خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى17 (نىيەدە)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:55:51

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى17 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە) نۇرمۇھەممەت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى17 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)  
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

     نىيەدە

     

       يېڭى ھۆكۈمەت تۈركۈم-تۈركۈم تەرجىمان-تىلماچلارنى يېتىشتۈرۈۋاتاتتى. ئۆزىنىڭ تەرجىمانلىرى تۇرغان يەردە «گومىنداڭ قالدۇقى»نى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، ئەگەر ئۇ ئەكسىيەتچى ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا، ھېلىمۇ گومىنداڭنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقان بولسا، بىرەر سۆزنى خاتا تەرجىمە قىلىپ ئاممىنى قۇترىتىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئەڭ ياخشىسى «گومىنداڭنىڭ قالدۇقى»نى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدىن يىراقراق تۇرسۇن، ئاشۇ قېتىم «ھەرىكەت»تىن قاچقان تۇخان خېنىم ۋەقەسىدە دىققىتى يۈ ئائىلىسىگە چۈشكەن رەھبەرلىك مانا شۇنداق ئويلايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنلەردە ئاتېئىزم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، كادىرلار، ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغانلار دىنغا ئىشەنمەسلىكى ، ماركسىزمغا ئىشىنىشى كېرەك ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ تەرجىمانى ئاللانى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، بەش ۋاخ ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە بەش ۋاخ قاتراپ يۈرسە، بۇنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
       شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم خوتەن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىكى تىلماچلىق ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلدى. ۋاقىتلىق ياللاپ ئىشلىتىۋاتقان تىلماچنى بوشىتىشقا يىغىن ئېچىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈش كەتمەيتتى، رەھبەرلىك ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭ تارىخىي سالاھىيىتى بىلەن دىنىي سالاھىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا داۋاملىق ئىشلەشكە ماس كەلمەي قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ «سىزنى ئىشتىن بوشاتتۇق، كەشىڭىزنى باشقا ياققا توغرىلاڭ» دېگەن گەپ ئىدى، تالىشىپ، ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ، ئىلتىماس-ئىلتىجا قىلىپ ئىشتىن بوشاتماسلىقنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولارمۇ؟
    ھەممە كىشى كوممۇنالاشقان، خۇسۇسىي ئىگىلىك يوق قىلىنغان شۇ ئاي-شۇ كۈنلەردە ھەرقانداق شەخسىگە خۇسۇسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. يا كوممۇناغا كىرىپ دېھقانچىلىق قىلغان، يا ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشچى-خىزمەتچى بولغاندىلا جان ساقلىغىلى بولاتتى، خىش قۇيۇش دېگەندەك ئىشلارمۇ كوللېكتىپقا بېرىلەتتى. ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن بوشىتىلغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى قايسى كوممۇنا ئەزالىققا قوبۇل قىلار؟ ھەممە كىشى «گومىنداڭ قالدۇقى»دىن قېچىۋاتقان ئاي-كۈنلەردە كوممۇنا قاچماسمۇ؟
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ بېشىغا راستتىنلا ئېغىر كۈن كەلدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا راستتىنلا ئېغىر كۈن كەلدى. ئەمما، «تۆشۈك مونچاق يەردە قالماس» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنمۇ بىر تۆشۈك مونچاق ئىدى. ئۇنىڭ بىرقانچە خىل تىل بىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بار ئىدى، بىرەر ئارتۇقچىلىق يېتىلدۈرگەن ئادەمگە بەرىبىر ئېھتىياج چۈشەتتى. ئۇنىڭدىكى ئاشۇ ئارتۇقچىلىق ئۇنى يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزۇپ قالدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ كۆپ تىل بىلىدىغان ئارتۇقچىلىقى ئۇنى يەنە بىر قېتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
