ئەينى ئاۋات كېچىكى 4 (راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 16:06:57

ئەينى ئاۋات كېچىكى 4ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا، دەريادا سۇ ئۇلغايغان، ئېتىز-ئېرىق، باغ-ئورمان، دالالار بەكمۇ چىرايلىقلىشىپ كەكتەن ئىدى. قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى كىشى قەلبىدە...



     

     ئەينى ئاۋات كېچىكى 4

    ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا، دەريادا سۇ ئۇلغايغان، ئېتىز-ئېرىق، باغ-ئورمان، دالالار بەكمۇ چىرايلىقلىشىپ كەكتەن ئىدى. قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى كىشى قەلبىدە بۇ گۈزەل دۇنياغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى چەكسىزلىككە ئىگە قىلاتتى.

    ئاشۇ ئىشلاردىن كېيىن، كەنت، ئەترەت كادىرلىرى ماڭا باشقىچە كۆڭۈل بۆلۈپ، شارائىتى ياخشى بىر ئۆيگە يۆتكەپ قويماقچى بولىۋىدى، ئۇنىمىدىم. ئاشۇ خاماندىكى مەدەك توشقۇزۇلغان ئۆيۈمدە يېتىۋېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدىم. چۈنكى بۇ بىر ئاددىي كەپە بولسىمۇ دەريا بويىدا، ئېگىز قاش قىرغاقتا، چەكسىزلىكتە، ئەركىنلىكتە ئىدى. بۇ يەردە تۇرۇپ، باشقا جايلاردا ئېرىشكىلى بولمايدىغان تەبىئىيلىك، گۈزەللىكنى، دەريا ھەم بوستانلىققا  تولغان ساھىلنى كۆرەلەيتتىم. قۇشلارنىڭ ئىلھام قايناپ تۇرغان سايراشلىرىدىن ھۇزۇر ئالاتتىم. خالىغان چېغىمدا دەريا بويىغا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، زوق-شوقلارغا چۆمەتتىم. ھەممىدىنمۇ ئەتىۋارلىقى ــ ئەينى ئاۋات كېچىكىدىكى يارنى بېسىپ دەريا بويىغا چۈشكەن بۇ كېچىك قۇمساڭغۇ يولدا تۇرمۇش كېچىكلىكى ئۈچۈن قىش-ياز ئادەملەر، ئات-ئېشەك، كالا، قويلار، يۈكلۈك ھارۋىلار ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرۇشىدۇ. يازدا كۈمۈش رەڭ لايقا سۇلارغا لىق تولغان دەريا قوينىدا ئېغىر يۈك بىلەن دولقۇن يېرىپ ئۈزۈپ كېتىپ بارغان كېمە قىشتا سەپەردىن توختايدۇ. ئەمما ئادەملەر يەنىلا سەپەردە، ئۇلار مۇزدا يىقىلىپ چۈشسە، قىلچە بوشاشماي جاسارەت، قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مەنزىلىگە – بازارغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مانا بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنىڭ نەزىرىمدە بىر قىزىقارلىق سىزما سەنئەت ئەسىرى...

