كۈنىگە بىر ئەقىل (ئايازنامە) 11-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 21:47:49

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)ئايازنامە11-ئايئېتىقادخرىستوس تەلىم بېرىپ، ئادەم بىلەن

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    ئايازنامە
    11-ئاي


    ئېتىقاد

    خرىستوس تەلىم بېرىپ، ئادەم بىلەن خۇدا ئارىسىدا ۋاستىچى بولماسلىقى كېرەك، خۇداغا بىزنىڭ سوۋغا-سالاملىرىمىز ۋە بېشىمىزدا ئېلىپ كۆتۈرۈشىمىز كېرەك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ياخشى ئىش-ئەمەللىرىمىز كېرەك.
    ساكيامۇنى، دىن-ئېتىقادنى ھاياتتا بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئادەم، قاپقاراڭغۇ ئۆيدە چىراغ ياندۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، دېگەنىكەن. زۇلمەت كەتسە، يورۇقلۇق كېلىدۇ. ئەگەر سىز ھەقىقەت ئىزدەشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرالىسىڭىز، پارلىغان ھەقىقەت نۇرلىرىغا ئېرىشەلەيسىز.
    بىز ئۆزىمىزگە ئايان بولغان دىنىي چۈشەنچە-قاراشلار بىلەنلا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز نۇر-زىيالارغا زەن قويۇپ قاراپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ (نۇر-زىيا) ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ ھەرقايسى يېڭى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
    بىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى بىلەلەيمىز، چۈنكى، بىزدە سەزگۈ−كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى ۋە تەننىڭ تېگىش سېزىمى بار. بۇ سەزگۈلەر بولمىسا، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى بىلىپ يېتەلمەيمىز؛ شۇنىڭدەك، ئۆزىمىزنىڭ «مەن»ى ئىگە بولغان مەنىۋىلىكنى ھەم خۇدانى سېزىپ يېتەلمەيمىز.

    11-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    روھ

    سىزنىڭ روھىڭىز گويا بىر ئەينەك. خۇدا ئەينەكتىن بۆسۈپ ئۆتكەن نۇر. سىزنىڭ جىسمىڭىز ھەم ئەينەك، ھەم ئەينەكنى بۆسۈپ ئۆتكەن نۇر-زىيادۇر.
    بىزلەر يەر شارى ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆلچەپ چىقتۇق، ھەم دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچىدۇق؛ بىز ئاي شارىدىكى دەريا قىنى ۋە ئېگىز تاغلارنى بايقىدۇق. بىز ئەپلىك ماشنىلارنى ياساپ چىقتۇق، بىز خۇدانىڭ ھەربىر قۇتلۇق كۈنىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىدىن-يېڭى شەيئىلەرنى بايقايمىز. ئەي مېنىڭ رەببىم، بىز شۇ قەدەر كۆپ ئىشلارنى بىلىپ كەتتۇق، بىز شۇ قەدەر كۆپ ئىشلارنى قىلالايمىز! بىراق، بىز بەزى ئىشلارنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇق، بىز ئاشۇ بەزى مۇھىم ئىشلارنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بىز زور مىقداردىكى بىكېرەك نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغىنىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چەكمەكتىمىز، ئەمما ئەڭ مۇھىم نەرسە−ئۆزىمىزنى قىلچە چۈشەنمەيۋاتىمىز. بىز ئۆز قەلبىمىزنى ماكان ئەيلىگەن روھىمىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويمىساقلا، بىزنىڭ ھاياتىمىز ھالىتىنى ئۈزۈل-كېسەل ئۆزگەرتىدۇ.
    ھايات بىزنىڭ تېنىمىزدە ئەمەس، روھىمىزدىدۇر.

    11-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    ھەر قانداق ئادەم خۇدانىڭ پەرزەنتىدۇر، شۇڭا، ھەممىمىز ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىلارمىز.
    مەن قانداقسىگە بارچە كىشىلەرگە قوشۇلالايمەن؟ دۇنيادا كىشىلەر تالاي، يەنە كېلىپ ئۆز ئارا ئوخشىمايدۇ. مەن بىر ئادەم قانداقمۇ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ھەر بىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرالايمەن؟ بۇنىڭ بىردىن-بىر يولى−روھى بار ئادەم بولۇش، ئۇ شۇنداق روھكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ياشايدۇ، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە، شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە.
    باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش، بىز كۆپچىلىك چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن روھقا تايىنىپ ياشاش، شۇنچە كۆپلىگەن شەخسنىڭ نىشانى بىلەن بەلگىلەنگەن ھاياتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ ئاساسىي نىشان ئۈچۈن ياشاش كىشىلىك ھاياتنى تولىمۇ ئاددىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
    ئەگەر، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىسا، ئۆزىڭىزنى پاناھسىز قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىسىز، ھاياتنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىگەللىشىگە تاپشۇرماقچى بولغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سىز قەلبىڭىزدىكى مەنىۋى بايلىققا ياردەم قىلىشىڭىز شەرت، مانا بۇ ئەڭ ياخشى چارە.

