرىغا تەۋە يېيىق تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە «سوغراق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەشھۇر ئالتۇن كان كۆمۈلۈپ ياتىدۇ، بۇ يەردە ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئالتۇن قېزىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كان رايونىنىڭ كۆلىمى 600 كۋادرات كىلومېتىرچە بولۇپ، ئالتۇن مىقدارىنىڭ موللۇقى بىلەن داڭقى بار ئىدى. تارىخىي يازمىلاردا خاتىرىلىنىشىچە، چيەنلۇڭ خان زامانىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بۇ كان يىلىغا 150 سەر ئالتۇن سېلىق تاپشۇرىدىكەن. كورپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابىدا بۇ كان تىلغا ئېلىنغان. 1885-يىلى «سوغراق» تىن ئۆتكەن مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى پىرژژىۋالىسكى سوغراقتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8000 تەۋەككۈلچىنىڭ ئالتۇن قازىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن. 1917-يىلى بۇ كاننىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 3000 سەر ئالتۇن بولغانلىقى پەرەز قىلىنغان. ھەقىقىي ئالتۇن مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە ھېچكىم بىلمەيدۇ. قانداقلا بولسۇن، ئاشۇ «سوغراق» ئالتۇن كانى نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى كېرىيە، نىيە تەۋەسىگە ماكانلاشقان قارلۇقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن بېيىش مەنبەسى بولغانلىقى ئېنىق. بۇ ئەلۋەتتە قارلۇق ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى تەۋەككۈلچىلەر ئۈچۈنلا شۇنداق. ئەمدى مانا ئاشۇ تەۋەككۈلچىلەرنىڭ سېپىگە يېڭى بىر تەۋەككۈلچى كېلىپ قوشۇلۇۋاتاتتى. ئەزەلدىن بېرى بۇ يەرگە كېلىدىغان تەۋەككۈلچىلەرنىڭ كۆپلىرى تەلەي-ئامىتىنى سىناپ باقىدىغان يالاڭ تۆشلەر بولاتتى. ئۇلار مۇشۇ يەردىكى خوجايىنلارغا ياللىنىپ، جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، چوڭقۇر كان قۇدۇقلىرىنىڭ تېگىگە چۈشۈپ ئالتۇن تەركىبلىك توپا قازاتتى. چىغرىق بىلەن توپىنى كان قۇدۇقى ئۈستىگە چىقىرىپ، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان شامالدۇرغۇچنى چۆرۈپ شامال چىقىراتتى. شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توپا سورۇپ ئالتۇن ئىزدەيتتى. بۇ ھەم خەتەرلىك، ھەم جاپا-مۇشەققەتلىك بىر جەريان ئىدى، ئەمما يالاڭ تۆشلەر ئۈچۈن ئاشۇ جاپا-مۇشەققەتكە تەۋەككۈل قىلىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ۋەھالەنكى، خۇرجۇنىدا تەڭگە-يامبۇلىرى جىرىڭشىپ تۇرىدىغان شاڭ سى ئاتلىق بېگىمىز ئۈچۈن كان ئاستىغا كىرىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭمۇ، توپا سورۇپ جاپا چېكىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇ تېزلا سوغراق كان رايونىدىكى داڭلىق گۆرۈكەشكە ئايلاندى. جازانىگە قەرز تارقاتتى. يېڭى كەلگەنلەرنىڭ يېڭى كان قۇدۇقلىرىنى قېزىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەبلىغى بولمىسا بولمايتتى. تېخى ئۆزىمۇ بىرقانچە كان قۇدۇقىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ئۇ كېرىيە ئامبىلى ئەۋەتكەن كان بېگى بىلەن تېزلا ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ ئۈلگۈردى. ئەمدى ئۇنىڭ كۈمۈش يامبۇلىرى ئالتۇن-تىللاغا ئايلىنىشقا باشلىدى. تېخى خۇددى قار پومزىكىدەك دومىلىغانسېرى كۆپىيىپ باراتتى. كان رايونىدىكى تەۋەككۈلچىلەر شاڭ جاڭگۈيدىنىڭ قىمارغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى تېزلا بىلىپ كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان خوتۇنىغا ھەيران بولۇپ قاراشقاندەك، ئۇنىڭ تاۋكادا ئۇتۇشلىرىغىمۇ ياقىلىرىنى چىشلىگەن پېتى قاراپ قېلىشاتتى. ئالتۇن-كۈمۈش گۆرۈكەشلىكتىنمۇ، قىماردىنمۇ كىرىپ تۇراتتى، شاڭ سىنىڭ ئۆزىگە ئىشىكتىنمۇ، تۈڭلۈكتىنمۇ كىرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. شاڭ جاڭگۈيدە ئەمدى ئۆزى ئىزدىگەن، ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەكنى تاپقاندەك تۇيغۇدا ئىدى. خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرى ئويناپ تۇراتتى. كېچىلىرى جىنچىراغنىڭ يورۇقىدا ئالتۇن سەرلىگەندىكى خۇشاللىقىنى بىر دېمەڭ، ئۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، ئەپيۈننى قانغۇچە چېكىپ، شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولاتتى.