    شۇنداق دىمىق كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى، خاماندىكى ياتىقىمدا ئۇخلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتىم. شۇ كۈنى ئىسرائىل ئاكىنىڭ ئۆيىگە قاراتال تەرەپتىن ئىككى-ئۈچ ھارۋىدا ئۇرۇق-تۇغقان مېھمانلىرى كېلىپ قېلىپ، قونالغۇ ئۆي، ھويلا-ئارانلارغا پېتىشمىغانلىقتىن غۇنچەمنىڭ ئىنىسى روزى قارىي ياتىقىمدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ قونۇپ قالغان ئىدى. ھاجىتىم قىستاپ سىرتقا چىقتىم. ئاي تولغان، ئەتراپ كۆكۈچلۈككە ئەسىرا بولغان بولۇپ، سۈكۈتكە پاتقان ھەممە نەرسە ئاي نۇرىدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھاجەت قىلىپ بولۇپ، ئارقامغا بۇرۇلۇشىمغا كۆزۈم دەريا قىرغىقىدا چوقچىيىپ تۇرغان ئەترەتنىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتىغا چۈشتى-دە، دىققىتىم تارتىلدى. چۈنكى ئىسكىلاتنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولۇپ، ئىچىدىن ئادەملەرنىڭ شىۋىر-شىۋىر قىلىپ پىچىرلاشلىرى ئاڭلىنىپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن دولىسىغا ئېغىر تاغارلارنى ئارتقان، ئۈچ ئادەمنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى. تېنىم جۇغغىدە قىلىپ گۇمانىم قوزغالدى. تام دالدىسىغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتتىم. ئۇلار تاغارلارنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرگىنىچە ئەينى ئاۋات كېچىكىگە چۈشۈپ كەتتى. «بۇلار كىمدۇ؟ بۇ كېچىدە تاغارلارنى نەگە ئاپىرىدىغاندۇ؟ ئاشلىق ئوغرىلىرىمۇ-يا؟ ھېلىقى تولۇقلىما ئاشلىقلار مۇشۇ ئىسكىلاتتا ئىدى. ئەگەر ئەترەتتىكى ئەزا، كادىرلار ئاشلىق لازىم قىلماقچى بولسا بۇنداق كېچىدە مۆكۈپ-چۆكۈپ يۈرمەي ئىش قىلغان، ھەم تاغارلارنى دەريا بويىغا ئەمەس، مەھەللە تەرەپكە ئېلىپ بارغان بولاتتى. بۇلار چوقۇم ئاشلىق ئوغرىلىرى! ئىسكىلاتنىڭ قۇلۇپىنى چېقىپ، ئاشلىق ئوغرىلىرى! ئىسكىلاتنىڭ قۇلۇپىنى چېقىپ، ئاشلىق ئوغرىلاپ، دەريادىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ نەپسىنى قاندۇرماقچى!»

    شۇئان مەھەللىگە، ئەترەت باشلىقى ۋە ئىسكىلاتچىغا خەۋەر قىلماقچى بولدۇم. چۈنكى مەن ئۇلارغا يالغۇز تاقابىل تۇرالمايتتىم، شۇڭا، ياتاققا يېنىپ كىرىپ دەرھال روزى قارىينى ئويغاتتىم.

    -چاققان بول ئۇكام! ئىسكىلاتقا ئوغرى تەگدى. ئاشلىقلارنى كېمىگە بېسىپ ئۇقاتقا ئېلىپ قاچماقچى. دەرھال داداڭغا خاۋەر قىل. ئۆيدىكى ئار مېھمانلار بىلەن دەرھال يېتىپ كەلسۇن. يەنە كەنت، مەھەللە مەسئۇللىرىغىمۇ خەۋەر قىلىۋەتسۇن! ئۇلار قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىمەن. ماڭ، چاپ!

    زېرەك بالا روزى قارىي دەرھال چۈشەندى-دە، تېز كىيىنىپ ئۆيى تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى. ھېلىقىلار يەنە قۇرۇق قول قايتىپ كېلىشتى-دە، ئىسكىلات ئىچىگە كىرىپ كېتىشتى. كاللامغا: كېچىك بويىغا چۈشۈپ يار دالدىسىدا ئۇلارنى يېقىندىن  كۆزىتىپ باقاي. ئەگەر ئوغرىلار بولسا ئېلىشاي. ھې چبولمىسا مەھەللىدىكىلەر كېلىپ بولغىچە ئاۋارە قىلىپ تۇتۇپ تۇرارمەن، دېگەن ئوي كەلدى. باشقا يول بىلەن دەريا بويىغا چۈشۈپ، كېچىككە يېقىن بىر يەر كاۋىكىنىڭ دالدىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۆزەتتىم. سۇ ئىچىدە، قوزۇققا باغلاقلىق ئوتتۇراھال بىر كېمە «شۇلۇق-شۇلۇق» ئاۋاز چىقىرىپ داۋالغۇپ تۇراتتى. كېمىدىكى ھېلىقى ئىسكىلاتتىن ئېلىپ چىققان ئاشلىق قاچىلانغان تاغارلار كۆزۈمگە چېلىقتى. «دېمەك، ئۇلار بۇ ئاشلىقلارنى ئۇ قاتقا ئۆتكۈزۈپ نەپسانىيىتىگە ئۇرماقچى...»