     

    11-ئاينىڭ 3-كۈنى

    خۇدا

    ماددىي دۇنيا پەقەت خىيالىي كۆرۈنۈش، ئۇ ۋاقىتلىق، قىسقا. سىز بۇنى ھېس قىلىپ يەتكىنىڭىزدىلا خۇداغا سۆيگە بېرەلەيسىز، ھەم خۇدانىڭ مەۋجۇدلۇقىنى چۈشىنەلەيسىز.
    مېنىڭ نەزىرىمدە، خۇدا مەن تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن توختاۋسىز ئىزدەۋاتقان بارچىدۇر. خۇدا مەن ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەن بىر ئۆمۈر ئەنە شۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن. ئەگەر، مەن خۇدانى ئۈزۈل-كېسل تونۇيالىسام، مېنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى ھاياتىمدا باشقا ھېچقانداق يۆنۈلۈش، ھېچقانداق نىشانغا ئاداشماي ئىلگىرىلىيەلەيمەن.
    −سەن نېچۈك ئېتىمنى سورايسەن؟−دەپ سوراپتۇ خۇدا، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن،−مېنىڭ ئېتىم، مېنىڭ بولۇمۇم (مەۋجۇدىيىتىم) دۇر، مەن ئەسلىدە بار بولغىنى ھەم مەڭگۈ بولىدىغىنى، مېنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغىنىمنى بىلگۈسى بار ئادەملەر، مېنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ.
    كۈن يوق ۋاقتىدا سىز ئاسماندىكى سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيسىز. سىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىسىز. كۈن چىققاندا، يۇلتۇزلارنى يەنە كۆرەلمەيسىز. خۇددى شۇنىڭدەك، دۇنيادىكى خىلمۇ-خىل ئېزىقتۇرۇشلار كۆزلىرىڭىزنى غەلەت قىلىپ قويغاندا، سىز خۇدانى كۆرەلمەي قالىسىز. بىراق، سىز خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سەزسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە زاھىر بولىدۇ.

    11-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    كىشىلەر ئارا ۋە خەلقئارا بويىچە ئىناق-ئىجىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، گەپ-سۆز بىلەن ئەمەس، ھەقىقەتنى تۇيۇش بىلەن ھەمدە ھەقىقەت ئارقىلىق ھاياتقا يول كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. ھەقىقەت كىشىلەرنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ.
    ھاياتتا ھەمراھ-ئۈلپەت بولمىسا، باشقا ئادەملەرمۇ بولمىسا بىزنىڭ جېنىمىزغا تېگىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىزنىڭ بەزى نەرسىلىرىمىز بىلەن باشقىلارنى بىرلەشتۈرۈش زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىمىز، گەرچە بىزنىڭ جىسمىمىز ئۆز ئارا ئايرىم-ئايرىم، مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ.
    دۇنيادىكى دانىشمەنلەر ۋە پەيغەمبەرلەر ئوخشاش بىر قائىدە-يوسۇندىن تەلىم بېرىدۇ. ئۇ قائىدە-يوسۇن شۇقەدەر ئاددىيكى، ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئوخشاش روھ بار، سۆيگۈ-مۇھەببەت پۈتكۈل كىشىلەرنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ.
    ئۆزىگە سەمىمىي بولغان ئادەم مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا، باشقىلار بىلەن بىرلىشىش ھاجەت ئەمەس، ئۇ بىر ئۆمۈر بۇ نىشاننى ئىزدەيدۇ، ئۇندىن روھى پىشىپ يېتىلدۈرۈشكە ئېرىشىدۇ.

    11-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    ئەگەر، باشقىلارغا سۆيگۈ بەرمىسىڭىز، سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز مۇرەككەپ، قىيىن بولىدۇ. باشقىلارنى سۆيۈشكە باشلىغاندىلا، ھاياتىڭىز روشەنلىشىدۇ ۋە ئاسانلىشىدۇ.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت بولمىسا، ئادەمگە ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈشەندىسىدەك كۆرۈنىدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇنى دۇنيادىكى بۇرۇنقى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى بارچە جانلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ،. سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇنى ھەم خۇدا بىلەن بىرىكتۈرىدۇ.
    ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى دائىم جاھاندارچىلىق، بايلىق ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈن كۆرۈشىش بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش، مەڭگۈ ئۆلمەسلىككە تەلپۈنۈپ كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق ئەمەس. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلەر ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش كويىدا ئالدىراش يۈرۈشىدۇ، ھەقىقىي، بىردىن-بىر خۇشاللىققا نائىل بولۇش ۋاقتى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ۋاقتى بارغانچە ئازايماقتا، ئاشۇ ھەقىقىي، بىردىن-بىر خۇشاللىق سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر.
    بىز ھامان بىر كۈنى كۈرەش، ئۇرۇش ۋە ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىپ، ئۆز ئارا مېھىر-مۇھەببەت بېرىشكە باشلايمىز. بۇ كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ، چۈنكى، بىزنىڭ روھىمىزدا ئەڭ بۇرۇن ئورۇن تۇتقىنى باشقىلارغا بولغان يىرگىنىش ئەمەس، بەلكى سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر. بىز بۇ كۈنلەرنىڭ بۇرۇنراق كېلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنايلى.

