ھازىرقى بالىلار كارامەت (13)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-12 00:19:28

بىر داھىي يېتىشتۈرۈلمەكتەساۋاقدىشىم زەينەب:سەن ۋە ئىنىڭمۇ ياخشى بولۇپ قالغانسىلەر، ئاپاڭنىڭ مېنى ئەسلىگىنىگە ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.ساۋاقدىشىڭ ئاتاماننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش چېيىنى يا...

     




     

     
    بىر داھىي يېتىشتۈرۈلمەكتە
     
     
     
    ساۋاقدىشىم زەينەب:
     
    سەن ۋە ئىنىڭمۇ ياخشى بولۇپ قالغانسىلەر، ئاپاڭنىڭ مېنى ئەسلىگىنىگە ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.
     
    ساۋاقدىشىڭ ئاتاماننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش چېيىنى ياخشى يېزىپسەن.
     
    بىلەمسەن، بۈگۈنگىچە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم زادى تەبرىكلەنگەن ئەمەس، ئائىلىمىزدە بۇنداق ئادەت يوق. مەنمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش چايلىرىغا بارمايمەن. لېكىن، يازلىق تەتىلدە ئاپام بىلەن بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىپ ئۈچ كۈن تۇرغانىدۇق، شۇ كۈنلەردە تۇغقىنىمىزنىڭ قىزىنىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش چېيى بوپتىكەن، مېنىمۇ تەكلىپ قىلدى.
     
    شۇ كۈندىكى ئىككى ئىش زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇلاردىن بىرى، ناھايىتى شوخ بىر بالىنىڭ ئىشى. ئۇ ئۆينى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى. بىر چاغدا ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكى ئىچىدىن «گۈم-گۈم» قىلىپ ئۇرۇلۇشقا باشلىدى، پۈتۈن مېھمانلار ھاجەتخانا ئىشىكى ئالدىغا توپلاندى. ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئايال ئىشىكنى ئۇرغاچ:
    - بىرى ئىشىكنى سىرتىدىن تاقاپ قويۇپتۇ، ئېچىۋېتىڭلار!- دەپ ۋارقىرايتتى.
    ئۆي ئىگىسى ھاجەتخانىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەشكە باشلىدى. پاكار بويلۇق سېمىز بىر ئادەم قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
    - چوقۇم مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ قىلغان ئىشى. قېنى ئۇ؟- دېدى.
    سېمىز ئادەم ئوغلىنى ھېچ يەردىن تاپالمىدى، لېكىن ھەدەپ ئوغلىنى ماختاپ توختىمىدى:
    - كۆز تەگمىسۇن، ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق... جىم تۇرالمايدۇ... خانىمنى ھاجەتخانىغا جەزمەن ئۇ سولاپ قويغان گەپ...
     
    بىچارە ئايال ھاجەتخانا ئىچىدە ئىشىكنى مۇشتلاۋاتسا، سېمىز ئادەم ناھايىتى ئەقىللىق ئوغلى ھەققىدە مېھمانلارغا دوكلات بېرىۋاتاتتى:
    - كۆز تەگمىسۇن، ئۇ بەك ئەقىللىق... دەرسلىرىنى زادى تەكرار قىلمايدۇ، ئىمتىھان ئالىدىغان كۈنى كىتابقا بىر قاراپلا بىلىۋالىدۇ. مەنمۇ بالا ۋاقتىمدا شۇنداق ئىدىم، زادى دەرس تەكرارلىمايتتىم. مېنى دوراپتۇ، شەيتان... ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى دەرس تەكرارلايدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم تەكرارلىمىسىمۇ سىنىپتىن كۆچەلەيدۇ. بۇ ئالىقانات بەك ئەقىللىق. مەن ئۇنداق باش كۆتۈرمەي دەرس تەكرارلايدىغانلارنى ياخشى كۆرمەيمەن...
     
    ھەممەيلەن ئۆيلەرنى ئارىلاپ بۇ ئەقىللىق بالىنى ئىزدىشىۋاتاتتى، سېمىز ئادەم بەخىرامان تۇرۇپ:
    - كارىۋاتنىڭ تېگىگە قاراڭلار، ئۆيدە دائىم شۇ يەرگە مۆكۈۋالاتتى،- دەپ ۋارقىرىدى.
     
    ساھىبخانا ئېڭىشىپ كارىۋاتنىڭ تېگىگە قاراۋاتقاندا، يۇقىرىدىن بېشىغا بىر نەرسە چۈشتى، ئۇ ئاچقۇچ ئىدى. ئاندىن كىيىم ئىشكابىنىڭ ئۈستىدىن كارىۋاتقا بىر بالا سەكرەپ چۈشتى. سېمىز ئادەم:
    - مانا، مەن بايا مېنىڭ ئوغلۇم دېدىمغۇ... ئۇنىڭ شوخلۇقى ئەقىللىقلىقىدىن بولغان...
     
    دادىسىنىڭ خىزمىتى بىلەن ماختىنىدىغان بۇ بالا ئۇ كۈنى ھەممەيلەننى بىئارام قىلدى.
     
