غالجىر بۇقا ۋە شېرىپ تەلۋە(ئېزىز ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-20 10:43:25

غالجىر بوقا ۋە شېرىپ تەلۋە (راست ئىشلار خاتىرىسى) ئېزىز ساۋۇت كۆز ئالدىمىزدا سۈپسۈزۈك سۇلىرى ئەتىگەنلىك سەلكىن شامالدا بىلىنەر - بىلىنمەس داۋالغۇپ تۇرغان ئەشمەكۆل نامايان بولدى. ئەتىگەنلىك قۇي...

    غالجىر بوقا ۋە شېرىپ تەلۋە

    (راست ئىشلار خاتىرىسى)

    ئېزىز ساۋۇت

     

       كۆز ئالدىمىزدا سۈپسۈزۈك سۇلىرى ئەتىگەنلىك سەلكىن شامالدا بىلىنەر - بىلىنمەس داۋالغۇپ تۇرغان ئەشمەكۆل نامايان بولدى. ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا ئەينەكتەك يالتىراپ تۇرغان، كەڭ كەتكەن بۇ تەبىئىي كۆل، چىرايلىق كۆرۈنۈشى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. بېلىق ئالغۇچلار، ئۆردەك، چۆمگەك ئاقچاپاق قاتارلىق ئۇچار - قۇشلار توپى كۆلنى ئۆزىگە يازلىق ماكان قىلىشقان. ئۇلارنىڭ زېمىن تالىشىپ كۆتۈرۈشكەن قىيا - چىيالىرى، سۇ دولقۇنلىرىدەك ئاستا - ئاستا يىراقلارغا تارقىلاتتى.
       مەن، بوستان كەنتى (ئىلگىرى دادۈي)نىڭ بىر قىسىم كەنت، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن كەنت ۋە ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەھەللىمۇ مەھەللە ئايلىنىپ كېتىپ باراتتىم. 1978 - يىلى 8 - ئاي مەزگىلى ئىدى. ئالدىنقى كۇنى باشقا مەھەللىلەرنى تەكشۈرۈپ، ئەشمەكۆلى بويىدىكى تۆتىنچى مەھەللىگە نۆۋەت كەلگەندە كەچ كىرىپ كېتىپ ئىشلار ئەتىگە قالغانىدى. مانا بۈگۈن سەھەردىلا، جەنۇبتىكى ئەشمەكۆلگە يانداش بولغان بۇ مەھەللىنىڭ ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چۇشتۇق. يول ئەشمەكۆل بويىدىن ئۆتەتتى. مەھەللە ئىچىگە يېقىنلاشتۇق. دەل شۇ چاغدا مەھەللىنىڭ غەربىي چېتىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان قېلىن سوقما تاملىق قوتان ئىچىدىن، بىر ھايۋاننىڭ ئاچچىق ۋە دەھشەتلىك تارتقان نەرىسى ئاڭلاندى. كۆپچىلىك چۆچۈپ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراشتۇق. ئارىمىزدىكى مەمتىلى:
      بۇ ھېلىقى غالجىر بولۇپ قالغان نەسىللىك سېرىق ئالا بوقىنىڭ ئاۋازى، بىز ئۇنى نەسىل ياخشىلاش ئۈچۈن قىممەت باھادا سېتىۋالغانىدۇق. ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى كەنتىمىز ۋە قېرىنداش - قوشنا يېزىلارغا نەسىللەندۈرۈپ بېرىپ ئوبدان نەپ بەرگەن. بىزمۇ كۆپ كىرىم قىلىۋالغانىدۇق. ئەمدى ئويلىمىغان يەردىن غالجىر بولۇپ قالدى. ھېلىمۇ يېنىك ۋاقتىدا ئاشۇ يالغۇز قوتانغا سولۇۋېتىپتىكەنمىز. بارغانسېرى غالجىرلىقى كۈچىيىپ كەتتى. ئادەم يولاتمايدۇ. ئەلپازى بەك يامان، قورقۇنچلۇق. كۈندە ئۆگزىگە چىقىپ ئوت، بوغۇز، سۇ چۈشۈرۈپ بېرىمىز. خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بوشاپ كېتىدىغان بولسا بالايىئاپەت!... ھەي ئىسىت!... دېدى ئەلەم بىلەن.
     قانداق بولۇپ غالجىر بولۇپ قالدى بۇ بۇقا؟ دەپ سورىدى ئارىمىزدىن بىر مەھەللە باشلىقى.
