ئىگەرلىك ئات-ئەلۋىدا، ئېگەرلىك ئات

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:23:48

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپئون ئىككىنچى بابئەلۋىدا، ئېگەرلىك ئات1سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئالتىنچى كۈنىسى - تۈن كېچە. جاھاننىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاسماندا پارچە-پا...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    ئون ئىككىنچى باب
    ئەلۋىدا، ئېگەرلىك ئات


     

     

    1

     

    سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئالتىنچى كۈنىسى - تۈن كېچە. جاھاننىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاسماندا پارچە-پارچە بۇلۇت تۈركۈملىرى ئەگىپ يۈرەتتى. بۇلۇتلار ئارىسىدىكى ئوچۇقچىلىقتا ئەرشنىڭ ئەركە يۇلتۇزلىرى گويا نىقابىنى ئېچىپ تەبەسسۇم بىلەن قارىغان ساھىبجامال كېنىزەكلەردەك تەكلىماكان ۋادىسىغا نۇر سېپىپ تۇراتتى. ئۈكەر يۇلتۇزى خۇددى زىبۇ زىننەت بىلەن ياسىنىپ، بوينىغا ئالتۇن مونچاقلار ئاسقان شاھ سەنەمدەك كۆكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جەۋلان قىلاتتى.

    تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋادىسىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلغان قويۇق ئورمان-توغراقلىق دۇنياسى بەخىرامان غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتاتتى. ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان سادىق چەۋەندازلىرىنىڭ كۆپلىرى ئاشۇ قويۇق توغراقلىق ئىچىدە كۈنپېتىشقا قاراپ پىيادە سەپەر قىلاتتى. ئۇلارنى پىچاقسۇندى ۋە شاۋقۇرلۇق يىگىتلەر باشلاپ ماڭغانىدى. توغراقلىق ئىچىدە كېچىلىك ئۇيقۇدا يېتىۋاتقان قىرغاۋۇللار، جەرەنلەر چەۋەندازلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىدىن ئۈركۈپ ھەر تەرەپكە شىپىرلاپ قېچىشاتتى. ئارىلاپ تىلسىمات سادالار، غايىب ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كۆڭۈللەرنى غەش قىلاتتى. بۇ غەلىتە سادالارنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولمايتتى. ئەمما ئۇ، چەۋەندازلارنىڭ جىسمانىي ھارغىنلىقىنى، روھىي جاراھىتىنى ئۇنتۇلدۇراتتى.

    - مانا، يېتىپ كەلدۇق،- دېدى پىچاقسۇندىلىق چەۋەنداز قاۋۇل.

    چەۋەندازلار بىر كېچە قاتتىق يۈرۈپ تاڭ ئاتقۇزۇۋەتكەنىدى... مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارامخۇدا دەم ئالىدىغان مەنزىلى «مازار شەيدۇللا» دەيدىغان كەڭ توغراقلىق - ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق چۈشكۈنخانىسى بولدى. چەۋەندازلار كەلگەن پېتى توغراقلىق ئارىسىدا قويۇق ئۆسكەن ئوت- چۆپلەر ئۈستىگە ئۆزلىرىنى تاشلاپ سۇنايلىنىپ يېتىشىپ شېرىن ئۇيقۇغا كېتىشتى.

    ئابدۇنىياز كامال بىرمەھەل كۆز يۇمۇۋالغاندىن كېيىن بىر ئەسنىۋېتىپ ئورنىدىن ئاستا تۇردى-دە، مازار قۇرۇلمىسىنى كۆزىتىشكە باشلىدى. «مازار شەيدۇللا» كېسەك بىلەن گۈمبەز شەكىلدە بىنا قىلىنىپ ئۈستىگە ھىلال ئاي بەلگىسى سەل نېرىراقىدا تارىم ۋادىسىدىن سىرغىپ چىقىپ ئويمانلىقتا يىغىلىپ قالغان پاكىز ۋە تاتلىق سۇلۇق كۆلچەك بار ئىدى، ھەر يىلى باش ئەتىيازدا بۇ يەرگە تاۋاپ-تىلاۋەت قىلىپ كېلىدىغان دىيانەتلىك ئىخلاسمەنلەر مازار ئەتراپىدىكى توغراقلىق ئارىلىقىغا قوغۇن، تاۋۇز، شوخلا ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ كۈزلۈك مېۋىسى زىيارەتچىلەرنىڭ ئوزۇقى بولاتتى. بۇ يىل ئەمدى بۇ خاسىيەتلىك رىزىق چەۋەندازلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا نېسىپ بولدى.

    مۇشۇ ئارىلىقتا چەۋەندازلاردىن پىچاقسۇندىلىق بەھرام، شاقۇرلۇق قاۋۇل قاتارلىق يىگىتلەر قالغانلار ئۇخلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاياقتىندۇر بەش-ئالتە قىرغاۋۇل، بىر كىيىك، بىر جەرەننى كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىشتى ۋە گۆشلەرنى كاۋاپ قىلىپ ھازىرلاپ قويدى. ئابدۇنىياز كامال خۇشاللىقىدا بۇ يىگىتلەرگە ئاپىرىن دېدى ۋە تېخىچە ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغىتىپ:

    - يىگىتلەر، ئەمدى ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئاشقازانلىرىمىزغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن تەڭرىمىز ھازىر «مازار شەيدۇللا شېرىپ» يېنىدا بىزگە خالىس داستىخان سېلىپ زىياپەت تەييارلىدى. ئەنە قاراڭلار، مەي بولۇپ پىشىپ كەتكەن قوغۇن، تاۋۇزلار؛ قاراڭلار ئەنە قىرغاۋۇل، جەرەن گۆشى!- دەپ جار سالدى.