    ئۆيدىكى ئىشلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولغانىدى. نېمىشقىدۇر شاڭ جاڭگۈيدىنىڭ ئالتۇن-تىللالىرى كۆپەيگەنسېرى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلاپ بېرىۋاتاتتى. ئۆيدە ئۆتكۈر سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق يۈز بېرىۋاتاتتى. قىماردا ئۇتۇۋالغان خوتۇن بىلەن ئۆگەي ئوغۇل، ئۆگەي قىز ئاللىقاچان بىرلىك سەپ تۈزۈپ ئۈلگۈرگەن، ئۇلار بىر-بىرىگە قاياش بولۇپ شاڭ جاڭگۈيدىگە تاقابىل تۇرۇشقا باشلىغانىدى. بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، بىر-بىرلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىش، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىنى يوشۇرۇش−ئاشۇ بىرلىك سەپنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئاشۇ بىرلىك سەپ ھېچقانداق قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۆگەي ئانا ھەۋزىخان بىلەن ئۆگەي ئوغۇل يۈ شۇنچىڭ، ئۆگەي قىز ئالتۇنخان ئوتتۇرىسىدا تېخى ئانا-بالىلىق مېھىر-مۇھەببەتمۇ پەيدا قىلىۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىنمىكىن، يۈ شۇنچىڭنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. قاراشلىرىدا قېتىپ قالغان مىسكىنلىك بەزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ يۇمشاپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى. ئۇ ھېلىمۇ شاڭ سىنىڭ ئەپيۈن غاڭزىسىنى تازىلاش، يېتىپ ئەپيۈن چەككەندە غاڭزىسىغا ئوت يېقىش، پۇت-بەللىرىنى تۇتۇشتىن يىراق ئەمەس ئىدى. لېكىن، بۇ ئىشلار روشەن ئازلاپ باراتتى. ھەۋزىخان ئانا تولا ئىشلارنى ئۆز زىممىسىگە ئالاتتى-دە، بالىنىڭ دەم ئېلىشىغا ۋاقىت چىقىرىپ بېرەتتى. شاڭ سى بەزىدە ئۆگەي ئوغلىنى تارقاتقان قەرز-جازانىلەرنى خاتىرىلەپ قويۇشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ساۋاتسىز ئىدى. بالا بولسا مەرھۇم دادىسى يۈ يىڭخەن خەلپەت ھايات ۋاقتىدىلا ئوقۇشقا كىرىشكەن تۆت چاسا خەتلەردىن بىرقانچە يۈزنى يېزىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بالا ئاشۇ خەتلەر بىلەن قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى، ئالغان قەرزىنىڭ سانىنى پاتلانغان خوتەن قەغىزىگە سىياھقا مىلەنگەن موي قەلەم ياكى قۇش پېيى قەلەم بىلەن يېزىپ چىقاتتى. بەزىدە «پالانى خەتنى تاپالمىدىم، پوكۇنى خەتنى ئۆگەنمەپتىكەنمەن» دەپ غۇدۇراپ قوياتتى. شاڭ سى بولسا «بولدى، قانداق خەت بىلەن يازساڭ بولۇۋېرىدۇ، كىمنىڭ قەرز ئالغانلىقىنى ئاڭقىرغىلى بولسا بولدى» دەيتتى. بۇنداق چاغلاردا ھەۋزىخان ئانا «بالىنى ئوقۇتساق بولاتتى، كۆپرەك نەرسە ئۆگەنسە بەكرەك ئەسقاتاتتى» دەپ بالىنىڭ تەرىپىنى ئالاتتى. شاڭ سى «مەكتەپ بولمىسا بۇ يەردە، نەدە ئوقۇيدۇ ئۇ؟» دەپ قارشىلىق بىلدۈرەتتى. «مەكتەپ بولمىسا روزى ئەلەم ئاخۇنۇمدا ئوقۇسىمۇ بولىدۇغۇ» دەپ ئالدىغا چىقاتتى ھەۋزىخان ئانا. «ئۇنىڭدا ئوقۇسا قانداق بولىدۇ» دەپ غۇدۇڭشىيتتى شاڭ سى. ھەۋزىخان ئانا قايسى تىلدا ئوقۇسىمۇ ئوخشاشلا بىلىم ئىگىلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇناتتى. ئەپيۈن خۇمارى بېسىلغان شاڭ سى ئۇخلاپ قالاتتى. سۆھبەت ئۈزۈلەتتى. ئەمما، ھەۋزىخان ئانا ئاشۇ گەپلەردىن ئېرىنىڭ بالىنى روزى ئەلەم ئاخۇنۇمدا ئوقۇتۇشقا بەكلا قارشى ئەمەسلىكىنى غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلاتتى.