      - باققۇچىلار بۇقىغا ئوت - چۆپ بەرگەندە، جاڭگالدىكى تەلۋە ئوت دەپ ئاتىلىدىغان ياۋا بېدە تىپىدىكى بىر خىل زەھەرلىك ئوت ئارىلىشىپ قاپتۇدەك. شۇنى يەپ سېلىپ غالجىر بولۇپ قالدى دېيىشىدۇ. راست، تەلۋە ئوتنى يەرلىك مال - چارۋىلار يەپ سالسىمۇ تەلۋە بولۇپ، چۆرۈلۈپ يۈرۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، دېدى مەھەللە باشلىقى پەرىشان ھالدا.
     ياق! دەپ ئېتىراز بىلدۈردى كەنت باشلىقى، ئېگىز، چوقۇرراق كەلگەن سايىت ئاخۇن، ئازراق يەپ سالغانغا بۇنداق زور بۇقىغا ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چارۋا دوختۇرلىرىدىن سورىسام، بۇ بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل. يۇلۇن سۇر ماددىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن بولىدىغان تاسادىپىي كېسەللىك دېدى، ئەمما داۋالاپ كۆرۈۋېدۇق، ئەكسىچە ئەدەپ كەتتىكى، كار قىلالمىدى.
      - بۇقا ئالىمادىس بوشىنىپ كەتسە، ئالدىغا ئۇچرىغاننى ئۈسۈپ - چەيلەپ گۇمران قىلىپ بالا تېرىيدۇ، دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، دىقماق، تەمبەل، ئاقسېرىق چىراي ھەبىبۇللا كېتىپ بېرىپ، ئۆتكەندە بۇقىنى ئېتىۋېتىپ ئاندىن چەت يەرگە ئاپىرىپ چوڭقۇر كۆمۈۋېتىڭلار، دېمىگەنمىدىم؟
      - يېزىنىڭ، كەنتنىڭ يازما قارارى، ناھىيىلىك قوراللىق قىسىمنىڭ ئوق چىقىم قىلىش يازما تەستىقى بولمىسا قانداق ئىجرا قىلالايمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىممەتلىك نەسىللىك بۇقا تۇرسا؟... مەھەللە باشلىقى پاتىڭىنى قاشلاپ ئېتىراز بىلدۈردى.
        - بىر بۇقىنى دەپ زىرائەتلەرنى، ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچراتساق بولامتى ئەمىسە؟ ئادەم ھەممىدىن مۇھىم. بۈگۈن مىنبىڭ پەينىڭ مىلتىقلىرىدىن بىرنى، مەرگەن مىنبىڭلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ تام تۆپىسىگە چىقىپ ئېتىۋېتىڭلار! بەك ياخشى قارىغا ئېلىڭلار! پېشانە، مېڭىسىگە ئېتىڭلار! بىر پاي ئوق بىلەن يىقىلىدىغان بولسۇن. چالا تەگكۈزۈپ يارىدار قىلىپ قويساڭلار، قورۇق تاملارنى ئۆرۈپ بالانىڭ چوڭىنى تېرىيدۇ... سىلەر تەلەپ قىلغان يازما تەستىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىپ ئېلىپ كەلدىم، ھېلى بېرىمەن.
       گەپ بىلەن بىردەمدىلا مەھەللە ئىچىگە يېقىنلىشىپ قاپتىمىز. شۇ كۈنى بۇ ئىشنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىمىز ھەيران. ھەبىبۇللا شۇجىنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا يەنە بۇقىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ قېتىمقى چىرقىراش غەلىتە ۋە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ھەممىمىزنى سۈر باستى. دەم ئۆتۈپ «گۈلدۈر - غالاپ» قىلىپ ئېغىلنىڭ سوقما تاملىرى ئۆرۈلدى - دە، چاڭ - توپىلار قاپلىغان يوچۇقتىن دەھشەتلىك بىر مەخلۇق ئېتىلىپ چىقىپ كەلدى ۋە چىرقىراپ - ھۆركىرگىنىچە بىزگە قاراپ يۈگۈردى.