    يىگىتلەر ئورۇنلىرىدىن كېرىلىپ قوپۇپ قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ، توغراقلىق ئارىسىدىكى قوغۇن، تاۋۇزلار قېشىغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە بىردىن-ئىككىدىن كۆتۈرۈپ كېلىپ، گاھلىرىنى مۇشتلاپ سۇندۇرپ، گاھلىرىنى قىلىچ بىسى بىلەن تىلىپ يېيىشكە باشلىدى.

    ئۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا بايىقى مارالبېشىلىق يىگىتلەر توغراق ئوتۇنىنى توپلاپ گۇلخان ياقتى. ئىنچىكە شاختىن زىخ تەييارلىدى. ئارقىدىن جەرەن گۆشى بىلەن قىرغاۋۇل گۆشىنى زىخقا تارتىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ چەۋەنداز دوستلىرىنى مېھمان قىلدى.

    دەل شۇ ئەسنادا «مازار شەيدۇللا»نىڭ يېنىغا بىر يارىدارنى قولتۇقىدىن يۆلىگەن ھالدا ئىككى يىگىت يېتىپ كەلدى. بۇ يارىدار ئابدۇنىياز كامالنىڭ توقسۇندىن بىللە چىققان دوستى ۋە ھازىرقى مۇھاپىزەتچىسى ھىدايى ئىدى، ئۇ غورۇچۆل جېڭىدە يارىلانغان، ئۇنىڭ ئوڭ بىلىكى ۋە چەپ كاسىسى زەخمىلەنگەنىدى. ئابدۇنىياز كامال ئاۋۋال ئۇنىڭ زەخىملەنگەن بىلىكىنى تال قىزىتىپ داغلاپ بولۇپ تېڭىپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭ سول كاسىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئوق تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلدى-دە، ئىككى قولى بىلەن كاسىسىنىڭ گۆشىنى مۇجۇپ قاتتىق سىقتى. ئوق ئۈستىگە قاڭقىپ چىقىپ ئۇچى كۆرۈندى. ئارقىدىن ئېغىزىنى يېقىن قىلىپ، ھۆپ دەپ شوراپ دەم تارتتى. ئوقنىڭ يېرىمى سوزۇلۇپ چىققانىدى، ئابدۇنىياز كامال دەرھال چىشىنى ئىشقا سالدى-دە، ئوقنى چىشى بىلەن تارتىپ چىقاردى. ھىدايىنىڭ پېشانىسىدىن توختىماي تەر ئېقىپ تۇراتتى.

    ئابدۇنىياز كامال ئوق ئىزىنى داغلاپ بولۇپ كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى شارتتىدە يىرتىپ جاراھەت ئورنىنى مەھكەم تېڭىپ قويدى. ھىدايى دەردتىن پارىغ بولۇپ، شۇ يەردىلا راھەتلىنىپ ئۇيقۇغا كەتتى.

    تەكلىماكاننىڭ بۇ پىنھان ماكانى - شۇ تاپتا يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ ۋە تىنىمسىز ئېلىپ بارغان ھەرىكەت تۈپەيلىدىن چارچىغان ھەمدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان چەۋەندازلار ئۈچۈن تولۇق بىر كۈن غەمسىز دەم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنىدى.

    كۈن چۈشتىن قايرىلغان چاغدا ئابدۇنىياز كامالنىڭ تورغۇت دۇلدۇلى غورۇچۆلدە تارىم دەرياسىدىن ئۆتۈش ۋاقتىدا چەۋەندازلاردىن ئايرىلىپ توغراقلىقتا چېچىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن ئاتلارنى باشلاپ يېتىپ كەلدى-دە، چاڭقاپ كەتكەن بۇ ئارغىماقلار سۇ كۆلچىكىگە يۈگۈرۈشتى. ئۇسسۇزلۇقى قانغاندىن كېيىن ھەربىرى ئۆز ئىگىلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇرۇشتى.

    تورغۇت دۇلدۇلى ئۇدۇل ئابدۇنىياز كامالنىڭ يېنىغا كېلىپ گويا ئۇنىڭدىن ھال سورىغاندەك بوينىنى سوزۇپ قاراپ تۇراتتى. ئات بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ۋاپادارلىق مۇناسىۋەتنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلاتتى. ئابدۇنىياز كامال شۇ تاپتا ئۆز قەلبىدە پەيدا بولغان كۈچلۈك ھاياجانلىق ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ ۋاپادار ئارغىمىقىغا مېھرىبانلىق بىلەن يۈزلىنىپ تۇرۇپ دېدى:

    «مەن سېنىڭدىن رازى، دۇلدۇلۇم، ھايات-ماماتلىق داۋاملىرىدا سەن مېنى قوغدىدىڭ. مېنىڭ ھەقىقىي ۋاپادار دوستۇم سەن بولدۇڭ سېنىڭ نەسىل ئەجدادلىرىڭمۇ چىن تۆمۈر باتۇرغا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە، سۇتۇق بۇغراخانغا... ساڭا ئوخشاش ۋاپادار بولغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن. سەن ئاشۇ ئەجدادلىرىڭنىڭ باتۇر ئەۋلادى بولۇشقا مۇناسىپ. بىراق، سەن بىلەن مەن بۇ ۋاپاسىز زاماندا ئەجنەبىيلەرنىڭ ئايروپىلانىغا دۇچ كېلىپ پېشانىمىز شور بولدى. بۇ ۋەھىمە ئالدىدا ئالا بايتاللار ئاسىيلىق قىلدى. مەن يېگانە قۇربان بولۇشقا، مۇشۇ ئەزىز تۇپرىقىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆلۈشكە قارار قىلدىم. ھەي سادىق ۋاپادارىم، ئاق تاپان دۇلدۇلۇم. سەندىن ئايرىلىشقا راستتىنلا كۆزۈم قىيمايدۇ، قېنى سەن ئەمدى مېنىڭ بىلەن بىللە بولامسەن ياكى تەكلىماكان توغراقلىقىدا قالامسەن، ياكى ئەسلىي يۇرتۇڭ - يۇلتۇز تەرەپكە راۋان بولامسەن ۋە ياكى ئۇرۇشتا مەجرۇھ بولغان دوستۇم ھىدايىنى توقسۇنغا يەتكۈزۈپ قويامسەن، بۇنى ئۆزۈڭ چاغلا.»