    11-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    روھ

    بىر ئادەمنىڭ بويى ئۆسۈشتىن توختاش، ئۇنىڭ ئەڭ ھالقىلىق، ئادەمنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان يېشىدۇر. تېنىڭىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى توختىسا، سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى روھنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى باشلىنىدۇ.
    پۈتكۈل جانلىق توختاۋسىز ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ. بىزنىڭ روھىمىزمۇ بىزنىڭ بالىمىزدەك ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، مەيلى بىر ئادەمنىڭ ۋە مەيلى پۈتكۈل ئادەملەرنىڭ روھى بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق.
    كىشىلىك ھاياتنىڭ تۆت باسقۇچى بولىدۇ: (1) «ھايۋانىي» ياشاش، بۇ كىشىلەرنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدۇر؛ (2) «باشقىلارغا ئەگىشىپ» ياشاش، ئۇ بالىلىق دەۋردۇر؛ (3) «نام-ئاتاق ۋە شان-شەرەپ ئۈچۈن ياشاش»، ئۇ ياشلىق دەۋردۇر؛ (4) «ئۆزىڭىزنىڭ روھى، خۇدا ئۈچۈن ياشاش»، مانا بۇ ھەقىقىي ياشاشتۇر.
    ھەر بىر ئادەم قەھرىتان قىشتىن ئىللىق باھارغىچە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. دەسلىپىدە، يامغۇر بۇرۇنقىدەكلا تۆكۈلىدۇ، ئاندىن دۇب دەرەخلىرى نوتىلاپ پۇتاق چىقىرىدۇ، ياپراق چىقىرىدۇ، چېچەكلەيدۇ، تۈگۈنچەكلەيدۇ، مېۋىلەيدۇ. مەنمۇ شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، مېنىڭ قەلبىم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قەلبى پات ئارىدا مېۋىلەيدۇ.

    11-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    توي قىلسا، بويتاقلىققا يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ خۇددى كېتىۋاتقان ئادەم تۈز يولدىمۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشكەندەكلا بىر ئىش. ئەگەر، توي قىلمايمۇ ياشاپ كېتىشكە كۆزىڭىز يەتسە، زاھىدلارچە تۇرمۇشىڭىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ. بۇ، زادىلا توي قىلمىغاندىن ياخشىراقتۇر.
    بىزگە ئاندا-ساندا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرىدىغان جىنسىي ھاياجاندا، ئەڭ ھەرىكەتچان بولغىنى جىنسىي تەلەپتۇر. جىنسىي تەلەپنى قانچىلىك مەيلىگە قويۇۋەتسە، شۇنچىلىك كۈچىيىپ كېتىدۇ.
    جىنسىي ھاياجان ئېغىر ئازابلىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى بوي سۇندۇرۇشقا تېرىشىشى كېرەك. شۇغىنىسى، بۈگۈنكى كىشىلىرىمىز دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ خىل جىنسىي ھاياجاننى سۈنئىي ئۇسۇلدا تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەشمەكتە، ئۇنى نازۇك، ئالىيجاناب ھېسسىيات دەپ قاراشماقتا.
    ياشلار تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغاندا، بەكمۇ خىجىل بولىدۇ. ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بۇ خىل خىجىللىق تۇيغۇسى سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ ساداسىدۇر.

    11-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    سىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز. ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولمىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە ئېرىشمىكىڭىز بەك تەس.
    ئادەم ياشاش ئۈچۈن ئاق ھاراق، بىھوشلاندۇرۇش دورىسى ۋە تاماكا دېگەنلەرنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. ھەممىمىزگە ئايانكى، بۇنداق نەرسىلەر تەن ۋە روھنى كاردىن چىقىرىدۇ. بىراق، مىليونلىغان كىشىلەر مۇشۇنداق زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇشىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
    ئادەم ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئايرىلالمايدىغان يېمەك-ئىچىملىكلەر−بولكا-نان، مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز، ئوتياش ۋە سۇ−مانا بۇلارغا ئاسانلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، كۆپ ئەجىرمۇ كەتمەيدۇ.
    قاتتىق-قۇرۇق تاماق، سۇيۇق-سەلەڭ غىزا بىلەن غورىگىل ئۆتۈۋاتقان ئادەم ئېسىل يېمەكلىكنى كۆپ يەۋېلىپ ئاشقازىنىنى بۇزۇپ قويىدىغان بايلارغا ھەۋەسلەنمىسۇن؛ ئەكسىچە، تېنى ساغلام بولمىغان بايلار نامرات بولسىمۇ ساغلام كىشىلەرگە ھەۋەسلەنسۇن.

    11-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    بايلىق ۋە ئاچكۆزلۈك

    دۆلەت-بايلىقلار بەخت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ بىلىش، غايەت زور بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر. كىشىلەر بۇ پىكرىدىن ۋاز كېچەلەمدۇ؟
    كىشىلەرنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن مىڭ ھەسسىلەپ ئارتۇق، بىراق، ھەممىمىزگە ئايانكى، كۆڭۈللۈك ياشاش، زور بايلىقلاردىنمۇ مۇھىمدۇر.
    −ئارتور شوپېنھاۋار
    بايلىققا ئېرىشىش، ئەمما ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇقلىرىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەرمەسلىك، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوغرىلۇق قىلغاندىنمۇ ناچار ئىشتۇر.
    پۇل-دۇنياغا ئېرىشىش، ئۇنى يىغىش ۋە ساقلاشلار ئەڭ ئەھمىيەتسىز ئىشتۇر.