       ئاشۇ 1963-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا نىيە ناھىيىسىدە لى مىنجى دېگەن ئادەم شۇجى، ھاشىم تۇرسۇن دېگەن ئادەم ھاكىم ئىدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك بىر تەرجىمان ئىزدەپ يۈرەتتى. ۋەھالەنكى، يىراق، نامرات، كىچىك ناھىيىگە بېرىپ جاپا تارتىشنى كىم خالىسۇن؟ ھەم قابىلىيەتلىك، ھەم جاپا چېكىشنى خالايدىغان تەرجىماننى نەدىن تاپقۇلۇق؟ لى مىنجى شۇجى بىلەن ھاشىم تۇرسۇن ھاكىم بىر قېتىم ۋىلايەتكە يىغىنغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ تەرجىمانغا بولغان ئېھتىياجىنى بىلىدىغان بىرسى ئۇلارغا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى تونۇشتۇردى. «ئۇ بولىدۇ، ئۇنداق تەرجىماننى تاپماق تەس» دېدى ھاشىم تۇرسۇن ھاكىم لى مىنجى شۇجىغا. ھاكىم ھاشىم تۇرسۇن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى ئوبدان تونۇيتتى، قاچاندۇر بىر چاغلاردىكى كۈيئوغلىنىمۇ تونۇمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم كېرىيەدە سوجاڭ بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا ئاشۇ ھاشىم تۇرسۇننىڭ سىڭلىسى بىلەن تۇنجى توينى قىلغان ۋە كېيىن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئۇزاق يىللار بۇرۇنقى ئىش ئىدى. ھاشىم تۇرسۇن ھاكىم ئۇنى شۇ چاغلاردىن باشلاپ تونۇيتتى ۋە بىلەتتى. ھاشىم تۇرسۇن ھاكىم سىڭلىسىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئادەمگە خۇسۇمەت ساقلاپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىنى ئالدى. لى مىنجى شۇجىنى باشلاپ بېرىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم بىلەن كۆرۈشتۈردى. لى مىنجى شۇجى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم بىلەن قىسقىغىنە پاراڭلاشتى. ئۇنىڭ خۇنەن شېۋىسىدە، شىنجاڭ شېۋىسىدە خېلىلا كونا ئەدەبىي تىل بىلەن تونۇشتۇرغان تەرجىمىھالىنى ئاڭلىدى. تەرجىمىھالى سەل مۇرەككەپ، شۇ كۈنلەردىكى سىنىپىي ئاڭ ۋە سىنىپىي كۈرەش ئېھتىياجىغا تازا ياراپ كەتمەيتتى. ئەمما، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيىسى ۋە تارىخىي بىلىمى لى مىنجى شۇجىغا يارىدى.
       مانا قاراڭ، «تۆشۈك مونچاق يەردە قالماپتۇ» دېگەن شۇ ئەمەسمۇ. خوتەن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىگە لازىم بولمىسا، نىيە ناھىيىسىگە لازىم ئىكەنغۇ مانا، تېخى ئاتايىتەن تەكلىپ قىلىشتى، خۇددى ئاچ قالغاندا ئوزۇق، ئۇسسىغاندا سۇ، توڭلىغاندا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرگەندەك. شۇ تاپتا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمغا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك خۇش ياقىدىغان يەنە نېمە ئىش بولسۇن؟
       شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم بۇنىڭدىن 40 يىل مۇقەددەم ئۆگەي دادىسى شاڭ سىغا ئەگىشىپ بېسىپ ئۆتكەن نىيە يولىنى يەنە بىر قېتىم بېسىپ ئۆتتى. ئەينى چاغدا 8-10 كۈندە بېسىپ ئۆتكەن بولسا، بۇ قېتىم ئىككى كۈندىلا بېسىپ ئۆتتى... ئەينى چاغدا قىمارۋاز شاڭ سىغا ئەگىشىپ بېسىپ ئۆتكەن بولسا، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بېسىپ ئۆتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى مانا شۇ نىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق، نىيە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلار ئىچىگە جايلاشقان «سوغراق» ئالتۇن كان رايونىدا ئۆتكەنىدى. ئۇ ئەنە شۇ يەردە شاڭ سىنىڭ ئەپيۈن چىلىمىغا تالاي قېتىم ئوت ياققان، ھەۋزىخان ئانىنىڭ مېھرىگە تالاي قېتىم ئېرىشكەنىدى، ئۇ ئاشۇ يەردە روزى ئەلەم ئاخۇنۇمدا ئوقۇغان، نىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن يات ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن نىيە ئارىسىدا سىرلىق بىر خىل باغلىنىش بار ئىدى. مانا ئەمدى يەنە نىيەلىك بولۇپ قالدى.