    بۇ خوشلىشىش سۆزلىرىنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى ئاڭلاپ ھىدايىنىڭ كۆزى ئۇيقۇدىن ئېچىلىپ كەتتى-دە، ئابدۇنىياز كامالغا قارىتىپ دېدى؛

    - بۇ تىلسىز بىلەن نېمىلەرنى دېيىشىۋاتىدىغانسەن، دوستۇم. ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىيالايتتىمۇ؟

    ئابدۇنىياز كامال دەرھال ھىدايىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ دېدى:

    - بۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇر، ئۇنىڭ تېگىگە كېيىن يېتىسەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، جاراھىتىڭنىڭ ئاغرىقى پەسەيدىمۇ؟ ئاۋۋال شۇنى دېگىنە؟

    - ياخشى بولۇپ قالدى، ساڭا رەھمەت، دوستۇم.

    - ئۇنداقتا ياخشى، ۋاڭ نىياز قانداق بولدى؟ بۇ ھەقتە زۇۋان سۈرۈپ قويمايسەنغۇ؟ ئۇ نەلەردە قالدى؟

    - تېخى بىلمەيۋاتامسەن؟ ئۇ غورۇ چۆلدە ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كەتتى.

    ئابدۇنىياز كامال بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر مەھەلگىچە جىم بولۇپ قالدى. بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن ھىدايى سوئال قويۇپ دېدى:

    - سىجاڭ، سۆزلىگىنە، ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيسەن؟

    ئابدۇنىياز كامال دوستىنىڭ سوئالىنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى. بۇ كۈلكىنىڭ جەزبىدارلىقىدا چەۋەندازلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ چۆرىسىگە ئولاشتى.

    ئابدۇنىياز كامال كۈلكىسىنى توختىتىپ جاۋابەن دېدى:

    - توقسۇنلۇقتا دوستلار ئارىسىدا مەنسىپىنى ئاتاپ سۆزلىشىش ئادىتىمىز يوق ئىدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىجاڭلىقىمنى ئۈلۈشكۈن مويىدىن تۇەنجاڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىم يادىڭدا يوقمۇ؟

    بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چەۋەندازلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۈلۈپ كېتىشتى.

    ئابدۇنىياز كامال سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    - كاچۇڭدا قۇراشتۇرۇلغان دېۋىزىيە ئەمدى مەۋجۇد ئەمەس. مېنىڭ كىچىكلىكىمدىكى قوچقار پالۋان دېگەن لەقىمىم بولسىلا كۇپايە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى بۇ لەقەمنى تېپىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش ئىشىغا كەلسەم، سەن مەجرۇھ بولغىنىڭ ئۈچۈن توقسۇنغا قايتىپ كەت، سېنى مارالبېشىلىق چەۋەندازلاردىن قاۋۇل بىلەن بەھرام يولغا سېلىپ قويسۇن. قالغان يىگىتلەرمۇ ئۆز ئۆيلىرىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار. مەن - چاقماق پالۋان ھېلى زاۋال چۈشكەندە تارىم دەرياسىنى بويلاپ مەكىت تەرەپكە كېتىمەن. ئۇ يەردە مېنى مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى قاتارلىق دوستلىرىمىز كۈتۈپ تۇرىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ زاۋال چۈشكەن مەھەلدە ئابدۇنىياز كامال چەۋەنداز دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ۋاپادار ئېتىغا مىندى-دە، تەنھا ئۆزى دەريا بويلاپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان بىرمۇنچە يىگىتلەرمۇ «نېمە كۆرسەك ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرىمىز» دېگەن نىيەت بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھىدايى بولسا «مازار شەيدۇللا»دا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ ھاللىنىۋېلىپ ئاندىن توقسۇنغا قاراپ يولغا چىقتى.

    قوچقار پالۋان شۇ ماڭغىنىچە كېچىچە يول يۈرۈپ تارىم دەرياسىنىڭ مەكىتكە ئۆتۈشكە بولىدىغان «ئىسىمىللا» دېگەن يېرىگە يېتىپ باردى ۋە قېيىققا ئولتۇرۇپ غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى قىرغاققا چىقىۋالدى. ئۇنىڭغا قارا كۆرۈنۈپ كەينىدىن ئەگىشىپ كەلگەن پىدائىيلارمۇ بىر-بىرلەپ دەريادىن ئۆتتى. مەكىتتە ئابدۇنىياز كامالنى نەچچە يۈزلىگەن چەۋەنداز كۈتۈپ تۇراتتى. بۇلارغا شاقۇر تەرەپتىن مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن پىدائىي يىگىتلەر كېلىپ قوشۇلدى. ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن ئادەم ۋە ئاتلارنىڭ چىقىم بولغانلىقىنى بايقىدى. ھەممىدىن يامىنى قىسىملار مەكىتكە يىغىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قىسىم دوختۇرى مۇسا قاتارلىق بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ شېڭ شىسەي تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

    قوچقار پالۋان مۇشاۋىرىغا دېدى:

    - جەڭ دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ ئىمتىھان مەيدانى. ئادەم مۇشۇنداق چاغدا بىلىنىدۇ. ئەمما تارىخنىڭ سەۋر قاچىسى توشقاندا قىساسنىڭ ھېسابى بولماي قالمايدۇ.