    11-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    بىر دانىشمەن چال شۇنداق دېگەنىكەن: «ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال تاپقان نان، چاكار تېپىپ بەرگەن ناندىن كۈچلۈكتۇر. ئەمگەك قىلىپ ئىككى قولى توپا بولسا، زاتى پەسلىك قىلىپ ئامالسىز چاكار بولغاندىن ياخشىراقتۇر.»
    جىسمانىي ئەمگەك قىلمىسىڭىز، تېنىڭىز ھەقىقىي ساغلام بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، جىسمانىي ئەمگەك بولمىسا، ساغلام ئىدىيىمۇ بولمايدۇ.
    ئەگەر، دائىم كەيپىڭىز چاغ بولسۇن دېسىڭىز−ئانداقتا، قەرەللىك ھالدا جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ بېرىڭ، سەل-پەل ھارغىنلىق يەتكۈچە ئىشلەڭ.
    ئەجىر-ئەمگەك قىلىش كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمگەك-مېھنەتسىز تۇرمۇش ئازابلىق بولىدۇ، ئۇنى ئارزۇلىغۇدەك ئىش ئەمەس. ئىشلەش بىز خۇددى تاماق يېگەندەكلا پايدىلىق ئىش دەپ قارايلى.

    11-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    سىز، ئۆز ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسكى ئادەم دەيسىز. ئەگەر، راستتىنلا شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆزىڭىز مۇقەررەر ئەسكى ئادەمسىز.
    چوڭقۇر دەرياغا تاش ئاتسا، دولقۇن ھەيران قالمايدۇ. شۇڭا، سىز ئەگەر قوپال گەپ-سۆزلەرگە ئىچىڭىز سىقىلسا، دەريا ئەمەس، ئەۋرەزدۇرسىز.
    ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى پاكلاپ، ئۆزىڭىزنى ئازاد قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر، سىزنى ئاچچىقلىنىش ۋە چېچىلىشتەك ھەر تۈرلۈك كەيپىياتلار چىرمىۋالسا، ئۆزىڭىزنى قانداقمۇ ئازاد قىلالايسىز؟
    روھى ئازاد-ئەركىن بولمىغانلار كۆزى كۆرۈپ تۇرسىمۇ كۆرەلمەيدۇ، قۇلىقى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ ئاڭلىيالمايدۇ، ئاش-تۇز يېسىمۇ ئېغىزى ئەسلى تەمنى تېتىيالمايدۇ.

    11-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    غادايغۇچلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى، چۈنكى، ئۇنداقلار ئەڭ چوڭ ھۇزۇر−باشقىلار بىلەن نورمال چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىدۇ.
    كىشىلەر گەرچە، بەزىلەر باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا كۈچلۈك، بەستلىك، زېرەك، مېھىر-شەپقەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ بىر-بىرى بىلەن باراۋەر ئاساستا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈشىنى چۈشىنىمەن. بىراق، كىشىلەر باراۋەر ئەمەس دېيىش، كۆپ ساندىكى كىشىلەر كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇزۇر يۈرسىمۇ، يەنە باشقا بىر ئادەمنىڭ جۇلدۇر-كېپەن يۈرگىنىدىندۇر.
    گەپ-سۆزدە باراۋەر بولماسلىق، ئىككى تۈرلۈك ئادەملەرگە قىلىنغان تەنە: ئۇلارنىڭ بىر تۈرى، ئۆزلىرىنى يۇقىرى مەرتىۋىلىك دەپ بىلىدىغانلار؛ يەنە بىرى، ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغىنىنى تەن ئالىدىغانلار.
    خرىستىئان مۇخلىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلە رەزىللىك قىلىشقا دەستەك بولىدىغان جاي ئەمەس، چۈنكى، خرىستوس ئائىلە خۇسۇسىدا ئېغىز ئاچمىغان. ئائىلە ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتتىكى ھايۋانىي بىر تەرىپى شەكىللەندۈرگەن نەتىجە، بىز ئۇنى باھانە قىلىپ، خرىستوسنىڭ ھەر بىر ئادەمنى سۆيۈش تەلىمىگە مۇخالىپ ئىش قىلساق بولمايدۇ.

    11-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    ئىدىيە

    يالغانچىلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى: بەزىسىنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئىدىيىسى بار بولسا، بەزىسى باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىدا.
    ئەگەر سىزگە بىرسى «باشقىلار نېمە قىلسا، سەنمۇ شۇنى قىل» دېسە، باشقىلارنى دوراپ يامان ئىش قىلسىڭىز بولمايدۇ.
    كىشىلەر، بەزى ئەقىدىلەرگە قانچە ئىشەنگەنسېرى سىز ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا شۇنچە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز، ئۇ قاراشلارنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ بېقىشىڭىز كېرەك.
    بىزنىڭ بەختسىزلىكىمىزنىڭ سەۋەبى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىدىيىمىزدىدۇر.
    بۈيۈك ئىدىيىنى باشقىلارنىڭ ماختاشلىرى كەتمەيدۇ. بۈيۈك ئىدىيىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىن قۇدرەتلىك كۈچ بار، ئۇ كىشىلەرنى ھاياجانغا سالالايدۇ، كىشىلەر ھاياجانلىنىشنى خالاش-خالىماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر.

    11-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    بىز جىنايەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىمىزنى ساقلايمىز، بىراق، ئاشۇ جىنايەتلەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان جىنايىتىمىزدىن كۆپ كىچىك. ئۇ جىنايىتىمىز دەل ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن زوراۋانلىققا مۇراجەت قىلىشىمىزدۇر.
    تۇرمۇشقا غەيرى دىنىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلساق، زوراۋانلىققا تىنچلىق ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، ئىپتىدائىيلىقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئىخلاس قىلىدىغان خرىستىئانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يامانلىققا قارشى تۇرۇش قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ.
    ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، باشقىلارنىڭ نېمە قىلىشىغا ئارلىشالمايمىز ھەم ئۇنداق قىلىدىغان ھوقۇقىمىزمۇ يوق، ھالبۇكى، بىز ئۆز ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.
    ئۆز ئەزالىرى ئۆتكۈزىدىغان جىنايەتلەردىن خالىي جەمئىيەت بۈگۈنگە قەدەر بىرسىمۇ بولۇپ باققان ئەمەس.

