ھازىرقى بالىلار كارامەت (23)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-22 23:38:09

مېھماننىڭ يېنىدا قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:قوشناڭلارنىڭكىدە ئۆتكەن ۋەقەنى بايان قىلغان خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، ئۈچ ھۇجرىلىق كىچىك بىر ئۆيدە ئولتۇرغىنىمىزغا خۇش بولدۇم، چۈنكى ئۆيدە نېمە ئىشلا...



     

     
    مېھماننىڭ يېنىدا
     
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:
     
    قوشناڭلارنىڭكىدە ئۆتكەن ۋەقەنى بايان قىلغان خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، ئۈچ ھۇجرىلىق كىچىك بىر ئۆيدە ئولتۇرغىنىمىزغا خۇش بولدۇم، چۈنكى ئۆيدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز ۋە كۆرۈپ تۇرىمىز. شۇڭا، بىزدە قوشناڭلارنىڭكىدەك كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئارىلاپ كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن يەكشەنبە ئاشۇنداق زېرىكەرلىك بىر كۈن بولدى.
     
    دادام ئۆزى ئىشلەيدىغان زاۋۇت خوجايىنىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشلۈك تاماققا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەن بۇنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم، چۈنكى دادام باشلىقىغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى، پۇرسەت بولسىلا ئۇنى يامانلايتتى، باشلىقنىڭ گېپىنى قىلسا قىلسا، يۈز-كۆزى قىزىرىپ كېتەتتى. ئۇ توغرۇلۇق شۇنداق سەت سۆزلەرنى قىلاتتىكى...
     
    مەن ئاپامغا:
    - ئۇ ئادەمنىڭ بىزنىڭكىدە نېمە ئىشى بار ئىكەن؟- دەپ سورىدىم.
    - ئۇ دېگەن چوڭ باشلىق تۇرسا، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟- دېدى ئاپام.
    - بىراق، دادام ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ تۇرسا...
    - ئۇ داداڭغا ئامراق.
    - قانداقچە؟
    - داداڭ زاۋۇتتا ئۇيۇشما ۋەكىلى بولدى-دە...
     
    دادامنىڭ بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۇيۇشما ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىنى بىلەتتىم. دېمەك، باشلىق شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىكەن-دە.
     
    دادامدىن داۋاملىق يامانلىق تەرەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان باشلىقنى بىر كۆرگۈم بار ئىدى. ئۇنى دىۋىدەك يوغان، زالىم بىر مەخلۇق بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم.
     
    باشلىق كېلىدىكەن، دەپ، بىزنىڭ ئۆيدە پەۋقۇلئاددە تەييارلىق باشلاندى. دادام بىر ئاخشام ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ساراينىڭ تاملىرىنى ئاقلاۋېتىپمۇ يەنە باشلىقنى تىللىدى.
    - باشلىق كېلىدىكەن دەپ، نېمە ئۈچۈن تاملارنى ئاقلايسىز، دادا؟- دەپ سورىدىم مەن.
    - باشلىق كېلىدىكەن دەپ، دېدىڭمۇ؟- دېدى دادام چوتكىنى ئاچچىق بىلەن ھاك دېسىغا چىلاپ،- مەن ئۇنى كېلىدىكەن دەپ ئاقلاۋاتقىنىم يوق. تاملارنىڭ كىرلىشىپ كەتكىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
     
    ئاپام قوشنىلاردىن ئىستاكان، تەخسە، داستىخان قاتارلىقلارنى ئاچىقتى. بىر كۈن ئاۋۋال ئاشخانىغا كىرىپ زىياپەت تاماقلىرىنى تەييارلاشقا باشلىدى.
     
    ئۇ يەكشەنبە دادام ناھايىتى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇردى. باشقا يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇ ئورنىدىن ۋاقچە تۇراتتى.
    - مېھمان شۇنچە ئەتىگەن كېلەمدۇ، دادا؟- سورىدىم مەن.
    - مەن ئۇنى دەپ تۇراتتىممۇ، ئوغلۇم!- دېدى ئۇ.
     
    ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، دادام دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ باشلىقنى كۈتۈشكە باشلىدى. تۇرۇپ-تۇرۇپلا زېرىكىش بىلەن ئۆي ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ:
    - نېمانداق كەلمەيدۇ بۇ ئەبلەخ!- دەپ ۋارقىراپ قوياتتى.
     
    ئاپام تاماق ئۈستىلىنى تەييارلاۋاتاتتى. ئۇ بىر ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ، بىر سارايغا كىرىپ، ئۈستەلنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلايتتى.
     
    دادام ئۆينىڭ ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ، باشلىقىنىڭ شىكايىتىنى قىلىۋاتاتتى. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا سىگنال چېلىنغاندا، بىردىن جىددىيلىشىپ:
    - يۈگۈرۈڭلار! كەلگەن ئوخشايدۇ، دەرۋازىنى ئېچىڭلار، بولۇڭلار! نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟- دەپ بىزگە ۋارقىرىغاچ، ئۆزىمۇ يول تەرەپتىكى دېرىزىدىن گەۋدىسىنى بېلىگىچە چىقىرىپ سىرتقا قارىدى.
     
    دادامنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكىنىدىن ھودۇققان ئاپام ئاللىقاچان بېرىپ دەرۋازىنى ئاچقانىدى، بىراق ھېچكىم كۆرۈنمىدى.
     
    ئىككى كۈندىن بېرى ئاپام پاتوشقا مېھماننىڭ يېنىدا قانداق بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىۋاتاتتى. بۇ تەربىيىلەرنى مېنىمۇ ئاڭلىسۇن دەپ، ئەتەي مەن يېنىدا بار بولغان چاغلىرىمدا بېرەتتى. ئۇ يېڭى كىيىملىرىنى كىيگەن پاتوشنى يەنە ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ھەر قېتىمقى سۆزلىرىنى تەكرارلىغىنىدا، مېنى ئاڭلاۋاتامدىكىن دەپ، كۆزىنىڭ قىرىدا ماڭىمۇ قارايتتى.
    - ۋاي قىزىم، مېنىڭ ئاپئاق قوزام، مېھماننىڭ يېنىدا ھەرگىز ئەخلاقسىزلىق قىلما جۇمۇ؟ مېھماننىڭ يېنىدا قولىنى ئاغزىغا سالسا بولمايدۇ، مېھماننىڭ يېنىدا يەردىكى نەرسىنى ئېلىپ يېسە بولمايدۇ. بۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇما. مېھماننىڭ يېنىدا يۆتەلگۈڭ كەلسە، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن يېپىۋالىسەن. مېھماننىڭ يېنىدا ناننى ھەرگىز ئاغزىڭدا ئوشتۇما، ئۇنداق قىلساڭ سەت بولىدۇ. ناننى قولۇڭدا ئوشتۇيسەن، ماقۇلمۇ، قوزام؟ ئاندىن مېھماننىڭ يېنىدا «ھە؟» دېسەڭ ناھايىتى سەت بولىدۇ. بىرىمىز سېنى چاقىرساق ھەرگىز «ھە؟» دېمە...
    - ئۇنداقتا مېھماننىڭ يېنىدا نېمە دەيمەن؟- دەپ سورىدى پاتوش.
    - مېھماننىڭ يېنىدا «ھە؟» دېمەي، «لەببەي» دەيسەن.
     
    ئاپام مېنى ئاڭلاپ تەربىيە ئېلىۋاتامدىكىن دەپ، ئارىلاپ ماڭىمۇ قاراپ قوياتتى. لېكىن، ئاپام بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە:
    - ئوغلۇم، مېھماننىڭ يېنىدا ھەرقانداق سۆزنى «ئەپەندى» دەپ باشلاپ، يەنە «ئەپەندى» بىلەن ئاياقلاشتۇر،- دېدى.
     