       كۆز ئالدىمىزدا، بىزنىڭ يەرلىك بۇقىلىرىمىزدىن ئۈچ ھەسسە زور، كۆكرىكى شىرنىڭكىدەك يوغان، كەينى ئىنچىكە، پاچاقلىرى تۆۋرۈكتەك، ئېگىلىپ بورتۇپ چىققان قۇدرەتلىك بويۇن - گەدەنلىرى بەھەيۋەت، چوققىسىدىكى ئەركەك تۈكلىرى ھۈرپەيگەن، چىرايلىق مۈڭگۈزلىرى نەيزىدەك تىكلەشكەن، كۆزلىرى ئالايغان، ھەيۋەتلىك بۇرنى، ئېغىزىدىن شالداملار ئاققان زور بىر ئاقسېرىق ئالا بۇقا بىزگە ئېتىلىپ كېلىۋاتاتتى.
      توۋا، تىلسىز بۇ ھايۋان، ئۆزىنىڭ بۈگۈن ئېتىۋېتىلىش خەۋىرىنى قانداق ئۇقۇپ قالغاندۇ؟ يا بىرسى «خەۋەر» بەرمىسە؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ھايۋانلىق سەزگۈرلۈكىگە تاياندىمۇ ياكى ئەجەل سۆرەپ كەلدىمۇ؟ كىشىلەر ئاغزىدىن: «ھايۋانلار ئارىسىدا ياۋا توڭگۇز بىلەن ياۋا غاز، قاغىلار دولا باقىدۇ، ئاسان تۇتقىلى، ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئۆزلىرىنى ئوۋلاش - ئۆلتۈرۈش كويىدا، جىمجىت يوشۇرنۇپ، كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان ئادەم ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ نىيىتىنى ئالدىن سېزەلەيدۇ - دە، قېچىپ قۇتۇلىدۇ. مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۆرەلەيدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم. لېكىن بۇقا - كالىلارنىڭ بۇنداق خىسلەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن.
      - تېز قېچىڭلار! ئۆزۈڭلارنى دالدىغا ئېلىڭلار! بالىلارغا ھامى بولۇڭلار! دەپ ۋارقىرىدى ھەبىبۇللا شۇجى بىزنى ۋە ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاندىن يېنىدىكى ياش مىنبىڭ پەيجاڭىنى بۇيرۇدى، جۇگۇ ئۇكام! دەرھال كەنت ئىسكىلاتىدىن ئوق - مىلتىق ئېلىپ كەل!
    مىنبىڭ پەيجاڭى يۈگۈرۈپ كەتتى. بىزمۇ، ئېتىزدىكىلەرمۇ تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ، دەرەخ ئۇچىغا، ئۆگزىلەرگە چىقىشىپ، دالدىلارغا مۆكۈشتۇق. غالجىرلاشقان بۇقا قۇتراپ - چىرقىراپ ئېتىزلارنى تىلغاپ، زىرائەتلەرنى چەيلەپ، چەللە - باراڭلارنى ئۆرۈپ - يىقىتىپ مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كەلدى - دە، تېخىمۇ غالجىرلىشىپ تاملارنى، دەل - دەرەخلەرنى ئۈسۈپ قىڭغايتىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. مەنمۇ بىر بۆلەك دېھقانلار بىلەن پۇختا سېلىنغان بىر تامنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغانىدىم. يەنە بىر ئۆگزىدىكى بىر خوتۇننىڭ:
     ۋاي ئىسىت بالام! ئەمدى قانداق قىلارمەن؟! دېگەن نالە - پەريادى ئاڭلاندى. قارىساق، يول بويىدىكى سۇسىز ئېرىق ئىچىدە ئۈچ ياشلاردىكى يالىڭاچ بىر ئوغۇل بالا، ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز قۇم ئويناپ ئولتۇراتتى.
    بۇقىنىڭ قىلىقلىرىغا تېخىمۇ ھەيران قالدۇق. دەھشەتلىك چىرقىراپ، ئۈسۈپ - چەيلەپ، يۈگۈرۈپ - چاپچىپ كېلىۋاتقان بۇقا بالىنى كۆردى - دە، چىرقىراشتىن توختاپ بالىغا بىر پەس قاراپ تۇردى. ئاندىن سالماق قەدەم تاشلاپ بالىغا قاراپ ماڭدى. ئوق - مىلتىقمۇ ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىدى. ئارىمىزدىكى ھېچكىمدە بۇقا بىلەن ئېلىشىپ بالىنى قۇتقۇزۇۋالالايدىغان جاسارەت يوق ئىدى. ھەممىمىز قورقۇنچ، ۋەھىمە ئىچىدە ئۆرە - تۆپە بولۇشاتتۇق. شۇ چاغدا يولدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر ئادەم پەيدا بولدى - دە، «ھوش... ھوش! ھەي، نېجىس كەت نېرى! بالىغا تەگمە!» دېگىنىچە بۇقىغا ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ سېپى قاۋۇل، تىغى توم ئۇزۇن پالتا كۆتۈرگەن، گىروي ئادەم ئىدى. نېرىدا يول ئۈستىدە لىق قاقشال ئوتۇن بېسىلغان، سېرىق ئۇي قوشۇلغان بىر ھارۋا تۇراتتى.