    11-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    ئىبادەت

    تىلەك-ئىبادەتنىڭ ھەر كۈنى ئوخشاش بولىۋېرىشى ناتايىن. مەن بەزىدە ياردەمگە ھاجەتمەن بولۇپ قالىمەن، بەزىدە خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئويلايمەن، بەزىدە خۇدانىلا ئويلىسامكەن دەپ ئىستەيمەن.
    بامداتتا، خۇدانىڭ دىلىمدا، شۇنداقلا ھەر بىر ئادەمنىڭ دىلىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، شۇڭا، دىلىمدىكى ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ دىلىدىكى مەن كۆرۈپ يەتكەن خۇداغا سۆيگۈ بېرىمەن ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھېچقانداق ئىش قىلىشنى خالىمايمەن؛ مەن باشقىلارغا زۇلۇم سېلىشنى، باشقىلارنى تىللاپ-قاغاشنى ۋە باھا بېرىشنى خالىمايمەن؛ ئۆزۈمنىڭ بارى-يوقىنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشنى، باشقىلارنى سۆيۈشنى ئويلايمەن.
    نامازشامدا، خۇدانىڭ دىلىمدا، شۇنداقلا ھەر بىر ئادەمنىڭ دىلىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلىشنى خالىمايمەن، ئەمما ياخشى بولمىغان ئىشلارنىمۇ بىلىپ-بىلمەي قىلىپ سالغانمەن. مەن قانداقسىگە يامان ئىش قىلىپ قويغاندىمەن؟ بۇندىن كېيىن، قانداق قىلسام ئەسكى ئىش قىلماس بولىمەن؟
    ئى خۇدا، ماڭا ياردىمىڭنى ئايىمىغايسەن! باشقىلارغا باھا بەرمەسلىككە، تىلىمدىلا ئەمەس، دىلىمدىمۇ ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىققا نېسىپ قىلغايسەن.

    11-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    ئوغرىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلار يولدىن ئازغانلار بولماي، نېمە؟ بىز ئۇلارغا ئېچىنايلى، ئۇلارغا چېچىلمايلى. ھالبۇكى، بەزىلەر ئوغرىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلارنى جازالاش كېرەك، دېيىشىدۇ. بىز كۆرۈش ئىقتىدارى يوق ئادەملەرنى جازالاپ يۈرمەستىن، ئەكسىچە ئېچىنساق بولىدۇ.
    ھۆكۈمەت جازا ئىجرا قىلىش ئارقىلىق پەيدا قىلغان جىنايەت، جازاغا تارتىلغان ئەسلىدىكى جىنايەتتىنمۇ كۆپتۇر.
    ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق جىنايىتى ھاياتنى ئەمەس، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقىدا.
    زوراۋان قانۇنلارنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە سوققا بېرەلمەيسىز.
    باشقىلارنى ئەيىبلىمىسىڭىز، شاد-خۇراملىق تۇيغۇسى سېزەلەيسىز. ئۇ، زابوي ھاراق تاشلىغان ۋاقىتتىكى تۇيغۇغا ئوخشايدۇ. ئۇ، كۆڭۈللەردىكى پاك، گۈزەل خۇشاللىقتۇر.

    11-ئاينىڭ 17-كۈنى


    ئېتىقاد

    ئېتىقاد خۇدا ۋە دۇنيا ھەققىدە بېكىتىلگەن بىر يۈرۈش قاراشلاردۇر. ئېتىقادى خاتالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئادەمنىڭ ھاياتى قانداق بولىدۇ؟
    خرىستىئان دىنى دۇنياغا كېلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ناسارالار خرىستوسنىڭ تەلىملىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمىگەن. ئۇلار تىرىلىش، مۆجىزات ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى خۇسۇسىدا ھە دەپ ئېغىز ئاچقان-يۇ، خرىستىئان دىنىنىڭ مەنىۋى ئەخلاقى ۋە ئەمەلىيەتلىرى ھەققىدە كەمدىن-كەم توختالغان، ئۇ دەل سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىدى.
    ھەقىقىي ئېتىقاد ھەر خىل مۆجىزىلەرگە ئىشىنىشتە ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى تۇيۇشتا.
    مۆجىزىگە، خرىستوسنىڭ تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرنى سوئال-سوراق قىلىشىغا ئىشەنگەن ئادەم سۆيگۈنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە ھەمدە ھەممە كىشىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەمدۇر.