    شۇ كۈنى «داھىي نامزاتى» دېيىلگەن يەنە بىر بالىنىڭ ئىشى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
     
    بىز مېھمان بولۇپ بارغان تۇغقىنىمىزنىڭ قىزى مېنى بىر بالا بىلەن تونۇشتۇردى. ئۇ جۈدەڭ، ئالىغاي، كۆزەينەك تاقىۋالغان بالا ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ، ئىسمىنى سورىدىم. گاس بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن يەنە بىر قېتىم سورىدىم. گويا ناھايىتى قىيىن بىر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقاندەك، بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئېيتتى. قانچىنچى سىنىپتا ئىكەنلىكىنى سورىدىم. يەنە ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن جاۋاب بەردى. ئۇ ئۆزلۈكىدىن گەپ قىلمايتتى، بىرى گەپ سورىسا، ئۇزۇن ئويلىنىپ ئاندىن جاۋاب بېرەتتى. بۇ بالىدىن ئىچىم پۇشتى، ئاخىر ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىم. مېنى ئۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن تۇغقىنىمىزنىڭ قىزىدىن:
    - بۇ بالا گالۋاڭمۇ نېمە؟- دەپ سورىدىم.
    قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:
    - نېمە دەۋاتىسىز، ئۇنى دادىسى داھىي قىلىپ تەربىيىلەۋاتىدۇ،- دېدى.
    يېنىمىزغا كېلىپ سۆزگە ئارىلاشقان باشقا بىر قىز:
    - ئۇنى بىزنىڭ سىنىپتا «داھىي نامزاتى» دېيىشىدۇ،- دېدى. 
    - ئىسمىنى سورىسا ئىككى مىنۇت ئويلىنىپ جاۋاب بېرىدىغان كىشى قانداق داھىي بولسۇن؟
    - داھىيلىقىدىن شۇنداق بولمامدۇ، دادىسى شۇنداق ئۆگەتكەن-دە. «ئىسمىڭنى سورىسىمۇ ئويلىماي جاۋاب بەرمە» دېگەندۇ ھەقىچان، چۈنكى داھىيلار كۆپ ئويلارمىش.
     
    بۇ ئىككى قىز بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى تولۇقلاپ، «داھىي نامزاتى» بولغان بۇ بالىنى ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ بالىنىڭ دادىسى ناھايىتى ئەقىللىق ئادەممىش، پۈتۈن داھىيلارنىڭ قانداق يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەتقىق قىلغانمىش، ئۆزىمۇ بىر داھىينىڭ ئاتىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلارمىش. تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، داھىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاتىلىرى ياشانغان كىشىلەرمىش. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىشى خېلىلا ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن ئۆيلەنگەنمىش...
     
    - سىز بۇلارنى قانداق بىلىسىز؟ ئۇ بالا دەپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ؟- دەپ سورىدىم مەن.
     
    بۇ ئىشنى مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىكەن. ھەممە ئۆيدە بۇ ھەقتە گەپ بولىدىكەن، ئۇلارمۇ چوڭلاردىن ئاڭلاپتىكەن.
     
    بۇ كىشى ئۆيلىنىپتۇ، لېكىن پەرزەنت يۈزى كۆرمەپتۇ. داھىينىڭ ئاتىسى بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر ئاز ياشىناي دەپ، يىللارنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا كېرەك. بۇ ئىشتىن ئوشۇقچە بىئارام بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئادەم، بالا ئاۋاق، ئاجىز تۇغۇلسۇن، دەپ خۇدادىن تىلەپتۇ. چۈنكى داھىيلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاغرىقچان، ئاجىز بالىلاردىن يېتىشەرمىش. ئاخىر بالا تۇغۇلۇپتۇ. ئۇ شۇ قەدەر ئاۋاق تۇغۇلۇپتۇكى، مۇبارەكلەپ كەلگەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، بۇ بالا ئەي بولمايدۇ، دېيىشىپتۇ. ھەر ھالدا ئۇ ئەي بوپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ بىر كىتابتىن كۆرۈشىچە، ناھايىتى مەشھۇر تالانتلىق بىر شائىر ئۆتكەنمىش، بۇ شائىر ئانا سۈتىدىن ناھايىتى بالدۇر ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن تالانتلىق بولغانمىش. بۇ ئادەممۇ بالىسىنى داھىي قىلىش ئۈچۈن بىر ئايلىق ۋاقتىدىلا ئانا سۈتىدىن ئايرىۋېتىپتۇ. بالا بىر ياش ۋاقتىدا سەگۈنچەكتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بىر كۆزى ئالىغاي بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭدىن دادىسى ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆز زامانىسىدا ئۆتكەن مەشھۇر بىر يازغۇچى ئالىغاي ئىكەن... ھازىر كېچە-كۈندۈز، بالام پاكار بوي ئادەم بولسىكەن، دەپ خۇدادىن تىلەيدىغان بوپتۇ، چۈنكى داھىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بويى پاكار ئىكەن.
     
    مەن بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسمىنىمۇ ئويلىنىپ ئېيتىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. مېنىڭچە، بالا ئويلىمايدىكەن، بەلكى ئىسمىنى ئېسىگە ئالالماي تۇرۇپ كېتىدىكەن...
     
    دوستۇڭ ھېكمەتنىڭ مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىگە ناھايىتى بىئارام بولدۇم. ئۇ بىچارە قانداق بولغاندۇ...
     
    بىز تۈنۈگۈن مەكتەپتە ۋاكسىنا سالدۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن مەكتەپكە بارالمىدىم. بۇ خەتنى ھازىر پوچتىغا سالىمەن. ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ھېساب تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەيمەن. ۋاكسىنا سېلىنغان سول قولۇم ئاغرىۋاتقاچقا مىدىرلىتالمايۋاتىمەن.
     
    خەير-خوش، زەينەب، ساڭا خەيرلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 29-دېكابىر، ئىستانبۇل
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.