      - ۋاي، بۇ شېرىپ تەلۋىغۇ؟
      - ئۇ، قاراكۆل جاڭگىلىغا ئوتۇنغا كەتكەن ئەمەسمىدى؟
      -  قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.
       - ئۇ، بالىنى قۇتقۇزالارمۇ؟ ئۇ، بالىنى دەپ ئۆز جېنىنى...
     - ئۇنى «شېرىپ تەلۋە، شېرىپ گاژگون» دەپ ياراتماي يۈرۈپتىكەنمىز، مانا ئەمدى ھەممىمىز خوتۇن كىشىدەك تىترىشىپ تۇردۇق. ئەرلىكىنى كۆرسەتتى - دە، شېرىپ ئاخۇن!
       ئۆگزىلەردە ئاشۇنداق غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى. مەن كەنت كادىرلىرىدىن، مەھەللىنىڭ كوللېكتىپ ئەمگەكلىرىگە قاتناشمايدىغان، كەنت - مەھەللە كادىرلىرىنى كۆزىگە ئىلمايدىغان، گېپىگە كىرمەيدىغان، ئاچچىقى تۇتسا ئالەمنى مالەم قىلىدىغان ئاشۇنداق مەستخۇش، جۇنۇن سۈپەت بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭ جۇنۇن مىجەزىگە قاراپ چىشىغا تەگمەي، مەيلىگە قويۇۋەتكەن. شېرىپ تەلۋىنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىمۇ ئاشۇ بۇقىدەك قورقۇنچلۇق، ھەيۋەتلىك ئىدى. بىر مېتىر توقسان سانتىمېتىرلىق بويى، بىرەر مېتىر كەڭلىكتىكى يەلكە - گەۋدىسى، بۇقىنىڭكىدەك بويۇن - دولىسى، كۈچلۈك بىلەك، تۆۋرۈكتەك مەزمۇت پاچاقلىرى، تاۋاقتەك يوغان ئەمما ئورۇق - قاتاڭغۇر، قارامتۇل سۈرلۈك يۈزى، قېلىن قارا قاشلىرى ئارىسىدا پارقىراپ ئويناپ تۇرىدىغان كۆزى... گويا ئەپسانىلەردىكى گىگانت ئادەمنى ئەسلىتەتتى.
       بۇقا پالتا كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان شېرىپ تەلۋىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بېشىنى بۇراپ بىر قارىدى - دە، بالىنى تاشلاپ دەھشەتلىك چىرقىرىغىنىچە شېرىپ تەلۋىگە ئېتىلدى. شېرىپ تەلۋىمۇ قىلچە تەمتىرىمەستىن پالتىنى يانغا، ئارقىسىغا ياندۇرۇپ، بېشىنى سەل يانتۇ ئېگىپ ئۈسمەكچى بولۇپ ئۆزىگە تاشلانغان بۇقىنىڭ ئىككى مۈڭگۈز ئارىلىقىدىكى پېشانىسىنى چەنلەپ كۈچ بىلەن ئۇردى. پالتا پېشانە سۆڭەكلىرىنى پاچاقلاپ ئۆتۈپ مېڭىسىگە تۈۋىگىچە كىرىپ كەتتى. بۇقا جان ئاچچىقىدا بىر چىرقىراپ، ئىككى مۈڭگۈزى بىلەن شېرىپ تەلۋىنى ئېلىپ دەس كۆتۈرۈپ، بىر سىلكىپ يىراققا ئېتىۋەتتى. ئارقىدىنلا زەربە تەسىر قىلغان بۇقا دەلدۈگۈنۈپ، بويۇن ۋە بېشىنى تىترىتىپ گويا تاغ يىقىلغاندەك يانغا ھەيۋەت بىلەن «گوپ!» قىلىپ يىقىلدى - دە، ئىككى - ئۈچ پۇت تېپىپ جىمىقتى. پالتا مېڭىسىگە كىرىپ كەتكەنىدى. ئېرىق ئىچىدە بالا ھېچنەرسىدىن بىخەۋەر غەمسىز ئويناۋاتاتتى. يىراققا ئېتىۋېتىلگەن شېرىپ تەلۋە يول ئۈستىدە ئىڭراپ ياتقىنىچە قوپالماي قالدى.