    11-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    دۇنيادا ئۈزۈل-كېسىل سەمىمىي، قىلچە ساختىسىز ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. سەمىمىي ئادەم بىلەن يالغانچىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، ئالدىنقىسى ئىمكان قەدەر راست گەپ قىلىشقا تىرىشىدۇ، كېيىنكىسى ئۇنداق ئەمەس.
    ھەقىقىي بىلىم بۈيۈك ئادەمنى كىچىك پېئىللاشتۇرۇۋېتىدۇ، كۆپ سانلىقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرسا، ئاز سانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    بىز باشتىن-ئاخىر ھەقىقەتنىڭ يېتەكلىشىدە، ھەقىقەتنى ئويلاپ، راست سۆزلۈكلۈك بىلەن ياشىشىمىز كېرەك.
    دۇرۇس، بىز چوقۇم جان كەتسىمۇ راست سۆزلەيلى، چوڭ ئىشلاردىلا ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ شۇنداق قىلايلى. سىز يالغان گەپ بىلەن ئۆزىڭىزنى بۇلغاپ يۈرمەڭ.
    بۇ دۇنيا ھەققىدىكى چەكلىك بىلىملىرىڭىز «ئىلىم» دېيىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى بەك مۇھىم قىلىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ھەقىقىي مۇھىمى، ئۇنىڭ بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن پايدىسىدۇر.
    ئەقلىي قابىلىيىتىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھەقىقەتنى بايقاشتۇر؛ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلار ئەقىلىي قابىلىيىتىڭىزنىڭ چوڭ خاتالىقىدۇر.

    11-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    قانداقلىكى پايدىلىق ئىش بولسا، پايدىسى ئەڭ كىچىك ئىش بولغان تەقدىردىمۇ ھەممىسىنى قىلىشقا تېرىشىش كېرەك.
    ھېچقانداق نەرسە ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنى توسۇپ قالالمايدۇ، بۇنى باشتىن ئاخىر ھەرگىز ئەستىن چىقارماڭ.
    بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ئىشلار: ئۆي سېلىش، يەر ئاغدۇرۇش، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشتەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىمىز. بىراق، ھەقىقىي ئىش كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان شەكىلسىز ئىش، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ ئۆز روھىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر.
    پاك ياشاش ئۈچۈن ئەڭ كىچىك ساۋابلىق ئىشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي قىلىش كېرەك. بۇنداق ئىش-ھەرىكەتكە كېرەكلىك زېھىن-كۈچ ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم بولغان ساۋابلىق ئىشتەك كۆپ بولىدۇ.

    11-ئاينىڭ 20-كۈنى

     


    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىڭ. ئەگەر، ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە تەخلەنسىڭىز، ئۆزىڭىز ئىگە بولغان ئىلاھىي بىر يۈزىڭىزنى ئىلغا قىلالايسىز، مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن ھازىرلىنالايسىز. مېنىڭ قەلبىمدىكى مۇقەددەس روھ ماددىي دۇنيادىن ۋاز كېچىدۇ.
    ھەر بىر كىشى رىئايە قىلىدىغان تەرتىپكە بوي سۇنۇشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ «ئۆز ھاياتىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرىمەن دېسىڭىز، ھاياتىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە ھازىرلىنىڭ».
    ھەقىقىي ھايات، ئۆزلۈكتىن ھەقىقىي ۋاز كېچىىشىڭىزدىن باشلىنىدۇ.
    مەن قىلغىنىم، مەن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىشتۇر، ئادەم بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىلا، تالاي ئىلاھىي سوۋغىلار ۋە بەخت-قۇتلار ئۇنىڭغا يۈز ئاچىدۇ.
    −ئىمانۇل كانت

    11-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    كەمتەرلىك

    سىزنى تەنقىدلەيدىغان ئادەمگە يېقىنلىشىڭ، سىزنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان ئادەمدىن يىراق قېچىڭ.
    −«تەلمۇد»
    تاغ تۆپىسىدە سۇ تۇرماس، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان ئادەم ئۆزىنى يۇقىرى چاغلايدىغان ئادەم بىلەن بىر قاتاردا تۇرماس. سۇ ۋە كەمتەر ئادەمگە كېرىكى تۆۋەندۇر.
    −پارس ھېكمەتلىرىدىن
    ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەڭ ياردىمى تېگىدىغىنى، باشقىلاردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەيىب -نۇقسانلىرىنى كۆرۈش.
    كەمتەرلىكنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يالغۇز تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ تەكەببۇرلۇق قارىشىنى تىزگىنلەڭ.

    11-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    ھەقىقەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، گەرچە ئۇ ئەڭ كىچىك ئىشلاردىكى ھەقىقەت بولغان تەقدىردىمۇ. سىز قانداق سۆزلەڭ، باشقىلار سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزگە قانداق قارىسۇن، بۇلار مۇھىم ئەمەس؛ مۇھىمى، سىزنىڭ نېمە دېۋاتقىنىڭىز، چۈنكى، سىز ھەقىقەتنى سۆزلىشىڭىز كېرەك.
    كىشىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدار بېرىلگەن، راست بىلەن يالغاننى پەرق ئەتسۇن، دەپ. سىز يالغان سۆزلەشتىن قۇتۇلسىڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلەيسىز.
    كىشىلەر دىن، ئىلىم-پەن ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى ئەقىلغا سىغمايدىغان بەزى تەرەپلەرنى قوغداش پىكرىدە بولغاندا، بەزىدە مەن ھەيران قالىمەن. بىراق، ئىنچىكىلەپ كۆزەتكەندە، شۇنىڭغا دىققەت قىلىمەنكى، كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى قوغداش ۋە شەخسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
    ئەگەر، بىراۋ بىر خىل ئىش-ھەرىكەتنى مۇرەككەپ سەۋەبلەر بىلەن ئاقلىسا، بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇ ئەسكى ئىش-ھەرىكەتتۇر. سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز چىقارغان ھۆكۈم ھەمىشە ئاددىي ۋە بىۋاسىتە بولىدۇ.