    دېرىزىدىن باشلىقنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان دادامنىڭ بولسا باشلىقى ھەققىدە دېمىگەن شىكايىتى قالمىغانىدى. ئۇ بىردىن: «مانا كەلدى!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە دەرۋازىغا يۈگۈردى.
     
    مەن دەرۋازىغا بېرىپ كوچىغا قارىدىم. بىزنىڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ۋال-ۋۇل پارقىراپ بىر قىزىل پىكاپ تۇراتتى.
     
    دادامنىڭ گۇدۇڭشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
    - ۋاي ئەپەندى،،، يولىڭىزغا قاراپ كۆزىمىز تۆت بولۇپ كەتتى. قېنى، ئۆيگە مەرھەمەت، ئەپەندى... خۇش كەپسىز. ئائىلىمىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدىڭىز...
     
    ئۇلارنىڭ يېنىغا كىردىم. دادام باشلىقنىڭ پەلتوسىنى كىيىم ئاسقۇچقا ئاستى.
     
    باشلىق زادىلا مەن ئويلىغاندەك دىۋىدەك زالىم ئادەم ئەمەس، پاكار بويلۇق، كۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەم ئىكەن. دادامنىڭ بۇنداق بىر ئادەمگە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنچىۋالا ئۆچ كۆرىدىغان ئادەمنى يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىزغىن قارشى ئالغانلىقىنى زادى چۈشىنەلمىدىم.
     
    پاتوش باشلىقنىڭ قولىنى سۆيدى. مەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم.
    - تاغاڭنىڭ قولىنى سۆيسەڭچۇ، ئوغلۇم!- دېدى دادام.
    مەنمۇ ئۇنىڭ قولىنى سۆيۈشكە مەجبۇر بولدۇم.
     
    دادام بىلەن مېھمان پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئاپام:
    - تاماققا مەرھەمەت، ئەپەندى،- دېدى.
    - ئاۋارە بولۇپسىز، مەن تاماققا ئولتۇرالمايمەن،- دېدى باشلىق.
     
    قاراڭلار بۇ تېتىقسىزلىقنى، ئاپام نەچچە كۈندىن بېرى مېھماننى كۈتىمەن دەپ ھېچ ھالى قالمىغان تۇرسا، ئۇ ئەمدى تاماققا ئولتۇرالماسمىش. لېكىن، دادام باشلىقنىڭ قولىغا، پېشىگە ئېسىلىپ زورلاپ، ئاران دېگەندە ئۇنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزدى.
     
    دادام بىلەن ئاپامنىڭ جىدديلىكى ماڭىمۇ كەلدى. دادام ماڭا:
    - ئىستاكانلارغا سۇ قۇي،- دېدى.
    شۇ جىددىيلىكتە، مەن باشلىقنىڭ ئىستاكىنىغا كوزىدىن سۇ قۇيغىنىمدا، ئىستاكاندىن تېشىپ كەتتى. دادام:
    - چوپچوڭ بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ سۇنىمۇ ئوڭشاپ قۇيالمايسەن،- دەپ قول لۆڭگىسى بىلەن ئۈستەلگە تۆكۈلگەن سۇلارنى سۈرتمەكچى بولدى. لېكىن، لۆڭگىنى تارتقاندا، ئۈستىدىكى خامسەي تەخسىسىنى ئۆرۈۋەتتى. ئاپام:
    - ۋاي، كەچۈرىسى، كىيىمىڭىزگە تۆكۈلمىگەندۇ؟- دەپ باشلىققا ئۆزرخاھلىق قويۇۋاتقاندا، پاتوش ھەر ۋاقىتتىكىدەك قاچىسىدىكى شورپىنى تۆكۈۋەتتى.
    ئاپام پاتوشنى ئەيىبلىگەنىدى، پاتوشمۇ:
    - ئاپا، ئۆزۈڭ قولۇڭ بىلەن ئىتتىرىۋەتتىڭغۇ...- دەپ يىغلاشقا باشلىدى.
    ئاچچىقى كەلگەن دادام:- مەن ساڭا بالىلارغا ئايرىم يەردە تاماق بەر دېمىگەنمىدىم،- دېدى.
    - تىنچ تۇر، مېھماننىڭ يېنىدا يىغلىسا بولمايدۇ،- دەپ پاتوشقا پىچىرلىدى ئاپام، لېكىن بۇنى ھەممىمىز ئاڭلىدۇق.
    پاتوش مېھماننىڭ يېنىدا يىغلىسا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن تىنچلاندى، لېكىن خېلىغىچە ئېسەدەپ ئاندىن توختىدى.
     