       شۇنداق قىلىپ، بۇ دەھشەتلىك قىيامەت جېڭى ئاخىرلاشتى. ھەممىمىز ئالمان - تالمان ئۆگزە، دەرەخلەردىن چۈشۈپ، شېرىپ تەلۋىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈشتۇق. شېرىپ ئاخۇننىڭ چىرايى ساماندەك سارغىيىپ، مۇنچاق - مۇنچاق تەرلەپ كەتكەنىدى. يەرگە قاتتىق چۈشكەنلىكتىن ئۈچ تال قوۋۇرغىسى سۇنۇپ، ئۆپكىسىنى قىسىۋالغانىكەن. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ ئامان قالغان ئوغلىنى كۆتۈرۈپ، ھاسىراپ ياتقان شېرىپ ئاخۇننىڭ قېشىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى - دە، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ:
     - جېنىم شېرىپ ئاخۇن، بالىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا، كۆپ رەھمەت! ئوغلۇم، شەپقەتچى داداڭنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قوي! دېدى. ئوغۇل ئڭراپ ياتقان شېرىپ ئاخۇننىڭ پېشانىسىگە يۇمران لەۋلىرى بىلەن ئىللىققىنە سۆيۈپ قويدى. ھەبىبۇللا شۇجى:
     - بولدى، كېيىن سۆيۈشۈۋالايلى! ماڭ ھاشىر، تراكتورنى ئوت ئالدۇر! شېرىپ ئاخۇننى دەرھال يېزا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرايلى. كەنت ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىسى ئاۋۇت مەسئۇل بولۇپ ئاپارسۇن! داۋالاشنىڭ پۈتۈن چىقىمى كەنت پاراۋانلىق فوندىدىن بولىدۇ! دېدى ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ.
     - مەنچۇ؟ مەن نېمە ئىش قىلىمەن! دېدى بالىنىڭ دادىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ رەنجىگەن ھالدا، بارلىق چىقىملارغا مانا مەن بار! ھېچنېمەم قالمىسىمۇ، قەرزگە بوغۇلۇپ كەتسەممۇ، كۈتۈش، پەرۋىش، داۋالاش... بارلىق چىقىملىرىنى ئۆزۈم كۆتۈرىمەن!
       قاراپ تۇرغانلىرىمىز بۇ مەرد دېھقاننىڭ ھىممىتىگە «بارىكاللا!» دېيىشتۇق.
     - ھىممەتلىرىگە بارىكاللا! دېدى ھەبىبۇللا شۇجىمۇ ئۇنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ، شۇنداق بولسىمۇ بىزمۇ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. سىلىنىڭمۇ تېرىلغۇلىرى بار. قىينچىلىقلىرى ئېغىر، قېنى، شېرىپ ئاخۇننى تراكتورغا ياتقۇزۇڭلار!
       كىشىلەر قولمۇقول كىگىز - كۆرپىلەر سېلىنغان تراكتور ئۈستىگە شېرىپ ئاخۇننى كۆتۈرۈپ ئاۋايلاپ ياتقۇزدى. تراكتور قويۇق ئىس چىقىرىپ ئورمانلار ئارىسىدا كۆزدىن غايىب  بولدى. دەل شۇ پەيتتە ئىككى مىنبىڭنى ئەگەشتۈرۈپ، مىلتىق كۆتەرگەن ھالدا ھېلىقى پەيجاڭ پەيدا بولدى.
      - «ئۈجمە تۈگىگەندە سوپىياڭ تاز كەپتۇ!» دەپ، ئەتىدىن بېرى نېمە ئىش قىلدىڭ، ھەزىلەك!؟
     بۇقىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ توختاپ قالغان پەيجاڭ  ياش يىگىت، ئاچچىق گەپتىن چىچاڭشىپ، ھۈرپەيگەن ھالدا ھەبىبۇللا شۇجىغا گەپ ياندۇردى قوللىرىنى سىلكىپ تۇرۇپ:
      - ئەتىگەننىڭياقى نېمە ئىش قىلاتتىم، ئېشەك باقتىم! ئاچقۇچنى تېپىپ بولغۇچە ۋاقىت كەتتى!