    يەنە يۇقىرىدىن قەدەم تىۋىشى كەلدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم دولىلىرىغا تاغارلارنى ئارتىپ ھاسىرىشىپ كېچىككە چۈشۈپ كېلىشىۋاتاتتى. كېمىگە يېقىنلاشقاندا ئۇلارغا زەن سېلىپ قاراپ ھەيران قالدىم. بىرى ئىسكىلاتچى مەڭلىك، بىرى 4-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان كەنت مۇئاۋىن مۇدىرى رازاق ئىدى. يەنە بىرى مەن ئىلگىرى بۇ مەھەللىدە كۆرمىگەن ئوتتۇرا ياش، بۇرۇتلۇق بىرى ئىدى. ئېھتىمال ئۇ بۇلارنىڭ دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى – بەشئېرىقلىق شېرىك ىبولسا كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ شېرىكلىشىپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تولۇقلاپ بېرىلگەن ئاشلىقلىرىنى كېچىسى ئوغرىلىقچە يۆتكەپ سېتىپ بېيىماقچى بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇ چاغلاردا ئاشلىق بەك قىممەت ئىدى. ئىككى-ئۈچ قېتىم يۆتكىگەنگە  بۇنداق كۆپ ئاشلىقنىڭ كەملىكى ھېچقانچە بىلىنمەيتتى. جىڭلاپ ھېساب-كىتاب قىلغاندا، «چاشقان يېدى»، «قۇشقاچ يېدى»، «خوراپ قۇرۇپ كەتتى» دەپ كۆرسىتىدىغان سەۋەب-يۇچۇقلار كۆپ ئىدى. ئەگەر توسۇپ قالالمىسام، ئۇلار ھارام نىيىتىگە يېتەتتى. يالغۇز بولساممۇ ئۆزۈمنى ئاشكاىلاپ توسۇپ بېقىشقا تەۋەككۈل قىلاي. ئەگەر ئۇلار قەبىھلىشىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسە ياكى ئەيىبناق قىلىۋەتسە ۋە ياكى ئۇرۇپ دەرياغا تاشلىۋەتسىچۇ؟... ئويلىغىنىمچە مېنى قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى. تۇرۇپ ئەترەپ ئەزالىرى، جاپاكەش دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىش بۇ جىنايەتنى كۆ”ۈپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەتكۈم كەلمەيتتى. «ئۇنچىۋالا قاباھەتمۇ يۈز بېرىپ كەتمەس. تىركىشىپ باقاي، قېنى، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن...»

    ئۇلار تاغارنى كېمىگە باسايلى دەپ تۇرۇشىغا يار دالدىسىدا تۇرۇپ ۋارقىرىدىم.

    -قىمىرلاشما! تاغارلارنى يەرگە تاشلاش! ئەتراپىڭ قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن قورشاپ بولۇندى، ياۋاشلىق بىلەن جىنايىتىڭگە باش ئېگىپ، زاڭ مالنى تاپشۇر!

    ئۇلار كۈتۈلمىگەن بۇ ھۇجۇمدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ساراسىمە بولۇپ، يىقىلىپ چۈشۈشتى. تاغارلارمۇ دولىسىدىن «گۈپ-گۈپ» قىلىپ قۇم ئۈستىگە چۈشتى. ئۇلار يىقىلغان جايىدىن تۇرالماي، سۈكۈت ئىچىدە ەئاۋاز كەلگەن تەرەپكە چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇرۇپ قېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ئاران ئېسىگە كېلىشىپ، بىر-بىرىگە شىۋىرلاشقىلى تۇردى.

    -بىرى سېزىپ قېلىپ ماراپ تۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ؟ قانداق قىلغۇلۇق؟- بۇ ئىسكىلاتچى مەڭلىكنىڭ ئاۋازى ئىدى.