    پىدائىيلار مەكىتنىڭ يەكەن دەرياسى بويىغا يېقىن بىر خالىي كەنتتە بىرنەچچە كۈن دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەردىن يەنە قوزغىلىپ «باغجىگدە» دەپ ئاتىلىدىغان مەركىزىي لەڭگەرگە قاراپ ماڭدى. بۇ يەردىن يەكەن ئارقىلىق يېڭىسار تاغلىرىغا ئۆتۈپ كەتكىلى بولاتتى. لېكىن بۇ يوللارنى ئاق ئورۇس قىسىملىرى كونترول قىلىپ بولغانىدى، قوچقار پالۋان ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، تەۋەككۈل قىلىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى تەكلىپ قىلدى. ئەمما مۇشاۋىر باشقىچە پىكىرنى تەكىتلەپ:

    - بىراق، غەيرىي كۈچلەر ئارىلىشىۋېلىپ، پېشانىمىز شورلاشتى. ئۇلارنىڭ يارىغى خىل، بىز بىھۇدە قۇربان بەرمىسەك، ئەمدى بولدى قىلساق. پىدائىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، ئۆزىمىز ئۇششاقباش ئارقىلىق لاداخقا ئۆتۈپ كەتسەك، بىز ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز...،- دېدى.

    - ياق، بولمايدۇ،- دېدى ئابدۇنىياز كامال قەتئىيلىك بىلەن،- مەن بۇ ئەزىز تۇپراقتىن ھېچ يەرگە كەتمەيمەن.

    قوچقار پالۋان بىلەن مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى پىدائىي يىگىتلەر يېنىدىن خالىيراق بىر چوڭ سۆگەتنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى سۆھبىتىنى باشلىغانىدى.

    ئابدۇنىياز كامال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدى:

    - قەدىرلىك سەپداش، «ئات يولدا سىنىلار، ئادەم سەپەردە» دەيدىغان ماقالىمىز بار. بىز باسقان سىناق سەپەرلەردە نۇرغۇن ئالا كۆڭۈل ۋە نامەرد ئادەملەر ئۆزىنى ئاشكارىلىدى، سىناقتىن ئۆتەلمىدى. ئىككىمىزنىڭ ۋىجدانى دوستلۇقىمىزنى قوغداپ قالالىدى، ئادالەت ئۈچۈن جاسارەت كۆرسىتىشتە ئىككىمىزنىڭ يۈرەك ناخشىسى بىر يەردىن چىقتى، ئۇ بولسا:

     

    باردى دەيدۇ، ياندى دەيدۇ، مەيلىم ئۆزۈمنىڭ،

    سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزۈمنىڭ.

     

    ھەققانىيەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتە ئىككىمىزنىڭ قەلب ناخشىمىز تېخىمۇ بىر يەردىن چىقتى، ئۇ بولسا:

     

    قارا دەيدۇ، قارا دەيدۇ، قارا مەندە يوق،

    قارامۇقنىڭ قاسرىقىدەك گۇناھ مەندە يوق.

     

    ئاشۇ سەۋەبتىن مەندە قىلچە پۇشايمان ۋە ئارمان يوق. دۇرۇس، بىزگە ئاخىرقى ھېسابتا نادانلىق بالاسى بىلەن غەيرىي قوللار مۇپتىلاسى قانلىق قىسمەت يەتكۈزدى. «بىرىنىڭ كاساپىتى مىڭغا» زەخمەت ئەكەلدى. تەكلىماكان ئەتراپى قىپقىزىل قان بىلەن بويالدى. مانا بۇ - سەرگۈزەشتلىرىمىزنىڭ قىسقا ئەسلىمىسى.

    ئابدۇنىياز كامال بىرمەھەل سۈكۈنات ئىچىدە قانداقتۇر يېڭى بىر خىيالنى ئويلىۋالغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇردى:

    - بىزگە يۇرت خەلقى ھەدىيە قىلغان خېلى كۆپ ساپ ئالتۇن-تىللا بار. بۇ خەزىنىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سىلىگە تۇتقۇزغانمەن. مال-دۇنيا تۇغۇلغان چاغدا بىز بىلەن بىللە كەلمەيدۇ. ئۆلگەندە بىز بىلەن بىللە كەتمەيدۇ. ھايات چېغىمىزدىلا خاسىيەتلىك ئىشلارغا تەسەررۇپ قىلىشقا يارايدۇ. سىلى خالىغان دوست-بۇرادەرلىرىنى ھەمراھ قىلىپ، خالىغان يۇرتلارغا مېڭىۋەرسىلە. بىز ئەمدى قايتا دىدار كۆرۈشەلمەسلىكىمىز ئېھتىمال. سىلىدىن بىرلا ئۈمىدىم: بىزنىڭ ئىش ئىزلىرىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئەينەن بىلىۋېلىشى ئۈچۈن بىر تەپسىلىي تەزكىرە پۈتۈپ قويۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    - ھەشقاللا، رەھمەت،- دېدى مۇشاۋىر ئابدۇقادىر ھاجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ياش سەركەردىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،- يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان خۇلاسە بايانلىرىغا تولۇق قوشۇلىمەن ھەمدە يۇرت خەلقى ئىئانە قىلغان بارلىق ئالتۇن-تىللالارنى مېنىڭ سەپىرىمگە مەردلىك بىلەن ھەدىيە قىلغان ئالىيجاناب پەزىلەتلىرىگە يۈزمىڭ قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

    ئاخىرىدا ئۇلار قۇچاقلىشىپ ۋە قول سىقىشىپ تۇرۇپ خوشلاشتى.

