سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 11:53:10

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا3ئەتىسى دەل ئالماس ماڭاكېلەر ئاي تاپشۇرىدىغان چېرتيوژنى چۈشەندۈرىۋاتقاندا فۇئاتتىن تېلىفون كەلدى. - ئىشلەۋاتقانمۇ،لەيلى؟!- ھىم.- ئاخشام قاراڭ، ،بىرخىزمەتدىشىمىزنى ئۇزىتىمىز دە...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا
    3

     

    ئەتىسى دەل ئالماس ماڭا كېلەر ئاي تاپشۇرىدىغان چېرتيوژنى چۈشەندۈرىۋاتقاندا فۇئاتتىن تېلىفون كەلدى.

    - ئىشلەۋاتقانمۇ، لەيلى؟!

    - ھىم.

    - ئاخشام قاراڭ، ،بىر خىزمەتدىشىمىزنى ئۇزىتىمىز دەپ بەك كەچ قالدۇق، سىزنى كەچتە ئاۋارە قىلماي دەپ، تېلىفونمۇ قىلالمىدىم، خاپا بولۇپ قالمىغانسىز ھە؟!

    - بەك ئالدىراش ھازىر مەن، كېيىن دەڭ-ھە؟

    - نېمە بولدى؟ ناھايىتى بىر كېچە تېلىفون قىلالماي قالدىمغۇ؟ شۇنىڭغىمۇ مۇنداق قوپال تېگەمسىز ماڭا لەيلى!

    نېمىگە قوپال بولۇپ قالغىنىمنى ئۇ نەدىن بىلىدۇ دەيسىز؟ يا بىلسىمۇ مۇشۇنداق خۇپسەنلىك قىلامدىغاندۇ؟

    - قاراڭ فۇئات، بەلكى بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا بۇنچىلىك ئىشلار ھېچ گەپ ئەمەس بولغىيتى، ئەمما ھازىر نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئوخشىمايدۇ...

    - ئىشقىلىپ سىز يەنە شۇ ئىشنى باھانە قىلىۋاتىسىز، زادى قاچانمۇ تۈگەر شۇ كونا خامان سورىشىڭىز!-فۇئاتنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ئاخىرى تېرىكتى.

    - نېمە؟فۇئات! ئەمدى ئۈچ ئاي بولدى ئۇ ئىشقا، بىردەمدىلا ئۆتكەن زامان بولۇپ كەتتىما؟! تازىمۇ بىچارىمۇ نېمە ئۇ، شادىيەمۇ نېمە ئىسمى ئۇ قىزنىڭ؟! - دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ چىشىغا قەستەن تېگىپ.

    - سىز...

    فۇئات جىلى بولسىلا گەپ قىلالماي قالىدۇ.

    - بولدى سىز بىلەن ئېيتىشقىدەك ۋاقتىم يوق مېنىڭ ھازىر، خوش!-دەپلا تېلىفوننى قويىۋەتتىم. ئۇدۇلۇمدا ماڭا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغان ئالماسقا ئوڭايسىزلىنىپقىنا مۆرەمنى چىقىرىپ قويدۇم.

    - سەت بولدى ھە، سىزنى بىر مۇنچە ساقلىتىپ.

    - ياقەي، ھېچقىسى يوق. ئەمما... سىز بايا سەل ئاشۇرىۋەتتىڭىزمۇ قانداق لەيلى، مەنمۇ قورقۇپ كەتتىم!-دېدى ئۇ چاقچاققا يۆلەپ.

    - شۇنداقمۇ؟! ھىم بۇمۇ ياخشى بولدى. مېنى ئەمدى توشقانچاق دەپ يۇۋاش كۆرۈپ قالماڭ جۇمۇ؟ بولمىسا..-دەپ بېلىمنى تۇتۇپ ھەيۋە قىلىپ قويدۇم ئالماسقا. چۈنكى ئۇ ۋە گۇرۇپپىمىزدىكى نەچچە بالا مېنى توشقانچاق دەپ تېرىكتۈرەتتى، بىر قېتىم لېفىتتىن چۈشمەي پەلەمپەيدىن لەپ لەپ دېگەن بىر ناخشىنى غىڭشىپ سەكرەپ چۈشىۋاتقىنىمنى كۆرۈپتىكەن، شۇنىڭ ياقى توشقاننىڭ گېپى چىقسىلا ھەممىسى ماڭا قارايدۇ، مەنمۇ ئورۇقلايمەن دەپ شۇنداق سەكرىگەن بولمىسا، ھەي....