    ئاپام مېھماننىڭ ئالدىدىكى تەخسىگە گۆش سالماقچى بولغاندا، مېھمان ئوڭۇشلۇق بولسۇن دەپ تەخسىنى ئاپامغا ئۇزاتقانىدى، ئاپام مېھماننىڭ تەخسىسىگە ئىككىنچى قوشۇقنى سېلىۋاتقاندا، دادامغا قاراپ تۇرغان مېھمان بىردىن تەخسىسىنى ئالدىغا تارتقانىدى، ئاپام قوشۇقتىكى گۆشنى تاتلىق-تۈرۈم تەخسىسىگە سېلىۋەتتى.
    - ۋاي، نېمە قىلغىنىم بۇ!- دېدى ئۇ.
    ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ قالدۇق، داستىخان ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى.
     
    دادام تامىقىغا تۇز چاچتىم دەپ، لازا سېلىۋەتكەنىدى، كېيىن سېزىپ قېلىپ:
    - تۇز قاچىسى قايسى دوزاخقا كىرىپ كەتكەندۇ؟- دەپ ۋارقىرىدى.
    ئاپام تۇز قۇتىسى دەپ قىچا تالقىنى قۇتىسىنى ئۇزاتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئاۋۋال دادامغا تۇز قۇتىسىنى ئېلىپ بەردىم. دادام تۇز قۇتىسىنى قاتتىق سىلكىگەنىدى، قۇتىنىڭ ئاغزى چۈشۈپ كېتىپ، ئىچىدىكى تۇزنىڭ ھەممىسى تامىقىغا تۆكۈلۈپ كەتتى.
     
    ئىنتايىن ئاچچىقى كەلگەن ئاپام نېمە دېيىشىنى بىلمەي، ئورۇنسىزلا مېھمانغا:
    - ياخشىمۇسىز، ئەپەندى؟- دەۋەتتى.
    چۈشىنەلمىگەن باشلىق:
    - نېمە دېدىڭىز؟- دەپ سورىدى.
    - تاماق قانداقراق بولدىكىن، ئەپەندى؟- دېدى ئاپام.
    - قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن، بەك ئوخشاپتۇ،- دېدى باشلىق.
    بۇ چاغدا پاتوش:
    - ئاپا، گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالدى،- دېدى.
    ئاپام بىر قولى بىلەن پاتوشنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۇ ئىچكۈزۈشكە ھەپىلەشتى.
     
    دادام بايا بىزگە پىچاقنى ئوڭ قولىمىزدا، ۋېلكىنى سول قولىمىزدا تۇتۇشىمىزنى ئېيتقانىدى. خېلى سىناپ باقتىم، لېكىن ئەپلەشتۈرەلمىدىم. سول قولۇمدىكى ۋېلكا بىلەن ئاغزىمنى تاپالماي، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، ھەر ۋاقىتتىكىدەك ۋېلكىنى ئوڭ قولۇمدا تۇتتۇم. دادام تەخسىدىكى گۆشنى ئوڭ قولىدىكى پىچاق، سول قولىدىكى ۋېلكا بىلەن پارچىلاۋاتقاندا، گۆشنىڭ سۆڭىكى تەخسىدىن ئۇچۇپ مېۋىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
     
    ئەڭ ئاز خاتالىق ئۆتكۈزگەن مەن ئىدىم. داستىخاندىن تۇرغاندا بۇ مېھماندىن قۇتۇلغىنىمىز ئۈچۈن بىر ئۇھ تارتتىم.
     