     

    2

     

    1937- يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. كۈز مەۋسۇمىدىكى قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىدا «باغجىگدە» يېزىسىنىڭ باغۇ بوستانلىرى ئاجايىپ گۈزەللىككە پۈركىنىپ، مەي بولۇپ پىشقان ھەرخىل مېۋە-چېۋىلەر ھەر تەرەپكە خۇش پۇراق چېچىپ كۆڭۈللەرنى مەست قىلاتتى.

    ئابدۇنىياز كامال ئون نەچچە سەرخىل ۋە ئىشەنچلىك يىگىتلەرنى تاللاپ يۈرۈش قىلىپ باغجىگدە يېزىسىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەپ تولىراق كېچىسى يۈرۈش قىلاتتى. بۇرۇن قوچقار پالۋان تەخەللۇسى بىلەن ئابدۇنىياز كامالنىڭ نام-شۆھرىتى مەكىت يۇرتىدىمۇ پۇر كەتكەنىدى. ئەمدى بولسا بۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئابدۇنىياز كامال ئاۋات غورۇچۆلدىكى سوقۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، دېگەن خەۋەرلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى. بۇنداق گەپ-سۆزلەرنىڭ تارقىلىشى ئابدۇنىياز كامالنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولۇپ، ئايغاقچىلارنىڭ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىگە ئىنتايىن ھوشيار بولاتتى. بوينىغا ئېسىۋالغان تاش تۇمارنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈۋېلىشىدىن ئېھتىيات قىلاتتى. ئېگەرلىك ئاق بوز ئېتىنى ئادەم توپلاشقان جايدىن قاچۇراتتى. ئۇ ساقال-بۇرۇتلىرىنى قويۇۋېتىپ يەرلىك دېھقانلار سىياقىغا كىرىۋالغانىدى.

    باغجىگدە يېزىسىدىن ئابدۇنىياز كامالنىڭ قوشۇنىغا قاتناشقان ھەسەن قاتارلىق يىگىتلەر مارالبېشى تۇمشۇق سوقۇشىدا يارىدارلىنىپ سەپتىن قايتۇرۇلغانىدى. ئابدۇنىياز كامال سۈرۈشتۈرۈپ بۇ يەردىن ھەسەننى تاپتى. ھەسەن ئەل ئايىغى بېسىققان مەھەلدە چەۋەندازلارنى مۇناسىپ ئورۇنلارغا جايلاشتۇردى. «تاش تۇمار» ئۇلارنىڭ ئالاقە پارولى بولۇپ بېكىتىلدى. ئابدۇنىياز كامال ئۆزى يالغۇز بىر يەر ئاستى گەمە ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆزىگە زىنھار ئۇيقۇ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى ئايىغى چىقمايدىغان خىياللار چىرمىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى خۇددى چاقماقتەك تېز يېنىپ، يەنە چاقماقتەك تېز ئۆچۈش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ، قېيناتىسى ۋە خوتۇنىنىڭ توقسۇندىكى چاغدا «ئەقىل مەرگىنى ئوۋ مەرگىنىنى يېڭىۋالىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى خىيال ئەينىكىدىن ئۆتكۈزدى. بۈگۈن كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ مۈشكۈل بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنىم تاپماي جاپالىق يۈرۈش قىلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا خېلىلا ھارغىنلىق يەتكەنىدى. ئاخشامدىن بۇيان زۇكام تېگىپ، گاھ قىزىپ، گاھ تەرلەپ پۈتۈن بىر كېچە كىرپىك قاقماي چىقتى.

    ساھىبخانا ھەسەن ئەتىسى چاشگاھ مەھەلدە گەمە ئىچىگە شاپائەتخان ئەلى ئاتلىق بىر مويسىپىت تېۋىپنى باشلاپ كىردى. تېۋىپ يۇرتمۇيۇرت يۈرۈپ جاھانكەزدىلىك بىلەن دورىگەرلىك ۋە تېبابەتچىلىك قىلىدىغان ۋە «ئەل شىپا» تەخەللۇسى بىلەن داڭقى چىققان مەشھۇر كىشى ئىدى.

    تېۋىپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ سول بىلىكىنىڭ تومۇرىنى بىر مىنۇتچە تۇتۇپلا قويۇۋېتىپ دورا خالتىسىنى ئاچتى-دە، بىر كىچىك كۇمىلاچ دورىنى قايناقسۇ بىلەن ئىلەشتۈرۈپ ئىچۈردى. ھايال ئۆتمەي، پېشانىسىدە تەر مونچاقلار پەيدا بولغان بىمار تېۋىپقا كۈلۈمسىرەپ قارىدى، بۇ شىپا تاپقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىنھان-خالىي ماكان «ئەل شىپا» بىلەن قوچقار پالۋان ئوتتۇرىسىدىكى سىردىشىش سورۇنىغا ئايلاندى. «ئەل شىپا» ئاۋۋال سۆز قىلىپ دېدى:

    - بىزدە «گۇمان بار يەردە ئىمان يوق»، «قورققان يەردە جىن بار» دەيدىغان تەمسىل بار. پەمىمچە ھەر ئىككىمىز ئاشۇ تەمسىلدىكى بېشارەتتىن مۇستەسنا. بەلكى ھەر ئىككىمىز ئاشۇ خىلدىكى ئىللەتنى داۋالىغۇچى ھېكىم. ئەمما چەنتۇلار  نادانلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولغاچقا، ئۇنى داۋالاش ھەرقانداق مۇنەججىم ئۈچۈن مۈشكۈل.