    - ھە باشلىق، ماۋۇ خىزمەت ۋاقتىدا خىيال سۈرمەيلى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا خىيال سۈرۈپ-ھە؟!- دېدىم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان ئالماسقا قول شىلتىپ.

    مانا مەن مۇشۇنداق خىزمەتلا قىلىپ، ئۆزەمنى ئۆزەم مەس قىلىپ يۈرۈيمەن، بۇمۇ يامان ئەمەسكەن، ئەمەلىيەتتە، يا ئۆزەم ئەزەلدىنلا يامان ئەمەس قىزمۇ، ئىشقىلىپ دۆۋە دۆۋە قەغەز، سىزغۇچ قەلەملەر ئارىسىدىمۇ ئەھمىيەتلىك ياشاۋاتىمەن، چۈنكى بۇ خىزمىتىمنى سۆيىمەن، ئامال بار فۇئاتتىن بەكرەك سۆيۈشكە تىرىشىۋاتىمەن.

    فۇئاتنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ماڭا ئوخشىمايدۇ، ئۇ بەك چىقىشقاق، دوست تۇتۇشقا ئامراق، گەپكە ئۇستا، ئۆزىمۇ ناھايتى قاملاشقان بالا، خىزمىتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى، نېمە دېسە شۇ بار ھازىر، ئۇ ئۆزىغۇ ئۆزىگە ئوخشاشلارغا ئامراق مىجەزى ئوچۇق يورۇق، خۇچاقچاقلارغا، ئەمما ئىككىمىز نەچچە يىلنىڭ ياقى بىر بىرىمىزگە كۆيۈشتىن ھازىرقى كۆنۈشكە ئۆتۈپ كەتكەندە ئايرىلىش ھەقىقەتەن تەس كېلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداقتۇ، بولمىسا ئالدىنقى قېتىملىق ۋەقەدە ئۇ تامامەن كەتسە  بولىۋېرەتتى.

    ھېلىقى قىز، ئىسمى شەھرىيەغۇ دەيمەن، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىنىڭ گۈلى، مەن بىر قېتىملا كۆرگەن ئۇ قىزنى قارىماققىغۇ بەك چىرايلىقتىنمۇ ئەمەس، يا ئوغۇللارنىڭ گۈزەللىك قارىشى بىلەن بىز قىزلارنىڭ ئوخشىمامدىكىن، ئۇ قىز بەك جەلپكار بىلىنىپ كەتتىغۇ مېنىڭ بۇ فۇئاتىمغا!

    - ماۋۇ ھەپتىلىك دەم ئېلىشتا بىز ساياھەت قىلىپ كېلەيلى، بىرەر يەرگە بېرىپ. نەگە بارغىڭىز بار؟- دېدى فۇئات كەچە تېلىفون قىلغاندا، ئەتىگەنكى ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا.

    - ماقۇل، شۇنداق  قىلايلى، بۇغدا كۆلىگە بارغۇم بار.-دېدىم مەنمۇ لايىقىدا مۇلايىملىشىپ، ئۇ مۇشۇنچىلىك ئويلىغان يەردە مەن نېمىگە بىشەملىشەتتىم.

    - بۇغدا كۆلىگە يۈز قېتىم چىقىپ بولدىڭىزمىكىن دەيمەن، يەنە بارامسىز؟

    - شۇ بارغۇم بار يەنە، بۇرۇنقى كۈنلەرئېسىمگە كېلىدۇ ئۇ يەرگە بارسام، شۇڭا بارىمەن .

