ئىگەرلىك ئات-ئەرۋاھتىن سادا

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:14:38

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپسەككىزىنچى بابئەرۋاھتىن سادائىسيانچىلارنىڭ «يۇمىلاق شەھەر»نى ئۆتكۈزۈۋېلىش غەلىبىسى ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ روھىنى خېلى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى. ئە...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    سەككىزىنچى باب
    ئەرۋاھتىن سادا

     


    ئىسيانچىلارنىڭ «يۇمىلاق شەھەر»نى ئۆتكۈزۈۋېلىش غەلىبىسى ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ روھىنى خېلى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى. ئەمما بۇ ياش سەركەردە بۇ ۋاقىتلىق نۇسرەتنى ئانچىۋالا مۇبالىغە قىلىشقا قىزىقمىدى. چۈنكى ئۇنى يەنە نۇرغۇن داۋانلىق ئۆتكەللەر كۈتۈپ تۇراتتى.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «بۇ يەردە قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىمىز ئېرىشكىنىمىزدىن ئارتۇق» دەپ ئويلاتتى. ئۇ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مەھبۇسنى قۇتقۇزۇۋېلىش بۇرچىنى ئادا قىلالماسلىقتەك جاۋابكارلىقنى ئەسلەپ ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىناتتى.

    مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەرۋاھى يۇمىلاق شەھەردىكى ئابدۇنىيازنىڭ ياتاق كارىۋىتى بېشىغا يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ روھىي ئازابىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

    ئەرۋاھ پۇتىدىن تا بېشىغىچە ئاپئاق لىباسقا ئورالغان قىياپەتتە تۇرۇپ، ئۇيقۇلۇق ياتقان بۇ ياش سەركەردىگە خىتاب قىلىپ سۆزلەيتتى:

    «مەن خەلق مائارىپى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەجرىم بىلەن پەخىرلىنىمەن. ماڭا قەست قىلغان قارا نىيەتلەرنىڭ ئاخىر بىر كۈن شەرمەندە بولىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن. مەن ئېتىقاد ئىگىسى بولغىنىم ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقمىدىم. ئېتىقادى بولمىغان كىشى تەقدىرنىڭ قۇلىدۇر. تەقدىر باتۇر تەرەپتە تۇرىدۇ. تەقدىر - ئاجىزلارنىڭ باھانىسى، قورقۇنچاقلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى. ئىرادىلىك كىشىنى تەقدىر بويسۇندۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇنى قەتئىيلەشتۈرىدۇ...»

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ چۈشىدە كۆرگىنى - بىر ئۇلۇغ روھىنىڭ غايىۋى ئىنكاسى ئىدى؛ ئاڭلىغىنى ئەرۋاھنىڭ خىتابى ئىدى. بۇ ياڭراق سادالار ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىدە، ئۆز ئېتىقادى يولىدا ھەرقانداق قىسمەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ كېتەلەيدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرمەكتە ئىدى. ئۇ يۈرەكسىزلەرنى كۆرگەندە: «قورقما، مەردانە بول، ئالتۇننىڭ ئېسىلى ئوتتا تاۋلىنىدۇ» دەپ تۇراتتى. ئۇ مارالبېشى سەپىرىنى ئاشۇنداق خاراكتېرىنىڭ ھەقىقىي سىناق مەيدانى قىلماقچى ھەمدە ئۇ يەردە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىپ مەرىپەت ئۇستازى مەمتىلى ئەپەندىگە ھەيكەل تىكلىمەكچى...

    ئىسيانچى قىسىملار ھازىرلىقىنى تۈگىتىپ ئۈچ يول بىلەن مارالبېشىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئابدۇنىياز كامال ئوتتۇرا يول قىسىملىرى بىلەن پەيزاۋاتقا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ناھىيە بازىرىدا ئۇنى نۇرغۇن ھۈنەرۋەنلەر ۋە بازار ئاھالىسى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

    قىسىملار بۇ يەردە بىر ئاخشام دەم ئالدى. كەچقۇرۇنلۇقى ئابدۇنىياز كامال ئۈچۈن راسلانغان مەخسۇس چۈشكۈنخانىغا مۇھەممەد پەرەڭ  ناملىق تۆمۈرچى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى قۇربان قىلىچ دېگەن كىشىلەر بىر چوڭ يېشىل ئەدىيالغا ئورالغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.