     

    ساقايماس كېسەلگە چەنتۇ مۇپتىلا،

    يوق ھېكىم شىپاسى، دېدى بوپتۇلا.

     

    زۇكام ئاغرىقىدىن بىردەمدىلا خارىج بولغان قوچقار پالۋان بۈگۈن بىر دانا ئەۋلىيا يولۇققاندەك ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ «ئەل شىپا»نىڭ سۆزىگە تەلمۈرەتتى.

    شاپائەتخان «ئەل شىپا» سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدى:

    - ئاغرىق ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، بىمارۇ جىسىم؛ يەنە بىرى، بىمارۇ روھ. داۋالاشمۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، شىپائى جىسىم؛ يەنە بىرى، شىپائى روھ. جىسمانىي ئاغرىقتىن روھ ئاغرىقى ئېغىر ۋە قاباھەتلىكتۇر.

     

    جىسمانىي ئاغرىقتىن قايغۇرما ئۇنچە،

    كېسەل روھ سوزۇلار تاكى ئۆلگۈچە.

     

    - «ئىلمىي روھ» بايانلىرى،- دېدى «ئەل شىپا» سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- نەچچە كېچە-كۈندۈز سۆزلىسەكمۇ تۈگىمەيدۇ. بىز بۇ يەردە گېپىمىزنى ئەگىتمەي بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلىك ساۋاق ۋە ئەمەلىيەتلىرىدىن يېقىندىلا زاھىر بولغان پاكىتلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك كۇپايە. نېمىشقا لۈكچۈندە مەخسۇس مۇھىتىنىڭ، قەشقەردە تۆمۈر ئېلىنىڭ  كاللىسى كېسىلىپ كوچىمۇ كوچا سازايى قىلىندى؟ نېمىشقا تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ، قەشقەردە مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ كاللىسى كېسىلدى؟ نېمىشقا ئىسيان كۆتۈرگەن دېھقانلار - ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار، كۇچالىقلار بىلەن خوتەنلىكلەر ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ؟ ئەمدى بولسا يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن تۈمەنلەپ قولغا ئېلىنىۋاتىدۇ... بۇ قاباھەتلىك پاجىئە «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» قاپقىنىغا دەسسىتىش ھىيلىسى ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. نادانلىق، گالۋاڭلىق ۋە مەرىپەتسىزلىك ئىللەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ روھىي كېسەللىككە نېمە دېگۈلۈك؟

    بۇ بىر قاباھەتلىك چۈش. ئۇنىڭ يىلتىزى دەل 1933- يىلىنىڭ بېشىدا بېكىتىلگەن «جىمسار مەخپىي سۈلھىسى»  بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى.

     

    باش بۇزۇلسا يۇرتتا بولغاي، ئەلگە كەلگەي كەلگۈلۈك،

    ياش ئاقار، قانلار ئاقار شۇ سولپىدىن ھەم مەڭگۈلۈك.

     

    ياش قۇرامى ئاتمىشلار قارىسىنى ئالغان، ئاق سېرىق چىراي، چېقىر كۆز، سوقىچاق يۈز، ئۇچىسىغا ئەستەرسىز كۆك يەكتەك چاپان، بېشىغا نېپىز سەرپۇش تۇماق كىيىۋالغان بۇ تېۋىپ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ئورنىدا ئارىلاپ-ئارىلاپ ئوڭ قول بارمىقى بىلەن چارلاشقان ساقىلىنى تاراپ قوياتتى. ئۇ، قوچقار پالۋان بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى پۇرسەتنى ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋېلىشنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك پەيتى دەپ بىلدى-دە، سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:

    - ئاشۇ جىمساردىكى يوشۇرۇن سودىدىن كېيىن دەسلەپتىكى سۈزۈك سۇ لېيىشقا باشلىدى. مانا ئەمدى ئېرىق-ئۆستەڭلەردىكى قان-ياشلار ئاقماقتا. پېقىر جاھانكەزدى «ئەل شىپا» يېقىندا نۇرغۇن كۆڭۈلسىز خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئىچىم قان-يىرىڭغا تولدى. يېقىندىن بۇيان شېڭ جەمەتى ياللىۋالغان ئاق ئورۇسلارنىڭ «تۆتىنچى» ناملىق جازا قىسىملىرى ئۇچتۇرپان، ئاۋات ۋە تاغبۇلاق يۇرتلىرىغا بېسىپ كىرىپ مىڭلىغان مەرىپەت ئىگىلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ كەتكەن. مۇھەممەد ھاجى غا ئوخشاش نوپۇز ئىگىلىرىنى تۇتۇپ ئەكېتىپ خۇددى مالنى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ تاشلىغان.

    ئابدۇنىياز كامال بۇ پاجىئەلىك شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى-دە، ئىككى مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ گەمە ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئايلىنىپ غەزەپلىك خىياللار دېڭىزىغا چۆكۈشكە باشلىدى. ئۇ تېخى ئىككى-ئۈچ ئاي بۇرۇنلا نۇرھاجىدىن نۇرغۇن قىسسىلەرنى ئاڭلىغان، تاغبۇلاققا بولسا مۇھەممەد ھاجىنىڭ دوستلۇق ياردىمىگە ئېرىشكەنىدى. مانا ئەمدى ۋاپاسىز پەلەكنىڭ ياخشىلارغا كۆرسەتكەن ناھەق جازاسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ قەلبى بىردىنلا غەزەپ ئوتىدا ئۆرتىنەتتى. بىر مەھەلدىن كېيىن ئۇ يەنە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلدى-دە، تەقەززالىقتا تېۋىپ پېشىۋانىڭ كۆزىگە ئىنتىزارلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ دېدى:

    - قېنى تەقسىر، تارىخ دەرسىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا ئىنتىزارمەن.