     - قۇلۇپنى چېقىشنىمۇ بىلمىدىڭمۇ، ھەزىلەك! شۇجىنىڭ تېخىمۇ ئوغىسى ئۆرلەپ كەتتى.
      - ئۇ دېگەن قورال ئىسكىلاتى! قۇلۇپنى چاقسام سوتقا تارتىلمامدىمەن! ئىنتىزامغا خىلاپ بولمامدۇ؟
      - ھەي، لاتا غىلاپ، ياغاچ پىچاق! مۇشۇنداق خەلقنىڭ ھاياتى جىددىي خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، دۈشمەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقاندا، ھەربىي تۈزۈم، ئاچقۇچ دەپ تەمتىرەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى ھەربىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپقان رەھبەرلىك، ھېلىغۇ ناھىيە رەھبەرلىرى، قوراللىق قىسىم مەسئۇللىرى بولسۇن، ھەتتا مەركەزنىڭ رەھبەرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ: «ناھايىتى توغرا قىلىپسىلەر!» دەپ كۆكسۈڭگە ئالتۇن مېدال ئاسقان بولاتتى. ئەمدى مېدالنى شېرىپ ئاخۇن ئېلىپ بولدى. كۆزۈمدىن يوقۇلە! ماڭ، بېرىپ خوتۇنىڭنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالا!
      - قالىسام قالىدىم! نېمە تىللايلا؟! پەيجاڭ غالداسلاپ كېتىپ بېرىپ گەپ ياندۇردى.
      - بۈگۈنكى خىزمەت پوزىتسىيەڭنىڭ ئۆزىمۇ، سېنىڭ لاياقەتلىك مىنبىڭ ۋە پەيجاڭ ئەمەسلىكىڭنىڭ ئىسپاتى، كىسپۇرۇش، كېيىن ھېسابلىشىمىز تېخى سەن بىلەن.
     ھەبىبۇللا شۇجى غەزەپلىنىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىدى.
      - ئۇ قانداقلارچە مىنبىڭ پەيجاڭى بولۇپ قالغان؟
      - بىر نەۋرە ئاكىسى يېزا قوراللىق قىسىمدا، شونىڭ كوچى بىلەن بولمامدۇ! دېدى كەنت مۇدىرى.
      - بۈگۈنكى پوزىتسىيىسى يېتەرلىك. باشقا ساغلام، ياش، جاسارەتلىك پەيجاڭ قويۇش كېرەك. بۇ يولنى ئۆزۈم ماڭىمەن، دېدى ھەبىبۇللا شۇجى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تەكىتلەپ.
      - شېرىپ ئاخۇننى قويىمىزمۇ يا؟ دېدى ئارىمىزدىن بىرسى. ھەممەيلەن بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەشتى.
     ياق! دېدى ھەبىبۇللا شۇجىمۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ئۇ ياخشى، جاسارەتلىك ئادەم. بۈگۈنكى باتۇرلىقىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمما... ئەمما... ئۇ قاراپ تۇرغانلارغا ئېغىزدىكى قالدى گېپىنى «دەيمۇ - دېمەيمۇ؟» دېگەندەك دەڭسەپ تۇرۇپ قالدى - دە، ئاخىر دەۋەتتى.
      - ئەپسۇس، ئۇنىڭ تەبىئىتى تازا نورمال ئەمەس. رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. كەنتىمىز ئىچىدە مۇناسىپ كېلىدىغانلار يەنە چىقىپ قالار. بۇنى كېيىن دېيىشەيلى. قېنى، ئىشىمىزنى داۋام قىلىۋېرەيلى. بۈگۈنلا بۇقىنىڭ گەۋدە - گۆشلىرىنى چەتكە ئېلىپ بېرىپ چوڭقۇر ئازگال كولاپ كۆمۈۋېتىڭلار! يەنە «ئۇ نېمىسى لازىم، بۇ نېمىسى لازىم» دەپ تاتقۇشلايدىغانلارغا قەتئىي يول قويمايلى!  دەپ ئورۇنلاشتۇردى مۇئاۋىن كەنت باشلىقىغا.
       قالغانلىرىمىز يەنە ئۆز ئىشىمىزغا چۈشۈپ مېڭىپ كەتتۇق.
    

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:52:26]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.