    ئابدۇنىياز ئۇلارنى قىزغىن قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى. تۆمۈرچى مۇھەممەد پەرەڭ سېرىق ساقال، كۆك كۆز، بەستلىك كەلگەن ۋە ئەللىك ياشلار قارىسىنى ئالغان تىمەن كىشى ئىدى. ئۇ يېشىل ئەدىيالغا ئوراپ كەلگەن ئېسىل سوۋغاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دېدى:

    - مانا بۇ سىلىگە ئەكەلگەن كۆڭۈل سوۋغىمىز. لەشكەر بېشىغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق سوۋغا بولمىسا كېرەك. يەنە كېلىپ مانا بۇ ئۆز قولۇم بىلەن ياسىغان بەشئاتار، توققۇزئاتار مىلتىق ۋە ئۇلارنىڭ ئوقلىرى. بۇ ئوقلار پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، تۆمۈر تاختىلارنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ.

    ئابدۇنىياز كامال بۇ سوۋغاتلارنى كۆرۈپ شۇ قەدەر ھاياجاندىكى، ئۇ خۇشاللىقىدا ئولتۇرغان ئورنىدىن دەرھال چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە تۆمۈرچىنى قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا تەكرار مىننەتدارلىق ئىزھار قىلدى.

    تۆمۈرچى مۇھەممەد پەرەڭ خوشلىشىپ مېڭىش ئالدىدا بىر تەكلىپ پىكىرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى:

    - ئەتىكى سەپەرگە مېنىڭمۇ پىدائىي بولۇپ بارغۇم بار. ھېچبولمىغاندا ئۆزۈم ياسىغان ياراغنى نەق مەيداندا سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ باقسام دەيمەن.

    - بارىكاللا، ئۇستام، سىلىنى تۇغقان ئانىلىرىغا رەھمەت. ئۆزلىرىنى سېپىمىزگە جان-دىلىمىز بىلەن قوبۇل قىلىمىز.

    ئابدۇنىياز، تۆمۈرچىدىن سۆيۈنۈپ ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. تۆمۈرچى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى چۈشكۈنخانىدىن ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك قايتىشتى.

    ئەتىسى ئۇلار ھەممە تەييارلىقنى تەق قىلىپ مارالبېشىغا قاراپ ئاتلاندى. ئەتىگەنلىك ھاۋا سالقىن ئىدى. ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن توزۇغان توپا-چاڭلار يولنىڭ ئىككى چېتىدە شالاڭ ۋە پاكار ئۆسكەن ياۋا گىياھلارنى كۆمۈپ ماڭاتتى.

    مۇھەممەد پەرەڭ كېتىۋېتىپ، ئابدۇنىياز كامال مىنىپ ماڭغان ئاق بوز ئات-تورغۇت دۇلدۇلىغا نەزەر تاشلايتتى. بۇ ئاتنىڭ ئېگىزلىكى، گەۋدىسىنىڭ يوغانلىقى، تۈكلىرىنىڭ مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرۇشى، ئۇزۇنچاق بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەكشى ۋە ئىلدام قەدەم تاشلىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مەستلىكى كەلدى. ئۇنىڭ دۇكىنىغا مىڭلىغان ھەرخىل ئاتلار كېلىپ-كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ئاتقا تەڭلىشەلمەيتتى.

    شەرق تاماندىن قۇياش كۆتۈرۈلۈپ بارچۇق دائىرىسىدىكى توغراقلىق قۇم جەزىرلەرنى قىزىتىشقا باشلىغانىدى. شەرقىي جەنۇب تەرەپتىكى قويۇق ئۆسكەن ئورمانلىق بەلۋىغىغا يېقىنلاشقاندا، سەزگۈر ئاتلار ئۆزلۈكىدىن قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ ئاللىقانداق بىر ۋەھىمىدىن شەپە ئاڭلىغاندەك كەينىگە داجىپ ئارقا-ئارقىدىن كىشنەپ كېتىشتى.

    - بىردەم توختايلى،- دېدى مۇھەممەد پەرەك دەرھال ئابدۇنىيازنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ،- ئاۋۇ ئورماندا بىر ئىش باردەك قىلىدۇ. يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئوۋچىلار بولۇپ قالمىسۇن يەنە.