    ئاشۇ چاغلاردا سوغراقتا روزى ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن بىر موللا ئادەم دىنىي مەكتەپ ئېچىپ، ئائىلىلىك كانچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ يۈرەتتى. قاچان، قايسى زاماندا ئەلەم بولغان، بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەمما، ئۇ مۇشۇ سوغراقتىكى بىردىنبىر موللا ئادەم ئىدى. كانچىلارنىڭ خوتۇنلىرى تۇغسا، تەگبىر ئېيتىپ دۇنياغا يېڭى كەلگۈچىگە ئىسىم قوياتتى. كان بېسىۋېلىپ ئۆلگەن كانچىلارنى يۇيۇپ-تاراپ، ئاخىرەتلىككە ئېلىپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قوياتتى. تەكلىپ بىلەن يېڭى قېزىلغان كان قۇدۇقلىرىنىڭ بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى. ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ، بۇنىڭ بىلەن تويلاشقانلارغا نىكاھ ئوقۇيتتى. ئۇ چاغلاردا سوغراقتا بۇنداق ئىشلار كۆپ ئىدى. روزى ئەلەم ئاخۇنۇم ئۈچۈن ھەركۈنى ئىش تېپىلىپ تۇراتتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئاساسىي ئىشى كانچىلارنىڭ بامدات ۋە خۇپتەن نامازلىرىغا ئىماملىق قىلىش ئىدى. كانچىلار ناماز پېشىن، نامازدىگەر، نامازشاملارنى تولاراق كان تېگىدە، ئىش ئورنىدا يەككە ئۆتەيتتى. بامدات ۋە خۇپتەن ئۈچۈنلا روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ گەمىسى ئالدىدىكى كۇمۇلاچ تام بىلەن قورشاپ قويۇلغان ئاددىي مەسچىتكە يىغىلاتتى. نامازدىن كېيىن روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ يۈرەكلەرنى ئېزىپ ئۆتكۈدەك مۇڭلۇق قىرائەت ۋە تەبلىغلىرىگە قۇلاق سالاتتى. ئاخۇنۇم ھەر نامازدىن كېيىن كانچىلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى، ئامەت-رىزقىلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى. شۇ ۋەجدىنمۇ ياكى بىردىنبىر موللا-ئۆلىما بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ كانچىلار ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا باياشات بولمىغان تۇرمۇشىنىمۇ كانچىلار تەمىنلەيتتى. ئاشۇ كانچىلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇ مەكتەپ ئېچىپ، كانچىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇپمۇ يۈرەتتى. مەكتەپ ئاددىي ئىدى. تاغ باغرىدىن كولانغان بىرئېغىز گەمە ئۆي مەكتەپ رولىنى ئۆتەيتتى. تاغدىن ئورۇپ كېلىنگەن، ئاللىقاچان قۇرۇپ قالغان قېلىن ئوت-چۆپ ئۈستىگە بالىلار يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. روزى ئەلەم ئاخۇنۇم ئۇلارغا ھەپتىيەكتىن ساۋاق بېرەتتى.