    تېۋىپ «ئەل شىپا» بۇ تەكلىپنى مەمنۇنىيەتلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    - ھاياتنىڭ سىرىنى، تارىخنىڭ يىلتىزىنى، دەۋرنىڭ ھىيلىسىنى بىلمىگەن مىللەت ئاخىر نېمە بولۇپ كېتەر!؟

     

    پەلەكتۇر ھىيلىگەر، ئالدىنار نادان،

    كەلمەيدۇ ئىزىغا، يېسە پۇشايمان.

     

    زاماننىڭ يۈزسىزلىكىنى قارىمامدىغان. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن يېڭى خەۋەردە ئىسھاق غوجا، ئىنىسى باقىنىياز ھاجىم، قېيناتىسى سادىق ھاجى قاتارلىق سەككىز يۈزدىن ئارتۇق مۆتىۋەرلەرنى بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا يىغىشتۇرۇپ زىندانغا تاشلاپتۇ. ئىسھاق غوجا بېقىۋالغان ئوغلى زىياۋىدۇننى «بۇ نېمە ئۈچۈن، بىلىپ كەلگىن» دەپ ئاق ئورۇس گېنېرالىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپتۇ. گېنېرال بولسا دولىسىنى چىقىرىپ: «مەن بىلمەيدۇ» دەپ ئۆزىنى قاچۇرۇپتۇ. دېمەك، مۇنەججىملەرنىڭ ھايات ھەققىدىكى «ئىنساننىڭ توققۇزى تەل بولالمايدۇ»، ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى «بىر ئۈلۈش كۈلكە-ھالاۋەت، توققۇز ئۈلۈش يىغا-نادامەت» دېگەن دانا تەبىرلىرى ئەمەلىيەت بولۇپ چىقىپتۇ...

    پەلەك پەيمانلىرىنىڭ بۇ ئويۇنلىرى ئابدۇنىياز كامالنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ھەيرانۇھەسلىككە سېلىۋەتتى. گەمە ئىچىنى بىردىنلا جىمجىتلىق قاپلىۋالدى. بىرمەھەلدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال ھېسسياتىنى بېسىۋېلىپ سۆز باشلىدى.

    - ئىسھاق تاغام تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئاق كۆڭۈل كىشى، دۇرۇس تەبىئەتلىك بىر زات ئىدى. بىراق، رەقىبلەر بۇ زاتنىڭ چالا ساۋاتلىقى ۋە گول-نادانلىقىدىن پايدىلاندى-دە، ئۇنى قاپاققا سېلىپ كولدۇرلىتىپ ئويناپ، بىر چالمىدا ئۈچ پاختەكنى سوقۇش ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى.

     

    مەن قۇشۇمنى غازغا سالسام، كىم سېلىپتۇ قاغىغا،

    ئالتە قارغا بىر بولۇپ، ئالدى قۇشۇمنى ئارىغا.

     

    بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىز ئۇچرىغان سەرگۈزەشتلەرنىڭ خاتىمىسى ئاشۇ ناخشىغا ئوخشايدۇ. ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىگە كەلسەم، مەيلى ئالدىمدىكى ئاق سار، قارا سار قانچە بولۇشىدىن قەتئىي پەرۋايىم يوق. يەنىلا ئاۋۋالقى «ئۆلسەم شېھىت، قالسام غازى» قەسىمىمگە ساداقەتلىك كۆرسىتىمەن.

    سۆھبەت ئۈستىگە ساھىبخانا ھەسەن غازى داستىخان بىلەن يوغان چەينەكتە سۈتلۈك چاي كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى-دە، تەكلىپ تەلەپپۇزىدا دېدى:

    - قېنى مەرھەمەت، بۈگۈن ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىۋېتەيلى دېگەن نىيەتتە زىغىر يېغىدا قۇيماق-پوشكال سالدۇرۇپ ئەكەلدىم. قورساقلارمۇ ئاچاي دەپ قالدى. قېنى ئېلىشسىلا...

    ھەسەن غازى بىر ياقتىن ھېجىرلارغا سۈتلۈك چاينى تولدۇرۇپ قويۇپ، يەنە بىر ياقتىن مېھمانلىرىنى پوشكالغا تەكلىپ قىلاتتى.

     

    3

     

    ئابدۇنىياز كامال جاھانكەزدى تېۋىپ شاپائەتخان «ئەل شىپا» بىلەن خاسىيەتلىك ئۇچرىشىشنى تۈگىتىپ خوشلاشقان مەزگىل - 1937- يىل ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرى ئىدى.

    كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى باغۋارانلاردىكى مېۋىلىك دەرەخ ۋە ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدىكى تال-تېرەكلەرنىڭ سارغىيىشقا باشلىغان يوپۇرماقلىرىنى ھەر تەرەپكە ئۇچۇراتتى. تۈن-كېچىدە بۇلۇتسىز كۆك ئاسماندىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرى يەر-زېمىن ھۆسنىگە قاراپ جىلۋە قىلاتتى.