    راست دېگەندەك ھايال ئۆتمەي توغراقلىقتىن ئېتىلغان بىر پاي ئوقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئابدۇنىياز كامال ئاتلىق پىدائىيلىرىغا ئورماننى تۆت تەرەپتىن قورشاش بۇيرۇقىنى بەردى-دە، توغراقلىق ھايال ئۆتمەي مۇھاسىرىگە ئېلىندى. يوشۇرۇنغان ئەللىككە يېقىن كىشى ئاق بايراق كۆتۈرۈپ ۋە قوراللىرىنى ئېگىز قىلغان ھالەتتە توغراقلىق ئىچىدىن تەسلىم بولۇپ چىقتى. ئۇلار بارچۇق سېپىلىگە قېچىپ بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان شېڭ شىسەينىڭ تەمىنات خادىملىرى ۋە پەيزاۋاتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىدى. دېھقان پىدائىيلىرى ئۇلارنى دەرھال قورالسىزلاندۇردى ھەمدە ئورمانلىق ئىچىنى ئاختۇرۇپ نۇرغۇن ئوق-دورا، قورال-ياراغلارنى غەنىيمەت ئالدى.

    شۇ كۈنى كەچ پېشىن مەھەلدە، ئابدۇنىيازنىڭ قىسىملىرى بارچۇق سېپىلى ئەتراپىدا جەم بولدى. شېڭ جەمەتىنىڭ بىر تۇۋەنگە يېقىن چېرىكلىرى بارچۇق سېپىلى ئىچىگە كىرىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى مەھكەم تاقىۋېلىشقانىدى. پىدائىيلارنىڭ بىرى قىسمى تۇمشۇق ئېغىزى يېنىغا بۆكتۈرمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قالغان قىسمى تۆتكە بۆلۈنۈپ سېپىل ئەتراپىنى قورشاپ مۇھاسىرە چەمبىرىكى شەكىللەندۈردى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ياغدۇراتتى. قارشى تەرەپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇش پىلانىنى تۈزگەنىدى. ئۇلار شېڭ شسەينىڭ ياردەمچى قوشۇنىغا ئۈمىد باغلىغانىدى.

    ئىككىنچى كۈنى دەل چۈش مەھەلدە، قاياقتىندۇر سېپىل ئۈستىدە پەيدا بولغان ئىككى چوڭ قارا غىلجىر  ئاسمان-پەلەك ئېگىزلىكتە كەڭ قاناتلىرىنى يېيىپ، توختىماي ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. قارشى تەرەپنىڭ چېرىكلىرى سېپىل ئىچىدە ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرۈشۈپ «ئەنە بىزنىڭ ئايروپىلانىمىز كەلدى» دەپ قالپاقلىرىنى ئاسمانغا ئاتتى. دېمىسىمۇ قارا غىجىرنىڭ يوغانلىقى، ئۇزۇن قاناتلىرىنى سوزۇۋالغان پېتى تەپتەكشى ئۇچۇپ مېڭىشى غىلجىر كۆرۈپ باقمىغان كىشىدە «ئايروپىلان»مىكىن دېگەن خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى.

    مۇھەممەد پەرەڭ چاققان كەلدى. ئۇ پولات ئوقنى بەشئاتار مىلتىققا سېلىپ، قارا غىلجىرنى قارىغا ئالدى. ئارقىدىن مىلتىقنى ئابدۇنىيازغا تۇتقۇزۇپ دېدى:

    - قېنى ئەمىسە، ئاۋۇ قارا غىلجىرنى سىز چىنەڭ.

    ئابدۇنىياز قارا غىلجىرنىڭ پەسرەك ئۇچۇپ كەلگەن بىرىنى دەللەپ ئاتتى. غىلجىر نەچچە موللاق ئاتقىنىچە سېپىل ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئىككىنچى غىلجىر بولسا ئالدى-كەينىگە قارىماي ئاسماندىن غايىب بولدى.

    تەقدىر بۈگۈن بارچۇق سېپىلى يېنىدا راستتىنلا رومانتىك ئويۇن ئوينىغانىدى. قارا غىلجىرنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېيىن سېپىل ئىچىدىكى چېرىكلەرنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. سېپىل سىرتىدىكى پىدائىي يىگىتلەرنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بارچۇق سېپىلىنى ئىگىلەشنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجايتتى.