    -كېمە بىلەن ئۇ قاتقا قېچىپ كېتەيلى. كېچىدە تېخى كىملىكىمىزنى تونۇيالمىدى. تۇتۇلۇپ قالمىساقلا ئىز قويالمايدۇ! ئۇ قاتقا ئۆتۈۋېلىپلا كېمىنى ئېقىتىۋېتىمىز!- ناتونۇش ئوغرى ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسەتتى.

    -كېمە توختاخۇننىڭ ئىدى. بەرىبىر ئاياغدىن سۈزۈۋالسا يەنە پاش بولۇپ قالىمىز، ئەستا!- رازاق ئۇنىڭ پىكرىنى قوللىمىدى.

    -قورقۇنچاقكەنلا! كېيىنكى ئىشنى كېيىن  كۆرمەيمىزمۇ؟!- بەشئېرىقلىق شۇنداق دەپلا كېمىنى يەشكىلى مېڭىۋېدى، مەن يەنە ۋارقىرىدىم.

    -توختا، ئەبلەخ! كېمىگە يېقىنلاشما! ھەممىڭ قوللىرىڭنى كۆتۈرۈشۈپ جايىڭدا جىم تۇرۇش! بولمىسا ئوق چىقىرىمەن!

    ئېلىۋالغان نو كالتەكنى توغرىلاپ ئۇلارنى قارىغا ئالدىم. ھەر ھالدا پوپوزا ئۈنۈم بەردى. ھېلىقى ئەبلەخ كېمىدىن چەتنەپ شېرىكلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ تۇرۇشتى. مەھەللە تەرەپ تېخىچە جىمجىت ئىدى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى ئەبلەخ شىۋىرلىدى:

    -ئۇ يالغۇزمۇ نېمە؟ قورشىۋالغان خەلق ئەسكەرلىرى قېنى؟ قولىدىكىسى مىلتىق ئەمەس، ياغاچ كالتەكتەك قىلىدۇ. بىزنى ئەخمەق قىلىۋېتىپتۇ بۇ گۇي! ئۇنى دەرياغا تاشلىۋېتىپ كېمە بىلەن قېچىپ كېتەيلى! بۇ ئەڭ ياخشى چارە!...

    -رازاق ئاخۇن، مەڭلىك، سىلەر راشتتىنلا قورشاۋدا قالدىڭلار، قېچىپ كېتەلمەيسىلەر! جىنايىتىڭلارغا تەن بېرىپ، جايىڭلاردا قىمىرلىماڭلار!

    مەن دالدىدىن چىقىپ سالاھىيىتىمنى ئاشكارىلاپ، ئۇلار تەرەپكە بىر-ئىككى قەدەم چامداپ توختىدىم.

    -ئېزىز ساۋۇت؟!- دېدى رازاق.

    -ئېزىز ساۋۇت؟! بۇ ھېلىقى ئىسكىلات ئۇدۇلىدىكى خامان باقىدىغان ئۆيدە تۇرىدىغان خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى بالا كادىرغۇ؟ سەنمىدىڭ؟- دېدى مەڭلىك  ماڭا قاراپ سەل خاتىرجەم بولغاندەك.

    -ھە، ئۇ يالغۇزكەن. ئەتىدىن بىرى بىزنى كولدۇرلىتىپتۇ، مەن راسا ئەدىپىنى بېرىپ دەرياغا تاشلىۋېتەي!- بەشئېرىقلىق قەبىھ ئەلپازدا مەن تەرەپكە قەدەم باستى. قاتتىق قورقۇپ كەتتىم. «راست شۇنداق  قىلارمۇ؟...» ئارقامغا داجىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدىم.

    -يېقىنلاشما! مېڭەڭنى چۇۋۇۋېتىمەن!

    -قول سالماڭلار!- دەپ ۋارقىرىدى رازاق ئەلەم بىلەن،- ئارقىغا قايتىڭلار! پايدىسىز، تەلىيىمىز كاج ئىكەن. كەلگەننى كۆرەرمىز.

    رازاق ئويلاپ كۆرۈپ، قاتىللىق يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئېغىر جىنايەتكە تەۋەككۈل قىلالمىدى. ھەرھالدا ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى رەھبەرلىك، قانۇن ئېڭى ئۈستۈن كەلدى. يەنىلا ئۇ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغىنى بىلەن سىناقتىكى پارتىيە ئەزاسى ئىدى.