    11-ئاينىڭ 23-كۈنى


    ئىش-ھەرىكەت

    دۇنيادا ئۇلۇغ ئىش يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېگىشلىك بۇرچىنىلا ئورۇنلاڭ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلىڭ. يىلقىچى ياكى ئېكىنزارلىقتا چۆپ ئورۇۋاتقان تېرىمچى ئات ئېغىلىنى قۇرۇقداش ۋە چۆپ ئورۇشنى ئۇلۇغ ئىش دەپ يۈرمەيدۇ.
    ياخشى ئىش-ئەمەللەر، پەقەت خۇدالا بىلىپ تۇرغان ئىش-ھەرىكەتلەردۇر .
    كۆپىنچە ھاللاردا، بىزنىڭ پۇشايمان-ئۆكۈنۈشلىرىمىز بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشنى خاتا قىلغىنىمىز ئۈچۈن بولىدۇ.
    كىشىلەر ئۆزى بىلىپ يەتكەن خاتا ئىش−جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلۇق قىلىش، جۆرىسىنى ئالداش، يالغانچىلىق، باشقىلارنى ئەيىبلەش−بۇلارنى قىلمىسىلا خۇدانىڭ دۆلىتى ئاسانلا يېتىپ كېلىدۇ.

    11-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    گەپ-سۆز

    ئېغىزىڭىزدىكى قوپال-يىرىك گەپلەر ئۈچۈن شالىڭىزنى چاچراتماڭ، بەلكى ئۇنى يۇتۇۋېتىڭ، ئۇ سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقتۇر.
    −مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
    سىز قانداق سۆزلەش، قايسى پەيتتە سۆزلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، قانداق سۈكۈت قىلىش، قايسى پەيتتە سۈكۈت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر. سىز ھە دېسە ئېغىزىڭىزدىن خاتا گەپنى چىقىرىپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسىز، ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايسىز.
    قانچە سۆزلىگىڭىز كېلىپ كەتكەن گەپ بولسا، سۆزلەشكە تېگىشلىك سۇ سۆزنى قىلالماسلىق ئېھتىمالى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
    سىز ئۆز تىلىڭىزنى مۇنداق بىر ئېغىز سۆزنى قايتا-قايتىلاپ قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ: «بىلمەيمەن».
    كىشىلەر باشقىلارغا باھا بېرىشكە، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، چۈنكى، غەيۋەت ئاڭلىغۇچىلارغا بەك تاتلىق تېتىيدۇ.

    11-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئىدىيە

    ئۆز ئىدىيىسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، ئەگەر، يامان ئىدىيە بولمىسا، يامان ئىش-ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ.
    −كۇڭزى
    مەن بۇرۇن ئۇشتۇمتۇتلا، مەلۇم بىرسىنى بەك ئەسكى دەپ قاراپ قالاتتىم ھەم بۇ ئويۇمنى تىزگىنلىيەلمەيتتىم. كېيىن، باشقىلارغا باھا بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم، باشقىلارغا ھەتتا ئۆز ئىچىمدىمۇ باھا بەرمەيدىغان بولدۇم.
    چوڭقۇر خىيال سۈرۈش، مەڭگۈلۈككە ئېلىپ بارىدىغان يول، زىيادە كۆپ سۆزلەپ كېتىش، ئەكسىچە ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىدىغان يولدۇر. كۆپ ۋاقتىنى چوڭقۇر خىيال سۈرۈشكە سەرپ قىلغان ئادەم مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئادەمدۇر؛ ئەمما، ئېتىقادسىز، ياخشى بولسىمۇ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئادەم، مېڭىپ يۈرسىمۇ ئاللىقاچان ئۆلگەن ئادەمدۇر.
    −بۇددا ھېكمەتلىرى
    سىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۆزىڭىزنىڭ ھەر خىل ھېسسىياتىڭىزنى باسالماي قالىسىز. سىز يالغۇز تۇرۇۋاتقاندا نىشان تىكلىۋېلىڭ، پىلان تۈزىۋېلىڭ، ھېچقانداق ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ، ھېچقانداق ئېزىقتۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالماڭ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى پات ئارىدا تېزگىنلىيەلەيسىز.

    11-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    جاھاندا يامانلىق نەدىن كېلىدۇ، دەپ سورالسا، يامانلىق سىزنىڭ قەلبىڭىزدىنلا كېلىدۇ.
    كىشىلەر دائىم تۈز كۆكۈللۈك بىلەن، ئازاب-ئوقۇبەتنى خۇدا بىزگە سوغا قىلغان، دېيىشىدۇ. بۇ گەپكە بىز ئەمەلىيەتتە ئىشىنىپ كەتمەيمىز. بىراق ئۇ، شەك-شۈبھىسىز، ئوچۇق ھەقىقەتتۇر. بىز خرىستىئان مۇرىتلىرىدەك ئازاب-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىدىغان بولساق، بىزنىڭ ھاياتىمىز تېخىمۇ قۇدرەتكە، تېخىمۇ زور خۇشاللىق ۋە مەنىلەرگە تولغان بولاتتى.
    قايغۇ-ھەسرەت، ئۈمىدسىزلىك ياكى غەزەپلىنىشنى كۆرگەن ئادەم، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يەڭگىللىتەلىسە، مەن بىراۋ ئات مىنىپ يانتۇ تاغ باغرىدىن پەسكە چېپىپ چۈشۈۋاتقىنىنى ئويلاپ قالىمەن، ئۇ تىزگىننى تارتىپ ئەمەس، تىزگىننى قويۇۋېتىپ، بولۇشىغا ئاتنى قامچىلاپ بوراندەك چاپتۇرىدۇ.
    ھەممە ئىش خەيرلىكتۇر. دۇنيادا گۇناھ يوق. سىز يامانلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەمدىلا كۆرۈپ يېتىۋاتىسىز، چۈنكى، سىز ۋاقىت-زامان ئىچىدە ياشايسىز. ۋاقىت سىرتىدا يامانلىق-رەزىللىك مەۋجۇت ئەمەس.