    مانا ئەمدى قوچقار پالۋاننى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» سەپىرى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ توققۇز نەپەر ئەڭ سادىق ۋە ياراملىق چەۋەندازنى تاللىۋالدى. ئۇلار يېرىم كېچىدە تۇيدۇرماق «باغجىگدە» يېزىسىدىن ئاتلىق يۈرۈپ كەتتى. قوچقار پالۋاننىڭ كۆزلىگەن نىشانى ھاراب ئارقىلىق يېڭىسار تاغلىرىغا ئۆتۈپ كېتىش ئىدى. ئۇ، بۇ ئەتراپتىكى يوللارنى بەش قولدەك پىششىق بىلەتتى. بۇ مەزگىللەردە شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭغا ياللانغان ئاق ئورۇس قىسىملىرى خوتەندىكى ما جەمەتىنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى جازا يۈرۈشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىشكەنىدى. يوللارغا قويۇلغان مۇھاپىزەت قاراۋۇللىرىمۇ شالاڭ ئىدى، ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىش ئۇچقاندەك راۋان ئىلگىرىلەپ تاڭلا كۈنى ئاخشىمى قىزىل دېگەن بىرنەچچە سائەتكىچە تۇرۇپ ھاردۇقىنى چىقاردى.

    - تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن،- دېدى قوچقار پالۋان سەپداشلىرىغا،- ھاراب گازارمىسىغا بېرىۋېلىشىمىز لازىم. كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشنى شۇ يەردە سۆزلىشىمىز.

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە ھارابقا قاراپ ئاتلاندى. شەرقتە ئۇپۇق قىزىرىشقا باشلىغان چاغدا چەۋەندازلار بۇ قەدىمىي بارگاھقا يېتىپ كېلىشتى. ئابدۇنىياز كامال بۇ يەردىن كاچۇڭ تەرەپكە كېتىپ قالغاندىن كېيىن ھاراب گازارمىسىغا مەنسۇپ ئۆيلەر بىكار تاشلىنىپ قالغانىدى. ھەممىلا ئۆيدە دېگۈدەك كونىراپ كەتكەن سامان، پاخاللار يېيىقلىق تۇراتتى. ئۇيقۇسىراپ كەتكەن چەۋەندازلار ئاتلىرىنى دەرەخ شاخلىرىغا باغلاپ قاڭتىرىپ قويۇپ، گازارما ئۆيلىرىدىكى قېلىن ساماننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇيقۇغا كېتىشتى.

    بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي، خەلق ماقالىسىدىكى «ئوتنى سەل چاغلىما كۆيدۈرىدۇ؛ دۈشمەننى سەل چاغلىما ئۆلتۈرىدۇ» دېگەن پاجىئە بۇ يەردە يۈز بەردى.

    دۈشمەن تەرەپ بۇ يەرگە ئاللىبۇرۇن پايلاقچى بېكىتىپ قويغانىدى. بۇ پايلاقچى ھارابلىق بولۇپ، ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئاق بوز ئېتىنى بۇرۇنلا تونۇيتتى. بۈگۈن ئۇ، سەھەردىلا بۇ يەردە تاسادىپىي پەيدا بولدى-دە. دەرەخ شېخىغا باغلاپ قويۇلغان ئاتلار ئىچىدىن ئاق تۇياقلىق تورغۇت دۇلدۇلىنى دەرھال تونۇۋالدى. ئارقىدىن ئۇ، شەپە چىقارماي ئاستا بېرىپ گازارما ئىچىدە شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئابدۇنىياز كامالنى كۆرۈپ بولۇپ يېنىك قەدەم ئېلىپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى-دە، باش ساقچى شتابىغا ئاخبارات يەتكۈزۈپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش كويىدا تېزدىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، خوتەنگە كېتىۋاتقان بىر بومباردىمانچى ئايروپىلان ھاراب گازارمىسى ئۈستىگە بۇرۇلۇپ كېلىپ، بومبا تاشلاپ گازارما ئۆيلىرىنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى. ئۇيقۇلۇق ياتقان چەۋەندازلارنىڭ بىرىمۇ قۇتۇلالماي قۇربان بولغانىدى. بومباردىمانچى ئايروپىلان قاتىللىق بۇرچىنى تۈگەتكەندىن كېيىن خارابە ئەتراپىغا نۇرغۇن ياش دېھقان بالىلىرى ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دېھقانلار بىردىن-ئىككىدىن كېلىشكە باشلىدى. ۋاپادار ئېگەرلىك ئات باغلاپ قويۇلغان دەرەخ شېخىدىن چۇلۋۇرىنى ئۈزۈپ چىقىپ ئادەم توپى ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى ۋاپادار خوجايىننىڭ ياتقان ئورنىنى پۇراپ تېپىپ، بۇرۇن ۋە پۇتى بىلەن چالما-كېسەكلەرنى ئىتتىرىشكە كىرىشتى. بۇ ھالەتتىن تەسىرلەنگەن ياش دېھقانلار كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قېلىن توپا ئاستىدىن قوچقار پالۋاننىڭ جەسىتىنى ئوچۇقچىلىققا ئاچىقتى ۋە بۇ يەرگە يېقىنلا يەردىكى قىلىچ بۇغراخان قەبرىستانلىقىغا ياندىشىپ تۇرىدىغان قۇملۇققا ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلدى.

    ئۇ، شۇ چاغدىلا ئەمدىلا يىگىرمە يەتتە ياشتا ئىدى.

    قەيسەر جەڭچى ئابدۇنىياز كامالنىڭ ۋاپادار دۇلدۇلى ئۆزىنىڭ بۇ سادىق ھەمراھىدىن ئايرىلىشقا چىدىماي كىشنەپ ھەر تەرەپكە چاپاتتى، يەرنى تېپىپ چاپچىپ توپا توزۇتاتتى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.