    قۇتلۇق بىر پەيشەنبە كۈنى؛ بىر قولىدا داستىخانغا يۆگەلگەن بىر خۇرجۇن نان كۆتۈرگەن، يەنە بىر قولىدا ئۆگەي ئوغلىنى يېتىلىگەن ھەۋزىخان ئانا روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ گەمىسىگە كىرىپ كەلدى. ئانا يۈزلىرىنى يېرىم يۆگىۋالغان، ياغلىقى ئۈستىدە سۆسەر تۇمىقى قىڭغىيىپ تۇراتتى. ئوغلىنىڭ بېشىدىمۇ ئوخشاشلا سۆسەر تۇماق بار ئىدى. بىر خۇرجۇن نان ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا قويۇلدى، تەلەپ ئېيتىلدى، «گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ» دېگەندەك گەپلەرمۇ قوشۇمچە قىلىندى.
    روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ شاگىرتى ئالدىدا شۇغۇللانغان بىرىنچى ئىشى ئۇنىڭغا يېڭى ئىسىم قويۇش بولدى. ئاشۇ «يۈ شۇنچىڭ» دېگەن ئىسىمغا ئاغزى كەلمىگەنىدى. تەلەپپۇز قىلىش تەس ئىدى. ئۇ ئۇزاق ئويلاندى ۋە ئاخىر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك نامىنى مۇشۇ ئوقۇغۇچىسىغا مەقبۇل كۆردى. ئىسمى ئەزەمنى ئوقۇپ ۋە تەگبىر ئېيتىپ «مۇبارەك نامى-سۈپەتلىرى بۈگۈندىن باشلاپ مۇھەممەت بولسۇن!» دەپ جاكارلىدى. بۇ بۇنىڭدىن بەش-ئالتە يىل ئىلگىرى يۈ يىڭخەن خەلپەتنىڭ «سېرىغىز» لىق نامراتنىڭ ئوغلى نۇرى مۇھەممەتكە «خې دېڭباڭ» دەپ ئىسىم قويغىنىغا ئوخشاش ئىش ئىدى. «خې دېڭباڭ» دېگەن ئۈچ بوغۇم يۈ يىڭخەن خەلپەتنىڭ ئاغزىغا راسا قاملىشىپ ماس كەلگەنىدى. ئەمدى مانا مۇشۇ خەلپەتنىڭ ئوغلىنىڭ يۈ شۇنچىڭ دېگەن ئىسمى مۇھەممەتكە ئۆزگىرىۋىدى، روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئاغزىغىمۇ، ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئاغزىغىمۇ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاغزىغىمۇ شۇنداق راۋان چۈشتى.
    گۆرۈكەش شاڭ سى سوغراقتا ئون يىل تۇردى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ روزى ئەلەم ئاخۇنۇمدىن ئون يىل ساۋاق ئالدى. ھەپتىيەكنى، قۇرئان كەرىمنى، ھەدىس شەرىفنى ئوقۇپ بولدى. ئەرەبىي زۇۋاندىمۇ پاساھەت تېپپ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفكە مەنە ئېيتالايدىغان بولدى. ئەمما، ئاشۇ دەسلەپكى چاغلاردا تېخى «ئېلىپبە»دىن باشلاپ ئۆگىنىش، ئاستا _ئاستا تېرەنلەپ بېرىش كېرەك ئىدى. كېيىنكى باھاردا ئۆرۈك ئاپئاق بولۇپ چېچەكلىگەن چاغدا، روزى ئەلەم ئاخۇنۇم ئون ياشلىق ئوقۇغۇچىسىنى تاغ ئىچىگە باشلاپ بېرىپ خەتنىسىنى قىلدۇرۇپ سۈننەتنى ئادا قىلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.