    11-ئاينىڭ 27-كۈنى

     


    ھازىردا ياشاش

    بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ھەم ئۆلگەندىن كېيىن ۋاقىت ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ بىراق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋاقىت-زامان مەۋجۇت ئەمەس.
    پاك، ھالال ياشاشقا ھەمدە پاك تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ئىنئامدا ھازىر مەۋجۇتتۇر، ئۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سىز ياخشى ئىش قىلسىڭىز، ئۇ پەقەت ھازىردىلا مەۋجۇت بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىنى−كەلگۈسىدىكى ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىنى بىلمەيسىز.
    سىز كۈنلۈكچى، سىز شۇ كۈنلۈك ئىشنىلا قىلىسىز، كۈن ھېسابىغا ھەقلىنىسىز.
    −«تەلمۇد»
    ھازىرنىڭ ئۆزىدە، سىز ۋاجىپ بولغان ئۆزلۈكىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇيرۇڭ، شۇنداق قىلغاندىلا سىز ھەقىقىي پاك ياشىيالايسىز. سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ مۇھىم ئىش، ئۆزىڭىزنى باشقىلار ۋە خۇدا بىلەن بىرلەشتۈرۈشتۇر.

    11-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم / ئۆلگەندىن كېيىن

    ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلىشىۋاتقىنىنى بىلىدۇ. شۇڭا، مۇنۇ بىر نۇقتىنى بىلىپ يېتىشلا كۇپايە: ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىدە ئەمەس، ئاستا-ئاستا روھنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قاراپ يېقىنلاشتىدۇر.
    سىز ھايات يولى ھەققىدە توختىماي سۆزلەيسىز، ھاياتنىڭ ئاچاللىرىدا قايسى تەرەپكە قاراپ مېڭىشنى بىلەلمەيۋاتقىنىڭىزنى سۆزلەيسىز، ئاندىن تەپەككۇر قىلىشقا باشلايسىز. سىز بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىگە ئالدى ئىشىك بىلەن چىقىسىز، ئەمما سەھنىدىن چۈشۈپ، چىقىش ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىشنى خالىمايسىز. سىزنىڭ سەھنىدىن قىلچە ئايرىلغۇڭىز كەلمەيدۇ، چۈنكى، سىز ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەردىن قورقىسىز. بىراق، سىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بۇ ئۆزگىرىشنى باشلىغان، شۇڭا، سىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق يامان ئىشلار بولمايدۇ، ئەكسىچە ياخشى ئىش بولىدۇ.
    بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، ھايات سىز ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتقان سۆيگۈ-مۇھەببەت جەريانىدا مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولماستىن، بەلكى ھاياتنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ بەلكىم، كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بىز بىلىپ ياكى چۈشىنىپ يەتكەندەك شەكىلدە ئىپادىلەنمەي قېلىشىدىن بولسا كېرەك.

    11-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    بەخت

    بەختلىك بولۇشنى ئىستىگەن ئادەم، شۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى كېرەك: تەڭرى بىزگە بارچە بەختنى ياراتقان.
    بىزنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتىمىز، ئۆزىمىزنى توختاۋسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىش. بەزى ئەمەلىيەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز ئارزۇ-ئارمىنىڭىز قاندۇرۇلسا، ئۇ ئارزۇ-ئارمانلار يوقايدۇ، ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپالمايسىز. ھەقىقىي خۇشاللىق، سىزنىڭ مۇكەممەللىككە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەشنى بىلىشىڭىزدە. ئۆز-ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قاراپ قىلىنغان ئۆزلۈكسىز ھەرىكەتنىڭ سىزگە بېرىدىغان خۇشاللىقى قىسقا بولماستىن، بەلكى ئۇزۇنغا سوزۇلغاندۇر.
    خۇشال بۇلۇڭ، ھاياتىڭىزنى قوۋناق ياشاڭ! ھاياتنىڭ مەقسىتى، خۇشاللىقتۇر. ئاسمان، يۇلتۇزلار، چىملىقلار، ئورمانلار، ھايۋانات ۋە ئادەملەرنى كۆرگىنىڭىزدە، خۇشاللىنىشنى بىلىڭ. سىز ھەمىشە كىچىك بالىدەك بۇلۇڭ−كىچىك بالا داۋاملىق خۇشال-خۇرام يۈرەلەيدۇ.
    ئەسكى ئىش قىلىپ قويسىڭىز، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزىڭىز بولىسىز. ياخشى ئىش قىلسىڭىز، خۇشاللىقتىن رازىمەنلىك بىلەن بەھرىمەن بولىسىز. سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز سىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ ياكى ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ.

    11-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.