    قامال قىلىنغان چېرىكلەرنىڭ «ۋاقتىنى كەينىگە سوزۇش پىلانى»نى پەمىلىگەن ئابدۇنىياز كامال سېپىلنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنى كۆيدۈرۈپ يول ئېچىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. دەرۋازا بىرنەچچە سائەت ئىچىدە كۆيۈپ كۈل بولدى-دە، ئورنىدا چوڭ كاۋاك پەيدا بولدى. قېچىشقا ئالدىن ھازىرلىق كۆرۈپ قويغان چېرىكلەر ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ھېلىقى كاۋاكتىن بۆسۈپ چىقىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ جەڭ رەسمىي باشلاندى. قېچىپ كېتەلىگەن ماشىنا ئۈستىدىكى چېرىكلەر دېھقان پىدائىيلارنىڭ تۇمشۇق  يېنىغا ئالدىن جايلاشتۇرۇلغان بۆكتۈرمە قىسىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق زەرب يېدى. بارچۇق سېپىلىنى تالىشىش ئۇرۇشى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى. پىدائىيلار نۇرغۇن يېڭى قورال-ياراغ ۋە باشقا غەنىيمەتلەرگە ئىگە بولدى.

    لېكىن ئىككى كۈندىن كېيىن ئابدۇنىياز بارچۇق سېپىلى ئۇرۇشىدا ئېرىشىلگەن ئامەتنىڭ كەينىدىنلا بىر يامان دىشۋارچىلىقنىڭ سايىسى ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىدى-دە، مۇشاۋىرلىرى بىلەن كېڭەش يىغىنى ئاچتى:

    - بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق تاشلايمىز؟

    ئابدۇنىياز كامال مۇشاۋىرلىرى ئالدىغا مۇشۇ مەسىلىنى تاللاپ مۇزاكىرىگە قويدى. مۇشاۋىرلار زۇۋان سۈرەلمەي دېلىغۇل بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئاخىرىدا ئابدۇنىياز كامال ئۆزى ئېغىز ئېچىپ قورسىقىدىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دېدى:

    - شېڭ شىسەينىڭ ياللانما - تۆتىنچى نومۇرلۇق قىسىملىرى بىزنىڭ ئارقىمىزدىنلا قەشقەرگە بېسىپ كىردى. بىز ھازىر ئاقسۇ دەرياسىغىچە بولغان كەڭ زېمىندىلا توسالغۇسىز يۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز. نۆۋەتتىكى قەدىمىمىز ئەنە شۇ زېمىنغا قارىتىلىدۇ. ئەسلىدە قەشقەردە قۇربان بولغان ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مەرىپەتچىلەرگە داغدۇغىلىق دەپنە  مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان پىلانىمىز ۋاقتىنچە كەينىگە قالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز.

    كوماندىرنىڭ مۇددىئاسىنى ھەممەيلەن ئېنىق چۈشەندى-دە، ئۇنىڭ پىكرىگە بىر ئېغىزدىن ماقۇل بولۇشتى. سەپەر يۆنىلىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بۇ پىلان تۆۋەندىكى قىسىملارغا ئۇقتۇرۇلدى.

    شۇنداق قىلىپ، ئەتىسى پۈتۈن قىسىم تەشكىلىي رىتىم بويىچە قوزغىلىپ، شەرقىي شىمالغا قاراپ ئاتلاندى. قەدىمكى ھارۋا يولىنىڭ چەت تەرىپىدە قارامتۇل پاكار تۇمشۇق تاغلىرى شىمالغا قاراپ سوزۇلاتتى. ئوڭ تەرەپتە بىپايان چۆللۈك قاغجىراپ ياتاتتى. تومۇزنىڭ تەپتىدىن چاڭقاپ ھالىدىن كەتكەن قاغا- قوزغۇنلار ئاران-ئاران ئۇيان-بۇيان ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. پىدائىيلار ئاتلىرىغا غانجۇغىلاپ ماڭغان ساناچلىرىدىكى سۇنى سۈمۈرۈپ ھاللىنىۋېلىپ يەنە ئىلگىرىلەيتتى.