    -ئەخمەق، يۈرەكسىز بىر نېمىلەر بىلەن شېرىك بولۇپ قاپتىمەن. قېلىشە گۇيلار! مەن كەتتىم!- بەشئېرىقلىق شۇنداق دېدى-دە، دولقۇنلاپ تۇرغان دەرياغا ئۆزىنى ئېتىپ، غۇلاچلاپ ئۈزگىنىچە قېچىپ كەتتى. ئىككىسى قىمىرلىماي جايىدا تۇرۇپ قالدى. رازاقنىڭ بۇ كەنتتە ئائىلە، بالىچاقىسى، ئۆي-ماكانى، ئىگىلىكى، يىلتىزى بار ئەمەسمۇ؟ ئەمما، مەڭلىك بۇ يەرلىك ئەمەس، ئۇ يىراقتىكى ياقا يۇرتتىن مەنپەئەت ئىزدەپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان. خۇشامەتچى، ياغلىما، ئاغزى يۇمشاق ھەم ساۋاتلىق. ئۇ كەنت باشچىلىرى تەرىپىدىن «پاك» دەپ قارالغاچقا مۇشۇ ئەينى ئاۋات مەھەللە ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىپ، ئۈچ يىلدىن بېرى ئىسكىلاتچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

    -ئېزىز ساۋۇت ئۇكام!- رازاق يېلىنغان ھالدا مەن تەرەپكە قەدەم باستى.

    -يېقىنلاشما! جايىڭدا جىم تۇر!- دەپ بۇيرۇق قىلدىم ئۇنىڭغا.

    ئۇ جايىدا جىم تۇرۇپ قالدى. قارىسام چىرايى قورقۇنچتىن ئۆمسىلا بولۇپ كېتىپتۇ.

    -ئېزىز ساۋۇت ئۇكام،- دېدى ئۇ يەنە يېلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ،- پوق يەپ ئېزىپ ساپتىمەن. ھەممە ئىش ھېلىقى قېچىپ كەتكەن گۇينىڭ ئازدۇرۇشىدىن بولدى. بىر قېتىم رەھىم قىلىپ، بىزنى كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىپ قويۇۋەتسىلە. سىلىدىن مەڭگۈ مىننەتدار بولايلى. «ئىنسان-نۇقسان» دەپ، ئېزىپ كېتىپتىمىز.

     بايام ئۇنىڭ قەبىھ بىر جىنايەتنى توسۇپ قالغانلىقى تەسىرىدىن يۈرىكىمدە «ئېرىپ قېلىش»تەك بىر تۇيغۇ پەيدا بولغاندەك بولدى. «بولدى قىلىۋېتەيچۇ» دېدىم ئىچىمدە. ئارقىدىنلا بۇ تۇيغۇ «لىپلا» قىلىپ غايىب بولۇپ، كۆز ئالدىمدا پىژغىرىم ئاپتاپ، ئېتىزدا ئاشلىق قىس سەۋەبلىك يېرىم ئاچ، يېرىم توق ئىشلەۋاتقان دېھقانلار؛ ئۆيىدە «نان» دەپ يىغلاۋاتقان بالىلار پەيدا بولدى. يەنە «مەھەللىگە خەۋەر بېرىۋەتكەن ئىدىم. ئۇلار يېتىپ كەلسە قانداق جاۋاب بېرىمەن؟» دېگەن پىكىر كاللامغا كېلىش بىلەن ھېلىقى  بوشاش تۇيغۇسى، قاتتىقلىققا ئالماشتى.