       1963-يىلى 9-ئايدىن كېيىنكى نىيە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كېلىۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىۋاتقان، «تۆتنى ئېنىقلاش»، سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان نىيە ئىدى، بەلكىم مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم لى مىنجى شۇجىنىڭ شۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لى مىنجى شۇجىغا ئەگىشىپ، جەنۇبتا «يېيىق»، شىمالدا «قاپاق ئاسقان»، شەرقتە «ئەندىرە» گىچە بولغان جايلارنى كېزىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بىر تەرجىمان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەممە ئىشلارنى قىلغان بولۇشى، بىر تەرجىمان دېيىشى كېرەك بولغان ھەممە گەپلەرنى دېگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە توختىلىشنى ئارتۇقچە دەپ قارايمىز. ۋەھالەنكى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم نىيەدە ئوخشاشلا لى مىنجى شۇجى بارمىغان جايلارغىمۇ بېرىپ تۇردى. لى مىنجى شۇجى دېمىگەن گەپلەرنىمۇ دەپ تۇردى، بۇ كۆپرەك مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ھەركۈنى بەش ۋاخ مەسچىتكە بېرىپ ئىبادەت قىلىشىدا، شۇجى بىلەن تەرجىمان ئارىسىدا دۇنيا قاراش، ئېتىقاد، تۇرمۇش ۋە ياشاش مەقسىتى قاتارلىقلاردا روشەن پەرق بار ئىدى. ئالدىنقىسى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم جەمئىيىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياشىسا، كېيىنكىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايتتى، ئەمما بۇ پەرقلەر ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل ھەمكارلىشىپ ياشىشىغا تەسىر يەتكۈزمىدى، بىللە ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزمىدى. چۈنكى، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئۇلارنى بىر-بىرىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر قىلغانىدى، قىلىۋاتقان ئىشىڭ ئېھتىياجغا، ۋەزىپىگە ئايلانغاندا مۇشۇنداق ماسلىشىش كېلىپ چىقاتتى. بۇنداق ماسلىشىش كېيىنرەك «دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش» ئۇقۇمى ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى. لېكىن، ئەينى چاغدا ئۇنداق گەپلەر يوق ئىدى، ئۇلار تەبىئىيلا ماسلىشىپ كەتكەنىدى.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم شۇ مەزگىللەردە يەنە پات-پات سوغراققا چىقىپ تۇردى، سوغراق ئالتۇن كېنى خارابلاشقان، ئۇ يەردە ئالتۇن قازىدىغانلار يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئۇ يەرگە چىقىشنى يەنىلا ياخشى كۆرەتتى، ئۇ يەردە بالىلىق ۋە ياشلىق خاتىرىلىرىگە ئائىت ئىزلارنى ئىزدەيتتىمۇ؟ گۆرۈكەش شاڭ سى ۋە ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەيتتىمۇ؟ ياق، ئۇ ئىزلاردا كۆڭلىنى سۆيۈندۈرگۈدەك ئەستىلىكلەر يوق ئىدى، ئەمما نېمىشقا چىقىدۇ؟ ئۇ يەردە ئاتايىتەن ئىزدەپ چىققۇدەك نېمە بار؟