    تۇمشۇق چوققىسىنىڭ شەرق يامزىلىدىكى بىر تۈزلەڭلىكتە بارچۇق سېپىلى جېڭىگە قاتناشقان قىسىم بىلەن تۇمشۇق بۆكتۈرمە جېڭىگە قاتناشقان پىدائىيلار ئۇچراشتى ۋە ئۆزئارا غەلىبە ھېسسىياتلىرىنى تۆكۈشتى. ئۇلار دەم ئالغاچ قولغا چۈشۈرگەن ئولجا-غەنىيمەتلىرىنى بەس-بەس بىلەن سۆزلىشەتتى. پەيزاۋاتلىق مۇھەممەد پەرەڭ ھاياجانلانغان ھالدا دېدى:

    - مۇشۇ تۇمشۇق چوققىسى ئۈرۈمچى-قەشقەر چوڭ يولىنى توسۇپ تۇرىدىغان مۇھىم جاي. ھەربىي گېنېراللار ھە دېگەندىلا مۇشۇ يەرنى تالىشىدۇ. 1933- يىلى ئەتىيازدا گېنېرال تۆمۈر ئېلى  بىلەن خۇيزۇ ما شاۋۋۇ قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىرىق يەتتە كۈن جەڭ بولغان، ئاخىرى تۆمۈر ئېلى غەلىبە قىلغان. بۇ قېتىم بۇ يەردە بىزمۇ غەلىبە قىلدۇق.

    پىدائىي يىگىتلەر بۇ يەردە خۇماردىن چىققۇچە دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن بۇيرۇق بويىچە يەنە ئاتلاندى. ئۇلار يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قاياقتىندۇر ئىككى ئايروپىلان ئۇچۇپ كېلىپ، رەتمۇرەت كېتىۋاتقان ئاتلىق قىسىملارنىڭ بېشىدا ئەگىشكە باشلىدى. پىدائىيلار ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەندىن كېيىن ئايروپىلان تېخىمۇ پەسلەپ ئۇچۇپ، ئاتلارنى ئۈركۈتۈشكە باشلىدى.

    - قارا غىلجىر!

    كوماندىر ئابدۇنىياز كامال تورغۇت دۇلدۇلى ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈنلۈك سۈرەن سالدى. ئارقىدىنلا ئايروپىلان پەس ئۇچۇپ كېلىپ پىدائىي يىگىتلەرنى ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى.

    غەزىپى تېشىپ، قەھرى ئۆرلىگەن ئابدۇنىياز كامال تاغ باغرىدىكى بىر ئېگىز قىيالىققا چىقتى-دە، بەشئاتار مىلتىقتىن چەنلەپ ئېتىپ ئايروپىلاننىڭ بىرىنى تاغ باغرىغا دومىلاتقۇزۇۋەتتى. ئىككى نەپەر ليۇتچىك پاراشۇت بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ قول كۆتۈرۈپ تەسلىم بولدى. يەنە بىر ئايروپىلان بەدەر تىكىۋەتتى.

    بۇ دېھقان پىدائىيلىرىنىڭ ئاددىي قورال بىلەن تۇنجى قېتىم ئايروپىلان ئېتىۋېلىشى ئىدى. بۇ ۋەقە كەلپىننىڭ كۆيۈك تاغلىرى بىلەن دالاشور دەپ ئاتىلىدىغان دەشت-چۆللۈك ئەتراپىدا يۈز بەرگەنىدى. شۇ چاغدا، بىر پىدائىي ئابدۇنىياز كامالدىن سورىدى:

    - كوماندىر، سىز بۇ ماھارەتنى نەدىن ئۆگەنگەن؟

    - ئەرۋاھلارنىڭ ساداسىدىن،- دېدى كوماندىر پىدائىي جەڭچىسىگە جاۋاب بېرىپ.

    دېمىسىمۇ ئۇنىڭ «يۇمىلاق شەھەر» بىلەن «بارچۇق سېپىلى»نى ئېلىشتىكى كوماندىرلىق ئىقتىدارى ۋە قارا غىلجىرنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتەك مەرگەنلىك ماھارىتى قول ئاستىدىكىلىرىنى ئۇنىڭغا چوقۇندۇرغانىدى. ئەمدى ئەمدى ئۇنى ھەممىسى سۆزسىز ھۆرمەتلەيدىغان بولغانىدى. ئۇ - بومباردىمان زەربىسىدە قۇربان بولغان پىدائىيلارنى دەپنە قىلىپ، يارىدارلارنىڭ داۋالاتقۇزدى. ئەسىرگە ئېلىنغان ليۇتچىكلارنى سوراق قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇيىدىن سەنمۇجاڭغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن قىسىملىرىنى باشلاپ ئاقسۇ دەريا ساھىلىغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.