    -بۇ ئىشنى قانداق بولدى قىلىۋەتكىلى-كەچۈرگىلى بولىدۇ. ئاشلىق قەھەتچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاشلىقنىڭ جان ئىكەنلىكىنى بىلىلا! ئاچلىقتىن يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالىنى ئاڭلىدىلا-كۆردىلا! مەركەز ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاممىنىڭ، دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ھاياتىنى قوغداپ، بۇ ئاشلىقلارنى يىراقتىكى ئاشلىق مول جايلاردىن مىڭبىر جاپادا يۆتكەپ كېلىپ، ئاچارچىلىق ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇردى. مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزگەن خاتالىق، جىنايەتنى قويۇۋەتكىلى بولامدۇ؟ ئويلاپ باقسىلا، سىلىنىڭ ئەتىدىن-كەچكىچە، قىش-ياز ئېتىزلىقتىن كەلمەي، جاپالىق ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەمگەكچى دېھقان قېرىنداشلىرىغا ئىچىلىرى ئاغرىمامدۇ؟ ئۇلار ئاچ يۈرسۇنۇ، سىلەر ئۇلارغا تېگىشلىك ئاشلىقنى ئوغرىلاپ سېتىپ راھىتىنى كۆرسىلە؟ تېخى بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا ئېغىر دەرىجىدە سىياسىي خىزمەت خاتالىقى ئۆتكۈزۈپ ۋەزىپىلىرىدىن قاللا، پارتىيىدە سىناپ قالدۇرلدىلا، يەنە ھۇشلىرىنى تاپماي تېخىمۇ ئېغىر جىنايەتكە پېتىنىپلا؟!

    -گەپلىرى توغرا ئۇكام، ماڭا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ، بالىلىرىم بار ئىكەن. مۇشۇ بىر قېتىملا!...

    ئۇ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغىچە، ئىسرائقل ئاكام باشلاپ كەلگەن بىر توپ قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى، كەنتنىڭ يېڭى شۇجىسى، مۇدىرى، مەھەللە باشلىقلىرى، ئىسرائىل ئاكىنىڭ ئەر مېھمانلىرى  بولۇپ، بىر توپ كىشىلەر توپۇرلىشىپ يېتىپ كەلدى. ئەھۋالنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىشتى. ئىككىيلەننى ئىسكىلاتقا سولاپ، ئىككى قوراللىق ئەسكەرنى نازارەتكە قويدى. نومۇستىن ئۆزلىرىنى ئەيىبناق قىلىۋالماسلىقى، غەلەت قىلىپ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېنىدىكى پىچاق قاتارلىق تۆمۈر ئەسۋابلارنى ئېلىۋېلىپ، قوللىرىنى ئارقىسىغا قىلىپ تانا بىلەن باغلىۋېتىشتى. ئىككى خەلق ئەسكىرىگە تاڭ ئاتقۇچە قاتتىق نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. باشقىلار قولمۇ-قول تۇتۇپ، ئوغرىلانغان تاغاردىكى ئاشلىقلارنى كۆتۈرۈشۈپ ئىسكىلاتقا ئەكىردۇق ئىككى كۈندىن كېيىن ھېچلىقى قاچقۇن جىنايەتچىمۇ تۇتۇپ كېلىندى.

    يېزا رەھبەرلىرى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىشتى. ناھىيىلىك سوتتىن ئادەم كېلىپ، يېزا سوت ئورگىنى بىلەن بىرلەشمە سوت ئېچىپ ئۇلارنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى مۇقىنلاشتۇردى. رازاق پارتىيىدىن قوغلىنىپ، سەككىز يىللىق تۈرمىدە ئۆزگىرىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ بەشئېرىقلىققا (ئىسمى قابىل ئىكەن) 10 يىللىق، مەڭلىككە 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. ئىسكىلاتچىنىڭ ئىقرارىچە ئۇلار يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە بىرلىشىپ مۇشۇ ئىسكىلاتتىن 3 قېتىمدا 4500 جىڭ ئۇزۇقلۇق ئاشلىقلارنى كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتكۈزۈپ، بەشئېرىق يېزىسىنىڭ چەت-يىراق جايلىرىغا ئاپىرىپ بايلارغا ساتقان ۋە پايدىنى نىسبەت بويىچە ئۈلەشكەن.

    ئەسلىدە رازاققا تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ جازا بەرمەكچى ئىكەنتۇق، لېكىن مېنىڭ رازاقنىڭ قاتىللىق جىنايىتىنى توسۇپ قالغانلىق ھەققىدە ئىسپات ۋە ئاقلاشلىرىمنىڭ جىڭ بېسىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن جازا سەل يېنىكلىتىلگەن بولدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.