       ئاشۇ سوغراقتا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ئاغزىغا ئىلىم سالغان مەرھۇم روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ قەبرىسى بار ئىدى. شاگىرتنىڭ قەلبىدە ئاشۇ تۇنجى ئۇستازىغا نىسبەتەن تاغدەك ھۆرمەت، ئوتتەك سېغىنىش ھۆكۈم سۈرەتتى. كېرىيەدىن كېلىپ ئاشۇ سوغراقتا مەكتەپ ئاچقان، كانچىلارنىڭ تالاي پەرزەنتلىرىنىڭ دىلىغا ئىلىم ئۇرۇقىنى چاچقان ئاشۇ مەرھۇمنىڭ قەبرىسى دۇئاسىز، يوقلاقسىز قالسا شاگىرت قەلبى قانداق چىدىسۇن؟ ھەرقېتىم دەم ئېلىش كۈنلىرى 38 كىلومېتىر يولنى بېسىپ سوغراققا چىققاندا، شاگىرتى ئۇستازىنىڭ قەبرىسىگە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى، ئاللادىن ئۇستازىنىڭ روھىغا سالام يەتكۈزۈشنى، ئۇنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيتتى، ئۇنىڭغا رەھمەت ئاتا قىلىشنى، جەننەتتىن ئورۇن بېرىشنى تىلەيتتى، ئۇستازىنىڭ روھى بىلەن غايىۋانە مۇڭدىشاتتى، ئۇنىڭ قەبرە ئالدىدىكى پائالىيىتى بەكمۇ ئۇزۇن داۋاملىشاتتى، بۇ يەردە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئاشۇ نىيە بازىرىدىن سوغراققىچە بولغان 38 كىلومېتىر يولنى پىيادە ياكى ئېشەككە مىنىپ بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇ تاڭ ئاتماستا يولغا چىقىپ، ئۇستازىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، شۇ كۈنى يېرىم كېچىلەرگە يېقىن قايتىپ كېلەتتى. ئوغۇللىرى ماشىنا كىرا قىلىپ ئاپىرىپ-ئەكېلەيلى دېسە زادى ئۇنىمايتتى، «ياق، يولدا بارغۇچە ۋە كەلگۈچە مەنزىرە كۆرگۈم يوق مېنىڭ، ئاستا-ئاستا قەدەم تاشلاپ ئۇستاز ھەققىدە ئويلايمەن، تۇغۇم ۋە ئۆلۈم ھەققىدە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە، دۇرۇسلۇق ۋە نادۇرۇسلۇق ھەققىدە، ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇق ھەققىدە، بۇ ئالەم ۋە ئۇ ئالەم ھەققىدە ئويلايمەن، ھەربىر قەدىمىمنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشقا، ھەر بىر تىنىقىمدىن ھەمدۇسانا چىقىرىشقا تىرىشىمەن، ياراتقۇچى ماڭا رەھمەت ئاتا قىلغاي، ئىككىلا ئالەملىك رەھمەت ئاتا قىلغاي...» دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭ مىجەزىدە قان ۋە ئېتىقادتىن شەكىللەنگەن بىر خىل جاھىللىق-ئىرادە بار ئىدى، بالىلىرى گەپ ئۇنىتالمايتتى، «قەبرە تاۋابىغا ئاپىرىپ-ئەكېلىشىڭ دۇرۇس بولسا، نامىزىمنى ئۆتەپ، روزامنى تۇتۇپ قويۇشىڭمۇ دۇرۇس بولۇپ قالمامدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئىش يوق، ھەركىم ئۆز ئەمەلىگە يارىشا ساۋاب تاپىدۇ» دەپ تىركىشەتتى ئۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ پىيادە بېرىپ ئۇستازىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كېلەتتى، ئۇ نىيەدە تۇرغان كېيىنكى 37 يىللىق ھاياتىدا ئىمكانىيىتى بولسىلا سوغراققا چىقىپ ئۇستازىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كېلىشنى زادى توختاتمىدى.
       ئەمما، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم بەزى كىشىلەردەك مازار تاۋاپ قىلغۇچى ئەمەس ئىدى، ئۇ غايىۋانە مازارلارنى تىكلەشنىڭ، يىراق-يىراقلاردىن كېلىپ تاۋاپ قىلىشنىڭ، مازارلاردىن تىلەكلەر تىلەشنىڭ شەرىئەتتە يوقلۇقىنى بىلەتتى، مازارلاردا ئاھ-ۋاھلار ئۇرۇپ، نالە-زار قىلىپ يىغلاپ يۈرۈشلەرنى يامان كۆرەتتى، ئۇ كېيىنكى 37 يىل جەريانىدا نىيەدىكى مەشھۇر مازار «ئىمامى جەئفىرىم سادىق پاششايىم»نى ئىككى قېتىم كۆرگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىر قېتىممۇ تاۋاپ قىلمىغانىدى.
    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.