    مېھمان تاماقتىن كېيىن قەھۋە ئىچىۋاتقاندا، مەندىن:
    - قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىسەن، بالام؟- دەپ سورىدى.
    - ئەپەندى، بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىمەن، ئەپەندى،- دېدىم مەن.
     
    «ئەپەندى» دەپ تۇرۇپ بەرگەن بۇ جاۋابىمغا خۇش بولدىمىكىن دەپ، دادام بىلەن ئاپامنىڭ چىرايىغا قارىدىم، ھەر ئىككىلىسى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
    - قانچە ياشقا كىردىڭ؟
    - ئەپەندى، ئون بىر، ئەپەندى...
    - چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن، دەپ باققىنا؟
    - ئەپەندى، يازغۇچى، ئەپەندى.
    - ئاپىرىن...
     
    جىم تۇردۇم. ئاپام كالپۇكلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ماڭا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇۋاتاتتى. پىچىرلىغىنىدىن ماڭا رەھمەت دېگىنىنى چۈشەندىم. شۇ چاغدا باشلىق دادام بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، مەن:
    - ئەپەندى، رەھمەت سىزگە، ئەپەندى،- دېدىم.
     
    بۇ كېچىكىپ دېيىلگەن رەھمەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن مېھمان بىر ئاز تۇرۇۋېلىپ:
    - ئەرزىمەيدۇ،- دېدى.
     
    سىڭلىمنىڭ بىر «كارامەت» بالا ئىكەنلىكىنى ساڭا بۇرۇنقى خەتلىرىمنىڭ بىرىدە يازغانىدىم. پاتوش ئۇ كۈنىمۇ «كارامەت»لىكىنى كۆرسەتتى. ئاپام داستىخاننى يىغىشتۇرۇۋاتقاندا، ئۈستەلدىن بىر تال بانان يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى، ئۇنى يەردىن ئالغان پاتوش:
    - يەرگە چۈشۈپ كەتكەن نەرسىنى مېھماننىڭ ئالدىدا يېسە بولمايدۇ ئەمەسمۇ، ئاپا، مېھمان كەتكەندىن كېيىن يەيمەن،- دەپ، باناننى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويدى.
     
    دادام پاتوشنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانماي قالسۇن دەپمۇ ياكى قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىنى ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىش ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر، ئۈست-ئۈستىلەپ يۆتىلىپ كەتكەنىدى، پاتوش دەرھال:
    - دادا، مېھماننىڭ يېنىدا ئېغىزنى قول بىلەن ياپماي يۆتەلسە بولمايتتى ئەمەسمۇ!- دېدى.
    دادام كۈلۈمسىرەشكە تىرىشىپ:
    - ھە؟ نېمە دېدىڭ، پاتوش؟- دەپ سورىدى.
    - مېھماننىڭ يېنىدا «ھە» دېسە بولمايدۇ، دادا!- دېدى پاتوش.
     
    بىر ئازدىن كېيىن مېھمان قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. دادام بىلەن ئاپام ئۇنى دەرۋازا سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ماشىنىسىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، مېھمان كېتىپ قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، دادام:
    - پاھ، بىزنى شەرمەندە قىلدىڭلارغۇ!- دېدى.
    - مەن سىلەرگە شۇنداق دېگەنمىدىم؟- دېدى ئاپاممۇ.
    - مېھماننىڭ يېنىدا ئاغزىم بىلەن نان ئوشتۇمىدىمغۇ...- دېدى پاتوش.
     
    بۇ تېتىقسىزلىق بىر كۈن داۋاملاشتى.
     
    زەينەب، ساڭا بۇ خېتىم بىلەن بىللە بىر پارچە سۈرەت ئەۋەتتىم، ئۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەت... سۈرەتتە سەن بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن كەلگەن يېڭى مۇئەللىمىمىزنىمۇ كۆرىسەن.
     
    ساڭا خەيرلىك كۈنلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1964-يىلى 10-فېۋرال، ئىستانبۇل
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.