    ئالىي  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا، ئۇنىڭ بىلەن دائىم بۇغدا كۆلىگە چىقاتتۇق، ھەممىسى ھەيران بولاتتى،‹‹ ساياھەتكە ئامراق ئىككىڭلار، دۆلەتنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتىسىلەر›› دەپ چاقچاقمۇ قىلاتتى.  ئەمما بەك كۆڭۈللۈك ئىدى بۇغدىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش. يەيدىغان نەرسىلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئېلىۋالاتتۇق، تاغقا ئالدىرىماي يامىشىپ چىقىپ، ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكەندە ئولتۇرۇپ، تۆۋەنگە قارىغاچ ئېلىۋالغان نەرسىلىرىمىزنى يەتتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردىغۇ بۇغدانىڭ تازا ئېچىلىپ كەتمىگەن ۋاقىتلىرى ئىدى، ھەممە يەرلىرى شۇنچە تەبىئىي ساپ ئىدى، سۈنئىي ياسىغان يەرلىرى شۇنچە ئاز. ھەممىدىن بەك ئېسىمدە قالغىنى بىر يىلى دۆلەت بايرىمىدىكى دەم ئېلىشتا يەنە باردۇق بۇغدا كۆلىگە. كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ، سۇدىكى سالىيوتلارنىڭ شولىسىنى تاماشا قىلدۇق. بىر شارپىنى تەڭ يۆگەپ بىر بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن نۇرغۇن گەپلەرنى دېيىشكەن ئىدۇق، ھاۋا سوغ بولسىمۇ يۈرۈگىمىز ئوت بولۇپ يانغان ئىدى. زادى قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق تۇيغۇ، ھېسسىيات بىزدىن يىراقلاپ كەتتىكىنا؟! ئەجەبا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا كۆنۈشتىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدىمىكىنا؟! يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغان ئۇ ھېسسىياتلار راستىنلا يوقالغانمىدۇ؟ شۇ ھېسسىياتنى شۇنچە سېغىندىم، شۇڭا يەنە بارماقچىمەن ئۇ يەرگە، بۇرۇنقى شۇ تۇيغۇلىرىمنى تېپىۋالغۇم، ئۆزەمنى بىزنىڭ يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشەندۈرگۈم بار.

    - ماقۇل ئەمىسە شۇ يەرگە بارايلى، شەنبە ئەتىگەندە سىزنى ئالغىلى  بارىمەن جۇمۇ. تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.

    - ھىم. ماشىنىنى دىققەت قىلىپ ھەيدەڭ، بىخەتەرلىك  بىرىنچى!- دېدىم. بۇ ئۇنىڭ دائىم تەكىتلەيدىغان شۇئارى ئىدى.

    - بولىدۇ، بىلدىم.- فۇئات سەل تۇرىۋېلىپ يەنە سورىدى:

    - بۈگۈن قانداقراق ئۆتتى؟

    - بولىدىغۇ، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم شۇ!

    - ھە، ئەمىسە بالدۇر ئارام ئېلىڭ، مەنمۇ گەپكە تۇتماي.

    - ماقۇل. ياخشى چۈش كۆرۈڭ!

    -ياخشى چۈش كۆرۈڭ!

    تېلىفوننى قويىۋېتىپ، بۇرۇنقى ئالبوملىرىمنى ئالدىمغا يايدىم، ئىككىمىز بەكمۇ كۆپ يەرلەرگە ئوينىغىلى بېرىپتىكەنمىز، نېمىدىگەن گۈزەل ئەسلىمىلەر ھە، مېنىڭ شۇنچە بىغۇبار، بەخىتتىن كۈلگەن كۆزلىرىممۇ بوپتىكەن بۇرۇن، شۇ سۈرەتلەرگە قاراپ ئويلىدىم. قارىغاندا بىز ھەقىقىيمۇھەببەتلىشىپتىكەنمىز ، دېمەك مۇھەببىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يەنە ئۈمىد بار، مەن چوقۇم شۇ ھېسسىياتىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.

     (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.